قان سوۋۇغان، بۆرەك ئاجىزلىغان شارائىتتا قان قويۇقلۇققا قانداق چارە قىل
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2011-02-07
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ھەكىم، مېنىڭ ئىككى بۆرەك ئۇدۇلۇم داۋاملىق مۇزدەكلا تۇرىدۇ، جىنسىي ئىقتىدارىم بەكلا تۆۋەنلەپ كەتكەندەك. چوڭلار بىلەن بىر داستخاندا يۈكۈنۈپ ئولتۇرسام پۇتۇم قولىشىدۇ. ئىسسىقلىق قىلسام، مەسىلەن پولو، ھالۋا دېگەندەك تاماقلارنى ئىستىمال قىلسام بېشىم چىڭقىلىپ ئاغرىيدۇ. قېتىق، لەڭپۇڭ دېگەندەكلەرنى يەپ بەرسەم بېشىمنىڭ ئاغرىقى قويۇپ بەرگەندەك، لىكىن پۇت-قولۇم بىر خىل ماغدۇرسىزلىنىپ كېتىدۇ. دوختۇرغا كۆرۈنۈپ قان تەكشۈرتسەم قاندا ماي يۇقۇرى، قاننىڭ يېپىشقاقلىقى يۇقۇرى ئىكەن دەيدۇ. سوغۇقلۇق قىلسام بۆرەككە زىيان قىلىدىكەن، ئىسسىقلىق قىلسام بېشىم ئاغرىپ بولمايۋاتىدۇ. ماڭا مەسلەھەت بەرگەن بولساڭلار!
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
ھازىر قان قويۇق دەپ دىئاگنۇس قويۇلغان كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقنى ئاسىراشتىكى ئەڭ خاتا قاراش - دوختۇر تەكشۈرۈپ قان قويۇق، قاندا يېپىشقاقلىق ئىشىپ كېتىپتۇ دېسە چىقىپلا قېتىق، لەڭپۇڭ، سوغۇق ئىچىملىك دېگەندەكلەرنى ئىچىش ۋە مۇشۇنداق قىلسام قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىپ ئورۇلاش مەقسىتىگە يېتەلەيمەن دەپ قاراش. مەندىن بۇ ھەقتە مەسلەھەت سوراپ كىرگەنلەرگە ئېيتىدىغىنىم: ياغ قىززىق تېمپراتۇرىدا ئىرىيدۇ، سوغۇقتا ئاسان قويىلىدۇ. ئەسەبىيلەرچە سوغۇقلۇق قىلىش قاننى سوۋۇتۇپ ماينىڭ پارچىلىنىشغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ، بۆرەكنى ئاجىزلىتىپ ئاسانلا كاردىن چىقىرىدۇ. سوغۇق يېمەك-ئىچمەك، سوغۇق، ھۆل موھىتمۇ قاننى سوۋۇتۇپ بەدەنگە قوبۇل قىلىنغان ماينى پارچىلىيالماي ئاسانلا قان قويۇلۇش، سەمىرىش كىلىپ چىقىدۇ. ھۆللۈكنىڭ ئىشىپ كېتىشىدىن سەمىرىش ئاياللاردا كۆپ ئۇچىرايدۇ. سەمىرىپ كەتكەن ياكى قاندا ماي ، يېپىشقاقلىق يۇقۇرى كىشىلەرنىڭ سوغۇقلۇق ھەم ھۆللۈك يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىشى ئەمەلىيەتتە ماينى پارچىلىيالمايلا قالماستىن ئەكسىچە ئۈنۈم بىرىدۇ. ئومومىي بەدەننى سوۋۇتۇپ بەدەنگە ماينىڭ زىيادە جۇغلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەدىنى سوۋۇغان، بۆرەك ئاجىز كىشىلەرنىڭ قاندىكى يېپىشقاقلىق يۇقۇرلاش، ماي نىسبىتى ئىشىپ كېتىش ئەھۋاللىرىغا نىسبەتەن قارىغۇلارچە سوغۇقلۇق ئىستىمال قىلىشتىن ساقلىنىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
قان سوۋۇپ بۆرەك ئاجىزلىغان ئەھۋالدا ئىسسىقلىق، قۇۋۋەت دېگەن يالغۇز گۆش -ياغدىنلا كەلمەيدۇ. ئوزۇقلۇقلاردىن ساپ ھەسەل، ھەر خىل مېغىزلىقلار، ئۇچار قۇش گۆشلىرى دېگەندەكلەر بولىدۇ. پولو، ھالۋا دېگەندەك تاماقلارنى ئاجىزلىغان بەدەن قوبۇل قىلالمايدۇ، قاننى قويالتىپ ئەزالار خىزمىتىنى ئېغىرلاشتۇرىشى مومكىن. بۆرەكتە تاش پەيدا قىلىش، ئۆت ياللۇقى دېگەندەكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بۇ ھالدىكى ئەڭ ياخشى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل تەرتىپلىك بەدەن چىنىقتۇرۇپ بىرىش. بەدەن چىنىقتۇرۇش دېگەندە ئادەتتە كۈندۈلۈك تۇرمۇشتىكى ئۇششاق ئىشلار، پارچە يول مىڭىش دېگەنلەر ئۈنۈملۈك رول ئوينىيالمايدۇ. تېز قەدەملەر بىلەن 20 مىنۇت پىيادە يول يۈرگەندىن كىيىن ئاندىن بەدەن قىززىپ مايلار پارچىلىنىشقا باشلايدۇ، تەرلەشكە باشلىغاندىن كىيىن يەنە چىداپ 10 مىنۇت يول يۈرۈڭ! ئېسىڭىزدە بولسۇن چوقۇم تېز قەدەم ئىلىپ مېڭىڭ. 15 كۈن تەرتىپلىك تېز قەدەم بىلەن يول مېڭىپ بەرگەندىن كىيىن يۈگۈرۈشكە ئۆتسىڭىز بولىدۇ. يۈگۈرۈشتىن 5 مىنۇت بۇرۇن بىر ئىستاكان ھەسەل سۈيى ئىچىڭ! يۈگۈرۈشتىن توختىغاندىن كىيىن بىر ئاز ئارام ئىلىۋالغاندىن كىيىن ئاندىن يەنە بىر ئىستاكان ھەسەل سۈيى ئىچىڭ، ھەرگىزمۇ سوغۇق سۇ ياكى سوغۇق ئىچىملىك ئىچمەڭ. بەدەن چىنىقتۇرۇشنىڭ ئالدى-كەينىدە بىر ئىستاكاندىن ھەسەل سۈيى ئىچىشنىڭ بۆرەك ئاجىزلىغان، بەدەن سوۋۇغان كىشىلەر ئۈچۈن ئالاھىدە شىپالىق ئۈنۈمى بار. چىنىقىش جەريانىدا ماينىڭ پارچىلىنىشىغا ياردەم بىرىدۇ، قان تومۇرلارنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى ياخشىلاپ ئۇزۇقلۇق سۈمۈرۈش خىزمىتىنى ياخشىلايدۇ. بۆرىكى ئاجىز، بەدەن سوۋۇغان كىشىلەر بەدەن چىنىقتۇرۇش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى قاننى جانلاندۇرۇپ توسالغۇلارنى ئاچىدىغان مۇناسىپ دورىلارنى ئىچىش ئارقىلىق قان يېپىشقاقلىقى مۇئەييەن تۆۋەنلىگەن ئەھۋالدا ئاندىن بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدىغان، جىنسىي ئىقتىدارنى ئاشۇرىدىغان دورىلارنى ئىستىمال قىلىش كېرەك.
______ بىرزات
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: قان، بۆرەك
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
مەن بۇ يىل 26 ياشقا كىردىم ، توي قىلغىلى بىر يىلدىن ئاشتى ، مەندىكى مەسىلە شۇكى ، يولدىشىم بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە مەندە ھېقانداق سېزىم بولمايدۇ ، يولدىشىمىنىڭ جىنسى ئەزاسى جىنسى يولۇمغا كىرگەندە مەندە ھېچقانداق ھوزۇرلىنىش تۇيغۇسى بولمايدۇ ، لېكىن يولدۇشۇم جىنسى ئەزاسىنى مېنىڭ جىنسى ئەزاسىمنىڭ سىرتىغا خىل ئۇزۇن سۈركىگەندىن كېيىن ئاندىن جىنسى ھوزۇرلىنىش تۇيغۇسى بولىدۇ ، بۇنىڭغا قانداق شىپا قىلسام بولىدۇ ؟
لېكىن شۇنداق بولسىمۇ ھازىر بويۇمدا بار ، 5 ئاي بولدى ، سىزنىڭ تەكلىپىڭىزگە مۇھتاجمەن .
مىنىڭ سۇئالىمغا جاۋاپ بىرىشكە ۋاقتىڭىز چىقارمۇ؟
مىنىڭ مۇشۇ يېقىندىن بۇيان. پۇت قوللۇرۇم تاتىشىدىغان، بېشىم قايدىغان، تۇرۇپ تۇرۇپ كۆڭلۈم ئېلىشىپ بىئارام بولىدىغان، شۇنچىلىك ماغدۇرسىز، بولۇپ قالدىم، مىنىڭ قۇچقۇمدا، بالام بار بالام كىچىك، بەدەنلىرىم تاتىشىدىغان ئىشنى، دوختۇرغا دىسەم، كالتىسى كەملىك دەپ ماڭا دورا يېزىپ بەرگەن، مەن ئۇ دورىلارنى يېيىش بىلەن بىر ۋاقىتتا باڭزا قاينىتىپ ئىچەتتىم، شۇنداق قىلساممۇ يەنە ئۈنۈمى ياخشى بولمايۋاتىدۇ، ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ماڭا بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىلا.
مىنىڭ ئۇزۇندىن بىرى سۇئال سورغۇم باتى لىكىن ياخشى پۇسەت بوممىدى دوختۇرخا كۆرنۈش بىلەن ئالدىراش بوپكىتېپ.
3 يىلغا يېقىن بوپ قالدى كوپ سىىيمە يېرېىم سائەتتە بىر دسەممۇ بولدۇ.ئازراق سىيگۈم كەلسە سىيمىسەم يوتا،پاچاق،بىلەكلېرىپ،كۆزۈم ئاغرىشكا باشلايدۇ، دەرھا سىسۋەتسەم ياخشى بوپ كالمەن،ئۇنىڭ ئالدىدا سۈيدۈكتىن كىين ئا يۈيۈقلۈق كىلدىغا ، سىيپ بولغاندىن كىين يەنە چالا قالغاندەك ئەھۋال باتى، نۇرغۇن دوختۇرغا كورنىپ باقتىم لىكن ئۈنمىنى كۇرمىدىم،نۇۇرغۇن دورنىمۇ ئېچتىم ئەمما ئۈنمنى كۆرمىدىم، Doxycycline دىەگەن دورلاخېلى ياخشى پايدا قىلدى ئەمما antibiotic بولغاچەقا ئىچىۋەرسەم تەسىر قىلماتىدۇ،.
مەن باشقا ئەلدە بولغاچقا مۇشۇنداق ئۇزۇن سوزلىپ كەتتى،مومكىن بولسا سىلگە قانداق ۋاقىتتا تىلفون قىلسام ياخشى دەپ بەرگەن بولسىلا تەپسىلىگرەك دەپ بەرسەپ سىىلدىن دورا سالدۇرۇپ سىناپ باقسام.ئەگەر سىلگە بىئەپ بولمىسا ئىلخېتىمگە يوللاپ قويسىلا.
ئىلخېتىم :struggle71@hotmail.com
قىممەتلىك ۋاقىتلىرىغا دەخلى قىلىدىغان بولدۇم، ئاللاھ ھۆزلىرىگە ئەجىر بەرگەي!
مەن بۇ يىل 40ياشقا كىردىم، 3بالام بار، بىرەر يىلدىن بىرى ھەر ئايدا ھەيىز كۆرىدىغان ۋاقىتتىن بىرەر ھەپتە بۇرۇن ئىككى كۆكسۈم چىڭقىلىپ ئاغرىيدۇ، بەزى ۋاقىتلاردا ئازراق بىر نەرسە تىگىپ كەتسىمۇ قاتتىق ئاغرىپ كىتىدۇ، ئۆزۈم تۇتۇپ كۆرۈپ باقسام بىرەر غەيرى مۆنەكچە بارلىغىنى بىلمىدىم، ھەم ئۇنداق نەرسە باردەكمۇ قىلمايدۇ.
ھەيىز ۋاقتى كىلىپ ھەيىز كۆرۈپ ئىككى كۈندىن كىيىن ئۆزلىگىدىن ساقىيىپ قالىدۇ. دوختۇرلارغا تەكشۈرتۈپ بىقىشقا جۈرئەت قىلاممىدىم.
سىزنىڭ قىممەتلىك پىكىر-تەكلىپ بىرىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن ھەم تىبابەت دورىلىرىدىن مەنپەئەت قىلىدىغانلىرى بولسا ياردەم قىلىپ ئىيتىپ بەرسىڭىز ۋە دورا ياساپ بەرسىڭىز تولىمۇ خۇرسەن بولاتتىم.
جاۋابىڭىزنى كۈتۈپ، سەنۇبەر
مىنىڭ قان تىپىم "ئو"بولۇپ،ھەر ئايدا ھەيىز كوپ كەلگەنلىكتىن بەدىنىمدىكى قان مىقدارى تۈۋەنلەپ كىتىپتۇ،
ئىلگىرى ھەيز بىر كەلسە توختىماي 10 نەچچەكۇن داۋاملىشاتتى،ھەم مىقدارىمۇ كوپ ئىدى.بۇنداق ۋاقىتلاردا دورا ئىچىش ئارقلىق توختىتىشقا مەجبۇر بولىمەن.ئۈزۇم بۇ يىل 27ياشتا،توي قىلمىدىم،ئومومەن ئېيتقاندا ئادىتىم نورمال ئەمەس،بۈگۇنمۇ دوختۇرخانىفا بېرىپ قېنىمنى تەكشۈرۈتسەم 7.7گىرامفا چۈشۈپ قاپتۇ،شۇڭا سىزدىن سوراپ باقسام قانداق دورايىسەم ( يەنى قانداق داۋالاش ئۇسۇلى ئارقىلىق )مەندىكى قان ئازلىق ۋە ھەيىزنىڭ نورمال بولماسلىقىنى داۋالاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ؟
ئادەتتىكى قەۋزىيەت ياكى يېڭىدىن بولغان قەۋزىيەتلەرگە دورا ئىشلىتىمىسىمۇ بولىدۇ. مېۋە -چىۋىلەر، كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش، ھەسەل، سۈت، قېتىق ئىچىش ئارقىلىق قەۋزىيەتتىن ساقلىنىش ۋە قەۋزىيەتنى ساقايتقىلى بولىدۇ.
ئادەتلەنگەن ئېغىرراق قەۋزىيەتكە :
ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئاچ قورساققا1-2 قوشۇق ھەسەلنى ئىلىمان قايناقسۇدا ئېرىتىپ ئىچىپ بىرىدۇ ياكى قايناقسۇغا ئازىراق تۇز سىلىپ ئىچىپ بىرلىدۇ.
سانادىن 15-30 گىرامنى قايناقسۇغا چىلاپ تەمىنى چىقىرىپ سۈزۈپ ئىچىلىدۇ.
يېڭى كۈدىنى يانچىپ سۈيىگە ئازىراق ئىلىمان سۇ قۇيۇپ ئىچىپ بەرسە سوزۇلما خاراكتېرلىك قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
تاتلىق ياڭيۇدىن مۇۋاپىق يەپ بەرسىمۇ سوزۇلما خاراكتېرلىك قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
تەرەنجىبىن ئىرىتىپ ئىچىپ بەرسىمۇ ئۇچەينى سىلىقلاپ قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
دورىلاردىن : قۇرسى تەنىكار، ھەببى رەۋەن، مەجۈنى سانا دېگەنلەرنىڭ قايسىسى بولسا ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.
سىز زادى چايچىمۇ ياكى تېۋىپمۇ؟ ئەگەر تېۋىپ بولسىڭىز نېمە ئۈچۈن دورىلىرىڭىز يوق؟ بۇ توربەتنى نېمەدەپ قۇرغان؟نېمە .ئۈچۈن سورالغان سۇئاللارغا ۋاقتىدا جاۋاپ بەرمەيسىز،سىزدىن دورا ئىلىپ ساقايغانلار بارمۇ زادى؟ ئەدەپسىزلىەىمنى كەچۈرگەيسىز،مۇمكىن بولسا مۇشۇ سۇئاللىرىمغا جاۋاپ بەرگەن بولسىڭىز