سۆزنەك - تارقىلىش دائىرىسى پۈتۈن دۇنياغا كېڭەيگەن، يۇقۇش سۈرئىتى تېز يۇقۇملۇق جىنسىي كېسەللىكنىڭ بىر تۈرى بىر تۈرلۈك ئىستاستىكىدا ئېيتىلىشىچە پۈتۈن دۇنيادىكى سۆزنەك باكتىريىسى بىلەن يۇقۇملانغان كېشىلەرنىڭ سانى 1999-يىلى 62 مىليون بولغان. 2005-يىللىق يەنە بىر ئىستاستىكىدا 270 مىليونغا يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىلگەن. بۇنىڭدا يەنە سۆزنەك بىلەن يۇقۇملانغان بىمارلارنىڭ يېشى ئىستاستىكا قىلىنغان بولۇپ 15 ياشتىن يۇقۇرى 19 ياشتىن تۆۋەنلەر ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا بۇ خىل باكتىريە بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئەڭ كۆپ بولۇپ ئادەمنى ئويلاندۇرىدۇ.

سۆزنەك _ سۆزنەك شارچە باكتېريىسى(淋球菌 )قوزغايدىغان سۈيدۈك ئاجىرتىش -كۆپىيىش سىستېمىسىنىڭ يىرىڭلىق يۇقۇملىنىشى بولۇپ ، ئاساسلىق جىنسى مۇناسىۋەت ئارقىلىق سۈيدۈك يوللىرى ، بالياتقۇ ئىچكى پەردىسى ، تۈز ئۈچۈي ، مەقئەت ئەتراپى ، كۆز ، يۇتقۇنچاق يۇقۇملىنىدۇ ھەمدە يەرلىك ياللۇغنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ .
ئېتىئولوگىيىسى :

" /> سۆزنەك - 80 خالتا بلوگى

سۆزنەك


سۆزنەك - تارقىلىش دائىرىسى پۈتۈن دۇنياغا كېڭەيگەن، يۇقۇش سۈرئىتى تېز يۇقۇملۇق جىنسىي كېسەللىكنىڭ بىر تۈرى بولۇپ بىر تۈرلۈك  ئىستاستىكىدا ئېيتىلىشىچە پۈتۈن دۇنيادىكى سۆزنەك باكتىريىسى بىلەن يۇقۇملانغان كېشىلەرنىڭ سانى 1999-يىلى 62 مىليون بولغان. 2005-يىللىق يەنە بىر ئىستاستىكىدا 270 مىليونغا يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىلگەن.

بۇنىڭدا يەنە سۆزنەك بىلەن يۇقۇملانغان بىمارلارنىڭ يېشى ئىستاستىكا قىلىنغان بولۇپ 15 ياشتىن يۇقۇرى 19 ياشتىن تۆۋەنلەر ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا بۇ خىل باكتىريە بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئەڭ كۆپ بولۇپ ئادەمنى ئويلاندۇرىدۇ.

بىرزات ئۇيغۇر تېبابەت ساغلاملىق بلوگىمىزنىڭ تەكلىپلىك تەرجىمانى 0999 يۇرت ئەپەندى بۇندىن كىيىن بلوگىمىزنى جىنسىي يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ھەققىدە يازمىلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.

