مەجۇنات دورا رېتسىپلىرىدىن Uyghur traditional Medical Prescriptions
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2010-08-22
مەجۈنى ئازاراقى 1
تەركىبى : ئازاراقى مۇدەببەر 18 گرام ، گاۋزىبان گۈلى ، زۈرۈنباد ، ئۈستىقۇددۇس ، كەتىرا، نارجىل ، چىلىغوزا، شاقاقۇل ، لاچىندانە 6 گرامدىن ، ئاق سەندەل ، قەلەمپۇر 3 گرامدىن ، ئامىلە قارا ھېلىلە 15 گرامدىن ، ھەسەل 3 ھەسسە .
تەييارلىنىشى : كۆرسىتىلگەن دورىلارنى يۇمشاق سۇقۇپ ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ ، ئېرىتىلگەن ھەسەل ئۈستىگە سېلىپ ،تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن قىلسا بولىدۇ ، تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق .
تەسىرى : پەي - مۇسكۇللارنى چىڭىتىش ، بەدەننى قۇرۇتۇش ، ئۇمۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش ، ئاغرىق پەسەيتىش ئۈنۈمىگە ئىگە .
ئىشلىتىلىشى : پالەچ ، لەقۋا ، مۇپاسىل ، بەل ئاغرىقلىرى ، بۇۋاسىر كىسەللىكلىرىگە ، ھۆل مىجەزلىك كىشىلەرگە بېرىلىدۇ .
ئىشلىتىش مىقدارى : چوڭلارغا كىسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ 2-5گرام بېرىلىدۇ .
مەجۈنى ئازاراقى (2)
تەركىبى : زەنجىبىل ، قەلەمپۇر ، دارچىن ، جۇيۇز ، لاچىندانە، قارىمۇچ، پىلپىل ، سىيادان ، ئارپىبەدىيان ، خولىنجان بىر ھەسسىدىن ، مۇدەببەر قىلىنغان كۇچۇلا ھەممە دورا مىقدارى بىلەن تەڭ ، ھەسەل جەمئىي دورا مىقدارىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىچىلىك .
تەييارلىنىشى : دورىلارنى يۇمشاق سۇقۇپ ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ ، كۈپۈكى ئېلىنغان ھەسەل ئۈستىگە سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ . تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق .
تەسىرى : پەي - مۇسكۇللارنى چىڭىتىش ، بەدەننى قۇرۇتۇش ، ئۇمۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش ، ئاغرىق پەسەيتىش ئۈنۈمىگە ئىگە .
ئىشلىتىلىشى : پالەچ ، لەقۋا ، مۇپاسىل ، بەل ئاغرىقلىرى ، بۇۋاسىر ، بەدەن ئاجىزلىق كىسەللىكلىرىگە ، ھۆل مىجەزلىك كىشىلەرگە بېرىلىدۇ .
ئىشلىتىش مىقدارى : 10 ياشتىن تۆۋەنلەرگە بېرىلمەيدۇ ، 10 ياشتىن چوڭلارغا بەدەن ئەھۋالىغا قاراپ 1-2گرام ھەر كۈنى ناشتىدا ئاچ قورساق ئىچىشكە بېرىلىدۇ . كۆپ يىسە بولمايدۇ .
مەجۈنى ئەقرەب
تەركىبى : چايان كۈلى 10 گرام ، جىنتىيانا 5 گرام ، زەنجىۋىل 3 گرام ، قارىمۇچ 6 گىرام ، كاكىنەچ 17 گرام ، قۇندۇز قەھرى 12 گرام ، ھەسەل 3ھەسسە .
تەييارلىنىشى : چىڭسەي ئۇرۇقى سۈيى بىلەن ھەب قىلىنىدۇ .
تەسىرى : بۆرەك ۋە دوۋساقتىكى تاشنى ئېرىتىدۇ .
ئىشلىتىلىشى : بۆرەك ۋە سۈيدۈك يوللىرىدىكى ھەر خىل تاشلارنى ۋە دوۋساقتىكى تاشنى ئېرىتىپ چۈشۈرۈشكە ئىشلىتىدۇ .
ئىشلىتىش مىقدارى : 6 گرامدىن كۈندە ئۈچ ۋاخ بېرىلىدۇ .
مەجۈنى ئۇد
تەركىبى : ئۇد ، ئەنبەر ، ئىپار ، پارپا 3گىرامدىن ، دارچىن ، قارىمۇچ ، قەلەمپۇر 5 گرامدىن ، بادرەنجبۇيا ، گاۋزىبان ، ئارپىبەدىيان ، چىڭسەي ئۇرۇقى ، سۇمبۇل ئاپلىسىن پوستى 6گرامدىن ، ھەسەل ئىككى ھەسسە .
تەييارلىنىشى : ھەسەل بىلەن مەجۈن قىلىنىدۇ .
تەسىرى : ئاشقازاننى كۈچلەندۈرىدۇ .
ئىشلىتىلىشى : ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش ، ئاشقازان يارىسى ، ئاشقازان - ئۈچەي ئاجىزلىق كىسەللىكلىرىگە بېرىلىدۇ .
ئىشلىتىش مىقدارى : كۈندە 3 ۋاخ 6 گرامدىن تاماقتىن بۇرۇن بېرىلىدۇ .
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: رېتسىپ
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار: