دەرىستىن سىرىتقى دەملەر
بىزنىڭ لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇۋاتقىنىمىزغا ھايىت- ھۇيىت دېگۈچە ھەپتە بولۇپ قاپتۇ. ئەمدى دەرىستىن چۈشۈپ تورداشلار، دىلكەشلەر بىلەن بېيجىڭ كوچىلىرىنى ئايلىنىپ كىرەيلى.
☆ ئىسسىق بېيجىڭ
بىزنىڭ بۇ يەردىكى كۈنلىرىمىز بېيجىڭنىڭ تومۇز كۈنلىرى بولۇپ، كۈندۈزدىكى ئوتتۇرچە تېمپىراتۇرا 33 سىلىسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولۇۋاتقان ئىكەن. كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپىراتۇرا پەرقى ئادەتتە بەش سلىسيە گىرادۇسقىمۇ يەتمەيدىكەن. بۇ خىل يۇقىرى تېمپىراتۇرا بېيجىڭنىڭ سۇس نەم ھاۋاسىغا قوشۇلۇپ بىر خىل دېمىق ئىسسىق كىلماتنى پەيدا قىلغان. ئادەتتە شامال ھىقمىغانلىقتىن، دەرەخلەرنىڭ سايىسىنىمۇ ئىسسىق قاپسىۋالغان. سىرىتتا بىر دەم تۇرسا جان قىينىلىدۇ، شۇڭا 16 مىليون مۇقىم نوپۇسى، 5 مىليوندىن ئارتۇق ئاققۇن نوپىسى بار بولغان بۇ شەھەرنىڭ كوچىلىرىدا ئادەم شالاڭلاپ قالغان. خىزمەت بىنالىرى، تۇرالغۇ بىنالار، مۇلازىمەت سورۇنلىرى، ئاممىۋى قاتناش ئەسلىھەلىرىگە ئورنىتىلغان مەركىزى سوۋۇتۇش سېستىمىسى كېچە كۈندۈز خىزمەت ھالىتىدە تۇرىدۇ. كىشىلەر شۇنىڭغا تايىنىپ يازنى ئۆتكۈزىدىكەن.
☆ يېشىل بېيجىڭ
بېيجىڭدا ھەممىدىن بەكرەك دىققىتىمىزنى تارتقىنى يېشىللىق بولدى. بېيجىڭ كوچىلىرىدا پۇت قويدەك يەر بولسىمۇ كۆچەت تىكىدىكەن، گۈل ئۆستۈرىدىكەن. كوچا ياقىسىدا ئاساسەن تۆت قاتاردىن سەككىز قاتارغىچە دەل-دەرەخ، گۈل–گىياھ بولىدىكەن. پەقەت بولمىغانلىرىدا ئىككى قاتاردىن دەرەخ بولىدىكەن. يوللار، بىنالار دەل-دەرەخ بىلەن ئورىلىپ تۇرىدىكەن. ئىدارە ئورگانلارنىڭ قوروسى ئومومىيۈزلۈك باغچىلاشتۇرۇلغان بولىدىكەن، باغچا ئىچىدە چوڭ-كىچىك كۆللەر بولىدىكەن. ئاھالىلەرگە يېقىن بولغان نۇقتىلىق جايلارغا باغچىلار ياسىلىپ، ئاممىۋى سەيلىگاھ سۈپىتىدە ھەقسىز ئېچېتىلىدىكەن. بۇنداق باغچىلار بىر تەرەپتىن شەھەرنىڭ گۈزەللىكىنى ئاشۇرسا يەنە بىر تەرەپتىن مۇھىتنى قوغداپ، نوپۇسقا تويۇنغان بۇ چوڭ شەھەر كىشىلىرىنى يېشىل تەبىئەت قوينىدا ئەللەيلەيدىكەن. كۈزىتىشىمىزچە كوچىدىكى دەل-دەرەخلەر بېيجىڭنىڭ تۆت پەسىللىك كىلىماتىغا ماسلىشىشنى ئاساس قىلغان ھالدا چىنار، ئاكاتسىيە، تېرەك ۋە باشقا تۈردىكى چىداملىق دەرەخلەرگە مەركەزلەشكەن بولۇپ ئۆزگىچە مەنزىرلىك بولۇشنى قوغلاشماستىن بەلكى مۇشۇ يەرنىڭ مۇھىتىغا، كىلىماتقا ئۆزلىشىشنى ئاساس قىلىدىكەن. بىزنىڭ يېزىلىرىمىزدىمۇ ئاز ئۇچرايدىغان بولۇپ قالغان قاپاق تېرەكلەر بېيجىڭنىڭ مەركىزى كوچىلىرىدا مەغرۇرانە ھالدا بىنالار بىلەن بوي تالىشىپ تۇرغان بولىدىكەن. شۇڭا دەل دەرەخلەرنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى يۇقىرى، قاپلىنىشى زىچ بولىدىكەن. پۈتۈن شەھە ئورمان، گۈل- گىياھ بىلەن قاپلىنىپ تۇرغاچقا، يەر يۈزىدىكى يېشىل دۇنيا ئىسسىقنى يۇتۇپ كەتكەندەك تۇيۇلىدىكەن. بېيجىڭدا دىققىتىمىزنى تارتقان يەنە بىر ئىش بىنالارغا قالايمىقان زىننەت چىراقلىرى ئورنىتىلمايدىكەن. ۋىۋىسكىلار، ئېلانلار قالايمىقان ئېسىلماستىن ئۆلچەملىك خەت نۇسخىسىدا، ئۆز لايىقىدا ئورنىتىلىدىكەن. بۇ بىر تەرەپتىن كىشىگە بېيجىڭنىڭ مۇھىيتىنى ئازادىلىك ھېس قىلدۇرسا، يەنە بىر تەرىپتىن يېشىل شەھەرگە لايىق بولغان مۇھىت ئاسراش روھىينى گەۋدىلەندۈرگەنلىكى كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىەكەن.
☆راۋان بېيجىڭ
بېيجىڭنىڭ شەھەر قاتنىشى ناھايىتى تەرەققى قىلغان بولۇپ، پۈتۈن شەھەر رايۇنىنى قاپلىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللار تەرەپ- تەرەپكە تۇتىشىپ كەتكەنئىكەن. غول لىنيىلىك يوللار پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئايلانما ۋە ئۆتۈشمىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ماشىنلار شۇنچە زىچ بولسىمۇ قاتناش توسۇلۇپ قېلىش ئەھۋاللىرى ئاساسەن يوق دىيەرلىكئىكەن. مېترو لنىيسى كېڭەيتىلىپ، قاراشلىق ھەرقايسى رايۇنلارغا تۇتاشتۇرۇلغان بولغاچقا، مېترودا ئولتۇرىدىغانلار يولۇچىلار-يولۇچىلار ئېقىمىنىڭ ئاساسى سالمىقىنى ئەگەللەپ، شەھەر قاتناش سېستىمىسىنىڭ بېسىمىنى زور دەرىجىدە يەڭگىللەتكەنئىكەن. بىز بېيجىڭغا كەلگەن دەسلەپكى بىرنەچچە كۈن ئىچىدە كوچىلار ۋە ئاممىۋى قاتناشلاردىكى يولۇچىلارنىڭ ئازلىقىغا قاراپ بېيجىڭنىڭ تۇرمۇش رېتىمى ئۈرۈمچىنىڭكىدىن ئاستىمۇ قانداق دەپ ئويلاپتۇق. كېيىن ھەرقايسى يەر ئاستى مېترو لىنيىسىدىكى مىغىلدەپ كەتكەن يولچىلار ئېقىمىنى كۆرۈپ، ئاندىن بۇ خاتا چۈشەنچىنى ئىنكار قىلدۇق.
☆مېھماندوست بېيجىڭ
18-ئىيۇل كەچتە مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ يېنىدىكى بىر كوچىغا جايلاشقان« ئاماننىساخان تائاملىرى» رېستۇرانىغا قەدىمىمىز يەتتى. بۇ يەردە مەركىزى پارتىيە مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر شەپقەت، مىللەتلەر ئۇنۋېرستىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پىروفىسور ئىسيان ئىمىننىڭ ساھىپخانلىقىدا سورۇن تەييارلانغان بولۇپ بىزگە ئوخشاش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپوتۇنۇم رايۇنىدىن بېيجىڭغا ئۆگىنىش ۋە خىزمەتكە كەلگەن، بېيجىڭدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن 15 نەپەرچە كىشى يىغىلغان ئىدۇق. بىز بۇ يەردە ئەزەلدىن كۆرۈشۈش نېسىپ بولمىغان يۇقىرى ساپالىق زىيالىلار، ئالىملار بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ئۆيىدىكىدەك ئۆزىمىزنىڭ تىلىدا، ئۆزىمىزنىڭ دىلىدا سىردىشىپ، يېڭى دوسىتلۇققا، يېڭى بىلىشلەرگە، يېڭى ھېس تۇيغۇلارغا ئېرىشتۇق. بىزگە ئەڭ تەسىر قىلغىنى بېيجىڭدا ئۇچراتقان ناتونۇش ئۇيغۇرمۇ كىشىگە تونۇشتەك تۇيۇلىدىكەن. ئۇلار تونۇشۇپلا ئىسمىمىزنى ئاتاپ ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن «بىز ئىلگىرى كۆرۈشكەنغۇ دەيمەن؟»، دەيدىكەن. خوشلاشقاندا كىشىنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ ناھايىتى ئىشەنچ بىلەن «بىز يەنە كۆرۈشىمىز!» دەيدىكەن.
7-ئاينىڭ 20-كۈنى مەركىزى خەلق رادىيۇ ئىستانسىسىنىڭ ئاتاقلىق دىكتورى ئابدۇقادىر ھاشىم ئەپەندى بىلەن خانىمى دىلدار مۇھەممەدرېھىمگە مېھمان بولدۇق. خەلقىمىزنىڭ پەخىرلىك ئوغۇل، قىزلىرىدىن بولغان بۇ بىرجۈپلەر خىزمىتىنىڭ ئالدىراشلىقىغا قارىماي داۋاملىق كىتاپ ئوقۇپ تۇرىدىكەن. ئەدەبىيات ھەققىدىكى بىلىمى مول ئىكەن، بىز ئۇلار بىلەن دوڭ سى (东四) 6-كوچىسىدىكى ھىلال ئاي ئۇيغۇر رېستۇرانىدا تاماق يىگەچ قىزغىن پاراڭلاشتۇق. ئۇلار بىلەن ئەزەلدىن تونۇشلۇقى بار بولغان شائىر، يازغۇچى روزى گۈلباي يېڭى نەشىر قىلىنغان شىئېرلار توپلىمىنى، مەن «تۆتىنچىن ئېراغا سەپەر» ناملىق رومانىمنى تەقدىم قىلدۇق. بىز يەنە مەركىزى خەلق رادىئۇ ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە چاستۇتىسى رەھبەرلىكىگە ئابدۇقادىر ھاشىم ئەپەندى ئارقىلىق ئىككى تۈرلۈك تەكلىپ بەردۇق. بۇنىڭ بىرى تاللانغان شىئېرلارنى ئاڭلىتىشنى ئاساسى قىلغان مەخسۇس پىروگىرامما تەسىس قىلىش. بۇنىڭدا شىنجاڭ خەلق رادىيۇ ئىستانسىسى بۇنىڭدىن 12 يىل بۇرۇن ئاڭلاتقان شائىر ئادىل تۇنىياز رىئاسەتچىلىكىدىكى «قەلىب چەشمىلىرى» پىروگىراممىسىنى ئۆرنەك قىلسا بولىدىغانلىقى؛ ئىككىنچىسى مەركىزى خەلق رادىيۇ ئىستانسىسىنىڭ پىروگىراممىسى ئانچە سۈزۈك ئاڭلانمايۋاتقان دائىرسى كەڭ، نوپۇسى كۆپ رايۇنلاردا AM دولقۇنىدا ئاڭلتىشنى FMدولقۇنىدا ئاڭلىتىشقا ئۆزگەرتىپ، ئاڭلىتىش سۈپتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش.
☆ يامغۇرلۇق بېيجىڭ
21-ئىيۇل بېيجىڭدا مىسلىسىز دەرىجىدە قارا يامغۇر ياغدى. بۇ كۈنى لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى بىزنى تەشكىللىك ئاساستا شەھەر رايۇنىدا ساياھەت قىلىشقا تەشكىللىگەن بولۇپ، تىئەنمىندىكى كونا خان سارىيىنىڭ يان دەرۋاسىغا كېلىپ ئاپتۇبۇستىن چۈشۈشىمىزگە ئەتىگەندىن بېرى سىمىلداپ تۇرغان يامغۇر بىردىنلا چىلەكلەپ قۇيۇۋەتتى. بىز ئاپتۇبۇستىن چۈشمەي يامغۇرنىڭ پەسىيىشىنى كۈتمەكچى بولدۇق. بىراق كۈنتەرتىپنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغان ساياھەت يېتەكچىسى ئۆز خاھىشى بويىچە بىزنى ئېلىپ ماڭدى. بىز كۆتۈرمەكەش تىجارەتچىلەردىن يامغۇرلۇقلارنى ئېلىپ خان ساريىغا كىردۇق. بۇ يازلىق تەتىل كۈنلىرى بولغاچقا، بۇ يەرگە كەلگەن ساياھەتچىلەردىن باشقا مەملىكەتنىڭ جاي- جايلىرىدىن يازلىق لاگىر پائالىيتىگە تەشكىللەنگەن ئوقۇغۇچىلار مىغ- مىغ ئادەم توپىنى ھاسىل قىلغان ئىدى. 150مىڭ كىۋادراتمىتىر كۆلەمدىكى بۇ قورو ئىچىدە بىرىنچى سارايدىن ئۆتۈپ ئىككىنچى سارايغا يېقىنلاشقاندا، يەنە باشقىدىن كۈچىيىپ كەتكەن بورانلىق يامغۇر ئادەملەرنى بىر نېمە قىلىۋەتتى. كىشىلەر، ئىشىكى مەڭگۈلۈككە تاقالغاندەك ئادەم كىرگۈزۈلمەيۋاتقان ساراينىڭ لەمپىسىنىڭ ئاستىغا كېلىپ پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولدى. مەن بۇياققا يولغا چىقىش ئالدىدا ھازىر بېيجىڭنىڭ يامغۇر پەسلى ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغان بولساممۇ بىراق دېڭىز بويىدىن خېلى يىراق بولغان بېيجىڭدا بۇنچىلىك قاتتىق يامغۇر ياغىدىغانلىقىنى، يامغۇر سۈيىدىن ھاسىل بولغان ئېقىنلارنىڭ يول، كوچىلاردا دەريا بولۇپ ئاقىدىغانلىقىنى، ئاياغلىرىمىزنىڭ ئىچىگە يامغۇر سۈيى توشۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئەسلا تەسەۋۋۇر قىلمىغان ئىكەنمەن. بۇ ئەھۋالدا خان سارىيىنى كۆرۈش ئەمەس، ئۆزىمىزنى قوغداپ پاناھلىق جايغا بېرۋېلىشمۇ بىر گەپ بولدى... بۇ يامغۇر شۇ كۈنى چۈشتىن باشلانغانچە ئەتىسى تاڭ سۈزۈلگىچە ياغدى. 22-ئىيۇل ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن ئۇقساق 61 يىلدىن بۇيان بېيجىڭدا بۇنداق قاتتىق يامغۇر يېغىپ باقمىغانلىقى، بۇ قېتىمقى يامغۇر ئېغىر ئاپەت پەيدا قىلىپ، 37 ئادەم ئۆلۈپ 1 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق ئىقىتىسادى زىيان كۆرۈلۈپتۇ. بىرەسمى سورۇنلاردا شۇ كۈنى قارا يامغۇردا تاكسى باھاسىنىڭ يۈز ھەسسىلەپ ئۆسۈپ كەتكەنلىكى، بىر تاكسى شوپۇرىنىڭ ئايرۇدۇرۇمدىن شەھەر مەركىزىگە كىرمەكچى بولغان يولۇچىدىن 1000 يۈەن تەلەپ قىلىپ ئاخىرى 900 يۈەن ئۈندۈرۋالغانلىقى توغرىسىدا گەپلەر بولدى.
☆ سەنئەتخۇمار بېيجىڭ
بىز بېيجىڭدا دۆلەت تىياتىرخانىسى قاتارلىق تىياتىرخانىلاردا مۇزىكا، ئوپېرا كېچىلىكىگە ئىشتىراك قىلىدىغانلىقىمىزنى ئويلىماپتىكەنمىز. 21-ئىيۇل كەچتە لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە دۆلەت تىياتىرخانىسىغا بېرىپ بىر مەيدان سىمپونيىە كېچىلىكىنى كۆردۇق. كېچىلىكتە دۆلەت تىياتىرخانىسىنىڭ ئاتاقلىق دىرژۇرى يۆ فېڭ دىرژۇرلۇقىدىكى يۇقىرى سەۋىيىلىك سىمپونىيە كېچىلىكى 3500 دىن ئارتۇق تاماشابىن قاتارىدا بىزنىڭ قەلبىمىزنىمۇ ھاياجانغا سالدى. 23-ئىيۇل كەچتە شائىر رۇزى گۈلباينىڭ دوستى جاڭ ئەپەندى. رۇزى گۈلباي ئىككىمىزنى كەچلىك تاماققا تەكلىپ قىلدى. جاڭ ئەپەندى تاماقتىن كېيىن بىزنى 21-ئەسىر تىياتىرخانىسىدا بىرلىكتە تىياتىر كۆرۈشكە تەكلىپ قىلدى. بىز بۇ تىياتىرخانىدا 5000 غا يېقىن تاماشىن بىلەن چاۋشەن شۆ خەي (血海) ئوپېرا ئۆمىكىنىڭ «گۈل ساتقۇچى قىز » ناملىق ئوپېراسىنى كۆردۇق. بىز بۇ ئىككى تىياتىرخانىنىڭ ئېلان تەشۋىقاتلىرىدىن 8 –ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە بولغان بىر ئاي ئىچىدىكى تۈرلۈك سەنئەت كېچىلىكلىرىنىڭ كۈنتەرتىپىنى كۆرۈپ بۇ يەردىكى ئادەتتىن تاشقىرى ياخشى شارائىت ۋە بېيجىڭلىقلارنىڭ سەنئەتخۇمارلىقىغا قايىل بولدۇق.
☆ ئىتخۇمار بېيجىڭ
ئەتىگەن، كەچلىرى پىيادە ھەركەت قىلىدىغان ئادەت، شائىر روزى گۈلباي ئىككىمىزنى بېيجىڭ كوچىلىرىغا تېخىمۇ ئىچكىرلەپ كىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. بۇ بىزنىڭ ھەركەت ئارقىلىق ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە بېيجىڭنى، بېيجىڭلىقلارنى ياخشىراق چۈشىنىشىمىز ئۈچۈن ئىدى. ئەتىگەن، كەچلىرى پىيادە ئايلانغاندا بىزگە ئۇچىرغان پىيادە كىشىلەر جۈملىدىن ئاياللار ئىچىدە ئىت يېتىلىۋالغانلار خېلىلا كۆپتەك تۇيۇلدى. مەن 2008-يىلى كۈزدە بۇ شەھەرگە كەلگەندە توڭ جو رايۇنىدىمۇ ئىت باقىدىغانلار بەكلا كۆپتەك كۆرۈنگەن ئىدى. شۇنداق، بېيجىڭلىقلارنىڭ ئىتقا بولغان ھېرىسمەنلىكى كۆزگە چېلىققىدەك دەرىجىدە يۇقىرى بولىدىكەن. بۇ ئەھۋال كۈندۈزى خىزمەتكە ماڭغان ۋە قايتىۋاتقانلاردا گەۋدىلىك بولمىسىمۇ ئەمما ئەتىگەن، ئاخشاملىرى پىيادە ھەركەت قىلىپ يۈرگەنلەرنىڭ ئىت يېتىلىۋېلىشى خېلىلا ئوموملىق بولۇپ قاپتۇ. ئاتا-ئانىسىغا ئەگىشىپ يۈرىيدىغان بالىلارنىڭ ئورنىنى ئىگەللىگەن بۇ ئەتىۋارلىق ئىتلار ئىگىسىنىڭ كەينىدىن كېلىۋېتىپ كوچا ياقىسىدىكى بارلىق سىتولبا، دەل- دەرەخلەرنىڭ غولىغا سىيىپ، چىملىقلارغا چىچىپ مۇھىتنى بۇلغاپ تۇرىدىكەن ئىتلارنىڭ ئىگىلىرىمۇ بۇنىڭدىن خىجىلچىلىق ھېس قىلىدىغاندەك ئەمەس. ئادەم پىيادە ماڭغاندا سەل دىققەت قىلمىسىلار ئىتنىڭ گەندىسىگە دەسسىۋالىدىغان گەپئىكەن. ئاسماندىكى ئاينىڭ دېغى كىشىنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلغاندەك، بۇ يېشىل شەھەرنىڭ چىشقاق ئىتلىرى ھە دېگەندە ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئىلەشتۈرۈپ قويىدىكەن.
☆ شاۋقۇنلۇق بېيجىڭ
بىز بېيجىڭغا كېلىپ غەلىتە بىر خىل كۈچلۈك شاۋقۇن ئاۋازىنى ئاڭلىدۇق. بۇ ئاۋاز دەرەخ كېسىدىغان ھەرىنىڭ ئاۋازىغىمۇ، ياغاچچى ئۇستىلارنىڭ توكلۇق ئەسۋاپلىرىنىڭ ئاۋازىغىمۇ ئوخشاپ كېتەتتى. بىز دەسلەپتە ئىنىستىتۇت قوروسىدا، ئەتراپتىكى دەل-دەرەخلەر ئوراپ تۇرغان كوچىلاردا بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ ئىشچىلار بىر يەردە ئىشلەۋاتقان ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپتۇق. كېيىن ئۇقساق بۇ چېكەتكىنىڭ ئاۋازى ئىكەن. بىز ھەيران بولۇپ دەل-دەرخلەرگە سىنچىلاپ قارىدۇق ۋە ئادەتتىن تاشقىرى يوغان بىر خىل چېكەتكىلەرنى كۆردۇق. بۇ چېكەتكىلەر يۇرتىمىزدىكى چېكەتكىلەردەك پۇشتەك چالغاندەك يەككە ئاۋاز چىقارماستىن بەلكى بىر-بىرىگە جۆر بولۇپ سايراۋاتقاندەك كېچە- كۈندۈز كۈچەپ جارىلداپ كىشىنىڭ ئارامىنى بۇزىدىكەن. بىز بۇ خىل ئەھۋالنى بېيجىڭغا خوشنا بولغان ئەتراپتىكى شەھەرلەر ۋە دېڭىز بويى رايۇنلىرىدىمۇ ئۇچراتتۇق. ئادەتتە ماشىنىلار سىگنالسىز يول يۈرىدىغان، كوچا-رەستىلەردە يۇقىرى ئاۋازدا ناخشا-مۇزىكا قويۇلمايدىغان، ئادەملەر ئارتۇقچە ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلمايدىغان بېيجىڭغا نىسبەتەن بۇ خىل چېكەتكە ئاۋازى ئادەتتىن تاشقىرى بىرخىل شاۋقۇن پەيدا قىلىدىكەن.
☆ مۈشۈكلەرنىڭ جەننىتى بېيجىڭ
لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىيات سارىيى قوروسى باغچا، كۆل، سۈنئى بەرپا قىلىنغان ئورمانلىق، قومۇشلۇق بار بولغان تەبىئەتكە يېقىن يېشىل قورو بولۇپ، بىز بۇ يەردە دەل-دەرەخلەر ئارىسىدا سايراۋاتقان قۇشلاردىن باشقا ئورمانلار، قومۇشلار ئارسىدا ئونلىغان مۈشۈكلەرنىڭ ئويناپ يۈرگەنلىكىنى كۆردۇق ھەمدە بۇ مۈشۈكلەرنى بىرى مەخسۇس بېقىۋاتقان بولسا كېرەك دەپ ئويلاپتۇق. كېيىن قارىساق بېيجىڭدىكى باشقا باغچىلشقان قورولاردىمۇ مۈشۈكلەر مۇشۇنداق ئويناۋېتىپتۇ. بىز بۇنىڭدىن بېيجىڭدىكى باغچىلاشقان قورولارنىڭ مۈشۈكلەرنىڭ جەننىتىگە ئايلانغانلىقىنى جەزىملەشتۈردۇق.
مۈشۈك بار يەردە چاشقانغا كۈن يوق. بىز بېيجىڭدا شۇنچە كۆپ مۈشۈك كۆرگىنىمىزگە يارىشا، مۈشۈكلەر ئۆلۈپ تۈگەۋاتقان يۇرتىمىزدىكىدەك تۇلۇم چاشقانلارنى كۆرمىدۇق ھەمدە مۇشۇنداق ئۇنچە زور مەبلەغ كەتمەيدىغان يېشىل شەھەر ئېكىلوگىيسىنى يۇرتىمىزدىكى شەھەرلەردە بەرپا قىلىپ، شىددەت بىلەن يامراۋاتقان چاشقان ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولماسمۇ، دېگەنلەرنى ئويلاپ قالدۇق.
☆ بىلىم ئوچىقى بېيجىڭ
بېيجىڭ كوچىلىرىدا ئادەمنىڭ كۆزىگە ئەڭ كۆپ چېلىقىدىغىنى ئالى مەكتەپ بولسا كېرەك. بىزنىڭ مەملىكەت بويىچە داڭلىق ئالى مەكتەپلەرنىڭ ئالدى بىلەن بېيجىڭغا مەركەزلەشكەنلىكىدىن خەۋرىمىز بولسىمۇ بۇ يەرگە كېلىپ «بېيجىڭ ئالى مەكتەپ شەھرىمۇ-قانداق»دېگەنلەرنى ئويلاپ قالدۇق. چۈنكى بىز تۇرغان يېقىن ئەتراپتا مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرستىتى، خەلقئارا ئىقتىساد-سودا ئۇنۋېرستىتى، قاتارلىق ئالى مەكتەپلەر بولغاندىن سىرىت بېيجىڭ كىيىم-كېچەك لاھىيلەش ئىنىستىتۇتى، پايتەخت مۇزىكا ئىنىستىتۇتى، بېيجىڭ بىرلەشمە ئىنىستىتۇتى... دېگەندەك بىرمۇنچە ئىنىستىتۇتلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ قالدۇق. بۇ ئالى مەكتەپلەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئىسمىغا مەركەزنىڭ نامى سۈيئىستىمال قىلىنغان بولسا، بەزىلرىنىڭ نامىغا بېيجىڭ شەھرىنىڭ نامى، يەنە بەزىلىرى پايتەخىت x x ئىنىستىتۇتى دېگەندەك «پايتەخت» نامى سۈيئىستىمال قىلىنغان بولىدىكەن. مەركەزدە مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرستىتى بولغان بولسا، بېيجىڭدا بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتى بولغان بولىدىكەن. ئاڭلىساق «بېيجىڭ» ، «پايتەخت» دېگەندەك كاتتا ناملارنى سۈيئىستىمال قىلىۋالغان خەلق باشقۇرۇشىدىكى بەزى ئالى مەكتەپلەر ئىنتىرنىت تورىنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئىگەللەپ چاقىرىق ئەۋەتىدىكەن. ئەسلى ئەھۋالدىن بىخەۋەر ئوقۇغۇچىلار، ئاتا-ئانىلار «مانا بېيجىڭدىكى پالانى ئالى مەكتەپتىن چاقىرىق كەپتۇ ئەمەسمۇ!»دەپ ھاياجانلىنىپ بىرمۇنچە پۇل غەملەپ بالىلىرىنى ئوقۇشقا يولغا سالىدىكەن. بۇ بالىلار مەكتەپكە كېلىپ ئورۇنلاشقاندىن كېيىن ئاندىن بۇ مەكتەپلەرنىڭ دىپلومى ئېتىراپ قىلىنمىغان، ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىپ ئىمتىھان بېرىش شەكلىدىكى مەكتەپ ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپىدىكەن. بىز بۇ كاتتا شەھەردە شۇنداق مەكتەپلەرنىڭ بىرىدە ئوقۇۋاتقان، يازلىق تەتىلدە كېيىنكى يىللىق ئوقۇش پۇلىنى غەملەش ئۈچۈن، ئائىلىسىگە قايتالماي رېستۇراندا ئىشلەۋاتقان ئىككى قىزنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلاپ، كۆڭلىمىز بىر قىسما بولۇپ قالدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئا.ئى.پەروزان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-3 18:24