كىلاسسىك شېئىرىيەت بىلەن يېڭىچە شېئىرىيەتنىڭ بەزى ئورتاقلىقى جەھەتتە دەسلەپكى ئىزدىنىش(1)
ئاپتورى :ئابدۇكېرىم داۋۇت سەمەندەر
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر:ئاۋانگارتلىق روھى ،سۆز تاللاش ،تۇتۇقلۇق ،ئىنسانپەرۋەرلىك
ھەر قايسى دەۋر ئۆزىگە خاس شائىرلارنى يىتىشتۈرۈپ چىقىدۇ .كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزغا قارايدىغان بولساق ،ئەلشىر نەۋايى ،ئەھمەد يەسەۋىي ،مەشرەپ قاتارلىق دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭغان ئاۋانگارتلىق روھىغا ئىگە بىر تۈركۈم شائىرلارنى ئۇچراتماي قالمايمىز .ھازىرقى يېڭىچە شېئىرىيەتكە قارىساقمۇ ،ئەخمەتجان ئوسمان ، باتۇر روزى ،ئوسمانجان مۇھەممەت پاسئان قاتارلىق بىر تۈركۈم ئاۋانگارتلىق روھىغا ئىگە ياشلارنى ئۇچرىتمىز.ئۇلارنىڭ سەنئەتكە تۇتقان پۇزۇتسىيىسىنىڭ ئارقىسىدا زاھىر بولغان مىسرالاردا ئۆزىگە پاتمايۋاتقان چوڭقۇر مەنىلەرنى ھىس قىلماي قالمايمىز .ئەقىللىق ئوقۇرمەنلەر شېئىرنىڭ يۈزەكى قاتلىمىدىن شۇڭغۇپ ئۆتۈپ ئۇنىڭ ئىچكى قاتلىمىدىكى يۇشۇرۇن جاۋاھىراتلارنى سۈزۈپ چىققۇچى ۋە ئۇنى ئىزدىگۈچى غەۋۋاسلاردۇر.ئۇلارنىڭ شېئىرلىرىغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرغىنىمىزدا بەزى ئورتاق ئالاھىدىلىكلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغانلىقىنى ھىس قىلالايمىز .
ئەمدى مەن كىلاسسىك ئەدەبىياتتىكى ئاۋانگارتلىق روھىغا ئىگە بەزى شائىرلار بىلەن ھازىرقى يېڭىچە شېئىرىيەتتىكى بەزى ئاۋانگارت شائىرلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى بولغان شېئىردىكى سۆز تاللاش ، تۇتۇقلۇق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ھەققىدە ھىس قىلغانلىرىمنى بايان قىلىپ ئۆتىمەن .
يېڭىچە شېئىرىيەت ھادىسسى تاساددىبىي ھادىسە بولماستىن ،ئەلشىر نەۋايىدىن كېيىن چۆكۈشكە باشلىغان ئىجاكارلىقتىن تەقلىدچىلىككە يۈز تۇتقان شېئىرىيەتنى قۇتقۇزۇش ،راۋاجلاندۇرۇش،بۇرۇنقى تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ئاۋانگارتلىق ،ئىسيانكارلىق ،ئۇلۇغۋار شېئىرىي روھىغا ئىگە چوڭ ئىسلاھات ۋە ئىنقىلاپتۇر.يىلتىزسىز دەرەخ،مەنبەسىز سۇ بولمىغىنىدەك ،يېڭىچە شېئىرىيەت كىلاسسىك شېئىرىيتىمىزنىڭ ئۆزگىچە ئاۋازىدۇر،ھەمدە رىلىستىن چىقىپ كەتكەن شېئىرىيەت پويىزىنى ئەنئەنىگە(ئەنئەنە ــ ئەزەلىي مەجۇت بولغان ،ئوينى ئوبىيكىت قىلغان ،دۇنيانىڭ ئەسلى ماھايىتىدۇر ) ئېلىپ كىرىشتۇر .
بىرىنچى سۆز تاللاش جەھەتتە ئوخشاشلىققا ئىگە .
كىلاسسىك ئەدەبىياتتىكى ئاۋانگارت شائىرلار بىلەن يېڭىچە شېئىرىيەتتكى ئاۋانگارت شائىرلارنىڭ بىرىنچى ئورتاق ئالاھىدىلىكى شۇكى،سۆز تاللاش جەھەتتە مەنىگە كۆچۈشنى ئاساس قىلغان دېيىشكە بولىدۇ .
بىرىنچى ،كائىناتتىكى بارلىق شەيئىلەر ئۆزىنىڭ تۇراقلىق ھالىتىنى يوقىتىپ، ئۆزگىرىشچان ھالەتكە كىرىدۇ .شېئىردا سۆزلەر ئۆزىنىڭ تۇراقلىق لۇغەت مەنىسىنى يوقىتىپ ،ئىھتىماللىق مەنىلەر بوشلىقىدا لەيلەيدۇ .دېمەك ،بۇ باسقۇچتا ئىسكەنجە ئەركىنلىككە ،ۋۇجۇت يوقلۇققا ،ھايات ئۆلۈمگە ئۆزگىرىدۇ .
ئىككىنچى ،شەيئىلەر ئۆزىنىڭ ئەمەلي تۇراقلىقى بىلەن ئۆزگىرىشچانلىقى ئوتتۇرسىدا تەشۋىشلىنىدۇ .يۇقىرى بېسىمغا ئىگە بولىدۇ .شىئېردا سۆزلەر لۇغەت مەنىسى بىلەن ئىھتىماللىق مەنىلىرى ئوتتۇرسىدا قىززىپ پارىتلايدۇ .دېمەك ،بۇ باسقۇچتا بارلىق بىلەن يوقلۇق ئوتتۇرسىدا تارتىشىش مۇناسىۋىتى بارلىققا كېلىدۇ .ۋۇجۇت يوقايدۇ ،يوقلۇق ۋۇجۇتقا كېلىدۇ .
ئۈچىنجى ،شەيئىلەرنىڭ تەشۋىشى قايتا تۇراقلىققا ئىنتىلىدۇ .شېئىردا سۆزلەر ئىھتىمالىلىق مەنىلىرىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا يۈزلىنىدۇ .بىراق ......
تۆتىنجى،بۇ جەريانلارنىڭ ھەممىسى تۇتۇق مەركەزنى چۆرىدىگەنلىكى ئۈچۈن ،قايتا تۇراقلىشىش ،قايتا مۇقىملىشىش مۇمكىن بولمايدۇ .【1】
يەنى سۆز تاللاش جەھەتتە ،قاتتىق ئويلىنىدۇ .كونتىكىستنى ئۆزىگە سىغمىغۇدەك دەرىجىدە مەنىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ھەر بىر سۆزنى ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن تاللايدۇ .مىسرالىرىدىن ئۆزىگە پاتمىغۇدەك مەنالار تېشىپ تۇرىدۇ .
ئۆلمەگىمدىن زۇلفىڭە گويا پەرىشانلىق يېتىب،
ماتەم ئەھلىدەك قويى سالىب باشىن قايغۇدەدۇر.
نوھ ئۆمرىيۇ سۇلايمان مۈلكىگە يوقتۇر بەقا،
ئەي ناۋائىي، بادە ئىچ، ئالەم غەمى بىھۇدەدۇر.
ـــ "نەۋايى غەزەللىرى"دىن
بۇ جاھاننى نېمە قىلغۇلۇق؟!
غۇلىغان كۆۋرۈك بېشىدا تۇرار گۈزەللىك.
شادلىقنى يېپىنچاقلاپ يېڭى بىر ئەرۋاھ
ئۆرلەيدۇ ھاڭدىن.
ئادەملەر تىرىلمەكتە
ـــ "ئاقلىقنىڭ ئۆيى "دىن
ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯧﺮﺷﺎﺩ ﺑﻪﺭﺳﻪﯓ،ﺋﺎﺩﻩﻣﯘ ﮬﻪﯞﯞﺍﻧﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻗﯩﻞ ،
ﻏﻪﺭﯨﺒﯘ ﺧﻪﺳﺘﻪﺋﻰ ﻧﯘﮬﻰ ﻧﻪﺑﯩﻴﯘﻟﻼﻧﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻗﯩﻞ.
ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻧﻪﻣﺮﯗﺩ ﺋﻮﺗﯩﻐﺎ ﻗﯩﻠﺪﯨﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﻪﺷﻨﻰ ﭼﯘﻥ ﮔﯜﻟﺰﺍﺭ،
ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺕ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺧﻪﻟﯩﻠﯘﻟﻼﻧﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻗﯩﻞ.
_ـ "مەشرەپ غەزەللىرى "دىن
ئانامدىن بىر تۇغۇلدۇم، تەڭرىدىن مىڭ رەت تۇغۇلماق بار،
زاكامغا بىر بوغۇلدۇم، مىڭ سۇئاللارغا بوغۇلماق بار.
ئۆزۈمنىڭ يوقلىقىن بار ئەيلەمەكتۇر بىر ئۆمۈر مەقسەت،
ھاياتمەنكىم بۇ سەۋدادىن ماڭا قاي دەم قۇتۇلماق بار؟
ــ "باتۇر روزى غەزەللىرى "دىن
ئىككىنچىدىن ،شېئىردىكى تۇتۇقلۇق مەسىلىسى ئوخشاشلىققا ئىگە .
شېئىر جەۋھەرنىڭ تەقلىدى ،جەۋھەر مەڭگۇ تۇتۇق قالىدىغان سىھىرلىك تەڭرى .مەنىسىگە زادىلا يېتىپ بولالمايدىغان جەلىپ قىلارلىق سىر .شېئىر تۈگىمەس مۇساپە .چۈنكى دۇنيا تۇتۇقلىقى بىلەن داۋاملىق ئوچۇق .ئۆزىنى داۋامىلق ئېچىشقا مۇھتاج .ئىلاھ چەكسىز ۋۇجۇت .ئۇنىڭ چەكسىزلىكى تۇتۇقلىقىدا .ئىلاھقا مەپتۇن بولغان ،ئاڭا ئىنتىلگەن ،ئۇنى ياسىغان ئادەم .ئىنسان چەكسىزلىكىدە تىنغان شېئىر ئۆزىنىمۇ بايقىيالمايدىغان تۇتۇقلۇققا ئىگە .چۈنكى ئۇ ئىنسان ماھىيتىنى ئېچىشقا ئۇرۇنىدۇ .تەڭرىنىڭ تۇتۇقلىقىنى ئىنكار قىلغان ئادەم تەڭرىنىڭ ئىمان –ئەقىدىسىز دۈشمىنى .ئىنساننىڭ تۇتۇقلىقىنى ئىنكار قىلغۇچى چوقۇم ئىنسانىيەت دۈشمىنى .شېئىرنىڭ تۇتۇقلىقىنى ئىنكار قىلغان «شائېر »ئىستىلىستىكا دۈشمىنى! [2]
مېنى مەڭگۈلۈككە ئېلىپ كىرىدىغان ئەنئەنىنىڭ قۇربانىمەن ،شەكىل ،مەزمۇن بىرلىكى ،بۆسۈش ،يېڭىلىق ،مەڭگۈلۈككە تەلپۈنۈش ،مۇققەددەس تۇتۇقلۇق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر شېئىريىتىنىڭ ئىسىل ئەنئەنىلىرى .مەن بۇلارنى ئوغۇزنامىدا ،نەۋائي شېئىرلىرىدا كۆردۈم .مەن سىزنىڭ ناۋائى شېئىرلىرىدىكى دىلبەرنى مەڭگۈلۈك مەنىسىدە چۈشىنىشىڭىزنى سورايمەن .شۇندىلا ئۇنىڭدىكى «ھىجران »«يوقىلىش »،«ئازاپ »دېگەن سۆزلەرنى يۈكسەك مەنىسىدە ھىس قىلىسىز .[3]
مەيلى ئەلشىر نەۋايى ،مەشرەپنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقايلى ۋە ياكى يېڭىچە شېئىرىيەت ۋەكىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقايلى ،بىر خىل غۇۋا كەيپىيات شەكىللەنگەنلىكىنى ھىس قىلىمىز .بۇ ئەمەلىيەتتە ماھىيەت،يەنى ـ جەۋھەرنىڭ خۇسۇسىيىتى .ماھىيەت قايسى دەۋىرگە نىسبەتەن بولسا ئوخشاش بولىدۇ ،ئۇنىڭدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ . پەقەت ئاكتىپ ئوقۇرمەنلەرلا ئويلىنىش ئارقىلىق ماھىيەتنى ھىس قىلىدۇ .شۇڭلاشقا بۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدە ماھىيەت ئۆز ئىپادىسىنى تېپىپ، تۇتۇقلۇق تەبىئىيلا شەكىللەنگەنلىكىنى سېزىمىز .ئۇ تۇتۇقلۇق ئۆزگىدىكى نەرسە بولماستىن ،ئۆزىدىكى نەرسە ئىكەنلىكىنى ، شېئىردىكى تۇتۇقلۇق شېئىرنىڭ تەبىئىي زىنىقى ئىكەنلىكىنى تۇيىمىز...
ئۈچىنىچى ،شېئىردىكى ئىنسانپەرۋەرلىك روھى ئوخشاشلىققا ئىگە
شائىر نەۋايى«ھەيرەتۇل ئەبرار» داستاندا ئىنساننى ئۇلۇغلاش، سۆيۈش ۋە قەدىرلەشتەك ئىلغار گۇمانىزملىق ئىدىيىنى ئالغا سۈردى. ھەممىگە مەلۇمكى، ئىنسان ئۇلۇغلۇقى ۋە گۇمانىزم تەشەببۇسلىرى ياۋروپانىڭ ئويغىنىش دەۋرىدىكى ئەدىبلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە مەركەزلىك ئىپادىلەنگەنىدى. نەۋايى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ گويا ياۋروپا ئەدەبىي ئويغىنىش دەۋرىگە ئوخشاپ كېتىدىغان بىر دەۋردە ياشىدى. شۇڭا ئۇ ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ دىنىي ئىدېئولوگىيىسى ۋە ئىلاھىي پەلسەپىسى ھۆكۈم سۈرگەن ئاشۇ زاماندا باتۇرلۇق بىلەن ئىنساننى سۆيۈش ۋە ئۇلۇغلاش غايىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
نەۋايىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئىدىيىسى ناھايىتى زور دەرىجىدە ئومۇمىي خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئىتى ۋە بەخت – سائادىتى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەنىدى. شۇڭا ئۇنىڭ نەزىرىدە ئىنساننى سۆيۈش، ئۆز مەنىسى بىلەن خەلق ئاممىسىنى سۆيۈش، دېگەنلىك ئىدى. شۇڭا ئۇ بۇ ھەقتە:
‹‹ مىڭ جەفا كەلسە ماڭا بىر قەتلە فەرياد ئەيلەدىم،
ئەلگە كەلسە بىر جەفا، يۈز قەتلە فەرياد ئەيلەدىم. ››
(مەنىسى: مېنىڭ بېشىمغا جاپا كەلسە بىر قېتىم پەرياد چەكتىم، خەلقىمگە بىر قېىتىم جاپا كەلسە يۈز قېتىم پەرياد چەكتىم. ) دەپ خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن زۇلمەت ،ئازابنى پاش قىلىپ يۈكسەك ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنى ئىپادىلىسە؛ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئەڭ پارلاق ۋەكىللىرىنىڭ بىرى بولغان ئەخمەتجان ئوسمان مۇنۇ خاتىرلىرى بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ئازابى،مەۋجۇدىيىتى ئۈچۈن ھەسرەت چەكتى .مەۋجۇدىيەتچىلىك ــ بىر خىل ئىنسانپەرۋەرلىكتۇر ،-دەيدۇ سارتېرى.
سۈكۈت ئىچىدە
ئۇنىڭ ھىلىگەر كوزلىرىگە تىكىلگەنچە
ئۇزۇن ۋاقىت خىيالغا پاتتىم بولغاي
قارىسام
شەھرىزاتنىڭ ئاغزىدىن ئۈزلۈكسىز ئۆتۈۋاتقان كېچىلەردەك
قەدەملىرىنى تېزلىتىپ مەندىن ئۇزاقلاشتى
بۇ قەدەملەر
گوياكى سەيلە قىلغۇچىلارنىڭ بوينىغا ئېسىلغان قوڭغۇراقلاردەك
ئاڭلانمىغىدەك ئاۋازدا ياڭرايتتى
بۇ قەدەملەر
گوياكى چىملارنىڭ ئۈنۈشىنى قۇتلاۋاتقاندەك
ئاسپىلىت يېرىقلىرىدىن
كۆرۈنمىگىدەك نۇرلار بىلەن پارلايتتى
ــ «شەھرىزاتنىڭ ئېغىزىدىن ئۈزلۈكسىزئۆتۈۋاتقان كېچىلەر »دىن
دېمەك ،شېئىرىيەت دېڭىزىغا ھەقىقىي چۆككەن،شېئىرنى چىن مەنىدە سۆيگەن غەۋۋاسلارنىڭ تۇيغۇسى بەزى بىر ئورتاقلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى ھىس قىلالايمىز .دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ ئاچقۇچى تەكلىماكانغا كۆمۈلگەن دېگەندەك ،شېئىرىيەت مەنزىلىدە يۈرگۈچىلەرگە نىسبەتەن ،ئۇلار يېتىپ بارالايدىغان بىر ئورتاق يەرنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ .شۇڭا كىلاسسىك شېئىرىيەتتىكى ئاۋانگارتلار بىلەن يېڭىچە شېئىرىيەتتىكى ئاۋانگارت شائىرلار نىڭ تۇيغۇسىى ئوتتۇرىسىدا نۇرغۇن ئورتاق ئىشىكلەر بولۇشى مۇمكىن ،يەنىمۇ ئىلگىرلەپ تەتقىق قىلساق بۇ ئىشىكلەرنى ئاچالىشىمىزدا گەپ يوق .
پايدىلانغان ماتىرىياللار :
1.[1][2][3] ئەنۋەر ئابدۇرېھىم ئۇيۇشتۇرغان «ئەخمەتجان ئوسمان بىلەن سۆھبەت »نامىلىق سۆھبەت خاتىرىسىدىن .
2.مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەر.
3.توردىكى مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سەمەندەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-31 16:18