سەددىچېن سېپىلىدىن يىراققا نەزەر
سەددىچېن سېپىلىنىڭ داڭقى، بارلىققا كېلىشتىكى تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشى كۆپ سانلىق كىشىلەرگە تونۇشلۇق. ئاڭلىساق بېىجىڭغا كەلگەن كىشى سەددېچىن سېپىلىغا چىقىمىسا، بېيجىڭغا كەلگەن ھىساپلانماسمىش. شۇڭا بىزمۇ بېيجىڭدىكى بىر ئايلىق ئۆگىنىش، ياشاش ۋە باشقا ئىجتىمائى پائالىيەتلىرىمىزنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىش ئۈچۈن 22-ئىيۇل (يەكشەنبە) سەددىچېن سېپىلىغا چىقىدىغان بولدۇق.
تۈنۈگۈنكى قارا يامغۇردا بىزنى يېرىم كۈن سەيلى قىلدۇرغان قاتتىق قول ساياھەت يېتەكچىسى ئەتىگەندە لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتقا كېلىپ، ئاپتۇبۇس بىلەن سەددىچېن سېپىلىگە باشلاپ ماڭدى. ھاۋاريى مەلۇماتىدا بۇ كۈنى يەنە ئازراق يامغۇر ياغىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن يۇرتىمىزدىكىدەك كۈلۈپ چىققان سەھەر قۇياشى روھىيمىزنى خېلى كۆتۈرۈپ قويغان ئىدى.
شەھەر رايۇنىدىن ئۇزاپ شەرقى شىمالغا قاراپ 100 كىلومىتىردەك يول يۈرگەندىن كېيىن بىر تاغلىق رايۇنغا كىرىپ كەلدۇق. بۇ بېيجىڭ شەھرىنىڭ شىمالى تەرىپىدىكى تاغلاردىن شەھەر رايۇنىغا كىرىش-چىقىش ئېغىزى ئىكەن. بىز يۇقىرى سۈرەتلىك تاشيولدىن تاغ باغرىغا قايرىلىپ، «بېيجىڭ سەددىچىن سېپىلى مۇزىيى» دەپ ۋېۋىسكا ئېسىلغان مۇلازىمەت رايۇنىغا كىرىپ سەددىچېن سېپىلىنىڭ پەشتاقلىرىغا رەسمى قەدەم قويدۇق. سەددىچېن سېپىلى دولقۇنسىمان يېشىل تاغلار ئۈستىگە تاغدىن –تاغقا، چوققىدىن چوققىغا ئۇلاپ ياسالغان ھەم كەڭ، ھەم مەزمۇت توساق تام بولۇپ ئاساسى قۇرۇلمىسى ئەينى زاماندىكى پىششىق خىش، تاش، سىمۇنىت، ئايرىم جايلىرى ياغاچتىن تەركىپ تاپقان ئىكەن. سېپىلنىڭ شەكلى ۋە قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا سېپىلنىڭ ئىچىدىن مۇۋاپىق ئارلىقلار بويىچە چىقىش-چۈشۈش ئېغىزلىرى قويۇلغان، سىرىتقى تەرەپكە بولسا «ياۋ»نى كۈزىتىش، جەڭ قوراللىرىنى بەتلەش ئۈچۈن مەخسۇس كۆزنەكلەر قويۇلغان بولۇپ ئاساسەن پىيادە لەشكەرلەرنىڭ يىراقتىن كېلىۋاتقان «ياۋ»نى كۈزىتىش، مۇداپىئە كۆرۈش، شەھەرنى قوغداش سىتراتىگىيسىگە لايىقلاشتۇرۇلۇپ ياسالغان ئىكەن.
بىز مەملىكەتنىڭ جاي-جايلىرى ھەتتا چەتئەللەردىن بۇ يەرگە كەلگەن مىغ- مىغ ساياھەتچىلەر توپىغا قېتىلىپ سېپىلنى بويلاپ يۇقىرى ئۆرلىدۇق. خاتىرە سۈرەتلەرگە چۈشتۇق. بىر يېرىم سائەتچە يول يۈرۈپ ئەڭ تىك چوقىغا ئاز قالغاندا ئادەمنىڭ كۆپلىكىدىن مېڭىش مۈمكىن بولماي قالدى ھەم يۇقىرى تەرەپتىن مېڭىش يولى توسۇلۇپ قالغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر كەلدى. داۋاملىق ئالدىمىزغا ماڭالمىغانلىقتىن، كۆزئالدىمىزدىلا كۆرۈنگەن ئەڭ ئىگىز «بادالىڭ» چوقىسىغا چىقالماي، كەلگەن يېرىمىزدە تۇرۇپ قالدۇق. سېپىلنىڭ سىرتى قاتمۇ-قات تاغ، تاغ چوقىسىدا بۇلۇتلار ئۈزۈپ يۈرىيدۇ. تەبئىەتنىڭ بارچە گۈزەللىكىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان بۇ يېشىل تاغلار يەنە تۈمەنلىگەن قۇشلارنىڭ جەننىتىگە ئايلانغان... مەن تاغلارغا ئۇزاقتىن-ئۇزاق قارىدىم، قارىغانچە خىيالىم يىراق ئۆتمۈشكە قاناتلاندى... بۇنىڭدىن 2500 يىللار مۇقەددەم مۇشۇ تاغلارنىڭ غەرىبى شىمالىدىكى گوبى چۆلىنىڭ ئۇ تەرىپىدە ياشىغۇچى ھونلار ئاتلىرىنى چاپتۇرۇپ يۈرۈپ ئاشۇ بىپايان زېمىندا ئۆزلىرىنىڭ سەلتەنىتىنى نامايەن قىلغان. مىلالىدىن ئىلگىركى 300-يىللىرى باشلانغان قانلىق ئۇرۇش تاكى 300 يىلغا قەدەر داۋاملىشىپ، بىپايان يايلاق سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ قېنى بىلەن بويالغان... مىلالىدىن كېيىن ھونلارنىڭ ناخشىسىنى تۆلەس قەبىلىلىرى داۋملاشتۇرۇپ كەلگەن. مىلادىيە 603-يىلى تۆلەس قەبىلىلىرى ئىچىدىكى چەۋۈكلەردىن چىققان چەۋۈك قۇلۇن «ئېركىنلار ئىتتىپاقى»نى قۇرۇپ ئون ئۇيغۇر، توققۇز ئوغۇزلارنى تەشكىل قىلغۇچى تۆلەس قەبىلىلىرىنى بىرلەشتۈرگەن ئاساستا تەرمەن تېغىدا تەرمەن خانلىقىنى قۇرغان. شۇنىڭدىن باشلاپ مىلادىيە 745–يىلى ئۇرقۇن قاغانلىقى قۇرۇلۇپ مۇستەھكەملەنگەنگە قەدەر بولغان 150 يىلغا يېقىن تارىخ بۇ زېمىننىڭ شىمالىدا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان. مىلادىيە 840-يىلى ئۇرقۇن قاغانلىقى مۇنقەرز بولغاندىن كېيىن بۇ يەردىكى شەرىقى ئۇيغۇرلار غەرىپكە كۆچۈپ غەرىبى ئۇيغۇرلارغا قوشۇلۇپ قۇجۇ خانلىقىنى قۇرغان... بىراق ئۇرقۇن قاغانلىقىدىكى باتۇر سەركەردىلەرنىڭ بىرى بولغان پانتېكىن پېتراپ يۈرگەن بىر بۆلۈك قوۋمنى باشلاپ سەددىچېن سېپىلىنىڭ شىمالىغا كەلگەن، بۇ يەردىكى ئىلگىرى دوسىتلىشىپ كەلگەن قورۇقچى بەگدىن ئۆزلىرىگە يەر، سۇ بېرىشنى ئېيىتقان. ئەمما پانتېكىننىڭ تەلىپى ئورۇندالماقتا يوق، ئەكسىنچە قارشى ئېلىنمىغان مېھمان بولۇپ قالغان... شۇنىڭدىن كېيىن پانتېكىننىڭ ئىزدېرىكى بولمىغان... مەن بىر ھازا خىيالغا پېتىپ تۇرغاندىن كېيىن سېپىلدىكى كۈزىتىش كۆزنىكىدىن شىمالغا قاراپ ئاۋازىمنىڭ بېرىچە توۋلىدىم:
-پانتېكىن! پانتېكىن!!
يىراق تاغلاردىن بىر سادا كەلگەندەك بولدى، مەن بۇ سادانى پانتېكىننىڭ جاۋابىمىكىن، دېدىم.
يىراق دالادىن شاۋقۇن-سۈرەن ئاۋازى ئاڭلانغاندەك بولدى، مەن بۇ شاۋقۇن سۈرەندىن پانتېكىننى ھېلىھەم ئات چاپتۇرۇپ كېلىۋاتامدىكىن، دەپ ئويلىدىم.
سەددىچېن سېپىلىغا چىقىۋاتقان-چۈشۈۋاتقانلار بەك كۆپ، ئازادە مېڭىش ئىمكانىيىتى بولمىغانلىقتىن سېپىلنىڭ «بادالىڭ» چوقىسىغا يەتمەستىن كەينىمىزگە بۇرۇلدۇق. ئالدىمىزدا توختىماي سۆزلەپ ماڭغان ساياھەت يېتەكچىسى بىزنىڭ «ئادەم ئازراق بولغان بولسا قانداق ياخشى بولاتتى...» دېيىشىۋاتقانلىقىمىزنى ئاڭلاپ، بۇ يەردە بىر يىلنىڭ تۆت پەسىلىدە ئوخشاشلا ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ قويدى. بىز سېپىلنىڭ ئىچى تەرىپىدىكى چۈشۈش يولىدا چۈشىۋېتىپ تاغ باغرىدا سەددىچېن سېپىلى خاتىرە بۇيۇملىرىنى ساتىدىغان نۇرغۇن دۇكانلار، ساياھەتچىلىك مۇلازىمەت نۇقتىلىرى شۇنىڭدەك مىغ-مىغ ساياھەتچىلەرنى كۆرۈپ، تارىخنىڭ شاھىدى بولغان بۇ كاتتا قۇرۇلۇشنىڭ بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈن جۇڭگو خەلقى ھەتتا دۇنيا ئەھلىنىڭ بىر قېتىم كۆرۈپ باققۇسى كېلىدىغان تارىخى مۇزىيىغا ئايلىنىپ، ھەر كۈنى نەچچە مىليون يۈەنلەپ پۇل تاپىدىغان ئىقتىسادى گەۋدىگە ئايلانغانلىقىنى كۆردۇق.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئا.ئى.پەروزان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-3 18:26