ئوغلۇم مىتال پارچىسى يۇتۇۋاپتۇ



مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات)
  
يېقىندىن بۇيانقى بەزى ئىشلار مېنى سەل جىددىيلەشتۈرۈپ قويدى. ئالدىدا 4 ئايلىق بولغان ئوغلۇم ئۆمەر بىر پارچە مىتال پارچىسىنى يۈتۈۋېلىپ پۈتۈن ئائىلىمىزنى ساراسىمىگە سىلىۋەتتى. قەشقەر 1- (كېرەمباغ ) دوختۇرخانىىغا  ئىلىپ بارسام رېنتېگىن بۆلىمىگە يوللاپ بەردى. ئۇلار تەكشۈرۈپ بالىنىڭ قورسىقىدا  ساقال تېغى بار ئىكەن دەپ بىر ئىشخانىدىكى ھەممىسى دېگۈدەك ئۆرە -تۆپە بولۇشۇپ كەتتى. رەسىمنى قولۇمغا تۇتقۇزغان تەكشۈرگۈچى خادىم- 4 ئايلىق بولغان بۇ بالا ساقال تېغىنى قانداق يۇتىۋىتەلىدى؟ بالا دېگەننى مۇشۇنداق باقامدۇ؟ دەپ سۆزلەپلا كەتتى. راس دېگەندەك سايلەندۈرۈلگەن رەسىمدىكى مىتالنىڭ شەكلى بەئەينى بىر تال ساقال تېغىغىلا ئوخشايتتى. ئۆزۈمنىڭمۇ ئىچىم پۇشۇپ، ئەنسىرەپ ئولتۇرغاندا بۇ گەپ سەل ئېغىر كەلدى. ئۇ خادىمغا چۈشەندۈرۈشكە مەجبۇر بولدۇم. ئاكامنىڭ 6 ياشلىق قىزى ئۇ مىتال پارچىسىنى ئېغزىدا شۈمۈپ ئويناپ يۈرۈپتىكەن، ئۇكىسىنىڭ ۋېلىقلاپ كۈلگىننى كۆرۈپ مەستلىكى كىلىپ قالغان چېغى ئۇنىڭ يېنىغا كىلىپ سۆيۈپتۇ. شۇ ئەسنادا ئۇ قىز بالىنىڭ ئېغىزىدىكى مىتال پارچىسى ئوغلۇمنىڭ ئېغزىغا كىرىپ كېتىپتۇ، ئۇ نەرسە ئېغىر بولغاچقا تېزلا يۇتۇپ سالغان بولسا كېرەك، بۇ قىز ئۇنى ئىلىۋېلىشقا ئۈلگۈرەلمەپتۇ. ئۇ ئاداش گېپىمگە ئىشەنمىگەندەك رەسىمنى دوق قىلىپ قولۇمغا تۇتقۇزدى. ئانام ، ئايالىمدىن بۇ نەرسىنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى يەنە قايتا سورىدىم، ئۇلار جىيەن قىزىمنىڭ ئۇ مىتال پارچىسىنى ئويناپ يۈرگىنىدە كۆرگەنلىكىنى، بالا يۈتۈۋالغان نەرسىنىڭ ئىنىقلا شۇ مىتال پارچىسى ئىكەنلىكىنى يىغلاپ تۇرۇپ ئېيتىشتى. بالىنى تۆمۈر-تەسەك يېگۈزۈپ بەلەن باقىدىكەنسىلە -، ئاچچىقىمدا شۇنداق دېگەچ رەسىمنى ئىلىپ دوختۇرغا ئىلىپ چىقتىم. بالىلار بۆلىمىدىكى خەنزۇ دوختۇر-سىستىرالار رەسىمنى كۆرۈپ چۇقۇرشۇپ كېتىشتى. بىر مۇنچە سۇئاللارنى ياغدۇرۋەتتى. ئوغلۇمغا ئىچ ئاغرىتقان نەزەردە قارىسا ماڭا گۇناھكارنى ئەيىپلىگەن نەزەردە قاراپ كېتىشتى. ئۇنىڭغىچە مەسئۇل ئايال دوختۇر كۆرۈپ بالىنى جىددىي بۆلۈمگە ئىلىپ چىقىڭلار ، بەلكىم ئوپراتسىيە قىلىشى مومكىن ياكى باشقا چارە قىلىپ قالار، بۇ چاققا بۇ << دوۋپېر >> بالىنىڭ ئىچىنى زەخمىلەندۈرۈپ بولغان بولىشىمۇ مومكىن، دېۋىدى. بېشىمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتكەندەك بولاپ كەتتىم. تۆت ئايلىق بولغان بالىنى