ئاجايىپ-غارايىپ كېسەللەردىن ئاياللارغا خاسلىرىمۇ ، ئەرلەرگە خاسلىرىمۇ بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە ، ئەسلىدە ئاياللارغا خاس كېسەللىكلەردىن بەزىلىرىنىڭ بىخەستە ئەرلەرگە ئۆتۈپ قالىدىغانلىقى مەلۇم بولدى.

" /> ئەرلەر «ئاياللار كېسىلى»گە گىرىپتار بولۇپ قالغاندا [ئەركەكلەر] - 80 خالتا بلوگى

ئەرلەر «ئاياللار كېسىلى»گە گىرىپتار بولۇپ قالغاندا [ئەركەكلەر]


ئاجايىپ-غارايىپ كېسەللەردىن ئاياللارغا خاسلىرىمۇ ، ئەرلەرگە خاسلىرىمۇ بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە ، ئەسلىدە ئاياللارغا خاس كېسەللىكلەردىن بەزىلىرىنىڭ بىخەستە ئەرلەرگە ئۆتۈپ قالىدىغانلىقى مەلۇم بولدى.
ئەرلەرمۇ كەيپىيات تەسىرىدە ئەمچەك راكىغا گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ
A ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئەمچەك راكىغا گىرىپتار بولۇپ قېلىشىنى ئىنتايىن غەلىتىلىك ، تاسادىپىيلىق ھېس قىلىپ قالدى. دوختۇر ئۇنىڭغا ئەرلەرنىڭمۇ ئەمچەك راكىغا گىرىپتار بولۇپ قالىدىغانلىقىنى، يەنە كىلىپ ئاخىرقى مەزگىلىدە ئاندىن بايقىلىدىغانلىقىنى دەپ بەردى. چۈنكى ناچار كەيپىيات ئاياللار ئەمچىكىنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق بولۇپلا قالماي، ئەرلەر ئەمچىكىنىڭمۇ سالامەتلىكىگە زىيانلىق ئىكەن.
گىرىپتار بولۇش ئامىللىرى- ئەمچەك كېسىلى سۈت بېزى ئىچكى ئاجراتمسى تەسىرىدىكى توقۇلما ئۆزگىرىشىدىن ئىبارەت. تېببي مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئەرلەر ئەمچىكىنىڭ توقۇلمىلىرى ئاز بولغاچقا، شۇنچىكى كىچىك ئۆسمىمۇ تېرە ۋە مۇسكۇل قاتارلىق توقۇلمىلارغا بۆسۈپ كىرەلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا پات-پات تۈنەيدىغانلار، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى ئاجىزلار بۇ خىل كېسەللىككە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ.مۇھىت ، غىزالىنىش ئادىتى، روھىي جىددىيلىك بۇ كېسەللىكنىڭ پەيدا بولىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. كەيپىياتتىكى ناچار ھالەت، ھاراق ئىچىش، ئانىلىق ھورمۇن تۈرىدىكى دورىلارنى كۆپ ئىچىش قاتارلىقلار ئەرلەرنىڭ تېنىدىكى ئانىلىق ھورمۇن مىقدارىغا ۋە سەۋيىسىگە تەسىر يەتكۈزۈپ قويۇشى، بۇنىڭ بىلەن ئەرلەرنىڭ تېنىدە ئانىلىق ھورمۇن يېغىلىۋېرىپ ، ئەمچەك زورىيىش ۋە ئەمچەك راكىغا گىرىپتار بولۇش ئىھتىماللىقىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مومكىن.
تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى-ئەمچەك راكى ئەرلەردە كۆرىلىدىغان بارلىق راك كېسەللىكلىرى ئومومىي سانىنىڭ ئىنتايىن ئاز بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ.بىراق، ئەرلەرنىڭ سۈت بېزىدە راك ھۈجەيرىسىنىڭ تارقىلىشىنى توسالايدىغان ئاياللارنىڭ سۈت بېزىدىكىدەك ئۇنچىۋالا كۆپ توقۇلما بولمىغاچقا ، ئۆسمە پەيدا بولسىلا ناھايىتى تېز تارقىلىدۇ. شۇڭا ئەمچەك يوغۇناپ تۇتقاندا قولغا مونەك ئۇرۇلسا دەرھال تەكشۈرتۈش كېرەك.
مەنبە: ھاياتلىق ژورنىلى




[Birzat بۇنى 2010-08-08 08:23 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 1 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماabla555[2012-02-11 09:19 PM | del]
ياخشىمۇ سىز!
مەن بۇنى پەقەت خەت ئارقىلىقلا دىيەلەيمەن.
مەن بۇ يىل 18 ياش  بوي ئېگىزلىكىم 178  بەدەن ئېغىېلىقىم 104كىلو
يېشىمغا قارىغاندا ئېغىرلىققىم خېلىلا ئېشىپ كەتكەن..
لېكىن مېنىڭ كۆكسۈم  بەكلا چوڭ.  مەندەك سىمىز كىشلەرنىڭمۇ چوڭ لېكىن مىنىڭكىدەك ئەمەس..ياز ۋاقىتلىرى نىپىز سەل چىڭراق كىيىملەرنى كىيسەم بەكلە چىقىپ تۇرىدۇ. مۇشۇ سەۋەبتىن بەزى ئۇغۇل دوسلىرىمنىڭ ئالدىدىمۇ تۇرالمايمەن.ياكى كۈرىشەلمەيمەن...
مەن ئادەتتە ھېچقانداق دورا يىمەيمەن.
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.