باشقا كېسەللىكلەرگە سېلىشتۇرغاندا تېرە كېسەللىكلىرىنىڭ تۈرى كۆپرەك بولىدۇ. ئادەتتە كۆپ كۆرۈلىدىغان تېرە كېسەللىكلىرىدىن داغ، سەپكۈن، دانىخورەك ۋە ھەرخىل تەمرەتكە قاتارلىقلار بار. يۈزدىكى داغ بىلەن سەپكۈننىڭ گەرچە شەكلى پەرىقلەنسىمۇ، بىراق پەيدا بولۇش سەۋەبلىرى ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدۇ.

 (1)ئېرسىيەت. بولۇپمۇ سەپكۈننىڭ ئېرسىيەت بولۇپ قېلىشى كۆپرەك ئۇچرايدۇ، بۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ تېنىدە كەم ياكى ئارتۇق بولغان مەلۇم خىل ماددىنىڭ شۇ ئادەمنىڭ بەدىنىدىمۇ تەبئىي ھالدا نورمال بولماسلىقىدىن بولىدۇ.

" /> تېرە كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەپلىرى - 80 خالتا بلوگى

تېرە كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەپلىرى


باشقا كېسەللىكلەرگە سېلىشتۇرغاندا تېرە كېسەللىكلىرىنىڭ تۈرى كۆپرەك بولىدۇ. ئادەتتە كۆپ كۆرۈلىدىغان تېرە كېسەللىكلىرىدىن داغ، سەپكۈن، دانىخورەك ۋە ھەرخىل تەمرەتكە قاتارلىقلار بار. يۈزدىكى داغ بىلەن سەپكۈننىڭ گەرچە شەكلى پەرىقلەنسىمۇ، بىراق پەيدا بولۇش سەۋەبلىرى ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدۇ.

(1)ئېرسىيەت. بولۇپمۇ سەپكۈننىڭ ئېرسىيەت بولۇپ قېلىشى كۆپرەك ئۇچرايدۇ، بۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ تېنىدە كەم ياكى ئارتۇق بولغان مەلۇم خىل ماددىنىڭ شۇ ئادەمنىڭ بەدىنىدىمۇ تەبئىي ھالدا نورمال بولماسلىقىدىن بولىدۇ.

(2)كۈچلۈك كۈن نۇرى ۋە ھەرخىل رادىياتسىيلىك نۇرلارنىڭ تەسىرى. بولۇپمۇ ئۇزاق مۇددەت كومپىيوتېر بىلەن ئۇچراشقانلارنىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولىدۇ. بەزى تېرىلەرنىڭ سەزگۈرلىكى يۇقىرى بولىدۇ،يەنە بىر قىسىم تېرىلەرنىڭ يۈز قىسمدىكى ماددا ئالمىشىش ئەسلىدىنلا ئاستا بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئۇلتىرا بىنەپشە نۇر قاتارلىق كۈچلۈك رادىياتسىيلىك نۇرلار ئاسانلا يۈز تېرىسىنىڭ سىرىتقى قاتلىمىدىكى ھۈجەيرىلەرنى زەخمىلەندۈرۈپ، يېڭى ھۈجەيرىنىڭ ھاسىل بولۇشىنى چەكلەش بىلەن بىرگە بۇ ئەتراپتىكى قاننىڭ راۋان ئايلىنىشىنىمۇ چەكلەپ قويىدۇ، بۇ جەرياندا يۈز قىسمىدا پەيدا بولغان تازلىنىشقا تېگىشلىك ماددىلار ۋاقتىدا تازلىنالماي شۇ دائىرىدە چۆكمە ھالەتتە تۇرۇپ قالىدۇ.

(3)ھامىلدارلىق ۋە تۇغۇت مەزگىلىدىكى داغ چۈشۈش. ئاياللار ھامىلدار بولغان ۋە بوشانغان دەسلەپكى مەزگىللەردە بەدەندىكى قۇۋۋەت ۋە ئېنىرگىيەنىڭ خورىشى ناھايىتى تېز بولىدۇ، كۆپۈنچە ئاياللاردا ئاسانلا قۇۋۋەت يېتىشمەسلىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بولۇپمۇ بۇ مەزگىلدە ئاياللارنىڭ ئىشتىھاسىنىڭ ياخشى بولماسلىق، تاماقنى تولۇق ھەزىم قىلالماسلىق قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بەدەندىكى قۇۋۋەت تېخىمۇ ئازلاپ كېتىدۇ. يۈز تېرىسىنىڭ ھەرخىل ۋېتامىن، ئاقسىل قاتارلىق قۇۋۋەتكە بولغان ئېھتىياج ئەسلىدىنلا يۇقىرى بولغاچقا، بەدەنىڭ قۇۋۋەتسىزلىنىشىگە ئەگىشىپ، يۈز قىسمىدىكى ماددا ئالمىشىشتا تەڭپۇڭسىزلىق كۆرۈلۈپ داغ ياكى سەپكۈن پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ.

(4)ئىچكى ئاجرالمىلارنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى. ئىچكى ئاجرالمىلارنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى دېگىنىمىز بەدىنىمىزدىكى بەزلەرنىڭ خىزمىتىنىڭ ئاجىزلىششى ياكى كۈچىيىپ كېتىشى سەۋەبىدىن ئاجرىتىپ چىقارغان ھورمونلارنىڭ تەكشىسىز بولۇشى، ئادەتنىڭ بالدۇر توختىشى ياكى ئادەت مىقدارى ۋە قېتىم سانىنىڭ نورمال بولماسلىقى، جىگەر فونكىسىيسىنىڭ ئاجىزلىششى، قەۋزىيەت قاتارلىق ئامىللارنى كۆرسىتىدۇ. يۇقىرقى ئامىللار سەۋەبىدىن بەدەندە ھاسىل بولغان زەھەرلىك ماددىلار ۋاقتىدا پارچىلىنىپ چىقىپ كېتەلمەي، تېرە ئاستىغا يىغىلىۋالىدۇ.

(5)خىمىيىلىك ماددىلاردىن زەھەرلىنىش. خىزمەت ۋەتۇرمۇش جەريانىدا دائىم خىميىلىك تەركىبى يۇقىرى بولغان بۇيۇملار بىلەن ئۇچراشقاندا، ئاز-ئازدىن يىغىلىپ بارا-بارا تېرىنى زەخمىلەندۈرىدۇ، بولۇپمۇ خىزمەت مۇھىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقى، گىرىم بۇيۇملىرىنى كۆپ ئىشلىتىش، ئىسپىرىتتىن زەھەرلىنىش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن مەلۇم كېسەللىكنى داۋالاش ئۈچۈن ئىشلەتكەن دوراـ ئوكۇللارنىڭ ئەكىس تەسىرىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ.
دانىخورەك ئوغۇللاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ، بىر قىسىم قىزلاردىمۇ بولىدۇ. دانىخورەكنىڭ پەيدا بولۇشى بىرى تېرە ئاستىدىكى ماي قەۋىتى زىيادە تەرەققىي قىلىپ، بىرقىسىم مايلار تەر تۆشۈكچىلىرى ئارقىلىق سىرىتقا چىقىپ، تېرىنىڭ مايلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بەزى تەر تۈشۈكچىلىرى ئېتىلىپ قېلىپ، ئاستىدىن ھاسىل بولغان ماينىڭ سىرىتقا چىقىشىغا ئىمكانىيەت بولماي دانىخورەكنى پەيدا قىلىدۇ. يەنە بىرى ئىچكى ئاجرالمىلارنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى سەۋەبىدىن تېرە ئاستىدا ھاسىل بولغان ماي ئارىلاش كېرەكسىز تەركىبلەر تەر تۆشۈكچىلىرى ئەتراپىغا يىغىلىپ دانىخورەكنى پەيدا قىلىدۇ.
تەمرەتكىنىڭ رەڭگى ۋە شەكلىگە قاراپ بىر قانچە تۈرگە بۆلىنىدۇ، مەيلى قايسىلا تۈردىكى تەمرەتكە بولمىسۇن پەيدابولۇشىدىكى ئاساسلىق ئامىل ئوزۇقلىنىشنىڭ تەكشىسىزلىكى، ئىلمىي ئوزۇقلىنىشقا ئەھمىيەت بەرمەسلىك سەۋەبىدىن ئىچكى ئورگانىزىملارنىڭ ئاجىزلىششى، بەدەنگە قۇۋۋەت يېتىشمەسلىك، ئىچكى ئاجرالمىلارنى تەڭشەيدىغان بەزلەرنىڭ ئاجىزلىششى، ئىممونىت كۈچى تۆۋەنلەشتىن تېرىگە يېتىپ كېلىدىغان قۇۋۋەت ۋاقتىدا يېتىپ كېلەلمەي، ماددا ئالمىشىش توسالغۇغا ئۇچرايدۇ، ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشقاندا تېرىگە يېقىن ئورۇندىكى كېسەل قوزغاتقۇچى مىكروبلار ياكى سىرىتتىن كىرگەن مىكروبلار ئاسانلا بىر دائىرىدە توپلىشىپ، كۆپىيىش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قانغا ئۆتۈپ كېتىدۇ-دە، دورا ئارقىلىق تەلتۆكۈس ئۆلتۈرۈپ تازىلاش مۇمكىن بولماي قالىدۇ، شۇڭا دورا-ئوكۇل بىلەن داۋالاش پەقەت ۋاقىتلىقلا مەسىلىنى ھەل قىلالايدۇ، داۋالاشنى توختاتقاندىن كېيىن قايتا پەيدا بولىدۇ.

