ئورتاق تىل دەپ ئاتىلىدىغان
بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ قاتناش چىراغلىرىنى ئىشارە قىلار
شوپۇرلار بۇ قائىدىنى چۈشىنىدۇ
ئەي،ئېچىلمىغان يول ...
ماشىنا چاقىدىن ئۆرلەۋاتقان توزان ۋە كۈز خازانلىرى
ئىچىمىزگە دەسسەۋاتقان ئىنتىزارلىق پېئىللىرى
كۈتۈش ئەۋجىدە قۇرۇپ تۇرغان لەۋ
ئالاقە ئورنىتىشنى ئىستەيمىز
دېئالىكىتتا ئولتۇراقلاشقىنىمىزغا ئۇزۇن يىللار بولدى
ياسالما سۆزلەردىن زىرىكتۇق
ئەي،كەلمەمسەن تەقەززالىقىمىزنىڭ تۈپ سۆزلىرى
جۈپ سۆزلەرنى ئايرىۋەتكەن سەن كىم ئىدىڭ ؟
تاق يۆلىنىشلىك يوللاردا كۆزىمىز تالدى
ئەي،بۇغۇم كۆچۈرۈش قائىدىسىنى قانداق تۈزگەن بولغىيتتىڭ ؟
سېنى ئوقۇيالماي يانجىلماقتىمەن ...
جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇشلار ئارا قىينىلىمەن
ئەي تاۋۇشلار ماسلىشىش قائىدىسىگە چۈشمەيدىغان سۆز !
ساڭا ماسلىشىپ كېلىمىز بىراق سېنىڭ ماسلاشقىنىڭنى كۆرمىدۇق
ساڭا ئاجىزلىشىمىز بىراق سېنىڭ ئاجىزلاشقىنىڭنى كۆرمىدۇق
ئۇرغۇڭنىڭ تەكتىدە ئولتۇرىمىز ،سېنى ئوقۇشنى ئويلاپ ...
ئەي، ئاساسىي لۇغەت تەركىبىگە كىرمىگەن سۆزلەر !!
يېپىق بوغۇم بىلەن ئاخىرلىشىسەن
ئېچىلغىنىڭنى بىلمەيمىز
لىكسىكىدا ئولتۇرىمىز (مەمنۇنىيەت قەدەھلىرىنى غەمگە تولدۇرۇپ)
ئەي،ئەسلى مەنەڭنى بىلسەك بولاتتى ،جانان ،كۆچمە ئىشىككە قاراپ كۆزلىرىمىز تالدى
قارمۇ -قارشى مەنىلىك سۆزلەر ئارا ئويلىنىپ ئازدۇق
ئەي،بىزنى ئورتاق تىلغا چاقىرغىن ،جانان
ئاللاھنىڭ شەرىقىدە ،جەننەتنىڭ غەرىبىدە
كۈندۈزنىڭ سولىدا ،كېچىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە
ئاقىلىقنىڭ ئۈسىتىدە ،قارىلىقنىڭ ئاستىدا
ئاز-تولا گۈل بار قاناۋاتقان ...
ئەي، تۇراقلىقلىقتىن چىقىپ كەتكەن سۇيۇق جانان
بىز سېنى قايسى تەرەپتىن تۇتىۋىلىشنى بىلمىدۇق
پالتا چۈشكىچە ئۇيقۇسىز قالىدىغانىلىقمىزنى بىلىمىز
ئەي، تىلىمىز مىلتىققا ئايلاندى
بۇ سۆز ئوقلىرىنى قەيەرگە ئېتىشنى ئۇزاق ئويلانغاندىن كېيىن
كۈندۈزنىڭ كۆكسگە تىرىدۇق ...
مورفىمىغا قوپقان كۆلەڭگە
بىزسېنى قات-قېتىدىن ئاجرىتىپ ئۆزىمىزنى كۆرۈشنى ئىستەيمىز
ياردەمچى سۆزلىرىمىز بىلەن مۇستەقىل سۆزلىرىڭگە سالام يوللايمىز
بىراق سەن ﺋﯩﺴﯩﻢ، ﺳﯜﭘﻪت، ﺳﺎن، ﻣﯩﻘﺪار، ﺋﺎﻟﻤﺎش، رەۋﯨﺶ، ﭘﯧﺌﯩﻞ، ﺗﻪﻗﻠﯩﺪسىزلا بىزنى ئازابلايسەن
سېنى قانداق چاقىرىشنى ئۇقمايمىز ،چۈنكى چاقىرساق ھەم چاقىرمىساق ئوخشاشلا ئۆلىسەن ...
يۈكلىمىلىرىمىز بىلەن سالام يوللايمىز
ئەي،باغلىغۇچىلار ئارقىلىق باغلانمايدىغان جانان
ئىملىق سۆزلىرىمىز بىلەن سالام يوللايمىز
ھايۋاناتلاردەك گاچا تىلىمىز بىلەن سېنى ئىشارە قىلىمىز
خاس ئىسىم بىلەن ئەمەس تۈردەش ئىسىم ئارقىلىق چاقىرلىشنى ئىستەيمىز
بىراق لېۋىمىزدە تۈن كويزىسى شاراقلايدۇ
ئەي، بىر كىمگە تەۋە ئەمەس گۈل
ئورنۇڭ قەيەردە سېنىڭ ؟
بىرلىك بىلەن ئەمەس كۆپلۈك بىلەن چاقىرىمىز
ئەي، توققۇز كېلىشلىك جانان
قانداق دەپ سۇئال قويىمىز ؟
ئەي، سەۋىرچانلىقىمزنىڭ ئۆپكىسىدە ئولتۇرغان جانان
ئەي، مۇرەككەپ سان
سېنى ساناپ كېتىۋىتپ ئېزىپ كېتىمىز
شۇڭلاشقا سېنى كېچە بىلەن مۆلچەرلەيمىز
كېچە سارغۇچلىقىنى تولدۇرغۇچى سۆزلىرىمىز بىلەن تولدۇرۇشنى ئىستەيمىز
سەۋدانى مېڭ بىر كېچىگە يۆلەپ ھېكايە ئېيتىمىز
ئەي، جاپاكەش قۇرلۇشچىلارمىز
كۆۋرۈك يېرىمىنى
شوتىنىڭ يېرىمىنى
كېچىنىڭ يېرىمىنى مۆلچەرلەيمىز
ئەي، مۆلچەر سانلار دەڭلار
تاڭ ئېتىشقا يەنە قانچىلىك قالدى ؟
ــ ئەتە تاڭ ئاتىدۇ
ئۇلار ھەممەيلەنگە شۇنداق دېيىشسۇن !...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سەمەندەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-30 19:19