بوغۇنلار بىلىملىك بولسۇن
(ب دىن باشلانغان سۆز ئويۇنى)
ئەمەتجان ساۋۇت ئۆزقان
بىلىم بۇلاقتۇر، بىلىم بىباھادۇر.
بىز بىلىمىز:باھادىرلارمۇ بىلىملىك بولغاچقا باھادىر بولالىغان، بەھەيۋەت بىنالارمۇ بىلىم بىلەن بەھەيۋەت بولغان؛ بىلىم بىلەن باياۋانلاردىن باغ بىنا بولغان، بىلىم بىلەن بىز بايلىق بۇلاقلىرىنى بىلگەن، بۇ بۇلاقلاردىن بەھىرلەنگەنمىز. بۈگۈندە بىز بىپايان بوشلۇقتا بىلىملىك بولغىنىمىز بىلەنلا باشقىلارغا بىلىنمەكتىمىز. بىزنىڭ بىھىشتەك بۈگۈنىمىزمۇ بىلىم بىلەن بولغان.
بۇنىڭدىن بۇرۇنراق بىز بىلىمدىن بەھىرلىنەلمىگەچكە بەخت، باياشادلىق بىزگە باقمىغانىدى. بىلىمسىزلىكىمىزدىن بىراۋلارغا بوزەك بولغانىدۇق. باغلار بۇزۇلۇپ، بۇلبۇللار بىناۋا بولغانىدى. بىزنى بوغۇۋاتقان بوغۇچلارنى بىباھا بىلىپ، باغرىمىزغا باسقانىدۇق...بەسكى، بىلىمسىزلىكىمىز بېشىمىزغا بىر بالا بولغانىدى!
بۈگۈندە بىز بەختىيارمىز، بىھىساب بارلىقلار بىزگە باقماقتا. بىلىملىكلەر بىباھا بولۇپ، بىلىم بىلگەنلەر بالدۇر بېيىماقتا، بىلىملىكلەر بەخت باغىستانىنىڭ باراۋەتلىرىدە بەھۇزۇر بولماقتا.
بوغۇنلار بىزنىڭ بارلىقىمىزنىڭ بىشارىتى. بوغۇنلارغا بىلىم باغلىرى بىتاقەت بولماقتا، باغۋەنلەر بىتاقەت بولماقتا!
بۇرادەرلەر، بىزنىڭ بوغۇنلىرىمىز بىكېرەك بولماي، بىلىملىك بولسۇن؛ بىھايا بولماي، بىباھا بولسۇن، بىلىمدە بۈيۈكلەرنىڭ باھادىرلىرىدىن بولسۇن! بىز بۇغۇنلارنى بىلىمدىن بەھىرلەندۈرەيلى، بىزنىڭ بارلىقىمىز بوغۇنلارغا بولسۇن!
(«جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 1998-يىللىق 6-سانىدا ئېلان قىلىنغان.)