تىللىدىم تىتىلداپ تىتما تۇماقنى
<ت> ھەرىپلىك ساتىرا
نۇر مۇھەممەد شۈكران
تەپتى تەڭ تاشلارغا توڭدۇرماس تۇماق،
تەرلىگەن تاڭدىمۇ تويۇنۇپ تامام.
تەشتى تۇيغۇمنى تېپىپ تويدۇرماي،
تاقىتىم تاغلارغا تۆكۈلدى تارام.
تۇيغۇمدا تاشلارمۇ تامام تۆڭلىدى،
تۇماقتىن تاپالماي تىلىم تەپەككۇر.
تاغلاردا تاقلىشىپ تۇغار تۈلكىلەر،
تۇققانلار تېنىمدىن تىلەر تەشەككۇر.
تۈلكىلەر تالىشىپ تالاپ-تارتىشىپ،
تاشلارغا تۇغۇشتى توپلاپ تۇياقنى.
تاغلاردىن تاپالماي توڭلاپ تۇماندا،
تىللىدىم تىتىلداپ تىتما تۇماقنى.
بۈگۈن ‹ب› دىن باشلايمىز
قوشاق
بۈگۈن‹ب›دىن باشلايمىز،
بېغىم باشلاي بەگلىرىم.
بىغۇبار بولدۇم بۇندا،
بوياپ باقتىم بەتلىرىم.
بۈگۈن باغقا بېرىڭلار،
‹ب›دىن باشلار بىيىت بار،
بوزەك بولماس بەندە بىز،
بەسلەشكىدەك بۇرۇت بار.
بەشكىرەمگە باشلايمەن،
باغلىرىمدا بەزمە بار.
بېيتىپ بولدى بىلسىڭىز،
‹باغ›لار بىلەن ‹باقما›لار.
بۈگۈن باشلاي بېغىمغا،
بانان بولماس بادام بار.
باغ-بارانغا باشلاشقا،
باجام بىلەن بالام بار.
باغلىرىمىز بەك بولغاچ،
باشلانغۇچتا بايرام بار.
باقمىچىلىقتا باش بولدۇق،
بالىلاردىمۇ بايان بار.
باشلىق بىزگە بىلدۇردى،
باغ بولغاندا بوران بار.
بىلىپ بەلەن باشقۇرۇڭ،
بولمىسا بىر بوتنام بار.
بىيەم بولدى بەك بولدى،
بېسىپ باردىم بازارغا.
بورداق-بورداق باقمىدىن،
بەشنى بەردىم بالامغا.
بالام بېقىپ بوردىدى،
بىرى بۇندا بەش بولدى.
بېقىۋەردى بالاممۇ،
باقمىچىلىقتا باش بولدى.
باشلىققا بىز باقمىچى،
بەزمە بولدى بېغىمدا.
بېيىۋالدۇق بىلىنمەي،
بېقىنغاچقا بېسىمغا.
باشلىق بۈگۈن بارىدۇ،
بېرىپ بېقىڭ بېغىمغا.
بەزمە بىرىمەن بارسىىڭىز،
باي بولۇشتەك بېسىمغا.
بالا بېقىش
تەكچىدىكى تەشتەككە،
توخۇ تۇغدى تاش توغاچ.
-بۇنى بىلەر بالا بارمۇ؟
-بېقىلىپ-بېقىلىپ بەڭ بوغاچ!
تارىمدىكى توغراققا،
توغاي تۇغدى تاش توغاچ.
-بۇنى بىلەر بالا بارمۇ؟
-بىدە، بۇيلۇق بولمىغاچ!
توختىكامنىڭ تام تۆۋىگە،
تۈلكە تۆشۈك تىشىپتۇ.
-بۇنى بىلەر بالا بارمۇ؟
-باغدا بۆجەن بولمىغاچ!
تاككۇر-تۇككۇر تاياقتا،
تۆكۈلدايدۇ توكورۋاي.
-باللار بۇنى بىلەلممەس؟
-بىزنى بەزلەر باقالماي!