يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: سەمەندەر

سەمەندەر:نەپەسلەندۈرۈش نەيچىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-4-30 19:27:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش




قايتىش


ئىچىڭنى ئەينەككە قايتۇر
ئەينەكنى ھەقىقەتكە قايتۇر
ھەقىقەتنى ئەماغا قايتۇر
ئەمانى تۇيغۇغا قايتۇر
تۇيغۇنى شائىرغا قايتۇر
شائىرنى شەيتانغا قايتۇر
شەيتاننى تىلغا قايتۇر
تىلنى سۆزگە قايتۇر
سۆزنى ھېچنېمىگە قايتۇر
ھېچنېمىنى ئىچىڭگە قايتۇر...



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەمەندەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-30 19:27  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-4-30 19:28:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش






سەن بىلەن مەننىڭ ئارىسىدا


ئادەم تۇرمۇشتىن ئايرىلالمايدۇ
تۇرمۇش ئويدىن ئايرىلالمايدۇ
ئوي سۆزدىن ئايرىلالمايدۇ
سۆز گۇماندىن ئايرىلالمايدۇ
گۇمان شەيتاندىن ئايرىلالمايدۇ
شەيتان سەنئەتتىن ئايرىلالمايدۇ
سەنئەت ئادەمدىن ئايرىلالمايدۇ...



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەمەندەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-30 19:28  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-4-30 19:29:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش





ئۇسسۇل



بىر قېتممۇ ئۇسسۇل ئوينىمىغان كۈنىمىز ئۇتتۇرغانغا ھىساب.
ـــــــ فىدرېخ نىچشى


تەنھالىقنى ئومۇملاشتۇرار ھەمدە تۇزسىز بىدىلەرنى تېرىپ كېلەر
ئومۇملاشمايدىغان ھەم تەرمەيدىغان بىر كۈنىمىز يوق
كېچىدە يېشىنەر ھەمدە بوسۇغىدىن پۇتىنى چىقىرالماس
يېشىنمەيدىغان ھەمدە چىقىرىرالايدىغان بىر كۈنىمىز يوق
كىرپىكلەردە ئولتۇرار ھەمدە تاڭ توخۇسىنى چىللار
ئولتۇرمايدىغان ھەمدە چىللىمايدىغان بىر كۈنىمىز يوق
سۆزنى چىلار... ھەمدە بەتتام يېزىقلارنى كەلتۈرەر
چىلىمايدىغان ھەمدە كەلتۈرمەيدىغان بىر كۈنىمىز يوق
پەلەمپەيلەردە ئۇسسۇل ئوينار ھەمدە پۇت- قولى كەلمەس
ئوينىمايدىغان ھەم كېلىدىغان بىر كۈنىمىز يوق
ئەستە ئولتۇرار ھەمدە شېئىرىيلىققا باشلار
ئولتۇرمايدىغان ھەمدە باشلىمايدىغان بىر كۈنىمىز يوق...




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەمەندەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-30 19:29  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-4-30 19:30:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


تاڭدىكى ئايال


مەۋجۇدىيەتچىلىك بىر خىل ئىنسانپەرۋەرلىكتۇر .
ـــــ ژان پائول سارتېرى



تىلىم ئاق بايراق ساڭا ئەل بولغاندىكى
سېنى سۆزلەش ئۈچۈن ئايرىلىشىم كېرەك ئۆزۈمدىن
ساڭا بېرىش ئۈچۈن ئەمالار يولىنى تاللايمەن
ئەي، كۆرسىتىلگۈچى ئايال
ئۆزۈمنى كېسىپ ئۆتۈپ ،ئۆزۈمگە تەۋە بولمىغان مەۋجۇدىيەت ھەققىدە سۆزلەيمەن
ھەمدە مەھىيىگە لايىقسەن
زۇلمەت قۇياشىڭنى ئورتاق بىغىشلايدىغان
تەنھالىقنى ئۇزارتقۇچى ئايال ...


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەمەندەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-30 19:30  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-4-30 19:31:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


خالىغان غەزەل


مېنى ئازغۇن چېكەتكە دېيىشىدۇ
مېنى ئۈمىدسىز ناخشا دېيىشىدۇ
مېنى غەيىپ تاماكا دېيىشىدۇ
مېنى ھەر نېمە دېيىشىدۇ ...
ئەي، ھېچكىم! مېنى خالىغانچە چىرىلدا
مېنى خالىغانچە ئوقۇ
مېنى خالىغانچە چەك
مەن خالىغان ئاشۇ كەبىنى
كېچىگە ئۆرلەيدىغان ئاشۇ ئاۋاز شۇ ...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەمەندەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-30 19:31  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-4-30 19:32:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


پەيىت


بىلىقلارنى كىم ئەركىن دەيدۇ ؟
ئەركىن ئەمەس ئۇ
قۇشلارنى كىم ئەركىن دەيدۇ ؟
ئەركىن ئەمەس ئۇ
ئەي ،ئىچىمدىكى دۇنيا
ئەمدى ئۇچۇش پەيتى
ئەمدى ئۈزۈش پەيتى ...


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەمەندەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-30 19:32  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-4-30 19:33:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



يوقلۇق مەڭگۈ تېشى



«تاڭ»نى كۈتۈپ كۆز توپىغا ئايلاندى
تەننى چاڭ-توزان ئارىسىدىن پەرىق ئېتەلەمسەن ؟
روھنى كۈندۈزدىكى جانانلار ئېلىپ كەتتى
كېچە ئەتىرگۈلى ئارىسىدا «مەن»،«سەن »ۋە «ئۇ »ئارىسىدىن مېنى پەرىق ئېتەلەمسەن ؟
ئاق پاراخۇت كېچە يورۇقىدا قىرغاق دەپ ئاتالغان سەھەر پورتىدا
كىتاب بېتىنى ئۆرۈشكە ئامالسىز شامالدەك ،بۇرۇلۇش نوقتىسغا
سۇ ئاستى كېمىسىدەك چۆكمەكتە
كېچە تاماكىسنى ئاق قەغەزگە ئورىدى
لېۋىڭنى ئۈزاق شورىدىم ،جانان
لېۋىم بوسۇغىنىڭ بۇ تەرىپىدە ،ئىستەيمەن كۈللەر ئارا ئۆزۈمنى كۆرسەم دەپ
بۇنىڭ نېمىشقا ئورتاق كېچە دەپ ئاتىلىدىغىننى بىلەمسەن ؟
تالادىكى ئايالىم بىلەن ئۆيدىكى ئايالىم ئوخشىمايدۇ
بۇنىڭ ئەمچىكىدە يامغۇر ،ئۇنىڭ ئەمچىكىدە تۇمان
بۇ ئەخلاقلىق ،يوللۇق،يورۇق،ئۇ شاللاق ،پاھىشە،تەنھا ،
بۇنىڭ ئىسمى بار ،ئۇ ئىسىمسىز
بۇ تالاغا قاترايدۇ ،ئۇ ئىچىمگە
بۇ ئۆيدىكى ئايالىمنى كۆرەلمەيدۇ ،ئۇ تالادىكى ئايالىمنى مەنسىتمىگەندەك كۈلۈپ قويىدۇ
كېچىنىڭ چېچىنى تاراپ ئولتۇرۇپ تارغىقىمغا چىققان ئۈزۈك چاچلارنى «بالام»دەيمەن
مەن غارغا قاراپ :سىم سىم ئىشكنى ئاچ ،
دېگەن ۋاقىتىمدا ھەم ئۇ تەرەپتە ھەم بۇتەرەپتە كېچىلىنۋاتقان قوڭغۇزلارنى كۆردۈم ،ئۇلارنىڭ قوڭىدىن چىققان مازغاپلاردا بولسا ئەسنىڭ بەرگىدە ئېچىلغان شەبنەمنى كۆردۈم ،شەبنەم لىچىنكىلىرى ئاقلىقنى قۇسۇۋاتاتتى ،بارماق ئۈزۈك ئىچىدە قىسىلغاندەك .
كېچە ھورداقخانىسىدا ئاققان تەن سۇسىزلىنار ھەمدە تۇزسىز
روھىم قەبرىدەك تىنىچ
ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مەجھۇل ئايالنى ئويلايمەن
ھەمدە سۆزلەر ئارا ئانانىزىم قىلىمەن
گاچا تىلم بىلەن
مەڭگۈ تاشقا پۈتۈلگەن سۆزلەرنى ئىشارە قىلىمەن






بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەمەندەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-30 19:33  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-4-30 19:35:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



كېچىگە كىرىدىغان ئىشىك




كېچىگە كىرىدىغان ئىشىك بار تەنھالىقنىڭ ئىچكىرىسىدە
ھالبۇكى تەنھا ئەمەسمىز
كېچىدىن چىقىغان ئىشىك يېپىقلىق ھالەتتە ...
كېچىنىڭ بەھۇزۇر قۇلىمىز
كېچىنىڭ ئىرىقىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىدىغانلارنى ئادەم دەپ ئاتاي دېسەم
بىر تالاي كېچىگە كىرەلمەيدىغانلارنىڭ بار بولۇشىدىن ئەنسىرەيمەن ...
ئۇلارغا بىردىن كارۋات تارقىتىپ بەرگەچ
تېنىمنى رەڭدار قۇشلارغا بۆلۈپ بەردىم
روھىمنى مەندىن يىراقلاشتۇرغاچ
كېچىلىك ئىبادىتىم ئۈچۈن يۈرۈپ كەتتىم



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەمەندەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-30 19:35  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-4-30 19:36:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



مەن ئىشىكنىڭ ئۇ تەرىپىدە


تۆت كوچا ئېغىزىغا تاشلاپ قويۇلغان
ھەمدە شۇ يەردىن باشلانغان مېنىڭ تاللىشىم
يول...
تاختىلىرىنى ...
كىم ...
ئورناتقان ؟
يولنىڭ لېۋىدە ئاق
تۈگۈلگەن يوللار زامان كارۋىتىدا ھامىلدار
ئەي،مەن قارانچۇق
كۈز باشاقلىرى ئاستىدا،بايرىقىمنى لەپىلدەتتىم
قىزىل تىلىمنى
قارا تېنىمنى
ئاق روھىمنى
كېمىلەر خازان ،قارا چۈمۈلىدە
يازپىشماقتا
سارغۇچ ياز
ئەي،مېھمان زامان بوسۇغىسىدائولتۇرغاندا كىمنى كۆردۈڭ؟
مەن بۇ تەرەپتە ئەمەس
مەن ئىشىكنىڭ ئۇ تەرىپىدە


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەمەندەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-30 19:36  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-4-30 19:37:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئىچكى كۈنلۈك




ئۇرۇقىمنى ساڭا ھەدىيە قىلدىم ،ئەي ئايال
ھاسىراۋاتقان كۈنلۈك دەستىسىدىن چۈشىۋاتقان ئاشۇ تامچە نۇرلارنى
ئۇرۇقىمنى ساڭا ئاتىدىم،ئەي يوقلۇق
كۈنلۈك ئاستىدىكى ئاۋۇ تەنھالىقىمنى






بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەمەندەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-30 19:37  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-4-30 19:38:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



ھەزىمخانا



ھەزىم قىلىش ــ ئاسمىلاتسىيە مەشغۇلاتىدىن دېرەك بېرىدۇ
ئەمدىكىسى ماڭا يات سۆزلەرنى
ئارىيەت ئېلىش،ئاۋۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش
سۆز ــ مەنە ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچىدۇر
ئاۋۇ تېكىستلەرنى چىراغ نۇرى ئاستىدا كۆرەلمەيسەن
سايە دەپ ئاتىلىدىغان ھەم ئاتالمايدىغان نۇرغۇن سۆزلەر بار ...
ئىچىمدىكى قەھۋەخانىدا ئولتۇرۇپ
ئاۋۇ سۈت ۋە بولكىنى تىڭشا ،جانان
بۇ ئادەم ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئەزا ئەمەس
مانا بۇ تەنھا سەپداشلار ...





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەمەندەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-30 19:38  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-4-30 19:39:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش




گەپتىن پەرىز تۇتۇش



گەپ بىلەن سۆزنىڭ سىغىمچانلىقىدا پەرىق بولىدۇ
تومۇر شەكىلسىز قاراڭغۇ قەسىرگە ئوخشايدۇ
قان ئاھاڭغا كىرىۋاتقان سۆزلەردۇر
ئىما-ئىشارەت ئارقىلىق رېئاللىققا جاۋاب قايتۇرىمەن
پەرىشانلىق ئۇرۇقلىرى كۆيمەكتە...
ئىشىك مېنى گەپ قىلىشقا مەجبۇرلىماس بولدى
سۆز كارۋانلىرى كېچىدە يۈرمەكتە ...



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەمەندەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-30 19:39  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-4-30 19:40:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش




كېچىدىكى كۈز




كۈزنى كېچىگە كىرگۈزسەم
كېچىنىڭ ئېغىزى ئېچىلىپ قالار
قار بوۋاينىڭ ئويىدا ياشىسام
كىلەنىڭ ناخشىسى قۇم كۆلىدۇر
پۇتۇمنى ئەنجۈرگە كىرگۈزسەم
تىلىم تورت زىياپىتىدۇر
لېۋىمنى بۇلۇتقا كىرگۈسەم
قېنىم چۆرگۈندۇر
سۆز شايىلىرىغا ئورىنىپ تۇمانغا كىرسەم
كېچنىڭ ئېلغۇچلىرىدا ئاق ،سىرىق ...
تىلىمنى تاشقا كىرگۈزسەم
ئەپچىل ئورۇندۇققا ئايلاندىم
ئەي،سازەن كېچىنىڭ ئىلەڭگۈچىدە
سۆڭەكلەردىن نەي ئاۋازى چېقىلار





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەمەندەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-30 19:40  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-4-30 19:43:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


مەجۈن ھايات



كۆزۈم قارغۇلىققا يۇمۇلغان
تاپىنىم بۇلۇتتەك ئىغىرلاشقان ،قارا بۇلۇتتەك
ئەينەكتىن ئۆز ئەكسىمنى كۆرۈپ كۈلۈپ كەتتىم
ئۇخلاۋاتىمەن غىرىبلىقىمدا
تەنھالىقنىڭ چېتى چىدىغۇسىز ئۆلۈم بولغاندا
جەسەتلەرنىڭ تىلىنى يېدىم
تاملاردىن سويۇلىۋاتقىنى تەشۋىش ھاكلىرى
ھور مۇنچىسى .ئۆزۈمنى ئەركىن قويۇۋەتتىم
ئاۋۇ ئادەمسىز يوللار بۇرۇلۇش نوقتامغا يېقىندۇر
بۇرۇلدۇم تۆپىلىككە
چاۋىچى كۈز خازانلىرىنى ئوقۇۋاتاتتى
كۈز خازانلىرى ئىزلارنى ئوقۇۋاتاتتى
ئىز ئېقىنلارنى ئوقۇۋاتاتتى
ئېقىن ئوقۇۋاتاتتى ئامالسىزلىقنى ــ
بۇ ئامالسىزلىق ئالدىدائاۋۇ تۆپىلىكمۇ يوق ئىدى
تۈگمەن
بوغدايىلىق
ۋە بىر تاش بار ئىدى
كۆزۈمدىكى ئاۋۇ قاراڭغۇلىقتا




كۆپۈك



ساقىي ئالدىمىزغا قۇرۇق بوتۇلكىنى تىكلەپ قويۇپ
-قېنى كۆتۈرۈڭلار،-دېدى
مەستخۇشلۇق ئۆرلەپ چىقتى
مەنىسىزلىكتەك
شائىرلار تەنەپپۇس قىلىۋاتقاندا
يامغۇر ،ئۆتكۈنچى يامغۇر ،قارا يامغۇر ...
قاتتىق سوقۇلۇش ئىتقادىمدۇر
كەل،ئۆرلەپ چىقسۇن سۆيگۈ قىيامى !...







بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەمەندەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-30 19:43  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-4-30 19:44:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


زاھىد



تەشۋىش قۇشى قۇچۇشنى ئويلىسا
ئاسمان كۆتۈرەلمەس قاناتلىرىمنى


روھ قۇشى قۇچۇشنى ئويلىسا
قاناتلىرىم جەنۇپقا سەپەر قىلار


ئىككى قانىتىمدىن ئايرىلدىم
قۇش يۈرىكى ـــ سەپىرىم


ئەمدى نە سەپەر ، نە قانات بولسۇن!





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەمەندەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-30 19:44  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش