18ياشلىقلارغا 10 تەۋسىيە [ئەركەكلەر]
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2010-12-26
ئەسسالامۇئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندى ، مەن بۇيىل 18 ياشقا كىردىم ، بۇرۇن كىچىك بولغاچقىمىكىن دوستلىرىمنىڭ ئېزىقتۇرشى بىلەن ئەگىشىپ ئانالىزىمغا ئۆگىنىپ قالغان 3 يىل بولدى ... (ئۇدا ئەمەس ئارلاپ ئارلاپ ) ، ئەمما ھازىر ئۇنىڭدىن تەلتۈكۈس ۋاز كەچتىم ، اللە نىڭ ھممىتى بىلەن ئۇ ناچار ھەۋەستىن ئاخىرى قۇتۇلدۇم . ئەمما شۇنىڭدىن قورقىۋاتىمەن ، ئانالىزىمنىڭ تەسىرى كىېيىن بولۇپ قالارمۇ ، زەكىرىم ھازىر ئانچىمۇ چوڭ ئەمەس ... بەلكىم ئانالىزىمنىڭ تەسىرىدىنمىدۇ ؟ ماڭا بۇ توغۇرلۇق مەسىلىھەت بەرگەن بولسىڭىز، مەن بۇ توغۇرلۇق بىلىملەرنى تازا بىلىپ كەتمەيمەن .. 18 ياشقا ئەمدى توشتۇم شۇڭا سىلەرنىڭ مەسىلەھەت بىرىشىڭلارغا مۇھتاجمەن رەھمەت ...
15-16 ياشتىن تارتىپ تاكى 21 ياشقىچە بولغان ۋاقىت ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان، ئەزالار تەرەققى قىلىۋاتقان موھىم بىر مەزگىلى. ئاتىلار سۆزى بويچە ئېيتقاندا ئوغۇلبالىغا يىلىك توشىدىغان، سۆڭەك قاتىدىغان ۋاقىت. مۇشۇ موھىم مەزگىلدە ئانانىزىمغا ئادەتلىنىپ قىلىش، كۆپ ئىھتىلام بولۇش ئۇزۇن ۋاقىت داۋام قىلىش، قۇۋۋەتلىك ئوزۇقلانماسلىق ۋە ھەرخىل روھىي بېسىم دېگەندەكلەر قوشۇلۇپ كىيىنكى جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىققا بەزى-بىر سەلبىي تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ھەقتە ئىلگىركى تېمىلاردا كۆپ توختالغان بولغاچقا قايتا سۆزلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارايمەن. سىزنىڭ ھازىر ئۇ ئادەتتىن قول ئۈزۈپ ساغلام روھىي ھالەتنى ساقلىغىنىڭىزنىڭ ئۆزى سىز ئۈچۈن چوڭ ئىش دېسەكمۇ بولىدۇ. بۇندىن كىيىن ناتوغرا ئادەتلەرگە ئۈگۈنۈپ قىلىشتىن ئىمكان بار ساقلىنىپ ئىلمىي ئوزۇقلىنىشقا ئەھمىيەت بىرىپ، بەدەن چىنىقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ بەرسىڭىز كىيىنكى تۇرمۇشىڭىزغا بەك چوڭ تەسىرى بولۇپ كېتىشى ناتايىن.
بۇندىن كىيىن ئانانىزىمنىڭ يامان تەسىرىنىڭ بولىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن 18 ياشلىق دوستلارغا تەۋسىيەم:
1.دىققەتنى ئۈگۈنۈشكە مەركەزلەشتۈرۈش، بوش ۋاقىتلارنى ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا سەرپ قىلىش.
2.سېرىق مەزمۇندىكى گەپ-سۆز، پاراڭلارنى قىلىشماسلىق ۋە شۇنداق مەزمۇندىكى كىنو-فىلىم، رەسىم، كىتابلارنى كۆرمەسلىك.
3.بەدەن چىنىقتۇرۇپ بىرىش؛
4.ئىسىل پەزىلەتلىك كىشىلەر، ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلار بىلەن دوست بولۇپ پات-پات ئۇلارنىڭ سۆھبىتىدە بولۇش؛
5.غىدىقلىغۇچى، مەس-كەيىپ قىلغۇچى، روھلاندۇرغۇچى ھاراق-تاماكا، نەشە، چۇمادو، مەجۈن دېگەندەكلەرگە يېقىن يولىماسلىق،
6.زىيادە ئاچچىق، سوغۇق يېمەك-ئىچمەكلەرنى ئىمكان بار ئىستىمال قىلماسلىق ياكى كۆپ ئىستىمال قىلماسلىق. مەسىلەن: لەڭپۇڭ-راڭپىزا، كالا-گۆشلىك ئۈگرە، تەييار چۆپ، كولا ۋە باشقا سوغۇق ئىچىملىكلەر دېگەندەك.
8.ئانچە-مۇنچە شورپىلىق تاماقلارنى ئىستىمال قىلىش، سەي-كۆكتات، قۇرۇق يەل-يېمىشلەرنى يەپ تۇرۇش.
9.ئەتتىگەنلىك ناشتىغا چوقۇم ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش. ناشتىلىقتا ئىمكان بار: ھەسەل، سۈت، تۇخۇم، ياڭاق، بادام مېغىزلىرى، خورما، ئاپتاۋى قىزىل ئۈزۈم، گۈلقەنت، ئەنجۈر مۇرابباسى دېگەندەكلەردىن كەم دېگەندە 2-3 خىلى بولۇش.
10.بالدۇر يېتىپ سەھەر تۇرۇش، ئويغىنىپ بولغاندىن كىيىن ئېغىناپ ياتماسلىق...
______________ بىرزات
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ئەركەك ئانانىزىم ئوزۇقلۇق
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
بالا بوپ كىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۈزۈك سالدۇرۇشنىڭ سالامەتلىككە ۋە كىيىنكى ھامىلدارلىققا زىيىنى بارمۇ ؟
kiqikip hiskilipyitiptiman.ozumdin bekla umtsizliniwatiamn.
ئۇغۇلبالىنىڭ بىلى قاتمىسا بولمايدۇ، بولمىسا توي كىچىسى قىزنى رازى قىلالمايدىغان ئىش چىقىدۇ، بىر قېتىم بولسىمۇ ئۆزىنى سىناپ بىقىش كىرەك دەپ، مېنى پاھىشەخانىغا زورلا ۋاتىدۇ، ئۇلار18ياشلاردىكى بالىلار، مەن كېسەل بولۇپ قىلشتىن قورقۇپ رەت قىلىپ كىلۋاتىمەن، ئۇلارنىڭ گىپىنىڭ ئاساسى بارمۇ؟
لىكىن مەن تاماكا-ھاراق ۋە باشقا نەرسىلەرگە يېقىن كىلىپ باقمىدىم، تامىكىغا زورلاپ باقتى، مۆكۈپ يۈرۈپ چىكىشنى ئىغىر كۆرۈپ قۇبۇل قىلمىدىم، ئۇلار تاماكىمۇ يىگىتلىكنى ئاشۇردۇ دەيدۇ، بۇ گەپنىڭمۇ ئاساسى بامۇ؟
مەن سورىغان سۇئالىمنى ھەم جاۋابىنى تاپالمىدىم ، قانداق ئىزدەشنى دەپ بەرسىڭىز بوپتىكەن....
مەن يوشۇرۇن ھالەتتە سۇئال سورىغان ....ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم .......
ياخشى تۇرۋاتقانسىز بىرزات ئاكا ! مىنڭ مۇشۇ ئەھۋالمغا تەپسىلىرەك جاۋاپ بەرگەن بولسىڭىز!
مەن بۇيىل 20 ياش قەشقەر دىن ، مەن 4 ~5يىل بۇرۇن ئازراق ئانانىزىم بىلەن يۈرگەن ، ئەمما2يىلچە بولدى ،سىزنىڭ يىتەكچىلكىزدە توربىتىڭزنى كۆرگەندىن كىيىن قول ئۈزدۇم! رەھمەت سىلىگە!
ھازىرقى مەسلە، كۈندۇزى پۇتۈن بەدىنم نۇرمال قىززق )ئسسىق) بىراق كىچىسى ئسسق پار بار ئۆيدە ياتساممۇ يەنىلا كىندكىمنڭ ئۈستى تەرەپ مۇزدەك تۇرىدۇ ! بۇ نىمە ئىش؟؟؟ يەنى زەكىرىم بۇرۇنقىدىن 4سانتا كىچكلىگەن ئەھۋال بار! ئەمما جىنسى تورمۇشۇم بەك كۆڭۈللۈك !
مەندىكى ناچار ئىللەت ،ئەتىگىنى كۆپۈنچە ناشتىغا سەل قارايمەن ! كۆپۈنچە ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلمەن !
سىلدىن دورا چاي ئالاتتىم ! داۋا بولارمۇ ؟ چۇقۇم ياردەم قىلسىلا! سىلگە كۆپ رەخمەت !
مەن ئۇزۇن بولدى 80 خالتا تورىغا چىقىپ كىلىۋاتىمەن. بىر نەرسىنى تازا چۈشىنەلمىدىم.ياردەم قىلغان بولسىڭىز.ئەرلەردىكى مەزى بىزى كىسىلى زادى قانداق كىسەل ؟ئالامىتى قانداق؟ئەرلەر مەزى بىزى ياكى ئەمەسلىكىنى قانداق بىلەلەيدۇ؟
رەخمەت.
1. مەن بۇيىل 30 ياشقا كىردىم. 3 يىل بولدى، ئارلاپ - ئارلاپ يۈركۈمگە يېڭنە سانچىغاندەڭ ئاغرىپ توختاپ قالىدۇ. ( بىر قىتىم 10 مىنۇتقىچە نەپەس ئىلىشىم قىيىنلىشىپ كەتتى. )
2. تولىراق بەزى ۋاقىتلاردا سول كۆكرىكىم ئاغرىيدۇ، لىكىن بۇ ئاغرىق يۆتكىلىدۇ،بەزى ئۇستىدىرەك بەزى ئاستىدىراق ،ئەمما باشقا يۈرەك كىسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۇلمەيدۇ.
بۇ ئاغرىق يۈرەك كىسەللىك ئالامەتلىرىمۇ؟ ياكى كۆكرەك مۇسكۇلىلىرىدىكى قوقاقمۇ؟ مۇشۇ ھەقتە مەسلىھەت بەرگەن بولسىلا!
چچ 529915475