توشقان گۆشىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى



80خالتا بلوگ ئىلاۋىسى: بۇ خەنزۇچە ماتىرياللاردىن تەرجىمە قىلىنغان ماقالە بولۇپ بۇنىڭدا سۆزلەنگەن قاراشلار بىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئوزۇقلۇق ئادىتىمىز ۋە قارىشىمىزدىن پەرقلىق بولىشى مومكىن. مەسىلەن: توشقان گۆشى يېيىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەسىلى ياز پەسلىدۇر. قىش ۋە باش ئەتىياز ئادەتتە توشقان گۆشى ئىستېمال قىلىشقا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ دېگەندەك. خەلقىمىز ئەزەلدىن توشقاننى قىش-ئەتىياز ئىستىمال قىلسا مۇۋاپىق دەپ قارايدۇ. ھەم يازدا جانۋارلانىڭ كۆپىيىش، بوغاز بولىدىغان ۋاقتى بولغاچقا توشقان ۋە شۇنىڭغا تەبىئەت جاندارلىرىنى ئۆلتۈرۈشتىن ئىمكان بار ساقلانغان.

توشقان ھەرخىل ئوت-چۆپلەرنى يەيدۇ، توشقان گۆشى بولسا بىر خىل يېشىل يېمەكلىك بولۇپ، يۇقىرى ئاقسىللىق، ياغ، خولېستېرول مىقدارى تۆۋەن گۆش تۈرى ھېسابلىنىدۇ. توشقان گۆشى تەركىبىدىكى ئاقسىلنىڭ مىقدارى%70كە يېتىدىغان بولۇپ، ئادەتتىكى گۆشلەرنىڭكىدىن يۇقىرى،لېكىن ياغ ۋە خولېستېرول مىقدارى بارلىق گۆشلەرنىڭكىدىن تۆۋەن.
توشقان گۆشىنىڭ تەمى مەززىلىك بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئوزۇقلۇق تەركىبىمۇ مول ۋە ئەتراپلىق.توشقان گۆشىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى مول بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى ئۇ ئادەم بەدىنىگە ئىنتايىن پايدىلىق دورىلىق قىممىتىگە ئىگە، كۆڭۈلدىكىدەك ساقلىقنى ساقلاش، چىراينى گۈزەللەشتۈرۈش، قۇۋۋەت تولۇقلاش يېمەكلىكى ھېسابلىنىدۇ.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
توشقان گۆشى تەركىبىدە نىكوتىن كىسلاتاسى، كالتىسىي،فوسفور،تۆمۈر قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بار.
توشقان گۆشى تېرە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوغدايدۇ، تېرىنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى قوغداپ،ئادەمنىڭ تېرىسىنى يۇمشاق، ئاق قىلىدۇ.شۇڭا ياپۇنىيە ۋە ياۋرۇپادا توشقان گۆشى «ھۆسىن تۈزەش گۆشى» دەپ ئاتىلىدۇ.ئاياللار توشقان گۆشى ئىستېمال قىلىپ بەرسە،يۇزىدىكى قورۇقلارنى ئازايتىدۇ،ئەرلەر توشقان گۆشى ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئومىرىنى ئۇزارتىدۇ.
توشقانگۆشى ئەقىلىي ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ، بالىلار، ئۆسمۈرلەر، ياشلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىگە ياردەم بېرىدۇ.
توشقان گۆشى قان نۆكچىسى شەكىللىنىشنى توسىدۇ، قان تومۇر دىۋرىنى ئاسرايدۇ، شۇڭا توشقان گۆشى يەنە« ساقلىقنى ساقلايدىغان گۆش» دېيىلىدۇ، يۇقىرى قان بېسىم، سېمىزلىك كېسىلى، ئارتېرىيە قېتىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ۋە ياشانغانلار ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك يېمەكلىكىدۇر.
توشقان گۆشى مۇسكۇللارنى تولۇق، ساغلام ۋە قاۋۇل قىلىپ، مۇسكۇللارنىڭ بوشىشىپ زەئىپلىشىپ كېتىشىگە قارىشى تۇرىدۇ، ھەم بەدەننى سەمىرىتىۋەتمەيدۇ. توشقان گۆشىنىڭ تەبىئىي سوغۇق بولۇپ، مەنپىيلىكنى قۇۋۋەتلەندۇرۇپ، قاننى سۇۋۇتۇش، قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇپ، تېرىنى سىلىقلاشتۇرۇش، زەھەرنى قايتۇرۇپ، ئىسسقنى تۈگىتىش رولى بار.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
توشقان گۆشىنىڭ تەبىئىتى سوغۇق، توشقان گۆشى يېيىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەسىلى ياز پەسلىدۇر. قىش ۋە باش ئەتىياز ئادەتتە توشقان گۆشى ئىستېمال قىلىشقا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ.تال-ئاشقازىنىنى سوغۇق قاپلاپ كەتكەنلەر، ئىچى سۈرۈپ كەتكەنلەر توشقان گۆشى ئىستېمال قىلىشتىن پەرھىز تۇتۇشى لازىم.
ھامىلدار ئاياللار ۋە ھەيىز مەزگىلىدىكى ئاياللار، سوغۇقتىن قورقۇش قاتارلىق روشەن مۇسبەتلىك زەئىپلىشىش ئالامىتى بار ئاياللار توشقان گۆشى ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم.
توشقان گۆشىنى سازان بېلىق (كارپ بېلىقى)بىلەن بىللە دۈملەپ پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، سوزۇلما كانەيچە ياللۇغىغا شىپا بولىدۇ. توشقان گۆشىنى يىلان گۆشى بىلەن بىللە دۈملەپ پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، پالەچلىككە شپابولىدۇ، توشقان گۆشىنى مۇۋاپىق مىقدارداچىلا ن بىللە دۈملەپ پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، بەدەن زەئىپلىشىشكە شىپا بولىدۇ؛ توشقان گۆشىگە قارىمۇچ سېلىپ پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئاشقازاننىڭ سوغۇقلۇقىنى داۋالايدۇ ھەمدە بەلگىلىك راكقا قارشى تۇرۇش، راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىغا ئىگە بولىدۇ.
مەنبە: ۋېتامىن ۋە مىنىرال ماددىلار
80خالتا بلوگى





[Birzat بۇنى 2010-07-13 08:46 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: توشقان

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 0 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.