ھامىلدارلار قەۋزىيەتكە قارىتا قانداق قىلىش كېرەك؟ For Constipation
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2010-08-22
مەن سىزدىن مەسلىھەت سورىماقچى ئىدىم ،خۇدا يۇلىدا خالىس نىيەتلىرى بىلەن ياخشى مەسلىھەتلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز.
مېنىڭدە ئادەت خاراكتىرلىق قەۋزىيەت بار ئىدى.ياز پەسلىدە ھېچقانداق ئالامىتى يوق .قىش پەسلى قوزغىلىپ قالىدۇ.تەرەت قىلغاندا ئىلگىرى قان ئارىلاش كىلەتتى.دورا يىيىش ئارقىلىق قان تۇختىدى،لېكىن مەقەت ئىششىق بولغاچقا تەرەت ۋاقتىدا سىرتىغا چىقىۋالىدۇ،ھازىر قورسىقىمدا تۆت ئايلىق ھامىلە بار ،قەۋزىيەتنى داۋالاش ئۈچۈن قىلمىغان دورام قالمىدى. لېكىن ئۈنىمى دېگەندىكىدەك ياخشى بولمىدى.ھازىرمۇ 3-4كۈنگىچە ئىچىم كەلمەيدۇ،بەكرەك كۈچىسەم ئىششىق تېشىغا چىقىپ قالىدۇ.مەن ھامىلىنىڭ نورمال يىتىلىشىگە تەسىرى بۇلۇشىدىن بەكمۇ ئەنسىرەيمەن .سىزنىڭ ماڭا مەسلىھەت بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
جاۋاب:
ھامىلدار ئاياللار ئەسلىدىنلا يوغىنىغان ھامىلىنىڭ ئۈچەي يوللىرىنى بېسىۋىلىشى نەتىجىسىدە قەۋزىيەت بولۇپ قالىدىغان ئەھۋال كۆپ ئۇچرايدۇ، سىزدە ئەسلىدە بار بولغان قەۋزىيەت شۇ سەۋەبلىك ئېغىرلىغان بولىشى ، مەقئەت سىرتىغا چىقىۋالغان بولىشى مۇمكىن، ئەگەر يەنە دىققەت قىلمىسىڭىز گىمرويغا ئۆزگىرىشى مۇمكىن.
قەۋزىيەتنىڭ ئۈنۈملۇك چارىسى مىۋە چىۋە ، سەي كۆكتاتنى كوپ يىيىش، بولۇپمۇ تالالىق كۆكتاتلارنى كوپرەك يەپ بېرىش، كۆكتاتنى كوپرەك سېلىپ سۇيقاش ئىچىپ بېرىش، ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئورنىڭىزدىن تۇرۇپلا بىر چىنە يىلمان قايناقسۇغا ئىككى قوشۇق ساپ ھەسەل سېلىپ ئىچىپ بېرىڭ . ئۇزۇن ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغان بولسىڭىز ھەر كۈنى مۇۋاپىق مىقداردا پىيادە يول مېڭىپ بېرىڭ! ئۈچەينىڭ خىزمىتى ياخشىلانسا قەۋزىيەت ئوڭلىنىدۇ، ھامىلە بەكرەك يوغۇناپ تۆۋەنكى قوساق بوشلۇقىدىن چىقىپ كەتسە يەنى 5-6 ئايلىق بولغاندا ئۆزلۈكىدىن ئوڭلىنىپ كېتىشىمۇ مۇمكىن.
ئاللاھ سىزنى ھەم پەرزەنتىڭىزنى سالامەت قىلسۇن!
مەسلەھەت بەرگۈچى: بېتىمىزنىڭ تەكلىپلىك ئاياللار كېسەللىكلىرى دوختۇرى - سەفىيە
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
مەن ھامىلدار بولغىلى 3 ئاي بۇلۇپ ئازراق ئاشقانىدى، مىنىڭ كەسپىم كومپىيۇتېر بولغاچقا ئىقتىساد سەۋەبىدىن ئىشلەشكە مەجبۇر بولدىم، شۇڭا سىزدىن شۇنى سورىماقچىمەن، ھامىلە 6 ئايلىق بولغۇچە كومپيۇتېرنىڭ ئالدادا كۇندا 8 سائەت ئولتۇرسام ھامىلىگە تەسىرى بۇلامدۇ، ئەگەر قۇرساق تەرپىمگە ئەدىيال يېپىۋالسامچۇ؟ تەسىرى بولغاندا قايسى تەرەپلەردىن تەسىرى بۇلىدۇ؟ ھامىلە تۇغۇلغاندىن كېيىن بالىنىڭ ئەقلى ئىقتدارى ئاجىز بۇلۇپ قالارمۇ ؟ باشقىلاردىن ئاڭلىسام ھامىلە غەيرى يىتىلىپ قالىدۇ دەيدۇ، بۇ راستمۇ؟ ماڭا مۇشۇ توغرىسىدا ئېنىق چۇشەنچە بەرگەن بولسىڭز ؟
مەن ھامىلدار بولغىلى 3 ئايدىن ئاشتى، مېنىڭ كەسپىم كومپىيۇتېر بۇلۇپ، ئىقتىساد تۈپەيلىدىن ئىشلەشكە مەجبۇر بولدۇم ، شۇڭا سىزدىن شۇنى سورىماقچىمەن ، كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا كۈندە 8سائەت مەشخۇلات قىلسام ھامىلىگە تەسىرى بۇلارمۇ؟ ئەگەر قورساق تەرىپىمگە ئەديال يېپىۋالسامچۇ ئۈنۈمى بۇلامدۇ؟ ئەگەر تەسىر قىلسا قايسى جەھەتتىن تەسىر قىلدۇ؟ ھامىلە تۇغۇلغاندىن كېيىن ھامىلىنىڭ ئەقىلى ئىقتىدارى ئاجىز بۇلۇپ قالارمۇ؟ باشقىلاردىن ئاڭلسىام ھامىلە غەيرى يىتىپ قالدۇ دەيدۇ بۇ راستمۇ؟ بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ چارسى بارمۇ؟ مۇشۇلار توغرىسدا ئېنىق چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭز ؟
مەن ھامىلدار بولغىلى 3 ئاي بۇلۇپ ئازراق ئاشقانىدى، مىنىڭ كەسپىم كومپىيۇتېر بولغاچقا ئىقتىساد سەۋەبىدىن ئىشلەشكە مەجبۇر بولدىم، شۇڭا سىزدىن شۇنى سورىماقچىمەن، ھامىلە 6 ئايلىق بولغۇچە كومپيۇتېرنىڭ ئالدادا كۇندا 8 سائەت ئولتۇرسام ھامىلىگە تەسىرى بۇلامدۇ، ئەگەر قۇرساق تەرپىمگە ئەدىيال يېپىۋالسامچۇ؟ تەسىرى بولغاندا قايسى تەرەپلەردىن تەسىرى بۇلىدۇ؟ ماڭا مۇشۇ توغرىسىدا ئېنىق چۇشەنچە بەرگەن بولسىڭز ؟
مەن توي قىلغىلى 1 يىل بولدى، بۇيۇمدا قالغان ئىدى گەرچە تۈنجى بالا بولسىمۇ خىزمەت سەۋەبى بىلەن بالىنى ئالدۇرۋەتكەندىن كىيىن ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۈزۈكى سالدۇرغان ئىدىم . شۇنىڭدىن كىيىن يولدۇشۇم بىلەن بىرگە بولغاندا مەندىن نەملىك كۆپ بۇلۇپ يولدۇشۇم بىلەن سەل پەل ئازارلىشىپ قالدىغان بۇلۇپ قالدۇق . ئادەتىمۇ ئاق خۇن كۆپرەك كىلىدىغان يېقىننىڭياقى ئاق خۇن سېرىقراق كىلىدىغان بۇلۇپ قالدى ماڭا بىر مەسلەھەت بەرسىڭىز ۋاختىدا ئالدىنى ئالمىسام يولدۇشۇم بىلەن ئايرىلىپ قالىدىغاندەك قىلىمىز رەخمەت