قارامور(黑木耳) چىرىگەن ياغاچتىن ئۆسىدىغان بىرخىل يېمەكلىك زەمبۇرۇغى بولۇپ، رەڭگى قارامتۇل قوڭۇر بولغاچقا، قارا مور دەپ ئاتىلىدۇ.
قارا مورنىڭ ئېتى يۇمشاق، تەمى مەززىلىك، ئوزۇقلۇق تەركىبى مول بولۇپ، گۆشسىز قورۇپ ئىستېمال قىلسىمۇ، گۆش بىلەن بىللە قورۇپ ئىستېمال قىلسىمۇ بولىۋېرىدۇ.
قارا مورنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى مول بولۇپ«گۆشسىز قورۇمىدىكى گۆش» دېگەن نامى بار، ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ھايۋانات مەنبەلىك يېمەكلىكلەرنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ.
 

" /> قارا مور(黑木耳)نىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى Nutritional Value of Black Fungus - 80 خالتا بلوگى

قارا مور(黑木耳)نىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى Nutritional Value of Black Fungus


قارامور(黑木耳) چىرىگەن ياغاچتىن ئۆسىدىغان بىرخىل يېمەكلىك زەمبۇرۇغى بولۇپ، رەڭگى قارامتۇل قوڭۇر بولغاچقا، قارا مور دەپ ئاتىلىدۇ.
قارا مورنىڭ ئېتى يۇمشاق، تەمى مەززىلىك، ئوزۇقلۇق تەركىبى مول بولۇپ، گۆشسىز قورۇپ ئىستېمال قىلسىمۇ، گۆش بىلەن بىللە قورۇپ ئىستېمال قىلسىمۇ بولىۋېرىدۇ.
قارا مورنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى مول بولۇپ«گۆشسىز قورۇمىدىكى گۆش» دېگەن نامى بار، ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ھايۋانات مەنبەلىك يېمەكلىكلەرنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
قارا مور تەركىبىدە ۋىتامىنB1،ۋىتامىنB2، ۋىتامىنK،كاروتىن، نىكوتىن كىسلاتاسى قاتارلىقلار بار . مور تەركىبىدە تۆمۈرنىڭ مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ھەرخىل يېمەكلىكلەر ئارىسىدا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.
قارا مورنىڭ قان تولۇقلاش رولى بار. دائىم قارا مور ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، قاننى تولۇقلاپ، ئادەمنىڭ مەڭزىنى قىزىل، رەڭگىنى نۇرلۇق قىلىدۇ ھەمدە تۆمۈر يېتىشمەسلىك خارەكتېرىلىك قان ئازلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە داۋالايدۇ.
قارا مورنىڭ تەمى تاتلىق، تەبئىتىي مۆتىدىل بولۇپ، زەھەرنى قايتۇرۇش، ئاشقازان-ئۈچەينى تازىلاش، قاننى ئۇيۇتۇش، قاننى توختىتىش قاتارلىق رولى بار.
قارا مورنىڭ قاننىڭ ئۇيۇپ مونەكلىشىشنى ئازايتىپ، قان نۆكچىسى قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. قارا مور ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن، قان سۇيۇلۇپ، ئادەم ئاسانلىقچە مېڭە قان نۆكچىسى، قېرىلىقتىكى دىۋەڭلىك، تاجىسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولمايدۇ.
قارا مورنىڭ تالالىق ماددىلارنى ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىشتەك ئالاھىدە رولى بار، مەقسەتسىز ھالدا يۇتۇۋېتىپ قالغان چاچ، ئۇرۇقچا، ياغاچ پارچىسى، قۇم،مىتال پارچىسى قاتارلىق تەستە ھەزىم بولىدىغان غەيرىي نەرسىلەرنى پارچىلايدۇ ۋە ئېرىتىۋېتىدۇ. شۇڭا ئۇ كان، خىمىيە سانائىتى ۋە توقۇمچىلىق ئىشچىلىرىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ساقلىقنى ساقلاش يېمەكلىكى ھېسابلىنىدۇ.
قارا مورنىڭ ئۆت تېشى، بۆرەك تېشى قاتارلىق ئىچكى مەنبەلىك غەيرىي نەرسىلەرنى ئېرىتىپ پارچىلاش رولى بىر قەدەر كۆرۈنەرلىك، ئۇنىڭ تەركىبىدە ئۆسىمىگە قارشى ئاكتىپ ماددا بار بولۇپ، ئورگانىزىمنىڭ ئىممۇنتېت كۈچىنى كۈچەيتىدۇ، دائىم قارا مور ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، راكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، راكقا قارشى تۇرغىلى بولىدۇ.
ئىستېمال قىلشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
يېڭى قارا مور تەركىبىدە زەھەر(پورفىرىن دەپ ئاتىلىدىغان بىرخىل توكسىن )بار بولۇپ، ئۇنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. يېڭى قارا مور قۇرۇتۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى زەھەر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ يوقىلىدۇ.
قارا مورنى ئىستتېمال قىلىش ئۇسۇلىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. ئۇنى ئەدەتتكىچە قورۇپ يېگەندە ئادەم بەدىنى تەرىپىدىن ئاسان ھەزىم قىلىنىپ شۈمۈرۈلمەيدۇ. ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئۇسۇل قارا مورنى پاكىز يۇيىۋەتكەندىن كېيىن، ئىلىمان سۇغا24سائەت چىلاپ كويۇپ كۆبجۈتۈش، ئارلاشمىلارنى سۈزۈۋەتكەندىن كېيىن،ئالدى بىلەن كۈچلۈك ئوتتا قاينىتىش، ئاندىن پەس ئوتتا ئالدىرماي4 سائەت ئەتراپىدا قاينىتش لازىم. قارا مور يۇمشاپ، شورپىسى قۇيۇلغاندا، چوكا بىلەن ئېلىپ باقسا ياكى قوشۇققا ئېلىپ تۆكۈپ باقسا،شورپىسى سوزۇلۇپ يىپتەك ئېقىپ چۈشسە ئەڭ ياخشى بولىدۇ. ئۇنىڭغا ئەڭ ياخشىسى شېكەر(قەنت) سالماي، سوۋۇتۇپ ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.
قۇرۇتۇلغان قارا مورنى قورۇما تەييارلاشتىن بۇرۇن ئىلمان سۇغا چىلاپ قويۇپ كۆبجۈتۈش، كۆبجۈتكەندىن كېيىن يەنىلا چاپلىشىپ تۇرغان قىسمىنى ئىستېمال قىلماسلىق لازىم.
راك كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىم، ئارتېرىيە قېتىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار قارا مور ئىستېمال قىلىپ بەرسە بولىدۇ. سوغۇقتىن ئىچى سۈرۈپ كەتكەنلەر ئۇنى ئىھتىيات بىلەن ئىستېمال قىلىشى لازىم.
مەنبە: ۋېتامىن ۋە مىنىرال ماددىلار.80خالتا بلوگى ئۈچۈن خەدىچە تەييارلىغان




[Birzat بۇنى 2010-08-22 07:36 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: مور قارا

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 0 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.