مەن خامۇشمۇ؟ [سۇئال-جاۋابلار]


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندىم، خۇدا سىزنى ئامان قىلسۇن ، تۆۋەندىكى دەردىمنى بىر ئاڭلاپ باقسىڭىزكەن :
ئۇزۇن بولدى مەندە بىرخىل ئالامەت بار، يەنى بۇرۇنقى ئازابلىق ئىشلار كاللامغا كىرىۋېىلپ كۆڭلۈم ناھايتى يېرىم بولىدىغان ھەم قاتتىق تىت-تىت بوپ كېتىدىغان، كىمدۇر بىرسى بىلەن تىللاشقۇم ھەم ئۇرۇشقۇم، يەنە كىمدۇر بىرسىنى ئۆلتۈرگۈملا كەپ تۇرىدىغان ، ئۆلتۈرگۈم دېسەم باشقىچە ئويلىماڭلار، ئادەم ئۆلتۈرسە ھەم ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالسا بەك يامان بولىدىغانلىقىنى بىلىمەن، ئەگەر ئېغىر گۇناھ بولمىغان بولسا بەزى ۋاقىتتا راستىنلا ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويىشىم مۇمكىن ئىدى . بۇ ئالامەتلەرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە نورمال دەپ ئويلىغان ، چۈنكى مەن ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان ، زەربە ئەمەس، ھېچ ئىش ئەمەس دەپ ئويلاي دېسەممۇ ئۇ زەربە ھەم ھېچ ئىش بولغانلىقتىن ئۆزەمنى ئالداپ بولالماي ، بۇنداق بولىشى تەبئىي ، ۋاقت ئۆتسە ئوڭشىلىپ قالارمەن دەپ چىداپ ئۆتتۈم .
لېكىن ، بۇ ئىش بەك ئۇزۇن بو كەتتى ، يەنى ئىككى يىل بولاي دېدى ،بۇ ئىككى يىلغا يەتمىگەن ۋاىت ئىچىدە ئىككى قېتىم مۇھەببەتتە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدىم، ئالى مەكتەپنىڭ 4-يىللىقىغا ( ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان يىلى ) ئەمدى چىققاندا سىنىپ چۈشۈپ قالدىم ، نەچچە يىل بىللە ئوقۇغان باللار ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بولدى، مەن سىنىپ چۈشۈپ مېنى چوڭ بىلىدىغان باللار بىلەن بىر يىللا ساۋاقداش بولدۇم، بىر يۇرتلۇق باللارمۇ بار سىنىپقا كىرىپ قالدىم ( مەن تولۇقتا ۋە ئالى مەكتەپنىڭ تۆۋەن يىللىقىدا ناھايتى ياخشى ئوقۇغان ، يۇرتلۇق باللارنىڭ كۆپىنچىسى بىلەتتى ) ، سىنىپ چۈشۈپ تۇرۇپ يەنە ئوقۇش پۈتتۈرۈش دىپلومىنىڭ ئېلىش ۋاقتى كەينىگە سۈرۈلۈپ كەتتى ،يەنى بۇ يېڭى ساۋاقداشلىرىم بۇ يىل 6-ئايدا ئالسا مەن خۇدايىم بۇيرۇسا بۇ يىل 10-ئايدا ئالىمەن ؛ مۇشۇ ئىشلار ئۈچۈن ھەم بىر قېتىم بىر ھەپتە ھېچكىمگە دەپ قويماي يوقاپ كەتكەنلىكىم ئۈچۈن ئۆيىدىكىلەرنىڭ ئالدىدا يۈزۈم قالمىدى ، بىز ئۆيدە جىق بالا ، كۆپىنچىسى ماڭا ئىشەنمەس ھەم ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلماس بولىۋالدى ، ئۆيدىن تېلفۇن كېلىشتىن ھەم تېلفۇن ئۇرۇشتىن ئەنسىرەيدىغان بوپ قالدىم ، خۇددى ھەممە كىشى مېنى ئەيىبلەۋاتقاندەك تۇيىلىدۇ ، ئۆزەمنى ئەسكى ئادەم بوپ قالغاندەك ھېس قىلىدىغان بوپ قالدىم .
يۇقارقى ئىشلار سەۋەبىدىن ، تۇيۇقسىز بۇرۇنقى ئىشلار ئېسىمگە كېلىۋالىدغان ، كۆڭلۈم يېرىم بولىدىغان ، قاتتىق ئازابلىنىدىغان ، تىت-تىت بولۇپ بېشىم ئاغرىپ كېتىدىغان بوپ قالدىم ، كېچىسى ئۇيقۇ يوق .....
ئۆزەم بىرئىشلارنى قىلىپ قاتتىق جىسمانىي جەھەتتە ھېرىپ قالسام ئاندىن ئۇخلاپ قالىمەن ، بولمىسا بېشىمنى قويۇپ ياتسام ...كاللامغا ئازابلىق ئىشلار كىلىۋېلىپ تاڭ ئېتىپ كېىتىدۇ ................
دوختۇرغا كۆرۈنۈپ باقاي دېدىم ، لېكىن نەگە بېرىپ كىمگە كۆرۈنۈشنىمۇ بىلمىدىم ، مەندە جىسمانىي كېسەل يوق ( خۇدايىم بۇيرۇسا ) ..... پىسخولوگ تورداشلار بولسا بىر يول كۆرسەتكەن بولسا...



يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: پىسخولوگ

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 6 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماturanim[2013-12-09 05:38 PM | del]
دوستۈم سەۋىر قىلىڭ . داۋاسڭنڭ ئاالاھ بىرە ر. كۆپلاپ ھەمدۇ سانا ئېيتڭ ئاندىن ۋاقتىڭىزنى زىچ ئورۇنلاشتۇرۇڭڭ پايدىسى بۇلۇپ قالار. بۇمىنىڭ شەخسى كۆزقارىشىم .
回复قايتۇرماfarhad007[2010-08-17 01:40 PM | del]
[face12]
回复قايتۇرماhalis[2010-07-18 12:29 AM | del]
مەن خامۇشمۇ؟  غا   مەن پىسخىكا ئۆگۈنىۋاتقان  سىز ئۆزۇمنىڭ بىلىشچە جاۋاپ بىرەي
qq:851661083
回复قايتۇرماablikim[2010-07-14 03:16 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم 80خالتا بلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى بىرزات ھەكىم.   ماڭا بىر مەسلەھەت بەرگەن بولسىڭىز  مىنىڭ ئىنىم  چۇمادو دىگەن دورىنى يىيىشنى ئۈگۈنۈپ قېلىپ 2  يىلچە يەپتۇ ئۆيدىكىلەر بىلگەن دىن كىيىن مەن ئىنىمنى ئۈرۈمچىگە ئاپىرىپ يارىپ ئامبۇلاتۇريەسىدە داۋالاتتىم دورىنى شۇنىڭ بىلەن تاشلىدى لىكىن ئىنىم نىڭ بەدىنىدە دورىنىڭ ئاسارىتى قاپتۇ  بىز ئۇنىڭ تۇيىنى قىلىپ قويغىلى 1يىل بولدى ئايا لىنىڭ بۇيىدا قالمىدى كىيىن ئىنىم ماڭا ئۈزىنىڭ جىنسى ھەۋىسىنىڭ ئاجىزلىقىنى تويقىلغاندىن بۇيان بىر قېتىمدىن ئارتۇق جىنسى مۇناسىۋەت قىلىپ باقمىغان لىقىنى ئېتتى  بىر قېتىم جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ بولغان دىكىن قايتا ھىسياتى كەلمەس بوپقالغان لىقىنى ھەمدە ئىككىنچى قېتىم جىنسى مۇناسىۋەت ئۈتكۈزۈشكە ئۇرۇنسا زەكىرىنىڭ بەكتەستە قېتىپ جىنسى مۇناسىۋەت تۈگىمەيلا يۇمشاپ كىتىدىكەن جىنسى مۇنا سىۋەتنىمۇ ئۈزىنى مەجبۇرلاپراق قىلىدىكەن  سىيگەندىمۇ سۈيدۈك بېسىمسىز  ھەم سىيىپ بولغان دىن كىين مەنى ئەمەس مەزى يەنى قۇيۇغراق سۈيدۈك تېمشىيدىكەن .سىيىپ بولغان دىن كىيىنمۇ يەنە سىيگىسى كەلگەندەك سۈيدۈك قېپقالغاندەن ھىسقىلدىكەن  ...بىرزات ھەكىم سىزدىن ئۈتۈنۈپ قالاي ئىنىمنىڭ بۇ كىسى لىگە مەسلەھەت بەرگەن بول سىڭىز قاندان دورىلارنى ئىشلەتسە ئۈنىمى ياخشى راق  قانچە ئۇزۇن دورا يەيدۇ  ھەم قانداق پەرىز تۇتىدۇ  مەسلەھەت بەرگەن بولسىڭىز  دورىلارنىڭ ئىسمىنى ئىنىقراق دەپبەرگەن بولسىڭىز سىزدىن ئۈتىنەي .جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن.ئاللاھ سىزدىن رازى سۇن   ئاللاغا ئامانەت  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
回复قايتۇرماkaiyom[2010-07-14 01:19 AM | del]
强迫症
回复قايتۇرماkaiyom[2010-07-14 01:15 AM | del]
ئەمسە مەن گەپنى باشلاي  ئېھتىمال  سەندىكى روھى كىسەل  ئوبسېسسىئونال نېۋروزىيە  بۇلىشى مۇمكىن.
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.