بېيجىڭ ئەدەبىيات كوچىسىدا
ئابدۇكېرىم قادىر
ئەدەبىياتنىڭ ئوتى ۋە سۈيى
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ 2012 – يىلىنى ئۆگىنىش يىلى، تەجىربە ئالماشتۇرۇش يىلى شۇنىڭدەك يۈكسىلىش يىلى دېسەك خاتا بولماس. چۈنكى شىنجاڭ يازغۇچىلىرىنىڭ شىزاڭ، چىڭخەيلەردىكى ئېكىسكرۇسىيە ۋە تەكشۈرۈش پائالىيىتى؛ شىنجاڭ ياش يازغۇچىلىرىنىڭ شاڭخەيدىكى ئۆگىنىش ، زىيارەت پائالىيىتى؛ بالىلار ئەدەبىياتى ئىجادىيەت سىمنارىيىسى، ئايال ئەدىبلەرنىڭ كىتاپ ئوقۇش كۇرسى، جەنۇپتىكى ياش يازغۇچىلارنىڭ شىمالى شىنجاڭنى ئېكىسكۇرسىيە، زىيارەت قىلىش پائالىيتىگە ئوخشاش زور ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەر ئاخىرلىشىپ تۇرۇشىغا يەنە ئوتتۇرا ياش، ياش ئەدىب، مۇھەررىرلەرنىڭ بېيجىڭ لۇشۈن ئەدەبىيەت ئىنىستۇتىغا تەربىيلىنىشكە بارىدىغانلىقى توغرىسىدا خۇش – خەۋەرلەر كەلدى.
بۇ قېتىم ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە تاللانغان ياش ئەدىبلەر قاتارىدا لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىغا ئۆگىنىشكە بارىدىغانلىقىم توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش مېنى ھەقىقەتەن ھاياجانغا سالدى. شۇنداق قىلىپ سەپەر ئالدىدىكى بىر قاتار ئۆتكەللەردىن ئۆتۈپ ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدىم ۋە ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە تىزىمغا ئالدۇردۇم. بۇ قېتىم لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىغا ئۆگىشكە بارىدىغانلار 41 نەپەر كىشى بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ئەدىبلىرى، مۇھەررىرلەر توققۇز نەپەر(ئۇيغۇر تىل – يېزىقىدا ئىجادىيەت قىلىدىغان تاجىك خەلقىنىڭ ئاتاقلىق شائىرى، يازغۇچى روزى گۇلبايمۇ شۇقاتاردا سانالدى) بولۇپ قەشقەردىن ئادالەت ئۇبدۇرېھىم ، روزى گۇلباي (تاجىك)، يەكەندىن مەن يەنى ئابدۇكېرىم قادىر، «ئىلى دەرياسى»ژورنىلىدىن ئەسئەت ئابدۇرېشىت، قۇمۇلدىن ئەخمەت ناسىر، «تارىم» ژورنىلى نەشىرىياتىدىن ھەزرەتئېلى ئەخەت، «شىنجاڭ سەنئىتى» ژورنىلى نەشىرىياتىدىن قاھار نىياز، بۇ خەلچەم باھاۋۇدۇن، ئەدەبى تەرجىمانلار جەمئىيىتىدىن دىلمۇرات تەلئەت. قازاق، خەنزۇ قاتارلىق باشقا مىللەت ئەدىبلىرى 32 نەپەر كىشى ئىكەن.
13- ئىيۇل چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 5:38 دە ئۈرۈمچىدىن جېڭجو بارىدىغان 198- قېتىملىق پويىزغا ئولتۇرۇپ يولغا چىقتۇق (يېتەكچىمىزنىڭ ئۇقتۇرۇشىچە جېڭجودا يەنە بېيجىڭغا بارىدىغان تېز پويىزغا ئالمىشىپ ئاخىرقا مەنزىلگە يېتىپ بارىدىكەنمىز). پويىزدا ئولتۇرۇپ ئۇزاق سەپەرگە چىقىش خېلى كۆپ كىشىنىڭ بېشىنى ئاغرىتسا كېرەك. بىراق بىزنىڭ پويىزغا چىقىپلا باشلانغان ئەدەبىيات ھەققىدىكى پارىڭىمىز، كۈلكە چاقچاقلىرىمىز بىزدىكى بۇ «باش ئاغرىقى»نى ئۇنتۇلدۇرۋەتتى. پاراڭنىڭ بېشى شىمال سەپىرى ئۈستىدىكى جەنۇپ ئەدىبلىرىدىن باشلاندى. «ئىلى دەرياسى ژۇرنىلى»نىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، يازغۇچى ئەسئەت ئابدۇرېشىت 12-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن غۇلجا شەھرىدە كاتتا ئەنجۇمەن بولغانلىقى، شىمال سەپىرىدىكى جەنۇپ ئەدىبلىرىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئۈلگۈرتۈپ چاقىرىلغان «ئىلى دەرياسى (چولپان) ئەدەبىيات مۇكاپاتى»نى تارقىتىش يىغىنىنىڭ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇپ ،شىمالدىكى ئەدىبلەرنىڭ كاتتا ئەنجۈمەنىگە ئايلانغانلىقىنى يەتكۈزدى. بۇ پاراڭغا ئۇلاپ بۇ قېتىم بىزگە مەسئۇل بولۇپ ئېلىپ ماڭغان دىلمۇرات تەلئەت گېتارنى قولىغا ئېلىپ ناخشا باشلىدى:
كەلمىدىڭ ساقلىسام باراي دېسەم يول يىراق،
ئۇنۇتتۇڭمۇ ئۆتكەن كۈنلەرنى، بەرگەن ۋەدەڭنى.
ئاسمانغا قاراپ ئايدىن سورايمەن،
بەرمىدى جاۋاپ كۆڭلۈم پەرىشان.
سېغىنىپ ھەر بىر ئاخشام، سۆيەي دېسەم لېكىن سەن يوق.
ئۆتىدۇ كۈنلەر، ئۆتىدۇ ئايلار، ئۆتىدۇ يىللار،
ئاسمانغا قاراپ ئايدىن سورايمەن،
بەرمىدى جاۋاپ كۆڭلۈم پەرىشان.
....
بىز دىلمۇراتنىڭ گېتار مۇڭىغا ناھايىتى ماس كەلگەن بۇ لىرىك ناخشىسىنى ئاڭلاپ ئىختىيارسىز چاۋاك چېلىشىپ كەتتۇق ۋە بۇ ناخشىنى ئىلگىرى ئاڭلاپ باقمىغانلىقىمىزنى، كىمنىڭ ئىجادىيىتى ئىكەنلىكىنى سورىدۇق. دىلمۇرات بۇ ناخشىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىجادىيىتى بولۇپ 1994 – يىلى ئىجاد قىلغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. بىز ئۇنىڭغا قايىل بولغان ھالدا يەنە بىر قېتىم چاۋاك چېلشتۇق. ئۇنىڭدىن كېيىن خەنزۇ يازغۇچى ئېرماۋ گېتارنى قولىغا ئېلىپ شوخ پەدىلەرگە چېلىشقا باشلىدى. قازاق، موڭغۇل ھەر مىللەت ئەدىپلىرى ۋاگۇندىكى تار ئۆتۈشمىدە بەللىرىنى تولغاپ ئۇسسۇلغا چۈشتى...
بىز قىزغىن سۆھبەت، كۈلكە،چاقچاق بىلەن 15- ئىيۇل بېيىجىڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 7:30 دە جېڭجو شەھرىگە يېتىپ كېلىپ، 136 –قېتىملىق تېز پويىزغا ئالماشقاندىن كېيىن سەپىرىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق. تۆمۈر يول قاتنىشىنىڭ يېڭى يارقىن نۇقتىسىغا ئايلانغان ئازادە، شاۋقۇنسىز تېز پويىز يول ياقىسىدىكى بېھىساپ ئېكىنزارلىقلار، تۆمۈر يولنى ئوراپ تۇرغان يېشىل كارىدۇر، يېزىلارنى – يېزىلارغا تۇتاشتۇرۇپ تۇرغان شەھەرلەر سەپىرىمىزنى يېڭى مەناغا ئىگە قىلماقتا ئىدى. بولۇپمۇ يول تاقىسىدىكى تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىنىغان تەبىئى ئېكىلوگىيلىك يېزائىگىلىكى تەبىئەتنىڭ ھۆسنىگە ھۆسىن قوشۇپ، كىشىنىڭ زوقىنى قوزغايىتتى. 2008–يىلى كۈزدە بېيىجىڭدا ئوقۇۋاتقان قىزىمنى يوقلاش مۇناسىۋىتى بىلەن ئايالىمنى ئېلىپ بېيجىڭغا بىر قېتىم كەلگەن ئىدىم. ئۇ چاغدا بىزنى ئېلىپ كەلگەن ئايرۇپىلان ئاسماندىكى بۇلۇتتىن باشقا ھېچنىمىنى كۆرسەتمەي پايتەخت ئايرۇدۇرۇمىغا پەم بىلەن قوندۇرۇپ قويغان بولغاچقا، بۇ كاتتا شەھەرنىڭ ئالدى ھويلىسى قايسى، ئارقا ھويلىسىچۇ، بۇنى بىلمەستىن ھەپتە تۇرۇپ قايتىپ كەتكەن ئىدۇق. بۇ قېتىم بېيجىڭ بىلەن جېڭجۇ ئارلىقىدىكى پايانسىز يېزىلارنى كۆرۈپ جۇڭگونىڭ سىياسى ئىقتىساد مەركىزى بولغان بۇ شەھەرنىڭ ئاشلىق، مېۋە-چىۋە كانىغا ئايلانغان كۆجۈم يېزىلارنىڭ قۇچىقىدا ئەللەيلىنىپ تۇرغانلىقىنى كۆردۇق.