يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: ي.ت.توغراق

«ئۇيغۇر بالىلار سۆز ئويۇنلىرى» توپلىمى تۈزۈش توغىرىسىدا تەكلىپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-25 00:22:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايرىم تېما شەكىلدە يوللىساڭلا  مەن قۇبۇل قىلىۋاتىلەن. ئىنكاس شەكلىدە مۇشۇ يەرگە يوللىساڭلىمۇ  بولۇدۇ. ئېلان قىلىنغان بولسا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويارسىلە. ئالاقىلىشىشقا قولايلىق بولۇش ئۈچۈن تىلىفۇن نومۇرنىڭ بولىشىنىمۇ تەلەپ قىلىمەن.

ۋاقتى: 2015-12-25 14:08:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تۈزتىلۋاتىدۇ

تۈزىتىلۋاتىدۇ ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بالقىشى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-28 12:10  


ۋاقتى: 2015-12-25 23:17:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەدىر-قىمەتىمىزنى قوغدايلى
«ق»ھەرىپىدىن باشلانغان سۆز ئويۇنى

ئېلى ھېمىت
قارا،  قەدىرلىكىم ! قۇدرەتلىك قېرىنداشلىرىڭغا !قاچانلا قارىساڭ ، قەدىردانلىرىنى قۇچاقلايدۇ.قانۇندىن قەدرىنى  قاتتىق قوغدايدۇ. قانۇنسىز قىلىقلارنى   قىلچە  قىلمايدۇ،قارغۇلارچە قاتناشمايدۇ، قەتئىي قارىشىلىشىدۇ، قاچىدۇ. قاچقاننى قوغلا،قېرىندىشىم!قەدىر_قىممىتىڭنى قەدىرلە.
قەدىر-قىممەت قىممەتلىك قاشتاشتەك  ،قېرىنداشلارنىڭ  قەدىرىنى  قەۋەت قۇۋاندۇرىدۇ. قەھرىماننىڭ قامىتى ، قەھرى قىمىتىنى قەۋەتلىگەندەك، قەدىرداننىڭ قۇياشتەك قەلبى قاياققا قاترىسۇن قانچىلىغان قان-قېرىنداشلارنى قۇتلۇقلاندۇرىدۇ.قولى  قىيقلىقتىن،قەلبى  قارىلىقتىن   قورق.قوشۇنىغا قېتىلما .  قارا ، قەدىرلىكىم ،قەلبى قۇياشلارغا! قانچە قۇدۇرەتللىك !قىشنىڭ قەھرىتىنىدا قاقشىغانلارنى قويۇنداپلا قالماي ،قولى قىسقا،قاقشاللانغانلارنىمۇ قاقتىق قۇتقۇزىدۇ.قايتا قارايلى،قانچىلىغانلار قەھرىمانلار قوشۇنىغا  قوشۇلۇپ،  قانچە قېتىملاپ قەدىرسىز قالغانلارنى قۇتقۇزۋاتىدۇ؟قەدىرسىزلىك قۇرتلۇق قاقتەك قاقشىتىدۇ.قەدىرلىك قەقىنۇس قۇشتەك قەلبلەرنىڭ قەرىنى قۇچىدۇ .قولۇڭنى قۇشتۇرۇپ قاقشال قۇمۇشتەك قېتىۋالماي، قاتتىقلىقتا قاقشاللانغانلارنىڭ قولىغا قولۇڭنى قويغىن.قاغىدەك قاق-قاقلاپ قىيىنلىقتا قالغانلارنى قاقشاتما.قوينۇڭدىن  قويۇلسا،قونجۇڭغا قويۇلسۇن.قېرىنداشلىرىڭنىڭ قاتارىغا قوشۇلۇپ قۇتلۇقلان. قاردەك قەدرىڭنى قوغداپ ،قەدىرلەن.قانداق قىلمىغىن ،قايغۇرما.قىسمەتنىڭ  قىيىقى قاياقلارغا قاترىسۇن،قەدىرنى قاتتىق قوغداش  قىممەتلىك .قانچە قېتىملاپ،قات-قات قىيىنچىلىقلارنى قاتلىغاندا ،  قاتلانغان قەددىڭنى قايتىدىن قوزۇقتەك   قاتتۇرالايسەن.قىلىقسىز قىلچە قەدىرلەنمەيدۇ.قەلبىڭنى قاردەك ، قەددىڭنى قارغايدەك ،قوينۇڭنى قۇياشتەك قىل .     قارا ، قەدىرلىكىم ! قانۇننىڭ  قۇياشتەك قۇدرىتىگە ! قانۇندىن قەدىرلىنىپ قاناتلان.قېنى، قېرىنداشلار،قانۇنغا قاراپ قەدىر-قىممىتىمىزنى قاتتىق قوغدايلى !قانۇن قارىشىمىزنى  قوشلاپ قاتلاپ ، قانۇنسىز قىلىقلارنى قاقىشاتقۇچ  قىلىچلايلى. قىممەتلىك قەدىرىمىنى قىلغان  قېرىنداشلارغا  قەدىردانلارچە قولىمىزنى قوشايلى.


ئاپتور: (پىچان ناھىيلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە)

يانفۇن:15160811579

مەنبە :  يېڭى ئجادىيىتىم




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Ali تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-26 08:39  


ۋاقتى: 2015-12-26 01:36:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياسىنجان مۇئەللىم ، « ئۇيغۇر بالىلار سۆز ئۇيۇنلىرى » ناملىق توپلامنى تۈزۈشتە سىڭدۈرگەن ئەجرىڭىزگە تەشەككۇر . مەن بۇكىتابنى ئۇچتۇرپاندىن ئىزلەپ تاپالمىدىم ، نەدىن تاپقىلى بۇلار ، مۇمكىن بولسا ئۇچۇر بەرگەن بولسىڭىز .

ۋاقتى: 2015-12-27 11:05:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ساۋاتسىزلارنىڭ سىياقى
              سۆز ئۇيۇنى


           مەخەت ئابدۇرېھىم


                                 سالما سىياق سازاڭدەك،
                              ساۋاتسىزلار ساماندەك.
                             ساۋاتسىزلار سۆزلەيدۇ،
                            ساقايمىغان ساراڭدەك.


         سودىگەرلەرنىڭ سۇنى سوغاق ساقلايدىغان ساندۇقلىرىدا،ساخاۋەتچىلەرنىڭ سامان ساقلايدىغان ساڭلىرىدا ساقلانغان، ساراڭلار ساناتورىيسدە ساچقاننىڭ سۈتۈنى سەكسەن سەككىز سوتكا سۈمۈرۈپمۇ ساقايمىغان ساۋاتسىزلار؛-ساياھەتچىلەرنىڭ سالمىسىدەك سەكرەپ، سۈت ساتقۇچىلارنىڭ سۆۋىتىدە سازاڭدەك سايراپ،سەركەردىلەرنىڭ ساسلىقتىكى سېرىق سۆگەت سايىسىدا سايىداپ،ساراڭ سوپىلارنىڭ سېرىق سەللىسىنى ساغساغرىسىغا ساڭگىلىتىپ، سەپەرداشلىرىغا سۆرەمدەك سۆرۈلىۋىلىپ،سەپەرداشلىق سالاھىتىنى ساقلىيالمىدى.سىياسىتىمىز ساۋاتسىزلارنىڭ سالاھىتىدىكى سۈپەتسىزلىكنىڭ سەۋەپلىرىنى سىستىمىلىق سۈرۈشتۈردى.
       سەۋەپ؛-سىياسىتىمىزنىڭ سەمىمىلىكىدىن ساۋاتسىزلارنىڭ سالاھىتى سىستىمىلىق سۈرۈشتۇرۈلمىگەن.ساۋاتسىزلارنى ساھەلەرنىڭ سىزىقلىرىغا سىستىمىلىق سەپلەپ ساھەلەرنىڭ سۈزۈك سۇلىرىنى سىكىن-سىكىن سۈمۈرۈتىپ ساغلام سەمرىتىش.
     ساۋاتسىزلار سەپلەنگەن ساھەلەرنىڭ ساپ، سۈزۈك سۇلىرىنى سىستىمىلىق سۈمۈرەلمىگەچكە سەمىمى، ساغلام سەمرىيەلمىدى. ساھەلەرنىڭ سالاپەتلىك سەيناسىنى سەتلەشتۈرۋەتتى، سەپەر سۈرئىتىنى سۇسلاشتۇرىۋەتتى.سەپداشلار سورۇنلىرىنىڭ سۆھبىتىنى سويتىۋەتتى،سەپداشلىرىنى سەسكەندۈرىۋەتتى.
       ساۋاتسىزلارنىڭ سالاھيەت سۈپۈتىنى ساۋاتلىقلارنىڭكىگە سېلىشتۇرساق؛ ساۋاتلىقلار سانسىزلىغان سەھنە-سەپەرلەردە سەمىمى،سىياسەتكە سادىق، سالام-سائەتتە سالاپەتلىك،سۆزلىرى سۈزۈك سۇدەك.سەييارىلەردەك سەزگۈر.
         ساۋاتسىزلار؛-سەھنىلەردە سىلىق-سىپايە سۆزلەيدۇ، سورۇنلاردا سۆزلىگەن سۆزلىرى ساغلىقنىڭ سۈدىكىدەك سېسىك. سىماسى ساماندەك، سىياقى سالمىدەك،سۆڭنىڭ سۆڭكى سۇنۇق،سوڭىدا سېسىق سۇ سازاڭدەك سايراپ سالمىدەك ساڭگىلايدۇ، سىماسى سۇنىڭ سايىسىدەك،سويمىغان سامساقتەك،ساسلىقتىكى سۆرەمدەك.سۆلىتى سۆيگىنىنى سۆيەلمەي سۇغا سەكرىگەن سەتەڭدەك.سەمىمى سۆزلىمەيدۇ، سۆزلىرى سەت،سەبىيلەرنى سوتلايدۇ،ساقچىلىق سالاھىتىدە سۆزلىگەندە سەۋەپلەرنى سەمىمى سۈرۈشتۈرمەي سېسىق سۆزلەردە سوتلاپ، ساغرىسىغا ساۋاپ،سۆڭەكلىرىنى سېستىۋىتىدۇ. سەھىيە سىستىمىسىدىكى ساۋاتسىزلار؛-ساغلاملارنىمۇ ساناتوريەگە سولاپ، سېغىزخاننىڭ سۈتىنى سانتىلاپ سېتىپ،ساغلىقنى ساغماي،سەركىنى سېغىپ سىپىرلاپ ساقايتىشقا سۆزلىشىدۇ،ساقايسا ساقايدى ساقايمىسا ساراڭلار ساناتوريىسىگە سېتىۋىتىدۇ.
     ساۋاتسىز سودىگەرلەر؛- سۇنى ساغلىقنىڭ سۈيدۈك سىياسىدا سىرلاپ، سامساق سۈيىدە ساڭزا سېلىپ، سەينىڭ سەركەردىسى سەۋزىنى سامانلىقتا ساقلاپ سودا- سانائەت سارىيىدا سولاشتۇرۇپ ساتىدۇ.
       ساۋاتسىز سىكىرتارلار؛-سۇنى سايدا ساقلاپ سۇ سالىدىغانلارغا سېسىق سۇنى سانتىلاپ سېتىپ،ساپ-سۈزۈك سۇنى ساسلىققا سىلجىتىۋىتىدۇ،سەھرادىكى ساددا سەبداشلىرىنى سوقا-سۆرەملىرىنى سۆرۈتۈپ،سايغا سامانلىق سالدۇرۇپ سىياقىنى ساماندەك سارغايتىپ ساپ-سالقىن سەھرادىن سەسكەندۈرۋىتىدۇ.
      سوت ساھەسىدىكى ساۋاتسىز ساقچىلار؛-سۆگەتنى سۈرۈشتۈرمەي سايىنى سوتلايدۇ، ساننى سۈرۈۋىتىپ،سۈپەتنى سىرلاپ،سومنى سومكىغا سالالمىغانلارنى سولىتىۋىتىدۇ. ساۋاتسىز ساخاۋەتچىلەر؛-سەبىلارنى ساننىڭ سىرتىغا سۈرۈۋىتىپ،سىمىزلەرنىڭ ساغرىسىنى سىلايدۇ.
       ساۋاتسىز سالاچىلار؛-سەمىمى سۆزلىگەنلەرنىڭ سۆزىنى سۇسلاشتۇرۇپ، ساختا سۆزلىگەنلەرنى سۈپەتلەپ سەبداشلار سورۇنىنى سۈلھى-سالا سۈيىدە سۇغۇرۇپ سالام سائەتنى سوغۇق سۇغا سېلىۋاتىدۇ. سامسپەزلەر؛- سامانلىقتا ساقلىغان ساغلىق سامساقنىڭ سىڭلىسى-سۇڭپىيازنىڭ سۈتىنى سىڭدۈرۈپ سېتىپ سەبداشلىرىنى سەمرىتىۋاتىدۇ.
         سۆھبەتداشلار!،ساۋاتسىزلار سەھىپىسىدىكى سۆھبەتتە سۆزلىسەك ؛-ساۋاتسىزلارنىڭ ساۋاتسىزلىق سەۋەنلىكلىرى سامانلىقتىكى سېسىق ساماندەك،ساسلىقتىكى سېسىق سۇدەك سان- ساناقسىز.سۆزۈمنىڭ سەھنىمىزدىكى سەركەردىسى ساۋاتسىزلارغا ساۋاتسىزلىقنىڭ ساۋاقلىرىنى سەمىمى سەزدۈرۈپ، ساۋاتسىزلارنى ساۋاتلىق ساناتوريەسىنىڭ ساپ، سۈزۈك سۈيىدە سۇغۇرۇپ، ساھەلەرگە سەپلەنگەن ساۋاتسىزلارنى سوغۇق ساقلاش ساندۇقىدا ساقلاۋەرمەي ساھەلەرنىڭ سەپەر سەيناسىغا ساغلام سەكرىتەيلى!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mahatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-27 11:08  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-4-25 01:13:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                   كارىزنىڭ كەچمىشى
                                                ئابدۇۋايىت ئابلىز

   كارىز كۈچلۈك كىشىلەرنىڭ كۈچىدە كەكە،كەتمەندە كولىنىلغان. كارىز كولانغاندىن كېيىن كىشىلەرنىڭ كۈنلىرى كۆڭۈلدىكىدەك كۈتۈلدى.كىشىلەرنىڭ كۈنلىرى كۆڭۈلدىكىدەك كۈتۈلۈشىگە كۈچلۈك كەلكۈن كەڭ كۆلەمدە كارىزنى كۆمۈۋەتتى.كۈتۈلمىگەن كەلكۈننىڭ كارىزنى كۆمۈۋېتىشى كىشىلەرنىڭ كۈنىنى كەسكىنلەشتۈرىۋەتتى.كىشىلەر كارىزنى كولاش ،كولىماسلىقتا كېڭەشتى:
  ـــ كارىزنى كەكە،كەتمەندە كولاپ كۆپ كۈن كەتتى،كولىساق كەلكۈن كەلسە كۆمۈلۈپ كېتىدۇ،كولىماسلىق كېرەك.
  ـــ كولىمىساق كۈنىمىز كۈندەك كۈتۈلمەيدۇ.
  ـــ كولايلى!
   ـــ كولىمايلى !
   ـــ ...
   كارىزنى كولاش-كولىماسلىق كېڭىشى كۆڭۈلدىكىدەك كېڭەيمىدى.كىشىلەر كېڭىشىۋاتقاندا كامىل كۆپچىلىككە كاكىراپ:
   ـــ كارىزنى كولىماي كۆچۈپ كېتەيلى .
  ـــ كۆچمەيمىز !
  ـــ كۆچىمىز !
  ـــ كۆچىدىغانلار كۆچىۋېرىڭلار !
  كۆچىدىغانلار كۆچۈپ كەتتى.كۆچمىگەنلەر كۆپ كۈن كەتسىمۇ كارىزنى كۈچەپ كەكە،كەتمەندە كولىدى.كارىز كولىنىپ كىشىلەرنىڭ كۆڭلى كۆتۈرۈلدى.
كېيىن كىشىلەرنىڭ كاللىسى كاتتىلىشىپ كارىزنى كەلكۈن كۆمۈۋەتمىدى.كارىزنىڭ كولىنىشى كىشىلەرگە كۆپنىڭ كۈچىنىڭ كۈچلۈكلىكىنى كۆرسەتتى.

ئاپتۇرى : ئاقتۇ بازار مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى

ئەسكەرتىش : بۇ ئەسەر شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى گېزتىنىڭ 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى سانىدا ئىلان قىلىنغان .




  

ۋاقتى: 2016-4-25 17:39:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى داۋاملاشتۇرۇش بولۇپتۇ....بۇ ئىقىن توختاپ قالماسلىقى كېرەك...بالىلارنى بۇ ئىقىندا
بىلىقتەك ئەركىن ئۈزۈشكە يېتەكلەش زۆرۈردۇر....توغراققا ئەڭ ئالىي تەشەككۈر...!

ۋاقتى: 2016-4-26 03:50:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇتلۇق بولسۇن! قەلەملەر ھارمىسۇن!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-6-8 11:21:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىمى ئالۋاستى ئالتۇنخان
(ئا ھەرپىدىن تۈزۈلگەن سۆز ئۇيۇنى)

ئەلىشىر ئىمام مۇھەممەد سىدىقى

ئالەمدىكى ئاۋامغا ئاشكارىلانسۇنكى – ئاكام ئالىمجاننىڭ ئايالى ئالتۇنخان، ئادىمىيلىكىدىن ئاللىقاچان ئايرىلغان ئادىمى ئالۋاستىدۇر. ئالتۇنخاننىڭ ئائىلىمىزگە ئاتلىماستىن ئاۋال ئارىلاشقان ئاداشلىرىدىن ئاڭلىشىمىزچە، ئالتۇنخان ئائىلىمىزگە ئاتلاشتىن ئاۋاللا ئاقكۆڭۈل ئاكامنى ئالداپ ئازدۇرىۋالغاچقا، ئائىلىمىزگە ئاتلىشى ئاسانلاشقانىكەن. ئاكام ئالىمجاننىڭ ئالتۇنخاننى ئالىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئاۋام ئارىسىدىكى ئالاقىدار ئادەملەر، ئالتۇنخاننىڭ ئاتا- ئانىسىنىڭ ئارسىز ئادەملەرلىكىنى، ئائىلىسىدىكى ئاكا- ئاچىلىرىنىڭمۇ ئارسىز، ئاقنانچى، ئالدامچى، ئالاقانات ئادەملەرلىكىنى، ئاتا- ئانامغا ئاڭلىتىپ ئاگاھلاندۇرغانىكەن. ئاۋامنىڭ ئاگاھلاندۇرىشىنى ئاڭلىغان ئاتا- ئانام، ئاكام ئالىمجانغا ئادىمى ئالۋاستى ئالتۇنخاندىن ئايرىلىشنى، ئاۋام ئارىسىدىن ئاتا- ئانىسىمۇ، ئائىلىسىدىكىلەرمۇ ئاقكۆڭۈل، ئالىيجاناپ ئادەملەردىن ئايال ئالسا ئاسايىشلىنىدىغانلىقىنى، ئاكامغا ئاڭلىتىپ ئالۋاستىدىن ئايرىلىشنى ئاگاھلاندۇرسىمۇ، ئائىلىمىزگە ئالاقىدار ئادەملەرنىڭ ئارلىشىۋېلىشى ئاستىدا ئاخىرى  ئاكام ئالىمجان،  ئادىمى ئالۋاستى ئالتۇنخاننى ئائىلىمىزگە ئاتلاتقانىكەن. ئائىلىمىزگە ئاسانلا ئاتلىۋالغان  ئالتۇنخاننىڭ ئالۋاستىلىقى ئاستا- ئاستا ئاشكارىلانسىمۇ، ئاكامنى ئالداپ ئاغزىنى ئاچۇرمايتتى. ئاتام، ئاكاملارنىڭ ئالدىدا ئادەمگە ئايلىنىۋېلىپ ئالدىسا، ئانام، ئاچىلىرىمنىڭ ئالدىدا ئالۋاستىغا ئايلىنىۋېلىپ ئازاپلايتتى. ئاناممۇ ئاۋالقىدەكلا ئائىلىمىزدىكى، ئائىلە ئاشخانىمىزدىكى ئالدىراشچىلىقلاردىن ئارام ئالالمىغىنى ئازدەك، ئادىمى ئالۋاستى ئالتۇنخان ئاتا- ئانامنىڭ ئالدىدىلا ئاچىلىرىمنى ئازارلاشقا ئادەتلىنىۋالدى. ئالۋاستىنىڭ ئادەمگە ئايلىنىۋېلىشىدىن ئالدانغان ئاتامغىمۇ، ئالتۇنخاننىڭ ئالۋاستىلىقى ئاستا- ئاستا ئاشكارىلىنىپ، ئاتاممۇ ئالۋاستىغا ئالدانغانلىقىدىن ئازاپلاندى. ئاتا- ئانام،  ئاكام ئالىمجاننى ئالۋاستىدىن ئايرىلىشقا ئالدىرىتىۋاتقاندا، ئامەتلىك ئالۋاستى ئالتۇنخان ئارقا- ئارقىدىن ئاسلانلىدى. ئالتۇنخان ئارقا- ئارقىدىن ئاسلانلىسىمۇ ئادەمگە ئايلىنالمايۋاتاتتى. ئاخىرى ئالۋاستىلىقى ئاشكارىلىنىپ ئالتە ئايلىق ئاسلانچىقى ئادىلجاننى، ئاقتۇقاي ئايمىقىدىكى ئاممىنىڭ ئالدىدىلا ئانامغا ئاتقاندا، ئاقكۆڭۈل ئانام ئالاھىدە ئالدىراشلىقتا ئالقىنىغا ئاپتۇ. ئالقىنىغا ئالالمىغىنىدا، ئالتە ئايلىق ئادىلجان ئاللىقاچان ئاخىرەتكە ئاتلىناتتىكەن.  ئادىلجان، ئازاتگۈل ئاتلىق ئاسلانچاقلار ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ، ئاتا- ئانامنىڭ، ئاكام ئالىمجاننىڭ ئاسرىشى ئاستىدا، ئايمۇ- ئاي ئاستا- ئاستا ئاڭلىقلىشىپ ئادەمگە ئايلانسىمۇ، ئالتۇنخان ئادەمگە ئايلىنالمىغاچقا ئاتا- ئانامنىڭ، ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ ئازابلىرى ئازايمىدى. ئالتۇنخاننىڭ ئادىمى ئالۋاستىلىقىنى ئاللىقاچان ئاڭلىغان ئاكامنىڭ ئاقكۆڭۈل ئاغىنىلىرى، ئاكامنى ئالۋاستىدىن ئايرىلىشقا ئاگاھلاندۇرسىمۇ، ئاكام ئادىمى ئالۋاستىغا ئاشىقانە ئامراقمىكىن، ئالۋاستىدىن ئايرىلالمىدى. ئاتا- ئانىسىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى ئاڭلىمىغان ئاكام، ئاغىنىلىرىنىڭكىنى ئاڭلايتىمۇ؟ ئاغىنىلىرىدىن ئاڭلىشىمىزچە، ئاكامنىڭ ئارزۇسى ئالۋاستىدىن ئايرىلماي ئاسلانچاقلىرىنى ئاسراشمىش. ئاكامنىڭ ئادىمى ئالۋاستىغا ئاشىقلارچە ئامراقلىقىدىن ئامالسىزلانغان ئاغىنىلىرىمۇ، ئاكامنىڭ ئائىلىسىگە ئارىلىشىۋىرىشتىن ئارىلاندى. ئاچچىق ئازابلار ئانامنى ئاسانلا ئاغرىقچانلاشتۇردى. ئادىمى ئالۋاستى ئالتۇنخان ئاغرىقچان ئانامنى ئاۋالقىدەكلا ئازابلاۋەردى. ئانام ئاخىرى ئاچچىق ئاغرىق ئازابىدا ئائىلىمىزدىكىلەردىن ئايرىلىپ ئاخىرەت ئالىمىگە ئاتلاندى. ئاتامنىڭ ئازابىمۇ، ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ ئازابىمۇ ئاۋۇۋاتقاندا ئادىمى ئالۋاستى ئالتۇنخان ئازابلىرىمىزنى ئالقىشلىغاندەكلا، ئاتمىش ئالتە مىڭ ئاتمىش ئالتە ئاقچىغا، ئاق ئارغىماق ئالدۇرۇپ ئاۋامنىڭ ئالدىدا ئالچاڭلىغىنىچە، ئارغىماققا ئارتىلىپ، ئالدى ئاقسۇ، ئاۋات، ئاتۇش، ئاقتۇدىن ئاخىرى ئارشاڭ، ئالمالىق، ئالتايلارغىچە ئايلاندى. ئادىمى ئالۋاستى ئالتۇنخاننىڭ ئالۋاستىلىقلىرى ئاۋامنىڭ ئالدىدا ئاساسەن ئاشكارىلاندى. ئاتا- ئانىنى ئازابلىغانلارنىڭ ئاينىمايدىغانلىقىنى ئاخىرەتتە ئازابلىنىدىغانلىقىنى ئاتا- ئانامدىن ئاڭلىغانىدىم. ئادىمى ئالۋاستى ئالتۇنخان،« ئا» ئارقىلىق ئاشكارىلانمىغان ئالۋاستىلىقلىرى «ئا» نىڭ ئارقىسىدىكى ئاداشلىرى ئارقىلىق ئاشكارىلانغۇچە ئارىلىقتا ئالۋاستىدىن ئادەمگە ئايلىنالامدۇ؟ ئايلىنالمامدۇ؟ ئاللاغا ئاياندۇر. ئاكام ئادىمى ئالۋاستى ئالتۇنخان ئاسلانلاشتىن ئاۋاللا ئاتا- ئانىسىنىڭ، ئاقكۆڭۈل ئاغىنىلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرىشىنى ئاڭلىسا ئازمايتتى. ئازاپلانماي ئاسايىشلىناتتى.
ئالەمدىكى ئادەملەرنى ئاپىرىدىلىگۈچى ئاللا!  ئالتۇنخاندەك ئادىمى ئالۋاستىلارنى ئادەمگە ئايلاندۇرغىن. ئادىمى ئالۋاستىلارنىڭ ئالقىنىدا ئازابلىنىۋاتقان، ئاكامدەك ئاقكۆڭۈل ئادەملەرنى، ئاكىلارنى، ئاتىلارنى ئادىمى ئالۋاستىلارنىڭ ئالقىنىدىن ئازاتلاپ ئاسايىشلاشتۇرغىن ئامىن.......

ۋاقتى: 2016-6-8 15:39:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ي.ت.توغراق يوللىغان ۋاقتى  2016-6-8 11:21 AM
ئادىمى ئالۋاستى ئالتۇنخان
(ئا ھەرپىدىن تۈزۈلگەن سۆز ئ ...

بۇ توپلامنىڭ 3-قىسمى نەشىردىن قاچانلاردا چىقار-ھە!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-6-8 16:33:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتاپ تېخى ئوقۇپ تەكشۈرۈش ئورنىدا، نومۇر چۈشسە ئىشلەيدۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-6-8 18:14:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
               كارىزنىڭ كەچمىشى
                                                ئابدۇۋايىت ئابلىز

   كارىز كۈچلۈك كىشىلەرنىڭ كۈچىدە كەكە،كەتمەندە كولىنىلغان. كارىز كولانغاندىن كېيىن كىشىلەرنىڭ كۈنلىرى كۆڭۈلدىكىدەك كۈتۈلدى.كىشىلەرنىڭ كۈنلىرى كۆڭۈلدىكىدەك كۈتۈلۈشىگە كۈچلۈك كەلكۈن كەڭ كۆلەمدە كارىزنى كۆمۈۋەتتى.كۈتۈلمىگەن كەلكۈننىڭ كارىزنى كۆمۈۋېتىشى كىشىلەرنىڭ كۈنىنى كەسكىنلەشتۈرىۋەتتى.كىشىلەر كارىزنى كولاش ،كولىماسلىقتا كېڭەشتى:
  ـــ كارىزنى كەكە،كەتمەندە كولاپ كۆپ كۈن كەتتى،كولىساق كەلكۈن كەلسە كۆمۈلۈپ كېتىدۇ،كولىماسلىق كېرەك.
  ـــ كولىمىساق كۈنىمىز كۈندەك كۈتۈلمەيدۇ.
  ـــ كولايلى!
   ـــ كولىمايلى !
   ـــ ...
   كارىزنى كولاش-كولىماسلىق كېڭىشى كۆڭۈلدىكىدەك كېڭەيمىدى.كىشىلەر كېڭىشىۋاتقاندا كامىل كۆپچىلىككە كاكىراپ:
   ـــ كارىزنى كولىماي كۆچۈپ كېتەيلى .
  ـــ كۆچمەيمىز !
  ـــ كۆچىمىز !
  ـــ كۆچىدىغانلار كۆچىۋېرىڭلار !
  كۆچىدىغانلار كۆچۈپ كەتتى.كۆچمىگەنلەر كۆپ كۈن كەتسىمۇ كارىزنى كۈچەپ كەكە،كەتمەندە كولىدى.كارىز كولىنىپ كىشىلەرنىڭ كۆڭلى كۆتۈرۈلدى.
كېيىن كىشىلەرنىڭ كاللىسى كاتتىلىشىپ كارىزنى كەلكۈن كۆمۈۋەتمىدى.كارىزنىڭ كولىنىشى كىشىلەرگە كۆپنىڭ كۈچىنىڭ كۈچلۈكلىكىنى كۆرسەتتى.

ئاپتۇرى : ئاقتۇ بازار مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى

ئەسكەرتىش : بۇ ئەسەر شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى گېزتىنىڭ 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى سانىدا ئىلان قىلىنغان .


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-6-8 18:37:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  چىلانزار چايخانىسىدىكى چوكانلار چېيى

                           (چ ھەرپىدىن تۈزۈلگەن سۆز ئۇيۇنى )

ئەلىشىر ئىمام مۇھەممەد سىدىقى

چەرچەن ، چاقىلىقتىن ، چىراغىچە ،  چۆچەك ، چاپچالدىن ، چىڭگىلدەك چەت چىگرالارغىچە چوڭلارغىمۇ ، چىلگىلەرگىمۇ ، چوكانلارغىمۇ چايخورلۇق چىۋىنى چاپلىشىۋالدى .  چايخورلۇق چىۋىنىنىڭ چاپلىشىۋېلىشى – چۆلدەرىگەن چايخانىلارنىمۇ چاقنىتىۋەتتى . چارباغدىكى چارۋىچى چوكان چولپانخان ، چىللىنىڭ چارشەنبىسىدە چايداش چۆپقەتلىرىنى چوقچىلىق چوڭاخۇن چۇلاقنىڭ «چىلانزار » چايخانىسىغا چايغا چىللىدى . چېدىرلىرىدىكى چۈشەكلىرىدە چۈجە چىللىغۇچە « چىلانزار » چايخانىسىدىكى چاينى چۈشەپ چىققان چوكانلار ، چۈچە چىللىغاندا چىمىلدىقتىكى چۈشەكلىرىدىن چۇراپ چىقىشىپ چاناقلىرىغاچاپلىشىۋالغان  چاپاقلىرىنى چىمدىپ چىقىرىشتى .  چىشلىرىنى چوتكىلاپ چىنىلىرىگە چىلاشقان چايلىرىنى چوڭ –چوڭ چايناپ چالاپشىتىۋىتىپ چىشلىرىنى چايقاشتى . چاشگاھتا چامادانلىرىنى چۇۋۇشتۇرۇپ چىرايلىق چاپان ،  چامچىلىرىنى چىقاردى  .  چېھرىنى چىرايلىقلاشتۇرىدىغان چاپمىلىرىنى چېپىپ چېھرىنى  چىرايلىقلاشتۇردى  .   چوقۇر ، چابدا چوكانلارمۇ چوقۇر ، چابدالىرىنى چىكىتچىلىك چاندۇرمىدى . چۇرۇقلىرىنىڭ چىگىلىرىنى چىڭىتىپ چىگىپ  ،  چېدىرلىرىدىن چىقىشقىنىچە  « چىلانزار » چايخانىسىنى چەنلەپ چېپىشتى . چىڭقى چۈشتە چولپانخان چايداش چۆپقەتلىرىنى ، «چىلانزار » چايخانىسىدا چېلىقتۇردى  .  چوكانلارنىڭ چىرايلىرى چايخانىنىڭ چىراقلىرىدا چاقنىشاتتى .
چايخانىدا چامغۇر چانالغان چۆچۈرە ، چەلپەك ، چۆپلەرنى چارۋىلارنىڭ  ،  چۈجىلەرنىڭ چېپىنداقلىرىنى چايناپ چاڭقاشقان چوكانلار  ،  چەپچەكلىك چەينەكلەردىن چىنىلىرىگە  چاي چۈشۈرۈشتى . چىشلىرىغا چاپلىشىۋالغان چىرىندىلارنى چىقىرىپ چىشلىرىنى چايقاشتى . چولپانخان چايداش چۆپقەتلىرىنى ، چايخانىنىڭ ،   چۆرىسىگە چىرايلىق چاقنىغان چىگىلەر چىگىلگەن ، چەپچەكسىز چاقچۇق چەينەكلىرىدىكى چايلىرىغىمۇ چىڭىغا چىققۇچە چىلاشتۇرىۋەتتى . چايخانىنىڭ چالغۇچى چولپانلىرى چاڭ  ، چور ،  چىلولىرىنى چىمبۇلاق ، چىمچاچاق ،چارىگاھ ، چەبىياتلارغا چېلىشتى . چەتئەل چالغۇلىرى چېلىنىشىغىلا  ، چىڭىغا چىققۇچە چىلاشقان چوكانلار ، چۇرقىرىشىپ چاۋاك چېلىشقىنىچە چاقپەلەكتەك چۆرگىلەپ چاچاۋۇغا چۈشۈشتى  .   چاچاۋۇغا چىچاڭشىپ چارچاشقان چوكانلار چاقچاقلىشىشقا چۈشتى   .  چاقچاقچى چوكانلاردىن چىنارخان چوقۇر ، چىمەنگۇل چابدالار چاقچاقنى چىڭىغا چىقاردى .  چاقچاق چىڭىغا چىقتىيۇ چاتاقنىڭ چۇڭىمۇ چىقتى .   چىنارخان چوقۇرنىڭ چاقچاقتا چاياندەك چېقىۋېلىشلىرىغا چىدىيالمىغان چىمەنگۇل چابدا چاي چىنىسىنى چىنارخان چوقۇرنىڭ چوققىسىنى چەنلەپ چۆرىدى  .  چىنە ،  چىنارخاننىڭ چوققىسىدىن چۈشۈپ چىنىدىكى چاي چاپان  ، چامچىلىرىغا چاچرىدى  . چىنىدىكى چاي ، چىنارخان چوقۇرنىڭ چەپ چېتىدىكى چوكاننىڭ چاپان  ، چامچىلىرىغىمۇ چاچرىۋىدى، چوكاننىڭ چەشمىلىرى چانىقىدىن چىققۇدەك چەكچەيدى . چىنىمۇ چاقچۇققا چۈشۈپ چۇل - چۇللاندى . چىمەنگۇل چابدانىڭ چاقچاققا چىدىمىغانلىقىغا ، چىنارخان چوقۇرمۇ چىڭقىلىپ چىچاڭشىدىدە، چۈچۈرە چىنىسىنى چىمەنگۇل چابدانىڭ چوققىسىغا چەنلەپ چۆرىدى . چىنارخان چوقۇر ،چىمەنگۇل چابدالار چىرمىشىپ ،چېلىشىپ ،چاچلىشىشقا چۈشتى . چىنە ، چەينەك ،چۇكىلار چاقچۇقلارغا چۈشۈپ چۇل –چۇل چېقىلىپ چوكانلارنىڭ چۇرۇقلىرىنىڭ چەملىرىدە چەيلەندى . چىنارخان چوقۇر ، چىمەنگۇل چابدالارنىڭ چاچلىرىمۇ چىرماقلىشىپ چېلىشىشلاردا چۇۋۇلۇپ ، چاڭگىدەك چىگىشلەشتى  .  چوكانلارنىڭ چوشقىدەك چىرقىراشلىرىدىن چۈچۈشكەن چايخانىنىڭ چارلىغۇچى ، چۇماقچى ، چاپارمەن ، چاكار  ، چۆرىلىرى چىلىم چېكىۋاتقان چۇڭاخۇن چۇلاققا  چوكانلارنى چېقىشتۇردى  .   چوڭاخۇن چولاق چەشمە چاناقلىرىنى چەكچەيتكىنىچە چالۋاقاپ چوكانلارغا چېچىلدىدە چېقىلىپ چەيلەنگەن چىنە ، چەينەك  ، چۇكىلارنىڭ چىقىملىرىنى چوتلىدى  . چولپانخان چاينىڭ چىقىمىنى ،  چىنارخان چوقۇر ، چىمەنگۇل چابدالار چېقىلىپ چەيلەنگەن چىنە ،چەينەك  ، چۇكىلارنىڭ  چىقىملىرىنى  چەندازىلىرىدىن چىقارغاندىلا چارلىغۇچى چۇماقچىلار چوكانلارنى چايخانىدىن چىقاردى  .   چىقىملىنىشتا چۈيۈندەك چىڭ چىنارخان چوقۇر ، چىمەنگۇل چابدالار چەندازىلىرىنىڭ چامىنى چاغلىمايلا چىنە  ،  چەينەك  ،  چۇكىلارنى چېقىپ چىقىملانغىنىغا چىدىماي چىشلىرىنى چىڭڭىدە  چىشلەشتى .  چىكىلىرى چىلاندەك چۇڭىيىپ چىقىپ ، چىھرىلىرى چالما چىرايلاشتى .  چايخانىدىكى چېقىل –  چۇقۇلدا چىرايلىرىغا چاچرىغان چايلار  چىرايىغا چېپىۋالغانلىرىنى چىقىرىۋەتكەچكە  چوقۇر  ، چابدالىرىمۇ چاندى .
چايخانىغا چوڭ – چوڭ چامداپ چېپىشقان چوكانلار ، چايخانىدىكى چىدىماسلىق  ، چاكىنىلىقلاردىن  چۈشكۈنلەشكىنىچە چاڭگىسى چۇۋۇلغان چىل چۈجىلىرىدەك چېچىلىپ چۈمۈلىدەك چامداپ چېدىرلىرىنى چەنلەپ چېپىشتى .
    چۇقا چاچلىرى چۈشكەن  ، چېكە چاچلىرى چارلاشقان چوڭلىرىمىزغا  ، چىرايلىق  چىچەك چوكانلىرىمىزغا چاقىرىقىمىز  : –    چايغا چىللاش ، چايغا چۆپقەتلىشىش چەكلەنمەيدۇ . چايغا چۆپقەتلىشىشتە چامىمىزنى چاغلايلى .
چۆلدەرىگەن چېدىرلاردىكى چىرايلارغا  چاچقۇلارنى چاچالايدىغان  چىرايلىق  چايلارغا چۆپقەتلىشەيلى ، چاقىرىشايلى ، چىللىشايلى .  چوڭچىلىق چىقىرىشىدىغان چۇپەي  ،  چاكىنا  ، چۈپىرەندە  چايلاردىن  چېكىنىپ  چىقايلى .

                               2016- يىلى 14- يانىۋار


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش