ھەر بىر ئىنسان قۇدۇق كولىغۇچىدۇر
بۇ قۇدۇق ھەر يەرگە قۇرۇپ قويۇقلۇق
كولايمەن تىل گۈرجەكلىرى بىلەن
ئۇ يەرنى ھەم بۇ يەرنى
كولىسا بىر تېمىم سۇ چىقماس، قۇرۇق ...
باللىرىم سۇ ئىزدەپ كۆچتى باشقا ياقلارغا
مەنمۇ شۇ كۆچمەن چارۋىچىلىقتىن كەلگەن،ئوت ،سۇنى قوغلاپ
كۆچتۈم ،ئولتۇراقلاشتىم ،ساڭا يېقىن ئولتۇراي دېدىم
كېچىنىڭ شارقىرىغان جىملىقى ئاڭلىنىدۇ
سەھەر دېرىزىسىدىن ئالداش-ئالدىنىش مۇناسىۋىتىنى سېزىمەن
قازىمەن ،توپىنىڭ چۈشكۈنلىكىنى
قازىمەن ،سۇنىڭ ھەقىقىتىنى
قازىمەن ،ئىنسانىيەتنىڭ بەخىت-سائادىتىنى
قازىمەن ،قايتا-قايتا
بايامقىدەكلا
سۇنىڭ بولۇمسىزلىقىنى
ئەمەلىيەتتە ،ھەر بىر ئادەم قېزىۋاتقان ئوخشاش قۇدۇقنى
جانان، دېگىنىڭ سۇ دېگىنىڭ بولماي نېمە ؟
ئەي، ئوقۇرمەن ! بۇندىكىسى باسما قۇدۇق ئەمەستۇر
بۇ سۇنىڭ ئەنئەنىسى
ئەنئەنىسى بولغاندىمۇ ،دۇنيانىڭ قىرى ئانىسىدۇر
ئەي،كېچە ــ بىر قۇدۇقسەن
ئەي،چۈمۈلىخور ئوقۇرمەن تىلىڭنى يەنىمۇ چىقار
بۇ بوۋاقلارغا سۈت بەرگەن ئانا كېچىدۇر ...
غىلاپ ئېسىش ئەنئەنىسى
بوۋامدىن بوۋىسىنىڭمۇ پىچاق ئاسىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم
ئۇلار ئادەتتە پىچاقنى مېۋە-چېۋە سويۇپ يېيىشكە، مال-چارۋىلارنى بوغۇزلاشقا ،دوئىلغا چۈشۈشكە ئىشلىتەرمىش
ئۇلار ئولتۇرسا-تۇرسا پوتىسىغا چېگىلگەن پىچاق تەۋرىنىپ تۇرارمىش
يېنىدىن ئايرىمايىتتى ،دەيدىغان بوۋام
بوۋام ماڭا بىر پىچاق بەرگەن ،ئەمەلىيەتتە،بۇ ئاتا-بوۋامدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كەلگەن ئۇلۇغ ئەنئەنە ئىكەنلىكىنى تۇيماقتىمەن
ھالبۇكى ،بۇ پىچاق ئۆزۈمنىڭ قېنىمىنى تۆكۈشتىن باشقىغا يارىمايدىغاندەك ھىس قىلدىم
شۇڭا ،پىچاقنىڭ بېسىدىن گۇمانلىنىپ قالدىم ،قاشىرىپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى
تاشقا كۈچەپ بىلىدىم ،-دە ئۇپىراتقانلىقىنى بىلدىم
ئەمما ئۇنىڭ ئەسلى سوقۇلىشىدا مەسىلەر بارلىقىنى سەزدىم ،بىلەينى نەمدەپ تۇرۇپ بىلىدىم
ئاخىرى غىلاپقا قاراپلا تۇرۇپ قالدىم ...
ئولتۇرسام -تۇرسام غىلاپ تەۋرىنىپ تۇراتتى
پىچاق ئالماش غىلاپقا سېلىنىپ قالغاندەك تۇراتتى
ئەمدىكى مەسىلە ،بۇ غىلاپنىڭ ئەسلى پىچىقىنى تېپىپ سىمۋولنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئىدى
قاراڭغۇ كوچىلاردا پىچاقچىلار بىلەن كۆرۈشتۈم
ئاشۇ پىچاقنى تاپقۇچە ئۆزۈمنى ئۆلتۈرۋېلىشنىڭ ئىشقا ئاشمايدىغانلىقىنى سېزىپ تۇرىمەن
قاراڭغۇ كوچىلاردىن ئۇزاق ئايلاندىم
بوش غىلاپ تەۋرىنىپ تۇراتتى
ئەي، ئوقۇرمەن !ئۆلسەم ئەنئەنىنىڭ قولىدا ئۆلەي دەپ
بوش غىلاپتا ئۇزاق ياشاپ قالدىم ...
قاراڭغۇ يولۇچى
يورۇق بولاي
دەپ
قاراڭغۇدىن كەلدىم ...
ھەقىقەت شامىلى
ئەي،شامالدا شىلدىرلايدۇ رۇجەكلەر
ئاي نۇرىدا كارۋاتلارنىڭ ئۆز ئەكسى
يىغلاپ چىقار تاڭ ئاتقۇچە تۇن بالىسى
تەۋرىتىدۇ بۆشۈكىنى ئانىسى
ياردىن مەكتۇپ ئېلىپ كېلەر شاماللار
كۆزلىرىدە ھارغىنلىقنىڭ بەلگىسى
كونۋېرتلارئاچالمايدۇ يارىسى
يامغۇر بولۇپ تۆكۈلىدۇ نالىسى
بۇ شامالدا قىمىرلايدۇ جانلىقلار
ئېچىلغۇسى كېلەر ھەتتا باھارنىڭ
يۈزلىرىنى يۇغىسى بار سەھەرنىڭ
ياردىن خەۋەر بىلگۈسى بار ھەر كىمنىڭ ؟...
بۇ شامالدا كۈتۈش پەسلى ئۇزاقلار
چەشلىرىمنى ئېلىپ چىقتىم شامالغا
بۇلۇت كېلىپ يەنە قالدىم يامغۇرغا
ئۈمىد باغلاپ، كەلمەيدىغان جانانغا ...
چېچەك يامغۇرى
ئاھلىرىم ـ-چاڭ -توزان
كۆز يېشىم ــ نەملىك
مۇھەببىتىم ـ-بۇلۇت
چۆكۈشۈم ــ يامغۇر كارۋىنى
ئۆرلىشىم ــ ئاپتاپ
لېۋىم ــ چېچەك
بوغۇزۇم ــ مېۋە
نەملىكنى كۆرسىلا چېچەك تۆكۈلگىننى تىتىيمەن
ئۈزۈم ھارىقى ئويغاندى
دېرىزەمگە چېچى چاپار
سەۋدارىلىرىم يىقىلغان كېچە
ئەمالار يولىدا ھاسىدىن ئارتۇقى يولۇقماس
يامغۇر كىشنەر ...
ھەر سۆيگۈ ــ ئاداققىچە ياشاش دېمەكتۇر
سۆيۈشكە ئامالسىز قالدىڭمۇ ؟
بۇنىڭدىن ئۆزگە سۆيۈش بولماس
داۋاندىن ئاشالمىدىڭمۇ؟
بۇ تېخى داۋاننىڭ ئالدىنقىسى
سۇمرۇغنى كۆرەلمدىڭمۇ ؟
سەن ئۆزۈڭ بىر سۇمرۇغسەن ،بۇ تۇيمىدىڭمۇ ؟
ھەر سۆيگۈ ــ ئاداققىچە ياشاش دېمەكتۇر
ئۈزلۈكسىز ئۆلۈپ چىقىدىغان
ئەي،ھېچكىم ،بۇ بىھۇدىلىككە نېمە دەيسەن ؟
ئۆلۈۋالىمەن دېگەن قانداق گەپ ئۆزى ؟
ئاللىبۇرۇن ئۆلۈپ بولغانلىقىڭنى تۇيمىدىڭمۇ؟
ئۆزۈڭنىڭ گۆر كولاۋاتقىڭىنى سەزمىدىڭمۇ،سۆيگۈنىڭ ؟
ئەتە ئەتتىگەن
ئەتە
ئەتتىگەن
تۈرمىدىن چىقىپ
ئۆيىگە قايتىدۇ
كېچە
بىر ياكى ئۈچ
ئۈچ كىشى ئۈچ تۈپ دەرەخ ئارا ئۇخلايدۇ
ئۈچ تۈپ دەرەخ ئۈچ كىشىنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ
ۋە ياكى سايىدايدۇ
بىر شامال ئوخشىمىغان ئۈچ ئۇسسۇلدا دەرەخنى تەۋرىتىدۇ
ھەر تەۋرىنىشتىن ،ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۈچكىزەك ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىدۇ
ئەمەلىيەتتە ،ماھايىتىگە چۆكسەك ھەممە نەرسە ئۈستىمۇ-ئۈست چۈشۈپ ئېشىپ قالىدىغىنى بىرسەن
بىر دەرەخ
بىر ئادەم
بىر شامال ...
تۈن چوققىسى
پادىچى بالا مەشرەپ چۆلىدە قويلىرىنى يۈتتۈرۈپ قويدى
ئۇ ئۇخلاپ ئويغانغاندىن كېيىن ،بۇ ئىشنىڭ قانداق يۈز بەرگەنلىكىنى ،قويلارنىڭ قەيەرگە يىتكەنلىكىنى بىلەلمەي قارا تەرگە چۆمۈلۈپ كەتتى
ئۇ يىغلاپ كەتتى
ئەمدى ئۆزىنىڭ قاي تەرەپتىن كەلگەنلىكىنىمۇ پەرق ئېتەلمەس بولۇپ قالغان ئىدى
دۇنيا ئايلىنار ئىدى ...
شىمالغا ماڭدى مىڭ بىر كېچە
جەنۇبقا ماڭدى مىڭ بىر كېچە
شەرققە ماڭدى مىڭ بىر كېچە
غەربكە ماڭدى مىڭ بىر كېچە
ھالبۇكى ،ئۇ يول تاپالمىدى
ئۇسسۇزلىقتىن ماغدۇرى قالمىدى ،قاقشىدى ،يىغلىدى ،ئۆلۈپلا قۇتۇلىشنى ئويلىدى
كېيىنكىسى ،ئازراق شامال
ئاندىن قۇيۇن
ئۇ كۆزىنى يۇمدى
خىلىدىن كېيىن ئۆزىنى تۈننىڭ قۇچىقىدا ئەللەيلىنىپ ياتقانچە كۆردى
شۇندىن كېيىن ،ئۇ تۈن غارىدىن چىقماي ئىبادىتىنى داۋاملاشتۇردى
پادا،قايتىش ،تۇرمۇش ۋە يەنە باشقا نەرسىلەر ھەققىدە قايتا ئېغىز ئاچمىدى
پەقەت غاردىكى بۇلاقتا كۆيىۋاتقان ئۆزىنى كۆردى
كۆردىكى ئۆزى بىر ئەينەك ...
قارا ھەرە ۋەياكى جانان
گۈللۈكتە بېشىمدىن ئاق قۇشقاچنى ئۇچۇرغاچ ئارام ئېلىۋاتاتتىم
ئەمما بىر تەشۋىش بار ئىدى ئوغرىدەك ياكى ئىيىقتەك
ئۇنىڭ كېلىدىغانلىقىنى شۇنداق بىشارەتلەيىتتىم
چۈشكە يېقىن بىر يەردە ئولتۇردۇم ،قۇلىقىم تۈۋىدىن ئۆتتى
كۆز ئالدىمدىن ئۆتتى
ئاندىن لېۋىمگە قاراپ ئۇدۇل ئۇچۇپ كەلدى
ئىككى نەرسە ئۇدۇلمۇ -ئۇدۇل سوقۇلسا زەخمىلىنىش بولمايدۇ دەپ كىم ئىتالايدۇ ؟
بىراق مەن ئۇنىڭغا چاپلىشىپ قالدىم
مەن ئۇنىڭ قانىتىنى كۆيدۈرمىسەممۇ دائىم مەن بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى تۇيۇپ قورقۇنىشىم ئاز-تولا پەسەيگەندەك بولدى
گۈلنىڭ تولغاق ئازابىنى ئويلان
خالىغانچە جېنسىي پاراكەندىچىلىكنى ئويلان
كېچىنىڭ تېگىدە يۈرگۈچى نىشانسىز يولۇچىلارنى ئويلان
بۇ يەرنى ھەم ئۇ يەرنى ئويلان
بىگۇناھ ناتىۋانلارنىڭ ئاھىنى ئويلان
ھەممىنى ئويلان
ئەي،ئويچى قۇش سېنى سەرگەردان قىلغىنى مۇھەببەتتۇر
ئەي،ئۆلۈك قۇش سېنى ئۆلتۈرگىنى ئويدۇر ھەمدە ئازدۇرغىنى
ئەمدى قارا ھەرىنىڭ بىشارىتىنى ئويلان
بېشىڭدىن ھىلىقى ئاق قۇشقاچ تولۇق چىقىپ كەتكۈچە بۇ ئازابدىن قۇتۇلالمايدىغانلىقىڭنى تۇيغانسەن،-ھە؟
گۇگۇم پەسلى
ئانام پىياز ئاقلا ،دەپتۇ ئۇكامغا
ئۇ پىچاق بىلەن پىياز كۆتىكىنى كېسىۋەتكەندىن كېيىن
بىر قەۋەت ئاقلاپ ،يۈمشاپ قالغاندەك بىلىنىپ يەنە ئاقلاپتۇ
ھەر قەۋىتىنى ئاقلىغاندا ،تىرناقلىرى ئاغرىپتۇ
ئاندىن ئۇ ئىچىدە قانداق نەرسە بارلىقىنى كۆرمەكچى بولۇپ تولۇق ئاقلاپ چىقىپتۇ
ئاخىرى ...
پىيازنىڭ ئۇرۇقى ئىچىدە بولماي قانداقسىگە سىرتىدا ـــ نەيچىسىدە بولغاي ؟
دۇمباققا قەسىدە
تىرىدىن ئۆتتۈڭ
ئىچىڭنى ئويۇپ تاشلىدۇق
يارىڭ ئۈچۈن تاياق يېدىڭ بىر مىڭ ئالتە يۈز
ئۈنلەپ بارىسەن قارا تۇقماقتا ...
بۇلبۇل
ئەلمىساقتىن باشلاپ نامىڭنى ئاڭلاپ كەلدۇق
غايىپ باغلاردا مۇڭلۇق سايرىشىڭنى ئاڭلىدۇق
ھالبۇكى ،جامالىڭ سەھەر ئىستىكىدە قۇرۇغان گۈل
قان قۇسار قەبرەڭ ئالدىدا نامازشام گۈل
ئەينەكتىكى ئادەم
سەن ئەزەلدىن ئەينەككە قاراپ باقمىغان
ھەتتا ،ئۇنى سۈرتۈشنى ئۇنۇتقان
مانا قارىماقتىسەن ،قايتا-قايتا سۈرتۈش بىلەن
ئۆزۈڭنى كۆردۈڭ
قارىغانسېرى ئۆزۈڭگە مەپتۇن بولدۇڭ
ئەمدى ئۆزۈڭدىن باشقا بىر نەرسىنى كۆرەلمەيسەن
دېمەك ،كۆرگىنىڭ مەن
پەقەت ئەينەك ئالدىدا بولغىنىڭدا كۆرىدىغىنىڭ مەندىن باشقىسى ئەمەستۇر .
ھايات باشقا جايدا
تەما تاۋكاسىدا ئاتقان ئوشۇقىڭ تەتۈر چۈشۈپ ،ھەممە بىساتىڭدىن ئايرىلغىنىڭدا ،توپىنىڭ چۈشكۈنلىكى ئېسىڭدىن كەچتىمۇ ؟ئايلانما ئات ئويۈنىدىن بىزار بولغان ،ئەھدىلەرنىڭ تۇتۇمسىزلىقى ئالدىدا قەقنۇس رىۋايىتىگە قول بەرگەن ،خورازنىڭ سەھەردىكى مەغلۇبىيىتى سېنى ياشاشقا ئامالسىز قويغان بىر ئاشىقمۇ سەن ؟كەل ،ھايات باشقا جايدا .
قوينىڭ پىچاق ئالدىدا تىپىرلىغىنىنى كۆرگەن بولغىيدىڭ ؟! ئۇنىڭدىن شەپەقسىمان قانلار ئۆركەشلەپ ئاققاندىمۇ ،چىڭ چۈشەلگەن پۇتلىرىنى مىدىرلىتىشىدىن قانداق ھىسياتقا كەلگەن بولغىيدىڭ ؟كەل ،ھايات مېھرى باشقا جايدا .
قورسىقىڭ ئاچ .كۈتۈش ئەۋجىدە سۆيگۈنۈڭ كەلمەس بەلكى .بەزدىڭ ئۈمۈدتىن ئېھتىمال .كەل ،ھايات باشقا جايدا .
دوپپاڭدا لىققىدە جېگدە ،ئالداش -ئالدىنىش مۇناسىۋىتىدە ئاناردەك يېرىلدىڭ .چىشىڭدا غەزەپ ۋە قان دېغى .كۆكسۈڭدە ماگما ،پۇرۇقلار تۇزسىز تائامدەك .ئۇنداقتا قېنى يۈر !ھايات باشقا جايدا .
ھاراق ئېچىپ باقتڭ؛تاماكا چېكىپ باقتىڭ ،ھەتتا تولا ئويلاپ ئەخمىقانە خىياللارنى ئېسىڭدىن ئۆتكۈزدۈڭ .دەريا بويىدىن نەچچە قايتىپ كەلدىڭ ؛دورىغا قانچە مۇراجەت قىلىشنى ئويلىدىڭ ؛دەرەخكە ئېسىلىپ باقتىڭ .سېنى كۆتۈرەلمەي سۇنۇپ كەتتى تالاي ئاچىلار .ھەسرەت تاماكا ئىسىدەك بوينۇڭغا يۆگەشتى .سېتىشقا ئېلىپ ماڭغان پاقلاندەك بوينۇڭدا سىرتماق ،كەينىگە سۆرىلىپ باقتىڭ ،ئامالىڭ قانچە ؟ كەل ،يىپيېڭى ھايات سېنى كۈتۈپ تۇرىدۇ .ھايات بۇ يەردە ئەمەس باشقا جايدا .
ئۆيدىن چىقىپ كەتتىڭ ئۆزۈڭنى ئىزدەپ .تاپالمىدىڭ مۈشكۇلاتتىن باشقىنى .قاقشاشتىن ،زارلاشتىن چېكىندىڭ .ئىچىڭگە سۆزلەيدىغان بولۇپ قالدىڭ .تاشتا ئولتۇراقلاشتىڭ .كەل ،ھايات مۇشۇ جايدا...
كېچىگە تەۋە
سەپەر ئۇزۇن
بوغۇزۇمدا پۇلاڭلاپ تۇرغان قوللىرىڭ
كېچىگە تەۋە
تۇغۇلغاندا ئۆلۈك ئىدىم
ماڭدىم توزغاقتەك
تەۋرىنىدۇ سومكامدا بۇلۇت
كېچىگە تەۋە
كۆتۈردۈم
بېسىۋالدى ...
قاچتىم
قوغلاپ كەلدى سايىدەك ...
كېچىگە تەۋە
بۆرە ماركىلىق تاماكا
گۇگۇم ئۈزۈك ...
مەندىن چىقتىم
سەندىن كەچتىم
ئۇمۇ قالمىدى
كېچىگە تەۋە چېكەتكىدىن باشقىسى
تۈن ياغلىقى لەپىلدەيدۇ ئىچىمدە
ئېغىزىمنى ئاچار گۇگۇم ئانا قۇش
ئولجا ئىزدەپ سەكپارىمەن كېچىدە
دېرىزدىن ئۇچۇپ ئۆتسە چالا قۇش
يەر ئېغىزى ئېچىلغانچە قاراپ ياتار ئاسمانغا
كۈز ۋېلىسپىتى قوڭغۇرىقىنى جىرىڭلىتىپ ئۆتەر ئىچىمدىكى كوچىدىن
كىرستسىمان دوقمۇشلاردا باشلىنىدۇ مۇساپە
ئۇزۇن -ئۇزۇن
كېچىگە تەۋە
ئەينەك ئىچىدىكى جانان
...
ئىشىك چېكىلدى
تۈگمىلىرىمنى يەشتىم
ئىشىكىنى ئېچىپ قويۇپ ،كارۋاتتا كۆزۈمنى يۇمۇپ ياتتىم
تىۋىشلىرىڭنى سىزەتتىم
ھاياجاندا ئوت قويىۋىتەتتىم كېچىگە تەۋە ئوتلارنى
يېڭى تاڭ مۇشۇ يەردىن باشلىنىشنى ئۈمىد قىلاتتىم ...
ئەپسۇس،بايىلا كۈلداندا ئۆزۈمنىڭ ئولتۇرغانىلىقىمنى كۆردۈم
ئەسەبىي مەسىتلىكتىن كېيىن كۆزۈم تۇتۇلۇپ قالدى
شامالدا تەۋرىنىۋاتقان گۇگۇم دېرىزىسى
كاۋاك شامال كۆتۈرۈپ كەلگەن پوسۇلكاڭ ئىدى
ئادېرىسىڭنى دېمەپسەن
نامىڭنى قانداق چاقىرىمەن ؟
مەن چۈشۈمدە كۆرگەن ،ئەي، جانان
سېنى ھەر ۋاقىت كەلسۇن دەپ
كېچىگە قوشنا چۈشلەرنى كۆردۈم
كېچىگە توقۇلغان ئېتىمنى كېچىگە چاپتۇردۇم
سەپەردە ماكانلاشتىم ...
ئورنۇم قەيەردە سېنىڭ ؟
تومۇرىمدا ئېقىۋاتقان سېنىڭ قېنىڭ ئىكەنلىكىنى ھىس قىلغان كۈنۈم زادى قانداق كۈن بولغىيىتتى ؟
شۇ كۈنى ئۆزۈمنىڭ يېتىم بالا ئىكەنلىكىنى تۇيغان ئىدىم
ئاناڭ سېنى تاشلىۋىتىپ ئىچىگە كىرىپ كەتكەن ،دېگەن بىرسى ماڭا
سېنى ھەر يەدىن ئىزدىدىم
ئۇچۇرىڭنى ئالدىم ،ھالبۇكى سېنى ئىزدەپ بارسام سەن ئۇ يەردە يوق
كۈتىمەن ھەمدە ئىزدەيمەن
كېچىگە تەۋە ئەمچەكلەردىن سېنى سورايمەن
سەندە ياشايمەن
ئۇزۇن ۋە چوڭقۇر
تاڭنى چىللايدىغان كۆكسۈڭگە،ئانا !...
ئويچى غەزەللىرىدىن تاللانما
1
تومۇرىمدا ئىشىلگەن تاق تارىسەن
كەل دېسەم كەلمەيىدىدىغان ،ياق ،يارىسەن
چۈشلىرىمنى جۆيلۈشلەرگە ئايلاندۇرۇپ
كۆزلىرىمنى ئاچسام شۇئان ئاق نالىسەن
پىيالىگە تۆكتۈم شاراب ئېچتىم كېچە
ھەمسۆھبەت بولماس قانداق ساقىسەن ؟
تۈن ئېتىزىدا ئىشلەپ ئۇزاق ھاردىم تۈگەل
ئەي، ئويچى مۇددەتسىز ئويغا مەھكۇم بەندە سەن ؟
2
باغقا كىردىم باغدا بۇلبۇل سايرىدى
تاغقا چىقتىم تاغدا يولۋاس ھوۋلىدى
باغ ئارا ،گۈللەر ئارا ،باغدا سۆھبەت قىززىدى
كاككۇكى زەينەپ ئارا مۇنداق نالە ئەيلىدى :
بىللە سەپەرگە چىققان ئىدۇق ئۆز ۋاقتىدا
ئۈزۈم ھاراق ئۇنتۇلۇپ ياندىم شۇئان ئارقىغا
كەلسەم نىگارىم بىر يەردە يوق
ھېچيەرگە بارسام ئولتۇرارمىش غەمگە تولۇپ
تۈنگە قاراپ كۆزلىرى كور بولۇپتۇ
تۈنگە مېڭىپ پۇتلىرى توكۇر بولۇپتۇ
تېنىمۇ يوق ،روھىمۇ يوق ،ئۆزى قۇرۇق
كۈن ئىشىكى يېپىلغانمۇ ،تۈنگە ئوچۇق ...
ئىككىمىز بىللە بولدۇق ھەر تۈنى
كاككۇك-زەينەپ ئاتالدۇق شۇندىن بىرى
ھەر باھار چېچەكتىن بەردۇق خەۋەر
يامغۇر يېغىپ تاڭدىن دائىم قالدۇق بىخەۋەر
ئەي ،ئويچى شۇنداق بىر ئويچى قۇشسەن
ئوي بىلەنلا ئاۋارىسەن ، بىدارىسەن
ئوي ئىشىكىنى چەككەن كىشى ساق قالمىغاي
مەنىسىزلىك گۈللىرى ئېگىز ،چوڭقۇر ئېچىلغاي
ئويدىن چىقماق بولساڭ ئەي، ئۆلۈك
ساڭا تاڭلار ،بەخىت ئىشىكى مەغرۇر ئېچىلغاي ...
3
قوڭغۇزلار يەر تەشكەندە مەن ئۇلار بىلەن ئوينايىتتىم
ئوي شوخىلىرىنى ئۇلارنىڭ قانىتىغا سانجىپ ،بوز يەرلەرنى ئاغدۇراتتىم
ئۇلار تەرلەپ -پىشاتتى ،پۇتلىرى سۇنۇپ كېتەتتى ،كۆزلىرىنى چىڭ يۇمۇپ جان-جەھلى بىلەن ساپان سۆرەيىتتى
ھالبۇكى ،بىر شامال بىلەن مېنىڭ يەرلىرىمنى مۇخلىق،قۇمۇشلۇق ،چىملىق ئورىۋالاتتى
يەنە سۇ تۈگمىنى ياساپ ئوينايىتتىم .بوز يەرلىرىمنى سۇغىراتتىم
ئەپسۇس، پارلىنىپ كېتىپ ،مەن ئىرىشىدىغىنى چۆل بولاتتى
سۇغا چۆمۈلۈپ ئويناپ راھەتلىنەتتىم .سۇدىن چىقساملا قۇرۇپ قالاتتىم
شۇڭا سۇدىن چىقمايىتتىم ،ئانام مېنى بىلىق بالام دەپ ئاتايىتتى
لەگلەك ئۇچۇراتتىم ،شاماللار شوخلۇق بىلەن يىپلىرىمنى ئۈزۈۋىتەتتى -دە
قاياققىدۇر ئۇچۇرۇپ كېتەتتى .كەينىدىن قوغلايىتتىم
تا ھازىرغىچە شۇ مەغرۇر جاناننى قوغلايمەن ...
چېكەتكە سوقۇشتۇرۇپ ئوينايىتتىم
بىر چېكەتكە بەك شوخ ئىدى .ئېغىزىمنى ئېچىپلا قالاتتىم ،ئۇ بىر سەكرەپلا ئېغىزىمغا كىرىپ كەتتى
تۈندە چىرىلدايمەن ،قايىتىپ چىققىنىنى بىلمەيمەن ...
ئىچىمدە بىر بىليارتخانا بار ئىدى
ھەر كېچە بىر جانان بىلەن مۇسابىقىغە چۈشىمىز
سەككىزىنچى نومۇرلۇق تاش تا ھازىرغىچە يىپىق
...
ئوينىڭ ئىككى قانىتى
سۈكۈت بىلەن سۆزنىڭ كېسىشمە يۈزىدە ئوينىڭ تەنھالىقى بولىدۇ
ئوينىڭ تەنھالىقىدا جانانىڭ ئۇچۇرى بولىدۇ
جاناننىڭ ئۇچۇرىدا پوچتىكەشنىڭ سەۋەنلىكى بىلەن بىللە پوسۇلكىنىڭ يەڭگىللىكى بولىدۇ ...
سۈكۈت بىلەن سۆز كېسىشكەندە كارۋىتىڭدا بىر قىز ئۇخلايدۇ
ئىچىڭدە ھەر نېمىلەرنى ئويلاپ كېتىسەن بىراق ئېغىز ئېچىشقا پىتىنالمايمەن
سۆزلىدىڭ يوقالدى
ھەتتا كارۋاتتا ئۆزۈڭنىڭمۇ يوقلىقىنى سىزىسەن
ئۆزۈڭنى ئىزدەيسەن
جىلە بولىسەن
چارچاشلار ئارا ئۇخلايسەن ،چۈشۈڭدە يەنە شۇ قىز نىرى بولمايدۇ
غايىپ قىز بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزىسەن
يەنە سۈكۈتكە چۈمىسەن ،كىملىكىنى بىلمەكنى ئىستەيسەن
شۇ بىئارامچىلىقنى بېشىڭدىن چىقىرۋىتەلمەي ،يا رېئاللىقڭدا ئۇ قىزنى كۆرەلمەي چۈش بىلەن رېئاللىق ئارىسىدا ئۈزۈكتە ئويغىنىسەن
ھەم سۆزلەيسەن ھەم سۈكۈت قىلىسەن
ئۇلار كېسىشكەندە مۇقەددەس جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزىسەن
ئەي، تېرەكنىڭ كاۋىكىدا تۇغۇلغان
تېرەكنىڭ قۇرتلىرى چاپلاشقان
تۆمۈرتۇمشۇق قەيەردىسەن ،ئەي ،جانان؟
سۈكۈت بىلەن سۆز كېسىشكەن جايدا سەندىن باشقىسى بولمايدۇ
ئەي،كافكانىڭ قەلئەسى
ئەي،ئورپان پامۇكنىڭ يېڭى ھاياتى ...
دېمەك،سەندىن باشقىسى بولمايدۇ
ئوتوپىيە شەھرى
بۇ شەھەرنىڭ نەدىلىكى بىلمەيسەن
ئەمما بەك گۈزەل دەپ تەسۋىرلىنىدۇ
شۇ يەردە ياشىغۇڭ كېلەر ،ھەمدە چۈش كۆرىسەن
قەدىمدىنلا شۇ يەردە ياشىغاندەك
مەن سېنىڭ ئۇنىڭسىز ياشىشىڭنى تەسەۋۇر قىلالمايمەن
ئىستىخىيە دەرىخى ئاستىدا ئولتۇرۇپ كىتاب كۆرۈۋاتقىنڭنى كۆرگەن ئىدىم
ئەمدى ياشىماقتىسەن باشقا بىر يەردە
كېچە تەسۋىرلىنىدىغان بۇ شەھەردە ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سەمەندەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-14 17:38