تېلفۇننىڭ سائەت قوڭغۇرقى كۈندىكىدەك سەھەر 5:30 دا سايرىدى. ئاۋازنى توختۇتۇپ ئورنۇمدىن تۇرۇشقا شۇنچە تەرەددۇتلانغان بولساممۇ بېشىمنى كۆتۈرەلمەي ئۇخلاپ قاپتىمەن. ئوغلۇمنىڭ يېغا ئاۋازىدىن چۈچۈپ ئويغىنىپ سائەتكە قارىسام 6:45 بولۇپ كېتىپتۇ. كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا دادام سەھەردە مەسچىتتىن كىرگىچە ئۇخلاپ ياتقىنىمىزنى كۆرۈپ قالسا بەك خاپا بولۇپ كىتەتتى، - سەھەردە ئۇخلاپ ياتقان ئادەمگە شەيتان ھەمرا بولىدۇ، ناماز ۋاقتىدا ئۇخلاپ ياتقان ئادەم قان يېرىڭ ئىچىدە ياتقان بىلەن ئوخشاش. سەھەر تۇرغان ئادەمنىڭ دىلى يورۇق، ئىشلىرى بەركەتلىك بولىدۇ دەپ نەسىھەت قىلاتتى.  ئوھ ، بۈگۈن تازا ئۇخلاپتىمەن دە،- دەپ ئورنىمدىن تۇرۇپ تاھارەت ئىلىپ، تاڭ ئىتىپ كېتىۋاتسىمۇ خىيالىدا يوق ئۇخلاۋاتقان ئايالىمنى تۈرتۈپ ئويغۇتىۋېتىپ بومدات نامىزىغا تۇردۇم. بىنانىڭ يان تەرىپىدىكى خوراز چىللىغىلى تۇردى، تۆۋە ، بۇ كەمنىڭ خورازلىرىمۇ ئۇخلايدىغان بولۇپ كېتىپتۇ، تاڭ ئاتقىلى نەۋاق دېگەنلەرنى خىيال قىلغاچ سائەتكە قارىسام 7:30 بوپتۇ. بولدىلا ناشتىنى دۇكاندىلا قىلاي دەپ ئايالىمنىڭ ئەتتىگەندە ئۆيدە ناشتا قىلىپ مېڭىشىنى ئېيتىپ تەكرار يالۋۇرۇشلىرىغا پىسەنت قىلماي ئالدىراپ ئىشىكتىن چىقتىم. قارىسام چىراقلار يورۇتۇپ تۇرغان قورۇ ئىچى جىمجىت، قوشنىلىرىمنىڭ چىراقلىرىمۇ يانمىغان. ھەي شەھەرلىكلەر، بۈگۈن شەنبە-دەم ئىلىش كۈنى دەپ مۇشۇ ۋاقىتقىچە غەپلەت ئۇيقۇسىدا ئۇخلاۋەرگەن گەپ، ئالەم-جاھان يۇرۇپ تاڭ ئاتقىلى نىكەم دەپ ئۆزۈمگە سۆزلىگەچ بېشىمنى لىڭىشتىپ قويۇپ يولۇمغا راۋان بولدۇم. كوچىدا ئاندا-ساندا ماشىنىلار ئۆتۈپ تۇرغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا ھەممە ياق جىمجىت، نوربېشىدىكى كۈندە ناماز بومداتتىن يىنىپ بولغىچە نېنى پىشىپ بولدىغان ناۋاي ئەسنەپ، كىرىلىپ تونۇرىنىڭ كۈلىنى ئالغىلى تۇرۇپتۇ. ما ناۋايمۇ ئۇخلاپتۇدە بۈگۈن دەپ ئالدىمغا مېڭىپ قارىسام ئېگىز ئېرىق دوقمىشىدىكى مەسچىت ئىشىكى تېخىچە ئوچۇق، ھويلىسىدا چىراق يىنىپ تۇرىدۇ. تۆۋە بۈگۈن ماۋۇ ئادەملەرگە نېمە بولغاندۇ، ھەممىسى ئۇخلاپتۇيا،

" /> بىرزاتنىڭ شەنبە كۈنىسى [ئەدەبىي يازمىلىرىم] - 80 خالتا بلوگى

بىرزاتنىڭ شەنبە كۈنىسى [ئەدەبىي يازمىلىرىم]


 تېلفۇننىڭ سائەت قوڭغۇرقى كۈندىكىدەك سەھەر 5:30 دا سايرىدى. ئاۋازنى توختۇتۇپ ئورنۇمدىن تۇرۇشقا شۇنچە تەرەددۇتلانغان بولساممۇ بېشىمنى كۆتۈرەلمەي ئۇخلاپ قاپتىمەن. ئوغلۇمنىڭ يېغا ئاۋازىدىن چۈچۈپ ئويغىنىپ سائەتكە قارىسام 6:45 بولۇپ كېتىپتۇ. كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا دادام سەھەردە مەسچىتتىن كىرگىچە ئۇخلاپ ياتقىنىمىزنى كۆرۈپ قالسا بەك خاپا بولۇپ كىتەتتى، - سەھەردە ئۇخلاپ ياتقان ئادەمگە شەيتان ھەمرا بولىدۇ، ناماز ۋاقتىدا ئۇخلاپ ياتقان ئادەم قان - يېرىڭ ئىچىدە ياتقان بىلەن ئوخشاش. سەھەر تۇرغان ئادەمنىڭ دىلى يورۇق، ئىشلىرى بەركەتلىك بولىدۇ دەپ نەسىھەت قىلاتتى.  ئوھ ، بۈگۈن تازا ئۇخلاپتىمەن دە،- دەپ ئورنىمدىن تۇرۇپ تاھارەت ئىلىپ، تاڭ ئىتىپ كېتىۋاتسىمۇ خىيالىدا يوق ئۇخلاۋاتقان ئايالىمنى تۈرتۈپ ئويغۇتىۋېتىپ بومدات نامىزىغا تۇردۇم. بىنانىڭ يان تەرىپىدىكى خوراز چىللىغىلى تۇردى، تۆۋە ، بۇ كەمنىڭ خورازلىرىمۇ ئۇخلايدىغان بولۇپ كېتىپتۇ، تاڭ ئاتقىلى نەۋاق دېگەنلەرنى خىيال قىلغاچ سائەتكە قارىسام 7:30 بوپتۇ. بولدىلا ناشتىنى دۇكاندىلا قىلاي دەپ ئايالىمنىڭ ئەتتىگەندە ئۆيدە ناشتا قىلىپ مېڭىشىنى ئېيتىپ تەكرار يالۋۇرۇشلىرىغا پىسەنت قىلماي ئالدىراپ ئىشىكتىن چىقتىم. قارىسام چىراقلار يورۇتۇپ تۇرغان قورۇ ئىچى جىمجىت، قوشنىلىرىمنىڭ چىراقلىرىمۇ يانمىغان. ھەي شەھەرلىكلەر، بۈگۈن شەنبە-دەم ئىلىش كۈنى دەپ مۇشۇ ۋاقىتقىچە غەپلەت ئۇيقۇسىدا ئۇخلاۋەرگەن گەپ، ئالەم-جاھان يۇرۇپ تاڭ ئاتقىلى نىكەم دەپ ئۆزۈمگە سۆزلىگەچ بېشىمنى لىڭىشتىپ قويۇپ يولۇمغا راۋان بولدۇم. كوچىدا ئاندا-ساندا ماشىنىلار ئۆتۈپ تۇرغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا ھەممە ياق جىمجىت، نوربېشىدىكى كۈندە ناماز بومداتتىن يىنىپ بولغىچە نېنى پىشىپ بولدىغان ناۋاي ئەسنەپ، كىرىلىپ تونۇرىنىڭ كۈلىنى ئالغىلى تۇرۇپتۇ. ما ناۋايمۇ ئۇخلاپتۇدە بۈگۈن دەپ ئالدىمغا مېڭىپ قارىسام ئېگىز ئېرىق دوقمىشىدىكى مەسچىت ئىشىكى تېخىچە ئوچۇق، ھويلىسىدا چىراق يىنىپ تۇرىدۇ. تۆۋە بۈگۈن ماۋۇ ئادەملەرگە نېمە بولغاندۇ، ھەممىسى ئۇخلاپتۇيا، دەپ ئىلدام مېڭىپ دۇكىنىمغا كىرىپ كومپيۇتېرنى ئىچىپ قويغاچ چاي قاينىتىپ ھەسەل سۈيى بىلەن تۈنۈگۈن ئانام يېقىپ ئىلىپ كىرگەن كاۋا سامسىسىدا ناشتا قىلىپ ئولتۇرۇپ تورنى ئىچىپ 80خالتا بلوگى ئۈچۈن يېڭىدىن ئىلتىماس قىلىپ ئۇلاپ قويغان

www.80halta.net

 تور نامىنى كىرگۈزۈپ ئىچىپ باقسام بلوگىم نۇرمال ئىچىلىپ قالدى. 15 كۈندىن بىرى ئىچىلماي ئىچىم سىقىلىپ تۇرغاندا بلوگىم بىلەن تەڭ كۆڭلۈممۇ ۋاللىدە ئىچىلىپ كەتتى.

