دىئابېت (diabetes) كېسەللىكى ۋە ئۇنىڭ ئالامەتلىرى [تېبابەت بىلىملىرى]
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2010-08-15
دىئابېت : ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى
ئى [ر<گرېك] <تېب > سوزۇلما خاراكتېرلىك بىر خىل كېسەل . كۆپىنچە ئاشقازان ئاستى بېزى ئىچىدىكى ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىلىشى يېتەرسىز بولۇش ، يېمەكلىكلەردىكى كاربۇن سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ ئالمىشىشى نورماقل بولماسلىق نەتىجىسىدە ، بەدەندە ھاسىل بولغان گلۇكوزا سەۋە بىدىن كېلىپ چىقىدۇ . بۇنىڭدا ، كۆپ ئۇسساش ، ئىشتىھا بەك ئېچىلىپ كېتىش ، سۈيدۈك كۆپىيىپ كېتىش ، بەدەن ئورۇقلاش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ .
ئىنسۇلىن :
ئى [ر<لات ] بىئول> ئۇيقۇلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان بىر خىل گورمون . ئۇ جىگەر ۋە مۇسكۇللار ئىچىدە ھايۋان ئاقسىلىنىڭ ھاسىل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، توقۇلمىلاردىكى گلۇكوزىنىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە ئوكسىدلىنىشىنى تېزلىتىدۇ . شۇ ئارقىلىق بەدەندىكى قاننىڭ قەنت مىقدارىنى تەڭشەيدۇ . ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىش مىقدارىنىڭ كېمىيىشى دىئابىت كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئۇنىڭ ياسالمىلىرى بىلەن دىئابىت كېسىلىنى داۋالىغىلى بولىدۇ .
دىئابىت-ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىقتىدارى ۋە بۆرەك پائالىيتىنىڭ ئاجىزلىشى سەۋەبىدىن بەدەنگە كىرگەن ئوزۇقلۇقلار تەركىبىدىكى شىكەر ماددىسى بەدەنگە ئۆزلەشمەي ، سۈيدۈك ئارقىلىق بەدەندىن چىقىپ كېتىدىغان كېسەللىك بولۇپ ئۇيغۇر تېبابەت ھۆكۈمالىرىمىز دىئابىتنى شىكەرلىك دىئابىت ( ئىسسىقتىن بولغان دىئابىت )، شىكەرسىز دىئابىت (سوغۇقتىن بولغان دىئابىت ) دەپ ئىككى خىلغا ئايرىغان.
شىكەرلىك دىئابىت ( ئىسسىقتىن بولغان دىئابىت )نىڭ ئالامەتلىرى:
1.كۆپ ئۇسسايدۇ. سۇ ئىچسىمۇ قانمايدۇ.
2.قورساق ئىچىپ تۇردۇ.
3.تەكشۈرگەندە قان-سۈيدۈكتە شىكەر ماددىسى كۆرۈنمەيدۇ.
4.سۈيدۈك قېتىم سانى ھەم مىقدارى كېسەللىك ئېغىرلاشقانچە كۆپىيىپ كېتىدۇ.
5.بىمار تېز ئورۇقلايدۇ.
6.تاتلىق يېمەكلىك ۋە تاتلىق دورىلار زىيان قىلىدۇ.
شىكەرسىز دىئابىت (سوغۇقتىن بولغان دىئابىت )نىڭ ئالامەتلىرى:
1. ئۇسساش بەك كۆرىنەرلىك بولمايدۇ.
2.ئىشتىھا كېمىيدۇ.
3.تەكشۈرگەندە قاندا شىكەر تېپىلىدۇ، سۈيدۈكتە تېپىلمايدۇ.
4.سۈيدۈك مىقدارى شىكەرلىك دىئابىتتەك كۆپ بولمايدۇ.
5. شىكەر چىقىپ كەتمىگەچكە ئورۇقلاش بولمايدۇ، لىكىن ماغدۇرسىزلىنىدۇ.
6.تاتلىق يېمەكلىك ھەم دورىلار زىيان قىلمايدۇ.
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: دىئابېت
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار: