يازغۇچى ئەكبەر مىجىت بىلەن تونۇشۇش
ئىككى كۈنلۈك دەمئېلىش، ساياھەتتىن كېيىن يەنە ئۆگىنىشىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق. بىز بېيجىڭ ئۇنۋېرستىتى، جۇڭگو ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادىميسى قاتارلىق داڭلىق ئالى مەكتەپلەر، تەتقىقات ئورگانلىرىدىن كەلگەن پىروفىسورلار، دوكتۇر يېتەكچىلىرىنىڭ «ئەدەبىياتنىڭ تەسىرچانلىقى ھەققىدە»، جۇڭگو «كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ كاتتا ئەنئەنىسى» قاتارلىق كۆپلىگەن تېمىلاردا دەرىس ئاڭلىغاندىن كېيىن 24-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن ئاتاقلىق قازاق يازغۇچى، جۇڭگو يازغۇچىلار نەشىرىيات گۇرۇھى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، «جۇڭگو يازغۇچىلىرى» ژورنىلىنىڭ باش مۇھەرىرى ئەكبەر مىجىتنىڭ ئەدەبى ئىجادىيەت ھەققىدىكى قىممەتلىك كۆزقاراشلىرى بىلەن ئورتاقلاشتۇق. ئەكبەر مىجىت مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋىدا ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ جەمئىيەتنىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلىنىپ قالغانلىقى، شۇنىڭدەك 1968-يىلى يولداش ماۋزىدۇڭ «زىيالى ياشلار يېزىلارغا چۈشۈشى كېرەك» دەپ يوليورۇق بەرگەندىن كېيىن بىر كېچىدىلا 30 مىليون ياشنىڭ يېزىلارغا چۈشكەنلىكى؛ ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ جەمئىيەتنىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلىنىپ قالسا، نورمال ئەھۋال بولمايدىغانلىقى شۇنىڭدەك ئەدەبىيات بولمىغان جەمئىيەتنىڭمۇ نورمال بولمايدىغانلىقىدەك مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ئاساستا ئۆزىنىڭ كۆزقاراشلىرىنى قايىل قىلارلىق پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرغا قويۇپ، ئالاھىيدە ئالقىشلاندى.
كەچتە ئەكبەر مىجىتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن «يىپەك يولى» رېستۇرانىدا جۇڭگو يازغۇچىلار نەشىرىيات گۇرۇھى باشقۇرۇش كومىتېتى تەرىپىدىن بارلىق كۇرسانتلارغا زىياپەت بېرىلدى. زىياپەتتە بىزگە بولغان بىر خىل يېقىنچىلىق، دىلكەشلىك تۇيغۇسىدا ئۇيغۇر ئەدىپ، مۇھەررىرلىرى بىلەن بىر ئۈستەلدە ئولتۇرغان ئەكبەر مىجىت ناھايىتى راۋان بولغان ئۇيغۇر تىلىدا پاراڭغا كىرىشىپ كەتتى. ئۇ ھەر بىرىمىزنى ئىنىم، سىڭلىم دىگەندەك قېرىنداشلارچە ئىبارىلەر بىلەن ئاتاپ بىردىنلا يۈرىكىمىزگە ئەڭ يېقىن، ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىمىزگە ئايلاندى. بىز ئۇنىڭدىن ئۇيغۇر تىلىنى قانداق شارائىتتا بۇنچە راۋان، بۇنچە توغرا تەلەپپۇزدا سۆزلەشنى ئۆگىنىۋالغانلىقىنى سورىساق، ئۇ ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن ئۆزىنىڭ غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغانلىقىنى، گەرچە پۈتۈن ئوقۇش ھاياتىدا خەنزۇ تىلىدا مائارىپ تەربىيسىگە ئىگە بولغان بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئىجتىمائى مۇھىت، ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان قان قېرىنداشلىق ھېسياتى، دائىملىق باردى -كەلدىلەر ئۇنى ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراتقانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. ئەكبەر مىجىت يەنە نۆۋەتتە ئۆزى باش مۇھەررىرلىكىنى ئۆتەپ كېلىۋاتقان «جۇڭگو يازغۇچىلىرى» ژورنىلىنىڭ ئاساسى ئەھۋالىنى قىسقىچە تونۇشتۇردى شۇنىڭدەك سوممىسى 120مىڭ يۈەن بولغان مۇكاپاتلىق ئەسەر قوبۇل قىلىش پائالىيتىنى يولغا قويۇپ يازغۇچىلارنىڭ ئىجادى پائالىيىتىنى جانلاندۇرۇش، ژورنال سەھىپىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش جەھەتتە بىر قاتار خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرغانلىقى ئۈستىدە توختالدى. ئەكبەر مىجىت يەنە ئۆزىنىڭ قانداق شارائىتتا، قانداق ئۇسۇلدا ئىجادىيەت قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى سۇئالىمىزغا پۇرسەت بولسىلا ئىجادىيەت قىلىدىغانلىقى، ئادەتتە كومپىيۇتېردا يېزىشقا ئادەتلەنگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى. بىز يازغۇچى ئەكبەر مىجىتنىڭ «15 ياشلىق خالىدە» ناملىق ھېكايىسىدىن باشقا ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشمىغانلىقىمىز، ئۇنىڭ بەدىئى تۇيغۇسى ۋە ئىجادىيەت ئۇسلۇبى بىلەن ئاساسى جەھەتتىن ناتونۇش بولغانلىقىمىز ئۈچۈن يەنىمۇ ئىچكىرلەپ پىكىر ئالماشتۇرالمىغان بولساقمۇ لېكىن ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان ئاشۇ قىسقىغىنا يېرىم كۈندە ئۇنىڭغا بولغان قايىللىقىمىز، چىن ھۆرمەت ھېسياتىمىز بىلەن « سىز خاس قازاق خەلقىنىڭ يازغۇچىسى ئەمەس، ئۇيغۇر خەلقىنىڭمۇ ھۆرمەتلىك يازغۇچىسىز!» دېدۇق ھەمدە قېرىنداشلارچە ھېسياتىمىز بىلەن ئۇنىڭ بىلەن قۇچاقلىشىپ تۇرۇپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشتۇق.
«يىپەك يولى»دىكى قايناق كەيپىيات يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. بىر چاغدا قازاق ساۋاقدىمىز بولات يانفۇندا «قارا يورغا» ناملىق قازاق خەلق مۇزىكسىنى قويۇپ ئەكبەر مىجىتنى ئۇسسۇلغا تارىتتى. ئەكبەر مىجىت بولاتنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلىپ: «قارا يورغىنى قوي، سىلەر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدىن كەلگەن كۇرسانتلار بولغاندىكىن ئاۋال ئۇيغۇرچە ئوينايمىز». دېدى. بىز بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئەكبەر مىجىتنىڭ داڭلىق يازغۇچىلارغا خاس نەزەر دائىرسى كەڭ، ئوموملۇق كۆزقارىشى يۇقىرى ئادەم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇق. شۇ ئارىدا رېستۇراندا شوخ ئۇسۇللۇق ئۇيغۇرچە ناخشا ياڭرىدى:
كېلىڭلار دوستلار ئوينايلى،
ھېچكىم چەتتە قالمىسۇن.
كىمنىڭ مەيلى كىمگە بولسا،
قويۇپ بېرىپ ئويناسۇن.
بىز دەرھال سورۇنغا چۈشۈپ، ئەكبەر مىجتنى ئۇسسۇلغا تارىتتۇق. ئۇ ئۇيغۇرچە ئۇسسۇلنى ئىلى ئۇيغۇرلىرىدەك چىرايىلق ئوينايدىكەن. سورۇن بىردىنلا قايناق كەيپىياتقا چۆمدى. تەرەپ- تەرەپتىن ئۇسسۇلغا چۈشكەن ساۋاقداشلار يازغۇچىنى ئورىۋالدى. بىز مىجەزى ئوچۇق- يورۇق، ۋۇجۇدىدا دوستانە كەيپىيات ئۇرغۇپ تۇرغان بۇ يازغۇچى بىلەن بىر جان، بىر تەن بولۇپ كەتتۇق.
بۇ ئىجاد- مېھنەت ئىشقىدا سوققان يۈرەكلەرنىڭ بىر- بىرىگە باغلىنىشى ئىدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئا.ئى.پەروزان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-3 18:28