يۈكسەل

بلوگىغا كىرىپ 2010-يىللىق نادىر بلوگلارنى باھالاشقا چۈشكەن بىلەت سانىنى كۆرۈپ باقتىم ، 80خالتا بلوگى 15 كۈندىن بىرى ئىچىلماي قالغان بولسىمۇ بىلەت سانى يەنىلا يۇقۇرى ئورۇندا تۇرۇپتۇ. تورداشلارنىڭ ھىممىتىگە غايىبانە تەشەككۈر ئېيتقاچ بىردەم ئۇنى - بۇنى چىكىپ كۆرۈپ مالتىلاپ ئولتۇرسام ھېيتگاھ مەسچىتنىڭ مۇئەززىنى گېلىنىپ قىرىپ قويۇپ مۇڭلۇق ئاۋازدا ئەزان ئېيتقىلى تۇردى. ئوھ، نېمە ئىش بولۇپ كەتكىلى تۇردى بۈگۈن دەپ سىرتقا چىقىپ قارىسام كوچا چىراقلىرى يەنىلا چاقناپ تۇرىدۇ، ئاسمان تېخىچە قاپ-قاراڭغۇ، سائەتكە قارىسام 8:30 بوپتۇ. شۇندىلا، بۈگۈن ئۆزۈمنىڭ تولىمۇ سەھەر تۇرىۋالغانلىقىمنى، تېلفۇن سائىتىمگە بىرسىنىڭ چاقچاق قىلىپ قويغانلىقىنى بىلدىم. ئايالىمغا تېلفۇن قىلسام شۆۋگۈرۈچ ئىتىپ باللارغا ئىچكۈزىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. بۈگۈنكى شەنبە مانا مۇشۇنداق باشلاندى. خەيرىلىك بولغاي!

25-12-2010




[Birzat بۇنى 2011-01-03 11:26 AM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: بىرزات

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 8 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماxamxar123[2012-07-16 11:14 AM | del]
مەنمۇ بىر كۈنى نىيەنزىگۇ بېكەتكە چوڭلارنى ئالغىلى بارماقچى بولۇپ، سائەتنى شىنجاڭ ۋاقتى 4 يرىمغا تەڭشىدىم دەپ بېيجىڭ ۋاقتىغا تەڭشەپ قويۇپتىمەن،  بىر چاغدا سائەت قاتتىق سايراپ كەتتى. ۋاي ئاللاھ تېخى بايىلا ياتقاندەك قىلغان ئىدىم دەپ ئايالىمى ئويغۇتۇپ يۈزنى يۇماستىنلا ماشىنا توساپ بېكەتكە يۈرۈپ كەتتۇق، بېكەتكە بارساق ئادەم ئىنساننىڭ تايىنى يوق، بۇ ئەمدى نېمە ئىشتۇ دەپ بىر تاكسىچىدىن سورىسام سائەت ئەمدى 2 يېىم بولدى دېمەسا،،  
回复قايتۇرماboys[2011-09-25 10:32 PM | del]
ئاخرقى ھېسابتا سىزمۇ زىيان تارتماپسىز............. ھا ھا ھا ! بۇنداق ئىشلار بوپ تۇرىدۇ، سىزگە ئامەت يار بولسۇن!
回复قايتۇرماokya09[2011-01-07 00:37 AM | del]
ھۆرمەتلىك بىرزات ئەپەندىم مىنىڭ يوللىغان ئىنكاسىمغا بىر جاۋاپ يوللاپ  قويسىڭىز خوش بۇلۇپ قالسام..呵呵
回复قايتۇرماtakat[2010-12-30 03:42 PM | del]
回复قايتۇرماmuzart01[2010-12-30 02:01 PM | del]
شىكەر شەنبە بوپتۇدە ،مەنمۇ بىر قىتىم شۇنداق بولغان خىزمەددىشىم سائىتىنى بىجىڭ ۋاختىغا تەشەپ قويۇپتىكەن ئىككى سائەت بۇرۇن مەسچىدكە بىرىۋاپتىمەن.
回复قايتۇرماtaxqi2[2010-12-25 05:18 PM | del]
شۇندا قىلىپ ئەزان ئوقۇمىسىمۇ بامدات ئوقۇۋېتىپ يۈدىڭىز.....ھەنىم بولسا كۈل تارتىۋاتقان ناۋاينىڭ يېنىغا بېرىپ نان ئالماقچى ئىدىم ،بۇگۈن نىمىشقا كىيىن قالدىڭلا دەپ سورىماپسىز.......
回复قايتۇرماshahuyghur[2010-12-25 04:20 PM | del]
باشقا سائەت يوقمىدى ئۆيدە
Birzat نىڭ ئىنكاسىغا جاۋاب قايتۇرۇش Birzat نىڭ 2010-12-25 04:34 PM دە قالدۇرغان جاۋابى
ئۆيدىكى تام سائىتى بۇزۇلۇپ قاپتىكەن.
يۇمۇر تۇيغۇڭلار يوق باللاكەنسىلە، ھا ھا ...
回复قايتۇرماmmm[2010-12-25 11:38 AM | del]
ئۆيگە تام سائەتتىن بىرنى ئالىلى ئەمدى...
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.