ئوزۇقلۇق ئارقىلىق تېرە كېسەللىكلىرىنى داۋالاش پىرىنسىپى:
ئادەتتە تېرە كېسەللىكلىرىنى ئوزۇقلۇق بىلەن داۋالاشتا ئىچكى تەرەپتىن مەخسۇس ئشلەنگەن ئوزۇقلۇق سويۇقلۇقى ئارقىلىق ھەرقايسى رەئىس ئەزالارنى كۈچلەندۈرۈپ، خىزمەت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، قۇۋۋەتنىڭ بەدەنگە تولۇق ھالەتتە سۈمۈرۈلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. ئىچكى ئاجرالمىلارنى، ماددىلاردىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى تەڭشەيدۇ. قاندىكى ئارتۇق مىقداردىكى ئەخلەت ماددىلارنى تازىلاپ، جاھىل تېرە كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلغۇچى مىكروپلارنى ئۆلتۈرۈپ، قاننىڭ ساپلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. قان-تومۇر دىۋارىدىكى چۆكمىلەرنى ئېرىتىپ، ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ قۇۋۋەت بىلەن تەمىنلىنىشىگە راۋان يول ھازىرلاپ بېرىدۇ. يۈز قىسىمى ئاساسەن ئىنچىكە قىل قان-تومۇرلار بىلەن قاپلانغان بولغاچقا، قاننىڭ ئايلىنىشى باشقا ئورۇنغا قارىغاندا ئاستىراق بولىدۇ ھەم ئاسانلا توسۇلۇش پەيدا بولۇپ قالىدۇ، ئوزۇقلۇق سويۇقلۇقى قاننىڭ ئايلىنىشىنى جانلاندۇرغاندا، يۈز قىسمىدىكى يىغىلىپ قالغان كېرەكسىز چۆكۈندە ماددىلارنىڭ سۈرۈلۈشى راۋانلىشىدۇ. سىرىتقى تەرەپتىن ئاۋۋال يۈز يۇيۇش جەۋھىرى، بەدەن يۇيۇش جەۋھىرى قاتارلىق مەھسۇلاتلار ئارقىلىق كېسەللىك بار دائىرىنى پاكىز يۇيۇپ، تەر تۆشۈكچىلىرىگە يىغىلىپ قالغان سۇدا ئاسان ئېرىمەيدىغان ماددىلارنى ئېرىتىپ چىقىرىپ، تېرىنىڭ تەر تۆشۈكچىلىرى ئارقىلىق نەپەسلىنىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. ئاندىن كېيىن يۈز قۇۋۋەتلەش جەۋھىرى، تېرە ساغلاملاشتۇرۇش جەۋھىرى قاتارلىق مەھسۇلاتلار كېسەللىك بار دائىرىگە سىرىتتىن پۈركۈپ ئىشلىتىلىدۇ، بۇلار ئېچىلغان تەر تۆشۈكچىلىرى ئارقىلىق تېرە ئاستىغا بىۋاستە سىڭىپ كىرىپ، كېسەللىك مىكروپلىرىنىڭ كۆپىيىشىنى تېزلىكتە كونتىرول قىلىدۇ، نورمال ھۈجەيرىلەرنى مەلۇم دەرىجىدە قۇۋۋەت بىلەن تەمىنلەپ، كۆپىيىشىنى تېزلەشتۈرىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئىچكى تەرەپتىن كېلىدىغان ئوزۇقلۇق سويۇقلۇقىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماسلىشىپ، كېسەلنى تۈپ يىلتىزىدىن، تېز سۈرئەتتە داۋالاشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ.




[Birzat بۇنى 2010-08-08 03:28 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 2 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماyuzarsif[2011-03-02 02:44 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!

مەندە كالا تەمرەتكئسى پەيدا بولغىلى بىر يىل دىن ئاشتى. بۇنى خەلىق ئارادا ساقايتقلى بولمايدۇ. دەيدۇ.      
ئۇيغۇر تىبابەتتە   ساقايتقلى  بولارمۇ ؟  ئېغر كۈرمەي     مەسلھەت بەرگەن بولسىڭز؟


回复قايتۇرماARKAM720[2010-09-03 10:47 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
منىڭ ئىنمنىڭ بەدىنىگە تەمرەتكە چىقىپ كىتپتكەن،دوختۇرخانغا ئىلىپ بىرىپ تەكشۈرۈتسەم ،تەر تەمرەتكسى يەنى خەنزۇچە ئاتلشى 汗癣 دەپمۇ ئاتلىدىكەن .بۇكىسەلگە سۈركەيدىغان دورا ۋە ئىچىدىغان
دورا بەرگەن ،ئىچىدىغان دورا جىگەرگە تەسىر كۆرستىدىكەن ئىچىكەندىن كىيىن باش ئاغىرىش ئالامەتلىرى
كۆرۈلۈپ،دورائىچشنى توختاتتۇق.مۇشۇ كىسەلگە قارىتا ئۇيغۇر تىبابتىمىزدە دورللار بارمۇدۇ.مەسلھەت بەرگەن
بولسىڭز؟
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.