


سەندەل ئىسسىقلىق ساقلاش ساغلاملىق كىگىزى
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2010-10-30
بۇ ئىسسىقلىق ساقلاش ساغلاملىق كىگزى تەبئىي ساپ تۆگە يۇڭى، قوي يۇڭىدىن ئىشلەنگەن مەھسۇلات بولۇپ، ھېچقانداق سۈنئىي ماتىريال ئارىلاشمىغان تەبئىي مەھسۇلات. بۇ كىگىز ئادەم بەدىنىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە ئىسسىقلىق ئۆتكۈزۈش ئالاھىدىلىكى بولۇپ ئىھتىياجغا ئاساسەن ئىسسىقلىق ھارارىتىنى يۇقۇرى-تۆۋەن تەڭشەپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. قىشنىڭ ئۇزۇن كۈنلىرىدە ئوت قالىمىغان، مەش قويسىمۇ ياخشى ئىسسىيالمايدىغان ئۆيلەردە ئىشلىتىشكە ناھايتى ماس كىلىدۇ.
پۇت-قولى داۋاملىق سوغۇق ھېس قىلىدىغان، سوغۇقتىن بەل-پۇتى تىلىپ ئاغرىيدىغان، ئويغانغاندا باش ئېغىرلىشىدىغانلارنىڭ قىش كۈنىدىكى ياخشى ھەمراھى بولالايدۇ.
بۇ كىگىز كەڭلىكى 80سانتىمىتېر، ئۇزۇنلىقى 180 سانتىمىتېر . توك سەرپىياتى تۆۋەن. بىخەتەر. كىگىز بىر قەۋەت ئاق رەخىت ئىچىگە ئىلىنغان بولۇپ ئۈستىگە كۆرپە سىلىپ ئىشلىتىشكىمۇ ھەم شۇ پىتى ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ. كىگىزنى ئورىغان ئاق رەخت (كىرلىك) نى ئىلىپ-سىلىشقا ئەپلىك بولۇپ پات-پات يۇيۇپ ئىشلەتسە بولىدۇ.
پارچە سىتىلىش باھاسى: 298 يۈئەن
قەشقەردىكى توپ تارقىتىش ئورنى: كونا ئاپتۇبۇس شىركىتى قورۇسى ئىچىدىكى تۇرسۇنجان شىپالىق كاڭ كارۋىتى مۇلازىمەت ئورنىدا. 0998-2822728، 13909987879، 13565652717
ۋاكالىتەن سىتىش ئورۇنلىرى:
قەشقەر نور بېشى يولى ھېيتگاھ جامە يان ئىشىك ئۇدۇلى 2-قەۋەتتىكى 80خالتا دۇكىنى
ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن. تېلفۇن: 0998-2820877، 15309982787
ئىشچىلار مەدەنىيەت سارىيى تۇرسۇنجان شىپالىق شور تۇز كاڭ كارۋىتى مۇلازىمەت ئورنىدا .
تېلفۇن: 2503316-0998 ، 13909987879
توقۇمچىلىق ئائىلە قورۇسى تۇرسۇنجان شىپالىق شور تۇز كاڭ كارۋىتى مۇلازىمەت ئورنى
تېلفۇن: 13369986104
ئىشلەپ چىقارغۇچى ئورۇن: خوتەن شەھەر تاڭنۇرى ئاپتوموبىل ئېلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى رېمىنوت قىلىش ۋە ياساش زاۋۇتى






تورداشلارنىڭ سۇئاللىرىنى كۆرۈپ خوتەندىكى مەزكۇر كىگىزنى ئىشلىگەن شىركەتكە تېلفۇن قىلىپ ئەھۋالنى سۈرۈشتە قىلدىم. ئۇلارنىڭ ئىيتىشىچە بۇ كىگىزنىڭ ئىچكى قىسمىغا كىرگۈزگەن ئىسسىتىش سىستېمىسىنى بىر قانچە يىل تەجىربە قىلىپ كۆرۈپ باققاندىن كىيىن مۇناسىۋەتلىك ئىدارە ئورۇنلارنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشى بىلەن بازارغا سالغان ئىكەن. كىگىزنىڭ 5-6 يىل ئىشلىتىشكە بەرداشلىق بىرىش ئۆمۈرىگە ئاساسەن ئىچىگە ئالغان سىم ۋە مۇناسىۋەتلىك دىتاللارنى ئىچكىردىكى خىلى يۇقۇرى تېخنىكىلىق ئورۇنلاردا ئىشلەتكۈزگەن ئىكەن. بۇ كىگىزنىڭ باشقا توكلۇق ئەديال، كورىيەنىڭ ئىسسىتىش يوپۇقى دېگەنلەردىن بولغان ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى بۇنىڭ رادئاتسىيەسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن بولۇشى ھەم بىخەتەرلىكىدۇر. تۆگە يۇڭى ھەم قوي يۇڭىنىڭ ئىسسىقلىق ساقلاش تەبئىي ئىقتىدارى بولۇپ ئادەتتە ھاۋا سوۋۇپ كەتمىگەن شارائىتتىمۇ توكقا ئۇلىماي ئاستىغا سىلىپ ياتسىمۇ سالامەتلىككە پايدىلىق ئىكەن.
توكقا چاتقاندىن كىيىن يىرىم سائەتلەردە ئاندىن ئىسسىق ئۆتۈشكە باشلايدىكەن. بۇنىڭغا ئىشلىتىلگەن توك سىملىرىدا توكقا چىتىلىش ۋاقتى ئۇزۇراپ كىتىش سەۋەبلىك قىززىپ كېتىدىغان ئەھۋال كۆرۈلمەيدىكەن.
ئالدىنقى يىلى مەنمۇ كورىيەنىڭ ئىسسىقلىق يوپۇقىنى ئىشلەتكەن. لىكىن ئۇنىڭدا زىيادە ئىسسىپ كىتىپ توكقا ئۇلانغان سىملىرى يۇمشاپ مېنى ئەنسىرتىپ قويغان ئىدى.
بۇ يىل بۇ كىگىزنىمۇ بىر قانچە كۈن ئىشلىتىپ كۆرۈپ باقتىم. ھەم ئىشەنچلىك ھەم ئۆزىمىزنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتى ئىكەن. قوللاشقا تىگىشلىك ئىكەن دەپ ئويلىدىم. شۇنىڭ بىلەن بلوگىمدا تەشۋىق قىلىپ قوياي دەپ بۇ ئىلاننى يوللاپ قويدۇم.
ھە راس، شىركەت بۇ كىگىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلىرىنى پات ئارىدا تورداشلارغا ئاشكارىلايدۇ.