غالجىر كېسىلىنى يەنە سۇدىن قورقۇش كېسىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ ، ئۇنى غالجىر ۋىرۇسى كەلتۇرۇپ چىقارغان بولۇپ ، مەركىزى نېرۋا سىستمىسىغا تاجاۋۇز قىلىشنى ئاساس قىلغان ، ئادەم بىلەن ھايۋانلار ئورتاق گىرىپتار بولىدىغان ئۆتكۈر خارەكتىرلىك يۇقۇملۇق كېسەل .
ئېتىئولوگىيىسى :
غالجىر كېسىلى ۋىرۇسى ئولتىرا بىنەپشە نۇر ، يود تىنىكتۇرىسى ، كالىي پىرمانگانات ، ئىسپىرىت قاتارلىقلاردا ئاسان ئۆلىدۇ . يەنە 100 سىلسىيە گىرادۇستا ئىككى مىنىۇت قىزدۇرسىمۇ ئۆلىدۇ .
يۇقۇملىنىش مەنبەسى :
 

" /> غالجىر كېسىلى [تېبابەت بىلىملىرى] - 80 خالتا بلوگى

غالجىر كېسىلى [تېبابەت بىلىملىرى]


غالجىر كېسىلىنى يەنە سۇدىن قورقۇش كېسىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ ، ئۇنى غالجىر ۋىرۇسى كەلتۇرۇپ چىقارغان بولۇپ ، مەركىزى نېرۋا سىستمىسىغا تاجاۋۇز قىلىشنى ئاساس قىلغان ، ئادەم بىلەن ھايۋانلار ئورتاق گىرىپتار بولىدىغان ئۆتكۈر خارەكتىرلىك يۇقۇملۇق كېسەل .
ئېتىئولوگىيىسى :
غالجىر كېسىلى ۋىرۇسى ئولتىرا بىنەپشە نۇر ، يود تىنىكتۇرىسى ، كالىي پىرمانگانات ، ئىسپىرىت قاتارلىقلاردا ئاسان ئۆلىدۇ . يەنە 100 سىلسىيە گىرادۇستا ئىككى مىنىۇت قىزدۇرسىمۇ ئۆلىدۇ .
يۇقۇملىنىش مەنبەسى :
ئاساسلىق يۇقۇم مەنبەسى ئىت بولۇپ ، ئۇنىڭدىن قالسا مۈشۈك ، بۆرە قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلاردۇر .
تارقىلىش يولى :
ئاساسلىقى ئىت چىشلىۋېلىپ يارلىنىشتىن يۇقۇملىنىدۇ . يەنە تەركىبىدە ۋىرۈس بولغان شۆلگەي سۇيۇقلۇقى ھەر خىل يارا ئېغىزلىرىغا ۋە تاتلاپ يارلاندۇرغان ، چىشلەپ يارلاندۇرغان تېرە شىللىق پەردىلەرگە كىرىپ كېتىش ئارقىلىق يۇقۇملىنىدۇ . ئاز ساندىكىلىرى كېسەل ئىتلارنى بوغۇزلاش ، تېرىسىنى سويۇش قاتارلىق ۋاستىلىك ئوچرىشىش ئارقىلىق يۇقۇملىنىدۇ .
يۇقۇملىنىشقا مايىل كىشىلەر :
ئادەملەر ئومۇميۇزلۇك يۇقۇملىنىشقا مايىل كېلىدۇ .
كىلىنكىلىق ئىپادىلىرى :
1. دەسلەپكى مەزگىلى -- كۆپىنچە بىمارلاردا تۆۋەن قىزىتما ، ئىشتىھاسى ناچارلىشىش ، كۆڭلى ئېلىشىش ، باش ئاغرىش ( كۆپىنچە گەجگە قىسمى ئاغرىيدۇ ) ، ھېرىپ چارچاش ، پۈتۈن بەدەن ئارامسىزلىنىش قاتارلىق << زۇكامدىغانغا >> ئوخشاش ئالامەتلەر كۆرۈلدۇ ؛ كەينىدىنلا قورقۇپ خاتىرجەمسىزلىنىش ، ئاسان ھھياجانلىىنش ، ئۇيقۇسىزلىق ، بىسىم ھىس قىلىش ، ئاۋازغا ، نۇرغا ، شامالغا ، ئاغرىققا بولغان سېزىمچانلىقى ئېشىپ كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈش بىلەن بىرگە كېكىرتىكى سىقىلغاندەك ھېس قىلىدۇ . ئۇدا 2-4 كۈنەىچە داۋاملىشىدۇ .
2. قوزغىلىش مەزگىلى -- بىمار ئاستا -ئاستا يۈكسەك قوزغىلىش ھھلىتىگە كىرگەندىن كېيىن ، زىيادە قورقۇش ، سۇدىن قورقۇش ، قوزغىلىشچان يۇتقۇنچاق مۇسكۇلى سىپازمىلىنىش ، شامالدىن قورقۇش ، نەپسى قىيىنلىشىش ، چوڭ -كىچىك تەرەت قىيىنلىشىش ، شۇنداقلا كۆپ تەرلەش ، شۆلەەي ئېقىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈنەرلىك بولىدۇ .سۇدىن قورقۇش بۇ كېسەلنىڭ روشەن ئالامىتى بولۇپ ، يۇتقۇنچاق موسكۇلىنىڭ سىپازمىلىنىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ .ئۇدا 1-3 كۈنگىچە داۋاملىشىدۇ .
3. پالەچلىنىش مەزگىلى -- سىپازمىلىنىش توختىغاندا ، بىمار بارا-بارا تىنىچلىنىدۇ . لېكىن بوشاشقان پالەچلىنىش ، بولۇپمۇ پۇت قوللاردىكى يۇمشاق پالەچلىنىش ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ . كۆز مۇسكۇلى ، يۈز قىسمىدىكى مۇسكۇللار شينداقلا چايناش مۇسكۇللىرىمۇ تەسىرگە ئۇچراپ ، ئالغاي بولۇش ، كۆز ئالمىسىنىڭ ھەركىتى نورمالسىزلىنىش ، ئاستىنقى جاغ ساڭگىلاش ، ئېغىزىنى يۇمالماسلىق ، چىراي ئىپادىلىرى ئازلاش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلدۇ . بىمارنىڭ نەپسى بارا-بارا ئاجىزلاپ ياكى تەرتىپسىزلىنىپ ، سەكرات نەپىسى پەيدا بولىدۇ . تومۇر ئاجىز سوقۇپ ، قان بېسىمى تۆۋەنلەپ ، ئىنكاسى ئاجىزلاپ ، كۆزقارچۇقى يوغىناپ ، نەپەس ۋە قان ئايلىنىش زەئىپلىشىش سەۋەبلىك ، بىمار ئىنتايىن تېزلا جان ئۈزىدۇ . جان ئۈزۈشتىن بۇرۇن بىمار كۆپىنچە ھوشسىز ھالەتتە بولىدۇ . بۇ مەزگىل ئۇدا 6-8 سائەتكىچە داۋاملىشىدۇ .
لابۇراتورىيىلىك تەكشۇرۇش :
قان رايى : ئەتراپ ئاق قان ھۈجەيرىلىنىڭ سانى (12-30) كۆپەيتىلگەن 10 نىڭ 9-چى دەرىجىسى بولۇپ نېترال دانىچە ھۈجەيرە سانى ئادەتتە 80% تىن يۇقۇرى بولىدۇ .
سۈيدۇكنى قائىدىلىك تەكشۇرۇش : سۈيدۈكنى قائىدىلىك تەكشۇرۇش نەتىجىسىدىن يېنىك دەرىجىدىكى ئاقسىللىق سۈيدۈكنى ، بەزىدە سۈزۈك سىلىندىرنى بايقىغىلى بولىدۇ .
داۋالاش :
بىمارلار ئادەتتە كېسەل قوزغالغاندىن كېيىن ناھايىتى تېزلا ئۆلۈپ كىتىدۇ ، بۇ كېسەلنى داۋالاشتا تا ھازىرغىچە ئالاھىدە ئۈنۈم كۆرسىتىدىغان دورا يوق . پەقەت چىشلىۋالغاندىن كېيىنلا ئاندىن ئالاھىدەئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا توغرا كىلىدۇ . ئىت ، مۈشۈككلەر چىشلىۋالسا ياكى تاتىلىۋالسا ۋەياكى يارلانغان تېرىنى يالاپ قويسا ، دەرھال ۋاكسىنا ئەملەش بىلەن بىرلا ۋاقىتتا غالجىرلىق كېسىلىگە قارشى تۇرغۇچى ئىممۇنىترتلىق شارچە ئاقسىلىنى ئوكۇل قىلىش كېرەك . ( بولۇپمۇ 24 سائەت ئىچىدە ۋاكسىنىنى ئەملەش كېرەك ) .
ئالدىنى ئېلىش -تىزگىنلەش :
1. ھايۋانلار يۇقۇم مەنبەسى بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىپ ، يۇقۇم مەنبەسىنىقاتتىق باشقۇرۇپ ، ياۋا ئىتلارنى ئۆلتۈرۈپ ، ئائىلە ئىتلىرىنى ئىممۇنىتېتىلاش كېرەك .
2. غالجىرلىق كېسىلى پەيدا بولغان بىمارلارنى دەرھال شۇ جايدىكى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش -تىزگىنلەش مەركىزىگە دوكلات قىلىش ، ۋاكسىنىنى تەڭشەپ ، يارلانغۇچىلارنى ئممۇنتېتلاپ ، كېسەل ئىتلارنى ئۆلتۈرۈپ ، يۇقۇش خەتىرى بولغان كىشىلەر توپىغا ۋاكسىنا ئەملەش كېرەك .
3. غالجىر ئىت چىشلىۋالغان بىمارلارنى ئۇچراتقاندا ، يارا ئېغىزىنى دەرھال توغرا بىر تەرەپ قىلىش ، 20 % لىك سوپۇن سۈيى بىلەن ياكى 0.1% لىك بىرۇمۇگېرامىن (新洁尔灭) سۇيۇقلۇقى بىلەن يارا ئېغىزىنى قايتا -قايتا يۇيۇش كېرەك . ئادەتتە يارا ئېغىزىنى تىكىشكە ياكى ئوراپ قويۇشقا بولمايدۇ .
4. غالجىرلىق كېسىلى ئادەتتە ئادەملەر ئوتتۇرسىدا ئۆز-ئارا بىر -بىرگە يۇقمايدۇ . بىمارنى ئالاھىدە ئايرىۋىتىشنىڭ ھاجىتى يوق .
مەنبە--疾病预防控制中心CDC
خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: 0999يۇرت




[Birzat بۇنى 2010-07-30 02:26 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: غالجىر

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 0 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.