يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: سەمەندەر

سەمەندەر:نەپەسلەندۈرۈش نەيچىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-5-5 17:54:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



بوغۇزۇمغا ياغىدىغان يامغۇر بىلەن


سەھەردە  توختايدىغان ،كېچىگە ياغىدىغان
زىرائەتلەرنى تۆكۈۋىتىدىغان
تورۇسلاردىن ئۆتۈپ كېتىدىغان
ھەمدە كېچىنى لەشكە ئورايدىغان ...
قايغۇلىرىنى توپلاپ كېلىپ ئېتىكىمىزگە تۆكىدىغان
كۈنلۈكلىرىمىزنى سۇندۈرۋىتىدىغان
لەۋلىرىمىزدە مىچىلدايدىغان
كۆكسىمىزنى قاينىتىدىغان
توزانلارنى قوغلايدىغان
بۆرىدىن قۇتقۇزۇپ
يولۋاسقا تۇتۇلدۇرىدىغان
ئاندىن جىمجىتقىنە ئىچىمىزدە يىغلايدىغان
چاقماقلارنى كۆكسىمىزگە تاشلايدىغان
كۆزىمىزنى زۇلمەت بىلەن ئالماشتۇرىدىغان
ئاۋۇ كېچىگە يامغۇر ياغماقتا ...




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەمەندەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-5 17:55  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-5-5 18:18:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



لېۋىمىدىكى كۈز ئارقىلىق



پەرىشان بولىدىغان سۆزلەرنى
خاتىرلىگۈچى قوللارنى
لېۋىمدىكى كۈز ئارقىلىق
ئورتاق كېچىگە چىللايدىغان ئويمەن

گوياكى زۇلمەتنى
لەۋ كېچىسىنى
يار بېلىگە يىغىدىغان
ئومۇملاشمايدىغاننى ئومۇملاشتۇرىدىغان بىشەممەن

ئۆلۈم چېچىكىنى
ئاخىرقى نەپەس ئالماشتۇرۇشنى
داۋاملاشتۇرىدىغان
بىمارمەن ...

قان تېڭىنى
كارۋان يېزىقلارنى
ئۇدۇل ئاپىرىدىغان مەكتۇپلارنى
ئۇزارتقۇچى
تەنھالىقمەن


تۈن يىپىكىنى
بەڭباش تىللار بىلەن
چۇۋۇۋاتقان ...
تۇزكور مۈشۈكمەن



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەمەندەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-5 18:22  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-5-5 18:41:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


چۈش كارۋىتىدا ياشايدىغان



بىر ئايال بار ئىدى ،تىلى كەمتۈك ئىدى
مېنى كارۋىتىغا تىلى ئېچىلغاندا چىقىشىمنى بۇيرۇيىتتى

ئۇنىڭ ھۇجرىسىدا دۇنيانى ئاخىرلاشتۇرىدىغان بىر كىتاب بار ئىدى
مەن ئۇنىڭ تىلىنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتكەچ ،ئۇ كىتابنى ئوقۇماقچى بولدۇم


ئۇنىڭ تىلى پەقەت كېچىدە ئېچىلاتتى ،مەن كىتابنى ۋاراقلاپ ئاشۇ يەرگە كەلگەندە گۇگۇم چۈشەتتى
شۇنىڭ بىلەن ،مەن كىتابتىن قىيمىغان ھالدا ئۇنىڭ كارۋىتىغا چىقاتتىم

ھالسىزلىنىپ كېتەتتىم -،دە  تىل سۈيى ئېچەتتىم
ئەمدى كىتابى ئوقاي دەپ تۇرسام ،ئۇ يەنە كارۋىتىغا چىللايىتتى

ئەمەلىيەتتە بۇ چۈش ئىدى
كىتابمۇ ئايالنىڭ ئىدى

ئويغانسام ئۇ ئايال كىتابنى تاڭغا تاشلاپ قويمەن دەۋاتقان...
بىراق تا ھازىرغىچە ئويىغىنالمايۋاتىمەن




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەمەندەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-5 18:45  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-5-5 22:49:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



ناخشا



بۇ ناخشا ئىيتىلغاندا، ھەممە ئورندىن قوزغىلار
بۇ ئەلمىساقتىن ھالىقپ كەلگەن ،ھەمدە ئاتا- بوۋىمىز غىڭشىپ باققان ...
بۇ ناخشىنى ئىيتىپ باقمىغان بىر ئادەممۇ يوق ،لىكىن ئۇنىڭ ئىسمىنى بىلمەيمىز
ئۇنىڭغا ئۇسسۇل ئويناۋاتقان ئاز-تولا قۇيۇن بار ،قەبرىلەردىن مەھەللىگە كىرەلمىگەن
ئۇلار ناخشا تارىخىنى سۆز ئارقىلىق خاتىرلەيدىغان ،گۇگۇمدا گۈلخان يېىقىپ ئۇسسۇلغا چۈشىدىغان
بۇ ئومۇمىي خورنى بىلمەيدىغانلار نى قانداقمۇ ئەنئەنەپەرەس دېگىلى بولسۇن ؟
كىپىنەكلەر يارنىڭ بىلىدە ئۇسسۇلغا چۈشمەكتە
قويلار، بۆرىلەر، قۇشلار ،بۇلۇتلار،دېرىزىلەر،ئۈستەللەر بۇ ناخشىنى ئىيتقاچ ئۇسسۇلغا چۈشتى
ئەمدى ناخشىنى توختاتساڭ بىز  قانداق قىلىمىز ...؟




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەمەندەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-5 22:50  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-5-5 22:51:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


چىللىمايدىغىنىدىن بىرسىلا



بوغۇزىمدا چىللايدىغان خوراز ھەقىقەتتۇر
ئۇ چىللىغاندا گۇگۇم چۈشەر

ئالقىنىمدا دانلايدىغان خوراز مەۋجۇدىيەتتۇر
ئۇ دانلىغاندا تەنھالىق بولار

تۇيغۇمدا ئولتۇرىدىغان خوراز ھەم ئۇ يەردە ھەم بۇ يەردە دانلايدىغىنىدۇر
ئۇ يەردىكىسى دان ،بۇ يەردىكىسى قۇرت

كېچىدە چىللايدىغان خوراز توخۇنى چىللار
بىراق توخۇنىڭ ئۈنى پۈتكەن ...

لېۋىمدە بىر خوراز بار
قوشنا كېچىلەردىكى خورازلارنى ئويغىتىدىغان
ھەمدە ئاۋۇ توخۇدىن بىر تۇخۇمغا ئىرىشىشنى ئىستەيدىغان

چىللىمايىدىغىنىدىن بىرسىلا بار
شۇنى چىللايمىز ...



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەمەندەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-5 22:52  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-5-6 22:31:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



كېچە لېۋىدىكى  بىر  يانچۇق ھەققىدە غەزەل  




سۆزلەر ئاقساپراق ماڭدى



قولۇمنى ھەممە يانچۇققا سېلىپ بولدۇم،سەنلا قالدىڭ؟...




قولۇم ــ سۆز ،ئەمدى مېنى ياشايدىغان ...



ئەمدى نە يانچۇق ،نە ياشىماسلىق !




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەمەندەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-6 22:34  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-5-7 00:05:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



كېچىلىك ئىسمىنىدا ئىشلەيدىغان تۇغۇت ئانىسىنىڭ ئەسلىمىسى




كۈندۈزنى ئىرىمگە ھەمراھ بولۇپ كارۋاتقا يۆتكەيمەن
باللىرىم ھاجەتخانىدىن گۈللۈك كۇسىرىمنى كۆتۈرۈپ چىقىپ كىملەرنىڭدۇر بالىلىرغا كۆرسىتىپ ،بۇ قانداق رەڭ دېيىشىدۇ ؟
ئىرىم كارۋاتتىن يېرىمى ساڭگىلىغان ھالدا مېنى سۆيىدۇ ،مەن كىتاب جاھازىلىرىنىڭ سىلكىنۋاتقىنىنى تۇيىمەن ھەمدە تېلىۋۇزۇرنى ئېچىپ قويىمەن .قەيەردە قانداق تېخنىكا بىلەن ،تۇغۇتى ئۆتۈپ كەتكەن ئاياللارنى قانداق تۇغدۇرىدىغانلىقىنى ئاڭلىماق بولۇپ ،ياكى تېز  ،ساغلام تۇغدۇرۇش ھەققىدىكى ئىلانلارنى ئاڭلاش ئۈچۈن ئەس چاچلىرىمنى قۇلاق تۈۋىگە يىغىمەن .
بۇ ۋاقىتتا بالىرىم ياشىغىلى چىقىپ كېتىدۇ ،گۇگۇم چۈشكەندە ئۇلار سومكىلىرىغا لىق يېمەكلىكلەرنى،ئويۇنچۇقلارنى ،كۆكتاتلارنى،كېيىم -كېچەكلەرنى سالغان پېتى ھارغىن قايتىپ كېلىشىدۇ ،-دە ھۇجرىلىرىغا كىرىپ كېتىشىدۇ .دەل شۇ چاغدا مەن سومكامنى بىلىكمىگە سالغان پېتى كېچىگە چىقىپ كېتىمەن ،ئۇدۇل تۇغۇت بۆلىمىگە قاراپ يول ئالىمەن .ئاندىن ئىشىمنى داۋاملاشتۇرىمەن ،ئۇنى «كۈچە...كۈچە ...يەنە ئاز قالدى...» دەپ ئۈمۈدلەندۈرىمەن.ئۇنىڭ تۇغۇش ۋاقتىنىڭ كېچىكىپ كەتكىنىدىن تەشۋىشلىنىمەن  ،بالا تۇنجۇقۇپ قالمىغاندۇ ،دەپ ئويلايمەن ،قارا تەرگە چۆمۈپ كېتىمەن ،ئوپراتسىيە قىلىپ ئالسامچۇ ،دەپ ئويلىنىپ كېتىمەن ،بىراق ئۇنىڭ ياۋۇز ئىرىدىن قورقىمەن ،ئەگەر بالىسىنى ئۆلتۈرۈپ قويسام ...!!ھەر كېچە قولۇمدىن قايچىنى يىراقلاشتۇرىمەن ،روھى ھالىتىنى كۈزىتىمەن ،خاتىرە يازىمەن ،ئەتراپقا قارايمەن. كۈندۈز چۈشكەن بولىدۇ ، مەن سومكامىنى يەنە بىلىكىمگە ئېسىپ  شەپەرەڭلەردەك ئۆيگە قايتىمەن .باللىرىم بىلكىمگە يېپىشىدۇ ،سومكامنى ئاقتۇرىشىدۇ ...،مەن كۆڭلۈم يېرىم ھالدا ئۆزۈمنى كارۋاتقا تاشلايمەن ،چۈشۈمگە قايتىمەن .ئۆي تىپتىنىچ بولۇپ كېتىدۇ ،كىتابلارنىڭ مۇنچىدىكى تىۋىشىنى ئاڭلاپ چۈش كۆرىمەن ،شۇنداق قىلىمەن...



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەمەندەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-7 00:08  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-5-8 17:45:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېنىمنىڭ تاغلىرى




تېنىمنىڭ تاغلىرىدىن كۆتۈرۈلگىنى چۈكۈش

چۈكۈشنىڭ تاغلىرىدىن كۆتۈرۈلگىنى سۆزلەرنىڭ پەرىزى

پەرىزىمدىن كۆتۈرۈلگىنى ئايالنىڭ تېنى

تەن ــ



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەمەندەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-8 17:46  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-5-8 17:47:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قاراڭغۇ ئەلچى


تۆشۈك پەلەمپەيدە ئۆمىلەۋاتقان ئوتۇپىيەچى قۇرتلار
تەر ئىشلەپچىقىرىۋاتقان كېچىلەر
مەشرەپنىڭ ھاسىسىدىن كۆكلىگەن دەرەخ...
يىلتىز تارتقان ھەر كىمنىڭ قەلبىگە
ئوي پەرىشتىلىرى دەرەخنىڭ يىلتىزىدىن بىشارەت بەرمەكتە
ھەمدە غاجىلىماقتا غولىمىزنى
يوقلۇق قۇلۇلىسى خىزمەت فورمىسى كېيىۋالغان
ئىشىكباقار قاراپ تۇرىدۇ كىرىپ-چىقىشنىڭ تەكرارلىقىغا
ئەنئەنىۋى ئېتىماللىق سۇپىسىدا ئۆرلەشكە ھەم چۈشۈشكە ئالغان ئالتۇندا تۆكۈلمەكتە كۈز پەسلى
ئۇرۇشلار داۋاملاشماقتا
ئىچكى ئۇرۇش ،ھالبۇكى ئۆزىنى يەڭگەن سادىر يوق
ئەي ،پىلىستىراتتىن ئۆتىۋاتقان ئۈزلۈكسىز  كېچىلەر
تىل چىغرىقى ئىگىرىمەكتە مەۋجۇدىيەت يىپىنى
بۇ يىپ بىلەن تۈن كەشتىسى ئىشلەيمىز
باڭباش مۈشۈكلەر چىگىۋىتەر يىپلىرىمىزنى ،يەشمەكنى ئىستەيمىز
ھالبۇكى ،يەشكەنسېرى چېگىشكەنلىكىنى ھىس قىلىمىز
كۆزۈم كورمەس بولدى
قولۇم يىڭنىدە ئۇپىراپ تۈگىدى
كەشتىلىك پەشتامىنىمنى چېگىىپ ئۇلارغا تاماق ئېتىمەن
ئېتىمەنۇ ،ئۇلارنىڭ بەزىلىرى تاماقنى ناھايىتى مەززە قىلىپ يەيدۇ ،-دە كىيىن دائىم شۇ تاماقتىن مېھرىنى ئۈزەلمەي قېلىشىدۇ ؛بەزىلىرى قورساق تويغۇزۇش ئۈچۈنلا يېگەچكىمىكىن ،تاماقنىڭ تۇزىنىڭ تىتىغان-تىتىمىغانلىقى بىلەن كارى يوق ...
مۇئەللەقتىكى بالخانىغا مۇقەددەس ۋەزىپىلەر ،ھارغىن كۈيلەر ،ئاقماس مۇساپىرلار چۈشەر
داۋاملىشار يەرشارى
سارغۇچلۇق پىشتى
ئەپسۇس،تۆكۈلدى دان ئالقىنىغا غەيىپنىڭ
يېرىلدى تۇپراق
باغرىغا باستى تەننىڭ داشقاللىرىنى
يېرىلدى ئاسمان
روھ قۇشى
ئاسمان خەۋەرلىرىدىن خەۋەردار بولدۇڭ
مۇقەددەس ئوغىرىلىق داۋاملاشماقتا
ئالدىڭدا بىر توسۇق ،كەينىڭدە بىر توسۇق بارلىقىنى بىلدىڭ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەمەندەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-7 14:25  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-5-11 17:11:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش






ئاق چىدىرنىڭ ئارقىسىدا ئۆزىگە قاراپ ئولتۇرغان ئايالنى ئويلاۋاتقان ئەر ھەققىدە روبائىي




مېھرابنىڭ تۈۋرۈكلىرىدە قاغا پوقى قېتىپ قالغان
بىر توپ قۇزغۇن غەلبە تەنتەنىسىدە ...
ئەي،سوقراتنىڭ ئۆلۈمىگە قوپقان كۆلەڭگىلەر
قۇتلۇقلايمەن توي زىياپىتىنىڭ كېچىسىنى





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەمەندەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-11 17:12  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-5-11 17:48:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



لاۋزىنىڭ *ئىشىكى



نامسىز ،شەكىلسىز باشلاندى  بۇ يەر
ۋە يەنە ئىسمىمنى ،شەكلىمنى بەردى
ھېچقانداق ئىش ئۈچۈن ،ھېچبىر گەپ -سۆزسىز
مۇقەددەس ئىنسانلار ئىچىمنى بەردى ...
نە بىلىم ،نە ئىستەك ھەممە تىپتىنىچ
بىلمەيمەن ئۇ كىمنىڭ ئاتا-بوۋىسى ،
خۇددى خۇدانىڭ ئەجدادىدەكلا
بىلىمنىڭ ئارتىشى بىلىمسىزلىكتەك
ئۇ پەقەت خالايدۇ تىنىچ ھاۋانى
مەن سېنى ئانام دەپ ئويلايمەن خىلىدىن بىرى
ئۆزۈمدىن چىقىمەن ،ئورىنىپ ئاققا
تەنگە يا روھىمغا ئېغىپ باقمىدىم
چۈنكى ئۇ مەۋجۇدىيەت ،يۈرگۈچى ،خالاس
ئۇ يوقلۇققا ئۇرۇش تارتقاندا
مەن سۇ بىلەن خاراكتىرلىنىمەن ،ئۇ مەۋجۇدىيەتكە يېقىن ماكانلاشقاندۇر
ئىتتىكنى گاللاشتۇرار ،زىددىيەتكە چاقىرار ،شۇنداق قىلار
مەن قانداق جاۋاب بېرىشنى ئۇقمايمەن
نېمىنى سورايدىغانلىقىڭغا قىززىقمايمەن ،قانداق سورايدىغانلىقىڭنى بىلگۈم بار شۇ دەم
ئىچىڭنى قۇرۇقدار ھەمدە كۆڭۈل ئەينىكىڭدە ھېچلىشەر  
ئاندىن ئاۋۇ يوقلۇققا سىغدۇرغىدەك نەرسەڭ بولسا ئەكەل ،دەيمەن
ئىستەك ئۈمۈدسىزلىكنىڭ باش پىلانلىغۇچىسىدۇر
ئۇ شەكىلسىز ،ئۇنى تونىماقچى بولساڭ تۇيغۇڭنى ئۇنىڭغا قوي ،سەزگۈ ئەزالىرىڭ ئارقىلىق ئۇنى زەخمىلەندۈرۈپ نېمە قىلىسەن ،ئەي قارغۇ ؟
ئۇنىڭ ئىسمىنى چاقىرما ئۇ قارىمايدۇ ،بولمىسا ئۇ ئۆلىدۇ ،ياكى بىر نېمە بولىدۇ
ئۇ باشلانمىغان ھەمدە ئايىغى يوق
مەن ئۇنى چۈشەندۈرۈشتىن قورقىمەن ،شۇڭىلاشقا ئامالسىز تەسۋىرلەپ باقىمەن ،خالاس
بۇ ئىشىكتىن كىرگەنلەرنى تۇيدۇم ،ئىشىكنىڭ ئىچىدە ئىشىك
قايتىشتىن خەۋەر يوق ...





 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-5-11 18:12:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



كېمىنىڭ يۈرىشى

ۋىتمان (ئامىرېكا)




قارا ،بۇ يەردىكىسى دېڭىزنىڭ  پايانسىزلىقى
ئۇنىڭ قوينىدا بىر كېمە يەلكەنلىرىنى يايغىنىچە ،ھەتتا تۈن يەلكىنىنى كۆتەرگىنىچە يولغا چىقتى ،
ئۇ ئىگىرلىگەندە ،كېمە بايرىقى كۆكتە لەپىلدەۋاتاتتى ،ئۇ شۇنچە داغدۇغىلىق يۈرىۋاتىدۇ ،
__ ئاستىدا دولقۇن ئۆركەشلەيىتتى ،ھايات -ماماتىلىق تەۋرىنەتتى ،
ئۇلار ئاي نۇرىدىكى يايسىمان ھەرىكەت ۋە دولقۇن چېچەكىلرىگە ئورالغان كېمىدە ئىدى .




1991-يىلى بەيخۇا ئەدەبىيات-سەنئەت نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان  "چەتئەل شېئىرلىرىدىن تاللانما "ناملىق توپلامدىن تاللاپ تەرجىمە قىلىندى .



داۋامى بار



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەمەندەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-12 00:08  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-5-12 03:05:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش




ئىتتىكى تۈن ناخشىسى




تۈن ئىتى ھاۋشار سۆڭەكنى ھەمدە قاسساپنىڭ ئۆيىنى
قاۋاپ چىقار تاڭ بالىياتقۇسىغىچە  
قاسساپ ،سۆڭەك ۋە ئىت بۇ ھېكايىدە سۆزلىنىدۇ
ئەي، سۆڭەك نەيى ،سۈكۈت زىخلىرىدا كولايمىز ئىچىڭدىكى تونىلنى
ئىت سۆڭەككە يېقىن يەردە سېنى ساقلىدى ،ئەي، ئۇ نەقەدەر ۋاپادار ،-ھە؟!
قاسساپ ئۆيىگە قايتىۋىتىپ چۈشۈرۈپ قويغان سۆڭەكلىرىنى ئىتقا تاشلاپ بېرىمەن ھەمدە يول بويى ئۇنىڭغا ئەگىشىمەن ،خۇددى جانان كوچىسىنى كەزگەندەك ،
ئىت تىكەنلىك تىلىنى چىقىرىپ سېنى يالايدۇ ،قوي قوزىسىنى يالىغاندەك ،
سۆڭەكنىڭ ئىچىدىن باشقا بىر ھىد كېلىپ ئۇنى روھلاندۇرىدۇ ،بىراق ئۇنىڭ  چىشى سۇنغان سۆڭەكنى قايرىيالماس ،يىلىكنى خۇددى چۆمۈلىخوردەك ئۇزارتىپ باقىدۇ ،تىلىنى قانىغۇدە دەرىجىدە سوزۇپ باقىدۇ  ،ھەتتا بار يوقلىقى ئاڭا نامەلۇم ،شۇنداق ئويلايدۇ كۆزىنى چىڭ يۇمۇپ «ئالدىمدا جانانىم بار ،ئۇ مېنى باغرىغا بېسىپ مېنى ھاياجانغا سالىدۇ ،ئاندىن يۈرىكىم قېپىدىن چىقىپ كېتىدۇ ...»دەپ ،
ئۇنى قارا ئىت دەپ ئاتىغايسىلەر ،چۈنكى ئۇنىڭ مۇيى ئاق   ؛ئۇنى كۆز قارا دەپ ئاتىغايسىلەر ،چۈنكى ئۇنىڭ كۆزى ئاق  ؛ئۇنى ھەر نېمە دەپ ئاتىغايسىلەر ...،پەقەت ئاتىۋاتقاندا مەن ئۇنىڭ ھاۋشىغىنىنى تۇيغان !
ئۇ سۈكۈت تېشىدا ئولتۇرار ھەمدە تىت-تىت بولار ،تەقەززالىقنىڭ ئەۋجىدە يول يۈرەر ،شەبنەملەرگە ئورىلار ،ئاينى چىشلەر ،كۈننى تەرەتلىرىگە كۆمۈۋىتەر ،تەر ئىشلەپ چىقىرار ،تۆت كوچا ئېغىزىدىن  ئۇزاقلار ،كۈز خازانلىرى ئۇنىڭغا پىرە ئويناپ بېرەر ،بوسۇغا بەك ئېگز بولغاچ ،ئاتلىيالماس ھەمدە چۈش كۆرەر ،قوڭغىرىقىدا ھەممىنى بىزار قىلار ،كېچىنىڭ ئۇيقۇسىنى بۇزار...
ئۇنى ئىچ مايماق دەپ ئاتىغايسىلەر ،چۈنكى ئۇنىڭ پۇتى ئىچىدىن چىقماس ؛ئۇنى چاقىرغۇچى دەپ ئاتىغايسىلەر ،بىراق ئۇنىڭ "ھاۋ...ھاۋ...ھاۋ..."دىن باشقا سۆزى يوق ...
ئەمدى قاسساپقا قايتىپ كەلسەك ،ئۇ قاسساپنىڭ ئۆيىنى بىلمەيدۇ ،سۆڭەككە قايتىپ كەلسەك ،ئۇ خالىغان سۆڭەكنى ياراتمايدۇ ،شۇڭا ئۇنىڭغا تۈجۈپلەپ ئىشلەنگەن ،ئاق سۆڭەك لازىم ؛ئەمدى قايىتقۇدەك بىر يەر  يوق ،قايتىش توغرا كەلسە ،يىلىككە قايتىدۇ ،بىراق يىلىك ئۆيىدە بارمۇ -يوق دېگەن مەسىلە،ئۇ شۇلارنى ئويلاپ تىت- تىت بولماقتا ...
ئۇنى ئاشىق دەپ ئاتىغايسىلەر ،چۈنكى تۈگىمەس ناخشىنى ئىيتىۋاتقىلى بولدى ئۇزاق ئەسىرلەر ...
ئىت سۆڭەكنى تاپقاندا ،سۆڭەك يىلىكنى تاپقاندا ،يىلىك ئاق قاننى تاپقاندا ،ئاق قانغا رەڭ يۈگۈرگەندە بۇ ھېكايە ئاخىرلىشامدىكىن ،-تاڭ ؟!
ئىچىمدە بىر ئىت قاۋاۋاتاتتى ،بىرسى دېدى :" ئۆلگۈر ئىت !"دەپ ،ئۆلىدىغان ھەمدە ئارام بەرمەي قاۋايدىغان ئىتمەن
ئاندىن ماۋۇ ئۆلۈكلەر ھاسىسىنى تايانغىنىچە بىرمۇ -بىر ئىت بولۇپ چىقىدىغان ...
ھەمدە ھايۋاندەك ،قۇشلاردەك ئىملىق سۆزلەرنى بوغۇزىغا يىغىدىغان ،يىلىك چۈشىنى ئەتىرگۈل تىلى بىلەن قۇسۇپ چىقىدىغان ...
بۇ پەقەت  ئىت ،سۆڭەك ۋە قاسساپ ھەققىدە سۆزلىنىۋاتقان ھېكايە،ھەر قانداق  ئويدا بولۇشىڭلار ئىنىق !...



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەمەندەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-12 03:10  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-5-12 04:13:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


مېنىڭ قىلىۋاتقان ئىبادەتلىرىم



تاش جەينامازدا ئولتۇردۇم
كۆزۈم «ئەقىدە»گە يۇمۇلغان
قولۇمدا پەلكۈچ ،تىلىمدا يىلان
سىزماق بولىمەن سېنى ،قولۇمىنى پەلكۈچكە ئاپارسام كېچە چۈشىدۇ
ئويلايمەن ،سىزىپ باقىمەن كېچىنى ،يورۇق چۈشكەندە كۆرەي دەپ ...
بېشىمدا ئاق سەللە ، قولۇمدا تەسۋىي ،ئۆتكۈزىمەن ئايەتلەرنى تۈنلەردىن ،كېچىلەردىن
پىشانەمنى قويدۇم ئاقىلىققا ،كۆتەرمەسمەن ،قاراڭلار ئىمانىم نېمە دېگەن ساپ ھەمدە مۇستەھكەم !
پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئاتاپ دۇئا قىلىۋاتقان تىلىمنى سەرخۇشلۇق شورىدى ؛كۆتەرگەن قوللىرىمنى ئاق نۇر ئېمىۋالدى ؛يۈكۈنگەن پۇتلىرىم شەيتاندىن نەقەدەر  يېراق ،-ھە؟!
يۈرىكىمدە ئۇنىڭ تىۋىشىنى تۇيىۋاتىمەن ،بىراق ھەممە بېشىمنى كۆتۈرۈپ بولدۇم ،كۆتۈرمىگەندىن سەنلا قالدىڭ ،كۆتۈرىشتىن قورقىمەن ...!
ئەي ،بىزنىڭ ئاللاھىمىز ،قەلبىمىزدىكى ئەتىرگۈل قىيام بولدى ،گۈلقەنىتلىرىمىزگە ئېغىز تەگمەمسەن ؟
كۆڭلىمىزنى قايتۇرساڭ بىز قانداق قىلىمىز ؟!
ساڭا ئاتاپ تەن قوچقىرىمنى بوغۇزلىدىم ھەمدە روھ ئەدىرەسمانىمنىڭ پۇرىقى قۇيۇندەك پەلەككە ئۆرلىدى  
ئاندىن بىر كېمە ياساپ توپانغا چۈشتۈم ،ھەمىمىز سېنى سىغىندۇق ،كەپتەرنى قويىۋىتىۋىدىم،ئۇ قايىتىپ كەلمىدى ،ھەممىنى قويىۋەتتىم ،قاغىدىن باشقىسىدىن خەۋەر يوق ،قاغا بىر تال زەيتۇن شېخىنى چىشلەپ قايتىپ كەلدى ،بىراق قورقۇپ كېمىدىن تا ھازىرغىچە چۈشەلمىدۇق ...
پاراسەت مېۋىسىنىڭ مېۋىسىنى يەۋالغىنىمىزغا خاپا بولۇۋاتامسەن ،سەن مەدھىيىگە لايىقسەن ھەمدە ئەپۇچان ،بىز نىڭ گۇناھىمىزنى تىلەشتىن ئۆزگە خىزمىتىمىز يوق ...
تىلىمنىڭ ئۇچىدا ئولتۇرىسەن ھەر ۋاقىت ،چىق لېۋىمنىڭ ئۇچىغا ،ئاندىن سۆيۈشەيلى قىزىل گۈللەردەك ،سەھەر رىشاتكىدىن ئاتلاپ ئۆتسۇن ،ئۇزۇن ،قارا يوپكىمىزنى قاچانغىچە سۆرەپ يۈرىمىز ،باغى ئىرەمدىكىدە ئالدىڭغا چىقشنى ئويلايمىز...
يېرىل تېشىم ...يېرىل تېشىم...يېرىل تېشىم...
شەھرىزات ھېكايەڭنى داۋاملاشتۇر ...
ئەي، لېۋىمنىڭ كېچىسىدىن ئۆتىۋاتقان ئايەتلەر !




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەمەندەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-12 04:21  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-5-14 12:54:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۆلۈم ئارا گىرەلىشىپ تاڭلار ياتۇر



ئۆلۈمنىڭ كۆزىدە ئېچىلغايمەن
كۆزۈڭنى ئاچساڭلا يېپىلغايمەن

يېپىلىش بۇ مەندىكى نە ھال ئىدى
ئول سەۋەب سۆزلەر ساڭا چېقىلغايمەن

چاقماقتىمەن شۇ كوزىنى چېقىپ چۇل -چۇل
سەۋدانى مىڭ  شارابدا تېتىغايمەن

كەل،جانان لېۋىڭدىكى يىغىلارنى
ياپراق كەبى بوغۇزىمدا ساقلىغايمەن

مېھرىبان بىر قول مېنى ئېلىپ كەتتى
شۇ قول بىلەن تىكەنلەرنى كولىغايمەن ...

تەنلىرىڭنى ئەكەل جانان ئىستەك ئارا
سىقىپ ،سىقىپ چوڭقۇرىڭغا غۇلىغايمەن

سۆڭەكلەردىن ئۇچسا بىر رەت ئۈمىد قۇشى
قاغا بولۇپ ئۇۋىسىنى چۇۋۇغايمەن

كەل ئۆلۈم قۇچاقلىشاي ،نىگاردەك كەل
كۆكسۈڭدىكى تاڭلار ئارا ئۇزىغايمەن ...





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەمەندەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-14 13:18  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش