يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: سەمەندەر

سەمەندەر:نەپەسلەندۈرۈش نەيچىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-4-30 19:46:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


  نە...


ئويلايمەن بىراق دېمەيمەن
دەيمەن بىراق نە ئوي
يول بار بىراق ماڭمايمەن
ماڭىمەن بىراق نە يول
لېۋىم بار بىراق سۆيمەيمەن
سۆيىمەن بىراق نە لەۋ
...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەمەندەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-30 19:51  


ۋاقتى: 2013-4-30 19:50:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1. بەلىكىم ئەسەرلەرنىڭ ئەسلى مەنبەسى ئىنىق بولمىغىنى ئۈچۈن تەستىقالانمىغاندۇ ، مېنىڭچە ئەسلى مەنبەدىكى ئاپتۇر ، قايسى كىتاپ دېگەنلەر ئىنىق بولۇشى كېرەك ، ھېلى ھەممۇ تولۇقلاپ قويۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن . چۈنكى مۇنبەردىمۇ ئىلىم سۆيەرلەر ئاز ئەمەس .
2. گەرچە مەن شېئىر يازالمىساممۇ ، شېئىرىيەت ئوبزورچىلىقى بىلەن شۇغۇللامىساممۇئەسەرلەر ھەققىدە چوقۇم پىكىر قايتۇرىمەن . قانداقتۇر چەتئەللىك شائىرنىڭ ئەسىرى ئىكەن دەپ ، قارىسىغا كۆككە كۆتىرۋىتىش ، ياكى ناتوغرا تەنقىدلەش مۇۋاپىق ئەمەس . ئەمما دەسلەپكى بۇرنۇمغا پۇراۋاتقىنى بەزى يازمىلاردىكى ھېچنىمىزىم ھىدلىرى بولدى .

باھا سۆز

مەنبەنى ئەسكەرتىپ قويدۇم ،  ۋاقتى: 2013-4-30 08:12 PM
بۇ بىر قانچە شېئىرلار توردىن ئىزدەپ تېپىپ تەرجىمە قىلىنغان .مەن مەنبەنى قا  ۋاقتى: 2013-4-30 07:54 PM
رەھمەت ،مەن دېققەت قىلاي !  ۋاقتى: 2013-4-30 07:52 PM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-5-2 10:19:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



تاش ئويما




ئاۋۋال كۆزۈڭنى ئويۇپ تاشلىۋىتىمەن
ئاندىن مېنى سۆزلەيدىغان ئېغىزىڭنى تاش ئاستىغا باستۇرۇپ قويىمەن
ئاۋۋال يۈرىكىڭنى ئويۇپ چىقىرىمەن
ئاندىن يۈرىكىڭدىكى ناتونۇش ئىزلار ئۈستىگە قاپارىتمىلارنى ئويۇپ ،ساڭا مەن ھەققىدىكى خىيال چىقىرىمەن
ئاۋۋال بارمىقىڭنى ئويىمايمەن ،نامسىز بارمىقىڭلا قالىدۇ
ئاندىن تەرەپنى ياراتمايمەن
ئاۋۋال پۇتۇڭنى ياراتمايمەن
ئاندىن ئارلىق يارىتىمەن .تۇيغۇ بوسۇغىسىدىن ئاتلىساڭلا،ياكى
مېنى تەسسەۋۇر قىلساڭلا،ھەممەنەرسەڭنى تاشلىغان بولىسەن،-دە
جەۋھەرنىڭ بوۋىقىنى سۆيىسەن.
ئېغىزىڭدا قالغىنى ھەقىقەتنىڭ تەمى بولۇر ...
ئەي،سۆيگۈ- ياراتقۇچى سەن.






بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەمەندەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-2 10:20  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-5-2 14:01:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش




يۈزۈڭنى تەرەپ بىلىپ قىبلەئى تائەتكە يۈزلەندىم .
كۈن-تۈنى زاھىدبولۇپ كامالى سائەتكە يۈزلەندىم.
قۇللۇقنىڭ تامغىسى چۈشتى بۇ ساياق مادارىمغا.
نەشىكەش مەسىتخۇش كەبى سەۋدائى ھالەتكە يۈزلەندىم .
مەن سېنى ۋەتەن دېدىم ، ئازدۇردۇم ئازدىم ساڭا.
سەنسىز ئۆتكەن ھەر كۈنۈمدە مەردانى نالەتكە يۈزلەندىم.
تىرىقلاتتىم دېرىزەڭنى بولمىغۇر شامال بولۇپ .
ئاچساڭۇ ئىشىكىڭنى زۇلمەتى راھەتكە يۈزلەندىم .
سىغىندۇرۇپ كەلمەيدىغان ،ئىزدىسەڭ يوقلۇق پەقەت
پىنھانى ھۇجرامدا سەن گويا جانان ئەتكە يۈزلەندىم.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەمەندەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-2 14:01  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-5-4 12:10:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بوۋاق ۋە قارغۇ كۆكرەك




ــ ئەللەي ...ئەللەي ...ئەللەي ...
ــ قانداقسىگە بۇنچە ئۇيقۇسىزسەن ،قوزام ؟
ــ سەن ئۇخلاۋەر ،ئانا،
مەن كېچىنى تەۋرىتەي تاڭغىچە !


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەمەندەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-4 12:12  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-5-4 12:17:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاشنىڭ جەننىتى



تاش ئورۇندۇقتا ئولتۇرسا
جەننەت دېگەن شۇ
ئورۇندۇق سەندە ئولتۇرسا
دوزاق دېگەن شۇ
تۇرساڭ
جەننەتمۇيوق دوزاقمۇ يوق

...




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەمەندەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-4 12:23  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-5-4 12:19:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شوتا-



شوتادەرەخكە يۆلەنگەن
دەرەخ قۇشقا يۆلەنگەن
قۇش بۇلۇتقا يۆلەنگەن
بۇلۇت شامالغا يۆلەنگەن
شامال ئىچىمگە يۆلەنگەن
ئىچىم شوتىغا يۆلەنگەن...




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەمەندەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-4 12:19  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-5-4 12:21:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش





تىلەمچى



سەھەردە ئويغىنىمەن ئۆلۈم بىلەن تەڭ
كېزىمەن قەبرىلەرنى
سەھەردە جاناننى ئۇزۇتۇپ قويىمەن
ئاندىن قۇرۇق بىر سېۋەتنى كۆتۈرگەنچە،
ئۆيدىن چىقىمەن
كەچقۇرۇن
بارلىق نىسىۋەمنى جاناننىڭ ئېتىكىگە تۆكىمەن
ئەي،سەرسان تىلەمچىلەردۇرمىز،
شۇنداق،بارلىق ھەركىتىم جانان دەپ بولىدۇ





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەمەندەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-4 12:23  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-5-4 12:28:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش




مەن سۆيەرمەن بەلكى سېنى تۇيغۇ بالاغەتتىن كېيىن
بېشىم مەستخۇش قۇسقان شاراب ئەشۇ ئالامەتتىن كېيىن

ھەسەلمۇ ئۇ ياكى زەھەر ئۇنتۇلغان كۇللى سەزگۈ
ھەممە ئىشنى تاشلاپ قويۇپ ،چىن ئخلاس تاھارەتتىن كېيىن

ئەنسىرەشنىڭ نە ھاجىتى كەلسەڭ بۇياق كەتسەڭ ئۇياق
ھىجران بالاسى دەردىدە تاپقان كامالەتتىن كېيىن

بىرگە بولساق شۇم ۋاقىتىن ياتقۇزدى مۈشكۈل ئەجەل
ئۈششۈگەن ئون بارمىقىم ئىللىغان ھارارەتتىن كېيىن

ئەمدى سەن شەيتان بولۇپ كىرگىن ئىچىمگە ئەي جانان
ئەرشىمنى چېقىپ تاشلاي بىرلا يەل ئىبادەتتىن كېيىن

زەھرىمنى ئېلىپ تاشلاي قاسرىقىم زۇلمەت ماڭا
(مەن جىمى ئالەم بىلەن قۇچاقلىشاي شۇندىن كېيىن* )

*بۇ جالالىددىن رۇمىنىڭ مىسراسى





 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-5-4 12:35:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش




بولۇشسىز سۆز


دېمەيدىغان بىر سۆز ئىدى
دېگەنلىكىم ئۈچۈن
شېئر بولۇپ قالدى.

سۆيمەيدىغان بىر سۆز بار ئىدى
سۆيگەنلىكىم ئۈچۈن
جانان بولۇپ قالدى.

ماڭمايدىغان بىر سۆز بار ئىدى
ماڭغانلىقىم ئۈچۈن
توكۇر بولۇپ قالدى.

كۆرمەيدىغان بىر سۆز بار ئىدى
كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن
ئەما بولۇپ قالدى.

ئاۋۇ بولۇشسىزلارنى بولۇشلۇققا ئالماشتۇرغىنىمدا
نۇرنىڭ زۇلمىتى بولار...




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەمەندەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-4 12:36  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-5-4 12:39:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



سەجدىگاھ





سەجدىگە قويدۇم بېشىمنى ئورايدۇ تەشۋىش تۇمان
چۈنكى مەن سۆيگەچ سېنى ئويغىنار ھەر خىل گۇمان
ئۆزگىلەر سۈت ئۇيقىدا ،مەن ئولتۇرۇپ ئىتىكاپتا
كۆز يېشىم تەسۋى بولۇپ ئوقۇلار ئايەتسىمان
كېچە -ئۇ مەۋجۇتلىقىم،تېنىمدىن بولدۇم جۇدا
غەيبكە قىلدىم دۇئا دۇنيانىڭ قارشىسىسىمان
غىدىقلىدى پۇتلىرىمنى ياۋايى توشقان كېلىپ
چىقىۋەتتىم پۇتلىرىنى ئەمدى ئۇ ئەرۋاھسىمان
تەرىتىم باتىل ئىدى ،سۆزدە قۇتقۇزدۇم سېنى
سەجدىگە قويدۇم بېشىمنى بىغۇبار نامىڭسىمان



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەمەندەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-4 12:40  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-5-4 12:44:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش







سۇ ئاستىغا چۆككەن ئېڭىمدا
بىر جىجىتلىق سالىدۇ چۇقان
سۇ ئۈستىگە چۆ ككەن ئېڭىمدا
كۆيۈپ كەتتى بىر تۈپ سۇۋادان...

چۈمبەلدىكى كۆز قاپقار كېچە
دولقۇنلار لەيلەتمەك بولىدۇ مېنى
قىرغاققا يەتمەيدۇ تۆشۈك ئاۋازىم
شاۋقۇن بېسىپ ئالار جىمجىتلىقىمنى

كىمىدىن قاچماقنى ئىستەيمەن شۇنچە
كىمىنى قوغدايدۇ ئەنجۈر ياپرىقى ...
(يىغىلار يىغىلارئابىدە بولار)
قىياس قىلىۋاتىمەن يېراق ئارشاڭنى !





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەمەندەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-4 12:56  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-5-4 12:47:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



ئىچى ۋە تېشى



سىرتىدىن ئىچىگە قارىساڭ
قاراڭغۇ باغچىنى كۆرەلمەيسەن
ئىچىدىن سىرتىغا قارىساڭ
سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بوي تالىشىپ ئۆسىۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن
مەشغۇلاتلاردىن كېسىپ ئۆتمەيسەن
پەقەتلا سەھەردە بوسۇغىدىن چىقىپ كېتىسەن
كەچقۇرۇن قايتىپ كېلىسەن بىر يەرگە
سائەت تىلىدا
قەدىمىڭنى يوغان ئېلىپ ،تەرگە چۆمۈلۈپ ...


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەمەندەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-4 12:48  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-5-4 12:50:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مۈشۈك ۋە قاراڭغۇ ئورمان



مۈشۈكۈم تولىمۇ ھىيلىگەر
مەن ئۇنىڭدىن زىرىكىپ، ئورمانغا ئاپىرىپ تاشلىۋەتمەكچى بولدۇم
ئالدىمدا ھېچبىر پايدىلىنىش نوقتىسى يوق ئىدى
مەن يولدىن ئېزىپ قالدىم،-دە
مۈشۈكۈمنى قويىۋىتىپ ،ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆيگە قايتىپ كەلدىم
ئۆيۈممۇ ئورماندەك ئىدى ،كۆزۈمنى تۈننىڭ ئىلغۇچىغا ئېسىپ قويۇپ تاماكا چەكتىم ...
شۇنىڭدىن كېيىن قاراڭغۇ ئورمانغا قانچە قېتىم باردىم
بىراق ئېزىپ قالغىنىم زىنھار ئېسىمدە يوق...



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەمەندەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-4 12:50  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-5-5 17:48:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


تۈن دەرىخى



مەن ماۋۇ دەرەخنىڭ كاۋىكىدا تۇغۇلغان
تۇغۇلغان ۋاقتىم ،دۇنيا ئاپىرىدە بولۇشنىڭ ئالدىغا توغرا كېلىدۇ
كىم مېنى ئانامدىن ئايرىغان ؟
مەن ئۆتمۈشۈمگە قارىدىم
كۆزۈم قاراڭغۇلاشتى
كەلگۈسىگە قارىدىم ،ئۇ يەردە بولۇق پىشقان مېۋە بار ئىدى
بوسۇغىغا دەسسىەڭ يامان بولىدۇ دەيدىغان، ئانام ...
مەن قولۇمنى سوزىدۇم،ئۇ ماڭا مېۋىنى بىرتال-بىرتالدىن تاشلاپ بەرگەچ چېكىندى ،ئەمما ئەڭ چوڭ مېۋىنى يەيمەن دەپ تۇرىۋالاتتىم
مەن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ  كېتىۋىتىپ بوسۇغىغا پۇتلىشىپ كەتتىم ،-دە ئانامنىڭ قۇچىقىغا ئۆزۈمنى تاشلىماقچى بولدۇم
نەدىن بىلەي ،ئانام دەرەخنىڭ ئەڭ ئۇچىدا ئولتۇرۇپ بىر توپ بالىلارغا مېۋە ئۈزۈپ بەرگىلى تۇرۇپتۇ
ئانام دەرەختىن -دەرەخكە ئاتلاپ كېتىۋاتاتتى ،بالىلار قوغلايىتتى ...
بالىلارنى چاتقاللار ئورىۋالاتتى ،يېقىپ چۈشەتتى ،تونىغىلى بولمايىتتى
ئەمەلىيەتتە بىز ئۇنىڭ باللىرى ئىدۇق...
ئۇنىڭ بولۇق پىشقان مېۋىلىرى بار ئىدى ،بىراق بىزگە بەرمەيىتتى ؟...
ئۇنىڭ تېنى تاڭدەك يورۇق بولۇپ ،چىڭقى چۈشتە ئىستەكلەر ئارا يۈرەتتۇق
قوغلايىتتۇق ،قوغلىدۇق ،يېتىشنى ئىستىدۇق
بىراق ئۇنى ھاردۇقى چىقمىغاندەك ھىس قىلدۇق ...
ھاسىرايىتتۇق ،شەبنەملەرگە ئايلىناتتۇق
قاغىدەك بېرىپ ئۇنىڭ ئۇۋىسىنى چۇۋۇۋىتىشنى ئىستەيىتتۇق ،بىراق
تەشۋىش بىزنى جىنسىي ئىستەكتەك ئازابلايىتتى ...
قولىمىزدا سېۋەت ،كۆكسىمىزدە شەبنەم
پۇتىمىزدا ئاق چاتقال
ۋادەرىخ !
ئانامنى بىر كۆرسەم ...





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەمەندەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-5 23:25  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش