نېمە سەۋەبتىن بالياتقۇ سىرتىدا ھامىلدار بولۇش ئەھۋالى كۆرىلىدۇ؟


ئەسسالامۇ ئەلايكۇم ! مەن توي قىلغىلى 1يىل بولدى.تېخى ھامىلدار بولمۇدۇم.ئۈچ ئاي ئىلگىرى جىنسىي يولۇمدىن تۇيۇقسىز قان كىلىپ توختىمىدى .دوختۇرغا بېرىپ كۆرۈنسەم دوختۇر بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلدار بولۇش ئېھتىمالى بار دەپ دوختۇرخانىدا ياتتىم .كۆزۈتۈش ئارقىلىق مېنى بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلدار بولۇپ قاپسىز دەپ دىئاگىنوز قويدى.ۋە ئۇكۇل ئارقىلىق چۈشۈرۈشنى سىناپ بېقىشنى ئېيىتتى .ئۇكۇل ئۇرۇپ بىر ھەپتىدىن كىيىن تەكشۈرتسەم نەتىجىسى ياخشى چىقتى .دوختۇرخانىدىن چىقىپ 1ئايغىچە 2ھەپتىدە بىر قېتىم قان تەكشۈرۈش .ب چاۋغا چۈشۈپ تەكشۈرتۈپ تۇردۇم .نەتىجىسى ياخشى چىقتى.ئەمدى سورىماقچى بولغان سوئالىم نېمە ئۈچۈن بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلدار بۇلۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ؟بۇنىڭدىن كىيىن يەنە شۇنداق بولارمۇ؟مەن نېمىلەرگەدىققەت قىلسام بولىدۇ؟قانچىلىك ۋاقىتتىن كىيىن ھامىلدار بولسام بولىدۇ ؟خاپا بولماي ياخشى مەسلىھەت بەرسىڭىز.

جاۋاپ:
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام:
تۇخۇمدان ئاجرىتىپ چىقارغان تۇخۇم تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنىڭ ئوتۇرا قىسمىدا ئىسپىرما بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ھاسىل قىلغاندىن كىيىن بۇ ھۈجەيرە دەسلەپكى بۆلۈنۈش باسقۇچىدا ، تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ئىچىدىكى يۇمشاق تىۋىتچىلەرنىڭ تەۋرىنىشى، تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنىڭ لۆمۈلدەپ ھەركەت قىلدۇرۇشى بىلەن يۆتكىلىپ بالىياتقۇغا كىلىدۇ ۋە شۇ يەردە بالىياتقۇغا ئورۇنلىشىدۇ. ئەمما مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ ئۇرۇقلانغن تۇخۇم ھۈجەيرىسى بالىياتقۇغا كىلەلمەي ، تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنىڭ ھەر قايسى ئورۇنلىرىغا جايلىشىپ قالغان ۋە شۇ يەردە تەرەققى قىلغان بولسا بۇ بالىياتقۇسىرتىدا ھامىلدار بولۇش دەپ ئاتىلىدۇ.
كىسەللىك ئالامەتلىرى:
1- ھەيز توختاپ مەلۇم كۈنلەر ئۆتكەندىن كىيىن(يەنى نورمال ھەيز كۆرىدىغان كۈنلىرىدىن ،ەلۇم كۈنلەر ئېشىپ كەتكەندىن كىيىن ) جىنسى يولدىن تەرتىپسىز قان كېلىدۇ. ياكى ھەيز توختىغانلىق ئالامىتى ئېنىق بىلىنمەستىنلا تەرتىپسىز قان كېلىز ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
2- تۆۋەنكى قوساق قىسمى قاتتىق ئاغرىيدۇ. بالىياتقۇدىن باشقا ئورۇنغا جايلاشقان ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ھۈجەيرىسى شۇ يەردە تەرەققى قىلىپ دەسلەپكى ھامىلىگە ئايلىنىدۇ ۋە يوغىناشقا باشلايدۇ. ۋە مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە تۇخۇم توشۇش نەيچىسى يېرىلىپ كېتىپ تۆۋەنكى قوساق قاتتىق ئاغرىش ، چىرايى سارغىيىش، يۈرەك سوقۇشى تىزلىشىش ۋە ھۇشسىزلىنىش قتارلىق شوك بولۇپ قېلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
ب تىپلىق ئاپاراتتا تەكشۈرگەندە بالىياتقۇ ئازراق يوغىنايدۇ ئەمما بالىياتقۇ ئىچىدە ھامىلە خالتىسى، ھامىلە تەنچىسىنى ككرگىلى بولمايدۇ ۋە بىر تەرەپ تۇخۇم توشۇش نەيچىسى بار ئورۇندا مونەكچە شەكىللىنىپ بەزىدە ھەتتا ھامىلىنى كۆرگىلى بولۇش مۇمكىن.
كىسەللىك پەيدا قىلغۇچى سەۋەبلەر:
1- تۇخۇم توشۇش نەيچىسىدىكى ياللۇغلىنىش: بۇ ئەڭ ئاساسى سەۋەبتۇر. ياللۇغلانغان تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ئىششىغان ۋە شۇ ئەتراپتىكى توقۇملىلارنىڭ شەكلىدە بۇزۇۇش كۆرۈلگەنلىكتىن ، ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ھۈجەيرىسىنى بالىياتقۇغا نورمال يەتكۈزۈپ بېرەلمەيدۇ.
2- تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنىڭ تۇغما ئىنچىكە ۋە ئەگرى بۇگرى بولۇشى.
3- بۇرۇن بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلدار بولغان بولسا كىين يەنە شۇنداق بولۇپ قېلىش ئىھتىمالى يۇقىرىراق بولىدۇ.
4- ھامىلدارلىقتىن ساقلاش ئۈزۈكى سالدۇرسا بەزى ئەھۋالدا مۇشۇنداق بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

داۋالاش ئۇسۇللىرى:
1- ئوپىراتسىيە قىلىش ئۇسۇلى.
2- خىمىيىلىك داۋالاش ئېلىپ بېرىش.

سىز پات - پات تەكشۈرتۈپ تۇرۇش بىلەن بىللە تەخمىنەن 1 يىل ئەتراپىدا ھامىلدار بولماي تۇرۇپ ، ئۇنىڭدىن كىيىن ھامىلدار بولسىڭىز بولىدۇ.
__________________ سەفىيە




[Birzat بۇنى 2010-08-08 08:01 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: بالياتقۇ

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 6 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرمانۇربىيە[2012-01-21 05:30 PM | del]
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم:سەفىيە دوختۇر
مەن ئۆتكەن يىلى 5- ئايدا توي قىلغان. 9-ئايدا بالياتقۇ سىرتىدا ھامىلدار بولۇپ قىلىش سەۋەپلىك ئوپراتسىيە قىلىنىپ سول تەرەپتىكى تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنى كىسىۋەتتى. ئەمدى مىنىڭ سىلىدىن سورايدىغىنىم دوختۇرلارنىڭ ئىيتىشىچە بىر قىتىم شۇنداق بولۇپ قالغانلارنىڭ يەنە بىر قىتىم شۇنداق بۇلۇپ قىلىش ئىھتىمالى يۇقىرى بولىدۇ دەيدۇ، مەندە ئوپراتسىيە قىلىنىشتىن بۇرۇن ھىچقانداق ئالامەتلەر بولمىغان ، شۇ پەقەتلا تۇيۇقسىز قورسىقىم ئاغرىش سەۋەپلىك دوختۇرخانىغا بارساق بالياتقۇ سىرتىدا ھامىلدار بوپسىز دەپ ئوپراتسىە قىلىندىم ، مىنىڭ تىخى بىرمۇ بالام يوق بىشىم بەكلا قاتتى،مىنىڭ بەكمۇ بالىلىق بولغۇم بار ئىدى، مەن زادى قايسى تەرەپلەرگە دىققەت قىلشىم كىرەك، بالياتقۇ  سىرتىدا ھامىلدار بولۇشنىڭ قانداق ئالامەتلىرى بولىدۇ.خاپا بولماي مەسلىھەت بەرگەن بولسىلىرى.
回复قايتۇرماUmmukulsum[2011-10-15 09:16 AM | del]
Mantoykilhilitotyilbopkaldibuyilbalilikmuboldumlikinjinsijahattatazimukamlaxmaywatidumandahesiyatxundakkalsimulikineridayokunixnitilhaelipmukoymaydupakatmantaxabbiskarbolsamhaptaonkundabirketimbolidu.erimdawamlikkompiyutiroynaydubuixlarhaamalbarmu
回复قايتۇرماkixi[2011-10-11 01:27 PM | del]
ياخشىمۇسىز ؟ قىزلىق پەردىسى بۇزۇلماي تۇرۇپمۇ ھامىلدار بوپ قالىدىغان ئىشلارمۇ  بولامدۇ ؟
回复قايتۇرماmamitimin[2011-07-01 07:42 PM | del]
ئانالىزىم دىگەن قانداق كىسەل مەن ئەزا بۇلغىلى 1ھەپتە بۇلدى تىخىگىچە بىلەلمىدىم   بۇ زادى قانداق كىسەل  
回复قايتۇرما依怕拉[2011-06-01 07:16 PM | del]
ئەسلاممۇئەلەيكۇم !مەن توي قلىغلې 10 يلدېن ئاشتى بالام 6 كردى ،لىكن مىنڭ جىنسې كە يپيا تىم پەقەت    ياخشى ئەمەس يەنى يىسيىا تىم كەلمەس بولۇپ قا لدي يولدوشم ئىكككمزنڭ ئىتپاقى ياخشى           بۇ نڭ سە ۋەبىنى بىلەلمىدىم . مەسلھەت بېرشڭزنى ۇمۇت قلمەن.
回复قايتۇرما依怕拉[2011-06-01 06:53 PM | del]
ئەسلاممۇئەلەيكۇم !مەن توي قلىغلې 10 يلدېن ئاشتى بالام 6 كردى ،لىكن مىنڭ جىنسې كە يپيا تىم پەقەت    ياخشى ئەمەس يەنى يىسيىا تىم كەلمەس بولۇپ قا لدي يولدوشم ئىكككمزنڭ ئىتپاقى ياخشى           بۇ نڭ سە ۋەبىنى بىلەلمىدىم . مەسلھەت بېرشڭزنى ۇمۇت قلمەن.
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.