ئاجايىپ بىر ئويۇنلىرىمىز بولىدىغان -قوي باققىچە باشقا يۇۋاش قويلارنى ئەگەشتۈرۈپ خەقنىڭ زىرائەتلىرىگە باشلاپ ئەكىتىدىغان كەپسىزرەك قويلارنى تۇتۇپ يانچە ياتقۇزاتتۇق، ئاندىن ئۈستى تەرەپتىكى كۆزىگە تۈكۈرۈپ بىردەم ئۇۋلاپ شەپكىمىزنى كەيدۈرۈپ قوياتتۇق. شۇنىڭ بىلەن بۇ كەپسىز قوي شۇ تەرىقىدە 5-10 مىنۇت ئەتراپىدا جىممىدە ياتاتتى. كۈلۈشۈپ باشقا ئويۇنلىرىمىزنى ئوينىشاتتۇق. ھىرىپ كەتكەندە بولسا چىملىقلارغا ئۆزىمىزنى تاشلاپ كۆك ئاسمانغا قارىشىپ يېتىپ ئالەم ھەققىدە قىزىقارلىق، ئاجايىپ پاراڭلارنى قىلىشاتتۇق. ئاسمان يەتتە قەۋەت ئىكەن، بىز 4-قەۋىتىدە ئىكەنمىز، نېمىشقا دېسەڭلار- بىز دۇنيانىڭ ئوتتۇرسىدا بولغاچقا تاسمىنى بىلىمىزگە باغلايدىكەنمىز. ئاسماننىڭ 1-قەۋىتىدىكىلەر تاسمىنى ئوشۇقىغا ، 2-قەۋىتىدىكىلەر تېزىغا، 3-قەۋىتىدىكىلەر يوتىسىغا باغلايمىش. بىزنىڭ ئۈستىمىزدىكى 5-قەۋەت ئاسماندىكىلەر مەيدىسىگە، 6-قەۋەتتىكىلەر گېلىغا، 7-قەۋەتتىكىلەر پىشانىسىگە تاقايمىش.

" /> بالامنى ئوينىتىپ بالىلىقىمنى ئەسلەپ قالدىم(1) [ئەدەبىي يازمىلىرىم] - 80 خالتا بلوگى

بالامنى ئوينىتىپ بالىلىقىمنى ئەسلەپ قالدىم(1) [ئەدەبىي يازمىلىرىم]


 

تېرىكچىلىك، تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى ھەممىنى ئالدىراش قىلىۋەتكەن مۇشۇ كۈنلەردە مەنمۇ شۇ ئالدىراش كىشىلەر توپى ئىچىدىن ئۆزۈمنى تارتىپ بولالمىدىم. ئوغۇللىرىمنى ئوينىتىشقا، بلوگىمغا چۈشۈۋاتقان تورداشلار سۇئاللىرىغا جاۋاب تەييارلاشقا، شەھەر ئاتلاپ سەيلى-ساياھەت قىلىپ كىلىپ چارچىغان نېرۋىلىرىمنى ئارام ئالدۇرۇشقا يېتەرلىك ۋاقىت چىقارماي تۇرۇپلا ياز ئاخىرلىشاي دەپ قاپتۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى مەن ياخشى كۆرىدىغان، ھوزۇرلىدىغان ئىشلاردىن تۇرۇپ ئۇلارغا ۋاقىت چىقىرالمايۋاتقىنىمغا ئىچىم پۇشىدۇ. ئەدناسى، بىزنىڭ ئۆي تۈمەن دەرياسىنىڭ يۇقۇرى ئېقىنى بويىدا-ھاۋاسى شۇنچە ساپ، ياپيېشىل ، چىمەنزار بىر ماكان. دەريا بويى ئەتراپىدىكى سۆگەتلەر، شال مايسىلىرى يىنىك تەۋرىنىپ تۇرغان ئېتىزلار كۆڭۈللەرنى خۇش ئىتىپ شەھەرنىڭ شاۋقۇن سۈرەنلىرىدىن چارچىغان نېرىپلارغا ئارام بەخىش ئېتىپ تۇرسىمۇ ياز كىرگەندىن بىرى دەريا بويىغا ئاران 2-3 مەرتە ئۆتۈپ بېقىپتىمەن. ھەر ئىككىلى قېتىمدا چوڭ ئوغلۇمنى ئوينىتىپ كىلىش باھانىسى بىلەن ئۆزۈمنى زورلاپ ئىلىپ باردىم. كىچىك بالا دېگەننى ئوينىتىپ تۇرغۇلۇق ئىكەن. كىچىك-كىچىك ئېقىنلارغا تايتاڭلاپ كىرىپ پۇتلىرىنى ئۇرۇپ چاچرىغان سۇ تامچىلىرىغا كۆزلىرىنى مىتىلدىتىپ قويۇپ ھاياجاندىن چۇقۇراپ كېتىشلىرى، دەريادىكى ھەيۋەت سۇنى كۆرۈپ ھاياجىنىنى سىغدۇرالماي ئىچىگە تارتىپ كېتىشلىرى، چۈچۈك تىللىرى بىلەن << دادداا، شۇ، شۇ >> دەپ گۇڭراپ كېتىشلىرى، يەردىن پالاقشىپ ئېغىر قاناتلىرىنى تەستە كۆتۈرۈپ ئۇچۇشقا كۆتۈرۈلگەن قۇشلارنى كۆرۈپ قوللىرىنى بۇلاڭشىتىپ سەكرەپ كېتىشلىرى ئادەمنىڭ ھاردۇقىنى ئالىدىكەن. << بالام، شۇ ئەمەس، سۇ دېگىن ، سۇ ، سۇ >> دېسەم. ش، بىلەن س ئوتتۇرسىدا تاتلىققىنا بىر تاۋۇش پەيدا قىلىپ مېنى كۈلدۈرۋەتتى.  بۇلاق كۆزلىرىدىن بۇلدۇقلاپ ئاۋاز چىقىرىپ ئەتراپقا تارۋاتقان يىنىڭ سۇ دولقۇنى، شۇ دولقۇنلار ئىچىدە ئۈزۈپ يۈرگەن بىلىجانلار ئۇنىڭغا ئىنتايىن يېڭىلىق تۇيۇلۇپ بالىلىق تۇيغۇسىدا ئۆزگىچە تەسىرلەرنى پەيدا قىلىۋەتتى. بۇ يەرنىڭ مەنزىرسى خىلى بولۇپ قويىدۇ. كىچىكىمدىن تاڭ ئاتسىلا ئىشىك ئالدىغا ياكى ئۆگىزىگە چىقسام كۆرىدىغىنىم  تۈمەن دەريا بويىدىكى كەڭرى كەتكەن شال ئېتىزلىرى؛ سەل نېرىسىدا يار ئۈستىدىكى تېرەكلىك بىر مەھەللە(سۇلۇق)؛ مەھەللىنىڭ نېرىسىدا تا ئاتۇشقىچە سوزۇلغان ئېگىز تاغ؛ تاغ ئۈستىدە كۆپكۈك ئاسمان؛ بۇ مەنزىرىلەر ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى بىر قارىغان ئادەمگە بەئەينى سۈزۈكلۈك دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقۇرى زەنجىرسىمان تۇتۇشۇپ كەتكەن ئېسىل بەھەيۋەت بىر سۈرەت ئىدى. كىچىكىمدىن شۇ خىل موھىتتا ئويناپ چوڭ بولغاچقىمىكىن بۇغداي ئورۇپ ، خامان تەپكىچە ، دەريا بويلىرىدا قوي باققۇچە، بالىلار بىلەن توپىغا مىلىنىپ يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ قۇرۇق شاخلارنى كۆيدۈرۈپ كۆكباش پۇشۇرۇپ ھوزۇرلىنىپ يېگۈچە ، سۇغا چۈمۈلۈپ لاي-پاتقاقلارغا مىلىنىپ ئاپتاپقا قاقلىنىپ ياتقۇچە ئاجايىپ بىر شائىرانە ھېسياتلاردا بولۇپمۇ قالاتتىم. ئانچە-مۇنچە بىلىق تۇتۇپ قالساققۇ خوش بولۇپ گۈلقەقەلىرىمىز ئىچىلىپ كېتەتتى. ئىچ-قارنىنى تازىلاپ يىكەن قومۇشنىڭ تومراق نەيچىسىنى بىلىققا سانجىپ ئوتقا قاقلاپ پۇشۇرۇپ يەيتتۇق. ئۇ ۋاقىتلاردا بىلىقلار نىمانچە مىزىلىك تۇيۇلاتتىكىن؟ ھازىر بىلىق يېسەم ئۇ ۋاقىتتىكى مىزىلىك تەمنى پەقەتلا تېتىيالمىدىم. ئاجايىپ بىر ئويۇنلىرىمىز بولىدىغان -قوي باققىچە كەپسىزرەك، باشقا يۇۋاش قويلارنى ئەگەشتۈرۈپ خەقنىڭ زىرائەتلىرىگە باشلاپ ئەكىتىدىغان ئايرىم قويلارنى تۇتۇپ يانچە ياتقۇزاتتۇق، ئاندىن ئۈستى تەرەپتىكى كۆزىگە تۈكۈرۈپ بىردەم ئۇۋلاپ شەپكىمىزنى كەيدۈرۈپ قوياتتۇق. شۇنىڭ بىلەن بۇ كەپسىز قوي شۇ تەرىقىدە 5-10 مىنۇت ئەتراپىدا جىممىدە ياتاتتى. كۈلۈشۈپ باشقا ئويۇنلىرىمىزنى ئوينىشاتتۇق. ھىرىپ كەتكەندە بولسا چىملىقلارغا ئۆزىمىزنى تاشلاپ كۆك ئاسمانغا قارىشىپ يېتىپ ئالەم ھەققىدە قىزىقارلىق، ئاجايىپ پاراڭلارنى قىلىشاتتۇق. ئاسمان يەتتە قەۋەت ئىكەن، بىز 4-قەۋىتىدە ئىكەنمىز، نېمىشقا دېسەڭلار- بىز دۇنيانىڭ ئوتتۇرسىدا بولغاچقا تاسمىنى بىلىمىزگە باغلايدىكەنمىز. ئاسماننىڭ 1-قەۋىتىدىكىلەر تاسمىنى ئوشۇقىغا ، 2-قەۋىتىدىكىلەر تېزىغا، 3-قەۋىتىدىكىلەر يوتىسىغا باغلايمىش. بىزنىڭ ئۈستىمىزدىكى 5-قەۋەت ئاسماندىكىلەر مەيدىسىگە، 6-قەۋەتتىكىلەر گېلىغا، 7-قەۋەتتىكىلەر پىشانىسىگە تاقايمىش. يەنە ئاجايىپ-ئاجايىپ تەسەۋۋۇرلار بىلەن بالىلىقىمىز شۇنچە خۇشال ئۆتەتتى. ئەينى شۇ ۋاقىتلاردا سەھرا بالىلىرىدىكى بەزى بىر قىلىقسىزلىقلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا ھەممە نەرسىنى پاكىز ، سۈزۈك دەپ تەسەۋۋۇر قىلاتتىم. بالىلىرىمنىمۇ شۇ ساپ تۇيغۇ، گۈزەل تەسەۋۋۇرلار بىلەن ئەنە شۇ سەھرادا ئۆسۈپ يېتىلسە بولاتتى دەپ ئارزۇ قىلىپ تۇرۇپ شەھەرگە كىرىپ ماكان تۇتماقچى بولۇپ قالدىم. شەھەردىكى چەكسىز ئىمكانىيەتلەرنى، ئالدىراش ھاياتنى دەپ سەھرانى تەرك ئەتمەكچى بولىۋاتىمەن. ئەمەلىيەتتە سەھرادىن شەھەرگە كۆچۈشۈم مەن ئۈچۈن پەقەت كەچتە ئارام ئالىدىغان ماكانىمنى يۆتكىگەندەكلا بىر ئىش بولۇپ قالغان بولغاچقا كۆچۈش دەيدىغان بىر ئۇقۇم مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. پەقەت بالىلىرىمنى مېنىڭ شۇ سەھرا بالىلىرىلا ھېس قىلىپ يېتەلەيدىغان گۈزەل بالىلىق كەچمىشلىرىم بىلەن شۇ ساپ، ئىسىل تۇيغۇلارغا، گۈزەل تەسەۋۋۇرلارغا چۈمدۈرەلمەي قىلىشىمدىن پەيدا بولغان ئەنسىراشلا بار ئىدى.

دۇكانغا خىرىدار كىردى، خاتىرە ئۈزۈلدى.

 




[Birzat بۇنى 2010-08-08 07:53 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: پارچە-پۇرات خاتىرىلەر

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 4 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماqalkux[2014-02-24 06:43 PM | del]
ئادەمنى .ىنتايىن تەسىرلەندۇردىغان بىرمەزمۇن يوللاپسىز ئاللا ئىشلىرىڭىزغا ئوڭۇشلۇق ئاتاقىلسۇن .بۇمەزمۇننى كۆرۇپ مەنمۇ بالىلىقىمغاقايتاندەك بولدۇم. ئۇۋقىتلاھەپەش دىگىچە ئادەمنىڭ ئۆتمىشىگە ئايلىنىپ قادىكەن....  ھەي !!! شۇ بالىلىقىمز .كەلمەسكە كەتكەن شۇ گۇزەل چاغلىرىمىز...
回复قايتۇرماkainam[2010-07-31 05:38 PM | del]
قوي بېقىش توغۇرۇق گەپ بولۇنسا مېنىڭمۇ شۇ چاغلىرىم ئېسىمگە كېلىپ قالىدۇ ، راست ، شۇنداق قويلار بولىدىغان باشقا قويلارنى كەينىگە سېلىپ نەدە خەقنىڭ ئېتىزلىرى ، كۆكتاتلىقى ، قوغۇنلۇقلىرى  بولسا شۇ يەرگە باشلاپ بېرىپ ئادەمگە ئاۋارچىلىق تېرىپ بېرىدىغان ، ئادەتتە بۇنداق قويلار تولا مېڭىپ تۈزۈك ئوت يىمىگەچمە بەكلا ئورۇق بولىدىغان ، بىز بۇنداق قويلارنى قوتا(قوتۇر) قوي دەپ ئاتايتتۇق . بىزنىڭ بۇنداق قويغا قوللىنىدىغان تەدبىرىمىز سىلىنىڭكىگە ئوخشىمايدىكەن ، بىز ئادەتتە كەينى پۇتىغا بىر كالتەك ئېسىپ قوياتتۇق ، شۇنى سۆرەپلا يۈرەتتى ، ئەگەر تىزراق ماڭغۇدەك بولسا ، كالتەك يەنە بىر پۇتىغا ئۇرۇلۇپ ، پۇتلىشىپ دېگەندەك ماڭالمايتتى ، شۇنىڭ بىلەن زېرىكىپ  ئورنىدا تۇرۇپ چۆپ يىمەكتىن باشقا ئامالى بولمايتتى ...
ئۇ چاغلار ھەقىقەتەن گۈزەل ئۆتكەنىكەن .
يۈكسەل بىلوگىدىكى "ئالتۇن رەڭ بالىلىق" دېگەن تىمىغا قالدۇرغان بىر ئىنكاسىم بار ئېدى ، مۇشۇ يەرگىمۇ قىستۇرۇپ قوياي
-------------------------------------------------
بۇ تىمىنى ئەينى ۋاقىتتا ئىزدىنىشقا يوللىغاندىمۇ شۇنداق قىزىغانتى ، بۇ يەردە ئوقۇپ مېنىڭمۇ بىر نەرسە يازماي چىقىپ كەتكەم كەلمىدى.
راست دەيسىز ، كىچىك چاغلار ھەقىقەتەن مەنىلىك ئۆتكەن ، باغچىنىڭ ئىلەنگۈچلىرىدىن باشقا جايدىن خۇشاللىق تاپالمايدىغان ھازىرقى زامان بالىلىرنى كۆرگىنىمدە ئىچىم ئاغرىيدۇ . كىچىك چاقلىرىمىزدا مەھەللىمىزدە ئىككى ئېىقن ئۆستەڭ بولۇپ ، "قوش ئۆستەڭ" دەپ ئاتايتتۇق ، ئېگزرەكىنى ئېگىز ئۆستەڭ ، چوڭقۇرراقىنى چوڭقۇر ئۆستەڭ (مەھەللىمىزنىڭ شىۋىسى بويىچە چۇقۇ ئۆستەڭ) دەپ ئاتايتتۇق . ئۆستەڭنىڭ ئىككى قېشىدا ئادەم بېلىدەك كېلىدىغان سۆگەتلەر ئۆسكەن بولۇپ ، شاخلىرى ئۆستەڭگە