<<مەن قانداق قىلسام يولدۇشۇمنى ئۆزۈمگە قارىتالايمەن>>؟


ياخشىمۇ سىلەر تورداشلار!  مەن توي قىلغىلى ئىككى يىلچە بولدى. بىراق ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىمىز ياخشى ئەمەس.يولدۇشۇم تۇرمۇشقا نىسبەتەن قىزغىن ئەمەس،، مىنى ھەتتا خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ قويمايدۇ، ھەر ئىككىلىمىز خىزمەتچى.  ئەتىگىنى خوشلاشساق يىرىم كىچىدە ئاران كۆرۈشەلەيمىز. كۈندۈزى ئېسىغىمۇ كەلمەيمەن.  يىرىم كىچىدە كىرىپ خۇددى ھايۋانلاردەك ھە رىكەتلىرى بىلەن خوتۇن قىلىشنىلا بىلىدۇ.ئەركىلىتىش، سۆيۈش دىگەنلەردە مەن قانائەت ھاسىل قىلالمايمەن. مىنىڭ ھېسسىياتىمنىڭ كەلگەن كەلمىگىنى بىلەن كارى يوق.  راست گەپنى دىسەم ئىككى يىلدىن بىرى قانچە قېتىم ھەقىقى ھېسسىياتلىنىپ، ھۇزۇرلانغىنىمنى بىلمەيمەن...شۇ سەۋەپلەردىنمۇ ياكى ياكى ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى شۇنداقمۇ تا ھازىرغىچە بالىلىق بولالمىدۇق.  ئاجىرشىپ كىتەيلى دىسەم تىخى قوشۇلمايدۇ.. ئەمما مىنى ھەقىقى خوتۇن قىلىشنى تىخى بىلمەيدۇ. ئەگەر پىسخۇلۇگىيەدە ئاز تولا بىلىمى بارلار بولسا مەسلىھەت بەرسەڭلار بوپتىكەن... مەن قانداق قىلسام يولدۇشۇمنى ئۆزۈمگە قارىتالايمەن؟ قانداق قىلسام ئىناق ئائىلە قۇرالايمەن؟

پىسخولوگىيە ھەم مۇرەككەپ تۇرمۇش مەسىللىرى ھەمدە جىنسىيەت پىسخىكا بىلىملىرىگە پىششىق، تۇرمۇش تەجىربىسى مول بولغان، جاۋاب بىرىشىنى خالايدىغان تورداشلار بولسا بلوگىمىزنىڭ <<تۇرمۇش>> سەھىپىسىگە يوللانغان سۇئاللارغا ئىنكاس قاتناشتۇرشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
  
]



[Birzat بۇنى 2011-01-20 11:14 AM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: تۇرمۇش جىنسىيەت

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 54 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرما531783750[2014-06-03 03:00 AM | del]
منڭ مۇ شۇ
回复قايتۇرماahatjan[2014-01-08 00:32 AM | del]
مەسلەت سوراي دىگەن قەيەرگە يزىشنى بىلەلمدىم ياردەم قىلساڭلار
回复قايتۇرماphnan[2014-01-07 01:08 AM | del]
ئەسالامۇ ئەلەيكۇم  مەن ئانالزىمغا  ئۈگۈنۈپ   قالغلى 4-5 يىلچە  بولۇپقالدى   ھازىر 22 گە  كىردىم  ھازىر  ئۇيقۇم  بەك .از تاماقمۇ  بەك  ئاز   ئوڭ بىقنىم بەك ئاغرىيدۇ  كىندىكنىڭ ئاستى  ئوڭ تەرەپ  كىكرىپلا تۇرىمەن  زەكىرىم  بولسا  2-3  سانتا  بوپقالدى  پۇرجۇندەك  تۈرلۈپ  تۇرۋالىدۇ  ئەمما  سىگىم كەلگەندە 10-12  سانتا كېلىدۇ  ساپ لەش  گۈشتەكلا  زەكىرىمگە قارىساملا  كۈڭلۈم  بەك  يېرىم  مەن  قانداق
回复قايتۇرمانىگارە[2013-12-30 07:19 PM | del]
مەن بىر مەسلەت سورايدىگەن مىنىڭ يولدىشىم باللا ئۇيۇنچىقىغا بەك ئامراق ئاخشىمى 1-2گىچە بەزىدە تاڭ ئاتقۇچە ئوينايدۇ .يا پۇل تاپمايدۇ .ئەتتىگىنى 9-10غىچە ئۇخلايدۇ ،مۇشنىڭغا ئامال بارمىدۇ ؟[face47]
回复قايتۇرماarmfn[2013-06-06 00:44 AM | del]
ئىككىمىز ئوخشاش قىسمەتتە ئىكەن مىز  مېنىنڭ مۇ  ئايالىم قىززىقمايدۇ  شۇ ۇخلايدۇ كۈندۈزى خېلى ھاردۇخ يىتىپ قالام دىكىن دىسەم  ھاردۇق كۈنلىرىمۇ  ئۇنداق ئىشلار يادىغىمۇ كېلىپ قوي مايدۇ  ھەي  ئامال يوق   بۇ ڭشلار بېششىڭ لار غا كالمىسە سىلەر مۇ چۈشەنمەيسىلەر تورداشلار   !!!!!!!!!   بىزمۇ توردىن سورىماي ئامال يوق سىرتتىكى لەردىن سورىساڭ يۈزىڭنى تۆككىنى تۆككەن ؟؟؟؟؟؟؟؟؟
回复قايتۇرماzubayda[2013-04-23 06:46 PM | del]
ئاياللار كېسەلىكى
回复قايتۇرماhazrat925[2012-04-24 04:56 PM | del]
ئەسسالامەلەيكۇم بىر زات ئەپەندىم
مۇنازىرىمىزنىڭ دەل ۋاختىدا ئۈنۈملۈك بۇلۇشى،ئۆز-ئارا پىكىت يەكلىپلەرنى دەل ۋاختىدا بىرىش ئۈچۈن بىر چ چ توپى قۇرۇپ قويدۇم سڭزنىڭچە بۇلامۇ
回复قايتۇرماhazrat925[2012-04-24 04:40 PM | del]
ئەسسالامەلەيكۇم تورداشلار.
مەن گەرچە يېڭى ئەزا بولساممۇ يۇقۇردىكى تالاش-تارتىش پەيدا قىلغان مەسىلىنى ئۇقۇغاندىن كىيىن كاللامغا شۇنداق بىر ئوي كەپ قالدى.مۇشۇنداق تىمىلاردا پىكىر ئالماشتۇرۇشنى خالايدىغان دوسلارنىڭ چ چ توپىدىن بىرنى قۇرۇپ دەل ۋاختىدا ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشىنى سىناپ بېكىشنى تەۋسىيە قىلىمەن
回复قايتۇرماsalima[2012-01-29 06:28 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندى!
ھامىلدار بولغىنىمغا ئىككى ئاي بولدى، سېزىكىم بەك كۈچلۈك، ھەر قانداق پۇراقنى پۇرىسام كۆڭلۈم ئاينىپ، ئاشخانا ئۆيگە، ئاشخانىلارغا كىرىپ تاماق يىيەلمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدىم، ھەر قانداق نەرسە يېسەم كەينىدىنلا ئۇزۇن ئۆتمەي ياندۇرىۋېتىمەن، ئىككى-ئۈچ ھەپتىدىن بۇيان نان بىلەن ئالمىلا يىيەلىگەنىدىم، لېكىن نانمۇ پۇرايدىغان، ئالما يېسەم مەيدەمنى ئېچىشتۇرىدىغان بولۇپ قېلىپ ئۇنى يىيەلمىدىم، كۆكتات، مېۋە-چىۋىلەرمۇ بەك پۇرايدۇ، ھازىر شۇنداق كەم ماغدۇرسىزلىشىپ، يول ماڭساممۇ قېرىپ پۇت-قولىدا جان يوق ئادەمدەك ماڭىمەن. ھەممەيلەن بۇنداق بولۇۋەرسە ئۆزۈڭگە ھەم ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىسىز دەيدۇ. ياندۇرساممۇ يەي دەپ بەزى سۇيۇق-سەلەڭ تاماقلارنى يېسەم كەينىدىنلا ياندۇرۇپ، ياندۇرغىچە قوسقۇم شۇنداق تارتىشىپ ئاغرىپ كېتىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشىم كېرەكمۇ ياكى سىزدە ھامىلىگە زىيىنى يوق، سىزىكنى پەسەيتىدىغان تەبىئىي دورا بارمۇ؟ مەن ھەقىقەتەنمۇ بەك قىينىلىپ كەتتىم، ئۈنۈملۈك يول كۆرسىتىشىڭىزگە مۇھتاجمەن.
回复قايتۇرمابۇركۇت[2011-12-12 08:10 PM | del]
مەن بۇ يوللانمىنى يوللىغان بۇ قىزنىڭ جۇرئىتىگە ئاپرىن ئوقۇيمەن. ئۇ ھايا قىلىش-قىلماسلىق مەسلىسى ئەمەس ۋە ياكى ئۇ قىزنىڭ بۇزۇقلىقى ئەمەس. ئۇ قىز توردىكى دوسلارنى توغرا چۇشۇندۇ دەپ ۋە ئوزىدىكى مەسلىنى ھەل قىلىشنىڭ يولىنى قىلاي ۋە شۇنداقلا ئەرىگە بولغان ساداقەتمەنلىكى بىلەن، ئۇزىدىكى غورورنى ساقلاپ ۋە ئىپپەت نۇمۇسىنى ساقلاپ، ئۇزىدىكى مەۋجۇت مەسلىنى ھەل قىللىش يولىنى ئىزدىگەن. بۇ قىزنى بىر نەرسە دەپ ھاقارەتلىگەن شۇ قاپاقباش دوستلارغا مۇنۇ سۇئاللارنى قويغۇم بار:
1. ئەگەر بۇ قىز شۇ ھارىقى ئېرىگە ساداقەتلىك قىلماي ۋە بۇ مەسلىنى بۇنداق ھەل قىلىشنىمۇ ئويلىماي، سىرتلارغا چىقىپ ئاشنا ئويناپ، ئوزىنىڭ ئىچ-پۇشۇغىنى چىقىرىدىغان ئادام تىپىۋالسا ياخشى بوللاتتىمۇ؟ ئۇ چاغدا بۇ قىزنى يەنە كوڭلىدىكى چۇشەنماي "جالاپ" دەر بولغىيتىڭلار ھەقاچان؟....
ئەگەر شۇنداق بولغان بولسىدى، ئۇ قىزنىڭ بۇ تىمىنى يېزىپ يۇرۇشىنىڭ ھاجىتى يوقتى؟! ئۇ چاغدا سىللەرنىڭ تىل ئاھا'نىتىڭلارغىمۇ قالمىغان بوللاتى؟! شۇنداقمۇ؟ شۇنداق قىلىشىنى خالامتىڭلار؟!
2. بەزىلەر: "بۇ قېلىن قىز يا دوس بۇرادەرلىدىن، خىزمەتداشلىرىدىن ۋە ئۇرۇق تۇققانلىرىدىن سورىسا بولمامدۇ؟" دەپتۇ؟ بۇ تىخىمۇ ئەغىر ئەمەسمۇ؟ سىز ئوزىڭىزنى شۇ قىزنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ ھازىرقى جەمىيەتتە كىم ئوزىنىڭ بۇ 'كارۋات ئۇستىدىكى ئىشلىرى' ئۇستىدە يىقىن تۇنۇش بىلىشلىرىدىن مەسلىھەت سورىيالايدۇ؟ مانا ئوزەڭلار كورۋاتىسىلەر، ھەتتا توردا نامالۇم/نامسىز سورالغان بۇ سۇئالنىڭ دەردىنى يەتكىچە تارتىۋاتىدۇ بۇ قىز؟ ئەمەليەتتا بىر تۇققىندىن ۋە ياكى خىزمەتدىشىدىن يەقىن كورۇپ سورىسا، ئويلىغان يەردىن ئۇ
چاغدا ئۇ قىزنى تويغۇزۇپ قويسا، ئۇ چاغدا بۇ قىز ئۇزىنى نەگە قويار؟

مىنىچە دوستۇم، ئەگەر ئېرىڭىزگە بولغان ساداقىتىڭىزنى كورسىتىمەن دىسىڭىز، سىزمۇ ئېرىڭىزگە دا'ئىملا ۋاي دىمەڭ، ئەر كىشى دىگەڭە ئانچە مۇنچە ئوزىڭزنى كورسىتىپ قويمىسىنىگز بولمايدۇ( مەن بۇ يەردە دىمەكچى پەقەت كارۋات ئۇستىكى ئىشلاردا، كۇندىلىك تۇرمۇشتا ئەمەس). ھە دىسىلا سىزمۇ ئۇنىڭ رايىغا باقماي قىيداپ قويۇڭ. ئۇنىڭغا بۇنداق ئىشلارنىڭ، "سىزمۇ ھوزۇرلانغان ۋاقتىڭىزدا" تىخىمۇ ياشى بولىدىغان لىقىنى بىلدۇرۇڭ. مەسلەن بىر كىنو كورۋەتىپ ئۇنىڭغا بۇ ماھىيەتتنى چۇشەندۇرۇشكە تىرىشىڭ ياكى ياخشى ئەر-خوتۇنلىق مۇھەبىتىگە ئا'ئىت كىتاپتىن ئەلىپ كۇندە 1-2 سا'ئات تەڭ ئوقۇڭلار..... دىگەندەك..... ئىشقىلىپ مۇناسىۋىتىڭىزنى يىرىكلەشتۇرمىگەن ئاساستا داۋاملىق تىرىشىڭ. ئاندىن بۇنىڭ ئۇنۇمنى چوقۇم كورۇسىز....
سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

سالام بىلەن بۇركۇت
回复قايتۇرما523[2011-12-02 02:18 AM | del]
ھۆرمەتلىك بېرزانىت ىەپەندىم   مەنى بالدۇر كىتىشنى وپىراتسيە قىلىپ داۋالىسا بولامدۇ؟زىيىنى بارمۇ؟
回复قايتۇرماsemi[2011-11-23 05:33 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
2-3يىلدىن بېرى ئىڭىكىمگە ئۇچى تەرىپى 4-5 باشلىق سۆگەل پەيدا بولىۋالدى. چوڭايغاندا بوغىۋەتسەم  چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن يەنە شۇ ئىزىغا ياكى باشقا ئورۇنغا چىقاتتى.
بۇ يىل 3-4 يەرگە چىقىپ ئاۋۇپ قالدى، كۆپىنچىسى بۇرنۇمنىڭ ئىچىگە چىققاچقا بوغۇش ياكى سۆگەل مەلھىمى ئىشلىتىش مۇمكىن بولماي قالدى.
سىللىدە بۇ سۆگەلنى تۈپتىن يوقۇتىشقا سەۋەب بولىدىغان دورا بارمۇ؟
يىمەكلىكتە نىمىلەرگە دىققەت قىلىمەن؟
ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە سۆگەل قان بۇزۇلۇشتىن بولىدىكەن.
回复قايتۇرماazza[2011-07-27 12:48 AM | del]
ئەسالامۇ ئەلەيكۇم ياخشىمۇسىز بېرزات ئەپەندىم مىنىڭ يولدىشىم سىرىتتا ئىشلەيدۇ  ئىشتىن چۇشۇپ دەم ئالغان ۋاقىتتا ھاراقنى بەكلا كۆپ ئىچىۋالىدۇ ،نىمە ئۈچۇنلىگىنى سورسام ئىچىم پۇشۇپ كەتتى دەپ جاۋاپ بىرىدۇ  مەن قانداق قىلىشىمنى بىلەلمىدىم بۇ ئىشقا بىرەر چارە بارمۇ  مەسلىھەت بىرىلسە.
回复قايتۇرماsadakat508[2011-07-19 07:50 PM | del]
سىز ئۆزىڭىزگە ئشنڭ ،ئۇنىڭغا كۆپرەك ھەمراھ بۇلۇڭ ،ھەر ۋاقىت ۇنڭغا  تەبەسسۇم بىلەن قاراڭ سىزگە بەخىت تىلەيمەن
回复قايتۇرماhuma[2011-07-11 02:36 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بارلىق تورداش دوستلۇرۇم...سىلەرنىڭ مىنىڭ بۇ تىمامغا نىسبەتەن قالدۇرغان سۆزلىرىڭلارنى ئوقۇپ چىقتىم... بەزى دوستلۇرۇمغا رەھمەت ئىيتىمەن. يەنە بەزىلەردىن كەچۈرۈم سورايمەن.. مەنمۇ بەزىدە نىمىشقا توردىن مەسلىھەت ئالىمەن دەپ ئويلاپ قالىمەن.. ئەمما ئامالىم يوق. مەن يىنىمدىكىلەردىن مەسلىھەت ئېلىشنى خالىمايمەن. چۇنكى يىنىمدىكى دوستۇم دەپ قارىغانلارنىڭ مىنىڭ ھەقىقى دوستۇممۇ ياكى دۈشمىنىممۇ بۇنىڭغا بىر نىمە دىيەلمەيمەن. شۇڭا توردىن مەسلىھەت سورىغان. مىنىڭ يولدۇشۇم يا ئەركىلىگىنىمنى بىلەمەيدۇ، ياكى رەنجىگىنىمگە ئىپادە بىلدۈرمەيدۇ. شۇڭا مەنمۇ ھازىر كارىم بولماس بولدى، ئۆزۈملا كۈچەپ ھېرىپ قالدىم. چۈنكى تۇرمۇش دىگەن ئىككى ئادەم ئوتتۇرسىدىكى ئىش. مەن ئويلىغاننى ئۇ ئويلىمىسا مىنىڭ شۇنچە كۈچىگەنلىرىمنىڭ نىمە ئۈنۈمى بولسۇن. بىرزات ئەپەندىم سىزدىن ئۆتۈنىدىغىنىم بۇ تىمامنى  ئۆچۈرۋەتكەن بولسىڭىز، بولمىسا تورداشلارنى زىددىيەتكە سىلىپ قويىدىكەن..
回复قايتۇرمادەرزەر[2011-07-01 12:26 AM | del]
مەن بىر يېڭى ئەزا ىولساممۇ ئازراخ ئاخساكاللىق قىلىپ قويىدىغان بولدۇم . گەرچە توي قىلغىنىمغا ئەمدىلا ئىككى يىل بولغان بولسىمۇ، مەنمۇ بىر ئائىلىنى چىشىنىغان قىزمەن. بەزىلەرگە شۇنى دىگۈم كېلىۋاتىدۇ، نىمىشكە باشقىلارنى ئەيىپلەيسىلەر؟ سىلەرنىڭ شۇنداقلا بىزنىڭ نىمە ھەققىمىز بار؟!  سىلەر دىگەنلەرنى ئۇلار بىلمەمدە،  بىز ھەممىمىز ئۇىغۇر ئەلۋەتتە چىشىنىسىلەر ،بىزدە ساددىلىق بىلەن شۇنداق ئالىلىگە ئائىت ئىشلارنى باشقىلاردىن مەسلىھەت سورىسا ئاڭلايدىغاننى ئاڭلاپ بولۇپلا باشقىلارغا يايىدىغان، مازەخقىلىپ كۈلىدىغان، خۇددى بىرىسنىڭ بىريېرى ئېچىلىپ قالغاندەك، مۇشۇنداق قىلىقلار يوقما، بۇ تورنى نىمىگە ئاچقان مەسلىھەت سورىغاننىڭ نەرى خاتا!~    
回复قايتۇرماسۈمەييە[2011-06-28 03:08 PM | del]
ھايا ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭ گۈزەللىكىدۇر، كىم يازغاننى بىلمەيدۇ دەپلا تورغا قالايمىقان نەرسىلەرنى يىزېپ يۈرسھەڭلار نۇمۇس قىلمامسىلەر، پەزىلەتلىك ئاياللار ئەر خوتۇنچىلىق ئىشلىرىنى بۇنداق دھۋراڭ قىلىپ يۈرمەيدۇ.ئەجەبا سىلەرنىڭ ئەتراپىڭلاردا سىلەرمەسلىخەت سورىغىدەك ئاياللار يوكمۇ؟. ھايا قىلىڭلار ،ئۇيغۇر ئانىلىرى ھايا قىلىڭلار !
回复قايتۇرماkulkiz[2011-06-27 06:15 PM | del]
ئادەمدە .ئازىراق ھايا بولغانغا يەتمەيدۇ.ئايال كىشى چۇقۇم ئاياللىق نازاكىتى بىلەن ياشىشى لازىم. بۇ مىنىڭ شەخسى كۇز قارىشىم.
回复قايتۇرماسەبدەگۈل[2011-06-21 04:07 PM | del]
يولدىشىم قىلغان ئىشىمدىن پەقەت رازى بولمايدۇ، ئۇنى قانچە خۇش قىلاي دىسەممۇ ، يەنە قىلغان ئىشلىرىمدىن ئۇنداق-مۇنداق قۇسۇر تاپىدۇ، ئۆتكۈزۈۋەتسىمۇ بولىدىغان ئىشلارنى زىغىرلاپ كىتىدۇ، مەندىن قۇسۇر تاپقانسىرى ئۆزۈمنى قۇيارغا يەر تاپالماي قالىمەن، قانداق قىلىشنى بىلمىدىم؟
回复قايتۇرماtogirak[2011-05-22 05:43 AM | del]
مەنچە  古力   خانقىز بىلەن  622 ئەپەندىنىڭ دىگىنى ئەڭ توغىرا ،شۇنى قىلسىڭىز  ئۈنۈم دىگەن شۇ .
回复قايتۇرماyeriltax[2011-05-21 08:23 PM | del]
چاۋاك بىرقولدىن چىقمايدۇ،مەسىلىنى ئاۋال ،ئۆزىڭىزدىن ئىزلەڭ، تۇزۇتۇڭ ،غەلبە ئالدىڭىزدا
回复قايتۇرمامۆلجەرى[2011-05-03 06:24 PM | del]
كونىلاردا خەققە مەسلھەت سال ،ئۆزەڭنىڭ بىلگىننى قىل دىگەن ھىكىمەتلىك سۈز بار .قالغىننى ئۆزىڭىز بىلىڭ
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.