نۇرغۇن دوڭياڭلىقلارنىڭ نەزىرىدە، ئوغۇل بالىنىڭ سۈيدۈكىدە پىشۇرۇلغان تۇخۇم ئەتىيازلىق ئوزۇقلۇق تولۇقلاشتىكى ئەڭ ياخشى تاللاش ئىكەن. ئوغۇل بالا تۇخۇمى ساتىدىغانلار بۇ خىل تۇخۇمنى يېسەڭ ئەتىياز پەسلىدە قىينالمايسەن، يازدا ئىسسىق ئۆتۈپ قالمايدۇ دەيدىكەن.
« ئوغۇل بالا تۇخۇمى دوڭياڭدا ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئىلگىرى تۇرمۇش شارائىتى ياخشى بولمىغاچقا، ئەمگەك قىلغاندا قۇۋۋەت تولۇقلايدىغان پەقەت تۇخۇملا بار ئىكەن. سۈيدۈكتىكى چۆكمە ماددىلار بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن كىرىستاللىنىپ چىقىدىكەن، بۇ خىل چۆكمە بىر خىل جوڭيى دورىسى ئىكەن، ئىسسىقنى ياندۇرۇش، قان توختىتىش » رولى بار ئىكەن. دوڭياڭ جوڭيى دوختۇرخانىسىنىڭ ئېچكى بۆلىمىدىن ۋۇ يۈنخۇا ئوغۇل بالا تۇخۇمىنى موشۇنداق چۈشەندۈرگەن. ئەمما ئۇ ھەممە ئادەملەرنىڭ ئوغۇل بالا تۇخۇمى يېيىشكە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى، ئادەمنىڭ تەن ساپاسىغا قاراش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. 
جىنخۇا(金华) شەھىرىنىڭ مەركىزىي دوختۇرخانىسى بۆرەك كېسەللىكلىرى بۆلىمىنىڭ مۇدىرى خۇاڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە...

" /> يايمىكەشلەر سۈيدۈكتە تۇخۇم پىشۇرۇپ ساتماقتا - 80 خالتا بلوگى

يايمىكەشلەر سۈيدۈكتە تۇخۇم پىشۇرۇپ ساتماقتا


يايمىكەشلەر باشلانغۇچ مەكتەپ دەرۋازىسىدا باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرىنىڭ سۈيدۈكىنى يىغىپ تۇخۇم پىشۇرماقتا
جېجىياڭ لىنىيىسى خەۋىرى: باھار كەلدى، دوڭياڭ شەھىرىنىڭ كوچىلىرىدا غەلىتە پۇراق ئۇچۇپ يۈرمەكتە. دوڭياڭلىقلارنىڭ دېيىشىچە، بۇ ئوغۇل بالا تۇخۇمىنىڭ پۇرىقى ئىكەن ھەمدە باھارنىڭ پۇرىقى ئىكەن.
ئەھۋالنى چۈشەنمەيدىغان كىشىلەر ئىز قوغلاپ تەكشۈرسە: ئوغۇل بالا تۇخۇمى ئوغۇل بالىلارنىڭ سۈيدۈكىدە پىشۇرغان توخۇ تۇخۇمى ئىكەن، باھار كەلسىلا ئوغۇل بالا تۇخۇمى ساتىدىغان يايمىكەشلەر دوڭياڭنىڭ چوڭ-كىچىك كوچىلىرىنى قاپلاپ كېتىدىكەن. بىر دانىسى 1 يۈەن 5 مو بولۇپ ئادەتتىكى چاي تۇخۇمىدىن قىممەت بولسىمۇ، ئەمما دائىم سېتىلىپ تۈگەيدىكەن.
بۇ ئوغۇل بالا تۇخۇملىرىنى كىچىك كۆرمەڭ، بۇ تۇخۇم تېخى دوڭياڭ (东阳) شەھىرىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىي يادىكارلىقى بولغان.

