نېمە ئۈچۈن يېڭىدىن بېزەلگەن ئۆيگە دەرھال كۆچۈپ كىرىشكە بولمايدۇ؟
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2010-08-07
تۇرمۇشتا يېڭى ئۆيگە كۆچۈش خۇشاللىنارلىق ئىش. لېكىن يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەندىن كېيىن، بەزى كىشىلەردە باش قېيىش، باش ئاغرىش، ماڭقىسى ئېقىش، بۇرنى ئېتىلىپ قېلىش، گېلى ئاغرىش، دېمى سىقىلىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بۇ قاندق ئىش؟ ئەسلىدە، ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ۋە ئۆي ئىچىنى بېزەش ماتېرىياللىرى ئىچىدە بەزى زەھەرلىك ماددىلار ۋە رادىئوئاكتىپلىق ماددىلار بار، ئۇلار ئادەم بەدىنىنى زەھەرلەش رولىنى ئوينايدۇ. مەسىلەن، سېمونت، ھاك، سىر، سۇۋالغۇ، پولات، يالتىراق، قاراماي، فورمالدېگىد، تاشپاختا قاتارلىقلار بەزى زەھەرلىك ماددىلارنى چىقىرىپ، كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. يېڭى سېلىنغان، يېڭى بېزەلگەن ئۆيدە بەزى زەھەرلىك بۇيۇملارنىڭ قويۇقلۇقى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ، ئۇلار ئادەملەرنىڭ نەپەس يولى ۋە تېرىسى ئارقىلىق ئادەم تېنىگە قوبۇل قىلىنىدۇ – دە، ئادەمنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ. دەرۋەقە، ھېچكىممۇ مۇشۇنداق كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن قورقۇپ يېڭى ئۆيگە كۆچمەي قويمايدۇ، بۇ مەسىلىگە قارىتا تولۇق تونۇشقا ئىگە بولساقلا، ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ چارىسىنى قىلالايمىز. ئالدى بىلەن، بۇ زەھەرلىك ماددىلار مەلۇم قويۇقلۇق دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەندىن كېيىن، ئاندىن ئادەم تېنىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر بىز دېرىزىلەرنى داۋاملىق ئېچىپ تۇرساق، ھاۋا ئالمىشىپ ھاۋا ساپلاشسا زىيان – زەخمەتتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى ئىشلەپ چىقارغۇچى ئورۇنلار قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىدىكى زەھەرلىك تەركىبلەرنى قەتئىي ئازايتىشى ياكى ئۈستىگە پۈركىمە قەۋەت قوشۇۋېتىشى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، ئادەتتە يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىشكە ئالدىراپ كەتمەسلىك، ئەڭ ياخشىسى ئۆي يېڭى سېلىنغان ۋە بېزەلگەندىن كېيىن، دېرىزىلەرنى ئېچىپ ھاۋا ئۆتكۈزۈپ، بىر مەزگىل تۇرغۇزغاندىن كېيىن، ئاندىن كۆچۈپ كىرىش كېرەك.
مەنبە:بىلقۇت
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار: