يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: ي.ت.توغراق

«ئۇيغۇر بالىلار سۆز ئويۇنلىرى» توپلىمى تۈزۈش توغىرىسىدا تەكلىپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-4-8 17:14:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادىيەتلىرىڭىز بەرىكەتلىك بولغاي،مۇشۇ جەھەتتە ئىزدەنسىڭىز بولغىدەك!.............

ۋاقتى: 2013-4-8 17:21:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇڭجىياڭنىڭ ساداقەتمەنلەر سارىيىدىكى سەزگۈرەشتىللىرى

سۇڭجىياڭ سوڭ سولالىسى ساماۋىسىنىڭ سادىق سەركەردىسى،سۆزمەن،سىپايە ،سۆلەتسىز،سىياسىيۇن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-4-9 10:07:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇڭجىياڭنىڭ ساداقەتمەنلەر سارىيىدىكى سەزگۈرەشتىلىرى


ئابلا راخمان تۆتتاش


سۇڭجىياڭ سوڭ سولالىسى ساماۋىسى سەلتەنىتىنىڭ  سادىق سەركەردىسى، سۆزمەن، سىپايە ،سۆلەتسىز سىياسىيۇن.
سۇڭجىياڭ ساڭجۇدىكى ساياھىتىدە سارايلاردا, سەي سۆھبەتلىرىدە سىپاھلاردىكى سۆرەلمىلىك، ساختىپەزلىك، ساختىلىقنى سانچىلىپ سېسىتقاچقا سەھەردىلا سولاقخانىغا سۆرىلىپ سولاندى.
ساتقۇنلارنىڭ ساختىپەزلىك سۆزلىرىنى سۇڭجىياڭدەك ساداقەتمەن سان-ساناقسىز سانغۇنلار سودا-سېتىق، ساياھەتلەردە سەزمەي سىردىشىپ،ساختىلىقنىڭ سايىسىدىن ساقلىنالمىدى.
سۆلەتۋاز سىپاھلار سەمىمىيەتسىز سەتەڭلەرگە سىلجىپ سۈركىلىپ، سەپەرلەردە سارايلارنىڭ سەرمايىسىدا سونايلىنىپ سازلىنىپ، سادىق سىرىنگۈللەرگە، سۇڭجىياڭ،ساۋجىڭلارنىڭ سادىق سەتەڭلىرىگە ساپاسىزلارچە  سۇقۇلۇپ سۈركىلىپ،سۇرۇنلاردا سۇقۇشۇپ سېسىپ، سارايۋەنگە سانسىز سانچىلىپ سازلاندى..
سۇڭجىياڭ سادىق سەركەردىلەرنىڭ سايىسىدە سوڭ ساماۋىسىنىڭ سەلتەنىتىگە سۈركىلىپ، سەتەڭلەرگە سۈركەلمەي ساداقەت سازىنى سانغۇنلارنىڭ سەمىمىلىكىگە سانچىپ، سوڭ سەلتەنەتىدىن سۈيۈنۈپ-سېغىنىپ، سەپەرداشلارسەپلەنگەن سۈپسۈزۈك سۇ  ساھىلىدىكى سەيلىگاھىدا ساراڭلىقتىن ساقلىنالماي، سەيجىڭنىڭ سەنىمىدە ساماندەك سارغىيىپ، ساختا ساداقەتمەنلىك سۆزلىرىنى سەزمەي، سانغۇن-سەركەردىلەرنىڭ سەمىمىيىتىگە  سەپ  سالماي، سەھەردىلا سالامنامىنى سۇڭ سولالىسى ساماۋىسىنىڭ سەلتەنەتىگە سۇنۇپ، سەيجىڭغا سالپىيىپ سوغا-سالاملارنى سۇندى. سوڭ سۇلالىسى سەلتەنىتىدىكى ساپاسىز سەركەردە-سەرۋازلار سوڭجىياڭنىڭ سوۋغاتلىردىن سۆيۈنمەي، سۇ سەلتەنىتىنى ساقىتىش سەرلەۋھىسىدىكى سوقۇشلاردىن ساۋاقلىنىپ، سوڭجىياڭنىڭ سەركەردە-سەرۋازلىرىنى سەزدۈرمەي سۇندۇرۇشنى سۆزلەشتى. سۇ سەرۋازلىرى ساتقىنلارنىڭ سۈيقەستىدە سورۇلۇپ،سۇقۇلۇپ، سىغدىلىپ  سوڭجىياڭنىڭ سەلتەنىتى سولىشىپ، ساماندەك سارغايدى.


ۋاقتى: 2013-4-9 11:47:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياسىنجان ئەپەندى ، ئىشلىرىڭىزنىڭ بالدۇرراق روياپقا چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .مېنىڭ دەسلەپ ژۇرنالدا ئېلان قىلىنىپ ، كېيىن مۇشۇ تورغا بەرگەن ‹‹ھىجران›› ناملىق بىر پارچە شىئېرىم بار ئىدى يوللاپ قويسام بولارمۇ ؟

ۋاقتى: 2013-4-9 11:50:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياسىنجان ئەپەندى ، ئىشلىرىڭىزنىڭ بالدۇرراق روياپقا چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .مېنىڭ دەسلەپ ژۇرنالدا ئېلان قىلىنىپ ، كېيىن مۇشۇ تورغا بەرگەن ‹‹ھىجران›› ناملىق بىر پارچە شىئېرىم بار ئىدى يوللاپ قويسام بولارمۇ ؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-4-9 13:30:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولۇدۇ، يوللاڭ ئەمىسە

ۋاقتى: 2013-4-9 18:22:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىجران
(ھەرپلىك شېئىر)
مۇھەممەت توختى
‹‹ ئا ›› دا ئايدەك گۈل نىگار ،
‹‹ ب ›› دە بەختىمنىڭ گۈلى .
‹‹ ئە ›› دە ئەجەپ كۆيدۈممەن ،
‹‹ پ ›› داپەرۋانە كەبى .

‹‹ ت ›› دە تۈن بىدار ماڭا ،
‹‹ ج ›› دا جامالىڭ كۆرمەي .
‹‹ چ ›› دا چولپاندەك كۆزۈڭ ،
‹‹ خ ›› دا خىيالدىن كەتمەي .

‹‹ د ›› دىلىم پاك مېنىڭ ،
‹‹ ر ›› دە رەڭگىم ساپسېرىق .
‹‹ ز ›› دە زەھەر يۇتتۇممەن ،
‹‹ س ›› دا ساقىپ بولدۇم ئېرىق .

‹‹ق ›› دا قالمىدى ماجال ،
‹‹ ك ›› دە كەلگىن ئەي نىگار .
‹‹ ھ ›› دە ھالىمدۇر خاراپ ،
‹‹ ئو ›› دا ئوتۇڭ تەندە بار .
               
‹‹ ئۇ ›› دا ئۇچۇپ بارايمەن ،
‹‹ ۋ ›› دا ۋىسال تاپقىلى .
‹‹ ئى ›› دا ئىشقىڭ پەيزىدىن ،
‹‹ ي ›› دا يايراپ كۈلگىلى .

ئەسكەرتىش : مەزكۇر شىئېر كروران ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان .


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-4-9 18:41:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەر  يوللۇغۇچىلار  شېئىر  شەكىلدە  بولسىمۇ  تارتىنماي  يوللاڭلار، كوپراق  بولۇپ  قالسا شېئىر  شەكىلدىكىنىنىمۇ  بىر  كىتاب  قىلىشنى  لايىق  تاپتىم.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-4-9 19:09:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ سۆزمەنلىكىڭىزدىن سۆيۈندۈم.
سىز سەۋەبسىزلا سەمەندەرلەرنى سىيلىق سۆز بىلەن سىيلاپ، سۈخەنچىلەرنى سۆكىدىكەنسىز. سىزنىڭ سوغاق سۆزىڭىزنىڭ سەۋەبىدە سۈيقەسىتچى سۈخەنچىلەر سوقالدى. سىزنىڭ سۆزمەنلىكىزدىن سۆيۈنگەچ سۇباتلىق، سەۋىرچان، سەمىمىي ساۋاقدىشىم سەمەتنى ساقلىدىم. ساقلىشىمدىكى سەۋەپ: ساۋاقدىشىم سەمەت ساۋاتسىزلىقنىڭ سەۋەبى سپ-سەتە سۆزلەپ سۈخەنچىلەردىن سانىلاتتى. سەمەن سۈخەنچى سەۋەبى سۈيقەسىتكە سۆرەلگەنلەر سەكسەنچىمىكىن. سىزنىڭ سۆزڭىزدىن سەمەتنى سەمىمىيەتكە سۆرەپ، ساۋاتسىز، سۈخەنچىلىكىنى سۆكىمەن. سەمەتنىڭ سۈخەنچىلىكى ساقايسۇن! سەمەتنىڭ سايىسىدا سەكسەن سۈخەنچىسىمۇ ساقايسۇن!

ۋاقتى: 2013-4-10 05:26:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياسىنجان يېڭىلىقلارغا يۈزلىنىپ ياشاڭ!

ئابلا راخمان تۆتتاش

ياخشىلار--- يىللارنىڭ  يارىشىملىق يوللىرىدىكى  يالدامىسى، يولباشچىسى، يۇرتنىڭ يار-يۆلىكى، يالقۇنلۇق يۈرىكى، ياشلارمۇ، ياشانغانلارمۇ يىللارنىڭ يولوچىسى. ياخشىلارنىمۇ، يىتەرسىزلىكلەرنىمۇ، ياسانچۇقلارنىمۇ، يۇرتۋازلىقنىمۇ، يالغانچىلىقنىمۇ، يىللار يەڭگۈشلەيدۇ.
ياسىنجان يېقىنلىرىڭىزنىڭ يېڭىدىن يىزىپ  يىراقتىن يوللىغان يىزىقچىلىق يوللانمىللىرىدىن ياتلاشمىغانسىز؟
يەكشەنبىدە يۇرتۇمدىكى يازغۇچىلار يىغىلغاندا يۇرتىڭىزغا  يۈزلىنىپ يىتەرسىزلىكلىرىڭىزدىكى يورغىللىرىڭىزنى يوقىتىپ يۈگەنسىز ياشلىقىڭىزنى يۈرۈكىڭىزدىن ياتلاشتۇرۇپ، يېڭى يازغان  يادنامىلەر يۆگىكىدە  يۆگەپ، يۈرۈكىڭىزدىكى يېقىنلىرىڭىزغا يېپىشقان ياۋۇزلۇقىڭىزنى يىلتىزىدىن يىغشتۇرۇمەن. ياسىنجان يۈرىكىڭىز يوغىناپ يارەنلىرىڭىزدىن  ياتلاشمىغايسىز، يۈزسىزلىك، يالغانچىلىق ياتلىشىشنىڭ يۇمران يىلتىزى ياكى يىلىمى.
ياسىنجان يىراق يەردىكى يېقىنلىرىڭىز يىگانە يالغۇزلىقىڭىزدىكى يۆلەنچۈكىڭىز، ياتلاشماي  يۈرىڭىزدىن يادلاپ يۈرۈڭ. يۇپۇرماقلار يامغۇردىن ياشارغاندەك  يۈرەكلەرمۇ يۇرتداشتىن، يېقىنلاردىن يازغۇچىلاردىن ياشىرىدىكەن.
يۇرتۋازلىقتىن ياسانچۇقلاردىن يۇقۇملىنىپ يامراپ ياتماڭ.يازمىلارنى ياڭزىمۇ ياڭزا يېڭى يۇسۇنلاردا يازغاچ يۈرۈڭ.
يادىڭىزدىن يوقىمىسۇنكى يۇرتداشلىرىڭىز، يازغۇچىلار، يېقىنلىرىڭىز ياسىنجاننى يەكلىمەيدۇ.
ياسىنجان  يارايسىز!يەككە يىگانىسىز ياشاڭ.يېڭىلىقلارغا يۈزلىنىپ ياشاڭ.
يازغۇچى يارەنلىرىڭىز، يېقىنلىرىڭىز يەنىلا يۈرۈكىدىن  يېنىڭىزدىن يالتايمايدۇ.


توقسۇ

2013-يىل 9-ئاپرېل بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابلا راخمان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-10 05:36  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-4-10 09:51:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبىرىمىزدىكى «شۈكران»نىڭ يازمىسى

توغراقنىڭ تېما تۈزتۈشگە تەشەككۇر!
توغراقنىڭ تەپسىلى ، تولۇق ،تېمىلارنى تەھقىقلاش تۇيغۇسىدىن تەئەجۈپلەندىم. تۇيغۇسى تەكلىماكانغا تەڭ توغراقنىڭ تېما تۈزتۈش تەكلىۋىگە  تەشەككۇر! تېخى توغراق تېمىللىرىمىزنى تايغاندەك تاقلاپ تەڭقىسلىقتا تۇرۇپمۇ، تومۇر تۇتقان تېۋىپلاردەك تەپسىلى تۈزتۈپ توغرىلىدى. توقماقلايدىغاننى توقماقلىدى. تاغاقلايدىغاننى تاغاقلاپ تەكشىلىدى. تۈلكىلەردەك تۇمشىقىنى تىقىۋالمىدى.  
تېمىدىكى توقۇلمىلارنى تەپسىلى تەھرىرلىگەندە، توردا توغرا تۇنۇش تىكلىنىپ، تەبئىي تالانتنى تاپمىز، توردا تاشلاندۇق تېمىلارغا تاقابىل تۇرۇپ تورنىڭ تەبىيلىكىنى تېپىپ، تور تەرەققىياتىنى تېخىمۇ  تىزلىتىپ، تېمىلاردىكى تومتاقلىقنى تۈگىتىپ،  تورداشلارنىڭ توغرا تەلپىنى تونۇپ توغرا تونۇشىمىزنى تاپىمىز.
توغرا! توردا تومتاق تېمىلار تولا. توغراقتەك تاپسىلى تۇزتىدىغانلار تولىمۇ؟ تۆتلىك تونۇشىنى تىقىپ تېما تەھرىرلەيدىغانلاچۇ؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-4-10 12:00:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەدىرلىك مۇنبەر ئەھلى  مېنىڭ بۇ  ئىشنى  تېزراق  روياپقا چىقىرىشىم ئۈچۈن ھېچ بولمىغاندا  گېزىت-ژورنال  كۆرۈش جەرياندا  ئالدىڭلارغا ئۇچىرىغان  سۆز  ئويۇنى بولسا  شۇ  گېزىت-ژورنال نىڭ قايسى سانى ياكى قايسى  كۈندە  چىققانلىقىنى، قانچىنچى  بەت  ئىكەنلىكىنى يوللاپ  قويغان بولساڭلار  ئۆزەم  ئىزدەپ  تېپىۋالسام بولاتتى. بىر قىسىم  مۇنبەرگە چىقمايدىغانلارنىڭ ئەسىرى  ئايرىلىپ  قالمىسۇن  دېگەن ئۈمۈدتە  ئىدىم.

ۋاقتى: 2013-4-10 13:00:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا ماۋۇ گەپنى جايىدا قىلىپسىز . بۇنداق بولغاندا ئارزۇيىڭىز تېز ئەمەلگە ئاشقۇدەك . سىزگە سالامەتلىك ، ئامەت يار بولغاي !

ۋاقتى: 2013-4-10 13:10:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆھپە تىرىشقانلارغا تالىق . تېخىمۇ تىرىشىڭلار تىرىشچانلار .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-4-10 13:12:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مۇئەللىپلەرنىڭ مەدىتىگە مۇھتاج

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش