سەھرا گۈزىلى
ئابدۇلىتىپ ئىمىن
ئايال! سېھىرلىك بۇ نام ھەر بىر ئاتالغاندا ئېغىزغا لىققىدە كېلىدۇ، ئۇنىڭدىن چەكسىز ۋە ئىللىق مېھرى-مۇھەببەت تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ، پاراسەت دۇردانىلىرى چاقناپ تۇرىدۇ، ئۇلۇغ كەلگۈسىنىڭ نۇرى پارلايدۇ.ئۇ، سەبىيلىكتە بىر غۇنچە، بويىغا يەتكەندە رومانتىك دۇنيادىكى ۋاپادار جۆرە، قىرانلىقتا مېھرىبان ئۇلۇغ ئانا بولۇپ، گۈزەل كارتىنا ۋە مۇقەددەس تارىخنى ياراتقۇچى. ياراتقانلىرى گويا چاتما سېمفونىيىگە ئوخشايدۇ، ئۇ ھەقىقەتەن ھۆرمەت تۇيغۇسى قوزغايدۇ!
<<ئايال>>، مەن ھەر قېتىم بۇ مۇقەددەس نامنى تىلغا ئالغىنىمدا سەھرادىكى ساددا، ئۇياتچان مېھىرلىك سەھەر <<چولپان>>لىرى كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ، مەيىن <<يار شامىلى>>يۈزلىرىمنى سىلاپ قانداقتۇ بىر شېرىن ئېقىن يۈرىكىمنى كۆيدۈرىدۇ.
سەھرا گۈزىلى،سەن ھەقىقەتەن گۈزەل،ساڭا تۆكمە-تۆكمە گىرىملەر ھاجەتسىز، ياساش ئاۋارچىلىقلىرىدىن خالى، تەبئىي، چىرايلىق قاشلىرىڭ بىردە <<بەرگى قىياق>>نى ئەسلەتسە، كىرپىكلىرىڭ يۈرەككە ئوقيا بولۇپ قادىلىدۇ. بۇلاق يۈزىدىكى كىچىك دولقۇنلاردەك كۈلۈمسىرەپلا تۇرۇدىغان كۆزلىرىڭنى دىمەيلا قوياي، ھايالىق بېقىشىنىڭ ئۆزىلا بىر گۈزەل رىۋايەت ، ئۇنىڭ ھەر بىر يالت قىلىپ ئېچىلىشىغا قانچىلىك سېھىر يۇشۇرۇنغانكىن-ھە! يۈزلىرىڭ ئۇپا ئەڭلىكسىزمۇ يەنىلا گايىدا قىزىرىپ پىشقان گىردە ناننى ئەسلەتسە، گاھىدا ئىيۇلنىڭ مەي باغلاپ پىشقان ياغلىق ئۈرۈكىدەك سۈزۈك ھەم جۇلالىق. لەۋ سۇرۇقسىزمۇ گىلاستەك چوغلىنىپ قان تەپچىرەپ تۇرىدىغان غۇنچە لەۋلىرىڭگە گەپ كەتمەيدۇ. ئاددى ، پاكىزە، رەتلىك ۋە يارىشىملىق كىيىنىشلىرىڭمۇ ساڭا ئۆزگىچە بوي، ئۆزگىچە لاتاپەت ئاتا قىلىدۇ. ئېقىپ چۈشكەندەك كۆرىنىدىغان يۇمران ۋە چىرايلىق بۇرنىڭغا قاراپ نى-نى ئېغىزلا ھاڭۋېقىپ ئېچىلغان، تېقىمىڭدا يىلاندەك تولغۇنۇپ ئۇسۇل ئويناپ تۇرىدىغان ئۇزۇن ئۆرۈمە چاچلىرىڭمۇ بويلىرىڭغا خوي ياراشقان. سەھرا گۈزىلى! سەن نىمىدىگەن گۈزەل، نىمىدىگەن جەلىپكار-ھە!
سەھرا گۈزىلى، سەن ھەقىقەتەن سۆيۈملۈك، بۇلاق سۈيىدەك يېقىملىق، باھار شامىلىدەك مۇلايىم، سەمىمىي،قىزغىن، چەبدەس، چاققانلىقىڭ ۋە باشقىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، باشقىلارنى تەڭلىكتە قويۇشنى نالايىق كۈرىدىغان، ئەپۇچان ئېسىل پەزىلىتىڭ گويا خۇش پۇراق ئەتىر، جەلىپكار گۈلىستان، كىشىنى ئاجايىپ قايناق ھېسلار دۇلقۇنلىرىغا چۆمدۈرىدىغان لىرىكىلىق مىلودىيە.
سەھرا گۈزىلى، ئاپئاق كۆڭلۈڭ قايماقتەك يۇمشاق، ئۆزۈڭ ۋە ئىشلىرىڭ رەتلىك بولۇپلا قالماي تولىمۇ ھايالىق، ئىپپەت نومۇسلۇق، چىقىشقاق، ئوچۇق چىراي بولساڭمۇ، مۇھەببەتنامىلەرنىمۇ ئۈژمە تۈۋىدە كىتاپ بىلەن، قوناقلىق قىرىدا ئۈزۈم ياكى بىر قولتۇق كۆكئوت بىلەن قوشۇپ بەرسىمۇ يۈزلىرىڭ قىزىرىپ ئاران ئالالايسەن. قاراڭغۇ دوقمۇشلارغا ئىزلىرىڭ چۈشمەيدۇ، خىلۋەتلەرگە سايە تاشلىمايسەن، سەن ئىپپەت-نۇمۇسىڭنى گۆھەر دەپ بىلىسەن، سېنىڭ قىزلىق غۇرۇرۇڭ، نومۇسچان قەلبىڭ، زېرەك سەزگۈڭ گۆھىرىڭنى باشقىلارنىڭ بۇلاپ كېتىشىدىن، خاس چىمەنزارىڭنى ياۋا ئاتلارنىڭ چەيلەپ قويىشىدىن، قاغا-قۇژغۇنلارنىڭ چوقۇپ قويۇشىدىن قوغدايدۇ. <<ساداقەتلىك، ۋاپادارلىق، مېھرى مۇھەببەت، نومۇس ۋە ئىپپىتىڭنى، قەدىر – قىممىتىڭنى، شەرمىي-ھايانى ساقلاپ قالىسەن>>.
ئېھ ، سەھرا گۈزىلى، سەن ھەقىقەتەن ئۇلۇغ ، چۈنكى سەن كۆيۈمچان ئانا، بالىلىرىڭ ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىش روھىغا ئىگە <<ئانا قۇش>>. سەن مېھرىبان <<پەرىشتە>>، سەن سۈبھى بىلەن تەڭ تۇرۇپ بالىلىرىڭنىڭ بەخت-تەلىيىنى، ئۇزۇن ئۆمۈرلۈك بولۇشىنى تىلەيسەن. كۈن چىقماستىلا ھويلا ئاراملار، كوچىلار سېنىڭ تېتىكلىكىڭ بىلەن جانان چىنىدەك يوپيورۇق تازىلىنىپ كېتىدۇ، رەڭگا-رەڭ ئېسىل تائاملاردىن ناشتىلىق تەييارلاپ بولىسەن، مالۋارانلىرىڭنى توقلاپ بولىسەن، بالىلىرىڭنىڭ ھوزۇر ئىلكىدە كېرىلىپ ئورنىدىن تۇرۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تاتلىق ئەركىلىتىسەن، بۇ سەن ئۈچۈن بىر كۈنلۈك بەختىيار تۇيغۇنىڭ باشلىنىشى. سەن قازان قۇمۇشلارنى يۇيۇش، ئۆي سەرەمجانلىرىنى رەتلەش، ئېتىزلىققا بېرىپ ئوتاق ئوتاش، چاغلاپ ئوغۇتلاش، تەك باراڭلىرىنى پۇتاش، ھەتتا ئېتىكىڭنى تۈرۈپ تىكەنلىكلەردە، شورلۇقلاردا، ئېگىز-پەس قىرلاردا يۈگۈرۈپ يۈرۈپ، ئېتىزلىققا سۇ باشلاش، يەنە تاماق ئېتىش، كىر-قات يۇيۇش ئىشلىرى بىلەن ھېرىپ ھالىڭدىن كەتسەڭمۇ كەچتە يەنە چىراق تۈۋىدە ئولتۇرۇپ، ھەممىسىنىڭ كىيىملىرىگە يىرتىلغان، كىرلەشكەن يەرلىرى بارمىكىن دەپ قاراپ چىقىسەن، بالىلىرىڭ بەزىدە تۈن نىسبىدە كىرسىمۇ ساقلاپ كىرپىك قاقمايسەن، <<ھېرىپ كەلدى، توڭلاپ كەلدى>> دەپ ئېرىنمەي ئىسسىق تاماق ئېتىپ بېرىسەن. بالىلىرىڭنىڭ ساقىلىغا ئاق كىرگەندىمۇ بۇ ئىشلارنى بالىلىرىغا، نەۋرىلىرىگە ھېكايە قىلىپ سۆزلەپ بېرىشلىرى بىكار ئەمەس.
سەھرا گۈزىلى، سەن ھەقىقەتەن گۈزەل، سېنىڭ گۈزەللىكىڭ بالىلىرڭغا سىڭدى، سەن ئۇلارغا ئەخلاق، پەزىلەت ئۈگەتتىڭ، ياخشى خۇلقلىق قىلىپ تەربىلىدىڭ، سەن ئۇلارغا قانداق ياشاشنى، يېقىلغان يەردىن قانداق تۇرۇشنى، كەلگۈسىگە قانداق يۈزلىنىشنى ئۆگەتتىڭ. قىزلىرىڭدىكى مۇلايىملىق، سۈزۈك قەلب، چىۋەرلىك، ئىپپەت-نۇمۇسلۇق، قىزلىق غۇرۇرنى سەن بەردىڭ. ئوغۇللىرىڭدىكى ۋىژدان، شىجائەت، باتۇرلۇق، ئەقىل پاراسەتنى سەن ئويغاتتىڭ.
ئەي<<پەرىشتە>>، سەن نەقەدەر ئۇلۇغ-ھە، سەن يىللار ئاتا قىلغان جەۋرى جاپالارنى، تەقدىرنىڭ ئاجايىپ قىسمەتلىرىنى كۈلۈپ تۇرۇپ كۈتىۋالدىڭ، ئازاپلىرىڭنى ئابى زەم-زەم ئورنىدا يۇتىۋەتتىڭ، تۈندە ئاي، كۈندە قۇياش، بالىلىرىڭنىڭ ساغلام، ئەقىللىق، دىيانەتلىك، ساخاۋەتلىك چوڭ بولىشى ساڭا يەنىلا كۈلۈشنى ئۈگەتتى. سەن كۈلۈپلا ياشىدىڭ، بالىلىرىڭ ئۈچۈن ئۈچۈن تارتقان جاپا - مۇشەققەت، ئەجىر-مېھنەتلەرنى بۇرچ دەپ بىلدىڭ،
ئەي،ئۇلۇغ ئىنسان! دائىم ئۆزۈڭنىڭ ئالىي بىلىم يۇرتلىرىغا بارالمىغانلىقىڭدىن، ئىلىم دېڭىزىدىن گۆھەرلەر سۈزەلمىگەنلىكىڭدىن ئۆكىنىسەن، ئۆكۈنمە، سەن بۇنداق پۇرسەتلەر بىلەن ئەسرار بولالمىغان بولساڭمۇ شۇ پۇرسەتلەرگە ئېرىشكەنلەر ئېرىشەلمىگەن مول تەجرىبە ۋە ئاجايىپ بىلىملەرگە ئىگە، سېنىڭ يېتىشتۈرگەنلىرىڭ –سېنىڭ ئارمانلىرىڭنى چېچەكلىتىۋاتقان ئۇلۇغ ئالىم، باتۇر قەھرىمان، ئاتاغلىق شائىر، يازغۇچى، زېرىكمەس ئىزدىنىشچان ئىجادكار، كەشپىياتچىلار، ھارماس تۆھپىكار... لار. سېنىڭ مېھنەت دەريالىرىدا ئېقىشلىرىڭنىڭ ئۆزى بىر داستان، تەربىيەت رەستىلىرىدە ياراتقانلىرىڭ ئۆلمەس كىتاب، ياراتقان تۆھپىلىرىڭنىڭ ئۆزى مۆجىزە، ھاياتىڭ گۈزەل ۋادىلىق سۈزۈك شوخ ئېقىن، تۈگىمەس لىركىلىق مۇزىكا! ...
ئەي، سەھرا گۈزىلى، قۇياش ساڭا قاراپ كۈلىۋاتىدۇ، باھار شامىلى سېنى كۈيلەۋاتىدۇ، تەبىئەت، تەبىئەتتىكى جىمىئىي مەۋجۇدات ساڭا ھەۋەس قىلىۋاتىدۇ. كۈرمىڭ قەلىبلەر سەن ئۈچۈن يالقۇنلۇق گۈلخان، سەن ھەقىقەتەن گۈزەل! سەن گۈزەللىك ئانىسى!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئابدۇلىتىپئىمىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-22 19:11