ئوپراتسىيە قىلىمىز دەيدا ما خەق دەپ ئارقامغا بۇرۇلۇپ ماڭاي دەۋاتسام ئانام بىلەن ئايالىممۇ ئارقامدىن ئەگىشىپ كېرىپتىكەن، ئوپراتسىيە، ئىچكى ئەزا زەخمىلىنىشى مومكىن... دېگەن گەپلەرنى ئاڭلاپلا ئانام يېقىلىپ قالدى، ئوغلۇمنىڭ ئانىسىمۇ ئولتۇرۇپلا قالدى. ھەي بىچارە ئانام، باللىرىڭغىمۇ تويمايتتىڭ، ئەمدى نەۋرەڭگىمۇ تويماي شۇنچە ئازابلىنىپ كېتىۋاتىسەن!!! سەل بەردەمرەك بولۇڭلار ھە دەپ قويۇپ ئوغلۇمنى كۆتۈرۈپلا جىددىي بۆلۈمگە ئىلىپ ماڭدىم. ئۇلارنىڭ ئوغلۇمنى ئوپراتسىيە قىلىشىغا ئىشەنمەيتتىم. شۇنداقتىمۇ ئۇلارنىڭمۇ گېپىنى ئاڭلىۋېتىپ ئامالنى ئۆزۈم قىلاي دەپ كاللامدا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىلىرىنى ئويلىغاچ ماڭدىم. ئوغلۇمغا قارىسام ھېچ ئىشتىن خەۋەرسىز يەنە ۋېلىقلاپ كۈلىۋېتىپتۇ. سەن نېمە ئويدا ، بىز نېمە كويدا دەپ ئەركىلىتىپ مەڭزىگە سۆيدۈم. رېنتىگىن بۆلىمىدە ئۆچرەت ساقلاپ تۇرغاندا ئانىسىنىڭ قۇچىقىدا تۇرۇپ ماڭا قاراپ ئاشۇنداق ۋېلىقلاپ كۈلۈپتى ئىچىم كۆيۈپ ئالدىغا بارسام ھېچقاچان قىلمىغان بىر ئىشنى-ئېڭىكىمنى سىلاپ كەتتى. بۇنى كۆرۈپ ئانام نېمە ئىشلارنى ئويلىدىكىن ئۆزىنى تۇتالماي يىغلاپ كەتتى.

بالىنى  جىددىي بۆلۈمگە ئىلىپ ماڭغاچ قورساق بوشلۇقى بۆلۈمىدىكى ئاغىينەم ئېسىمگە كىلىپ ئۇنىڭغا تېلفۇن قىلىپ ئەھۋالنى ئېيتسام 6 خەۋەتكە ئىلىپ چىققىن ، رەسمىنى مەن بىر كۆرۈپ باقاي دېدى. ئۇمۇ رەسىمنى كۆرۈپ بېشىنى لېڭىشتىپ بۇ ئەھۋالدا ئوپراتسىيە قىلمايمىز، بالاڭ ھەم بەك كىچىك. مۇشۇ ساقال تېغى بولمىسىلا بولغىنى دەپ يەنە بىر نەچچە خىزمەتداشلىرى بىلەن پىكىرلەشتى. ئۇلارمۇ بىردەك بالىنى ئۆيگە ئىلىپ كېتىپ چوڭ تەرىتىنى كۆزىتىڭلار، سەي كۆكتاتنى كۆپرەك يېگۈزۈڭلار ، جىددىي بۆلۈمگە ئىلىپ چىقىپ ياتاقتا ياتقۇزغاننىڭ پايدىسى يوق دەپ يولغا سالدى.قانداق قىلىش كېرەك؟!!!   ئۆزۈممۇ ئەنسىرەپ بېشىم قاپاقلا بولۇپ كەتتى. ئاشقازىنىمدا بىر خىل يېقىمسىزلىك پەيدا بولۇپ قالدى. توۋا دەيمەن، ئەزەلدىن بىرەر ئىش كاللامغا قاتتىق تەسىر قىلسا بېشىم ئاغرىماي ئاشقازىنىم ئاغرىپ كېتىدۇ. بىر چاغدا بىر ماتېريال كۆرسەم گىرمانيەلىك تەتقىقاتچىلار ئادەمنىڭ ئاشقازىنىدىمۇ باشقۇرغۇچى نېرۋا تالالىرىنىڭ بارلىقىنى بۇنىڭ ھەتتا مېڭىدىكى نېرۋا تالالىرىدىن كۆپ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغانمىش. لىكىن بۇ ماڭا يېڭىلىق گەپ ئەمەستەكلا تۇيۇلغان ئىدى. چۈنكى بىرەرسى غەزىپىمىزنى كەلتۈرسە - ما گۇي ھەجەپ قورسىقىمنى ئەستى، قورسىقىمنى ئاغرىتتى دەيمىز.

بالىنى ئۆيگە ئىلىپ بىرىپ بانان يېگۈزدۇق، ئارقىدىن كۈدىنى يۇيۇپ تازىلاپ قايناق سۇغا بېسىپ سەل يۇمشىتىپ توغرىمايلا يۈگەپ يۇتالىغۇدەك ھالەتتە كۇمۇلاچ قىلىپ يېگۈزدۇق. توۋا دەيمەن ئەجەبلىنىپ ، باشقا كۈنلىرى يۇمشان چايناپ بەرگەن بادام مېزى، نان دېگەنلەرنىمۇ يېغلاپ تۇرۇپ يۇتقىلى ئۇنىمايدىغان ئادەم بۈگۈن تۆمۈردىن تارتىپ كۈدىگىچە يىغلىمايلا يۇتماقتا ئىدى. تۇرۇپ - تۇرۇپ كۈلۈپ قويىدۇ. بىر نېمىلەرنى دېگۈسى بار گۇڭراپ قويىدۇ. خۇداغا دۇئا قىلدىم: - يا رەببىم ، ئوغلۇمنى ئۆزلىرى بەرلە ، ئكزلىرى سالامەت قىلمىسا بەندىنىڭ قولىدىن جان قۇتقۇزۇش كەلمەيدۇ. ئېغىزىدىن يۇتقۇزغان شۇ مىتالنى ئۈچەيدىنمۇ  سالامەت ھالدا چىقارسىلا!

كەچتە ياتىدىغان ۋاقىتتا يەنە يىگۈزدۇق. چوڭ ئائىلىدىكى ئۇششاق-چوڭنىڭ ئېسيادى ئوغلۇمدا، ھەممىنىڭ باشلىرى چۈشۈپ غەمگە پاتقان، ئانامنىڭ كۆزلىرىدىن ياش تۆكۈلۈپ خۇدادىن سالامەتلىك تېلەپ ئوغلۇمنى باغرىغا بېسىپ غەمكىن ئولتۇردۇ. دادام يىغلىمىنى بىلەن ئىچىدە بەكلا ئازابلىنىۋاتقانلىقى، ئەنسىرەۋاتقانلىقى كۆزلىرىدىن چىقىپلا تۇرىدۇ. بالىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش يوق. بۇ بىزنى بىر ئاز خاتىرجەم قىلغاندەك قىلسىمۇ << قانداق بولار >> دېگەن تەشۋىشتىن زادىلا قۇتۇلالمىدۇق. كەچتە بىر نەچچە قېتىم ئورنىدىن تۇرۇپ مېنىڭ كۆرسەتمەم بويچە كۈدىنى يەنە ھىلىقىدەك كۇمۇلاچ قىلىپ يېگۈزدى. بۇ كۈنكى تاڭ ناھايتى تەستە كەلدى. كۆزۈمنى يۇمساملا ئوغلۇمنىڭ ۋېلىقلاپ كۈلۈشلىرى كۆز ئالدىمغا كىلىۋېلىپ ئۇيقۇمنى قاچۇردى. تاڭغا يېقىن ئاخىرى چوڭ تەرەت قىلدى. ئايالىم تەرەتنى مالتىلاۋاتاتتى. ۋاي مانا ، ئاللاھقا شۈكۈرى ، ئۇ بىر نېمە تەرەت بىلەن چىقتى .  دەپ خۇشاللىقىدىن بىر مۇنچە يىغلىۋەتتى. ئانا ئەمەسمۇ،،،ئۇ تېخى بىر-نەچچە يىل ئاۋۋال غەمسىز << بالا >> ئىدى. مانا ئۇنىڭمۇ بالىسىدىن ئەنسىرەيدىغان ، كېچىسى ئۇخلىماي بارلىق مىھرىنى بالىسىغا بىرىدىغان ئۇلۇغ ئانا بوپتۇ. شۈكۈرى ئاللا، شۇنچە بىر خۇرسەنچىلىككە تولۇپ كەتتىمكى ھاياتىمدا بۇنداق بىر خۇشاللىق بەلكىم بولغاندۇ، لىكىن بەك ئېسىمدە قالغۇدەك ئەمەس. پەرزەنتنىڭ ساقلىقى، ئامان-ئېسەنلىكى ئاتا-ئانا بولغۇچى ئۈچۈن ئاجايىپ زور خۇشاللىق ئىكەن. بالا باقمىغۇچە ئاتا-ئانا قەدرىگە يەتكىلى بولماس دېگەندەك جاپاكەش ئاتا-ئانامغا ساقلىق تىلىدىم. ئاخشامدىن يېگۈزگەن كۈدە ئۇ مىتالغا يۆگىشىپ بىخەتەر ئىلىپ چۈشكەن ئىدى. مىتالنى تازىلاپ كۆرۈپ باقتىم ، ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 3 سانتىمىتېر، كەڭلىكى 1.5 سانتىمىتېر ئىكەن. ياپىلاق يۈزى تەخمىنەن 2-3 مىللىمىتېر كەلسە كېرەك. بېسلىق، ئۇچلۇق يېرى يوق ئىدى.

پۈتۈن ئائىلە بويچە ھەممىنىڭ چىھرىدە خۇشاللىق. ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى مانا مۇشۇنداق چاغدا تولۇق ھېس قىلىپ يېتىدىكەنمىز. ئاخشامدىن دېيشەلمىگەن گەپلەرنى ئەمدى دېيىشكىلى تۇردى: پالانچى قوشنىمىزنىڭ 6 ياشقا كىرگەن ئوغلى بىر تال چوكىنى ئويناۋېتىپ يېقىلىپ چۈشۈپتىكەن. چوكا بۇرنىدىن ئۆتۈپ مېڭىسىگە كىرىپ كېتىپ ئۆلۈپ كېتىپتىكەن. ... بىرسىنىڭ بالىسى پىستان مىق يەپ ئۈچىيىنى تېشىۋېتىپتىكەن.... بىرسىنىڭ بالىسى مەر-مەر يۇتۇۋېتىپ ھەپتىدىن كىيىن تەرىتىدىن چىقىپتىكەن.... بالا بىقىشتا بەك دېققەت قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكى، قايچا، پىچاق دېگەندەك بىسلىق نەرسىلەرنى بالىنىڭ يېنىغا يېقىن يولاتماسلىق، ئوت، سۇدىن ئىھتىيات قىلىش دېگەندەك چوڭلارنىڭ نەسىھەتلىك پاراڭلىرى بولۇندى. ئاللاھقا شۈكۈرىكى ھەممە شاتلىققا ، خۇشاللىققا چۈمۈلدى.  ئايالىمغا ھىلىقى مىتال پارچىسىنى ساقلاپ قويۇشنى تاپىلاپ ئىشىمغا ماڭدىم.
باشقىلارمۇ بىلىپ قويسۇن دەپ كۈدىنىڭ خاسىيتىنى بايان قىلىۋەتتىم. ئىلگىرىمۇ ئامراق ئىدىم بۇ كۆكتاتقا. بۇ قېتىم تېخىمۇ ئامراق بولۇپ قالدىم.

كىلەر قېتىم سەتراچخانىدا ساقال ئالدۇرۇپ يۈزۈمنىڭ ئىششىپ، جاراھەت چىقىپ كەتكەنلىكى ھەققىدە سۆزلەپ بىرىمەن. ئىنشائاللا!!




