بىر تورداشنىڭ ئورۇقلاش خاتىرسى [تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق]



دوستۇم،
سىىزمۇ يىقىندىن بىرى ئۆزىڭىزنى سەمرىپ كەتتىم دەپ ئويلاۋاتامسىز؟
ياز كىلەر كەلمەي ، ئىسسىققا چىدىيالماي قالدىڭىزمۇ؟
بۇرۇنقى چىرايلىق مايكىڭىز كىچىك كىلىپ قالدىمۇ؟
ئامراق ئىشتىڭىزنىڭ بېلى كەلمەيۋاتامدۇ؟
پەلەمپەيگە چىقسىڭىز ھاسىراپ كىتەمسىز؟.... ھەتتا يول مىڭىشمۇ تەس كىلىۋاتامدۇ؟....
ئەمىسە ، ئورۇقلاڭ!....
ئورۇقلاش تەس!... ھەقىقەتەن تەس!...
لىكىن، چوقۇم ئورۇقلىغىلى بولىدۇ!
مانا مەن بىر نەچچە ئايدىلا 15 كىلوگىرام ئورۇقلىدىم!....
مىنىڭ ھىكايەم!..
ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا پۇتۇم سۇنۇپ ئالدى-كەينى بولۇپ ،4-5 ئاي داۋالاندىم. شۇ جەرياندا ئەسلىدىكى 66 كىلوگىرام كىلىدىغان ئېغىرلىقىم بىراقلا 81 كىلوگىرامغا يەتتى.
داۋاملىق سەمرىۋەردىم. سېمىزلىكنىڭ دەردىنى بىر يىل يەتكۈچە تارتىپ، بۇلتۇر 5-ئايغا كەلگەندە 84كىلوگىراملىق بەدىنىم ئۆزۈمگە ئېغىر كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئورۇقلايمەن دەپ ، قەتئىي نىيەتكە كەلدىم.
ئورۇقلىتىش دورىلىرىنى ئىشلەتمىدىم، تاماقتىن ئۆزۈمنى بەك چەكلىمىدىم.لىكىن ،قىلمىغان ئىشىم قالمىدى.

توردىن نۇرغۇن ماتىرىيال كۆردۈم، كىتابخانىغا كىرسەملا شۇ توغرىلىق كىتاپلارنى ئوقىدىم...
ئىشىنەمسىز؟! شۇ يىلى 10-ئايغا كەلگەندە، ئەسلىدىكى 84 كىلوگىرامدىن بىراقلا 69كىلوگىرامغا چۈشتۈم!
بەلكىم قانداق ئۇسۇل قوللاندىڭ دىيىشڭىز مۇمكىن.
ئاڭلاڭ ھە!
ئەتىگەن ،چۈشلۈك تاماقنى مۇۋاپىق يەڭ، يۇقىرى ئىنىرگىيەلىك يىمەكلىكلەردىن ئۆزىڭىزنى تارتىڭ. نەپسىڭىزنى يىغىڭ. كەچلىك تاماقنى ئازايتىپ، كونتىرول قىلىڭ. مەن ئورۇقلىغان مەزگىلدە ، ئۆزۈم ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان لەغمەندىن ئۆزۈمنى تارتقان. بىر ياز مىنىرال سۇدىن باشقا سوغۇق ئىچىملىكلەرگە يىقىن كەلمىگەن. كولا كۆزۈمگە ئوت كۆرىنەتتى لىكىن! كەچلىك تاماقتىن بىراقلا قول ئۈزۈش تەس، لىكىن ئاستا ئاستا ئازلاتسىڭىز كۆنۈپ كىتىسىز.... ھەممىسى كۆنۈشتىن! تاماقنى 70-80% تويغىچىلا يەڭ... ئۆزىڭىزنى بەك راھەت ھىس قىلىسىز.
مۇۋاپىق چىنىقىڭ. ئەينى چاغدا مىنىڭ پۇتۇم تولۇق ئەسلىگە كەلمىگەن. يۈگرەلمەيمەن. لىكىن كۈندە ئاز دىگەندە ئۇدا بىر سائەت پىيادە ماڭدىم. ئۈنۈمى بەك ياخشى...! سىناپ بىقىڭ! ئامال بار پىيادە مېڭىڭ...

ماتىرىيال كۆرۈڭ. توردا نۇرغۇن ئورۇقلاش توغرىلىق نۇرغۇن نەرسىلەر بار. بىر كىتاپ تەۋسىيە قىلاي!
ئابدۇلئەھەت ئابدۇلرەشىت بەرقى نىڭ تەرجىمىسىغۈ دەيمەن ، « ئورۇقلاش جېڭى » دىگەن كىتاپ! ماڭا بەك جىق پايدىسى بولغان! (مۇشۇ ئاكامغا رەھمەت ئىيتىمەن!)

ئورۇقلاشتا ئەڭ مۇھىمى ئىرادە، ئىشەنچ!
چوقۇم ئورۇقلىيالايمەن دەپلا ئويلاڭ.

بىلىڭىزنى چىڭلا باغلىسىىڭىز ، بىر ئايدىلا ئۈنۈمىنى كۆرىسىز... مۇۋەپپىقىيەت تۇيغۇسى مىنى تىخىمۇ ئورۇقلاشقا ئىلھاملاندۇرغان ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولغان. چۈنكى، 80 كىلوگىراملىق ئۆتكەلنى بۇزغان ۋاقتىمدا، تاس قالغان خوشلۇقۇمدىن يىغلىۋەتكىلى!...

ئورۇقلاش تەس!... ھەقىقەتەن تەس!...
لىكىن، چوقۇم ئورۇقلىغىلى بولىدۇ!
مانا مەن بىر نەچچە ئايدىلا 15 كىلوگىرام ئورۇقلىدىم!....
دىمەك، مەن ئورۇقلىدىم، سىزمۇ ئورۇقلىيالايسىز!....
بۈگۈنلا باشلاڭ!... ئاز ۋاقىتتىن كىيىن، يول يۈرسىڭىز ،پەلەمپەيگە چىقسىڭىز ھارسىرىمايدىغان، كىچىك كىلىپ قالغان ئامراق كىيىملىرىڭىزنى كىيەلەيدىغان ، قىز (ئوغۇل) دوستىڭىزغا تىخىمۇ سۆيۈملۈك كۆرىنىدىغان ، ھەممە ئادەم كۆرسە، ئورۇقلاپسىزغۇ؟... دەپ ھەيران قالىدىغان بولىسىز......
سىزگە ئامەت تىلەيمەن!....




[Birzat بۇنى 2010-06-09 06:05 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ئورۇقلاش، سەمىرىش، سېمىزلىك

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 8 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماkutux[2011-08-13 11:18 PM | del]
مەندە  شۆلگەي  كۆپ چىقىدۇ ، ئەتىگەندە  ئورنۇمدىن  تۇرۇپ  ئاغزىمنىڭ  ئاچچىق  بولغانلىقىنى  ھىس قىلىمەن ، بىر كۇن  بەك بىئارام بولىمەن ، شۇ سەۋەبتنمۇ  ئاغزىم  پۇرىغاندەك  بولىدۇ ، ياكى  بۇ  روزا  تۇتۇپ  بىر كۈن تاماق  يىمىگەندىنمۇ  بىلمىدىم ، مەسلىھەت  بەرگەن  بولسىڭىز .
回复قايتۇرماkutad[2011-05-09 01:37 PM | del]
مةن بذ يئل28ياشقا كئردئم،بئراق بةك ظورذق،قانداق قئلغاندا سةمئرگئلئ بولئدذ؟
回复قايتۇرماZILWA[2010-08-08 07:17 PM | del]
مەن ئۈزەم بەك ئۇرۇق سىمىز كىشىلەرنى كۆرسەم ھەۋس قىلىپ قالىمەن . مىنڭچە قورقۇشنىڭ ھاجىتى يوق.     مەن سەمىرىشنى بەكلا ئارزۇ قىلڭمەن.
回复قايتۇرمائارزىگۇل[2010-07-22 04:14 PM | del]
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم مەن بۇ يىل 21ياشقا كىردىم  تېخى توي قىلمىدىىم مەندە ھەيىز 3-2ئايدا بىر قېتىم كىلىدىغان ، ئاق خۇن كۆپ كىلىدىغان ، بېلىم  ئاغرىيدىغان   ئەھۋاللار بار .مەن  بۇنىڭ نېمە سەۋەپتىن بۇلىدقغانلىقىنى قانداق  داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ  بارلىقىنى بىلىپ بېقىش مەخسىتىدا  بۇ ئۇچۇرنى يازغان ئىدىم  .ۋاقىتلىرى چىقسا ماڭا بۇ  توغرۇلۇق تەپسىلىي مەسلىھەت بەرگەن بولسىلا؟     اللا رەھمەت قىلسۇن .
回复قايتۇرماkukyal[2010-06-25 01:17 PM | del]
قاچان كۆرگىنىم ئېسىمدە يوق ، خورەكنى داۋالاشتا بۆسۈش ھاسىل قىلدۇق دەپ بېرىلگەن ئېلاننى كۆرگەنىدىم . ئېسىمدە قېلىشىچە ئۇ دورا ئۇيغۇر تېبابەت دورىسى بولۇپ ئۇزۇن يىل سىناق قىلىش ئارقىلىق ئاندىن بازارغا سېلىنغانىكەن .
回复قايتۇرماalnoor024[2010-06-24 10:24 PM | del]
مەن ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقىلى 3 يىل بۇلاي دىدى. بۇرۇن گۇئاڭخۇدا 5 يىل تۇغانتىم.تۇنجى يىلى گۇئاڭجۇدا بىر ئۇيغۇر رېستۇرانىدا مۇدىر بۇلۇپ ئىشلەش جەريانىدا ھەرىكەت دائىرەم چەكلىك ۋە غەللىدىن ئايرىلالماي يۈرۈپ سەمىرىپ كەتكەنتىم.85 كىلو 182 سانتىمېتېر بويلا كەلگەن گۇاڭجۇدىن ئاخىرى 115 كىلو ۋى ئوخشاش بوي بىلەن ئايرىلدىم....
  مەن ھازىرمۇ بىر يىمەكلىك ئىشلەپ چىقىدىغان خەلقارا شىركەتتە ئىشلەۋاتىمەن.ئەمما 8 سائەت كومپىيوتېرنىڭ ئالدىدىن ئايرىلامماي ئوتتۇرۇپ ئىشلەيدىغان گەپ،بۇ سەۋەپلەردىن ئېغىرلىق ئېشىپ خورەەكمۇ كۈچلىنىپ كەتتى.ئەما مەن بەك غەممۇ قىپ كەتمىگىنىم بىلەن بۇ تۈرۈكلەر قۇساق سەپ كەتتىڭ دەپ خاپۇلاپ كېتىدۇ.ئەڭ مۇھىمى دورا ئارقىلىق خوررەكنى داۋالىساق،بەدەننى ئاستا-ئاستا ئۇرۇقلىتامىز دەپ ئويلايمەن.
  سىزلەرچە ئۇيغۇر دىيارىمىزدا بازارغا سېلىنغان خوررەكنى داۋالايدىغان دورىلار نىڭ ئۈنۈمى بارمىدۇ؟
تۈركىيەدە يىڭنە سانچىپ پۇل تېپىۋاتقان ئۇيغۇرلار كۆپ،بۇ ئۇسۇل بىلەن داۋالىنپ ئۇرۇقلاش ۋە خوررەكنى داۋالاش ئېھتىمالى بارمىدۇر؟
回复قايتۇرماIPARHAN[2010-06-09 11:27 PM | del]
مېنىڭمۇ    بەكلا    ئۇرۇقلۇغۇم   بارئىدى   سېمىزلىكتىن    قاندا   ماي   ماددىسى   ئارتىپ   كېتىپتۇ    مەنمۇ   ئۇرۇقلاشقا    بەل  باغلاي    تېمىڭىزغا   رەھمەت      
回复قايتۇرماghamsiz[2010-06-08 07:11 PM | del]
ئەتىگەندىغۇ چالا بۇلا ناشتا قىلىمەن، چۈشتىچۇ، چۈشتە لەغمەندىن باشقا قانداق تاماق بار، پولۇ يىسەك بۇلامدۇ، پولو يىسەم گۆش پولودىن باشقا پولۇنى يىمەيمەن، چۈشتە يەنىلا لەغمەن يىمەكتىن باشقا ئامال يوق. كەشتە سائەت 9 بولغۇچە كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرىمەن، كومپيۇتېرنى تاقاپلا كەچلىك تاماق يەپ ئوخلايمەن،
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.