ھېس قىلىشىمچە ئاستىدىن ئىستىدىغان قۇرۇلمىلىق ئۆيلەرنىڭ ئادەتتىكى ھاۋاسى قۇرۇق بولىدىكەن. بۇنداق زىيادە قۇرۇق ھاۋا ئادەمنى قۇرۇتۇپ كەيپىياتىنى ناچارلاشتۇرىدۇ. باشنى ئېغىرلاشتۇرۇپ گاراڭ قىلىپ قويىدۇ. ئۇزۇن مۇددەت پولنىڭ ئۈستىدىلا ياتقاندا بۆرەك مىزاجىنىمۇ قۇرۇتۇپ سالامەتلىككە بەزى بىر سەلبىي تەسىرلىرى بولىشى مومكىن. بۇ خىل تەسىرلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن ئاستىدىغان ئىسسىتىدىغان قۇرۇلمىلىق ئۆيلەردە ئولتۇرغۇچىلار قىش كۈنلىرى چوقۇم ئۆيدە گۈل بېقىش ئارقىلىق ئۆينىڭ ھاۋاسىنىڭ نەملىك ھالىتىنى ساقلىشى زۆرۈر. سوۋۇتۇلغان قايناقسۇ ھەر قاچان تەييار بولىشى، ئۇسساپ قالغان ھامان سۇ تولۇقلاپ تۇرىشى كېرەك. بولۇپمۇ

" /> ئاستىدىن ئىسستىدىغان قۇرۇلمىلىق ئۆيلەردە يېتىش زىيانلىقمۇ؟ - 80 خالتا بلوگى

ئاستىدىن ئىسستىدىغان قۇرۇلمىلىق ئۆيلەردە يېتىش زىيانلىقمۇ؟


ئەسسالامۇ  ئەلەيكۇم  !  
  بىرزات  ئەپەندى،سالامەت  تۇرلىما ؟ ئاللا  سىلىگە  بەخىت  نۇرى  ياغدۇرسۇن، ئارزۇ-ئارمانلىرىغا يەتكۈزسۇن !
       مەن بۇ تەتىلدا ئۆيگە قايىتماي  ئۈرۈمچىدە  ئىشلەپ قاپقالغان، كەچلىرى  شىركەتتىلا  قونىمەن،
ئىشخانىدا  كارۋات  يوق بولۇپ يوتقان  كۆرپىلەرنى يەرگە  سېلىپلا  ئۇخلايمەن، لېكىن  ئىشخانىنىڭ  پارى  يەر ئاستىدا(地暖) ئىكەن  ..  ئۇخلىغاندا  يەر ئاستىدىن  ئىسسىق  چىقىپ  بىئارام  بولۇپ  تۇرساممۇ ھارغىنلىقتا  يەنىلا  ئۇخلاپ  قالىمەن ، ئەتىگىنى   قوپسام   بېشىم  بىر  خىل  بولۇپ ،  كالپۇكۇم  قۇرۇپ   قوپىمەن. پار  يەر  ئاستىدا (地暖) بولسا  سالامەتلىككە  زېيىنى   بارمۇ ؟   يەر ئاستى  پار(地暖)  بار ئۆيگە  كۆرپە سېلىپلا  يېتىش  خاتامۇ؟

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
خۇداغا شۇكۈرى، ئوبدان تۇرۇپتىمەن. رەھمەت.
ھېس قىلىشىمچە ئاستىدىن ئىستىدىغان قۇرۇلمىلىق ئۆيلەرنىڭ ئادەتتىكى ھاۋاسى قۇرۇق بولىدىكەن. بۇنداق زىيادە قۇرۇق ھاۋا ئادەمنى قۇرۇتۇپ كەيپىياتىنى ناچارلاشتۇرىدۇ. باشنى ئېغىرلاشتۇرۇپ گاراڭ قىلىپ قويىدۇ. ئۇزۇن مۇددەت پولنىڭ ئۈستىدىلا ياتقاندا بۆرەك مىزاجىنىمۇ قۇرۇتۇپ سالامەتلىككە بەزى بىر سەلبىي تەسىرلىرى بولىشى مومكىن. بۇ خىل تەسىرلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن ئاستىدىغان ئىسسىتىدىغان قۇرۇلمىلىق ئۆيلەردە ئولتۇرغۇچىلار قىش كۈنلىرى چوقۇم ئۆيدە گۈل بېقىش ئارقىلىق ئۆينىڭ ھاۋاسىنىڭ نەملىك ھالىتىنى ساقلىشى زۆرۈر. سوۋۇتۇلغان قايناقسۇ ھەر قاچان تەييار بولىشى، ئۇسساپ قالغان ھامان سۇ تولۇقلاپ تۇرىشى كېرەك. بولۇپمۇ ئۇششاق بالىلار كېچىلىرى ئىچى سېقىلىپ ئويغىنىپ كەتكەندە چوقۇم ئۇلارغا ئۇسسۇلۇق بىرىش كېرەك. ئۆينى پەۋقۇللادە ئىسسىتىۋەتمەي تېمپراتۇرانى تەڭشەپ قويۇشى كېرەك.
ئىمكان-شارائىت بولسا بىۋاستە پۇل ئۈستىدە ياتماي كارۋات قويۇپ يېتىش كېرەك!

بۇ ھەقتە تەجىربىلىك تورداشلارنىڭ ئۆزگىچە پايدىلىق پىكىرلىرىنى ئاڭلاپ باقساق. قېنى تورداش سىزمۇ ئاستىدىن ئېستىدىغان قۇرۇلمىلىق ئۆيدە ياتقاندا ئېغىزىڭىز قۇرۇپ، بېشىڭىز ئېسىلامدۇ؟ بۇ خىل ئەھۋالدا قانداق چارە قىلدىڭىز؟ ئىنكاسىڭىزنى ساقلاپ قالدۇق!!




[Birzat بۇنى 2011-01-20 09:56 AM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ئۆي، 地暖

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 7 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماarkam47[2011-07-26 03:46 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم؛ ياخشۇسىز، بىرزات ئەپەندى مەن سىز دىن مەسلە ئەت سوراي دىگەن ،   ئادەتتە ئادەمنڭ ئۇرۇكى تۇۋەن بۇلگاندا نەتچە بۇلگاندا بالا تېپىش ئىخـتدارى دىن قالىدۇ      
回复قايتۇرماaskarjan10[2011-03-18 03:16 PM | del]
ئەسسالاممۇ ئەلەيككۇم  بىرزات ئەپەندى    مەن بىر ئشتا سىز دىىن مەسلىھەت سۇراي دىگەن    1ئايغا يىقىن بولدى  كىچىك تەرىتىم ئچىشىپ كىلدىغان  سۈيدۈكتىن كىيىن مەنى تىمىپ كىتىدىغان   ئشلار يۈز بىرىۋاتىدۇ  مەن تىخى توي قالمىدىم    تاش بۈرەك مۇزلايدىغان كۈپ تەرلەيدىغان ئشلار كۈرىلۋاتىدۇ    قانداق قىلسام مۇشۇ  كىسىلىمگە  شىما قىلغىلى بۇلا
回复قايتۇرماqiqan[2011-03-05 08:44 PM | del]
بولىدىغان تىمىكەن بۇ...
回复قايتۇرماگۇلخان[2011-02-15 01:04 PM | del]
رەھمەت،تۇققانلارغا يەتكۈزۈپ قوياي بۇ تەلىمنى
回复قايتۇرما18909983257[2011-01-24 11:35 PM | del]
ئەمۋاينىڭ ھاۋا ساپلاشتۇرۇش ئۈسكىنىسىدىن پايدىلانسا ياخشى بولىدىكەن .
回复قايتۇرماizdinix[2011-01-21 11:04 PM | del]
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ،تىچلىقمۇ؟!
   ئاستىدىن ئىسسىيدىغان ئۆيلەردە ولتۇرغاندا ئادەمنىڭ ئىغىزى قۇرۇپ تولائۇسسايدىغان،بالىلاردا بولسا ئاسانلا بۇرنى قانايدىغان ،ئاسان زۇكامدايدىغان،باش ئىسىلىپ چىڭقىلىدىغان،ئەھۋاللار كۆپ كۆرۇلىدىكەن بۇنداق ئەھۋالدا يۇقۇرىدا دىيىلگەندەك ئائىلىدەگۇل بىقىش دەرىزىلەرنى پات -پات ئىچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش بولۇپمۇ بالىلار ياتقان ئۆيگە داس دىگەندەك قاچىلارغا سۇ ئەكىرىپ قويۇش دىگەندەك  ئۇسۇللارنى قوللنىشتىن سىرىت قايناق سۇنى كوپ ئىچىش كىرەك دەپ  ئويلايمەن
回复قايتۇرماbanda[2011-01-21 09:13 PM | del]
بىلۋالدىم.رەخمەت سەزگە...
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.