 ئوغۇل بالىلار سۇلياۋ چېلەككە سىيمەكتە.
دوڭياڭ شەھىرىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە، دەر ئارىلىقىدا بىر توپ بالا دەرسخانا سىرتىدا ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىشماقتا. ئۇلارنى قانداقتۇر يېڭى ئويۇن ئويناۋاتىدۇ دەپ قالماڭ، ئۇلار چېلەككە سىيىۋاتىدۇ.
دوڭياڭدا مۇنداق بىر ئادەت شەكىللەنگەن: ئوغۇل بالا تۇخۇمى ساتىدىغان يايمىكەشلەر ياكى ئوغۇل بالىنىڭ سۈيدۈكىدە تۇخۇم پىشۇرىدىغان ئائىلىلەر سۇلياۋ چېلەكلىرىنى كۆتۈرۈپ بېرىپ ئوغۇل بالىلارنىڭ سۈيدۈكىنى يىغىدۇ.
ئوقۇغۇچىلار بۇ ئىشقا بۇرۇنلا كۆنۈپ كەتكەن، بىرىنچى يىللىقتىن ئۈچۈنچى يىللىقىچە بولغان ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار كىچىك تەرەپ قىلماقچى بولسا، دەرسخانا سىرتىدىكى چېلەككە سىيىدۇ. مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ بۇ ئادەتكە رۇخسەت قىلغان، ئۇلار ھەمىشە بالىلارغا زۇكام، كېسەل بولۇپ قالغاندا چېلەككە سىيمەسلىكىنى تاپىلايدۇ، بالىلار بەك گەپ ئاڭلايدۇ.
ئوغۇل بالا تۇخۇمى پىشۇرۇش بىلەن چاي تۇخۇمى پىشۇرۇش ئوخشاش. تاۋلىنىش ۋاقتى ھەل قىلغۇچ مۇھىم.
ئەجەپلىنەرلىكى، گەرچە بۇ مەزگىلدە كوچىلارنىڭ ھەممە يېرىگە ئوغۇل بالا تۇخۇمى ساتىدىغان يايمىكەشلەر تولۇپ كەتسىمۇ، ئەمما ھەممىسى ئۆزىنىڭكىنىڭ پۇرىقىنى تەڭداشسىز دەپ قارايدىكەن.
لى ھەدىمۇ ئوغۇل بالا تۇخۇمى ساتىدىغان يايما ئاچىدۇ، ئۇنىڭ ئېرى ھەر كۈنى يېقىن ئەتراپتىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوغۇل بالىلارنىڭ سۈيدۈكىنى يىغىدۇ. لى ھەدە تۇخۇم پىشۇرۇشقا ۋە سېتىشقا مەسئول بولىدۇ.
بەزىلەر يېگەندە « ھەقىقەتەن مېزىلىك » دېگەن، بەزىلەر « بەك سېسىقكەن » دېگەن.
10-مارت چۈشتە، دوڭياڭ شەھىرى جېنشىڭ يولىدا ئادەملەر كېتىۋاتقان بولۇپ، ئوغۇل بالا تۇخۇمى سېتىۋالىدىغان خېرىدارلارمۇ نۇرغۇن ئىكەن. نەچچە يىل ئىلگىرى ئېرى بىلەن دوڭياڭغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ليۇ خانىم:« بەك مېزىلىك، مەن بىر كۈندە 10 دانە تۇخۇم يەيمەي. ئىلگىرى يەپ باقمىغان، كېيىن بىر قانچە قېتىم يېگەندىن كېيىن خۇمار بولۇپ قالدىم» دېگەن.
تورداشلار ئوغۇل بالا تۇخۇمىنىڭ ھىدى باھارنىڭ ھىدى دەپ باھا بېرىشكەن. ھەم ئەزەلدىن يەپ باقمىغانلارمۇ بار ئىكەن.
نۇرغۇن دوڭياڭلىقلارنىڭ نەزىرىدە، ئوغۇل بالىنىڭ سۈيدۈكىدە پىشۇرۇلغان تۇخۇم ئەتىيازلىق ئوزۇقلۇق تولۇقلاشتىكى ئەڭ ياخشى تاللاش ئىكەن. ئوغۇل بالا تۇخۇمى ساتىدىغانلار بۇ خىل تۇخۇمنى يېسەڭ ئەتىياز پەسلىدە قىينالمايسەن، يازدا ئىسسىق ئۆتۈپ قالمايدۇ دەيدىكەن.
« ئوغۇل بالا تۇخۇمى دوڭياڭدا ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئىلگىرى تۇرمۇش شارائىتى ياخشى بولمىغاچقا، ئەمگەك قىلغاندا قۇۋۋەت تولۇقلايدىغان پەقەت تۇخۇملا بار ئىكەن. سۈيدۈكتىكى چۆكمە ماددىلار بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن كىرىستاللىنىپ چىقىدىكەن، بۇ خىل چۆكمە بىر خىل جوڭيى دورىسى ئىكەن، ئىسسىقنى ياندۇرۇش، قان توختىتىش » رولى بار ئىكەن. دوڭياڭ جوڭيى دوختۇرخانىسىنىڭ ئېچكى بۆلىمىدىن ۋۇ يۈنخۇا ئوغۇل بالا تۇخۇمىنى موشۇنداق چۈشەندۈرگەن. ئەمما ئۇ ھەممە ئادەملەرنىڭ ئوغۇل بالا تۇخۇمى يېيىشكە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى، ئادەمنىڭ تەن ساپاسىغا قاراش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. 
جىنخۇا(金华) شەھىرىنىڭ مەركىزىي دوختۇرخانىسى بۆرەك كېسەللىكلىرى بۆلىمىنىڭ مۇدىرى خۇاڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، سۈيدۈك بولسا ئادەم بەدىنى ئاجىرىتىپ چىقارغان كېرەكسىز ماددىلار بولۇپ، ئاساسىي جەھەتتىن ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق ھېچنىمە يوق ئىكەن. شۇڭا، ئۇ كۆپچىلىكنىڭ ئوغۇل بالا تۇخۇمى يېيىشىنى تەشەببۇس قىلمايدىكەن.
جىنخۇا شەھەرلىك دوختۇرخانىنىڭ مۇدىرى جوڭ دوختۇرنىڭ دېيىشىچە، قەدىمقى دەۋردە، ئوغۇل بالىنىڭ سۈيدۈكى دورا دەپ قارالغان، ئەمما ھازىرقى زامان مېدىستىنا نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئوغۇل بالىنىڭ سۈيدۈكىدە پىشۇرۇلغان تۇخۇم ناھايىتى مەينەت ئىكەن. «بىراق ئوغۇل بالا تۇخۇمى يېيىش دوڭياڭلىقلارنىڭ ئادىتى بولۇپ قالغان، مەن قارشى تۇرۇشنىمۇ تەشەببۇس قىلمايمەن».
مەنبە: ئوكيان خەۋەرلەر تورى: http://news.okyan.com/View.aspx?ID=1544




[Birzat بۇنى 2011-03-13 08:11 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 2 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماmajan[2011-08-09 09:09 AM | del]
مەيلى قىز ياكى ئوغۇل بالىنىڭ سۈيدۈكىدە پىشۇرۇلغان تۇخۇم  بولسۇن ئوخشاشلا ناھايىتى مەينەت ئىكەنلىكى ئىنىقت تۇرسا.......................... [face73]
回复قايتۇرماssssssssssssssssssss[2011-03-17 11:05 PM | del]
جىنخۇا(金华) شەھىرىنىڭ مەركىزىي دوختۇرخانىسى بۆرەك كېسەللىكلىرى بۆلىمىنىڭ مۇدىرى خۇاڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، سۈيدۈك بولسا ئادەم بەدىنى ئاجىرىتىپ چىقارغان كېرەكسىز ماددىلار بولۇپ، ئاساسىي جەھەتتىن ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق بۇلغان ھېچقانداق  ماددىلار  يوق ئىكەن. شۇڭا، ئۇ كۆپچىلىكنىڭ ئوغۇل بالا تۇخۇمى يېيىشىنى تەشەببۇس قىلمىغان .
ھازىرقى زامان مېدىستىنا نۇقتىسىدىن قارىغاندىمۇ ئوغۇل بالىنىڭ سۈيدۈكىدە پىشۇرۇلغان تۇخۇم ناھايىتى مەينەت ئىكەن. بىزنىڭ ئىسلام دىنىدا بولسا سۈيدۈك ھارام ھىساپلىنىدۇ. شۇڭا سۈيدۈكتە پۇشۇرۇلغان تۇخۇمنى يىيىشكە قەتئىي بولمايدۇ.
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.