ئاياللار پىسخىك كەيپىياتىنى قانداق تەڭشەش كېرەك؟
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2010-12-26
ھۆرمەتلىك بىر زات ئەپەندىم ، خىزمەتنى ئىككى -ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق بىسىپ ئىشلىسەم ۋە ئارام كۈنلىرى تاماق ئەتكەش ئۆي تازلاپ كىر قاتلارنى يۇسام دىگەندەك ئىشلار سەۋەپلىك سەللا ھارغىنلىق يەتسە ، نىرۋام ئىتتىكلەپ ، ئاسانلا چىچىلىدىغان ، تىرىكىپ يولدۇشۇمغا بەزى كۆڭۈل ئاغرىقى ئەكىلىدىغان ياكى يىغلايدىغان بولىۋالدىم .
بۇ نىرۋامنىڭ چارچىغانلىقىمۇ ؟ بۇ ئىشلار ئادەتتىكى تۇرمۇش ئىشلىرىغۇ ، مەن ئاجىزلاپ كەتتىمۇ ؟
قانداق قىلسام ئاسان چېچىلمايمەن ؟ بۇرۇن بۇنداق مىجەزىم يوقتى ، مەن ئۆيدىكىلەرگە بىسىم پەيدا قىلغىم يوق . دوختۇرغا بېرىپ چوڭ قان تومۇرۇمدىن قان ئېلىپ ، بويۇن لىنفا بەز سىتىمىسىنى甲亢 نى تەكشۇرتۇپمۇ باقتىم ، نورمال چىقتى .
ماڭا بىر يول كۆرسىتىپ بەرسىڭىز .
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام:
سىزدىكى بۇ مەسىلە زىيادە چارچاش ياكى ھەر خىل روھىي بېسىملار سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان بولىشى مومكىن. بۇ ھالدا ئارام ئىلىش، پىسخىك جەھەتتىن تەڭشەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىپ ئۆزىڭىز پەيدا قىلىۋاتقان ھەر خىل بېسىملار ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇپ چىقىشىڭىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرنى سىناپ بېقىڭ:
1.ئۆزىڭىز ئازادىلىك ھېس قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىپ بېسىم پەيدا قىلىدىغان، چارچىتىدىغان ئىشلارنى ۋاقىتلىق تاشلاپ قويسىڭىز بولىدۇ.
2.موھىت ئالماشتۇرۇپ كۆرۈپ بېقىڭ، سىرتلارغا چىقىپ بىر قانچە كۈن سەيلى-ساياھەت قىلىپ كىلىڭ، كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بولغان تۇققانلار، دوستلىرىڭىزنى يوقلاپ ھال-مۇڭ بولۇشۇڭ، ھېچبولمىغاندا يولدىشىڭىز بىلەن يېڭى ئىچىلغان، موھىتى ئازادە تاماقخانا، چايخانىلارغا بىرىپ تۇرۇڭ!
3.ياتاق ئۆيىڭىزگە يېڭى گۈللەرنى قويۇڭ، كارۋات ياپقۇچ، كىرلىك دېگەنلەرنى ئالماشتۇرۇپ قويۇڭ. كەيپىياتنى تەڭشەشتە بۇلارنىڭ رولىغىمۇ سەل قارىغىلى بولمايدۇ.
4.بازار ئايلىنىڭ - ئاياللارنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشەشتە بازار ئايلىنىشتىنمۇ ياخشىراق ئۇسۇل بولمىسا كېرەك. يېڭى چىققان ئۆزگىچە پۇراقلىق ئەترىلەر، ئۆزگىچە نۇسقىدىكى سومكىلار، يارىشىملىق يېڭى پاسوندىكى كىيىم-كېچەكلەر دېگەندەكلەرنى ئالمىسىڭىزمۇ كۆرۈپ ، تۇتۇپ بېقىپ، باھاسىنى سوراپ قويۇپ قايتىپ كەلسىڭىزمۇ ھېساب
يېمەك-ئىچمەك جەھەتتىن :
ھەسەل، قىزىل گۈلقەنت ئىستىمال قىلىپ بىرىش، رەيھان، لاچىندانە، زەپە، قىزىل گۈل، سۇمبۇل قاتارلىقلاردىن تەڭشەپ چاي ئىچىپ بىرىش كۆڭۈلنى ئىچىپ نېرۋىنى قۇۋۋەتلەيدۇ، ئۇيقۇ سۈپىتىنى ياخشىلاپ تېرىنى جۇلالاندۇرىدۇ.
ھېلىلە مۇرابباسى ئىستىمال قىلىپ بەرسە مېڭىدىكى نۇرمالسىز سەپرا خىلىتىنى تەڭشەپ ئاسان چېچىلىش، كەيپىياتى تۇراقسىز بولۇش، باش قېيىش، كۆڭۈل ئىلىشىش، چاچ بالدۇر ئاقىرىش دېگەندەكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
كارىباش ئوت(ئۇستىقۇددۇس شەربىتى)- مېڭىدىكى نۇرمالسىز سەۋدا خىلىتىنى تازىلايدۇ. ئورۇنسىز گۇمان قىلىش، تولا خىيال سۈرۈش، ئۆزىنى ئەيىپلەش، سەۋەبسىز يۈرىكى سېقىلىش، تۇرۇپلا يېغلىغۇسى كىلىش دېگەندەك مالۇخۇلىيا ئالامەتلىرىگە ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ.
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
بىرزات ئەپەندىم، بىر يىلدىن بېرى يۈزۈمگە تۇيۇقسىز مەڭ چىقىپ كەتتى، بۇرۇنمۇ بار ئىدى،ئەمما ھازىرقىدەك جىق ئەمەستى. مەڭ چىقىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟ نۇر ئارقىلىق داۋالىماي تىبابەت دورىلىرى ئارقىلىق يوقاتقىلى بولامدۇ؟ مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز، رەھمەت!
ئەمدى بانادىن باناغا ھىكىمدىم بىر ئىشنى سورىۋالاي، مېنىڭ بېلىم بەك ئاغرىيدۇ. يېقىننىڭ ياقى ھەببى ئۆشبە بىلەن مۇنزىچ جەۋھىرىنى ئىچىۋاتىمەن. ياللۇغ بولىشى مۇمكىن دىگەنىدى دۇختۇر. لىكىن مەن ھازىر ۋەتەندە ئەمەس، يەنى سىز دىگەندەك دورىلاردىن تېپىپ ئىچىش ئىمكانىيىتىم يوق. ئۇنداق بولغاندىن كېيىن ئىسسىق تۇتۇش بىلەن تازلىققا دىققەت قىلىشتىن باشقا يەنە نىمە ئىشلارغا دىققەت قىلسام بولىدۇ؟قانداق دورلارنى تەۋسىيە قىلىسىز؟ دۇختۇرغا كۆرۈنۈشكە ۋاقتىم چىقمايۋاتىدۇ.
باشنىڭ قاتتىق ئاغرىشىنىڭ ساغلاملىققا قانداق تەسىرى بار؟ ئۇنتۇغاق قىلىپ قويامدۇ؟ چۈنكى يېقىننىڭ ياقى ئۆزەمنى ئۇنتۇغاق بولۇپ قالغاندەك ھىس قىلىۋاتىمەن. سىزنى ئاۋارە قىلدىم. بەك تاقا-تۇققاسۆزلەپ كەتتىم. رەھمەت.