مومامنىڭ شىپالىق دورىلىرى(3) [شىپالىق رېتسىپلار]


كامال ھېسامىدىنۇف (قازاقىستان)


ئاپتۇرنىڭ 1993- يىلى نەشرى قىلىنغان «شىپالىق يۈز ئون گىياھ» ناملىق كىتابتىن تەييارلىغۇچى ئابلىز ئۇرخۇن

دۈشەنبە كۈنى ئا. كىرىپ كەپتۇ.
- كامال ئاكا، رەھمەت سىزگە، دەيدۇ – ئۇ كۈلۈپ، – ئىششىق تامامەن قايتتى.
- ئۈچ كۈن ئۇدا قىلدىڭما؟
- شەنبە كۈنى ئىششىق تامامەن قايتقاندىن كېيىن يەكشەنبە كۈنى توختاتتىم.
- ئەتتەڭەي، يەكشەنبە كۈنى داۋانى توختاتقىنىڭ بولماپتۇ – دە، ئۈچ كۈن ئۇدا كومپرېس قىلغىنىڭدا جەينىكىڭدىكى جىمىكى زەخىملەر تۈگەپ كېتەتتى. سېنىڭ ئۇنچىلىك ئالدىراپ كېتىدىغىنىڭ خىيالىمغا كەلمەپتۇ. ئۆتكەن ئىشقا سالاۋات.
شۇنىڭدىن بۇيان تۆت – بەش يىل ئۆتۈپ كەتتى. ئا. بارغان – تۇرغان يېرىدە مېنىڭ ھەقىقىي تېۋىپلىقىمنى ماختاپ يۈرگۈدەكمىش.
سۈيدۈكنىڭ ئاجايىپ شىپالىق خۇسۇسىيىتىنى خىلمۇخىل ئاغرىقلاردا سىناپ كۆرۈشكە توغرا كەلدى. بۇنىڭغا مېنى ھايات مەجبۇر قىلدى. ئالدىڭغا نىجات تىلەپ كەلگەن ئادەمنى قانداق قوغلاپ چىقىرىسەن؟
تۇغۇلغان يۇرتۇم تۈگمەنگە بارغانىدىم. كۈن چۈشتىن ئېگىلىپ قالغان مەزگىل ئىدى. دېرىزىدىن شۇنداقلا قارىسام، ئارقا تەرەپكە ئادەملەر ئوپۇر – توپۇر كېتىشىۋېتىپتۇ.
- ئاپا، نېمە گەپ؟ – دەپ سورىدىم.
- تۇغقىنىڭنىڭ ئوغلى بىر پۇتىنى ئىششىتىۋاپتۇ. چونجىغا دوختۇرغا ئاپارسا، ئاغرىقخانىغا ئالماپتۇ. يۇرتداشلار شۇ بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن كېتىپ بارغاندۇ تايىنلىق.
- دېمەك، ئاغرىقخانا ئالمىغان بولسا، ئاغرىقى خېلى بار ئىكەندە؟ – دېدىم مەن، – ئۇنداق بولسا، مەنمۇ باراي.
تۇغقىنىمنىڭ 14-15 ياشلاردىكى ئوغلى خ. راسكلادۇشكىدا ئوڭدىسىغا يېتىپتۇ. راست، ئوڭ پۇتىنىڭ ئۆزلۈكى تا ھوشۇقىغىچە ئىششىپ كېتىپتۇ. شۇنى كۆرۈپ تۇرۇپ دوختۇرلارنىڭ بىمارنى ئاغرىقخانىغا ئالمىغىنىغا ئەجەبلەندىم. ئۆيدە لىق ئولتۇرغان ئاياللار ئىچىمنى پۇشۇردى.
- ئىمكانىيەت بولسا ئۆينى بوشاتساڭلار، – دېدىم ئاياللارغا سىپايىلىق بىلەن، – بالىنىڭ پۇتىنى داۋالاپ كۆرسەك.
خ. مېنىڭ «ئاغىنىلىرىڭ بىلەن پۇتبول ئويناۋېتىپ پۇتۇڭنى قايرىۋالدىڭمۇ، تەنتەربىيە دەرسىدە يۈگۈرۈپ كېتىپ بېرىپ پۇتلىشىپ يىقىلغانمىدىڭ، يە ۋېلىسىپىتتىن يىقىلدىڭمۇ؟» دېگەن سوئاللىرىمغا پەقەت ياق دەپ جاۋاب بېرىش بىلەن چەكلەندى. ھەقىقىي ۋەقەنى ئېيتقۇسى كەلمەيتتى. ئۇ يوشۇرغىنى بىلەن پۇتىنى يە قايرىۋالغان ياكى سەكرەيمەن دەپ ئاغرىتىۋالغان. بولمىسا ياپياش بالىنىڭ پۇتى مۇنداق بىكاردىن بىكار ئىششىپ كېتەمدۇ؟ قانداق قىلسا شۇنداق قىلسۇن، بۇنىڭ پۇتىدىكى ئىششىق پەقەت ئۆز سۈيدۈكى بىلەن قايتىدۇ، دېگەن قارارغا كەلدىم.
- بۇنىڭ ئالدىغا داس قويۇپ، كونا كۆڭلەكتىن بىرنى بېرىڭ، – دېدىم خ. نىڭ ئانىسىغا، – بۇ ئۆيگە ھېچكىم كىرمىسۇن. ئەگەر بايىقىدەكلا قالايمىقانچىلىق بولسا، كېلىن ئىككىمىزنىڭ ئۇرۇشۇپ قېلىشىمىز مۇمكىن. مەن ئەتە ئەتىگەن سائەت توققۇزلاردا كىرىمەن، شۇڭغىچە كوپرېسنى توختاتمىسۇن.
ئەتىگەنلىكى سائەت توققۇزدىن بەش مىنۇت ئۆتكەندە كىرسەم خ. ئانىسىغا «مەن تالاغا چىقاتتىم» دەپ جېدەل قىلىۋېتىپتۇ. مېنى كۆرۈپ جىم بولدى. «مانا چوڭ داداڭنىڭ ئۆزى كىردى، ئېيتە ئەمدى دەردىڭنى. تالاغا چىقامسەن، تاغقا چىقامسەن ئۆزى رۇخسەت بەرسۇن. بىز سېنىڭ ئەمەس، مۇشۇ ئادەمنىڭ گېپىنى قۇلاققا ئالىمىز»، دەپ كېلىن ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرگەندەك بولدى.
ئەتە مەن كىرگىچە بەش قېتىم كومپرېس قىلىسەن دەپ، ھەممىنى چۈشەندۈرۈپ ئېيتقان. پۇتنىڭ ئىششىقى، راست خېلىلا يېنىپتۇ. لېكىن كۈتكەن نەتىجە مەن ئويلىغان دەرىجىدە ئەمەس. شۇڭا خ. دىن:
- نەچچە قېتىم كومپرېس قىلدىڭ؟ – دەپ سورىدىم.
- ئۆزىڭىز ئېيتقاندەك بەش قېتىم، – دېدى خ. بېشىنى كۆتۈرمەي.
- بالام، ئاتاڭ بىلەن ئاپاڭنى ئالدىغىنىڭ بىلەن بۇ ئىشتا مېنى ئالدىيالمايسەن، – دېدىم، – خۇددى مېنىڭ ئىشىمنى قىلىۋاتقاندەك دەۋاتقىنىڭنى قارا. ئاران ئۈچ قېتىملا كومپرېس قىپسەن. مېنى ئالدىماقچى بولغىنىڭ ئۈچۈن بۈگۈن ئۆيدىن چىقماي كومپرېسنى داۋاملاشتۇرىسەن، ئۇقتۇڭمۇ؟
ئۇ بېشىنى ئىرغىتتى.
ئەتىسى ئەتىگەن مېنىڭ ئالدىمغا ئۆزى كىرىپتۇ. ئاتا – ئانىسىنىڭ يوليورۇقىمۇ، ئۆزىنىڭ ئەقلى شۇنچىلىكمۇ بىلمىدىم، رەھمەت ئېيتتى. ئەۋزىلى ئۇنىڭ پۇتىنى ئايىماي يەر دەسسەپ كوچىغا چىقىشى بولدى. ئىككى – ئۈچ كۈن ئىچىدىلا ئۇنى كوچىدا ئاغىنىلىرى بىلەن كۆرۈپ قولۇم – قوشنىلارمۇ ھەيران قېلىشتى.
- تۈنۈگۈن ئۆيدە بىر نەرسە ياساۋېتىپ قولۇمنى بولقا بىلەن شۇنداق ئۇرۇۋالدىمكى، كۆزلىرىمدىن ئوت چىقىپ كەتتى، – دەپ كىرىپ كەلدى ش. ئىسىملىك خادىم، – ئاغرىق تېخىچىلا بېسىلمايۋاتىدۇ. قولۇم سەينۈگە بولۇپ قالمىسا بولاتتىغۇ.
- ھېچ نەرسە بولمايدۇ، – دەپ مەسلىھەت بەردىم ئۇنىڭغا، – ھازىر ئۇتتۇر ھاجەتخانىغا كىر – دە، ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ دورا قىل، يىرگىنىدىغان نېمىسى بار، ئۆيۈڭگە بارغاندا سوپۇنداپ يۇيۇۋېتەرسەن. بىراق، ئاگاھلاندۇرۇپ قويىدىغان نەرسە، دورىدىن كېيىن قولۇڭ بىر ئىككى مىنۇت تازىمۇ قاتتىق ئاغرىيدۇ. قولۇڭ سەينۈگىمۇ بولمايدۇ. تىرنىقىڭمۇ چىقمايدۇ.
ش. ئەتىسى ئەتىگەن تېخى ئىشقا كىرىشمەي تۇرۇپ ئالدىمغا كىردى.
- ۋاي ئاكا، رەھمەت، مۇشۇنداق ئاددىي نەرسىدىنمۇ خەۋىرىمىز يوق ئىكەندە، توۋا! راست، سىز دېگەندەك دورىدىن كېيىن شۇنچىلىك ئېچىشىپ ئاغرىدىكى، كۆزلىرىمدىن ياش چىقىپ كەتتى.
مېنىڭ ئالدىمغا مۇنداق دەردىگە داۋا ئىزدىگۈچىلەر كۆپ كېلىدۇ. بۇ يەردە ئۇلارنىڭ قايسىبىرىنى ساناي. مەن پەقەت ئاساسلىق دېگەنلىرىمنىلا مىسال تەرىقىسىدە ئېلىپ يېزىۋاتىمەن. بىز ئادەم بالىسىغۇ، شۇڭا تۇرمۇشتا ئۇچرىمايدىغان ئىشلار يوق. ئېيتقانلىرىم بىرىگە بولمىسىمۇ، بىرىنىڭ دەردىگە داۋا بولۇشىدا شۈبھە يوق. ئۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىل. كۈنلەردىن بىر كۈنى ن ئىسىملىك قىرىقنىڭ ئەتراپىدىكى، ئۆزىنى ھەمىشە پاكىز تۇتۇپ، زامانىۋى يۈرۈشنى ئىزدەيدىغان بىر ئايال كىرىپ كەلدى.
- دوختۇرلار ئۆز ۋاقتىدا ئۈزۈل – كېسىل داۋالانمىساڭ، يە بىر قولۇڭ تۇتماس، بىر پۇتۇڭ باسماس، كۆزۈڭنىڭ ئەلەس بولۇپ قېلىشى ياكى سۆزلەپ كوچىغا چىقىپ كېتىشىڭ مۇمكىن دەيدۇ. مېنى توغرا چۈشىنىشىڭىزنى سورايمەن، ئۇنداق ھالنى خالىمايمەن. ئۇنىڭدىن ئۆلگىنىم ئەۋزەل.
- ئاغرىقنىڭ ئېتى قانداق ئىكەن؟
- ئاراخنوئىدىت
- مۇنداق ئاغرىقنى ئاڭلىماپتىكەنمەن…. مېنىنگىتقۇ بار. ئاراخنوئىدىت! بىلمىدىم. لۇغەتكە قاراپ ئاۋۋال ئۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەيلى.
- بېشىمنىڭ كەينى، يۇلۇننىڭ ئۈستى ئاغرىيدۇ. باش ئاغرىقى بېسىمراق. كۆڭلۈم ئېلىشىدۇ. بەزىدە كۆزلىرىم تورلىشىپ، ھېچنەرسىنى ئاڭقىرالماي قالىمەن.
توغرا، لۇغەتتىمۇ خۇددى شۇنداق دەپ تەكىتلەنگەن. مېنىنگىت ئىككىسىنىڭ ئوخشاشلىقى كۆپ. ئۇنىڭدىمۇ يۇلۇن ۋە باش ئاغرىيدۇ. شۇنداق تۇرۇپ بۇ خېنىمنى ئاغرىقخانىغا ياتقۇزمىغىنىغا ئەجەبلەندىم. ئاغرىقنى ئېيتىش بىر باشقا، داۋالاش تامامەن باشقا نەرسە.
- ئىشلەۋاتامسىز؟ دەپ سورىدىم ن . دىن.
- ئىشلەۋاتىمەن. نېمە بولدى؟
- ئوتپۇسكىغا چىقىپ سەھرادىكى بىرەر ئوغلىڭىزنىڭ ئۆيىگە كەتسىڭىز، – دېدىم مەن.
- دەم ئېلىشقىغۇ تېخى چىقمىغان. خالىسام ئەتە بولسىمۇ چىقىشىم مۇمكىن.
- ئۇنداق بولسا، ئوتپۇسكىغا چىقىڭ. ھەممىنى تاشلاپ يۇرتىڭىزغا كېتىڭ. ئون كۈن، كۈنىگە قانچە بولسا مەيلى، ياش ئوغۇل بالىنىڭ ئالدى تەرىتى بىلەن گەجگىڭىزگە كومپرېس قىلىڭ. ئەمما ئېھتىيات قىلىدىغان نەرسە، سۆزنەككە ئۇرۇنۇپ قالماڭ. شامالدا تالاغا چىقماڭ. بېشىڭىزنى ئۈچ كۈندە بىر يۇيۇڭ. بىراق، يەنە جېكىيمەنكى، ئۆزىڭىزنى ئاۋايلاڭ. پەقەت شۇنداق قىلغاندىلا سىزنىڭ بۇ ئاغرىقتىن قۇتۇلۇپ كېتىشىڭىز مۇمكىن.
ن. مېنىڭ مەسلىھەتىم بىلەن ئون كۈن قىمىر قىلماي داۋالىنىدىغان بولدى.
ن. ئوتپۇسكىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى قايتىپ كەپتۇ – دە، بىزنىڭ ئۆيگە كىرىپتۇ. ئومۇمەن ھازىر سالامەتلىكىمنىڭ ياخشىلىقى، يۇلۇن ۋە باش ئاغرىقىنىڭ ساقايغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.
- كومپرېسنى نەچچە كۈن توختاتماي قىلدىڭىز؟
- سىز تاپشۇرغاندەك ئون كۈنگە چىدىمىدىم، – دېدى ئۇ راستىنى ئېيتىپ، – ئالتە كۈن ئاران چىدىدىم، يامان سېسىق بولىدىكەنغۇ؟
- مەن سىزگە ئىپار پۇرايدىغان دورىنى نەدىن تېپىپ بېرىشىم مۇمكىن؟ ئۇنداق چىدىماسلىق قىلىدىغان ئادەم، مېنىڭ ۋاقتىمنى ئالمىسىڭىز بولاتتى. ئون كۈن دېگەن بىر داۋالاش كۇرسى. ئۇنى ئۆزىڭىزمۇ ياخشى بىلىسىز، – دەپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم.
ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتۈپ ن:
- بېشىم يەنە ئاز – ئازدىن ئاغرىيدىغان قىلىق چىقىرىۋاتىدۇ. ھېلىقى دورىدىن يەنە پايدىلانسام نېمە دەيسىز؟ – دەپ كىرىپ كەپتۇ.
- ئىختىيار ئۆزىڭىزدە، – دېدىم سوغۇق قانلىق بىلەن. بىمار ن. ئۇ دورىنى يەنە ئىشلەتتىمۇ، يە ئىشلەتمىدىمۇ ئېيتالمايمەن. ئەمما سالامەتلىكى ياخشى، گۈلدەك ياسىنىپ يۈرىدۇ. ئاغرىپ ئۆيدە يېتىپتۇدەك، دېگەن گەپنىمۇ ئاڭلىمىدىم. ئىلاھىم ھېچكىمنىڭ جېنى قاقشىمىسۇن! ھەممىگە ئامانلىق تىلەيمەن.
گېمۇرروي، مۇشۇ كۈنلەردە بۇ ئاغرىقنىڭ دەردىنى تارتماي يۈرگەن ئادەم ئازمىكىن دەپ ئويلايمەن. چوڭلاردىمۇ، ياشلاردىمۇ، ئەرلەردىمۇ، ئاياللاردىمۇ بار بۇ كاساپەت، ئۇنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى نېمە؟ ئۇ تەرەپلىرى ھېچكىمنى قىزىقتۇرمىسا كېرەك. بىر سۆز بىلەن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ سەۋەبلىرى ناھايىتى نۇرغۇن. يەنە كېلىپ، ھەركىمدە ھەرقانداق، شۇڭا بىردىن ئۇنى قانداق داۋالاش كېرەك؟ بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىپ كۆرەي.
بىر كۈنى يالغۇز ئولتۇرسام يا. ئىسىملىك بىر يىگىت كىرىپ كەلدى:
- ئاكا، سىزگە بىر ئىش بىلەن كېلىۋېدىم، – دېدى ئۇ، – ئەگەر سىر ساقلاشنى بىلسىڭىز ئېيتىمەن، بولمىسا لام دېمەي چىقىپ كېتىمەن، – دەپ شەرت قويدى. بىر تۇرۇپ ئۇنىڭغا خاپا بولدۇم، بىر تۇرۇپ «بارى شۇدۇر، بۇنىڭ» دەپ ئۆزۈمنى باستىم. ئەگەر ئادەملەرنىڭ ھەممىسىلا مۇناسىۋەت مەدەنىيىتىنى بىلگىنىدە، بۇ جاھان نېمە بولۇپ كېتەتتى؟
- ئۇكا، مەنمىچۇ ئۆزۈمنى ئەر چاغلاپ يۈرگەن خوخەنزىلەردىن، ئۇ نېمىدېگىنىڭ؟ بۇ قورساقتا نېمىلەر يوق؟ – دەپ ماختىنىپ قورسىقىمغا ئالىقىنىم بىلەن شاپىلاقداپ ئۇرۇپ قويدۇم، – ئېيتساڭمۇ، ئېيتمىساڭمۇ ئۆزۈڭ بىل. مەن سېنىڭ ئالدىڭغا ھال ئېيتىپ كىرگىنىم يوق.
- ئاكا، خاپا بولماڭ، سىزدىن نېمىسىنى يوشۇراي، گېمۇرروي بولۇپ قېلىۋېدىم، – دېدى ئۇ.
مەن ئۇنىڭدىن «مېنىڭدىن ۋەدە ئالماقچى بولغىنىڭغا قارىغاندا، بۇ خېلى ئىنچىكە ئاغرىققا داخىل بولغان ئوخشايدۇ» دەپ ئويلىۋېدىم، ئەمما، ئۇ نەدىكى بىر گېمۇرروينىڭ گېپى بىلەن مېنىڭ قىزىقىشىمنى يوقاتتى.
- بۇ كاساپەتتىن قۇتۇلۇشنىڭ بىر ئىلاجى بارمۇ، دەپ مەسلىھەتلەشكىلى كىرىۋېدىم، – دېدى يا، – دوختۇرغا باراي دەپ نەچچە تەمشەلدىم. بىراق بۇ كاساپەت ئوپېراتسىيىدىن كېيىن يەنە ئۆسەرمىشقۇ.
گېمۇرروينىڭ ئوپېراتسىيىدىن كېيىن كېچىكمەي قايتىدىن ئۈنىدىغانلىقىنى مەنمۇ تالاي كىشىلەردىن ئاڭلىغان. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ يا. نىڭ گېپىنى قۇۋۋەتلەپ، بېشىمنى لىڭشىتتىم.
- مەن بىلىدىغان بىر ئاسان يولى بار، ئەگەر خالىساڭ … – دېدىم سەل سۈكۈتتىن كېيىن.
- داۋا بولسىلا، – دېدى يا.
- ئۇ ئۆزۈڭنىڭ سۈيدۈكىڭ.
- راستمۇ؟
- راست بولمايچۇ! ئاغرىق مەسىلىسىدە چاقچاققا ئورۇن يوق. سەن يېزىدا تۇرۇۋاتقان ئادەم. بىزگە ئوخشاش شارائىتىڭ يوق. شۇنداق بولسىمۇ ھاجەتخانىغا كۇرۇشكىدەك بىر قاچا ئەكىرىپ قوي – دە، ھەر كىرگىنىڭدە يۇيغىن. ئايىما، كۈنىگە نەچچە قېتىم كىرسەڭ، شۇنچە يۇيغىن. ھازىر كۈن ئىسسىق، سالقىن تارتقاندا توختىتارسەن.
- ئاسانلا ئىشكەنغۇ.
- بىراق، بەرداشلىق كېرەك.
- بۇ، دېگىنىڭىزغۇ توغرا.
ئىش بىلەن بولۇپ يا. غا بەرگەن مەسلىھەتىم يادىمدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىپتۇ. يالغۇز ئولتۇرغان بىر كۈنى ئۇ ئاستا كۈلۈپ كىرىپ كەلدى.
- خەپ ئاكا، سەل كېيىنرەك تۇتۇش قىلىپ قاپتىمەندە! – دېدى ئۇ سالام – سائەتتىن كېيىن ئۆكۈنۈپ، – ئالدىڭىزغا نېمىشقا بۇرۇنراق كىرمىدىم دېسەم، ئۆزۈمگە ئۆزۈم خاپا بولىمەن. مۇبادا ئىلگىرىرەك مەسلىھەت سورىغىنىمدا بۇ كاساپەتتىن بالدۇرلا تامامەن قۇتۇلۇپ كېتەتتىمكەن.
«ئالدىرىغاننىڭ ھوشۇقى تايىدۇ»، تاقەت قىلساڭ، يەنە ياز كېلىدۇ.
يەنە ياز كەلدى. يا. گېمورويدىن قۇتۇلدى. ئەمما، مېنىڭ ئالدىمغا گېمۇرويدىن قۇتۇلۇش يولىنى سوراپ كەلگۈچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلگىنى يوق. كېيىنكى يىللىرى ئۇ كېسەلدىن ئوندىن ئوشۇقراق ئادەم قۇتۇلدى. بىراق، ئۇنىڭدىن يىرگىنىپ قولىنى «بۇلغاشنى» خالىمىغانلار تېخىچىلا گېمۇرروينىڭ جاپاسىنى تارتىپ يۈرىدۇ.
يەنە بىر مىسال، ياركەنتكە كاماندىروپكىغا بارغانىدىم. قەرەللىك كۈن ئاياغلىشىپ ئۆيگە قايتىشقا تەييارلىنىۋاتىمەن. شۇ ئارىدا ئاغىنەم تۇرداخۇن مەشرەپوۋنىڭ بازار تەرەپتە ئىشى چىقىپ قالدى. بىللە بېرىپ كەلمەكچى بولدۇق. ئىشىكتىن شۇنداقلا چىقساق، شامال چىقىۋېتىپتۇ. بىز بازارغا يېتىپ بارغۇچە ئۇ ئوبدانلا كۈچىيىپ، بورانغا ئايلاندى. مەن ياركەنتتە نۇرغۇن قېتىم بولغان، لېكىن مۇنچىلىك قاتتىق بوراننى كۆرمىگەن.
ماگزىنغا كىرىپ خېلى كۈتتۈق، بىراق بوراننىڭ توختايدىغان تۈرى يوق ئىدى. كوچىغا ئىلاجسىز چىقتۇق. دەرەخلەرنىڭ ئۇچى غاراسلاپ سۇنۇپ چۈشۈۋاتىدۇ. ئۈستى قەلەي بىلەن يېپىلغان ئۆيلەر غاراسلاۋاتىدۇ. بوران كوچىغا تاشلانغان قەغەز، گېزىتلەرنى، ئومۇمەن ئەخلەتنى سۈپۈرۈپ كۈن پېتىشقا – ئۆسەككە ئۇچۇرتۇپ كېتىۋاتىدۇ. بىر ئۆي چېدىردىكى قەلەينى يۇلۇپ داراڭلاتسا، شىفىرلانغان ئۆيلەر چېدىرغا دەھشەت سالاتتى. ئۆيلەرنىڭمۇ، دەرەخلەرنىڭمۇ دالدىسىدا تۇرۇش خەتەرلىك ئىدى. تۇرداخۇن ئىككىمىز كوچىنىڭ ئوتتۇرىسىغا چىقىپ، ئۆيگە يۈگۈرۈپ كېلىۋاتىمىز. ئۆيگە ئاران دېگەندە يېقىنلاشتۇق. ئىشىكنى شۇنداقلا ئېچىشىمىزغا بىزنى مەرۋانەم قارشى ئالدى. ئۆڭسۈلى يوق.
- قىزىمنىڭ ئۈستىگە دەرەخنىڭ سۇنغان شېخى چۈشۈپ كېتىپتۇ، – دېدى ئۇ بىردىن.
- ئىشقىلىپ ئامانمۇ؟ – دېدىم ئالدىراش.
- ئامان. بىراق جېنىنى قويىدىغان يەر تاپالمايۋاتىدۇ. جىددىي قۇتقۇزۇش چاقىراي دېسەم ھېچ ئۇنىمايدۇ. ئەتە ئىشتىن قالىدىغان بولدۇم، دەپ يىغلاۋاتىدۇ.
ئازاد تۇرداخۇنلارنىڭ ئوتتۇرانچى ئوغلى. شۇ مەزگىللەردە ئۇ يە تۆتىنچى، يە بەشىنچى سىنىپتا ئوقۇۋاتاتتى.
- بولدى، قىزغا ھازىر دورا قىلىمىز، – دېدىم ئىشەنچلىك ھالدا ئانىنىڭ كۆڭلىنى ياساپ، سۈيدۈككە مەرۋانەم بەرگەن ياغلىقنى چىلاپ قويدۇم.
- مەرۋانەم سىز ئانىغۇ، مۇنۇ ياغلىقنى سەل سىقىۋېتىپ، قىزنىڭ شۇ ياغاچ تەگكەن مۈرىسىگە مەھكەم باغلاپ قويۇڭ، – دەپ بانكىغا تۇتقازدىم.
ئەتىگەنلىكى ھويلىدا تاماكا چېكىپ تۇرسام تۇرداخۇننىڭ شۇ قىزى ئۆيدىن سومكىسىنى مۈرىسىگە سالغان ھالدا چىقىپ كەلدى.
- ھوي، قىزىم نەگە؟ – دەپ سورىدىم.
- ئىشقا
- مۈرىڭىز قانداق؟
- ياخشى، چوڭ دادا.
- بۈگۈنچە سورىنىپ ئىشتىن قالسىڭىزمىغۇ، قىزىم. ئاخشامقى دورىنى بۈگۈن يەنە بىر – ئىككى تەكرارلىغىنىڭلار ياخشى بولاتتى.
- سىزگە رەھمەت، چوڭ دادا. قولۇم ياخشى، ئىشتىن قالماي. دورىنى ئاخشاملىققا چوقۇم تەكرارلايمىز.
- ۋاي بىر جېنىڭىزغا مىڭ جان بەرسۇن، – دېدى مەن يولغا چىققىلىۋاتقاندا مەرۋانەم، – چوڭ ئاپام سىزنى بىز ئۈچۈنلا تۇغۇپ قويغان ئىكەنغۇ، ئىگەكىم. بىزدىن قايتمىسا، خۇدادىن قايتار، كۆپ رەھمەت.
بەزىلەرنىڭ ئاغرىقنى بەجايىكى ئاسماندىن چۈشكەن بىر نەرسىدەك كۆرۈشى مېنى تالاي ئەجەبلەندۈردى. ھېچقانداق ئاغرىقنىڭ تاشقىرىنىڭ تەسىرسىز ئۆزى پەيدا بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ھەرقانداق ئاغرىقنىڭ سەۋەبى بار. كۆپچىلىك ئاغرىق پەقەت سوغدىن، بۈگۈنكى كۈندە نېرۋىدىن بولىدۇ. ئاغرىققا دىئاگنوز قويغاندا، داۋالىغاندا شۇنى ئەستىن چىقارماسلىق كېرەك. بۇ ھاياتتا ھەر بىر ئادەم ئۆز بېشىدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى كەچۈرىدىكەن. كۆپىنچىسى ئۆزۈڭنىڭ مەيلى ئەمەس. مەسىلەن، ئۆزۈمنىلا ئېيتسام، كەنجى بالىمىزنىڭ سالامەتلىكى سەۋەبىدىن، دوختۇرلار ھاۋا ئالماشتۇرۇپ كۆرسەڭلار بولامدىكىن، دەپ مەسلىھەت بەردى. «بىر چوڭنىڭ، بىر كىچىكنىڭ سۆزىگە كىر» دېگەندەك، دوختۇرلارنىڭ سۆزىگە كىرمەسلىككە بولمىدى. ئۆيدىكىلەر قىزنى ئېلىپ چونجىغا كەتتى – دە، ئۈچ يىل شۇ يەردە تۇردى. مەن ھەر ئىككى ھەپتىدە بېرىپ ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتىم.

يەنە پۇت ھەققىدە

بالا – چاقىنى يەنە بىر نۆۋەت يوقلاپ كەلگىنىمدە ئۆيدىكىلەر:
- مۇنۇ ئۇدۇل قوشنىنىڭ پۇتى ئىششىپ ئۆيدىن چىقالماي ئولتۇرۇپ قالدى، – دېدى.
- نېمە بوپتۇدەك؟
- بىلمەيمەن، ئۇ كىشىنىڭ يۈرىكى ئاغراتتىكەن. يۈرىكىڭىزنىڭ كېسىلى پۇتىڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن ئوخشايدۇ، دېسەم كۈلىدۇ.
- ھەر ئىككى پۇتى تەڭلا ئىششىپتىمۇ، ياكى بىرىمۇ؟
- بىرى، پۇتىنىڭ يۈزلۈكى، ھوشۇقى.
- پۇت يۈرەك ئاغرىقىدىمۇ ئىششىيدۇ. بىراق، سېنىڭ گېپىڭگە قارىغاندا م. نىڭ پۇتى يۈرىكىدىن ئەمەس، باشقا بىر سەۋەبتىن ئىششىغان. كىرىپ ھالىنى سوراپ چىقاي، – دەپ ئۇنىڭ ئۆيىگە كىردىم.
م. پۇتىنى كونا ياغلىق بىلەن ئوراپ، دىۋاندا يېتىپتۇ. مېنى كۆرۈش بىلەن ئورنىدىن تۇردى.
- قارىساڭ ئاداش، مۇنۇ پۇتنىڭ ئەلىمىنى!
- نېمە بولغان؟
- بىر كېچە ئىچىدىلا ئىششىپ كەتتى…
- ئۆزلۈكىدىن بولىدىغان ئىش يوق، ئاداش، – دېدىم – دە مەن ئۆز تەخمىنلىرىمنى ئېيتتىم ۋە شۇ توغرىسىدا ئويلاشنى سورىدىم.
ئادەملەر قىزىق، مېنىڭ ئاغرىقىمنى ئۆزۈمدىن سورىغىچە، دوختۇر بولغاندىن كېيىن ئۆزى تاپمامدۇ، دەپ دوق قىلىدۇ. ئاغرىقنى سوراپ بىلىش تېبابەتنىڭ بىرىنچى شەرتى. چۈنكى سوراش جەريانىدا ھەممە نەرسە ئېنىقلىنىدۇ.
-يە پۇتلاشقىنىم، يە يىقىلغىنىم يادىمدا يوق.كىم بىلىدۇ، تىرىك بەندە بولغاندىكىن، بەلكى…ئايالى، «يۈرىكىڭىزنىڭ ئاغرىقى پۇتىڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن ئوخشايدۇ»دەيدۇ.يە شۇنداقمۇ؟
-يۈرەكتىن بولغاندا پۇتۇڭ پاقالچاقلىرىڭ بىلەن قوشۇلۇپ ئىششىيدۇ. سېنىڭ پۇتۇڭدىكى ئىششىق تامامەن باشقا، سەن ئوبدانراق ئويلا. قىزىمنىڭ مەكتەپتىن كېلىدىغان ۋاقتى بولدى. مەن كەچتە كىرىمەن، – دېدىم
م. نىڭ ئۆيىگە كەچكى غىزادىن كېيىن كىردىم.
- بۇنىڭدىن خېلى يىل ئىلگىرى سارتوقايدا ئۈچ – تۆتىمىز يوغان بىر كۆتەكنى دۈگىلىتىپ كېتىپ باراتتۇق. نېمە سەۋەب بولدى، بىلمەيمەن، كۆتەك كەينىگە ياندى. شۇنداق قاچىمەن دەپ، مۇنۇ پۇتۇمنى قايرىۋالغان، – دەپ م. ئۆز تارىخىنى سۆزلەشكە باشلىدى، – ئۇنىڭدىن كېيىن تالاي يىللار ئۆتتى. شۇنىڭ دەردى ئەمدى چىقىشى مۇمكىنمۇ؟
- ھە، مانا سەن تېخى ئۆز – ئۆزىدىنلا ئىششىپ كەتتى دەيسەنا، – دېدىم، – ئۇ ۋاقىتتا سەن ياشراق ئىدىڭ. بۈگۈن بولسا يېشىڭ ئەللىك. كونىلار يېڭىلىنىۋاتىدۇ. شۇندا ئۆلگەن كلېتكىلار ئەمدى ئۆزىنى بىلدۈرۈۋاتىدۇ. ئەمدى مۇنداق قىل: ئاۋۇ تۆتىنچى سىنىپتا ئوقۇۋاتقان ئوغلۇڭنى بىر قاچىغا سىيگۈز – دە، مۇنۇ پۇتۇڭدىكى ياغلىقنى چىلاپ تېڭىۋال. ياتقىچە ئىككى قېتىم قىلساڭ، ياخشى بولاتتى. ئەتىگىچە ئۆزۈڭنى خېلىلا ياخشى ھېس قىلىسەن.
- ئوڭايلا بىر نەرسىنى دېدىڭغۇ، – دەپ كۈلدى م. ئۆز ئادىتىچە، – بولدى، تۆت قېتىم بولسىمۇ قىلىمەن. بۇنى دوختۇرلار بىلمەيدىكەندە، بالىلىرىم شىپاخانىغا ئاپىرىۋېدى. ۋىشنېۋىسكىي ماز دېگىنىنى بەردى. ئۈچ كۈندىن بېرى سۈركەۋاتىمەن، بىر تىيىنلىق پايدىسى يوق.
- ئىككى قېتىم كۇپايە. مەن ئەتىگەن كىرىپ ھالىڭدىن خەۋەر ئالىمەن، – دەپ چىقىپ كەتتىم.
ئەتىگەنلىكى كىرسەم م. نىڭ ئايالى ھويلىسىنى سۈپۈرۈۋېتىپتۇ.
- سىلەرنىڭ ئۆيگە كىرىمەن دەۋاتاتتى، چىقمىدىما؟
- ئۇنداق بولسا، نەگە كېتىدۇ. يىراققىغۇ كەتمىدى. يە باغقا چىقتىمىكىنتاڭ، – دەپ ئايال باغ تەرەپنى بويلىدى، – ئەنە دېدىمغۇ يىراققا كەتمىدى دەپ، ئۈزۈملىرىگە قاراپ يۈرۈپتۇ – دە.
م. ھاسا تاياق بىلەن كېلىپ، مېنىڭ بىلەن كۆرۈشتى.
- ئاداش، ئىششىق تۈنۈگۈنكىگە نىسبەتەن خېلىلا قايتتى، – دېدى ئۇ سالام – سائەتتىن كېيىن، – سېنىڭ بۇ دوراڭنىڭ راستلا جېنى بار ئوخشايدۇ.
- بىكار تالاغا چىقىپسەندە، زورۇقتۇرۇپ قويۇشىڭ مۇمكىنغۇ، بۈگۈنگىچە ئۆيدىن چىقماي دورا قىلغىنا!
- زېرىكتىم، ئاداش. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوغلۇم مەكتەپكە كەتتى، چىقىپ سېنىڭ بىلەن بىردەم پاراڭلىشاي دەپ …
ھەر ھالدا مەن ئالمۇتىغا قايتقىچە م. نىڭ پۇتىدىكى ئىششىق تولۇق دېگۈدەك يېنىپ بولغانىدى. ئاڭلىشىمغا قارىغاندا م. مۇبادا نەۋرىلىرىدىن بىرەرسى سۈرۈلۈپ يىقىلىپ قالسا ياكى باشقا بىر سەۋەب بىلەن زەخىملەنسە، دەررۇ سۈيدۈكنى دورا قىلىپ يۈرگىدەك. ئۇنىڭدا تۇرغان نېمە بار. ئاساسىي گەپ بالا – چاقا سالامەتلىكىنىڭ ياخشى بولۇشى. شۇنداق ئەمەسمۇ؟
بەزى – بەزىدە قوشنىلارنىڭ ئۆيلىرىگە نۆۋەت بىلەن كىرىپ ئەھۋال سوراش ئادىتىم بار. بۇ ئادىتىم ياخشىمۇ، يامانمۇ بىلمەيمەن. لېكىن ئۇنى ئۆزگەرتىشكە قۇدرىتىم يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىرمىسەم ئۇلارمۇ:
- يوقاپ كەتتىڭىزغۇ، كۆرۈنمەيسىزغۇ، – دەپ خاپا بولغاندەك قىلىدۇ. مۇشۇ يېقىندا ب. ئىسىملىك يەنە بىر قوشنىنىڭ ئۆيىگە كىردىم. ھەمىشە سەرەمجان تۇرىدىغان بۇ ئۆي بوسۇغىسىنى ئاتلىشىم بىلەن كۆڭلۈم بىر تۈرلۈك بولۇپ قالدى. ئايال كىشىنىڭ قولى تەگمىگەنلىكى بوسۇغىدىلا كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ب. نىڭ چىرايىنىڭ سۇنۇقلۇقى، ئەتتەڭ، نېمىشقىمۇ كىرگەندىمەن، دېدىم.
- سىڭىل كۆرۈنمەيدىغۇ؟ – دېدىم ساھىبخانغا شۈبھىلىك قاراپ. چۈنكى بولۇپمۇ ياشلار ئارىسىدا نېرى ئولتۇر، بېرى ئولتۇر پات – پاتلا يۈز بېرىپ تۇرىدىغان ئىشقۇ.
- قاراڭ ئاكا، بۈگۈن ئۈچ كۈن بولدى ئاشقازىنى ئاغرىپ بېشىنى كۆتۈرەلمەي ياتىدۇ، – دېدى ب. سولغۇن قىياپەتتە.
- دوختۇر چاقىرمىدىڭلارمۇ؟
- چاقىردىم. دورىلارنى يېزىپ بەردى. بىراق كېلىنىڭىز ھېچ ئۇنىمايدۇ. كۆڭلى ئاختۇرۇلۇپ، ھېلىدىن ھېلى كۆپۈك قۇسۇۋاتىدۇ.
- ئەجەب ئىش قىپسىلەردە ئۇكا، يېزىپ بەرگەن دورىنى ئالماي، رېتسىپلىرى قېنى، مەن كۆرەيچۇ.
ب. سېرۋانت ئۈستىدىن ئۈچ پارچە قەغەزنى ئېلىپ ماڭا بەردى. ئوكۇل، تابلېتكا دورىلار، ئالماگېل، سېۋمۇسېتىن، مېتىلراسېن. بەزىلىرىنى بىلىمەن، بەزىلىرىنى ئاڭلاپ كۆرمىگەن ئىكەنمەن. س. غا ئۇلارنىڭ قايسىسى ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى بىلمەيمەن.
- كېلىننىڭ مېھمانخانىغا چىققۇدەك ئەھۋالى باردۇ؟ – دېدىم ب. نىڭ كۆزلىرىگە تىك قاراپ.
- چىقار، – دەپ غۇدۇڭشىدى ب، – مەن كىرىپ دەپ كۆرەي.
ب. كۆپ كېچىكمەي ئىچكەركى بۆلمىدىن قىرىقلارغا ئۇلىشىپ قالغان ئايالى س. نى باشلاپ چىقتى. بىچارە ئايالنىڭ كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ، چىرايى بەجايىكى، پاتلانغان قېرىنغىلا ئوخشاپ كېتىپتۇ. كۆرسە ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئىچى ئاغرىيدۇ.
- بۇ دورىلارنى ئىچىپ كۆرگەنمەن، – دېدى س. مېنىڭ قولۇمدىكى رېتسىپلارغا قاراپ، – ئوكۇلنىمۇ ئالغان. بىراق، پايدىسىنى كۆرەلمىدىم. ئورگانىزمىمنى زەھەرلىگەندىن باشقا ھېچ نەرسە بولمايۋاتىدۇ.
س. نىڭ گەپ قىلغىدەك خۇشىمۇ، ماغدۇرىمۇ يوق. ئىلاجىسىزلىقتىن ئالدىمغا چىقىپ ئۆزىنى مەجبۇرلاپ سۆزلەۋاتاتتى.
- بىر دورا بۇيرۇسام ئىچەمسىزكىنتاڭ؟ – دېدىم ئېھتىياتچانلىق بىلەن.
- كۆكتات دورىمۇ؟
- ياق.
- يەنە قانداق دورا باركىنتاڭ، – دېدى ئۇ قاشلىرىنى سۈزۈشتۈرۈپ.
بىردىن ئېيتىشقا ئاغزىم بارماي، تۈكۈرۈكۈمنى يۇتۇپ سەل تۇرۇپ قالدىم. كېيىن ئاستا يىراقتىن ئەگىتىپ ئېيتتىم. ئۇنداق بولغىنى تۇغقانلاردىن بىرى يېڭى كىرگەن كېلىنى بۆرىكىم ئاغرىۋاتىدۇ، دېسە، ئاۋۇ يەردە ئالما سىركىسى بار ئىچ دەپتۇ، بۇنى ئاڭلىغان كېلىن ئەگەر – توقۇمىنى قارنىغا ئارتىپ، ئاتا – ئانىسىنىڭ ئۆيىگە يامانلاپ كېتىپتۇ.
يەنە بىر – بىرىمىزنى چۈشەنمەي، ئەنە شۇنداق كۆڭۈل ئاغرىقى چىقمىسىۇن، دېگەنىدىم.
- ھېچبولمىغاندا ئەتىگەنلىكى ئورنىڭىزدىن تۇرغاندا بىر قېتىم، كەچقۇرۇن يېتىش ئالدىدا بىر قېتىم.
- ئاشقازاننىڭ ئاغرىغىننى ئاز دەپ تۇمۇ تەگسە كېرەك.ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنىڭدىن خېلى يىل ئىلگىرى ئۆپكەمگە سوغ تىگىۋىدى.ھەممىسىنى قوزغىۋەتمىسە.
گېپىگە قارىغاندا س.سۈيدۈكنى ئىچىشكە تەييار.مېنى خۇشال قىلىشىمۇ شۇ.بۇ ئۆز جېنىغا ئېچىنىدىغان، ھاياتنى سۆيىدىغان، بىر كۈن بولسىمۇ كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرۈش ئىشتىياقىدىكى ئادەمنىڭ ئىشەنچىسى ئىدى.ئۇ ماڭا خۇددى«ئەگەر داۋا بولىدىغانلا ئىش بولسا، ئىبلىسنىڭ سۈتىنى ئىچىشكىمۇ تەييار»دەيدىغاندەك كۆرۈندى، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئەمدى ئىشەنچلىك سۆزلەشكە باشلىدىم:
-بىر ئاغىنەم ئۆپكىسىگە سوغ تەگكەندە شۇنىڭ بىلەن كومپرېس ياساپ، چاپسان ساقىيىپ كەتكەنىكەن.يەنە بىر مىسال، 50-يىللىرى مۇشۇ ئالمۇتىدا بويى ئىككى مېتىردىن ئېگىز ۋاسيا دېگەن بىر چېچەن يىگىتى بار ئىدى.تۇنىغانلار شۇ ۋاسىيانى سىل كېسەل ئىكەن، ھازىر ياش ئوغۇل بالىنىڭ ئالدى تەرىتىنى ئىچىۋىتىپتۇ دەيتتى.دېمەك، بۇ سىزگە ھەممە جەھەتتىن باپ دورا چىقتى.مېنىڭ گېپىمگە كىرىپ بۈگۈندىن باشلاپ، قېرىندىشىم، سىزنىڭ `ھاياتىڭىزغا قەست قىلىدىغان مەن كىم شۇنچە؟
- زەھەرلىنىپ قالمىساملا…!
- ياق.
- ئۆزىڭىزنى چىڭ تۇتۇڭ، ماڭا ئىشىنىڭ.
- نەچچە كۈن ئىچسەم بولار؟
- بۈگۈن ئۇنى كېسىپ ئېيتىشقا ئاجىزمەن. چۈنكى تا بۈگۈنگىچە بۇ ئىش توغرىسىدا بىرەر كىتابتىمۇ يېزىلمىغان، بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلەر يوشۇرۇپ ئېيتقىلى ئۇنىمايدۇ، نومۇس قىلىدىغان ئوخشايدۇ. مېنىڭچە بولغاندا، نەچچە كۈن ئىچىشىڭىزنى ھايات بەلگىلەيدۇ. كۆز قورققاق، قول باتۇر، سىز دېگەن ئۇششاق بالىلىق ئانا، سالامەت بولۇشىڭىز كېرەك.
س. قاشلىرىنى سۈزۈشتۈرۈپ، بېشىنى ئىرغاتتى.
- قىلسىڭىز ئەنە، قىلمىسىڭىز ئەنە، ماڭا نېمە؟
بۇ ئۆيدە يەنە ئولتۇرۇشنى ئورۇنسىز كۆردۈم – دە، خوشلىشىپ چىقىپ كەتتىم.
ب. نىڭ ئايالىدىن خەۋەر بولمىدى. ھالىنى سوراپ قوياي، نېمە قىلىۋاتىدىكىنە دەپ، يۈزى قېلىنلىق قىلىپ باردىم. بوسۇغىدىن ئاتلاپ ئۆز كۆزۈمگە ئۆزۈم ئىشەنمەي تۇرۇپ قالدىم. چۈنكى س. نىڭ چىرايى ئۆزگىرىپ، كۆزلىرى كۈلۈپ تۇراتتى.
- سىز بويرۇغان دورىنى ئىچىۋاتىمەن، ئاكا. راست، دەسلەپ بىر تۈرلۈك ئوڭايسىز كۆرۈنىۋېدى. كېيىن ئۆگىنىپ كەتتىم. كەينىدىنلا زاكۇسكىغا سوغۇق سۇ ئىچىۋاتىمەن.
بىر ئاغىنىنىڭ كۈندە ئەتىگەنلىكى ئورنىدىن تۇرۇپ، كولونكىدىن مۇزدەك سۇ چىقىرىپ ئىچىپ، ئاشقازىنىمنى داۋالىۋالدىم، دېگەن گېپى يادىمغا كېلىپ، س. نىڭ «زاكۇسكىغا سوغۇق سۇ ئىچىۋاتىمەن» دېگىنىگە قارشىلىق بىلدۈرمىدىم.
- كۈنىگە قانچە قېتىم بولۇۋاتىدۇ؟
ئىشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن؟ – دەپ س. مىيىقىدا كۈلدى، – سىزدىن نېمىسىنى يوشۇراي، ھەممىسىنى زايە قىلماي ئىچىۋاتىمەن، دېسەم ئاشۇرۇۋەتكەن بولمايمەن. ھازىر ئوبدان ئۆگىنىپ كەتتىم. 20 كۈن ئىچىشكە قارار قىلدىم. كېيىنكىسىنى سىز دېگەندەك ھايات بەلگىلەر بەلكى. تۇمۇمۇ كەتتى. ئۆپكەمدە بىر يەر سانجىغاندەك قىلاتتى، ئۇمۇ بېسىلدى. راست ئىككى كۈن ئىچىمدىن شۇنداق خەپرۈك ياندى – دە. قىسقىسى ئاكا، سىزگە بىر لەڭمەن قەرز بولۇۋاتىمەن.
- بىر لەڭمەن بىلەنلا ئاسان قۇتۇلماقچىمۇسەن؟ – دەپ چېقىشىپ كۈلدى ب.
- لەڭمەننىڭ چېغى چاغلىق قېرىندىشىم. سالامەتلىكىڭىزنىڭ تۈزۈلۈۋاتقانلىقى خۇشاللىق.
شۇنىڭدىن بۇيان ئۈچ يىل ئۆتتى. س. نىڭ چىرايى باشقىچىلا ياشىرىپ كەتتى. دوختۇرغا ماڭغىنىنىمۇ كۆرمەيسەن. ئۆزى ئېيتمايدۇ، لېكىن ئىچىشنى ھېلىغىچە توختاتمىدىغۇ دەيمەن.
مەدەت تىلەپ ئالدىمغا كەلمىگەن تونۇش – بىلىشلەر قالمىغان بولسا كېرەك. ھ. ئىسىملىك ئوتتۇزدىن ئېشىپ قالغان بىر تونۇشۇم كەپتۇ. بۇ ئايالنىڭ گەدىنىگە قىچىشقاق چىقىپتۇ. ئۇنىڭغا قەرىقىز يىلتىزىدىن ياسالغان ماي بەردىم. بەختكە قارشى بۇ ماي قىچىشقاقنى قاتۇرغىنى بىلەن ساقايتالمىدى. يەنە ئەدەپ ئايالنىڭ ئارامىنى بۇزدى. بۇنىڭدىن خېلى يىل ئىلگىرى كىمدۇر بىرىدىن قولغا چىققان تەمرەتكە شەكلىدىكى قىچىشقاقنى ئايدىڭدا ئولتۇرۇپ، ئالدى سۈيدۈك بىلەن يۇسا ناھايىتى پايدا قىلىدىكەن، دېگەن گەپنى ئاڭلىغانىدىم. بۇ ئايالغا شۇنى ئېيتىشقا تەمشىلىپ ئۆزۈمنى تۇتۇۋالدىم. چۈنكى ئايال كىشى ناھايىتى نازۇك كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئايال ئۆزىنى سىيلاپ – سىيپاپ يۈرىدىغان، سەللا ئىشتىن بوغۇزى چۈشۈپ قالىدىغان ئادىتى بار.
- سىڭلىم ئۆيۈڭلەردە ھەدىڭىزنىڭ يا سىڭلىڭىزنىڭ نارەسىدە ئوغلى بارمۇ؟ – دەپ سورىدىم.
- نېمە بولدى؟ دەپ چەكچىيىپ قارىدى.
- مۇشۇ جاھىل قىچىشقاقنى ئوغۇل بوۋاقنىڭ سۈيدۈكىدە بىر – ئىككى قېتىم يۇيۇپ باقامسىزكىن، دېمەكچى ئىدىم.
ھ. شۈككىدە بولۇپ قالدى.
- بۇنىڭ نېمە يامىنى بار، ئاخشىمى بىر – ئىككى قېتىم يۇيسىڭىز ئەتىگەنلىكى ئىشقا ئۆزىڭىزنى تۈزەپ كەلمەمسىز.
ئۇ يە ماقۇل، يە ياق دېمىدى. بىراق، ئارىدىن ھەپتە ئۆتۈپ ئۆيگە تېلېفون قىپتۇ.
- سىڭلىمنىڭ بوۋاق ئوغلىنىڭ ئالدى تەرىتى بىلەن ئىككى قېتىم يۇيۇۋېدىم. قىچىشقاقنى تۆكۈۋەتتى. شۇ چاغدا ئارتۇق گەپ قىلىپ قويغان بولسام كەچۈرۈڭ، – دېدى.
- ئۇ ۋاقىتتا ئارتۇقچە گەپمۇ بولمىدى، بىراق يېڭىلىقنى خەۋەر قىلغىنىڭىزغا رەھمەت، – دېدىم.
ئالدى سۈيدۈك توغرىسىدىكى باپ بەك ئۇزىراپ كەتتى. بىرنى يازسام يەنە بىر پاكىت قېلىۋاتىدۇ. بىزنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇنۇ – مۇنۇ ئاغرىقلارغا سۈيدۈكنى ئىشلەتكىن، دەپ ئېيتمىساڭ، ئۆزلىرى ئىجادىي ئىنتىلىپ ئىشلىمەي يەنە قانداق ئاغرىقلارغا دورا دەپ سورايدۇ. شۇڭا بەزى مۇھىم دېگەن نەرسىلەرگە تەپسىلىيرەك توختالماي ئىلاج بولمىدى.
سۈيدۈكنىڭ شىپالىق خۇسۇسىيىتى توغرىسىدا گەپ قىلغاندا، ئىختىيارسىز مۇنداق بىر ۋەقەنىمۇ سۆزلەپ بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. بىر كۈنى ئۆيگە ر. ئىسىملىك ئوتتۇز بەش ياشلاردىكى بىر تونۇش ئايال كىرىپ كەپتۇ.
- تۆت ياشلىق قىزىمنىڭ قۇلىقى ئاقىدۇ، سانجىپ ئاغرىيدۇ، – دېدى ئۇ سەل سۈكۈتتىن كېيىن، – تۆت كۈن بولدى، نېمە قىلارىمنى بىلمەيمەن، سىزنىڭ ئالدىڭىزغا كىردىم.
دوختۇرغا بارمىدىڭىزمۇ؟
- بارمامدىغان، جېنىم ئاكا، بالامنىڭ جېنى قاقشاۋاتسا، دورا يېزىپ بەردى، شۇنى تېمىت دەيدۇ. ھاراق بىلەن كومپرېس قىل، دېدى، ھەممىسىنى قىلىۋاتىمەن. ئەمما ھېچبىر كارغا يارىمايۋاتىدۇ. ئەمدىكى ئۈمىد پەقەت سىزدە.
ئىلمىي تېبابەتتىن بىلىمى يوق ئادەمنىڭ، ئۆزىڭىز بىلىسىز، كۆز، قۇلاققا ئوخشاش ئادەمنىڭ نازۇك جايلىرى بىلەن ئوينىشىش مېنىڭچە بولغاندا جىنايەت، تاشقى ئاغرىقلار بولسا، باشقا گەپ.
- ئاقىدۇ دېدىڭىزما؟ – دېدىم سەل جىمجىتلىقتىن كېيىن.
- ئاقمامدىغان! ھەممىدىن سانجىشىدىغىنى جېنىم قىزىمنىڭ جېنىدىن ئۆتۈۋاتىدۇ، سانجىغاندا بىچارە قىزنىڭ ئونى چىقىپ كېتىدۇ.
- باش پىيازنى تېركىدىن ئۆتكۈزۈپ مىجىپ ئېلىنغان شىرىسىنى تامچىلىتىپ كۆرمىدىڭىزمۇ؟ ئۇمۇ ئاققان قۇلاقنى تازىلايتتى.
- جېنىم ئاكا، بورنىي ئىسپىرت قۇيۇپ يۇمران بالىنىڭ قۇلىقىنىڭ پەردىلىرىنى كۆيدۈرۈپ بولدۇم. ئەمدى ئۇنىڭغا ئاچچىق پىياز شىرنىسىنى قۇيسام نېمە بولماقچى؟
ئانىنىڭ تەشۋىش – ئەندىشىسىنى ياخشى چۈشىنىمەن. بورنىي ئىسپىرتنى نورما بىلەن قۇيسىغۇ قىزنىڭ قۇلاق پەردىلىرى كۆيۈپ كەتمەيدۇ. ئەگەر ئۇ ئانا ئويلىغاندەك قۇلاق پەردىسىنى كۆيدۈرۈۋېتىدىغان بولسا، ئۇنى نېمىشقا ئىشلەپ چىقىرىدۇ، دوختۇرلار نېمىشقا تەۋسىيە قىلىدۇ؟
بورنىي ئىسپىرتىمۇ، پىياز شىرنىسىمۇ بالا قۇلىقىغا سەلبىي تەسىر قىلمايتتى. پىياز شىرنىسى ئاغرىقنى باساتتى. مۇبادا ئىششىق بولسا چاپسان ئېغىز ئالدۇراتتى. قۇلاق تازىلىناتتى. پىياز شىرنىسىنى قۇلاققا چېلەكلەپ قۇيمىغاندىن كېيىن.
لېكىن ر. نىڭ ھازىر ھېچ نەرسىنى چۈشەنگۈسى، ھېچنىمىگە ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇنى ئۇنىڭغا سىلىقىدا سۆزلەشكە توغرا كېلەتتى.
- بۇ قىزىڭىزدىن چوڭ بالىڭىز باردۇ؟ – دېدىم.
- بار، ئۈچىنچى سىنىپتا ئوقۇۋاتىدۇ. ئۇنىڭ نېمىسىنى سوراۋاتىسىز؟
- مانا شۇ ئوغلىڭىزنى ئىستاكان قاتارلىق بىر پاكىز قاچىغا توسۇڭ. ئۆيۈڭلاردا دورا تېمىتىدىغان پېپىتكا باردۇ؟ پېپىتكا بىلەن ئىسسىق سۈيدۈكتىن قىزىڭىزنىڭ ئاغرىۋاتقان قۇلىقىغا، ھەر ئىككىسى ئاغرىسا ھەر ئىككىسىگە ئىككى تامچىدىن تېمىتىڭ – دە، پاختا تىقىپ قويۇڭ ۋە ياغلىقنى تاڭدۇرۇپ قويۇڭ.
- بولامدۇ؟
بولمايدىغان ئىشنى تەكلىپ قىلاتتىممۇ؟ بىزنىڭ ئۆيدىن چىقىپلا ياتقىچە ئىككى قېتىم تېمىتىڭ. سۈيدۈك يېڭى بولسۇن. ئىشەنچىم كامىلكى، قىزىڭىز ئەتىگىچە ياخشى بولىدۇ. يەنە بىر ئېيتىپ قويىدىغان نەرسە، قىز ناھايىتى قاتتىق ئۇخلايدۇ. خاتىرجەم بولۇڭ.
ر. باشقا باھانە – سەۋەبلەرنى ئېيتىپ مېنىڭ بىلەن تاكاللىشىپ ئولتۇرمىدى. ئەتىگەنلىكى ئىشقا ماڭاي دەپ تەييارلىنىۋاتسام، تېلېفون جىرىڭلاپ كەتتى. تۇرۇپكىنى ئالسام:
- ئاكا كەچۈرىسىز، ۋاقتىڭىزنى ئېلىۋاتىمەن. قىز تېخىچە ئۇخلاۋاتىدۇ، – دېدى.
- تۆت كۈن ئۇخلىمىغان بالىنى ئۇخلاتماي نېمە قىلىسىز، تەگمەڭ، – دېدىم جىددىي، – ئۇيقۇسى قانغاندا ئۆزىلا تۇرىدۇ. بىراق بۈگۈنمۇ شۇ دورىدىن ئۇنتۇماي ئۈچ – تۆت قېتىم تېمىتىڭ. چۈشەندىڭىزمۇ؟ كەچقۇرۇن ماڭا تېلېفون قىلىشنى ئۇنتۇماڭ
- چۈشەندىم، ئاكا…
كەچكى غىزادىن كېيىن تېلېفون جىرىڭلاپ كەتتى.
- ئاكا، قايسى كۈنلىرى ۋاقتىڭىز بولار؟ دېدى ر. مەن ئۇنى ياخشى چۈشەندىم.
- ھېچ ئاۋارە بولماڭلار، قېرىنداش، – دېدىم سىلىقىدا، – سىلەرنىڭ بالاڭلار كىم، مېنىڭ بالام كىم؟ مېنىڭ ئۈچۈن ھەممە بالىلارنىڭ خاتىرجەملىكى ئەلا.
- شۇندىمۇ ئاكا، قىزىمغا بىر مىنۇت بولسىمۇ ئاراملىق تىلەپ ئالدىڭىزغا كىرگىنىمدە، چىرايلىق گېپىڭىز بىلەن يولغا سالدىڭىز. مەسلىھىتىڭىزنى ئايىمىغىنىڭىز ئۈچۈن بېشىمىزدا كۆتەرگۈدەك بولۇۋاتىمىز. كىرىپ ھېچبولمىغاندا قىزىمىزنىڭ خاتىرجەم ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ چىقىپ كەتسىڭىزمىغۇ.
- بۇ باشقا گەپ، ھازىر ھەدەڭلار ئىككىيلەن كىرىمىز. بىراق، ھېچ نەرسىگە ئاۋارە بولماڭ.
كىرسەك قىز ھەقىقەتەنمۇ خاتىرجەم ئويناۋېتىپتۇ. ئۇنى كۆرۈپ خۇددى لاتارېيىدىن چوڭ نەرسە ئۇتۇۋالغاندەك خۇشال بولدۇم.
- ئۇنتۇماي، داۋالاشنى يەنە ئىككى – ئۈچ كۈن داۋاملاشتۇرۇڭ، – دېدىم خوشلىشىۋېتىپ، – قۇلاق ئىچىدىكى سوغۇق تەگكەن يەرلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز ئەسلىگە كەلسۇن.
- دېگىنىڭىزدەك بولىدۇ ئاكا، ھەممىسى ئۆزىمىز ئۈچۈنغۇ.
ئەرزىمەس دورا بۇيرۇپ، يەنە بىر ئائىلىدە چوڭ ئابرۇي قازاندىم. خۇدايىمنىڭ شۇ دەرىجىدە يەتكۈزگىنىگە رەھمەت.
بىر كۈنى، تېخى ئىش ئورنۇمدا ئىدىم. بۆلۈمگە 25-26 ياشلاردىكى ز. ئىسىملىك بىزنىڭ سابىق خادىمىمىز كىرىپ كەلدى. يۈزى ئىششىغان بولۇپ، كۆزلىرى كىرتەيگەن، سالاملىشىپ بەرگەن قوللىرىدىن ئوت چىقىپ تۇراتتى. دەل شۇ دەقىقىدە ئۇنىڭ ھارارىتى يۇقىرى بولۇپ، بەدىنىنى بۇججىدە تەر بېسىپ تۇراتتى. سۆز قىلغىدەك ئەھۋالى يوق.
- نېمە بولدى؟ – دەپ سورىدىم.
ئۇ تامىقىنى ئىشارە قىلغان ھالدا ئاران «ئاغرىۋاتىدۇ» دېدى. ئىككى كۈندىن بېرى يە بىر يۇتۇم چاي ئىچىپ، يە بىر چىشلەم نان يېمىگەن. ھەتتا تۈكۈرۈكىنى يۇتۇشنىڭ قانچىلىك ئېغىر كېلىۋاتقانلىقىنى ئاران چۈشەندۈردى. كۆڭلى يېقىن ئۈچۈن مەدەت سوراپ ئالدىمغا كەلگەن. لېكىن ئىش ئورنىدا ئۇنىڭغا مېنىڭ نېمە بېرىشىم مۇمكىن؟ ئىمكانىيىتىڭ بولسا غاڭزىگۈل، چوشقا ياڭىقى قوۋزىقى ياكى ئېۋكالىپت تېپىپ قاينىتىپ ئىسسىق – ئىسسىق چايقا، دەپ مەسلىھەت بەردىم، ھېچبولمىغاندا قازان قۇرامى بىلەن تامىقىڭنى كۆتەرگۈزگىن دېدىم.
ئەمما، دەل شۇ دەقىقىلەردە مېنىڭ بۇ مەسلىھەتلىرىم ئۇنىڭ ئۈچۈن قۇرۇق گەپ ئىدى. ھازىر ئۇنىڭ ئۈچۈن قۇرۇق گەپتىن كۆرە، جېنىغا چاپسان ئەسقاتىدىغان دورا كېرەك. ئىشنى تاشلاپ ئۇنى ئۆيگە باشلاپ كېتىشكە يەنە بولمايتتى. چۈنكى تەرتىپ دېگەن تەرتىپ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئاق قار، كۆك مۇزدا ئۇ مەن ئېيتقان شىپالىق گىياھلارنى نەدىن تاپىدۇ؟ شۇ خىل ئىككى تاش ئوتتۇرىسىدا قېلىپ خىيال چېكىۋاتقاندا يادىمغا سۈيدۈك كەلدى.
- سېنىڭ بۇ يەردە ئۆيۈڭمۇ يوق، يامان بوپتۇ، – دېدىم ئۇنىڭغا خەيرخاھلىق بىلدۈرۈپ، – بىر دورا ئېيتسام، كۆڭلۈڭ تارتامدىكىنتاڭ؟
- ئاكا، نېمىلا بولسا مەن تەييار! – دېدى ئۇ ، – بۇ ئاغرىق جېنىمدىن يامان ئۆتۈپ كېتىپ بارىدۇ. مېنى توغرا چۈشىنىڭ، قاراڭا، بويۇن – قۇلاقلىرىمغىچە قوشۇلۇپ ئاغرىۋاتىدۇ. تىلىمنىڭ چۆرىسى خۇددى ھەرىنىڭ چىشىغا ئوخشاپ قالدى.
- شۇنىڭ ئۈچۈن ساڭا جىددىي بىر دورا تەكلىپ قىلماقچىمەن. ھازىر ئۇتتۇر چۈشكەن ئۆيۈڭگە باردە، بىر ئىستاكانغا سۈيدۈكىڭنى ئېلىپ ئاغزىڭنى چايقا، ئىچ، ئەگەر پېپىتكا بولسا، قۇلىقىڭغا ئىككى – ئۈچ تامچە تېمىتىۋەتسەڭ تېخىمۇ ياخشى. ئەگەر سۇ ئىچكۈڭ كەلسە مەيلى، بىراق تاماق يېمە. ئەتىگەنلىكى ئورنۇڭدىن تۇرۇپ يەنە ئىچ، – دېدىم.
- ئەگەر دەردىمگە داۋا بولسىلا، – دەپ چىقىپ كەتتى. مەن ز. نى شۇنىڭ بىلەنلا قارىسىنى يوقىتىدۇ، دەپ خاتا ئويلاپتىمەن. ئۇ ئىككىنچى كۈنى مىيىقىدا كۈلۈپ كىرىپ كەلدى.
مەن بىردىن ز. نىڭ كۆزلىرىگە، چىرايىغا تىكىلدىم. سەۋەبى تۈنۈگۈن ئۇنىڭ كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ، يۈزى ئىششىغاندەك كۆرۈنىۋېدى. كالپۇكلىرىنى گەز باغلاپ تۇراتتى. بۈگۈن پەقەت ئۇلارنىڭ يېرىم – يارتىسىلا قاپتۇ.
- نېمە قىلدىڭ، ئېيتقىنا ئەمدى؟ – دەپ سورىدىم.
- قايىلمەن، – دېدى ئۇ ئادەتتىكىدەك چاڭىلداپ سۆزلەپ ۋە قولۇمنى قاتتىق سىلكىدى، – سۈيدۈكنىڭ دورىلىقى توغرىسىدا ئىلگىرى مەنمۇ ئاڭلىغان. لېكىن ئۇنىڭ مۇنچىلىك كۈچلۈك دورىلىقىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمىگەن. تۈنۈگۈن ئۆيگە يەتكىچە كۆزۈم تۆت بولدى. سەۋەبى ئاغزىمدىن قويۇق شۆلگەي ئېقىپ، ئاپتوبۇستا ناھايىتى خىجالەتچىلىكتە قالدىم. پولغا تۈكۈرۈشنىڭ ئورنى يوق. سىز ئېيتقاندەك، ئۆيگە كىرىپلا بىر ئىستاكاننى يانچۇقۇمغا ئېلىپ باغقا چىقتىم. تەلىيىمگە ئۆيدە ھېچكىم يوق ئىدى. ئازلا يېرىم بىر ئىستاكان چىقتى. پاكىز پاختىنى چىلاپ قۇلىقىمغا تىقتىم – دە، قالغىنىنى كۆتۈرۈپ ئېچىۋەتىم. چاي ئۆتمىگەن گېلىمدىن ئۇ سىلىق ئۆتۈپ كەتتى. ئۆيگە كىردىم – دە. بېشىمنى پۈركەپ يېتىۋالدىم. ئارىدىن 15-20 مىنۇتتەك ۋاقىت ئۆتۈپ ئۆزۈمنى تەڭشەپ كۆردۈم. ئۆزۈمدە خېلىلا يېنىكچىلىك سەزدىم. كېيىن ئورنۇمدىن تۇرۇپ، چاي ئېتىپ، بىر ئاپقۇرنى ئىچىۋېتىپ ياتتىم. سىز دېگەندەك ئاخشىمى يېتىش ئالدىدا يەنە تالاغا چىقىپ، يەنە بىر ئىستاكان ئىچىپ كىردىم. ئەتىگەنلىكى ئەتىگەن ئويغىنىپ كەتتىم – دە، يەنە بىر ئىستاكان ئىچىپ كىرىپ ياتتىم. سائەت سەككىزگىچىلا ئۇخلاپتىمەن. ئاندىن ئورنۇمدىن تۇرۇپ كوچىغا چىقىش ئالدىدا، يېرىم ئىستاكاندەك بولدىغۇ دەيمەن، كۆتۈرۈۋېتىپ كەينىدىن بىر ئىستاكان سوغۇق سۇ ئىچتىم. ھاراقتىنمۇ ئاچچىقمۇ نېمە؟
- ئاچچىقىنى نېمە قىلىسەن، ئەھۋالىڭنى ئېيتساڭچۇ؟
- شۇنى ئېيتىۋاتىمەنغۇ، مەسلىھەتىڭىزگە رەھمەت، ئاكا. كېلىپ كۆك بازارنىڭ ئاشخانىسىغا كىردىم – دە، ئىككى تەخسە لەڭمەننى يەپ، بۇ يەرگە كېلىشىم.
- بىراق، ئاچچىق – چۈچۈكتىن ئۆزۈڭنى تارت ماقۇلمۇ؟ يەنە بىر ئېيتىدىغان نەرسە، ئىشنى شۇنىڭ بىلەنلا پۈتتى قىلماي ئۆيۈڭگە بارغاندا يەنە داۋاملاشتۇر. ئېغىزىڭدىكى، قىزىل ئۆڭگەچتىكى سوغۇق تەگكەن يەرلەرنىڭ بارلىقى ئەسلىگە كەلسۇن، ماقۇلمۇ؟
- ئىچىۋەرسەمچۇ؟
- مېنىڭچە بولغاندا، ئۇنىڭ زىيىنى بولمىسا كېرەك.
- ئاكا، بىر قىزىقى، قولدا بار نەرسىنىڭ قەدرىنى بىلمەيدىكەنمىز – دە، سىز ئېيتمىسىڭىز، يەنە نەچچە كۈن ئازابلىناتتىم؟ ئېيتقانلىرىڭىزنى چوقۇم ئورۇندايمەن. گېمورويدىنمۇ سىزنىڭ مەسلىھەتىڭىز بىلەن خوشلىشىۋېدىم. بۇنىڭ بىلەنمۇ خوشلىشىمەن. سىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت، ئىجادىڭىزنىڭ تېخىمۇ كامال تېپىشىغا تىلەكداشمەن.
بۇ باپ پىلانىمدىن خېلىلا ئۇزىراپ كەتتى. بىراق، بىر پاكىتنى ئېيتسام ئىككىنچىسى تېخىمۇ مۇھىمدەك كۆرۈنىۋاتىدۇ. مەقسەت بىرىگە بولمىسىمۇ بىرىگە سەۋەب بولۇپ قالار دەپ ئويلىدىم. ئىنسان ھاياتىدا نېمىلەر ئۇچراشمايدۇ؟
قوشنام ت. قىرىقتىن ئاشقان ئادەم. قايسىدۇر بىر ئاۋاتو بازىنىڭ تۆمۈرچىلىك سېخىدا ئىشلەيدۇ. ئىشتىمۇ، ئۆيدىمۇ تىنچىمايدۇ، مېھماندوست. ئائىلىسىگە ياخشى غەمخورچى. كۆڭلۈمگە بىر ياقمايدىغان يېرى، يۈرىكى چىلاشقىچە ئىچمىسە، كۆڭلى ئەمىن تاپمايدۇ. نەچچە قېتىم مەسلىھەت بېرىپ كۆردۈم. ۋەدىسى ناھايىتى ياخشى. ئەمما بىر كۈنى ئاخشىمى ئايالى تېلېفون بېرىپتۇ.
- كامالىدىن ئاكا، ئىنىڭىزنىڭ قولى ئاغرىۋاتاتتى. بۈگۈن ئاغرىق كۈچىيىپ كەتتى. سىزنى كىرىپ كۆرۈپ باقامدىكىن دەيدۇ.
بىر تەرەپتىن قوشنا، ئىككىنچى تەرەپتىن ئۆز ئىنىمدەك كۆرۈپ يۈرگەن ئادەم. كىرسەم بولاتتى. لېكىن، ئاغرىپ قالغان كۆڭلى يېقىن كىشىلەرنى كېچىسى تۇرماق چۈشتىن كېيىن يوقلاش ئادىتىم يوق. ئۇنداق ئادەملەر ھالىدىن پەقەت چۈشكىچە خەۋەر ئالاتتىم. ئىككىنچىدىن، ت نى «ئاغرىقنى باھانە قىىلىپ، ئالدىغا بىر بوتۇلكا تىكلەپ قويۇپ مېنى كۈتۈۋاتىدۇ تايىنلىق» دەپ گۇمانلاندىم. شۇنىڭ ئۈچۈن ئايالىغا:
- كەچۈرىسىز، يېرىم كېچىدە ئاغرىق ئادەمنىڭ ئالدىغا كىرىش ئادىتىم يوق ئىدى. ئەتىگە كىرەي، – دەپ قىسقىلا جاۋاب بەردىم. يېڭىلمەيدىغان ئادەم، پۇتلاشمايدىغان تۇياق بولماس» راستتىنلا جېنى قاقشاپ چاقىرتقۇزغان ئىكەن؟ يېرىم كېچىدە «جىددىي قۇتقۇزۇش» ئېلىپ كېتىپتۇ. قوشنا ئالدىدا قۇلايسىز ئەھۋالدا قاپتىمەن. كەمچىلىكىمنى چۈشەندىم. ئەمما، ئىككى كۈن ئاغرىقخانىغا يېتەلمىدىم. پەقەت ئۈچىنچى كۈنى ئالمۇتىنىڭ شەھەرلىك 12- ئاغرىقخانىسىنىڭ خىرۇرگىيا بۆلۈمىگە بېرىپ، قوشنام ھالىدىن خەۋەر ئالدىم. ھەقىقەتەنمۇ قوشنامنىڭ ھالى خاراب ئىكەن. ئوڭ قولىنىڭ يۈزلۈكىدىن تارتىپ تا جەينىكىنىڭ ئۈستىگىچە پۈۋلەپ قويغاندەك ئىششىپ كېتىپتۇ. خۇددى كۆيگەندەك قاپقارا. ئۇنىڭ ئۈستىگە چىپىلداپ سۇ چىقىپ تۇراتتى. كونا بىنتنى تېخى يېڭىلا ئېلىۋېتىپ، يېڭىلاشقا ئۈلگۈرمىگەن ئىكەن. بىرسى چاقىرىۋاتىدۇ دېگەندىن كېيىن ھەمشىرىدىن ئۆزرە سوراپ چىقىپتۇ.
- بۇ قولىڭىزغا نېمە بولغانىدى؟ – دەپ سورىدىم.
- تۇرۇپ – تۇرۇپلا ئاغرىپ قالاتتى. مەن ئۇنىڭغا ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمىگەن، – دەپ تارىخنى سۆزلەشكە باشلىدى قوشنام، – كېيىنكى كۈنلىرى يەنە ئاغرىپ بولمىغاندىن كېيىن كارخانىنىڭ دوختۇرخانىسىغا مۇراجىئەت قېلىۋېدىم، ئۇلار ۋىشنېۋىسكىي دېگەن ماينى ياغلاپ، ئۈستىگە ئۇندەك ئاق دورىنى سېپىپ، ئۆيگە قايتۇرۇۋېۋىدى، شۇ كۈنى كېچىسىلا قولۇم ھۈپپىدە ئىششىپ، ئىككى – ئۈچ يېرىدىن تېشىلدى – دە، سۇ ئېقىشقا باشلىدى. ئاغرىققا چىدىماي يەنە دوختۇرغا يۈگۈردۈم. دوختۇر كۆرۈپ كۋارتس قويۇشنى بۇيرۇدى. ئەتىسى ئەھۋالىم تېخىمۇ بەتتەر بولدى. قولۇمنىڭ ئاستىغا داس قويۇپ ئولتۇردۇم. سىزگە تېلېفون قىلغاندا جېنىمنى قويىدىغان يەر تاپالمايۋاتاتتىم، «جىددىي قۇتقۇزۇش» مۇشۇ يەرگە ئەكېلىپ تاپشۇردى. ئوكۇل سېلىۋاتىدۇ. پرىموچكا قىلىۋاتىدۇ. بىراق پايدىسى كۆرۈنمەيۋاتىدۇ.
- دىئاگنوزىنى نېمە دېدى؟
- سوغۇق ئۆتكەن دەيدۇ. تۈنۈگۈن ۋراچ «سىزنى تېرە كېسەللىرى ئاغرىقخانىسىغا ئەۋەتىمىزمىكىن» دەيدۇ.
- بوپتۇ، سىز ھازىر مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قولىدىكى ئادەم، شۇلار ئاخىرىغا چىقارسۇن، ئۇلار ھېچ نەرسە قىلالمىسا مەن بار.
ئاغرىقخانىغا ئەتىسى يەنە كېلىپ قوشنامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدىم. بىچارە تاڭنى كىرپىك قاقماي ئاتقۇزغانلىقىنى ئېيتىپ زارلاندى. بېنت بىلەن تېڭىلغان قولىدىن خۇددى سۈزمە خالتىسىدەك سېرىق سۇ تېمىۋاتىدۇ. كۆزۈم يەتتى. كەسپىي دوختۇرلارنىڭ بۇ دورىسى بىلەن ت. نىڭ قولى ھەرگىز ياخشى بولمايدۇ. بىرىنچىدىن، كۋارتس بىلەن قول ئوبدان كۆيگەن. ئىككىنچىدىن، ت. نىڭ بۇ قولىغا راست سوغۇق تەگكەن. ئۇنى ھەممە كۆرۈپ بىلىۋاتىدۇ. لېكىن ئۇزاق يىللار بولقا تۇتۇپ ئىشلەيدىغان، ئۆزىنىڭ كونا ماشىنىسىنى ئارا – چولىلا رېمونتلاپ زورۇققان قولنى ھېچكىم چۈشەنمەيۋاتاتتى.
ئاغرىق ئۇستىخاندىن باشلىنىدۇ. بىر نەچچە ئاغرىق بىرلەشمىسىنى پەقەت مۇرەككەپ يەرلىك دورا بىلەنلا داۋالىغىلى بولىدۇ. دۆلەت ئاغرىقخانىسىدا ئىشلەۋاتقان كەسپىي دوختۇرلار ماڭا ئوخشاش ئاددىي بىر تېۋىپنى«بارە، ئىشىڭنى قىل» دېيىشى تۇرغان گەپ. شۇنىڭ ئۈچۈن قوشنامنىڭ كۆڭلىنى ياساپ قايتىشقا توغرا كەلدى.
ئارىدىن ئىككى – ئۈچ كۈن ئۆتۈپ شەنبە كەلدى. ئۆيدىكىلەر مېنىڭ ئاغرىقخانىغا ئاپىرىدىغان نەرسىلىرىمنى تەييارلاۋاتاتتى. تېلېفون جىرىڭلاپ قالدى، تۇرۇپكىنى ئالسام، ت. نىڭ ئايالى:
- كامالىدىن ئاكا، سىزنى ئاۋارە بولۇپ يەنە ئاغرىقخانىغا بېرىپ يۈرمىسۇن، دەپ تېلېفون قىلىۋاتىمەن، – دېدى ئۇ، – ئىنىڭىز ئاخشام ئۆيگە يېنىپ كەلدى.
- چىقىرىۋېتىپتىمۇ، يە ئۆزى كەپتىمۇ؟
- چىقىرىۋېتىپتۇ.
- رەھمەت، قېرىندىشىم، مەن ھازىر كىرىمەن.
پەمىمچە بىرىنچى نۆۋەتتە ت. نىڭ قولىدىكى كۆيۈك ئەكسىنى پەسەيتىش، جاراھەتنى كۆرۈپ سۇ تېمىتىشنى توختىتىش، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزۈم يازدا قېرىقىز يىلتىزىدىن قاينىتىپ ياسىغان مايدىن (بۇ دورا كۆيۈكتە بىر نەچچە قېتىم سىنالغان) بىر قۇتا ئېلىپ كىردىم. ت. نىڭ قولىنى كۆرۈپ ئىككى ھەپتىدىن ئوشۇقراق دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالاندى، دېگەنگە ھېچكىمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى. چۈنكى قولىدىكى ئىششىق شۇ پېتى، سۇ خۇددى پىشىۋاتقان كاۋاپتەك ئېقىپ تۇراتتى.
12- ئاغرىقخانا خادىملىرى ئۇنى تېرە كېسەللىرى ئاغرىقخانىسىغا ئەۋەتىپتۇ، ئۇلار دورا سۈركەپ، ئورۇنسىز باھانىسى بىلەن ئۆيگە قايتۇرۇپتۇ. ئېلىپ كىرگەن دورامنى ئېرىنمەي، يىرگەنمەي، ئۇنىڭ قولىنى يۈزلۈكىدىن تارتىپ تا قولتۇقىغىچە دېگۈدەك مايلىدىم، جاراھەت شەلۋەرەپ، چىپىلداپ ئېقىپ تۇراتتى. جاراھەتنىڭ چۆرىسى خۇددى مۇنچاق تزىپ قويغاندەك بۆرۈتمىلەر بىلەن قورشالغان. بۇنىڭدەك ئاغرىقنى ئىلگىرى كۆرمىگەنلىكتىن بىر تۇرۇپ ئۆز دورامغا ئىشەنگۈم كەلمەيتتى. ئىششىققا تەسىر قىلارمۇ، كۆيۈكنى ياندۇرالامدۇ، دەيمەن. ئوپېراتسىيە قىلماقچى بولغان جاراھەتنى مېنىڭدەك بىر ئاددىي تېۋىپنىڭ قايتۇرۇشى تەس ئىش.
- جاراھەت ئەمدى كەچ كىرگۈچە ئوچۇق تۇرسۇن، تاڭماڭ، – دېدىم مايلاپ ئولتۇرغاندا، – دورىنى ئاخشاملىققا يېتىش ئالدىدا يەنە مايلاپ، ماي سىڭدىغۇ، دېگەندە تېڭىپ كېتىڭ، ئورۇن – كۆرپىنى بۇلغىمىسۇن، ئەتىگەن كىرىپ كۆرىمەن.
ت. نىڭ قولىدىن تەپچىرەپ ئېقىۋاتقان سۇ خېلىلا ئازىيىپتۇ. جاراھەتنىڭ چەت – چۆرىسى قېتىشقاندەك كۆرۈندى. يەنە مايلىدىم. ئۈچىنچى كۈنى ئەتىگەن كىرسەم، قوشنام قولىنىڭ پەقەت ئىككى يېرىدىلا كۆز يېشىدەك مۆلدۈرلەپ سۇ چىقىپ تۇرۇپتۇ. قوشنامنىڭ چىرايىغا قان يۈگۈرگەن. كۆزۈمگە ت. نىڭ قولىدىكى ئىششىقنىڭ خېلىلا چېكىنگەنلىكى چېلىقتى.
- ئۇكا، كۆرۈۋاتىمەن ئاغرىق ئىلگىرىكىگە نىسبەتەن خېلىلا بېسىلدى. كۆيۈكمۇ قايتتى. بىراق، مېنىڭچە بولغاندا قولنىڭ زەخمىسى چوڭقۇرىدا، ئۇنى پەقەت مۇنۇ دورا بىلەن يېڭىش تەس. پەمىمچە قولىڭىزدا ئۇزاق يىل تۇتقان بولقىنىڭ، سوغۇق تۆمۈرنىڭ زەخمىسى ئېغىرراق. مۇشۇنىڭ بىلەنلا بولدى قىلساق، ئاز كۈن ئۆتمەي قولىڭىزنىڭ يەنە ئاغرىشى تۇرغان گەپ.
ت. مېنى نېمە دەركىن دېگەندەك قاشلىرىنى سۈزۈشتۈرۈپ شۈك ئولتۇرىدۇ. ئايالىنىڭ قۇلىقىمۇ دىڭ.
- ئۆزىڭىز بىلىسىز، ھەركىمنىڭ سالامەتلىكى پەقەت ئۆزى ئۈچۈن قىممەت، – دەپ ئاستا سۆزۈمنى داۋاملاشتۇردۇم، – مېنىڭ تەكلىپىم، ئەمدى ئاۋۇ بەشىنچى سىنىپتا ئوقۇۋاتقان ئوغلۇڭلارنىڭ سۈيدۈكىنى بوتۇلكىدەك بىر قاچىغا يىغىپ، سەل ئىللىتىپ چىت قاتارلىق لاتىدا تېڭىڭ، ھازىرچە كۈنىگە ئىككى قېتىم يېتىدۇ. كۈنىگە ئىككى قېتىم، ئەتىگەنلىكى ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ ۋە چۈشتىن كېيىن بىر قېتىم ئىچىڭىزدىن چۈشكەن ئىلمان سۇنى تولۇق ئىچىسىز. پەقەت شۇنداق ئىككى تەرەپلىمە دورا قىلغاندىلا بۇ ئاغرىقنى يېڭىشىمىز مۇمكىن. مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلاپ ت. نىڭ چىرايى بىر تۈرلۈك بولۇپ كەتتى.
- قانداق؟
- ئىچىش شەرتما ئاكا؟
- مەن پەقەت بولىدىغان ئىشنى ئېيتىۋاتىمەن. ئىختىيار ئۆزىڭىزدە. ساقىيىش نىيىتىڭىز بولسا، مېنىڭ تەلىپىمنى ئورۇندىشىڭىز شەرت.
- بولىدۇ! – دېدى سەل سۈكۈتتىن كېيىن، – كۈنىگە ئىككى قېتىمغۇ؟
- توپتوغرا!
ئەتىسى ئەتىگەن كىرسەم ئەر – ئايال ئىككىسىنىڭ چىرايى ئوچۇق، ئادەتتىكىدەك ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، ئىللىق قارشى ئېلىشتى. مېنى كۈتۈپ ئولتۇرۇشقانىكەن. ت. نىڭ قولىدىكى ئىششىق سېزىلەرلىك دەرىجىدە قايتىپتۇ. ياخشى ئۇخلىغان.
ھەر ھالدا ئىككى ھەپتىدىن ئوشۇقراق ئاغرىقخانىدا داۋالىنىپ ئىلگىرى باسمىغان ئىش، بىر كېچىدە كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجە بېرىپتۇ. ھەر ھالدا بىر ھەپتىدىن كېيىن ت. نىڭ ئىشقا چىقىشىغا بولاتتى.
- ئاخىرقى تەلەپ، – دېدىم تىراپىۋتقا بېرىش ئۈچۈن تەييارلىنىۋاتقان ت. غا. ئۇ يەنە نېمە، دېگەندەك لاپپىدە قىلىپ كۆزۈمگە قارىدى.
- بىر يىل ھاراق – شارابتىن نېرى بولىسىز، بولمىسا ئاغرىق يەنە چوقۇم قوزغىلىدۇ. يەنە بىر گەپ، ئوبدانراق بىلىدىغان بىر موللىغا بېرىپ ئوقۇتىۋېتىڭ.
- ئاكا، ھەممىسى ئۆزۈم ئۈچۈنغۇ، دېگىنىڭىزنى قىلىمەن، – دېدى ت جىددىي ئاھاڭدا.
ئاخشىمى ت. بىزنىڭ ئۆيگە ئىككى پاچكا تاماكا كۆتۈرۈپ كىرىپتۇ:
- ئاكا، تىراپېۋت داۋالىنىش ۋاقتىمنى يەنە بىر ھەپتە ئۇزارتىپ بەردى. سىز دېگەندەك موللىغا باردىم. كۆرسىتىۋېدىم. «بۇ يۇمۇر يارىسىغۇ، بىلىدىغان بىرى داۋالاپتۇ – دە، دېدى. سىزنى ئېيتتىم، راست بىلىدىغان ئادەم ئىكەن. مەن ئوقۇپ دەپ سېلىپ قوياي، تېگىدىكى زەخىملەر تېخىمۇ چاپسان ساقايسۇن» دەپ خۇددى سىز ئېيتقانلارنى تەكرارلىدى.
مەن يەنە بىر مۇسۇلمان بەندىسىگە ساۋابلىق ئىش قىلغىنىم ئۈچۈن خۇشال بولۇپ ت. بەرگەن «قازاقىستان» سىگارتىنى ئاچتىم.
مەنبە: «مىراس» ژۇرنىلى 2005- يىللىق 3- سان.



[Birzat بۇنى 2010-07-13 02:20 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: مومامنىڭ شىپالىق دورىلىرى(3)

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 1 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماtoxkan[2012-07-30 11:36 AM | del]
ئەسسىلام ئەلەيكۇم ،ئۇستىدە سۈدۈكنىڭ گېمروينى داۋالايدىغانلىقى بايان قىلنىپتۇ ... بۇ ھەقىقەتمۇ ياكى چاقچاقمۇ؟ ئادەتتە بىز سۈدۈكنى مەينەت نەرسە دەپ قارايمىز  مەينەت نەرسىنى جاراھەت ئورنىغا تەككۇزسە يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمەسمۇ؟ ئچكى گېمرويغىمۇ ئۆزىنىڭ سۇيدىكى مەنپەت قىلامدۇ؟ قانداق ئشلىتىمىز ؟ تەپسىلىراق چۇشەندۇرۇپ قويغان بولسىڭىز سىزدىن كۆپ مىنەتتەر بۇلاتتۇق ...
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.