يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: ي.ت.توغراق

«ئۇيغۇر بالىلار سۆز ئويۇنلىرى» توپلىمى تۈزۈش توغىرىسىدا تەكلىپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-4-7 12:09:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سائادەت ساتتارغا سېغىنىشلىق سالام!

تۆتتاش


سائادەت ساتتار سېغىندىم سىزنى. سېغىنغاچقا ساقلىدىم. سائادەت، سۆيگۈ سىناقلىرىدا ساماندەك سارغىيىپ سالپايغىنىمنى  سىلكىمەڭ.
سالام سىرداشلىرىم،سۆھبىتىمنى سازلاپ ساپالىق، سەنەمنىڭ سۇمبۇل ساچىدەك سەلتەنەتلىك سائادەت ساتتارنى  سېغىنغاچقا، سالامنامەمنى سۇندۇم.
سەھەردىلا سائادەت ساتتارنىڭ سەمىمىيىلىكدىن سۈيۈنۈپ سەھنىدىكى سىمفونىيسىدە سۆلەتۋازلىق، ساختىلىق، سۆرەلمىلىكتەك سۈپەتلەرنى سۈپۈرۋەتكىنىدىن  سۈيۈنۈپ، سەمىمىيلىكىدىن سىزىلغان سېستىمىلىق سۆرەتلىرىنى سالامنامەمدە سۇندۇم.
سائادەت ساتتار سامادا، ساياھەتچىلەر سەيلىگاھلىرىدا، ساپ سۆيگۈ سەپىرىدە ساختىلىقتىن ساقلىنىپ سەلتەنىتىنى، سۈپىتىنى سۇلاشتۇرماي ساقچىخانىغا، سىياسۇنلارغا، سوتخانىغا سۆرەپ سولاندۇرمىدى.
سەمىڭلارغا سالماقچىمەنكى سائادەت ساتتار سۆيگۈ سەپىرىنى سۈپسۈزۈك سۇدەك ساپلاپ ساختىپەز، ساراڭ، ساتقۇنلارنى سىمفونىيە ساداسى، ساجىدەنىڭ ساپ سۆيگۈ سەنئىتىدەك سۈپىتىدە  سۈپۈرۈپ ساداقەتلىق، سەلتەنەتلىك سۆيگۈ سايىللىرىنى سەددىچىن سىپىلدەك ساقلىماقتا.
سائادەت ساتتار سىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىشتە سەمىمىيلىكنى  ساقلاپ،سەمىمىيەتسىز،ساختىپەزلەرنى سۈپۈرۈپ سېسىتتى.
سىزنىڭ سەمىمى سۆيگۈڭىز-ساداقەتمەن سانغۇنلارنىڭ سەھەردىكى ساغلام سەپىرىنىڭ ساداسىدۇر.
سائادەت ساتتارنىڭ ساغلاملىقى ،سالامەتلىكى، سەپىرى سىمفونىيسى سەركەردىلىكى  سايرىسۇن.
سەمىمىيىلىك  ساغلاملىقنىڭ سان-سۈپىتىدۇر،سەمىمىيىلىك سائادەت ساتتارنىڭ سىجىل ساپ سۆيگۈ سىموۋۇلىدۇر.
مەنبە:تۆتتاش
2013-يىل 19-فېۋرال
توقسۇ

ۋاقتى: 2013-4-7 12:10:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كۆسەن كۈلكىسى

تۆتتاش

كۆسەندىكى كۈيۈمچان كەسىپداشلار:                                                  
كەمىنىڭىزدىن  كۆسەندىكى كۇماراجىۋانىڭ كۈيۈمچان كەنجىللىرىگە  كامالى كالام:
كۈيۈمچان كەسىپداشلىرىم، كۆسەن كىشىللىرى كاككۇكتەك كۈيلىرىدە كەيىپلىك، كەپسىزلىك، كىبىرلىك، كۆكەرمىلىكتەك كەمچىللىرىكلەرنى كېمەيتىپ، كەمتەر كىشىلەرنى كۆپەيتىپ ، كۈڭۈل كۆزلىرىنى كىچىكلەتمەي، كىچىكلەرنى كىچىكىدىنلا كىتاپ كۈرۈشكە كۆندۈرۈپ، كەلگۈسىدە كامالەتتە كىلىشكەن كومىدىيەچى،كۆزەتچى،   كوللىكتىپشۇناس،  كەلگۈسىشۇناس،  كانشۇناس،...  كەشپىياتچىلاردەك كۆپەيتىپ كۈيلەپ كىلىۋاتماقتا.
كۆسەن كۈيچىللىرى. كۈيلىرىڭلارنى كومپىيوتىرغا كىرگۈزۈپ، كامالەتتە كاپالەندۈرۈپ كەپەڭلاردىكى كۈتۈپخاناڭلارنى كۆركەملەشتۈرۈپ، كومپىيوتىرلاشتۇرۇپ، كائىناتقا  كۈيۈنگەيسىزلەر. كارخانىچىلارنى، كاسىپلارنى كۆتىرىپ، كىرىمىڭلارنى كۆپەيتىپ، كەمبەغەللىكتىن  كالتە  كۆينەكلىرىنى كىيمەي، كەمبەغەلىككە   كېپەنلەنمىگەيسىلەر، كەسىپسىزلىكىنى كۆرمىگەيسىلەر. كېسەللىكلەردىن كېمەيتىپ، كۈلكە كانىغا كىرىپ، كەمتەرلىك كۆزۈڭلاردا كەچۈرۈم كۆڭلىڭلارنى كۆركەملەشتۈرگەيسىلەر. كارامىتىڭلارنى  كۆرسىتىپ كۆكتىكى كەپتەردەك،  كۆكلەمدىكى كۈيچى كاككۇكتەك كۈلۈپ،  كۈنسىرى كۈلكەڭلەرنى كۆپەيتىپ كەسىپداشلارنىڭ كۆرسەتمىسىنى كۈتكەيسىلەر، كومپاسنىڭ كارامەت كۆرسەتمىسدە كۈمۈشسىمان  كۈچلىنىپ كارامەتلىشىپ، كەيىپلىك كەچمىشلىرىدە  كۈتۈلمىگەن كېسەللىك كاساپىتىگە كەتمىگەيسىلەر.
كىچىكلەر كەپسىزلىككە كېشەنلەنمەكتە.كىچىكلەرنى كەمتەرلىك  بىلەن  كەچۈرۈپ كۈنسىرى  كۈلدۈرۈپ كەلگۈسىنى  كۆزلەپ، كاللىسىنى كائىناتقا،كوللىكتىۋىزىملىققا، كومپارتىيەگە كېشەنلىگەيسىلەر.
كەلگۈسىمىزنى كۈرەيلى!
كۈڭۈلسىز كۈنلەر كەلمەسكە  كەتتى.
كۆسەننىڭ كەڭرى كوچىسىدا، كۆچەتزارلىقىدا، كىتاپخۇمارلار كۆپىيىپ  كېچە-كۈندۈز كۆزلىگەن كەلگۈسى كارتىنىلىرىنى كىتاپتىن كۆرگەچكە، كۆسەندىكى كەسىپداشلاردىن كۆڭلۈم  كۆتىرىلىدى، كۆسەننىڭ كەلگۈسىدە كاتتا كۆركەملىشىدىغانلىقىغا كەمىنە كۆسەننىڭ كۆكلەمدەك كۆكلىگەن كۈلكىللىرىدە  كۇماراجىۋانىڭ كۈمۈشتەك كۆيىگە  كۆمۈلمەكتىمەن.
كۆسەندىكى كەسىپداشلار، كاسىپلار، كارخانىچىلار، كىچىكلەر، كۇماراجىۋانىڭ كۆكتىكى كۆركەم كۈلۈمسىرەشلىرىنى كۈچلۈك  كۈزىتىڭلار! كۈيۈمچانلىقنى، كەسىپچانلىقنى، كوللىكتىۋىزىملىقنى كۈچەيتىڭلار.
كۆسەن كۈلكىسى كۇماراجىۋا كۈلكىسىدۇر.

مەنبە: تۆتتاش
2013-يىل 17-فېۋرال


ۋاقتى: 2013-4-7 12:11:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شاياردىكى شائىر، شائىرەلەر



سانائىل ھەرپلىك

تۆتتاش

شاياردىكى شائىر، شائىرەلەرنىڭ شەيتانچە شەكىلۋازلىقنى شاللىۋەتكەنلىكىدەك شەپقىتىنى، شەخسىيەتسىزلىك  شولىللىرىنىڭ شىجائىتىنى شەرھىلىمەكچىمەن.

شاياردىكى شائىر، شائىرەلەرنىڭ شېئىرلىرىدا شەخسىيەتچىلىك، شەھۋانىيلىق،   شەپقەتسىزلىك، شۇئارۋازلىق، شۆھرەتپەرەسلىك، شاراپخورلۇق شەرتسىز شاللىۋېتىلگەچكە،  شەيتانمۇ شۈكلىنىپ شاتلىنالمىدى.

شاياردىكى شائىر، شائىرەلىرىمىز شېئىرىيەتكە شۇڭقاردەك شۇڭغۇپ، شەرقنىڭ شەرملىك، شۆھرەتلىك، شەپقەتلىك، شادىيانە شۈكرانىلىرىنى شەرھىلەپ، شەخسىيەتسىزلىك  شاماللىرىدا شاكاللىرىنى شاللاپ، شائىرلىق شولىلىرىنى  شالاڭلاتماي، شېئىرلاردىن شان-شەرەپ شاھادەتلىرىنى شىرمەتلەرچە شەككىلەندۈردى.

شۇڭا شۇنى شەرھىلەيمىزكى، شائىرلىق-شېئېرنىڭ شادلىق شاقىراتمىسى ، شائىرلىق-شاماللارنىڭ شوخ شىۋىرلىشىدۇر، شائىرلىق-شەخسىيەتچىلىكنى، شەرمەندىلىكنى، شىجائەتسىزلىكنى شۈكلەندۈرگۈچىدۇر.  شېئېر-شائىرنىڭ شانۇ-شەۋكەت شىجائىتىنىڭ شولىسىدۇر، شائىرنىڭ شادلىق شاقىراتمىسىنىڭ شېرىن شەربىتىدۇر.

شاياردىكى شائىر، شائىرەلەرنىڭ شىرمەتلەرچە  شاھانىلىرىگە شاراپەتلىك  شاھادەتلەر  شاھىدلانغاي!

شاياردىكى شائىر، شائىرەلەر شەكلەنمەستىن شېئېر شەمشەرلىرىدە شەھىرىمىزدىكى شەيتان-شۇمبۇيىلارنى شاياتۇنلار شەھىرىگە شۇڭغۇتقاي! شان-شەرەپ شامدانلىرىنى  شەھىدانە شاياردا شاخلاتقاي!


شەھىرى  توقسۇ

2013-يىل 14-فېۋرال



ۋاقتى: 2013-4-7 12:27:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غادىيىۋېلىش-غايىسىزلەرنىڭ، غۇربەتچىلىكنىىڭ غوجىدارى.
غادىيۋېلىش-غېرىپلىكنىڭ غىزاسى.غاجىلغۇچىلارنىڭ  غەمناك غەمگۇزارى.
غايە غەزەللىرىڭىز غۇنچىلاپ  غەلبىسىرى غۇلاچلانسۇن.غايە غالچىلاردىن،غەيۋەتچىلەردىن، غۇرۇرسىزلاردىن، غەزەپلىنىدۇ.


ۋاقتى: 2013-4-7 12:31:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىمارۋازلىق قىلمىشىنى قامچىلايلى قەرەلسىز


‹‹ق››ھەرپىدىن باشلانغان شېئىر


ئابلاجان راخمان تۆتتاش



قىمارۋازلىق قىلمىشىنى قامچىلايلى قەرەلسىز،

قەلىبلەرگە قونمىسۇن، قەلبى قارا  قىمارۋاز.

قەبىھلەرچە  قېدىرىپ  قامچىلايلى قەتئىلا،

قەدىناسنى قەرزگە قاتلىۋەتكەن قىمارۋاز.

  

قىمارۋازلىق قىلمىشىنى قامچىلايلى قەرەلسىز،

قەلبى قاقاس قەھرىتان  قىزىلكۆزدۇر  قىمارۋاز.

قىمارۋازلار قويماقچى قوتاندىكى قويلارنى،

قۇرۇلتايدا قانۇندا قامچىلاندى قىمارۋاز.

  

قىمارۋازلىق قىلمىشىنى قامچىلايلى قەرەلسىز،

قانۇنلارنى قوغدايلى،قولغا قاپلاپ قېلىچنى.

قەلبى قارا قۇياشسىز قارقۇيۇندۇر قىمارۋاز،

قامچىلايلى قەدرىسىز قىمارۋازلىق قىلمىشنى.

  

قىمارۋازلىق قىلمىشىنى قامچىلايلى قەرەلسىز،

قىمارۋازدىن قورقمايلى،قاماقخانىغا قامايلى.

قانۇنلارغا قاندۇرۇپ قۇل قىلايلى قەدىناس.

قىمارۋازنى قۇللىماي قەدرىمىزنى قىلايلى.




 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-4-7 13:13:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلاجان «غ»  ھەرىپىدىن  باشلانغان  سۆز  ئويۇنىنى يەنە  ئازىراق  ئۇزارتىپ باقسىڭىز  بۇلۇپتىكەن

ۋاقتى: 2013-4-7 13:28:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياسىنجان،ياخشى ئىشقا تۇتۇش قىپسىز،مېنىڭ تەكلىپىم باش ھەرىپى ئوخشاش ھەرىپ بىلەنلا باشلانغان سۆز ئويۇنلىرى بىلەن چەكلىنىپ قالماي،بارلىق سۆز ئويۇنلىرىنى يېغسىڭىز تېخىمۇ جانلىق بولمامدۇ دىگەن قاراشتىمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-4-7 13:38:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدھەم  پىكىرىڭىزنى  قوللايمەن، شېئىرلارنىڭ  چىقىمىقى  سەل  تەسكە  توختىغاچقا  يىغىپ  قويۇپ  ئېلان قىلدۇرالماي ، دوستلارنىڭ  ئالدىدا  خىجىلچىلىقتا  قالارمانمىكىن  دەپ  ئويلىغان، ئەسلىدىكى  پىلانىم  شېئىر  شەكىلدىكىنى  بىر كىتاب،  مەن  تەلەپ  قىلغاننى  بىر  كىتاپ  تۈزەي  دېگەن،  ھازىرمۇ  كېچىكمەيمەن،  بولسا  يوللاپ  بەرسەڭلار ،دوستلارنىڭ  قوللىشى  ياخشى  بولىۋاتىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ي.ت.توغراق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-7 13:41  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-4-7 13:43:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەخمەتجان ئابدۇللا  بۇ جەھەتتە  ياخشى كۈچ  چىقىرىپ سۆز ئويۇنى شەكىلدىكى شېئىرى  چۆچىكىنى نەشىرىياتقا تاپشۇردى.

ۋاقتى: 2013-4-7 14:36:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياسىنجان يېڭىلىق يارىتىپ يەنىمۇ يۈكسەلگەي!
  تەللىسى  تاتلىق تۇيغۇلارغا توختىماي تولۇپ تۇرغاي!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-4-7 15:10:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلتۇغ ئەپەندى  ئىنكاستىلا  باشلىۋىتىپسىزغۇ،  سىزمۇ بىرنۇ  يوللاپ قالامسىز  نىمە؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-4-8 09:53:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلبۇل بىلەن بېلىق
ئايگۈل ھاپىز

بۇلبۇل :
-        بېلىقجان!  بېلىڭ بەك بوشكەن!  بېلىڭدە بەلبېغىڭمۇ بولمىسا بۇنچە بېلىقلارغا باش بولالامسەن؟
بېلىق :
-        بۇلبۇلجان!  بەلۋېغىم  بولمىغان بىلەن بەلۋېغىمدىنمۇ بەلەن بىلىمىم بار،  بۇ بىلىم بىلەن بېلىقلارغا باش بولالايمەن.
بىلەرمەن بۇلبۇل بېلىققا بىر بېقىپ،  بېلىقنىڭ بىلىمىنىڭ بەكلىكىنى بىلىپتۇ. بىراق، بىلەرمەن بۇلبۇل  بەتنىيەتلىكىنى بېلىققە بەتلەپتۇ. بېلىقمۇ بوشاشماي بۇلبۇلنى بويسۇندۇرماقچى بولۇپتۇ.  بېلىق بىلەن بۇلبۇل بالداقمۇ-بالداق بەستلىشىپتۇ.  بېلىق بىلەرمەن بۇلبۇلغا  باشقىلارغا باش بولۇشقا  بېرىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ.  بۇلبۇلمۇ بېلىقنىڭ بىلىمىنىڭ بەلەنلىكىنى بىلىپتۇ.
بېلىق بۇلبۇلنىڭ بۇلارنى بىلىۋالغانلىقىنى بىلىپ، باشقىلارغا بىللە باش بولۇپتۇ.





 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-4-8 13:46:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىزلەر  قوللاش  بۇنداق  ئاستا  بولۇپ  قالمىسۇن، ئۆزەڭلار يازغىنى بولمىسا ئۇچىراتقىنى بولسىمۇ  ئىنكاس  ياكى  ئايرىم  تېما  شەكىلدە يوللىۋېتەرسىلەر

ۋاقتى: 2013-4-8 14:30:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يامان ئەمەس ياخشى يېزىپسىز ؟كۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن! تىرىشىڭ !ئۆرلەڭ!

ۋاقتى: 2013-4-8 14:30:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يامان ئەمەس ياخشى يېزىپسىز ؟قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن! تىرىشىڭ !ئۆرلەڭ!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش