ximal
كۆرۈش: 15623|ئىنكاس: 212

بېيجىڭ ئەدەبىيات كوچىسىدا--(ئابدۇكېرىم قادىر)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1327
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 374
تۆھپە : 0
توردا: 41
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-16 13:47:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

  بېيجىڭ ئەدەبىيات كوچىسىدا



ئابدۇكېرىم قادىر


ئەدەبىياتنىڭ ئوتى ۋە سۈيى



ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ 2012 – يىلىنى ئۆگىنىش يىلى، تەجىربە ئالماشتۇرۇش يىلى شۇنىڭدەك يۈكسىلىش يىلى دېسەك خاتا بولماس. چۈنكى شىنجاڭ يازغۇچىلىرىنىڭ شىزاڭ، چىڭخەيلەردىكى ئېكىسكرۇسىيە ۋە تەكشۈرۈش پائالىيىتى؛ شىنجاڭ ياش يازغۇچىلىرىنىڭ شاڭخەيدىكى ئۆگىنىش ، زىيارەت پائالىيىتى؛ بالىلار ئەدەبىياتى ئىجادىيەت سىمنارىيىسى، ئايال ئەدىبلەرنىڭ كىتاپ ئوقۇش كۇرسى، جەنۇپتىكى ياش يازغۇچىلارنىڭ شىمالى شىنجاڭنى ئېكىسكۇرسىيە، زىيارەت قىلىش پائالىيتىگە ئوخشاش زور ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەر ئاخىرلىشىپ تۇرۇشىغا يەنە ئوتتۇرا ياش، ياش ئەدىب، مۇھەررىرلەرنىڭ بېيجىڭ لۇشۈن ئەدەبىيەت ئىنىستۇتىغا تەربىيلىنىشكە بارىدىغانلىقى توغرىسىدا خۇش – خەۋەرلەر كەلدى.

بۇ قېتىم ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە تاللانغان ياش ئەدىبلەر قاتارىدا لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىغا ئۆگىنىشكە بارىدىغانلىقىم توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش مېنى ھەقىقەتەن ھاياجانغا سالدى. شۇنداق قىلىپ سەپەر ئالدىدىكى بىر قاتار ئۆتكەللەردىن ئۆتۈپ ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدىم ۋە ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە تىزىمغا ئالدۇردۇم. بۇ قېتىم لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىغا ئۆگىشكە بارىدىغانلار 41 نەپەر كىشى بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ئەدىبلىرى، مۇھەررىرلەر توققۇز نەپەر(ئۇيغۇر تىل – يېزىقىدا ئىجادىيەت قىلىدىغان تاجىك خەلقىنىڭ ئاتاقلىق شائىرى، يازغۇچى روزى گۇلبايمۇ شۇقاتاردا سانالدى) بولۇپ قەشقەردىن  ئادالەت ئۇبدۇرېھىم ، روزى گۇلباي (تاجىك)، يەكەندىن مەن يەنى ئابدۇكېرىم قادىر، «ئىلى دەرياسى»ژورنىلىدىن ئەسئەت ئابدۇرېشىت، قۇمۇلدىن ئەخمەت ناسىر، «تارىم» ژورنىلى نەشىرىياتىدىن ھەزرەتئېلى ئەخەت، «شىنجاڭ سەنئىتى» ژورنىلى نەشىرىياتىدىن قاھار نىياز، بۇ خەلچەم باھاۋۇدۇن، ئەدەبى تەرجىمانلار جەمئىيىتىدىن دىلمۇرات تەلئەت. قازاق، خەنزۇ قاتارلىق باشقا مىللەت ئەدىبلىرى 32 نەپەر كىشى ئىكەن.

13- ئىيۇل چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 5:38 دە ئۈرۈمچىدىن جېڭجو بارىدىغان 198- قېتىملىق پويىزغا ئولتۇرۇپ يولغا چىقتۇق (يېتەكچىمىزنىڭ ئۇقتۇرۇشىچە جېڭجودا يەنە بېيجىڭغا بارىدىغان تېز پويىزغا ئالمىشىپ ئاخىرقا مەنزىلگە يېتىپ بارىدىكەنمىز). پويىزدا ئولتۇرۇپ ئۇزاق سەپەرگە چىقىش خېلى كۆپ كىشىنىڭ بېشىنى ئاغرىتسا كېرەك. بىراق بىزنىڭ پويىزغا چىقىپلا باشلانغان ئەدەبىيات ھەققىدىكى پارىڭىمىز، كۈلكە چاقچاقلىرىمىز بىزدىكى بۇ «باش ئاغرىقى»نى ئۇنتۇلدۇرۋەتتى. پاراڭنىڭ بېشى شىمال سەپىرى ئۈستىدىكى جەنۇپ ئەدىبلىرىدىن باشلاندى.  «ئىلى دەرياسى ژۇرنىلى»نىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، يازغۇچى ئەسئەت ئابدۇرېشىت 12-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن غۇلجا شەھرىدە كاتتا ئەنجۇمەن بولغانلىقى، شىمال سەپىرىدىكى جەنۇپ ئەدىبلىرىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئۈلگۈرتۈپ چاقىرىلغان «ئىلى دەرياسى (چولپان) ئەدەبىيات مۇكاپاتى»نى تارقىتىش يىغىنىنىڭ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇپ ،شىمالدىكى ئەدىبلەرنىڭ كاتتا ئەنجۈمەنىگە ئايلانغانلىقىنى يەتكۈزدى. بۇ پاراڭغا ئۇلاپ بۇ قېتىم بىزگە مەسئۇل بولۇپ ئېلىپ ماڭغان دىلمۇرات تەلئەت گېتارنى قولىغا ئېلىپ ناخشا باشلىدى:

  كەلمىدىڭ ساقلىسام باراي دېسەم يول يىراق،

  ئۇنۇتتۇڭمۇ ئۆتكەن كۈنلەرنى، بەرگەن ۋەدەڭنى.

  ئاسمانغا قاراپ ئايدىن سورايمەن،

  بەرمىدى جاۋاپ كۆڭلۈم پەرىشان.  

  سېغىنىپ ھەر بىر ئاخشام، سۆيەي دېسەم لېكىن سەن يوق.

  ئۆتىدۇ كۈنلەر، ئۆتىدۇ ئايلار، ئۆتىدۇ يىللار،

  ئاسمانغا قاراپ ئايدىن سورايمەن،

بەرمىدى جاۋاپ كۆڭلۈم پەرىشان.

  ....

بىز دىلمۇراتنىڭ گېتار مۇڭىغا ناھايىتى ماس كەلگەن بۇ لىرىك ناخشىسىنى ئاڭلاپ ئىختىيارسىز چاۋاك چېلىشىپ كەتتۇق ۋە بۇ ناخشىنى ئىلگىرى ئاڭلاپ باقمىغانلىقىمىزنى، كىمنىڭ ئىجادىيىتى ئىكەنلىكىنى سورىدۇق. دىلمۇرات بۇ ناخشىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىجادىيىتى بولۇپ 1994 – يىلى ئىجاد قىلغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. بىز ئۇنىڭغا قايىل بولغان ھالدا يەنە بىر قېتىم چاۋاك چېلشتۇق. ئۇنىڭدىن كېيىن خەنزۇ يازغۇچى ئېرماۋ گېتارنى قولىغا ئېلىپ شوخ پەدىلەرگە چېلىشقا باشلىدى. قازاق، موڭغۇل ھەر مىللەت ئەدىپلىرى ۋاگۇندىكى تار ئۆتۈشمىدە بەللىرىنى تولغاپ ئۇسسۇلغا چۈشتى...

بىز قىزغىن سۆھبەت، كۈلكە،چاقچاق بىلەن 15- ئىيۇل بېيىجىڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 7:30 دە جېڭجو شەھرىگە يېتىپ كېلىپ، 136 –قېتىملىق تېز پويىزغا ئالماشقاندىن كېيىن سەپىرىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق. تۆمۈر يول قاتنىشىنىڭ يېڭى يارقىن نۇقتىسىغا ئايلانغان ئازادە، شاۋقۇنسىز تېز پويىز يول ياقىسىدىكى بېھىساپ ئېكىنزارلىقلار، تۆمۈر يولنى ئوراپ تۇرغان يېشىل كارىدۇر، يېزىلارنى – يېزىلارغا تۇتاشتۇرۇپ تۇرغان شەھەرلەر سەپىرىمىزنى يېڭى مەناغا ئىگە قىلماقتا ئىدى. بولۇپمۇ يول تاقىسىدىكى تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىنىغان تەبىئى ئېكىلوگىيلىك يېزائىگىلىكى تەبىئەتنىڭ ھۆسنىگە ھۆسىن قوشۇپ، كىشىنىڭ زوقىنى قوزغايىتتى. 2008–يىلى كۈزدە بېيىجىڭدا ئوقۇۋاتقان قىزىمنى يوقلاش مۇناسىۋىتى بىلەن ئايالىمنى ئېلىپ بېيجىڭغا بىر قېتىم كەلگەن ئىدىم. ئۇ چاغدا بىزنى ئېلىپ كەلگەن ئايرۇپىلان ئاسماندىكى بۇلۇتتىن باشقا ھېچنىمىنى كۆرسەتمەي پايتەخت ئايرۇدۇرۇمىغا پەم بىلەن قوندۇرۇپ قويغان بولغاچقا، بۇ كاتتا شەھەرنىڭ ئالدى ھويلىسى قايسى، ئارقا ھويلىسىچۇ، بۇنى بىلمەستىن ھەپتە تۇرۇپ قايتىپ كەتكەن ئىدۇق. بۇ قېتىم بېيجىڭ بىلەن جېڭجۇ ئارلىقىدىكى پايانسىز يېزىلارنى كۆرۈپ جۇڭگونىڭ سىياسى ئىقتىساد مەركىزى بولغان بۇ شەھەرنىڭ ئاشلىق، مېۋە-چىۋە كانىغا ئايلانغان كۆجۈم يېزىلارنىڭ قۇچىقىدا ئەللەيلىنىپ تۇرغانلىقىنى كۆردۇق.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئا.ئى.پەروزان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-3 18:05  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  217
يازما سانى: 295
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 639
تۆھپە : 0
توردا: 44
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-16 14:31:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ خاتىرىنىڭ بېشىدىن باشلاپلا قىزىقىپ قالدىم. ئاخىرىنى كۈتىۋاتىمەن.
مۇئەللىپنىڭ بۇ ساياھىتىدىن ئالغان بەھرىنى بىزگە ھارماي سۇنغىنىدىن ئۇنىڭ سەپىرىگە ئاق يول تىلەيمەن.

يۇپۇرماقنىڭ سارغايغىنىنى كۆرگۈم يوق ئىدى. ئەمما، كۆرمەي ئىلاجىم يوقلىقىنى كۈز كەلگەندىن بېرى ھىس قىلىۋاتىمە

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  475
يازما سانى: 154
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 457
تۆھپە : 12
توردا: 69
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-16 16:24:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستۇم ئابدۇكېرىم قادىرنىڭ  بېيجىڭغا ساق-سالامەت يېتىپ بېرىشىنى ،ئۇ يەردىكى پائالىيتىنىڭ ھەرقاچان ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى تىلەيمەن، كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرىدىن بىزنى داۋاملىق خەۋەردار قىلىپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، سالامەت بولۇشۇڭلارغا تىلەكداشمەن.

Rank: 14Rank: 14Rank: 14Rank: 14

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1303
تۆھپە : 1
توردا: 115
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-16 16:27:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈزەل بىر سەپەر داۋاملىشىۋېتىپتۇ. نىشانىڭلارنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولىشىغا تىلەكداشمەن.
ئورۇق ئاكام ئەسەتنىڭ بېيجىڭدىكى كۈنلىرى مەنىلىك ئۆتكەي!  

پۇرسەتكە تولغان ھاياتىمدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتىمەن.

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  94
يازما سانى: 465
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 6149
تۆھپە : 555
توردا: 440
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-16 16:32:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەدەبىي خاتىرىنىڭ باش بۆلىكى ھەقىقەتەن تارتىملىق يېزىلىپتۇ. بەزى ئەدەبىي خاتىرىلەر باركى، ۋاي-ۋۇي... ئۇلار گويا تەپسىلىي خەۋەردەكلا!...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1327
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 374
تۆھپە : 0
توردا: 41
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-16 17:26:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىز دوسىتلارغا يىراقتىن سالام!
ياخشى تىلەكلەرگە ئالەمچە تەشەككۈر!
كېلىلار ، بىز ئەدەبىياتنىڭ بەختىدىن تەڭ بەھىرلىنەيلى!
كېلىڭلار بىز ئەدەبىيات ئارقىلىق سىردىشايلى!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1327
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 374
تۆھپە : 0
توردا: 41
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-16 17:30:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زەپەرى ئۇكا، خاتىرىنى ئالدىراپ يېزىپ، ئالدىراپ يوللاپ ئىملادا ئانچە- مۇنچە كېتىپ قالغاندەك قىلىدۇ، قاراپ تۈزىتىپ قويساڭ. مەسىلەن توققۇز دېگەن سۆز توققۇش بولۇپ قاپتۇ، ئۆزرىلىكمەن.

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  69
يازما سانى: 138
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 616
تۆھپە : 9
توردا: 217
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-16 18:10:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  سالام ئابدۇكېرىم، خاتىرىڭىزنى ئوقۇپ سۆيۈندۈم. داۋامىغا تەققەززامىز. مۇمكىن بولسا سۈرەتلەر بىلەن يوللاپ قويارسىز. بېيجىڭدىكى كۈنلىرىڭلار كۆڭۈللۈك ئۆتكەي.

كارىزلارنى قۇتۇلدۇرۇش، كارىزلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ھەر بىرىمىزنىڭ بۇرچى!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  497
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 359
تۆھپە : 0
توردا: 34
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-16 18:18:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىزلەرنىڭ بېيجىڭدىكى ئوقۇشى مول نەتىجىلىك بولغاي...

ھەر قانداق ئىش نىيەتكە باغلىق بولىدۇ. ئۆزۈڭنى ئاۋۋال ئۆزۈڭ ھۆرمەت قىلمىساڭ، باشقىلار ئەسلا ھۆرمەت قىلمايدۇ

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1327
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 374
تۆھپە : 0
توردا: 41
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-16 18:31:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت دوستۇم، سىلەر يوق كۆڭلىمىز يېرىم، بۇ تېمىدا بولسىمۇ كۆرۈشۈپ تۇرايلى.
خاتىرىنىڭ ئاخىرى ۋە سۈرەتلەرنى تەييارلاۋاتىمەن، كەچكىرگىچە پۈتۈپ قالار.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12
يازما سانى: 549
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1763
تۆھپە : 20
توردا: 408
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-16 19:32:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇكىرىم قادىر ئەپەندىم، ھارمىغايسىز. ئادالەت ئابدۇرېھىمغا ئايال يازغۇچىلار كۇرسىدىكى بارلىق دوستلىرىنىڭ سالىمىنى يەتكۈزۈپ قۇيارسىز.ئۈگەنگەن دەرس مەزمۇنلىرىنىمۇ مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن بىزگە يوللايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمىز.



ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك. بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  862
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 452
تۆھپە : 0
توردا: 69
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-16 20:26:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ دۇتتىرىم يوق زىرىكىپ مەس بوپ كىتەرسەن گۇيلار . ئەيبۇ ياقۇپ مەن قانداق قىلسام قاتنىشىمەن بۇنداق پائالىيەتكە . خەپ سىنى خەپ .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1327
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 374
تۆھپە : 0
توردا: 41
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-16 21:03:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئابدۇكىرىم قادىر ئەپەندىم، ھارمىغايسىز. ئادالەت ئابدۇرېھىمغا ئايال يازغۇچىلار كۇرسىدىكى بارلىق دوستلىرىنىڭ سالىمىنى يەتكۈزۈپ قۇيارسىز.ئۈگەنگەن دەرس مەزمۇنلىرىنىمۇ مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن بىزگە يوللايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمىز».
بارىك ئاللا، سالامەت بولۇڭ!
ئادالەت خانىمنىڭ سىلەرنى ئەسلەپ يازغان ئېسىل شىئېرلىرى تەييار بولۇپ قالدىغۇ دەيمەن.



Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1327
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 374
تۆھپە : 0
توردا: 41
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-16 21:05:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«مىنىڭ دۇتتىرىم يوق زىرىكىپ مەس بوپ كىتەرسەن گۇيلار ».
سىز بولغان بولسىڭىز قانداق ياخشى بولاتتى، راخمانجان... يەنە پۇرسەت كېىلىپ قالار.
«مىليون گۈل»نىڭ ئاخىرى پۈتەي دەپ قالغاندۇ؟

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5
يازما سانى: 305
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1099
تۆھپە : 4
توردا: 208
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-16 21:09:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      تالانتلىق يازغۇچى ئابدۇكېرىم قادىرنىڭ بۇ تېمىسىنى يوللىغىنىدىن ئالەمچە خۇش بولۇپ، سۆيۈنۈش ئىچىدە ئوقۇپ چىقتىم. ئابدۇكېرىم قادىر ئارقىلىق دوستۇم  دىلمۇرات تەلئەتكە، ئەخمەت ناسىرغا قىزغىن  سالاملىرىمنى يوللايمەن. پىكىردىشىم ئادالەت ئۇبدۇرېھىمغا ۋە  ئەسئەت ئابدۇرېشىت، ھەزرەتئەلى ئەخەت، قاھار نىياز، بۇ خېلىچەم باھاۋۇدۇن، روزى گۇلبايلارغا ئالى ئېھتىرامىمنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ ئاستانىدىكى كۈنلىرىگە شادىيانىلىك تىلەيمەن. ئەدەبىياتنىڭ سىلەر ئارقىلىق بىزگە يېتىدىغان كەۋسەر بۇلاقلىرىنىڭ سۈيى ئۇلۇغ بولغاي! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئا.ئى.پەروزان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-3 18:01  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش