قايغۇرما،قاينۇق!
(<<ق>>ھەرىپى بىلەن باشلانغان سۆز ئويۇنى)
مەھەممەتجان ساۋۇت
قايغۇرۇش - قورقۇنچاقلارنىڭ قەدىمدىن قالغان قانلىق قىساسلاردىن قورقۇش قانۇنىيىتى.
قايغۇرۇش - قاناتسىزلانغان قۇشلارنىڭ،قانسىزلانغان قويلارنىڭ،قاۋانلاردىن قورقۇپ قاچقان قوتازلارنىڭ قاباھەت قاينىمىدا قانخۇرلارغا قىلغان قەسىمى.
قەسەم قىلىمەنكى،قېرىنداشلىرىم،قاينۇق قايغۇرمايدۇ.قايغۇرۇش قاينۇقنى قەتئىي،قەتئىي قورقۇتالمايدۇ.
قاينۇقنىڭ قالاق قىياپىتى قاينۇقلۇقلارنىڭ قۇياشنىڭ قىززىق - قىززىق قىزدۇرۇشلىرىدىن قورقۇپ قاچقانلىقىدىن قالغانمۇ؟!
قارىغۇلارچە قاۋاۋەرمەڭلار،قاچان قاينۇقلۇقلار قۇياشنىڭ قىززىق - قىززىق قىزدۇرۇشلىرىدىن قورقۇپ قېچىپتىكەن؟قايسى قارا قىشتىن قاينۇقلۇقلار قورقۇپ قاپتىكەن؟!قاينۇقلۇقلارنىڭ قاداق قاپلىغان قوللىرىغا،قورۇق قاپلىغان قىياپەتلىرىگە قارىغىن.قارىساڭ قورقىسەن،قاداق قاپلىغان قاۋۇل قوللار قانداقلارچە قاينۇقلۇقلارنىڭ قوساقلىرىنى قامدىيالمىدى؟قانداقلارچە قاينۇقلۇقلارنىڭ قەتئىيلەشكەن قوشۇنىنى قامدىيالمىدى؟قانداقلارچە قاينۇق...؟قاينۇقنىڭ قالاق قىياپىتى قەيەردىن قالغان؟
قاينۇقنىڭ قالاق قىياپىتى قۇرغاقچىلىقتىن،قاينۇقتىكى قارا قورساقلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن قالغان.
قاينۇق قۇرغاقچىلىقتىن،قارا قورساقلاردىن قۇتۇلالارمۇ؟
قۇتۇلىدۇ.
قارا قېرىندىشىم،قاينۇق قەدىمدىن قالغان قارام،قاۋۇل،قورقۇمسىز قىياپەتتە قارا قورساقلارغا قارىتا قارشىلاشماقچى.قىپ - قېزىل قانلىرىدا قىسسىلەرنى قالدۇرماقچى.قارا قازاندا قورۇلغان قوماچتەك قايمۇققان قەدەملەرنى قاراڭغۇلۇقتىن قۇتۇلدۇرماقچى؟قانداق،قاينۇقنىڭ قىلىۋاتقانلىرى قاملىشىپتىمۇ؟
قاملىشىدۇ،قانداقچە قاملاشمىسۇن؟
قۇرغاقچىلىق قاينۇقنى قەتئىي قورقۇتالمايدۇ.قۇرغاقچىلىق قاينۇقنىڭ قوتىنىدىكى قويلارنى،قونداقلىرىدىكى قۇشلارنى،قېپ - قېزىل قوناقلىرىنى قۇرۇتالىسىمۇ،قاينۇقلۇقلارنى قۇرىتالمايدۇ.قاينۇقلارنىڭ قەدىمدىن قالغان قىززىق - قىززىق قىلىقلىرىنى،قاردەك قەلبىنى قۇرىتالمايدۇ!
قۇرغاقچىلىق،قاينۇقنى قۇرۇتقىچە،قاينۇقنىڭ قالاقلىقىنى،قاينۇقتىكى قارا قورساقلارنى قۇرۇتقىن!قۇرۇتۇپ قاخشال قىلىۋەتكىن،قاخشاللارنى قالاپ - قالىۋېتەيلى،قاينۇقتا قىلچىكلىكمۇ قالاقلىق قالمىسۇ
<<ئىلى كەچلىك گېزىتى>>نىڭ 1996-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى سانىدىن ئېلىندى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەھەممەتجان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-29 19:19