قاپارتقۇلاردىن سالامەتلىككە نەزەر
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2011-01-28
ئادەتتە يۈزىمىزگە ھەرخىل قاپارتقۇلار چىقىپ قالىدۇ. بۇ چىققان نەرسىلەر بەدەندىكى ھەرقايسى ئورگانلارنىڭ فۇنكىسىيەلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. قاپارتقۇلارنىڭ چىققان ئورنىغا قاراپ سالامەتلىك ئەھۋالىڭىزنى بىلىۋېلىڭ:
1. ئېڭەكنىڭ ئاستى تەرىپىگە چىقسا: ئادەتتە لىمفا تومۇرلىرىدا توكسىن يىغىلىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
2. بۇرۇننىڭ ئۇچىغا چىقسا: ئاشقازاننىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەنلىكىنى، ئاشقازاننىڭ خىزمىتىدىن چاتاق چىققانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
3. ئىككى قاشنىڭ ئوتتۇرىسىغا چىقسا: ئادەتتە بىرەر ئىشقا يۈرىكى سىقىلىش، بىئارام بولۇش، جىددىلىشىشتىن كېلىپ چىققان ئىسسىقى ئېشىشتىن بولىدۇ.
4. سول تەرەپ مەڭىزگە چىقسا: ئادەتتە جىگەرنىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىش، توكسىننى ھەيدەش ۋە قان ئىشلەپچىقىرىش روللىرىدىن چاتاق چىققانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
5. بۇرۇننىڭ ئىككى تەرىپىگە تۇيۇقسىز چىقىپ قالغان يوغان قاپارتقۇلار ئادەتتە تۇخۇمدان ياكى كۆپىيىش ئەزالىرىدا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
6. يۈزنىڭ چۆرىسىدىكى چاچ بىلەن تۇتىشىدىغان يەرگە چىقسا: ئادەتتە يۈزدىكى گىرىملارنى پاكىز تازىلىۋەتمىگەنلىك ياكى تېرىنى پاكىز تۇتمىغانلىق سەۋەبىدىن پىشانىگە، قاشنىڭ ئوتتۇرىسىغا ياكى يۈزنىڭ چۆرىسىگە ئۇششاق قىزىل قاپاتقۇلار چىقىپ قالىدۇ.
7. كۆز ئۇچى بىلەن بۇرۇننىڭ ئوتتۇرىسىغىراق چىقىپ قالسا: بۇمۇ ئادەتتە جىگەرنىڭ رولى ياخشى بولمىغانلىقتىن بولىدۇ.
8. ئېغىزنىڭ چۆرىسىگە چىقىپ قالغان قاپارتقۇلار: ئادەتتە قەۋزىيەت ئېغىرلاپ بەدەندىكى توكسىن بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتەلمىگەنلىكتىن، ياكى تەركىبىدە فتور ماددىسى بەك كۆپ بولغان چىش پاستىلىرىنى ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىقىدۇ.
9. ئوڭ تەرەپ مەڭىزگە چىقسا: ئادەتتە چىقىپلا يوقاپ كەتسە، بۇ زۇكامنىڭ ئالامىتى. لېكىن ئادەتتە داۋاملىق بىر نېمە چىقىپ قالىدىغان بولسا، پۇت-قوللار سوغاق تۇرىدىغان بولسا بۇ ئۆپكىنىڭ ئىقتىدارىدىن مەسىلە چىققانلىقىنى بىلدۈرىشى مۇمكىن.
10. پېشانىگە چىقسا: بەلكىم ئادەتتە بېسىم ناھايىتى ئېغىر بولۇپ كېتىپ، يۈرەكنى ئىسسىق ئېلىپ كېتىشتىن، ياكى قان ئايلىنىش سېستېمىسىدىن مەسىلە چىققانلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن.
چوقۇم شۇنداق دەپ تۇرۇۋالغىلى بولماس، لېكىن سالامەتلىكىڭلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ قويارسىلەر.
_ ئىزدىنىشتىن مەستۇرە يازمىسى
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: دانىخورەك
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
مەن يانا سىلنى ئاۋرا قىلىدىغان بولدۇم ؟مەن توي قىلغلى بىر يىرىم يىل بولدى . مەن بۇ يىل 24 كە كىرىدىم مەن توي قىلغان تۇنجى ئايدا قاپتكەن.مەن بۇنى بېلمەي كېرئالغۇ يۆتكەپ قاپتمەن ،شۇنىڭ بىلەن 55 كۈنلۈك بولغاندا چۈشۈپ كەتتى.مانا شۇندىن بىرى قالمايۋاتىدۇ.داۋالاش ئىلېپ بارىغان بولسامۇ ئۇنۇمى بولمىدى .........
ئاۋاۋال ياراتقان ئىگەمدىن ئۇندىن قالسا سىلىدن ياردەم سورايمەن.بۇنىڭغا ئامال بارمۇ ؟
داۋا بولسا بىزدەك پەرزەنت مېھرىگە تەشنالارغا ياردەملىرنى ئايمىغايلا خۇدايىم شۇ ئەجىرلىرگە كاتتا ئەجىر بىرە.. جاۋاپ يازىغان قولىلرىغا دەرت بەرمىسۇن ؟.ئىغر كۆرىمەي تىزرەك جاۋاپ بەرگەن بولسلا!!!!!! ..................
رەخمەت!!!! ..........