سۈتنى كۆپەيتىشنىڭ قانداق چارە -تەدبىرلىرى بار؟ [قىز-چوكانلار]



ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! مېنىڭ بالام 6 ئايلىق بولدى ، سۈتۈم بەكلا ئاز ، بولمىسا تامىقىممۇ ياخشى ، ئاڭلىغان ئاماللارنىڭ ھەممىنى قىلىپ باقتىم ، جۇڭيىچە دورىلارنىمۇ ئىچىپ باقتىم ، ئۈنۈمى بولمىدى ، سۈتنى كۆپەيتىشنىڭ ئامالى بولسا دەپ بەرگەن بولسىڭىز ....رەھمەت!

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام سۈت ئازلىقنىڭ سەۋەبى خىلمۇ - خىل بولۇپ ئاساسلىقى قان ئازلىقتىن بولىدۇ. قان ئازلىقتىن بولغان سۈت كەملىككە قان كۆپەيتكۈچى ئوزۇقلار بىلەن غىزالىنىش كۇپايە قىلىنىدۇ. قان ئازلىقنى ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﯰﺳﯘﻟﻰ:
1. ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﯪﻧﺎﺭ ﺷﻪﺭﺑﯩﺘﯩﺪﯨﻦ 60 ﮔﯩﺮﺍﻡ، ﻗﯩﺰﯨﻞ ﮔﯘﻟﻘﻪﻧﺖ ﻳﺎﻛﻰ ﭘﯩﻨﻨﻪ ﮔﯘﻟﻘﻪﻧﺘﺘﯩﻦ 10 ﮔﯩﺮﺍﻣﺪﯨﻦ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ.
2.ﻫﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﯬﺗﯩﮕﯩﻨﻰ ﭼﺎﻻ ﭘﯘﺷﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺟﯩﮕﻪﺭ ﻳﻪﭖ ﺑﯧﺮﯨﺶ. 3
. ﻫﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﭼﯜﺷﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻟﺪﯨﻦ ﻳﯜﺭﻩﻙ (ﯪﺳﺎﺳﻪﻥ ﻗﻮﻱ ﻳﯜﺭﯛﻛﻰ) ﻳﯧﻴﯩﺶ، ﻛﻪﭼﺘﻪ ﺋﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﯘﺧﯘﻡ ﺋﯩﭽﯩﺶ.
4. ﺗﯘﺧﯘﻡ ﺳﯩﯧﺮﯨﻘﻰ، ﻛﯜﻧﺠﯜﺕ، ﺑﺎﺩﺍﻡ ﺗﺎﻟﻘﯩﻨﻰ، ﻳﺎﯕﺎﻕ ﻣﯧﻐﯩﺰﻯ ﺗﺎﻟﻘﯩﻨﯩﺪﯨﻦ 200 ﮔﯩﺮﺍﻣﺪﯨﻦ، ﯪﺩﻩﻣﮕﯩﻴﺎﻫ ﺗﺎﻟﻘﯩﻨﯩﺪﯨﻦ 100 ﮔﯩﺮﺍﻡ، ﺯﻩﭘﻪﺩﯨﻦ 5 ﮔﯩﺮﺍﻡ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﭖ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺩﻭﺭﯨﻨﻰ ﯰﭘﯩﺪﻩﻙ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺳﻮﻗﯘﭖ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻫﻪﺳﻪﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﺎﺵ ﭘﺎﻗﻼﻥ ﮔﯚﺷﻰ ﺷﻮﺭﭘﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﭽﯩﺶ.
5.ﻛﺎﻻ-ﻗﻮﻱ ﺳﯚﯕﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯘﻏﺪﺍﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﻗﺎﻳﻨﯩﺘﯩﭗ ( ﯪﺧﺸﯩﻤﻰ ﺭﺍﺳﺎ ﻗﺎﻳﻨﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﻮﭖ ﯬﺗﯩﮕﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻳﻨﯩﺘﯩﭗ ﺳﯜﺯﯛﭖ)، 200 ﮔﯩﺮﺍﻣﺪﯨﻦ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﯴﭺ ﯞﺍﺥ ﻗﯩﺰﺯﯨﻖ-ﻗﯩﺰﺯﯨﻖ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺑﯩﺮﯨﺶ.
6. ھالۋايى لۇبۇب، لۇبۇبى سەغىر، ﯪﻧﺎﺭ ﺷﻪﺭﺑﯩﺘﻰ (ﺷﻪﺭﺑﯩﺘﻰ ﺭﻭﻣﻤﺎﻥ)، ﺑﯧﻬﻰ ﺷﻪﺭﺑﯩﺘﻰ (ﺷﻪﺭﺑﯩﺘﻰ ﺳﻪﭘﻪﺭﺟﺎﻝ)ﯬﻧﺠﯩﺒﺎﻫﺎﺭ ﺷﻪﺭﺑﯩﺘﻰ، ﯪﻟﻤﺎ ﺷﻪﺭﺑﯩﺘﻰ (ﺷﻪﺭﺑﯩﺘﻰ ﺗﯘﻓﻔﺎﻫ) ﯬﺭﻩﻗﻰ ﺟﯘﯞﯞﯨﻨﻪ، ﻫﺎﻟﯟﺍﻳﻰ ﺑﻪﻳﺰﻩ، ﻣﻪﺟﯜﻧﻰ ﯪﺩﻩﻣﮕﯩﻴﺎﻫ، ﻣﺎﺩﺩﻩﺗﯘﻝ ﻫﺎﻳﺎﺕ، ﺩﺍﯞﺍﺋﯩﻠﻤﯩﺸﻜﻰ،ﯰﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮔﯜﻟﻘﻪﻧﯩﺖ ، ﭘﯩﻨﻨﻪ ﮔﯜﻟﻘﻪﻧﺘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺗﺎﻟﻼﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﻻﺯﯨﻢ. ئۇندىن باشقا ئومۇمىي بەدەن مىزاجىنىڭ بۇزۇلۇشلىرى ، خىلىتلارنىڭ ئۆز نۇرمالىدىن ئىشىپ كېتىشىمۇ سۈتنىڭ يىتەرلىك مىقداردا پەيدا بولىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ.
1.سۈتنىڭ رەڭگى ئاق، سۇدەك سۇيۇق ، چۈچۈمەل تەملىك بولۇپ قانداقتۇ غەيرى پۇراق بولسا بۇ بەلغەمدىن پەيدا بولغان سۈت ئازلىقىدۇر.
2.سۈت سۇيۇق، رەڭگى سېرىققا مايىل، سۈت يوللىرىدا ئىچىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە سەپرانىڭ غالىپلىقىدىن دېرەك بىرىدۇ.
3.سۈت قويۇق، مىقدارى ناھايتى ئاز، كۆك رەڭلىك بولۇپ ، ئەمچەكتىن تامغاندا خۇددىي قىيامدەك سوزۇلۇپ چۈشسە بۇ سەۋدانىڭ ئالامىتى بولىدۇ. خىلىتلارنى توغرا ئىنىقلاپ شۇ خىلىتلارنىڭ تازىلاش ئۇسسۇلى بويچە بەدەن سېرتىغا چىقىرۋەتكەندىن كىيىن شۇ خىلىتلارغا قارشى ئوزۇقلاندۇرۇش كىرەك. مەسىلەن: سەپرادىن بولغان سۈت ئازلىقتا : ئارپا سۈيى، ئەينۇلا مۇرابباسى، ئانار شەربىتى، لىمون شەربىتى، قوي گۆشى شورپىسى قاتارلىقلار ... بەلغەمدىن بولغان سۈت ئازلىقتا سەۋزە ئۇرۇقى، ئارپا بەدىيانلار چاي ئورنىدا دەملەپ ئىچىپ بىرلىدۇ. شورپىغا زىرە، پىننە ۋە ئارپا بەدىيان سېلىپ ئىچىلىدۇ. كېپەكلىك بۇغداي ئۇنى بىلەن ھەسەل، كۈنجۈت يېغى ۋە شۇمشە سىلىپ ھالۋا تەييارلاپ ئىستىمال قىلىپ بىرىش كېرەك. سەۋدادىن بولغان سۈت ئازلىقتا : بۇغداي ئۈندۈرمىسى، نوقۇت، ئارپا، ئەنجۈر ، بادام بىرىلىدۇ. ھەم سۈتلۈك قوينىڭ يىلىنى پۇشۇرۇپ بىرىلىدۇ. ئۇندىن باشقا سۈت كۆپەيتىشتە ياخشى ئۈنۈم بىرىدىغان بىر رېتسىپ بار: سەۋزە، پىياز، چامغۇر، لوبۇ ئۇرۇقى، سېرىق چېچەك، ئارپا بەدىيانلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئىلىپ يۇمشاق ئىزىپ ئۇلارنىڭ ئومۇمىي ئېغىرلىقى بىلەن باراۋەر نوقۇتنى قورۇپ سوقۇپ ئارىلاشتۇرۇپ ھەر كۈنى بۇنىڭ 15 گىرامىنى كالا سۈتىگە قوشۇپ ئىچىلىدۇ. بۇ ناھايتى تېزلا سۈتنى كۆپەيتىدۇ.
ئاخىرىدىكى بۇ رېتسىپ مەرھۇم تېبابەت ئۇستازى تۇردى مۇھەممەت ئاخۇننىڭ << ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك قوللانمىسى >> دېگەن تەۋەررۈك كىتابتىن ئىلىندى.
تەييارلىغۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن(بىرزات)



[Birzat بۇنى 2010-12-12 04:35 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: سۈت

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 4 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماanakiz[2012-07-08 11:39 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،مەن قانداق يازما يوللاشنى بىلمەي سۇئالىمنى ئنكاس شەكىلدە
يوللىدىم،ئاللا ئەجىر بەرسۇن رازىمەنلىك جاۋاپ بەرگەيسىلەر:مېنىڭ ھامىلداربولغىنىمغا30ھەپتە بولدى ،تەكشۇرۇتسەم ھامىلە2ھەپتىلىك كىچك،ھامىلە ئورنى تەتۇركەن،ھامىلە ئوقى بالا بوينىغا يۇگۇشۇپ قاپتۇ دەيدۇ،مېنىڭ ئۈزۇم تۇققۇم بارئدى ،بۇنىڭغا ئامال بارمۇ،توي قىلماستىن بۇرۇن ئادىتىم نورمال ئەمەستىن شۇ
سەۋەپتىن ھامىلە كىچك دەيدۇ..بۇ نىڭ بالىنىڭ كېيېنكى ئوسۇپ يىتىلشگە تەسىرى بولامدۇ
回复قايتۇرما13070040003[2011-08-18 10:49 PM | del]
راس شۇنداق ئۇنۇمى تىز بۇلامدۇ؟ مەن سىناپ باقاي.
回复قايتۇرماkaqurmux[2010-12-12 00:29 AM | del]
您好!我写不出来维文,所以给您写了汉字,理解万岁!!。,我最近失眠,掉头发,恶心,头晕,不知道什么原因,有没有秘方,用食物治的办法
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.