سۆزنەك

سۆزنەك _ سۆزنەك شارچە باكتېريىسى(淋球菌 )قوزغايدىغان سۈيدۈك ئاجىرتىش -كۆپىيىش سىستېمىسىنىڭ يىرىڭلىق يۇقۇملىنىشى بولۇپ ، ئاساسلىق جىنسى مۇناسىۋەت ئارقىلىق سۈيدۈك يوللىرى ، بالياتقۇ ئىچكى پەردىسى ، تۈز ئۈچۈي ، مەقئەت ئەتراپى ، كۆز ، يۇتقۇنچاق يۇقۇملىنىدۇ ھەمدە يەرلىك ياللۇغنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ .
ئېتىئولوگىيىسى :
سۆزنەك شارچە باكتېريىسى نەيسى باكتېريە ئۇرۇقدىشىغا تەۋە بولغان گىرام مەنپىي قوش شارچە باكتېريىسى ، سۆزنەك شارچە باكتېريىسىنىڭ قارشىلىق كۈچى بىر قەدەر ئاجىز ، ئىسسىققا ، قۇرغاققا ۋە ئادەتتىكى دېزىنفىكسىيە سۇيۇقلۇقىغا نىسپەتەن سەزگۇر بولۇپ 55 سىلسىيە گىرادۇستا بەش مىنىۇتتىلا ئۆلىدۇ . قۇرغاق موھىتتا 1-2 سائەتلا ياشىيالايدۇ .
يۇقۇش مەنبەسى :
بىمار ۋە كېسەل ئالامىتى بولىمىغان باكتېريە ئېلىپ يۈرگۈچىلەر .
تارقىلىش يولى :
ئاساسلىق جىنسىي يول ئارقىلىق يەنى يات جىنىسلار ، ئوخشاش جىنىسلار ئارىسىدىكى جىنسىي ھەركەتلەردىن يۇقىدۇ . يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئانىنىڭ تۇغۇت يولى ئارقىلىق يۇقۇملىنىدۇ ؛ ئاز قىسىمدىكىلەر ئادەتتىكى تۇرمۇشتىكى ئۇچۇرشىش ئارقىلىق يۇقۇملىنىپ ، مەسىلەن : سۆزنەك شارچە باكتېريىسى بىلەن بىلەن بۇلغانغان كالتە ئىشتان ، لۆڭگە ۋە مۇنچا بۇيۇملىرىنى ئورتاق ئىشلىتىش ئارقىلىق ۋاستىلىك يۇقۇملىدۇ .
تارقىلىش ئالاھىدىلىكى :
قۇرامىغا يەتكەن جىنسى ئىقتىدارى كۈچلۈك كىشىلەرنى ئاساس قىلىدۇ ، ئەرلەردە ئاياللاردىن كۆپرەك بولىدۇ .
كلىنكىلىق ئىپادىلىرى :
1. ئەگەشمە كېسەللىك بولمىغان سۆزنەك ( نوقۇل سۆزنەك ):
(1) ئەرلەردىكى سۆزنەك شارچە باكتېريەلىك سۈيدۈك يولى ياللۇغى - ئادەتتە جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كېيىن 2-5 كۈندە پەيدا بولىدۇ . سۈيدۈك يولى ئېغىزى قىزىرىپ ئىشىشىپ ، سىيەگەندە ئاغرىپ ، سېرىق شىلىمشىق يىرىڭلىق ئاجراتما ئېقىپ چىقىدۇ . ئاجراتمىنى گىرام بويىقىدا بوياپ مىكرۇسكۇپتا كۆزەتكەندە ، كۆپ شاكىلدىكى يادرۇلۇق ئاق قان ھۈجەيرىسى ئىچىدە تىپىك ھالەتتىكى گىرام مەنپىي قوش شارچە باكتېرىيىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ .
(2) ئاياللار سۈيدۈك كۆپىيىش يوللىرىنىڭ سۆزنەك شارچە باكتېريىسىدىن يۇقۇملىنىشى :
سۆزنەك شارچە باكتېريەلىك بالياتقۇ بوينى ( سۈيدۈك يولى ) ياللۇغى : يۇقۇملىنىپ 10 كۈندىن كېيىن پەيدا بولىدۇ . جىنسى يول ئاجراتمىلىرىنىڭ كۆپىيىشى ياكى غەيرىيلىشىشى ، يىرىڭلىق ئاق خۇن كۆپىيىش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ . بەزى بىمارلاردا سۈيدۈك قايتا- قايتا كېلىدۇ . سىيگەندە ئاغرىيدۇ . سۈيدۈك يولى ئاغزى قىزىرىپ ئىششىيدۇ . سۈيدۈك يولىنى سىققاندا يىرىڭلىق ئاجراتمىلار چىقىدۇ . ھەتتا دەھلىز چوڭ بېزى قاتارلىقلارنىمۇ ياللۇغلاندۇرىدۇ . بەدەن تەكشۇرۇتكەندە ، بالياتقۇ بوينىغا قان ئۇيۇپ قىزىرىپ ئىششىپ ، تەگكەندە ئاغرىيدۇ . بالياتقۇ بوينى ئېغىزىدىن قان سېرىق رەڭلىك يىرىڭلىق ئاجراتما ماددا ئېقىپ چىقىدۇ .
گۆدەك قىزلاردىكى سۆزنەك : سىرتقى جىنسى ئەزاسى قىزىرىپ ، ئىششىپ ، كۆيۈپ ئاغرىيدۇ .سىيگەندە ئاغرىپ ، سېرىق رەڭلىك يىرىڭلىق قىنسى يول ئاقراتمىلىرى پەيدا بولىدۇ .
سۆزنەك شارچە باكتېريىلىك بىرىكتۇرگۇچى پەردە ياللۇغى : كۆپۈنچە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا كۆرۈلۈپ ، كۆز بىرىكتۇرگۈچى پەردىسىگە قان ئۇيۇش ، سۇلۇق ئىشىشىش بىلەن ئىپادىلىنىپ ، يىرىڭلىق ئاجراتما ماددىلار بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ . ۋاختىدا داۋالاتمىغاندا مۈڭگۈزسىمان پەردىدە تۆشۈكچە پەيدا بولۇپ ، قارغۇ قىلىپ قويىدۇ .
سۆزنەك شارچە باكتېريىلىك يۇتقۇنچاق ياللۇغى : ئېغىز ئارقىلىق جىنسى مۇناسىۋەت قىلغۇچىلارنى ئاساس قىلغان بولۇپ ، يۇتقۇنچاق يىنىك ئاغرىپ ، قىزىرىپ ، قان تولۇپ ۋە ئاجراتما ماددىلار كۆپىيىدۇ .
سۆزنەك شارچە باكتېريىلىك تۈز ئۈچەي ياللۇغى : ئوخشاش جىنسلىق مۇھەببەتلەشكۈچىلەر ئىچىدىكى ئەرلەردە دائىم كۆرۈلدۈ . كۆپ ساندىكىلەردە روشەن بولمىغان يېنىك كېسەل ئىپادىلىرى بولىدۇ . ئاز ساندىكىلەردە مەقئەت يېنىك قىچىشىش ۋە كۆيۈش سېزىمى ، شىلىمشىق يىرىڭلىق ئاجراتما ماددا ، تۈز ئۈچەي قاناش قاتارلىقلار ئىپادىلىندۇ. ئېغىر بولغانلاردا تۈز ئۈچەي ئاغرىش ، قۇرۇق ئىنجىق كېلىش ، قان - يىرىڭلىق تەرەت قىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلدۇ .
ئەگەشمە كېسەللىكلىرى بولغان سۆزنەك :
(1) سۆزنەك شارچە باكتېريىلىك قوشۇمچە ئۇرۇقدان ياللغى : ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئەەەشمە كېسەللىك . بۇنىڭدا يەككە تەرەپتىكى قوشۇمچە ئۇرۇقدان ئىششىپ ئاغرىيدۇ . شۇ تەرەپتىكى چات ئارلىقى ۋە تۆۋەن قورساق قىسمى تۇتقاندا رېفلېكىلىق ئاغرىيدۇ . بەدەن تەكشۇرۇتكەندە بىر تەرەپتىكى ئۇرۇقدان خالتىسى ئىششىپ ، تۇتقاندا قوشۇنچە ئۇرۇقدان چوڭايغانلىقى بىلىنىدۇ ، ئاغرىق سېزىمى روشەن بولىدۇ .
(2) سۆزنەك شارچە باكتېريىلىك تۇخۇم توشۇش يەنچە ياللۇغى : ئەڭ كۆپ كۆرۈلدىغان ئەگەشمە كېسەللىك بولۇپ ، بۇنىڭدا قورساقنىڭ تۆۋىنى ئاغرىش ، جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندا ئاغرىش ، جىنسىي يول ئاجراتما ماددىسى نورمالسىزلىنىش كۆرۈلدۇ . بەدەن تەكشۈرۈشتە بالياتقۇ بوينىنى كۆتەرگەندە كۈچلۈك ئاغرىش ، قوشۇمچە ئەزالىرى تۇتقاندا ئاغرىش قاتارلىقلار كۆرۈلدۇ .
(3) سۆزنەك شارچە باكتېريىلىك دەھلىز چوڭ بەز ياللۇغى : بىر قەدەر كۆپ كۆرۈلدۇ . بىر تەرەپتىكى بەز ئىششىپ ، ئاغرىيدۇ ، تۇتقاندا ئاغرىق سېزىمى روشەن بولىدۇ . بەز ئېغىزىنىڭ ئېچىلغان يېرىدىن يىرىڭلىق ئاجرالما ماددىلار چىقىدۇ .
لابوراتۇرىيلىك تەكشۈرۈش:
بىۋاستە مىكرۇسكۇپتا كۆزىتىش : سۈيدۈك يولى ( بالياتقۇ بوينى ) ئاجرالما ماددىلىرىنى سۇۋالما ياساپ ۋە بوياپ مىكرۇسكۇپتا كۆزىتىلدۇ . كۆپ شەكىللىك يادرۇلۇق ئاق قان ھۈجەيرە ئىچىدە گىرام مەنپىي قوش شارچە باكتېريىسى مۇسبەت بولۇپ كۆرۈلدۇ .
دىئاگنوز ئاساسلىرى :
1. جىنسى مۇناسىۋەت تارىخى بولۇشى ، جۆرىسىدە يۇقۇملىنىش تارىخى بولۇشى ، ئۆسمۈر بىمارلارنىڭ ئاتا- ئانىسى ياكى بالا باققۇچىلاردا يۇقۇملىنىش تارىخى بولۇشى كېرەك .
2. ئەرلەر سىيگەندە ئاغرىش ھەمدە سۈيدۈك يولىدىن يىرىڭ ئاققان بولۇشى : ئاياللاردا جىنسىي يولى ئاجرالمىلىرى كۆپىيىش ۋە نورمالسىزلىنىش ، ئاق خۇن كېلىش تارىخى بولۇشى ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا كۆز مۈڭگۈزسىمان پەردە يىرىڭلىق ياللۇغى بولۇشى كېرەك .
3. لابۇراتۇرىيىلىك تەكشۈرۈش سۆزنەككە دىئاگنوز قويۇشتىكى زۆرۈر ئاساس بولىدۇ .
ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگنلەش :
1. ساغلاملىق تەربىيىسىنى قانات يايدۇرۇپ ، نېكاھتىن سىرتقى جىنسى ھەركەتلەردىن ساقلىنىش ، بىخەتەر قاپچۇقنى توغرا ئىشلىتىشكە تەۋسىيە قىلىش كېرەك .
2. بىمارلارنى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە داۋالاشنى تاماملاش ، داۋالاش جەيرانىدا جىنسى تۇرمۇشتىن ساقلىنىشقا رىغبەتلەندۇرۇش كېرەك .
3. جۆرىسى ۋە جىنسىي ھەمراھىغا قارىتا بىرلا ۋاقىتتا دىئاگنوز قويۇپ داۋالاش كېرەك .
4. ھامىلدار ئاياللارغا جنسىي كېسەللىكلەرنى تەكشۇرۇپ داۋالىتىشتا ۋە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا ئالدىنى ئېلىش خارەكتىرلىك كۆزگە دورا تېمىتىش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش لازىم .
5. بىمارلار : تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ( مەسىلەن لۆڭگە ، ۋاننا ، كىيىم -كېچەك ) دېزىنفېكسىيە قىلىش ھەمدە باشقىلاردىن ئايرىپ تۇتۇشقا دىققەت قىلىشى كېرەك .
 




[Birzat بۇنى 2011-03-14 00:01 AM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: سۆزنەك

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 5 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماnurbya[2011-09-09 02:49 PM | del]
مىنىڭ چ چ رىمنىمۇ قاچلىۋالغان بولسىڭىز           1311389018
回复قايتۇرماkorkam[2011-07-15 03:50 PM | del]
مىنىڭ چچ  نۇمۇرۇمنى قېتىۋالغان بولسىڭىز سىزدىن سورايدىغان جىق سۇئاللىرىم بار ئېدى
بولسا سىزنىڭ دۇكىنىڭىز قەيەردە شۇنى ئۇقىۋالغان بولسام
چ چ : 949752000
مەن مارالبېشىدىن سىزنىڭ دۇكىنىڭىز قەيەردە ؟
回复قايتۇرماalqi0903[2011-05-05 02:24 AM | del]
سۆز نەكنى داۋالاش ئۇسۇللىرى قانداق،چۈشەنچە بەرگەن بولسڭىز.
回复قايتۇرماAzathan[2011-03-16 11:41 PM | del]
چ چ رىمنى قاچىلىۋالغان بولسىڭىز بىرزات ئاكا    1746252131
回复قايتۇرماsalman[2011-03-15 07:51 AM | del]
مىنىڭ چ چ رىمنى قاچىلىۋالغان بولسىڭىز بىرزات ئاكا 654379010
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.