ئاق مور(白木耳) يېرىم سۈزۈك، ئەۋرىشىم، ئېلاستىكىلىققا ئىگە بولۇپ، شەكىلى جۈخار گۈل، مودەن گۈلگە ياكى كەشتىلەنگەن توپقا ئوخشايدۇ؛ ئۇ تەركىبىدە يىرىك تالا بار ئورۇقلىتىش يېمەكلىكى بولۇپ ، ئوزۇقلۇق تەركىبى ئىنتايىن يۇقىرى بولغاچقا، داڭلىق قۇۋۋەت تولۇقلاش دورىسى ھېسابلىنىدۇ.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى:
ئاق مور تەركىبىدە ۋىتامىنD، شۇنىڭدەك گۈڭگۈرىت،فوسفور، ماگنىي، كالتىسي، كالىي، ناتىرىي، سېلېن قاتارلىقلار بار.

" /> ئاق مور(白木耳)نىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى Nutritional Value of Tremella - 80 خالتا بلوگى

ئاق مور(白木耳)نىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى Nutritional Value of Tremella


ئاق مور(白木耳) يېرىم سۈزۈك، ئەۋرىشىم، ئېلاستىكىلىققا ئىگە بولۇپ، شەكىلى جۈخار گۈل، مودەن گۈلگە ياكى كەشتىلەنگەن توپقا ئوخشايدۇ؛ ئۇ تەركىبىدە يىرىك تالا بار ئورۇقلىتىش يېمەكلىكى بولۇپ ، ئوزۇقلۇق تەركىبى ئىنتايىن يۇقىرى بولغاچقا، داڭلىق قۇۋۋەت تولۇقلاش دورىسى ھېسابلىنىدۇ.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
ئاق مور تەركىبىدە ۋىتامىنD، شۇنىڭدەك گۈڭگۈرىت،فوسفور، ماگنىي، كالتىسي، كالىي، ناتىرىي، سېلېن قاتارلىقلار بار.
ئاق مور ياشانغانلاردىكى سوزۇلما كانايچە ياللۇغى، ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسىلىگە قارىتا كۆرۈنەرلىك داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە. ئۇنىڭ تەبىئىتىي مۆتىدىل، تەمى بوشراق تاتلىق بولۇپ، مەنپىيلىكنى كۈچەيتىپ، ئۆپكىنى سىلىقلايدۇ، تالنى ۇۋۋەتلەندۇرۇپ، ئىشتىھانى ئېچىش،ئۇيقۇ كەلتۈرۈپ، ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇش، مەنپىيلىكنى قۇۋۋەتلەندۇرۇپ ، ئىسسقنى ياندۇرۇش، مېڭىنى قۇۋۋەتلەندۇرۇپ، روھنى كۆتۈرۈش رولىغا ئىگە، مەنپىيلىك زەئىپلىشپ ئىسسقى ئېشىپ كەتكەنلەر، ئادەمگىياھ، بۇغا مۈڭگۈزى ئىستېمال قىلسا بولمايدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئىنتايىن ياخشى بىر خىل قۇۋۋەت تولۇقلاش بويۇمى ھېسابلىنىدۇ.
ئاق مور ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىگە ياردەم بېرىپ، ياغنىڭ بەدەنگە شۈمۈرلۈشىنى ئازايتىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ ئورۇقلاشقا ياردەم بېرىش رولى بار.
ئاق مور يەنە كالتىسينىڭ يوقىلىپ كېتىشىنى توسىدۇ.ئورگانىزىمنىڭ ئۆسمىگە قارشى تۇرۇش ئىممۇنتېت كۈچىنى كۈچەيتىدۇ، يەنە ئۆسمىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ رادىئو ئاكتىپلىق داۋالاش، خىمىيىلىك داۋالاشقا بەردەشلىق بېرىش كۈچىنى كۈچەيتىدۇ.
ئاق مور تەركىبىدە مول ئۆسۈملۈك مەنبەلىك يېلىم بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەنپىيلىكنى قۇۋۋەتلەندۈرۈش رولى بار بولغاچقا، ئۇنى ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە تېرىنى سىلىقلايدۇ ھەمدە يۈزىدىكى سېرىق قوڭۇر داغ، سەپكۈننى يوقتىش ئۈنۈمى بولىدۇ.
ئاق مور جىگەرنىڭ زەھەر قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ،جىگەرنىڭ فونكىسىيىسىنى قوغدايدۇ.
ئىستېمال قىلشتا بىلىۋېلىشقا تېگشلىك ئىشلار
ئاق مورنى ئىستېمال قىلىشتىن بۇرۇن سۇغا3~4 سائەت چىلاپ قۇيۇش، سۇنى پات-پات ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش لازىم. مۇشۇنداق قىلغاندىلا گۈڭگۈرت(IV) ئوكسىدنىڭ قالدۇقىنى تازىلاپ چىقىرۋەتكىلى بولىدۇ. ئاق موردىن بوتقا تەييارلاپ ئىستېمال قىلغاندا قۇۋۋەت تولۇقلاش ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولىدۇ.
ئاق مورنى قايناق سۇغا چىلاپ كۆبجۈتۈش، كۆبجۈتكەندىن كېيىن ئېچىلمىغان قىسىمىنى ئېلىپ تاشلىۋېتىش، بولۇپمۇ سۇس سېرىق نەرسىلەرنى ئىلغاپ ئېلىۋېتىش لازىم. سۈپىتى ئۆزگەرگەن ئاق مور ئىستېمال قىلنسا زەھەرلىنىش رېئاكسىيسى يۈز بېرىدۇ، ئېغىر بولغاندا ھاياتىغا خەۋىپ يېتىدۇ.
ئاق مور ئۆپكىدىكى ئىسسقنى تۈگىتىدۇ، شۇڭا شامالداپ سوغۇق چىرمىۋالغانلار ئۇنى ئىستېمال قىلىشتىن پەرھىز تۇتۇشى لازىم.
ئاق موردىن ئۇماچ ياكى ئىچىملىك تەييارلاپ ئىچكەندە ئۈنۈمى بەك ياخشى بولىدۇ.
مەنبە: ۋېتامىن ۋە مىنىرال ماددىلار




[Birzat بۇنى 2010-08-22 07:37 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: مور ئاق

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 0 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.