مېنىڭ قارىشىمدا ساياھەت قىلىشتىن مۇنداق ئىككى مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ:

1.ئەڭ موھىمى خىزمەت ۋە تۇرمۇش بېسىمىدىن قۇتۇلۇپ ئازادە بىر كەيپىيات ئىچىدە ئارام ئىلىش، جىددىي تۇرمۇش رېتىمى پەيدا قىلغان يۈرەك، مېڭە-قان تومۇرلاردىكى بېسىمنى يېنىكلىتىش،رەئىس ئەزالارنى چوڭ بىر قېتىملىق ئارام ئالدۇرۇش ئارقىلىق ساغلاملىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش.

2.سىرتقى دۇنيادىكى ئۆزگىچىلىكلەرنى كۆرۈش ئارقىلىق مېڭىدىكى ئۇچۇرلارنى بېيىتىش، ئىدىيە، كۆز قاراشلىرىدا تەڭشەش ئىلىپ بىرىش، مۆجىزە كەبىي تەبىئەت گۈزەللىكىدىن زوقلىنىش.

" /> بىرزاتنىڭ يازلىق ساياھەت پىلانى تۈزۈشىگە تەكلىپ بىرىڭ! - 80 خالتا بلوگى

بىرزاتنىڭ يازلىق ساياھەت پىلانى تۈزۈشىگە تەكلىپ بىرىڭ!


مېنىڭ قارىشىمدا ساياھەت قىلىشتىن مۇنداق ئىككى مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ:

1.ئەڭ موھىمى خىزمەت ۋە تۇرمۇش بېسىمىدىن قۇتۇلۇپ ئازادە بىر كەيپىيات ئىچىدە ئارام ئىلىش، جىددىي تۇرمۇش رېتىمى پەيدا قىلغان يۈرەك، مېڭە-قان تومۇرلاردىكى بېسىمنى يېنىكلىتىش،رەئىس ئەزالارنى چوڭ بىر قېتىملىق ئارام ئالدۇرۇش ئارقىلىق ساغلاملىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش.

2.سىرتقى دۇنيادىكى ئۆزگىچىلىكلەرنى كۆرۈش ئارقىلىق مېڭىدىكى ئۇچۇرلارنى بېيىتىش، ئىدىيە، كۆز قاراشلىرىدا تەڭشەش ئىلىپ بىرىش، مۆجىزە كەبىي تەبىئەت گۈزەللىكىدىن زوقلىنىش.

تىرىكچىلىك، تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى ئىلكىگە چىرمىۋالغان، ئالدىغا سېلىۋالغان ئادەمنىڭ روھىي، مەنىۋى ئوزۇققا بولغان تەلىپى ئۇنچە يۇقۇرى بولمىسا كېرەك. چۈنكى ئۇنىڭ مەنىۋىيلىككە يېتىش، پىكىر-تەپەككۈرغا چۆكۈش، ھايات، ئۆلۈم ھەققىدە ئەستايدىل پىكىر يۈرگۈزىدىغانغا ۋاقتى چىقماي قالىدۇ. ساقسىز بولۇپ قالغانلىقى ئۆزىگە مەلۇم بولۇپ تۇرۇۋاتسىمۇ داۋالىنىشنى، روھىيتى قاغجىراپ كېتىۋاتسىمۇ سۇغۇرۇپ قويۇشنى ئىزچىل ئارقىغا سۆرەپ ئاخىرىدا نېمىلەرنى يوقۇتۇپ نېمىلەرگە ئىرىشكىننى دەڭسەپ بولغۇچە ھاياتى ئاخىرقى بىكەتكە كىلىپ بولىدۇ.

ھايات بىر سەپەر، بۇ سەپەرگە ئاتلانغانلارنىڭ مەنزىلى، نىشانى پەرقلىق. ھەتتا بەزىلەر بۇ ھاياتتا ھېچقانداق مۇددىئا-مەقسەتسىزلا سەپەرگە چىقىپ قالغانلاردۇر. ئۇلار قەيەرگە بىرىپ، قەيەردە توختىتىشىنى بىلمەيدۇ. بەلكى بۇ ھەقتە ئەستايدىل بىر پىكىر-تەپەككۇرغا چۈمۈلۈپ باقمىغان. پەقەت باشقىلارنىڭ ھايات سەپىرىگە چىققانلىقىنى كۆرۈپلا ئەگىشىپ ياشاپ بىقىۋاتقانلار. بۇلار ياشاشقا زۆرۈر ماددىي ئىھتىياجلارنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىشىپ ئالدىراش ياشاۋاتقانلاردۇر.

ئەمدى باشقىلارنى قويۇپ ئۆزۈمنىڭ بۇ يىل يازدىكى بىرئايلىق ساياھەت پىلانىمنىڭ مەن كۆزلىگەندەك ئۈنۈمگە ئىرىشىشى ئۈچۈن تورداشلاردىن سورايدىغانلىرىمنى ئوتتۇرغا قوياي:

1.ساياھەت قىلماقچى بولغان ئاساسلىق ئورۇن غۇلجا - ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى بىر كۆرۈشكە تېگىشلىك جايلار، بۆرتالا، قاراماي، ئاقسۇ-كۇچا، ئۈرۈمچى، كورلا قاتارلىق جايلارنىڭ ساياھەت نۇقتىلىرى ھەققىدە ئۇچۇرلارغا ئىھتىياجلىق بولۇپ قالدىم. مەن خىلى يۇرتلارنى كەزگەن، سەيلى-ساياھەتلەردە بولغان بولساممۇ غۇلجىغا تېخى قەدەم بېسىپ باقماپتىمەن. شۇڭا تورداشلار بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلىرىنى ئايىمىغاي. ئاندىن غۇلجا ساياھىتى قايسى ۋاقىتتا بولسا ئەڭ مۇۋاپىق؟ مەن 7-ئايدىن 8-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە بولسا بولامدىكىن دەپ ئويلىدىم، بۇ ئويلىغىنىم مۇۋاپىقتەكمۇ؟

2.ئۆز كەسپىم بولغان تېبابەت ساھەسىدىكى دوستلار بىلەن ئۇچرىشىپ كەسپىي جەھەتتىن يېڭىلىقلار، تەجىربىلەرنى ئالماشتۇرۇش، ئۆز-ئارا ئۈگۈنۈش ئۈچۈن پىكىر-مۇلاقاتلاردا بولغۇم بار. بۇ ھەقتە پىكىرلىشىشنى، ئۆز-ئارا ھەمكارلىق ئورنىتىشنى خالايدىغان تورداشلار بولسا كەسىپ، تىجارەت دائىرىسى، كەسپىي ئارتۇقچىلىقلىرى، دۇكان ياكى خىزمەت ئورنى، ئالاقىلىشىش ۋاستىسى قاتارلىقلار ھەققىدە ئىنكاس ئارقىلىق ئۇچۇر بەرسە بولىدۇ. تېبابەت كەسپىنى تەرەققى قىلدۇرۇپ خەلقنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسىنى قوشىۋاتقان كىشىلەرنى 80خالتا بلوگىمدا تەشۋىق قىلغۇم بار. قېنى ئەمىسە تورداشلار پايدىلىق ئىنكاسلىرىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر!!!




[Birzat بۇنى 2011-08-29 11:13 AM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ساياھەت

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 21 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماsokrat[2011-06-22 02:55 PM | del]
ياخشى بوپتۇ  ئانچە مۇنچە دەممۇ ئالغۇلۇق
回复قايتۇرماLODALAR[2011-06-22 02:09 PM | del]
回复قايتۇرماkerindax[2011-06-21 04:39 PM | del]
سەپەرلىرى ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن ئۇڭۇشلۇق ۋە كۈڭۈللۈك بولغاي كەسىپدېشىم ..........
回复قايتۇرماdadil[2011-06-18 02:02 AM | del]
ئاللا      .يوللىرنى  رۋان ،ئىشلىرنى ئاسان .ئىچكەن سۇلىرنى شەربەت ،تاماقلىرنى قۇۋۋەت قىلسۇن
回复قايتۇرماwiros[2011-06-17 06:29 PM | del]
ساياھەت قىلىشتىكى مۇددالىرى قارىسام ئاساسلىق بېسىمنى يەڭگۈللىتىپ كاللىنى ئارام ئالدۇرۇشكەن . بۇ نۇقتىدىن غۇلجا دىيارى ياخشى تاللاش بولالايدۇ . قىسقىسى يۇرتۇم كۈنەسنىڭ نارات ساياھەت رايۇنى سىزگە ئەڭ ساپ ھاۋا ، ئەڭ سۈزۈك سۇ ، ئەڭ يىشىل دالا .......  قاتارلىقلارنى تېتىتالايدۇ . ئەڭ ياخشى ساياھەت مەزگىلى 7-ئايدىن 8- ئايغىچە .  
回复قايتۇرماxah[2011-06-14 09:29 PM | del]
بىرزات ئەپەندىم كۇچادىمۇ نۇرغۇن ياخشى جايلار بار مەسىلەن : ۋاڭ ئوردىسى ، كۇچا خانىقاسى ، مىڭ ئۆيلەر ، تەڭرىتاغ سىرلىق جىلغىسى ، سۇ باش قەدىمىي شەھەر خارابىسى ، چوڭ كىچىك كوللەر .............. سانىسام ساناپ بۇلالمىغۇدەكمەن .
回复قايتۇرمادىيار[2011-06-12 07:17 PM | del]
سىلىدىن سۇرايدىعان  مەسلە بار ئىدى  يازىدىعان يەرنى تاپالمىدىم  . تەپسىلى چۇشەندۇرۇپ كويعان بولسىلا .رەحمەت .ئاللا قوللىرىعا دەت بەرمىسۇن .
回复قايتۇرماtilakyultuzi[2011-06-12 07:31 AM | del]
ئانانىزىم بولغىچىلار سەمىگە:
بۇيىل رامىزان ئىيىنى چىڭ تۇتۇپ چىن قەلبىڭلار بىلەن ئاللاھنى ياد ئىتىپ،  رامىزاننى تولۇق تۇتۇپ،ئاللاھتىن تىلەڭلار.ئاللاھ خالىسا چوقۇم قۇتۇلۇپ كىتىسىلەر. ھازىرقى تەدبىرىڭلا كىيىنكى تەقدىرىڭلارنى بەلگىلەيدۇ. ئۇلۇغ ئاللا ھەممىمىزگە ئاسانلىق بەرسۇن!  
回复قايتۇرماھۆرنىساگۈل[2011-06-08 11:56 PM | del]
ئەسسالامۇئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندى.دۆلىتىڭىز زىيادە ،باسقان يوللىرىڭىز نۇرانە بولسۇن.تۇرپان دىيارىدىكى تورداشلادىن سەمىمىي ئۆتۈنۈش-كۇچاغا كېلىپ قالسىڭىز سىز ئەينى ۋاقىتتا مۇراجىئەتنامە چىقارغان ئىلھامجان ئەلىنى بىزنىڭ كۆزىمىزدە  كۆرۈپ يۇقلاپ قويغان بولسىڭىز،ئىلھامجان ھازىر ئۈرۈمچىدىكىدىن ئاسمان-زىمىن  پەرىقلىق ھالدا ياخشىلىنىپ كەتتى.شىپالىق قول-ساۋاپلىق يول بۇلۇپ قالسۇن.سىزگە ئاللاھدىن ھەمدۇسانالار بولسۇن.تېلىفۇن نۇمۇرى ئۆزگەردى.15569369172
回复قايتۇرماQdijan[2011-06-08 01:00 AM | del]
ئى كالىندارغا قاراپ قويۇپراق قىلالا ساياھەتنى، 8-ئاي بېشىدا رامىزان چىرىپ قالامىكى، ياپايمۇ؟ كۆمەيمۇ دەپ ئوتتاماي گاچ قوپسا، رامىزانغىچە ئوياننى تۆگىتىپ ژۇتقا يانسىلا.
回复قايتۇرماyaxar[2011-06-07 00:26 AM | del]
كورلىدا بولسا1.باش ئەگىم ساياھەت ئورنى.بۇ تارىختىكى تايىر-زۆھرە قەبرىسى بار جاي،بۇ كورلا شەھەر ئىچىدىن  10كىلومىتىر كىلىدۇ.2.لوپنۇرلۇقلار كەنتى،بۇ كورلا شەھەر ئىچىدىن 100كىلومىتىرچە كىلىدۇ.
3.باغراش ساياھەت رايۇنى،كورلا شەھەر ئىچىدىن30كىلومىتىردىن80كىلومىتىرغىچە كىلىدۇ.
4.بايىنبۇلاق ساياھەت رايونى كورلا شەھەر ئىچىدىن 350كىلومىتىرچە كىلەمىكىن.4.كۇنەس ئورمان باغچە ساياھەت رايونى كورلا شەھەر ئىچىدىن 350كىلومىتىرچە كىلىدۇ.5.ئالتون سائىل مەنزىرلىك رايونى كورلا شەھەر ئىچىدىن 200كىلومىتىرچە كىلىدۇ.6كىپىنەك جىلغىسى كورلا شەھىرىدىن 200كىلومىتىرچە كىلىدۇ.
7.توغراق باغچىسى كورلا شەھىرىدىن 250كىلومىتىرچە كىلىدۇ.8.تاغ سارىخان باغچىسى كورلا شەھەر مەركىزىدىن 7كىلومىتىر كىلىدۇ. مەن سىزنى مۇشۇنچىلىك ئۇچۇر بىلەن تەمىن ئىتەي.مەن كىلەر ھەپتە ئۈرۈمچىگە بىر ئايلىق ئۈگۈنۈشكە چىقمىغان بولسام بىرزات ئەپەندىنى كورلىنىڭ بەك گۈزەللىكىنى بىر كۆرسىتىپ قويغان بولاتتىم.ئەپسۇس!
回复قايتۇرمادولقۇن731[2011-06-06 08:34 PM | del]
ياىشى پىلان تۈزۈپلا، گەرچە مەن ئۇقۇش پۈتۈرۈش ئالدىدا تۇرىمەن، 7-ئايلاردا يۇرتقا بارالايمەن، ئەگەر ئاقسۇ تەرەپلەرگە ئۆتۈپ قالسىلا 15يۈئەن كىراقىلسلا ئاپتۇبۇستا، 25يۈئەن كىرا قىلسىلا كىچىك ماشىنىدا 'ئۇچتۇرپان"شەھىرى بەر-بەر"'گە ئاپىردۇ.
ئۇچتۇرپاندىكى ساياھەت رايۇنى: يەتتەقىزلىرىم مازىرى، قازان بۇلاق، سويۇتقۇ، توققۇز بۇلاق، مۆلجەرتاغ،.
ئۇچتۇرپانغا بېرىشنى ئويلاشسىلا ماڭا خەۋەر قىلسىلا ئالدىلىرىغا ئادەم چىقىرىمەن.
回复قايتۇرماBirzat[2011-06-06 08:18 PM | del]
ئالدىمىزدىكى ھەپتە ساياھەتكە ماڭىدىغان بولدۇم، ئىنشائاللا. ساياھەت نۇقتىلىرى ھەققىدە تەكلىپ بىرىشكەيلا:
غۇلجا، كورلا، ئاقسۇ، ئۈرۈمچى....
13565662787 تېلفۇن نۇمۇر.
回复قايتۇرماbirgul[2011-06-06 08:12 PM | del]
دەم ئېلىش بىلەن خىزمەت قىلىشنى تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرمىسا سالامەتلىككە زىيانلىق . ئوبدان دەم ئېلىپ كەلسىلە ، ئاندىن ئۆزلىرىنى كۈتۈپ تۇرغان نۇرغۇن بىمارلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولسىلا ....ئۆزلىرىگە ئاق يول بولسۇن ، ساق بېرىپ سالامەت كەلگەيلا . يوللۇق تۇتاي دىسەم ئارلىقىمىز يىراق ، شۇڭا ياخشى تىلەكلىرىم ئۆزلىرى بىلەن بىللە بولسۇن !


ھە راست ، دۇكاننى كىم ئېچىپ تۇرىدۇ ؟ بېشىم شۇنىڭدىن قېتىۋاتىدۇ .....
回复قايتۇرماfany[2011-05-09 09:05 PM | del]
مىنىڭچە  7-ئاينىڭ باشلىرىدا  سەپەرگە چىقسىلا ،چۈنكى 8-ئايدا  رامىزان شەرىف كىرىپ قالىدىغۇ دەيمەن .
回复قايتۇرماgulbahr[2011-05-07 06:08 PM | del]
غۇلجىغا ساياھەتكە كەلمەكچى بۈلسىڭىز ، 7 - ئاينىڭ 15 - كۈندىن باشلاپ ، 8 - ئاي ئاخرىغىچە بولغان ۋاقىت ئەڭ ماس كېلىدۇ ،
غۇلجا شەھەر كۈنەس ناھيىسنىڭ نارات ساياھەت ئورنى ئىنتايىن ياخشى ، دۆلەتلىك 4 چوڭ يايلاقىنىڭ بىرى ، مەنزىرىسى ئالامەت پەيزى ، مىنىڭچە شۇ يەرگە بىرىپ ساياھەت قىلىسڭىز ، جەننەتكە كىرىگەندەك بولىسىز ،
回复قايتۇرماTangriqut[2011-03-13 01:58 PM | del]
تىۋىپ ئې تاپقان پۇلنى خەجلەيلى. خەير ساخاۋەتمۇ قىلايلى...
Birzat نىڭ ئىنكاسىغا جاۋاب قايتۇرۇش Birzat نىڭ 2011-03-13 05:54 PM دە قالدۇرغان جاۋابى
شۇنداق قىلايلى.
回复قايتۇرماHiyaliy[2011-03-12 07:14 PM | del]
شايارغا كەپ قالغۇدەك بولۇپ قالسىلا ھايت دەۋەتسىلە، داڭلىق تارىم دەرياسى كۆۋرۈكى بىلەن ئالۋاستى ئورمانلىقىنى بىللە كۆرۈپ كېلەرمىز (ھەر ئىككىسى قاسقان فېرمىسى دائىرىسىدە) تارىم ئوغلىقى يىگەچ...
Birzat نىڭ ئىنكاسىغا جاۋاب قايتۇرۇش Birzat نىڭ 2011-03-13 05:55 PM دە قالدۇرغان جاۋابى
شايارغا بىرىپلا ھايت دېسەم ئالدىمدا پەيدا بولاملا؟ سىلىنى قانداق تاپىمەن... توۋا
回复قايتۇرماTedbirkar[2011-03-12 00:05 AM | del]
تۇرمۇشتىن ھوزۇرلىنىشنى بىلىدىغان ئادەم جۇمۇ سىلى، ياخشى تەييارلىق قىلغايلا، سەپەرلىرىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
回复قايتۇرماPasiban[2011-03-10 11:23 PM | del]
بەلەن گەپ. سانتانادىن بىرنى قىپ قوياپ ئاپاراتنىڭ ئاچچىقىنى چىقىرىلى ئەمدى.
回复قايتۇرماakida427[2011-03-10 08:10 PM | del]
موللام  ساياھەت  پىلانلىرىنىڭ  مالىيە  قىسىمىنى  كۆرمىدىمغۇ ئاز پۇل خەجلەپ  كۆپ  ئۈنۈم بولىدىغان ئىشنى قىلىلى  ئامال با

مەنمۇ بۇ يىل  يازغا  غۇلجىنى نىشانلاپ قويدۇم  ....5 كۈنلۈككە
Birzat نىڭ ئىنكاسىغا جاۋاب قايتۇرۇش Birzat نىڭ 2011-03-10 08:12 PM دە قالدۇرغان جاۋابى
خوتۇن - باللىرىم ئەگىشىپ قالسا چىقىم سەل ئاۋۇپ قالىدۇ ھەقاچان. پۇل تىجەيمەن دېسە كۆڭۈلدىكىدەك ساياھەت قىلغىلى بولمايدۇ. مەن زادى بىر ئاي دەم ئالمىسام ھاردۇقۇم چىقمايدۇ.
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.