[Birzat بۇنى 2010-05-28 03:06 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: كۈدە، مىتال

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 20 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماARKIZADA[2013-06-03 09:12 PM | del]
ئۇلۇق ئاللاھ ھەممىگە قادىر ! ئادەم ئۆمرىدە بىر تىنىق ئارتۇق-كەم ياشىيالمايدۇ ھەممىسى تۇگۇلۇشتىن بۇرۇن پۈتۈلۈپ بۇلۇنگان ئىشلا  مەيلى قانداقلا ئىش يۈز بەرسۇن ئاللاھقھ شۈكرى ئېيتايلى
回复قايتۇرماjassur413[2011-10-29 09:42 AM | del]
ئاللاھ ساقلىسا مۇشۇنداق ساقلايدۇ. ئاللاھقا مڭ شۈكۈرى .
回复قايتۇرماbilimhumar[2011-03-08 00:30 AM | del]
ئاللاھ ھەممىگە قادىر!
回复قايتۇرماansaridin[2010-12-03 03:44 AM | del]
ئۇلۇغ ئاللا ھەممە بەندىسىنى ئوز پاناھىدا ساقلىغاي.
回复قايتۇرماyaxnar[2010-07-31 01:12 AM | del]
تەپسىلىرەك مەسلىھەت بەرگەيلا!ياردەم قلىپ  ، مەسلىھەت بەرگەيلا،        پۇتۇن بەدىنىم سوغوق تۇرىدۇ؟  .دائىم  دىگۇدەك سوغوق تەرلەيدۇ .كىچە كۇندۇز!      ئاساسلىقى خىزمەت ئھتياجدىن  ئولتۇرۇىمەن ....   قۇمغا كۆمۈلگەنىڭ پايدىسى بارمۇ؟  تۈگە مىي پايدىلىقمۇ؟ ئاساسلىق نىمىلەردىن پەرىز تۇتمەن؟  بەزىدە سىيگۇم كەلگىنى بىلەن بىر ئاز ۋاقىتتىن كىيىن ئاندىن سىيەلەيمەن... بۇ نىمە ئەھۋال؟  ئەمما، مەزى بەز نۇرمال  دەيدۇ،           تىخچە داۋالانىپ باقمدىم ، دورا يەپمۇ  باقمىدىم...
    مەن  ئانانىزىم بىلەن شۇغۇللىنىش نەتىجسىدە زەكىرىم بۇرۇنقدىن كىچكلەپ كەتتى، بۇنى چوڭايتقلى بۇرۇنقى ھالتىگە كەلتۈرگىلى بولارمۇ؟  20ياش، بەزىدە زەكىرىم چىڭ  قاتمايدۇ؟ دورىنى سىلدىن ئالاتتىم  ......     كوپرەك مەسلىھەت  بەرگەيلا!  رەھمەت!
回复قايتۇرماizhar[2010-06-10 05:37 PM | del]
bu asirgizni  salkin munbirdin /okuhantim
回复قايتۇرماTIWIPJAN[2010-06-07 12:17 AM | del]
ئاللاھقا چەكسىز تەشەككۈر ، ھەرقانداق مەدىھە ئاللاھقا بولسۇن ،
ئاللا خالىسا  چوغنى پاختىدا ساخلىغىلى بولىدۇ .
回复قايتۇرماظستةك[2009-07-05 11:49 AM | del]
ظةي ياخشص ظاتا ظانا بولذپ، بالصلارنص قاتارغا قوتماق هةقصقةتةن تةس جذمذ!ئائىلە بالا چاقىلىرصثىزغا سالامەتلصك يار بولسۇن!!!
回复قايتۇرماgulbar[2009-07-04 03:47 PM | del]
خۇداغا شۈكرى ،ئاخىرى قانداق بۇلاركىن دەپ بەك ئەنسىرىگەنتىم،خەيرلىك بۇپتۇ،بالىلارنى ئىھتىيات بىلەن باقساق بولغۇدەك
回复قايتۇرماzuhra[2009-07-03 08:38 PM | del]
بۇنى ئۇقۇپ بولغىچە گىلىمگە يىغا كەپلىشىپ، كۈزۈمدىن ياش ئاقتى.
كۈدىنىڭ خاسىيىتىنى بىلىۋالدىم.رەخمەت!
回复قايتۇرمامذسلعمة0999[2009-07-02 04:34 PM | del]
ئاللاھ ھەمىمىزنى ئامان قىلسۇن
回复قايتۇرماarman[2009-07-01 03:06 PM | del]
يازغان يازمىىنى ئوقۇپ بولغىچە بەكمۇ قىددىلىشىپ كەتتىم ،ئوھ  ئاخىر خاتىرجەم بولدوم.
回复قايتۇرمامەدىنە[2009-07-01 02:44 PM | del]
ھەمىمىزگە خاتىرجەملىك يار بولغاي.
回复قايتۇرمائۈمىد[2009-07-01 01:56 PM | del]
ئاللاھنىڭ قۇدرىتى چەكسىز ! تىمىنى كۈرەۋېتىپ بەدىنىم تىكەنلىشىپ قاچان تۈگەركىن دەپ كەتتىم . ئۇف ئاخىرى تۈگىدى ، مۆجىزە بوپتۇ . ئاللاھ ھەممە نەرسىنى جۈپ ياراتقان ، شۇنۇڭدەك كىسەلگىمۇ سەۋەپنى تەڭ ياراتقان . خۇداغا مىڭ شۈكرە قىلايلى ! بەدەنلىرىمىزگە قاراپ باقايلى ھەممىسى مۆجىزە !  
回复قايتۇرماdilara[2009-07-01 12:30 AM | del]
ئاللاھقا كۆپ شۈكرى. سىلىنىڭ ئوغۇلنى خۇدايىم ئۆزى ساقلاپتۇ. ئەمدى خاتىرجەم بولدۇم. ئىزدىنىشتە ئوقىغاندا (داۋامىنى كۆرمىگەچكە)، كۆڭلۈم بەك يېرىم بولغان ئىدى. ھەتتا سىلى ئۆمەرجاننىڭ رەسىمىنى ئىزدىنىشكە چىقارغان، شۇڭا كۆز تەگدىمىكىن دەپمۇ ئويلىغان ئىدىم. ئەمدى خاتىرجەم بولدۇم. ئاللاھ ھەممەيلەننى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي!
回复قايتۇرماburkut118[2009-07-01 12:10 AM | del]
ئاللانىڭ رەھمى بىلەن  قالتىش ئىش بوپتۇ. ئاللا ھەر بىر بەندىسى تىنىچ ئامان بالا قازادىن خالى قىلسۇن.ئامىن
回复قايتۇرماHUXQIRAY[2009-06-30 10:24 PM | del]
بىرزات ئاكا ئىمكان بولسا سىز بىلەن چ چ ئارقىلىق بىر كۇرۇشمەكچىتىم.تىلفۇندا پاراڭلىشاي دىسەم ئۈزۇم تارتىنىپ قالدىم. چ چ نۇمۇرىڭىز نى قالدۇرۇپ قۇيغايسىز.  
ئۇلۇغ ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئۇڭوشلۇق قىلغاي.
回复قايتۇرماHUXQIRAY[2009-06-30 10:08 PM | del]
ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممىگە قادىردۇر.قانداقلا بولمىسۇن باللىرى ئامان ئىسەن خەتەردىن قۇتۇلۇپتۇ.ئاخىردا ئائىلەڭلەرنىڭ خۇشاللىق ئىچىدا بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.
回复قايتۇرماHUXQIRAY[2009-06-30 10:04 PM | del]
ئۇلۇغ ئاللا ھەممىگە قادىردۇر.قانداقلا بولمىسۇن باللىرى ئامان ئىسەن خەتەردىن قۇتۇلۇپتۇ. ئاخىردا ئائىلەڭلەرنىڭ خۇشاللىق ئىچىدا بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن..
回复قايتۇرماBirzat[2009-06-30 11:27 AM | del]
خۇدايىم بىر ساقلاپتۇ. كىچىك بالىنى بېقىپ چوڭ قىلماق زادى تەس
Birzat نىڭ ئىنكاسىغا جاۋاب قايتۇرۇش Birzat نىڭ 2009-06-30 10:18 PM دە قالدۇرغان جاۋابى
رەھمەت، ھەممىمىزنىڭ ئائىلە بالا چاقىلىرمىزغا سالامەتچىلىك بولسۇن!!!
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.