سايە تاشلاپ تۇراتتى ، سۆگەت شاخلىرىغا ئېسىلىۋېلىپ ئۆستەڭ يۈزىدە ئۇچۇشۇپ ئوينىغانلىرىمىز ، سۆگەتنىڭ ئۇچىغا چىقىۋېلىپ سۇغا سەكرىگەنلىرىمىز مەڭگۈ ئېسىمدىن چىقمايدۇ ، ئويلىسام يىغا تۇتىدۇ . سۆگەت شاخلىرىنىڭ باراقسانلىقىدىن ئۆستەڭگە ئاپتاپ چۈشمىگەچكە سۇ خېلىلا سوغۇق ئېدى ، يازنىڭ تومۇز كۈنلىرىدە مەھەللىدىكى بالىلار بىلەن بىر ئىككى سائەتلىپ سۇدىن چىقماي ئوينىشاتتۇق ، ئازراق قۇمنى دۆۋلەپ قويۇپ ، ئوتتۇرسىغا بىر تال ياغاچنى سانچىپ ، ئەتراپىدىن ھەممىمىز تەڭ كولايتتۇق ، كىم ئۆرىۋەتسە ئىككى پۇتى ، ئىككى قولىدىن تۇتۇپ سۇغا ئاتاتتۇق …. ھەي ، نىمىدىگەن ئېسىل كۈنلەر ھە ؟!!!
قاچانلاردىن بېرى سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ ۋەزىپىسى چۈشتىكىن ، ئۆستەڭ ياقىسىدىكى سۆگەتلەرنى قومۇرۇپ ، ئۆستەڭگە سىمونىت ياتقۇزۋېتىشتى ، شۇنىڭ بىلەن بۇ قايناق قوش ئۆستەڭ جىمجىت ئېقىشقا باشلىدى . پات-پات Google دىن شۇ ئىككى ئۆستەڭنى ئىزدەپ كۆرۈپ قويىمەن ، خېلى يىراقلارغىچە ئىزدەپ باقساممۇ شۇ چاقلاردىن قالغان بىر نەچچە تۈپ سۆگەتتىن باشقا باراقسانلىقنى تاپالمايمەن ، ئۇزۇنغا سۇزۇلغان ئىككى تال سىزىقلا كۆرۈنىدۇ …..
يۇقاردە دىيىلگەندەك قوي بېقىشقا بېرىش نەقەدەر كۆڭۈللۈك ئېدى ، بالىلار ھەممىمىز مەسلىھەتلىشىپ ، بىر بىرىمىزنى چاقىرشىپ دېگەندەك قويلىرىمىزنى تەڭلا ھەيدەپ چىقاتتۇق ، ئاپىرىپ يايلاققا قويىۋېتىپ ، سازلىقلاردا بېلىق تۇتۇپ ، يۇلغۇن تاياقلىرى بىلەن كاۋاپ قىلىشاتتۇق … كەچتە قايتقانلىرىمىزدا قويلارنى ئالدىدا بىرىمىز يول باشلاپ ماڭاتتۇق ، قويلارمۇ ئالدىدىكى بالىغا ئەگىشىپلار ماڭاتتى ، قويلارمۇ ئۆز ئۆيلىرىگە كەلگەندە ئېزىقىشماستىن ئايرىلىپ ئۆز ئېغىللىرىغا كىرىشەتتى … نوپۇسنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ كىشىلەرنىڭ يەرگە بولغان ئېھتىياجى ئېشىشقا باشلىدى ، يايلاقلار ئېتىزلارغا ئايلاندۇرۇلدى ، باغلار كېسىلدى ، ساسلىقلارنىڭ سۈيى تارتىلىپ ، قۇرىدى ، كىيىنچە ساسلىقلارمۇ ئېتىزغا ئايلاندۇرۇلدى ، مەھەللە جىمجىتلىشىشقا باشلىدى ، بالىلارنىڭ بىر بىرىنى چاقىرشىپ چۇرقىراشقان ئاۋازلىرى ئاڭلانمايدىغان بولدى. قويلارنىڭ مەرەشكەن ، كالىلارنىڭ مۆرەشكەن ئاۋازلىرى مەھەللە ئوتتۇرسىدىكى يايلاققا بارىدىغان يولدىن ئەمەس ، قوشنىلارنىڭ ئېغىللىرىدىن ئاڭلىنىدىغان بولدى …
回复قايتۇرماBirzat[2010-07-31 04:56 PM | del]
فەھرۇنىڭ ئىنكاسى:
بىراۋنىڭ " بالىلىقىم " ناملىق شېئىرى يادىمدىن كەچتى ...


بىرزامانلار بالا ئىدىم مەنمۇ،
تال چىۋىقنى ئات قىلىپ ئوينىغان .
...
ھەيران مەن ،
قانداق قىلىپ يەتتە دوست
بىر ناننى تەڭ يىگەن بولغىيدۇق .
...
ئۆتۈپ كەتتى تالاي زامان ،
يۈزلۈرۈمگە قوندى ساقال .
ھەيران مەن يەنە شۇنىڭغا ،
يىيەلمەيمىز ئەمدى بىز بىر ناننى
يەتتە ئەمەس ھەتتا ئىككىمىز
تەڭ بۆلۈشۈپ ...

ئاتىكەمنىڭ ئىنكاسى:
بالىلىق ئەجاپ  گۇزەل چاغلار-ھە،،،،،،،،،،،،بالىلىق گۇزەل كەچمىشلەرگە تولغان ئۇنتىلغۇسىز مەزگىلدۇر،،،،،،،بەلكىم ھەمىمىزنىڭ خۇشاللىغى ،،،ساددا خىياللىرى ،،،ئاجايىپ ئۇمۇد -ئارزۇلىرىمىز  شۇ بالىلىققا سېڭگەن بولسا كىرەك ،،،،،،،شۇڭا ھەمىمىز بالىلىغىمىزنى ئۇنتالمايمىز ،،،،،،
回复قايتۇرماBirzat[2010-07-30 03:38 PM | del]
ئەلكۈيىدىكى تورداشلارنىڭ بۇ تېمىغا يوللىغان ئىنكاسلىرى ئىكەن.

تورداش خىرۇستالنىڭ ئىنكاسى:
توۋا...تۈگەپ قالغىنىنى بىلەلمەيلا قاپتىمەن. شۇنداق بىر مەنزىرە كۆز ئالدىمغا كىلىۋاتاتتى دىسە...
بالىلىق چاغلىرىمنى ئەسلەپ قالدىم.

تورداش نىجاتنىڭ ئىنكاسى:
ئاۋۇ  ئالەم  ھەققىدىكى   بايانلار  قىززىق  تۇيۇلدى  ،
ساپ  ھاۋادا  ،ساپ  مۇھىتتا  چوڭ  بولغانلارنىڭ  قەلبىمۇ  ساپ  بۇلىدىكەن  ...

ئۆردەكنىڭ ئىنكاسى:
تۇۋە، كىچىگىمدەمەنمۇ ئالەم ھەققىدە  بىرزات ھېكىمدەك پاراڭلارنى ئاڭلايىتتىم، راست ئوخشايدۇ، چۇنكى يېقىنقى ئاخباراتلاردىن مەلۇمكى ئاشۇ يەتتەقەۋەتنىڭ ھەممىسىدە(پايانسىز ئالەمدىكى يۇلتۇزلاردا) ھاياتلىق باركەن، ئەڭ يېقىنى ئايدىمۇ ھەممەيېرىدە سۇ بار ئىكەن، ئەينى چاغدا ئامىرىكا ئايغا چىقىپ راستىنى يۇشۇرۇپ دۇنيا ئەھلىگە يالغاننى دەپتىكەن، مانا ئەندى ئۇزلىرى ئايدا سۇ بار دىگىلى تۇردى.
بىرى كەم دۇنيا دىگىنى شۇ ئوخشايدۇ.

ئىزدەنگۈچىنىڭ ئىنكاسى:
ماۋۇ ئەسەرنى كۇرۇپ ،ئۈسۈپ يىتىلگەن يىزامنى سىېغىنىپ قالدىم.
مۇشۇ يىقىندا  چوقۇم بامىسام.

گاداينىڭ ئىنكاسى:
بىزنىڭ ئىلىخو تەرەپلەرگە كەلمەپسىزدە .....ئاران شە ئاتلىغاندا . پۇل دىگەن شەيتان تىمىنىڭ ئاخىرىنىمۇ يازغۇزمىدىدە كاساپەت.

ماشالنىڭ ئىنكاسى:
بالىلارنىڭ ساغلام چوڭ بولىشى ئۈچۈن يېزا ئەڭ ياخشى مۇھىت دەپ قارايمەن. چۈنكى بۇلغانمىغاندە~

جىدەلخورنىڭ ئىنكاسى:
ئىزدىنىش قاراقچىلىرىنىڭ يازمىلىرىنى كۆرۈشمۇ بىر ھوزۇر دىسە. ئەزىزانە قەشقەرنىڭ ئوغۇز روھىغا تويۇنغان موھىتىدا چوڭ بولغان بىر زات ھەكىمنىڭ، يازمىلىرىنى ئىزدىنىش مۇنبىرى رەھمەتلىك بولۇپ كىتىپلا كۆرۈشكە نىسىپ بولمىغان ئىدى...

بىدارنىڭ ئىنكاسى:
بالىلىق ئەسلىمىلىرى نىمە دىگەن گۈزەل!
بىر زات ئەپەندىنى تىببى ئەسەرلەرنىلا يازامدىكىن دېسەم، بۇنداق پەيزىلىرىمۇ باركەن-دە!

ئاھۇنىڭ ئىنكاسى:
بالىلىق ھەقىقەتەن گۈزەل،ساماۋى چۆچەكلەردەك تەسەۋۇردا ئۆتكەن بالىلىق.بالىلىق ئادەمگە پەقەت بىرلا قېتىم كېلىدۇ،ئەمما بىزنىڭ بالىلىرىمىز دۈمبىسىگە ئېغىر سومكىنى يۈدۈپ،ھەرخىل كۇرسلارغا قاتنىشىپ،بىكار بولسا كومپىيۇتىر ئويۇنلىرىنى ئويناپ ئۆتكۈزىۋاتىدۇ بالىلىقىنى.بۇنداق بولمىسا بولاتتى دەيمىز-يۇ يەنە شۇنداق داۋاملىشىۋاتىدۇ...
بىرزات ھەكىم،بىچارە قويغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى جۇمۇ،بەك قىزىقكەنسىلەر


ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.