سىركىنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئىشلىتىلىشى [شىپالىق رېتسىپلار]


بۇ مىۋىلىك دەرەخلەرنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيى بولۇپ ، ئۈزۈم ، خورما ، ئەنجۈر ، شىكەر قۇمۇشى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش شىرنىلىك ، تاتلىق مىۋىلەرنى سىقىپ تەييارلىنىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن ياخشىراقى ئۈزۈم سۈيىدىن ئېلىپ ئىشلەنگىنىدۇر . تېبابىتىمىزدىمۇ ئۈزۈم سىركىسى ئىشلىتىلىدۇ .
تەبىئىتى : ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سۇغۇق .
قان ۋە سەپرانىڭ ئۆتكۈرلىكىنى پەسەيتىش ، قىزىتما ، ياللۇغ قايتۇرۇش ، ئاغرىق پەسەيتىش ، ئىشتىھانى ئېچىش ، توسالغۇلارنى ئېچىش ، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش ، ھارارەت پەسەيتىش، تاماق سىڭدۈرۈش ، غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنى تازىلاش .
ئىشلىتىدىغان كىسەللىكلەر : قان ۋە سەپرا مەنبەلىك ئىسھال ، ئۆتكۈر قىزىتما ، سەپرادىن بولغان تەپ ، مىڭە پەردە ياللۇغى ، قۇسۇش ، كۆڭلى ئېلىشىش ، ئىچى سۈرۈش ، باش ئاغرىش ، تۇسالغۇلۇق ۋە قىزىتمىلىق كىسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ .
سىركە ، گۇلاب ، لىمون قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ پۇت - قوللارنى يۇسا سەپرادىن بولغان تەپكە پايدا قىلىدۇ .
يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى ، تاباشىر، سەندەل قاتارلىق دورىلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ سۇپۇپ قىلىپ ، سىركە بىلەن قۇشۇپ ئىستىمال قىلسا ، قۇرۇق ھۆنى يوقىتىدۇ . سەپرالىق قۇسۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ .
شاتۇت ، شاھتەررە ، سىركىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ بىرلەشتۈرۈپ غار -غار قىلسا ، گال ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ .
گۈل يېغى ، گۇلاپ سىركە قاتارلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ يەرلىك ئورۇنغا زىمات قىلسا ، ئاغرىق پەسەيتىدۇ . ئىسسىقتىن ۋە ئاپتاپ ئۆتۈشتىن بولغان باش ئاغرىقىغا، سەپرادىن ۋە ئىسسىق بۇخاراتتىن بولغان ياكى ئىسسىق مۇنچا تەسىرىدن بولغان باش ئاغرىقىغا چاپسا پايدا قىلىدۇ .
سىركىنى پۇراتسا توسالغۇلارنى ئاچىدۇ ، نەزلىنى توختىتىدۇ .
سىركىنى ھەسەل بىلەن قوشۇپ چاپسا كۆزنىڭ مىلىكىدىكى ئۇششاق مۇدۇرلارغا ، تاياق تىگىپ تىرىگە قان ئۇيۇپ قالغانغا مەنپەئەت قىلىدۇ .
قۇلاققا تېمىتسا قۇلاقتىكى قۇلاقتىكى قۇرتلارنى ئۆلتۈرىدۇ ، ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ . قۇلاقنىڭ ۋاڭىلدىشىنى يوقىتىدۇ . قۇلاق توسالغۇلىرىنى ئاچىدۇ . گاسقا پايدا قىلىدۇ . ئاڭلاش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ .
تاغ پىيىزىنىڭ قۇرۇقىدىن 30 گرامنى يۇپۇرمىقىغا ئوخشاش نىپىزلىتىپ ، سىركىدە قاينىتىپ ، ئوبدان پىشقاندا قاچىغا ئېلىپ بىر قانچە كۈن ئاپتاپتا قويۇپ ، ئاندىن سۈزۈپ ھەر كۈنى ئەتىگەن ئالتە گىرامدىن يېسە ئېغىز پۇراشقا پايدا قىلىدۇ . سىركىنى تۇز بىلەن قوشۇپ ئېغىزنى چايقىسا چىش چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىنكى قاناشنى توختىتىدۇ . سىركىنى ئاق زەمچە بىلەن قوشۇپ چىشنى يۇسا ، چىشقا جۇلا بىرىپ چىشنى پارقىرىتىدۇ . چىش مىلىكىنىڭ قانىشنى توختىتىدۇ . چىش مىلىكىنى قۇۋۋەتلەيدۇ .
سىركە ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىدۇ ، نەپەسنى راۋانلاشتۇرىدۇ ، ئىچكى ئەزادىن كەلگەن قاننى توختىتىدۇ ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ ، بەلغەم بوشىتىدۇ ، غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىنى تازىلايدۇ . جىگەر ، تالدىكى توسالغۇلارنى ئاچىدۇ ، سىركە ئۈچەيدىكى قۇرتلارنى ئۆلتۈرىدۇ . تاماققا سىركە قوشۇپ ئىستىمال قىلسا ئاشقازانغا زىيادە ھۆللۈكنىڭ تۆكۈلىشىنى توسايدۇ . زەھەر يەپ قالغان كىشىگە سىركىنى قىزىتىپ ئىچۈرسە مەنپەئەت قىلىدۇ .
ھەر خىل ئىچ سۈرۈك، قانلىق تولغاق قاتارلىقلاردا بىر قوشۇق سىركىنى بىر پىيالە سوۋتۇلغان قايناق سۇغا قوشۇپ ئىچىپ بەرسە مەنپەئەت قىلىدۇ. قىززىتمىدا سىركىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بىرىش بىلەن بىرگە قول، پۇت ئالقانلىرىنى يۇيۇپ بەرسە ياخشى مەنپەئەت بىرىدۇ.
تاشنى قىززىتىپ سىركىگە سېلىپ پارلاندۇرۇپ ، ئۇنىڭ پارىغا مەقئەتنى تۇتسا ، بۇۋاسىرغا پايدا قىلىدۇ .
ئىشلىتىش مىقدارى : 10 - 25 گرام .
زىيانلىق تەسىرى : باھقا زىيان قىلىدۇ . سۇغۇقچان ئادەم كۆپ ئىستىمال قىلماسلىقى كىرەك .
تۈزەتكۈچىسى : ھەسەل ، ئاقىرقەرھا
ئورۇنباسارى : مۇسەللەس ، لىمون سۈيى ، تەمرى ھىندى .
پايدىلانغان كىتاپلار : ئۇيغۇر تىبابىتىدە كۆپ ئىشلىتىدىغان خام دورىلار ، ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمىي .




يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: سىركە

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 2 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرمائومەر[2011-06-16 06:17 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. ماڭا قىزىل ئوڭگەچ ياللۇغى دەپ دىئاگنۇس قويۇلغىلى خىلى يىللار بولۇپ قالدى. دوختۇرخانىلاردىن ۋە تىبابەت ئوستىلىرىمىزدىن دورا ئىلىپ ئىچىپ ،كۆپ داۋالانغان بولساممۇ دىگەندەك  ياخشى بولالمىدىم. ماڭا ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ مۇشۇ ھەقتە ئەڭ ياخشى مەنپەئەت قىلىدىغان بىرەر دورىسىنى تەۋسىيە قىلغان بولسىڭىز ياكى مۇمكىن بولسا ئوزىڭىز دورا ياساپ بەرگەن بولسىڭىز.
回复قايتۇرماdilsiri[2010-08-14 09:21 PM | del]
بىر زات ئەپەندىم  جاۋاپ بەرگىلى  ئۇنمىسا كەچكىچە خەت يىزىۋىرىپ   كومپىيوتىرگە قاراپ ئولتۇر دىكەنمىز
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.