ياخشىلىقتىن يىراقلاشمايلى
مۇھەممىدىن سەمەت
(يەكەن ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتىن)
ياخشىلىق-ياشاش يولىمىزدىكى ياخشى ياردەمچىدۇر. ياخشىلىق يولداشلارنى يۇرتداشلارغا يارىتىدۇ. ياخشىلىققا يېقىنلاشساق، يوللىرىمىز يۈكسىلىپ، يۈرەكلىرىمىز ياشنايدۇ. ياخشىلىقنى يەكلىسەك، ياخشى يولىمىزنى يۈتتۈرۈپ، يامان يولدا يۈك يۈدۈپ، يامانلارغا يانتاياق، ياردەمچىدەك ياشايمىز. ياخشىلىق يۈزىمىزنى يورۇتىدۇ. يۇرتداشلارغىمۇ يارايمىز.
يۇرتىمىزدىكى ياسىن يۇنۇس ياخشىلىقتىن يىراقلاشمىغان، ياخشى يولداشتۇر.
ياسىن يۇنۇس يېقىندا يانچۇقىدىكى يىغقان ‹‹يامبۇ››لىرىدا يول ياسىدى. يېقىن – يورۇقلىرىنى، يۆلەنچۈكى يوقلارنى يۆلەپ، ياخشى يۈزلىنىش ياراتتى. ياخشىلىقتىن يۈرىكى ‹‹يورۇغان›› يېڭى يارەنلەرمۇ ياسىن يۇنۇسقا يېقىندىن يانداشتى.
ياسىن يۇنۇسنىڭ ياخشىلىقىدىن ياردەمچىسىز ياشانغانلارنىڭ، يوقسىزلىقتىن يولى يىراقلىشىپ، ياتسىراۋاتقانلارنىڭ يۈزلىرىدە ياش يۇمىلىدى. ياسىن يۇنۇس يۇرتداشلارغىمۇ يارىدى. يەنە يۇقىرىدىن ‹‹ياخشى يولداش›› يارلىقىمۇ يوللاندى.
ياسىن يۇنۇسنىڭ يولىدىن يۈرسەك يولداشلارمۇ ياقتۇرىدۇ. يوللىرىمىزنى يېشىل يورۇقتا يۇرۇتۇپ، يېنىمىزدا ياردەملىشىدۇ. يىراقلارغا يول يۈرسەكمۇ ياتسىرىماي، يوللىرىمىز يۈرۈشلىشىدۇ. يامان يولدا يۈرسەك، ياخشى يولىمىزنى يۈتتۈرۈپ، ياشاش ‹‹يۈك›› ىمىزنى يوغانلاشتۇرىۋالىمىز. يامانلىق يۈزىمىزنى يوقىتىپ، يارداڭلىققا يوللايدۇ.
يۇرتداشلار، يولداشلار ياخشىلىقتىن يىراقلاشمايلى. يامانلارغا يانتاياق، ياردەمچىدەك يۈرمەيلى. ياخشىلىقىمىز دا يارەنلەرگە يارايلى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا elkadir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-14 11:14