ئىگىسى: muhammadbarhan

روبائىيات__[ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن] [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  389
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 409
تۆھپە : 0
توردا: 44
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-5 00:25:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

351
بەزىدە بۇ ئالەم تۇمانلىق بولدى،
بەزىدە ئويلىرىم گۇمانلىق بولدى،
بىخۇدلۇق چاغلىرىم، قۇتسىز چاغلىرىم،
قوتان قان كۈنلەرگە قۇربانلىق بولدى.

352
باتۇرلار كېتىشتى پەللىگە يەتمەي،
ئاقىللار غۇلاشتى ئەۋجىگە يەتمەي،
بەزىدە چېكىندى بۇ ئالتۇن تارىخ،
دانالىق قۇدرىتى تەلۋىگە يەتمەي.

353
بەزىلەر پۇشۇلدار گويا ئارسلان،
بەزىلەر خىرىلدار بىر ئېيىقسىمان،
بەزىلەر تىترىگەي بەئەينى توشقان،
قاچاندىن مۇپتىلا بۇ كويغا ئىنسان؟!

354
چىقسا سۆز گەر تۆردىن ئۇڭا سال قۇلاق،
پەگادىن گەپ بولسا ئۇنى ئاڭالاپ باق،
ھەقىقەت قىممىتى نەسەپتە ئەمەس،
بولدى بەس، ئۇ بولسا يولۇڭغا چىراق.

355
قىرىق چاچ رېسىدە قىزغا ياراشقاي،
جىلۋىسى بىخۇدنىڭ ئۇيقىنى ئاچقاي،
يۇرتبازلىق شۇ چاچتەك قىرىق ئۆرۈلسە،
ئىناقلىق شۇ ئەلنىڭ قەلبىدىن قاچقاي.

356
بىر پەرى ئۆتتى كوچامدىن ئەر تىلەپ،
ھەر قەدەم باسقان ئىزىدا ئەركىلەپ،
كەتتى سۇمبۇل چاچىغا پىنھان قىلىپ،
غۇنچە ھۆسنىدە دىلىمنى پەرپىلەپ.

357
سۈبھىدە چىقسام تالاغا شىر بولۇپ،
ھەيۋە -مەغرۇرلۇق بويىچە بىر بولۇپ،
سېھرى بىرلە ئۆتتى توزدەك بىر گۈزەل،
تىترىدىم قۇچقاچ كەبى <دىر-دىر> بولۇپ.

358
كەپتەر ئىزلەپ كەنتكە چىقتىم تاڭ سەھەر،
ھالىتىمدە ئۇستا مەرگەندەك ئەسەر،
ئاھ نىتەي، تىترەر تېنىم كەپتەر سۈپەت،
ئىلپىز ئوۋلار بىر گۈزەل قۇچقاچ زەپەر.

359
بىر پەرى ئوينايدۇ ساچى ئارقىدا،
يوق شىكارچى ياكى سەييات تۇرقىدا،
تۈلكە-توشقان ئاۋلىسا مەرگەن ئەگەر،
نەچچە ئەرنىڭ باشى بار قاراقىدا.

360
باشتا كۆرسەمچۇ ئىسىت گۈل رەڭگىنى،
خام خىيال قىپ يۈرگىچە كۆلەڭگىنى،
نە ئىلاج تەقدىر مۇيەسسەر قىلمىسا،
شۈكۈر قىلغىل بۇمۇ بەختىڭ كەلگىنى.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  389
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 409
تۆھپە : 0
توردا: 44
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-5 00:27:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئۆلگە:
باتۇرلار كېتىشتى پەللىگە يەتمەي،
ئاقىللار غۇلاشتى ئەۋجىگە يەتمەي،
بەزىدە چېكىندى بۇ ئالتۇن تارىخ،
دانالىق قۇدرىتى تەلۋىگە يەتمەي.



Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  389
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 409
تۆھپە : 0
توردا: 44
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-5 00:56:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


361
تارقىڭ سال بولسا، دارياغا سەنچە ساچ،
سۇمبۇلنى جەم قىلىپ ئاڭا تاقتىڭ تاج.
چېچەكتەك ھۆسنۈڭگە ئىپاردەك پۇراق،
ئەمسسەن رەڭ بىلەن ئەينەككە مۇختاج.

362
مۇھەببەت يارىسى پاكىز جاراھەت،
ئۇنىڭ ھەر ئازابى جېنىڭغا راھەت،
قەلبىڭگە گەر سۇلتان بولسا مۇھەببەت،
بولۇرسەن بولساڭمۇ سۇلتان بىتاقەت.

363
ھەر بىر ئۆينى يوقلاپ كىرسەم تۇتۇن بار،
ھەر قازاننىڭ ئاستىدا چوغ ۋالىلدار،
پەقە مېنىڭ باغرىمدىلا، ئى دىلبەر،
تۇتۇن بەرمەس ئۆزگە بىر ئوت لاۋۇلدار.

364
گۈل سۇنىمەن ساڭا ھەر سەھەر،
گۈل سۆيىسەن، پۇرايسەن ئىپار،
سەن بىلەمسەن-بىلمەمسەن دىلبەر،
ھەربىر گۈلدە بىر دېمىدەم بار.

365
كۆمتۈرۈلگەن قەبرىدىن كۆرۈنمەس ئاسمان،
ئۇنىڭدا ئىشقىدىن رەنج چەككەن ئىنسان،
گۈل بىلەن بولبۇلنىڭ پاجىئەسىن كۆر،
سۆيۈشكەن لەبلەردىن غەمناك قان.

366
خىزىرنى ئىزلەيمىز شەپقەت كۈتكىلى،
ئۈلپەتلەر كۆزلەيمىز ھەسرەت تۆككىلى،
ھېچكىمنى كۈتمىسەڭ ئىللەت سۆككىلى،
قانداقمۇ بەرگ ئاچار خۇش خىسلەت گۈلى؟!

367
غەۋەتخور ئىززەتنىڭ قاتىلى ئېرۇر،
قاتىللىق قۇرالى شۇ تىل ئېرۇر،
ئۇنى بۇ نەس كويغا سالغان دەيدەيچى،
خۇسۇمەت رەشك تولغان دىل پەس ئېرۇر.

368
بىر گۈزەل مەنزىر بار ئىنسان ئالدىدا،
كۆرۈنمەي تۇرسىمۇ تۇمان، دالدىدا،
ئىنساننىڭ ئىنسانلىق يىتۈك ھاياتى،
نىقابىن ئاچقۇسى بىر كۈن ۋاللىدا.

369
ھالالنى دېگەندە <راھمان> بولغۇڭ بار،
ھارامنى كۆرگەندە <شەيتان> بولغۇڭ بار،
ئاھ ئىنسان! <قەترىدىن پۈتكەن> مۆجىزە،
ھەر ئىككى قۇتۇپقا سۇلتان بولغۇڭ بار.

370
روزىغار غېمىدە قوقاس چىرايىڭ،
خوشامەت كويىدا پالاستەك رايىڭ،
زىمىندەك ئالتۇننى ئىلكىڭدە تۇتساڭ،
يەنىلا چىن ئىنسان بولالماس جايىڭ!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  389
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 409
تۆھپە : 0
توردا: 44
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-5 00:58:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆلگە:
بىر گۈزەل مەنزىر بار ئىنسان ئالدىدا،
كۆرۈنمەي تۇرسىمۇ تۇمان، دالدىدا،
ئىنساننىڭ ئىنسانلىق يىتۈك ھاياتى،
نىقابىن ئاچقۇسى بىر كۈن ۋاللىدا.

ھالالنى دېگەندە <راھمان> بولغۇڭ بار،
ھارامنى كۆرگەندە <شەيتان> بولغۇڭ بار،
ئاھ ئىنسان! <قەترىدىن پۈتكەن> مۆجىزە،
ھەر ئىككى قۇتۇپقا سۇلتان بولغۇڭ بار.

روزىغار غېمىدە قوقاس چىرايىڭ،
خوشامەت كويىدا پالاستەك رايىڭ،
زىمىندەك ئالتۇننى ئىلكىڭدە تۇتساڭ،
يەنىلا چىن ئىنسان بولالماس جايىڭ!


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muhammadbarhan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-5 00:58  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  334
يازما سانى: 405
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1334
تۆھپە : 18
توردا: 323
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-5 01:01:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام موھەممەت قادىر موئەللىم!!!
مەن كۇيۇك تاغنى، كۇيۇك تاغدا بىلىم ئىشقىدا چوغ بولغان دىلكەشلېرىمنى سېغىندىم !!!!.................. سېغىندىم!!!! .

گۇھەر ياتىدو سايدا قازمىسا

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  389
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 409
تۆھپە : 0
توردا: 44
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-5 01:29:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

    «كۆيۈكتاغ»دىكى سىزگە ئاتاپ يازغان بىيىتلىرىمنى ئۇنتىماپسىز، دە؟

   مەزكۇر توردىن ئايرىلىپ سەرسانچىلىق باسقان بۇ بىجارە ھالىتىمنى كۆرۈپ ئىچىڭىز سىرىلىپ كەتۇپتۈ،دە؟ ئەمما، سىزنىڭ چىرايىڭىز چىڭچى بەرگەندەك شۇنداق پارقىراپ تۇرۇپتۇ....  ....
  كۈلەي دېسەم كۈلەلمەيۋاتىمەن يا؟....:  ... مانا ئەمىسە يىغلىۋەتتىم.....

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  389
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 409
تۆھپە : 0
توردا: 44
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-5 11:04:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
371
ئەركىن بىر چۈش كۆرمەك، بەك ھوزۇر سۈرەت،
ئىنسانغا ئۆزىنى تاپماقلىق قىممەت،
يەپ-ئىچىپ يۈرمەكنى ھېساپلىساق بەخت،
ئۇ گويا سەن بىلەن تەڭ يۈرگەن لەھەت.

372
چاچلىرىم چېچىڭنىڭ قوينىغا چۆكتى،
كۆزلىرىم كۆزۈڭنىڭ ئىچىگە مۈكتى،
سايىمىز بىر بولدى، ئەمما نىچۈندۇر،
ھاياجان كۆڭۈللەر كۆز يېشى تۆكتى؟!

373
دۈشمىنىڭ بال سۆزىدىن،دوست ئاچچىقىن ئەۋزەل تۇت،
دۈشمىنىڭ خارلىق كۆتسە، ساڭا دوستۇڭ تىلەر قۇت،
دۈشمەننىڭ سېرىن سۆزى ئەجدەر بولۇپ ھوۋلىسا،
شەمشەر تۇتۇپ ئات چاپساڭ،دوستۇڭ بولار ھەم قول-پۇت.

374
مەيلى كەلگىن دانىشىم گادا لىباسى بىرلە،
مەيلى ئىچكىل شەربەتنى غۇربەت كاساسى بىرلە،
ھۆرمىتىم ساڭا شاھتىن ئۈستۈنكى، سىر ئەمەس،
ئۆتكەچكە ھەر تىنمىشىڭ ئەقىل ئاساسى بىرلە.

375
ساما ئاسمانى قاراڭغۇ-بولمىسا شەمشى-قەمەر،
ئەقىل غالىپلىقى جانسىز-بولمىسا سۆيگۈ ئەگەر،
دېڭىز مۈشكۈلى بولمىسا، باھاسىز قۇم ئۈنچە-مەرمەر،
ھاياتلىق تەختىنىڭ شاھى-ئۆزىن بىلمەك ئەنگۈشتەر.

376
ھايۋانلىقنى سېغىنماق-ئارتۇق ئىچىپ مەست بولماق،
چۈشكۈنلۈكنى سېغىنماق-قەددىن پۈكۈپ پەس بولماق،
نامەرتلىكنى سېغىنماق-ۋاپاسىز ناكەس بولماق،
ئامەت قېچىپ، قۇت قېچىپ ئۆمۈر بويى پەس بولماق.

377
نە زاھىر كۈلكىلەر قۇتلۇق،
نە غاپىل ھېيلىلەر قۇتلۇق،
پەلەك گەر قىلسا تەرسالىق،
زەكىدىن تەلۋىلەر قۇتلۇق...

378
زىمىن ئاستىغا كىرسەڭ كىر، بولما خەلقتىن يات،
خالايىق گۈلشىنىنى ھەتتا خازان پەسلىدىمۇ ئاۋات،
مېنىڭ باغرىمنى گەر يارساڭ ئەقىدەم ئۇندا ئايانكى،
خالايىق جەننىتىم، كۆركىم، خالايىق بىرلە باغرىم شاد.

379
نىتەيكى غەمكىن ئالەمدە غەمگۇزارىمدىن ئايرىلدىم،
بۇ ھىجرەت دەشتىدە ۋەسلى چىمەنزارىمدىن ئايرىلدىم،
ئۆلۈمدىن باشقا مىڭ مۈشكۈل ئۈمىد ئىلھامى بەخش ئەتكەي،
ئۈمىدسىز دەردكە دات، رۇخسار تۇمارىمدىن ئايرىلدىم.

380
مۇھەببەت قەپىزىڭدە ئاقاردى غۇنچە باشىم،
ئەقىدە روكىسىدا كۆپ ھاردى شۇنچە باشىم،
يۇلتۇز ئەمەس ئەقلىمنى يورۇتقان، زېھىندار باش،
ساي تاشىدەك كۆز ياشىدا چۆمۈل ئۇنچە باشىم.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muhammadbarhan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-5 11:06  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  389
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 409
تۆھپە : 0
توردا: 44
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-5 11:08:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۆلگە:
مەيلى كەلگىن دانىشىم گادا لىباسى بىرلە،
مەيلى ئىچكىل شەربەتنى غۇربەت كاساسى بىرلە،

ھۆرمىتىم ساڭا شاھتىن ئۈستۈنكى، سىر ئەمەس،
ئۆتكەچكە ھەر تىنمىشىڭ ئەقىل ئاساسى بىرلە.



Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  389
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 409
تۆھپە : 0
توردا: 44
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-5 12:11:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

381
شىرنى يەڭگەن ئەزىمەت شېرىن سۆزگە ئەل بولدى،
يامغۇر سۆيىدىن قېچىپ، يولۇققىنى سەل بولدى.
گۈزەللەرنى ئاختۇرۇپ،يۈرگەن ئىدى مەنسىتمەي،
ئاخىرىدا تاپقىنى دىلى ئەما "چەل" بولدى.

382
قار چېچەكتا گۈل چېچەك، مۆلدۈردە مېۋە،
مۈشكۈللىكتە بىر راھەت، ۋەھىمە يېمە،
قايغۇ بىلەن شاتلىققا كۆپ بولمە كۆڭۈل،
كۈلگەن كۆزدىن ئاقۇر ياش يۈرگۈدەك كېمە.

383
ئاي دېسەم ئايمۇ سامادا ئاي جامالىڭغا كۆيەر،
گۈل دېسەم گۈلمۇ چىمەندە گۈل يۈزۈڭ دەپ ياش تۆكەر،
ئاي بىلەن گۈلنى قوشۇپ "ئايقىز" دېسەم، "گۈلقىز" دېسەم،
بەرگدىكى شەبنەم كەبى لەبزىمدە پەيدادۇر شېكەر.

384
باقمىغايمەن توز قاناتىغا چېچىڭ تۇرغان چېغى،
بۇلبۇل ئاۋازى نەھاجەت لەۋلىرىڭ كۈلگەن چېغى،
گۈلگە مۇنداق باقمىدىم سىنەمدە قوزغاتمايدۇ زوق.
جەننەتى جىسمىڭ بېغىدىن خۇش ئىپار ئۇرغان چېغى.

385
بىر پەرى سەردارىنى كۆردۈم چاچلىرى ھەيۋەت قوشۇن،
كۆزلىرى ھېكمەتلى جادۇ، سېھرى ئەيلەر پېرىخون،
كۆرسىتىپ زىلۋا بويىنى ئۆتسە ئالدىڭدىن ئەگەر،
بىر شامال تەككەن كەبى بىردەمدە ئەيلەيدۇ جۇنۇن.

386
ئول مەلەك دىلدارىغا باقسام يانا باققۇم كېلۇر،
چاچلىرى دەرياسىدا يەلكەن بولۇپ ئاققۇم كېلۇر،
بىر كۆرۈپ گۈل ھۆسنىنى قايتا كۆرەرنىڭ پەندىدە،
ئىزلىرىنىڭ خاكىنى سۈرمە بىلىپ ياقۇم كېلۇر.

387
بىر پەرى دىلدارىنى ئەيلەپتۇ تەڭرىم گۈل چىمەن،
بەخش ئېتىپ كۆزىگە ئۇچقۇن، لەۋزىگەمەي بىر لەقەن،
تەل ئېتىپتۇ جىسمىغا سەككىز بېھىش ئەۋزەللىكىن،
قايسى مىسكىننى قىلۇر بۇ دەۋلەتىدىن بەھرىمەن.




Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  389
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 409
تۆھپە : 0
توردا: 44
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-5 12:14:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن <<رۇبائىيات>>ىنىڭ 2- قىسمى ئاخىرلاشتى.
    تورداشلارنىڭ ياقتۇرغانلىقىغا رەھمەت

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  389
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 409
تۆھپە : 0
توردا: 44
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-5 12:29:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹رۇبائىيات›› جەمگاھى

روبائىيات




ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن



1
جاھان سەييارىدۇر گويا، ھەمە زېھنىڭ ساپاسىدا،
بىراۋدىن ئىزلىمە سۆيگۈ، ئۇ قەلبىڭنىڭ ناۋاسىدا.
كىشى ئالەم ئۈچۈن ئەينەك، ئۇنىڭدا بارچە سىر ئايان،
جۇلادۇر ئىزگۈ بىر ئىستەك روبائىي مۇددىئاسىدا.

2
قاچانكىم بولدى تەن ئىچرە ئىلىم ئىشقىدا جان پەيدا،
بۇ جانىم خۇددى بۇلبۇلدەك ناۋا ئەيلەپ ئاڭا شەيدا.
قاچانكىم بۇ نادان قەلبىم ئىلىم نامىنى تۇغ قىلدى،
بۇ جانىمغا كىتابەت زەۋقىدىن كۈن-تۈن ئارام قايدا.

3
باھارنىڭ زىننىتى بولستان، لاچىننىڭ پەخرى پەرۋازدا،
پىغاندا كۆز يېشى تۆككەن كۆزۈڭ شادلىقتا خۇش نازدا.
ئەمەس بىرخىل پەسىل-دەۋران،زىمىستان ھەم باھار باشقا،
نە شۆھرەت سايرىسا بۇلبۇل قىشى-ياز بىرلا ئاۋازدا.

4
جاھان سەيلانىدا يۈرسەم جاھان بىر ھېس-دېڭىز گويا،
ئۇنىڭ قايغۇ، خاۋاتىر، شاد ۋە ناز-خۇلقىدا مىڭ مەنا.
پەلەكتىن تارقىغان نۇردىن شىپا تاپقايكى يەر رەنجى،
بىراق شادلىقتا نە قىممەت ئاڭا دەرد بولمىسا ھەمراھ.

5
ئۆزۈڭسەن دىل سۆيۈنگەن پىشىۋارىم بەرق مەلەك گويا،
دىلىڭ مىسالى ئىلىم جەۋھەرلىرىدىن تەۋرىنەر دەريا.
سېنىڭ يۈكسەكلىكىڭ ئالدىدا ماتتۇر پىتنە ئىغۋاسى،
پەزىلەت ئۆلگىسى قەلبىڭ- زىمىستان گۆرسىمۇ رەنا.

6
كىشىگە ئىلتىجا قىلما، كىشى ئىقبالى ئىفاندا،
سائادەت كەلمىگەي ھېچ ئىلتىپاتتىن قولغا ئاساندا.
ھاياتنىڭ لەززىتى سۆيگۈ، ئۇنىڭسىز ئىختىيار بولماس،
مەگەر زوق داۋزىسىنىڭ ئاچقۇچن سورساڭ-ئۇ ۋىجداندا.

7
قارا كۆز كۈلمىدى، ئەمما ئۇنىڭ كۆزىدە بىر مەنا،
ئەتىرگۈل ھۆسنىدە زاھىر تەمەننا قىلغۇدەك زىبا.
يۈرەك بۇلبۇل كەبى كۆكرەك قەپەزدە تەمتىرەر ھەريان،
ئۇچارغا يوق قاناتى، شۇ سەۋەپ سىنەمدە بىر غەۋغا.

8
نىتەي، ئاپەت مۇھەببەتتىن يۈرەكتە بولدى ئوت پەيدا،
تۈتەكسىز ئۇشبۇ ئاتەشنى كۆرۈش تەس بولسا دىل ئەما.
چىراغ پەرۋانىسن كۆرگەن چېغىمدا ئويلىمايمەن ھېچ،
مېنى قىلدى نەسىۋەم ئاقىۋەت پەرۋانىغا سىما.

9
ھەسەتخور بولسا باغۋەن-نە ئېچىلغاي باغدا گۈل رەنا،
ئۆزىنى پىتنىچى -بۇلبۇل دېسە خەندىدە نە مەنا.
بىراۋلار زەمزىمىن ماختاپ، تۈكۈرسە ئۆز بۇلاقىغا،
بولۇر چۆللۈك مۇكاپاتى قىلىپ نەم قەترىگە تەشنا.

10
گۈزەلگە خوپ ياراشقاي بار گۈزەللىك ئۆلگىسى گويا،
گۈزەلدە ھەددىدىن ئاشقاي ھەر گۈزەللىك نۇسخىسى گويا.
نە بار ئەركتىن گۈزەل بىر قەلب، گۈزەل قىز ھۆسنىدىن كۆرك زات؟
گۈزەل رۇخسار، گۈزەل قامەتتە ئالەم كۈلگۈسى گويا.

11
زاماننىڭ ھۆسنىنى كۆرگىن، زامان تىنماس راۋان دەريا،
ئۇنىڭ ئۆركەشلىرى ھەر بىر راۋاندا ئۆزگىچە گويا.
راۋان دەريا قورۇر ئاخىر مەگەر ئايرىلسا ئۆركەشتىن،
ئۇنىڭ ھەر ئۆركىشى سازەند، ئۇنىڭ ھەر سازى بىر مەنا.

12
مۇقامىڭ لەك سېلىپ ئاقسا بەئەينى كەلكۈنى دەريا،
ئۇنى ئاڭلاپ ئاقارمەن بىخۇدى يەلكەن كەبى گويا.
مۇقامىڭ مۇشتىرى بولسام كېچەرمەن غەيرى ئامەتتىن،
كۆزۈمگە نۇر ئاتا قىل مۇترىبىم ياندا كۆر ھەمراھ.

13
جاۋاھىر غەزنىمۇ دىلدا، يىلانلار غارىمۇ دىلدا،
شېكەرنىڭ شىرىنى بىرلەن زەھەر دەركارىمۇ دىلدا.
خۇسۇمەت بىرلا مەردلىكنىڭ مەگەركى مەنبەسن سورساڭ،
جاۋاپكىم: خىسلەتى ئىنسان ئەمەس ھەركىمدە بىر خىلدا.

14
تۇمان باسماس ھاۋا بولماس پايانسىز دەشتى- دەرياندا،
گۇمان كىرمەس كۆڭۈل بولماس نە دەنا ياكى تەرسادا.
گۇمان بىرلە پىكىر قىلما، ئەقىل زېھنىڭ قوياش بولسۇن،
پىكىر تەختىڭگە شەيتان شاھ گۇمان بىرلە تەمەننادا.

15
قاقاقالاپ كۈلمىكى زىننەت گۈزەلنىڭ سادۇ-خەنداندا،
دۇتارنى چالمىقى راھەت ئۇنىڭ رەڭدار پىشايۋاندا.
بۈگۈن مەن توز بىلەن گويا بۇ باغدا سەيلىدە بولدۇم،
يۇمۇلغايكۇ كۆزۈم ئەتە ئۇنى كۆرمەستە ئارماندا.

16
ئېغىز ھەركىمدە ھەر تۈرلۈك، باھا ھەر دىتتا ھەر خىلدا،
جاھان ھادىسلىرى قاينام ئەمەس تەڭ شولى ھەر دىلدا.
تەپەكۇر تەختىدە سۇلتان زەكىيلەر ئەقلى ھېكمەتكىم،
پەقەت تىلسىمنى يەشمەكلىك كارامەت زېھنى قابىلدا.

17
قاراپ تويغايمۇ كۆز چەشمەم سىنىڭ گۈلدەك جامالىڭغا،
ئۆزۈڭسەن مەسلەھەت بەر نازىنىن سۆيگۈ ئامالىڭغا.
نىشان قىل مەيلى سەيياھتەك مېنى قاشى كامانىڭغا،
ۋەياكى قىل توپا قەددىمنى چەيلەپ پۇت ناھالىڭغا.

18
كىشىنى ئوت ئارا تاشلاپ تۇتۇنما ئۆزگە بىر كارغا،
كەچۈرگىن بولسا گەر نۇقسان ساخاۋەت قىل ئەيىپكارغا.
كۆڭۈلنىڭ كەڭلىكى دۆلەت، زەھەر تۇتماق- زەھەر يۇتماق،
ھەسەتتىن دارغا ئاسقاننىڭ يېزىلمىش قىسمىتى دارغا.

19
كى مەيلى زەردە سائەت تاق ۋەياكى ئاس ئۇنى تامغا،
قەدىرلە قەترە ئۆمرۈڭنى ئۇنى پۇچ قىلما ئالدامغا،
چۈشەن كۆكسۈڭدە بىر سائەت ھاياتلىق ئۆچكۈچى بىر شام،
سىكونتلاپ قىرقىلار ئۆمرىڭ، ئۇتۇق تاق تامچىغا شامغا.

20
كۆرۈپ مەستانە بولدۇممەن ۋاپادىن بىخەۋەر يارغا،
مۇھەببەت مەشئىلىدىن ئۇشلاپ ئېرىشتىن نارى گۈلزارغا.
كۆڭۈلدىن ئاچمىدى خىلۋەت، لىۋىدىن سۇنمىدى شەربەت،
پىراقى مەھلىيا قىلدى چىكىمسىز جاننى كۆكنارغا.

21
خۇسۇمەتلەر چېكەر قۇزغۇن چىمەندە خەندە بولبۇلغا،
تىكەن رەشك ئەيلىگەي بۇلبۇل نەزەر سالغاندا سۇمبۇلغا.
ئىشەكمۇ ھاڭرىغاي ھەتتا ئۆزىنى ئۇستا ناتىق دەپ،
زىلەيخا كۆيسە نە چارە يۈسۈپتەك ناتىۋان قۇلغا.

22
گۈزەللىك يەتمىگەي ھەرگىز ئۇنىڭ ۋەسلى جامالىغا،
تاپىنغايلا قۇياش ھەتتا ئۇنىڭ بىر نوقتا خالىگە.
كۆزى سەككىز بېھىشنىڭ راھەتنى ھەمجەھەت قىلغان،
بىراق قەلبىمدە كەم زېھنى يېتەلمەس سۆيگۈ ھالىغا.

23
تەقەززا ئەيلىسەڭ قانىم خىنە بولسۇن ئاياغىڭغا،
پۈرەك سالسۇن ئەتىرگۈل بەرگىدەك قوش ئىز زىناقىڭغا.
مەگەر كۆز ياشلىرىمدىن ئۈنچە مارجانلار تاقار بولساڭ،
مېنى قىل تاڭ سەھەر ئۈلپەت سېنىڭ گۈلنارى باغىڭغا.

24
يولۇقماسمەن گۈزەللىك ئاختۇرۇپ دەرگاھى ئورداڭغا،
سېلىپ قامچىسى ئۇرماسمەن بەخت زەۋقىدە يورغامغا.
مۇھەببەت مىۋىسى پىشماس ساداق نەيزەڭ دەرەخ بولسا،
كى شۆھرەتتىن خۇشاللىق شولىسى چۈشمەيدۇ ھويلامغا.

25
ئەسىر بولماق يامان ھېسقا- تۇتۇلماق مىسلى ئىبلىسقا،
ھاياتنىڭ قەدرى مەزمۇندا، دىمە ئالتۇننى تەڭ مىسقا.
ئىلىم ئەماسىغا بىر يىل ئۇزاق، ئىرفاندا كۆز ئاچساڭ،
ساڭا جەمشىد بىلەن نوھ ئۆمرىمۇ بولغاي يەنە قىسقا.

26
ئەيىبكار ئەت مېنى سۆيگۈڭدە كۆيمەكلىك گۇناھ بولسا،
ئۇنى قايتۇر مەگەر ئىلكىڭدە قۇربەتلىك دۇئا بولسا.
ۋەياكى ئاشىقىڭغا لالىزار باغىڭنى كەڭ ئاچقىن،
دېگىن شەرتىڭ ئار قىلماي دىلىڭدا مۇددىئا بولسا.

27
پايانسىز كەڭ جاھاندىن ئەل- خالايىققا سائادەت تاپ،
سائادەت تىل سىمىدىن ئاچماققا شەمشەر ھەم ئۇچار ئات تاپ.
ئىلىمنىڭ مۇددىئاسى بولمىغاي دانىشنى زىننەتلەش،
خالايىق بەختىگە شەيدا بولۇشقا ئىشتا ئادەت تاپ!

28
ۋەتەن تەختىڭ، ۋەتەن بەختىڭ، ۋەتەنسىز ئامىتىڭ ماغزاپ،
ۋەتەن دىيار، ۋەتەن تۇلپار، ۋەتەنسىز ئەر قالار ئاقساپ.
ھەشىمەت روزىغار، شۆھرەت ياراشماس بولمىسا ئۆز يۇرت،
بۆلەك ئەل مىسلى بىر ئەگلەك- چىقارغاي ئاقىۋەت تاسقاپ.

29
تەسەۋۋۇر ئەتمىكىم شەرتتۇر تۇپادىن تۇتىيا ئىزلەپ،
تەپەككۇر قىلمىقىم ھاجەت ئاۋامدىن ئەۋلىيا ئىزلەپ.
بىھەد ھادىس جاھان ئىچرە كەرەمدىن ئۆزگە شۆھرەت يوق،
بېزە قەددىڭنى ئى دانىش مۇشەققەتتىن زىيا ئىزلەپ.

30
مۇناجات قىلدى بولبۇل گۈلگە: ئاچقىن غۇنچە گۈل يۈز دەپ،
يوشۇردى تاجىنى پۈرەك: ئۆزەڭ قانداق قېلىن يۈز، دەپ،
سابادىن مەست بولۇپ بۇلبۇل بىلەن گۈل ئەيشى قىلغاندا،
يىغار قىزلار ئۇ ياقۇت لالە شەبنەمنى <ئۈزۈك كۆز> دەپ.

31
كۆزۈڭ بىر جادۇ تىلسىمكى، قېشىڭ ھېس ئەھلىگە ساييات،
گەرمە كىرپىك ئوقۇڭ تەگسە بولۇر تەقۋامۇ ھەم بەرباد.
جىيالىم بىر جاھاننامە، ۋىسالىڭ ئەتىكابىمدۇر،
سېنىڭدىن ئۆزگە كىم غەمناك كۆڭۈلنى قىلغۇسى باردۇر.

32
مەگەر ۋىجدان بېشىغا نەپسى چىقسا كۆرگۈلۈك بەربات،
نىيەت ئىقبالغا باققىن، بەدنىيەتنىڭ كەلگۈسى ناشاد.
كېمەڭنى قۇم باسۇر، تۇلپار ئېتىڭنى دۈشمىنىڭ مىنگەي،
خالايىق رەھمىتىدىن گەر دىلىڭنى قىلمىساڭ ئابات.

33
لىۋىڭدە بولمىسا شەرۋەت، ساڭا كار ئەيلىمەس لەززەت،
كۆڭۈلدە بولمىسا ئىپپەت، بىزەكتىن پۈتمىگەي خىسلەت.
تەپەككۇر شاھى بول دىلبەر، خەزىنەڭ مەنىدار بولسۇن،
بولالماس سەيلىدىن ئۆزگە يولۇڭدا ئۇچرىغان كۈلپەت.

34
لاۋازىملىق ئەمەس دوستلۇق، ئۇنىڭ يىلتىز- شېخى ھۆرمەت،
مەگەر دوستلۇققا دان تىكسەڭ، ئۇنىڭ ياپراق-بىخى ھۆرمەت.
ئۇنى بۇ، بۇ ئۇنى ئىشقا سېلىش دوستلۇق ئەمەس، لاپقۇت،
غەرەز شۇ بولسا دوستلۇقتىن ئۇنى سەن باشتىراق تەرك ئەت!

35
كۆڭۈلنىڭ قۇلپىنى ئاچقاي سۆزۈڭدە بولسا گەر ھېكمەت،
جېدەلنىڭ ئۇرقىنى چاچقاي سۆزۈڭدە بولسا گەر ئىللەت.
ئاشار قەدرىڭ سۆزۈڭ بىرلە، بۇنىڭغا يۈز دەلىل شاھىد،
گۈزەل سۆز قۇت ئاتا قىلسا، خۇنۇك سۆز يەتكۈزەر كۈلپەت.

36
چىمەن مەيخانىدا بولبۇل ئىچەر گۈل بەرگىدىن شەربەت،
نىچۈن لەب جامىدىن جانان بېخىل سۇنماققا بار بىررەت.
كۆزىنىڭ جادۇ خۇمارى تۈپەيلى شاھ سەۋدا،
لېۋىدىن بال تامۇر يەرگە، لېۋىم بالسىز چېكەر ھەسرەت.

37
كۆڭۈل ئىللەتلىرىنى كۆرگىلى كۆڭلۈڭدە ئەينەك تۇت،
بۇ ئەينەككە تەمەننا داغىنى قوندۇرما، سۈتتەك تۇت.
نەھاجەت تاجى شاھانە ۋە ياكى خانىشى زۇننار،
ئەقىل زېرەك، رەپىق كۆپرەك، ئۆزۈڭنى ئىشقا شىردەك تۇت.

38
سىرىڭنى ئېيتما دۈشمەنگە، ئۇنى ھەمدۇستقا پىنھان تۇت،
بەختسىزلىك بالا دەشتىدە بىل يالغۇز دەرەختۇر قۇت.
رەقىبىڭ ئايلىنار دوستقا، بولۇرلەر دوستمۇ ھەم دۈشمەن،
پەلەك ئايلانما بىر چەرخكى، سەۋەب سورساڭ ئۇ تىلسىز بۇت.

39
زەكىلەر رەنجىگە يەتتىڭ يولۇڭغا رەشىك- ھەسەت تولغاچ،
زەكى بوپسەن، باستىڭ قەدەمنى غەيرىتىڭ بولغاچ،
چۈشەنمەس قەدرى ۋەزنىڭنى زامانەڭ بولمىسا تىلماچ،
نەزەر سال، سايرىدى بۇلبۇل باھار كەڭ چۆلنى گۈل قىلغاچ.

40
ئۇلۇغلاندى ئىلىم، دەۋران ئېلىمنىڭ قەدرىگە يەتكەچ،
ئادالەت جىلۋە قىلدى، كەتتى باشتىن جۇت زىمىستان كەچ.
ۋەتەن گۈللەش ئۈچۈن تەشنا زاماننىڭ زىننىتى بىرلە،
ئىلم جەڭگاھىدا جەڭ قىل، ھالاۋەت ھەم تامادىن كەچ.

41
كۆڭۈل بىر قۇش، نەزەر سالغان كۆزۈڭدىن ئىپتىخارىم بار،
نەدۇر بىر ئىپتىخار، ھەتتا ئۇنىڭغا ئىنتىزارىم بار.
نەزەر سالغان كۆزۈڭدە تىلغا چىقماس بىر سىرىڭ پىنھان،
لېۋىڭدىن بال ئىچىپ بىر كۈن ئۇنى ئىشتمەك خۇمارىم بار.

42
بېرىلمە كۈلكىلەرگە، بەلكى ئۇندا ھىيلە مەلئۇن بار،
كېرىلمە شۆھرىتىڭدىن، كىم بىلۇر باشىڭدا قاي كۈن بار؟
مەگەر پاكلىك كۈتەر بولساڭ، خالايىق قوينى كەڭ دەريا،
خالايىقتىن كېپەك ئالساڭ ئۇنىڭ ۋەزنىدە ئالتۇن بار.

43
بېشىدا بولبۇلى، گۈل ئىشقىدا سايرايدۇ بۇ خۇشتار،
جۇغى چاغلىق بۇ شەيدا قەلبىدە قەلبىمچە بىر سىر بار.
شارابىڭ قۇي ماڭا جانان، كەمەندەك تارىغا سۈركەل،
جاھان بى ئەرزىمەس قەلئە يېنىڭدا كۈلمىسە گۈل يار.

44
كىشىنىڭ خۇلقى مەيلىدە تەپەككۇر سايىسى باردۇر،
ئۈمىد تۇتقان كىشى ھەرخىل، ئۇنىڭ ئۆز غايىسى باردۇر.
مەگەر تەن ۋەجىنى مىزانغا سالساڭ پەرقى ئاز ئەمما،
قەلبلەر پەرقى يەر-ئاسمان، ئۇنىڭ نە چارىسى باردۇر؟!

45
ئۈمىدلەر ۋەسلىدىن كۆزۈڭدە دەريادەك يېشىڭ باردۇر،
دىلىڭدا ھىجرىدىن چەكمىش پىغانۇ- نالىشىڭ باردۇر.
نىتەي، كەستى ئۆلۈمىڭ قايچىسى شەمئىي ھاياتىڭنى،
كى كاشكى بولسا ئالەمگە يەنە بىر كەلمىشىڭ باردۇر؟!

46
ۋەتەن-ئەل ئۈستىخان، قاندۇر، ھاياتلىق ئىچرە ھەم جاندۇر،
ۋەتەن گەر بولمىسا دىلدا تىرىكلىك كۆركى يالغاندۇر.
ھاياتتا جەبرى مىڭ ئەۋزەل-ۋەتەنسىزلىك بالاسىدىن،
ۋەتەن ئەنگۈشتىرىن بىلمەك كىشىگە تۇنجى ئىرفاندۇر.

47
ئۆلۈم ئۆمرىڭگە زورلۇقتۇر، تىرىلگەن بىر جەسەت يوقتۇر،
چۈشەن شىرىن ھايات گويا ئۆچەر ئالدىدىكى چوغدۇر.
ناداندىن ئۆزگە كىم ئىچسۇن پۇشايمانلىق گۇلابىنى،
سەمەرلىك باغۋەنگە كۆز يۇماردا سەمەرىسى زوقتۇر.

48
ئەتىرگۈل رەڭگى ئىي جانان، گۇلابىڭ جانغا راھەتتۇر،
لېۋىڭ جامىدا بال ئىچمەك ماڭا قۇتلۇق مۇكاپاتتۇر.
شىپايى تۇتىيا گويا كۆزۈڭنىڭ مېھرى چۈشكەن بال،
چۈشەن جانان شەيدايى تەقدىرى ئامانەتتۇر.

49
كۆڭۈل كەڭ كائىنات گويا، تەپەككۇر بەرقى يۇلتۇزدۇر،
كۆڭۈل گەر بى لەھەت گويا- قاراڭغۇ، تار، سوغاق مۇزدۇر.
خۇنۇك ئىبلىس قارا نەپسىڭنى زېھنىڭ كارى قىلغۇنچە،
خالايىق ئەرشىدە پەرۋاز ئېتىش- بىل قانچىلىك ئۈزدۇر.

50
<كۆزۈمنىڭ ئالدىدا قەد كەر> دىگەن بىر شەھرى ماچىندۇر،
بىراق روھىم ھەمىشە نۆبىتى نەزمىلە غەمكىندۇر،
چىمەن مەستانىسى بۇلبۇل بۈگۈن گۈلشەندە خەند ئۇرسا،
مېنىڭ زېھنىم ئۇنىڭ خەندىگە ئۈلپەت كۆكتە لاچىندۇر.

51
قارا ساچىڭغا گەر باقسام بۇ ئىقلىم تۈن، سەھەر يوقتۇر،
بۇ زۇلفىڭ زۇلمىتىدە نۇر يۈزۈڭ يەڭلىغ قەمەر يوقتۇر.
بىھۇشلۇق يەتتى مۇشكىڭدىن، پەقەت لەبزىڭدە ھۇش ئابى،
قاراقىڭ جادىدىن تەندە تىرىكلىكتىن ئەسەر يوقتۇر.

52
ۋاپاسى يوق پەرىلەرگە كۆڭۈل قويماق نادانلىقتۇر،
بەئەينى بىر دېڭىز تۇرمۇش، ئۆمۈر بىل ئىمتىھانلىقتۇر.
مەگەر يەلكەن قەغەز بولسا، دېڭىز سەيلىڭدە مىڭ ئاپەت،
ۋاپاسىز قۇش مىنىپ ئۇچساڭ نەسىۋەڭ بىل يامانلىقتۇر.

53
كۈزەللىكتىن ئۇرۇق چاچساڭ گۈلىستانىڭ بېزەكلىكتۇر،
ئۈزۈم تىكسەڭ، ھەسەل يىغساڭ تائامىڭ قەنت گېزەكلىكتۇر.
زەھەرلىك بولسا گەر كارىڭ، سېنىڭ ئاخىرقى دەرگاھىڭ،
غەزەپ-دەھشەتىگە تولغان لەنەت چالما كېسەكلىكتۇر.

54
پىراق ئوتۇڭ كاساپەتتۇر، سېغىنماق دەشتى ئاپەتتۇر،
چۈشەش گويا سائادەتتۇر، ۋىسالىڭ مىسلى ئامەتتۇر.
دېمە لەۋزىمنى دەرۋىش ھالىدا ئېيتقان جۇنۇن ئەھدى،
قەلەندەر قەلبىدە ئىدراك- جاھان شاھى رىياسەتتۇر.

55
پىراقى جادىدىن تەندە بۆلەك كارغا ئامال يوقتۇر،
خىيالى مەھبۇسىدەك دىلغا ھەم راھەت قامال يوقتۇر.
سېغىنچام ئىستىقامەتكىم، مېنى زار ئەتتى بو جانان،
گىلاس كالپۇكلىرىڭدىن زەپىرەڭ مەڭزىمدە خال يوقتۇر.

56
كۆڭۈلنىڭ كورلىقى كۆز كۆرلىقىدىن كۆپ خۇنۇك بەتتەر،
كۆزى ئەما كىشىگە ھەر قاچان ھېسداش جىمى بەسەر.
غادايغان شاختا نە ئەنجۈر، تەكەببۇر دىلدا يوق گۆھەر،
كېبىر مەلئۇنى بەگ بولسا- خالايىق ئىچرە بىنەزەر.

57
كۆڭۈللەر ئارزۇسىنى كېسەلمەس ئالماسۇ-خەنجەر،
ھەقىقەت ئاشىقى ۋىجدان جىمى بۆھتان ئارا قەيسەر.
يۈرەكتە بىر تەپەككۇر شاھى ھېس تۇلپارىغا مىنمىش،
ئۇنى نۇرانە سالھىلدىن تۇتالماس سۈرسىمۇ ئەجدەر.

58
ئايا دىلبەر، زورۈر چاغىم ماڭا بىر كاسە شەربەت بەر،
تەرەھھۇم بىرلە ناز ئەيلەپ چېچىلغان دىلغا خىلۋەت بەر.
كۆڭۈل ئابىغا چاڭقار زېھنى يالقۇن ئىچرە ھارغان ھېس،
يۈزۈڭدىن گۈل، كۆزۈڭدىن نۇر تۆكۈپ جانىمغا راھەت بەر.

59
سېغىندىم لەبزىنى يارنىڭ، كېرەكمەس ئۆزگە شەربەتلەر،
پاناھ بولماس سېغىنغاندا بۆلەك ئەلدە مۆرىۋەتلەر.
ئارامگاھىم ۋەتەن قوينى، ئۇنىڭدا رەنجى دەرمانىم،
ئاتا قىلماس ماڭا قۇت غەيرى ئەلدە مىڭ ئىبادەتلەر.

60
ھەسەتخور گەر ھەرە بولسا، چىۋىندۇر پىتنى ئىغۋاگەر،
ئىشەنچ بۇزماق، توزاق قۇرماق تۈپەيلى ئەل كېسەل بەتتەر.
بۇ ئىككى نەس چىقىپ تۇرسا، ئۆسەك سۆزلەر تېپىپ تۇرسا،
روناق تاپقايمۇ ئەل بۇندا، زايا كەتمەيدۇ تۆككەن تەر.

61
تۆپەڭگە ئاق يوپۇق تارتىپ، بولۇپسەن مىسلى بىر ئاق غاز،
كۆرۈنمەيدۇ بىراق خەندىڭ-سۆزۈڭدىن يا گۈزەل خۇش ناز.
ھايات زىبالىقىنىڭ خەزنىسى يوق تۇرسا قەلبىڭدە،
نە چىققاي خاك ۋە خەس دىلدىن جاۋاھىر غارىدەك ئاۋاز.

62
كۈزەلگە باق، گۈزەللىك سۆي، كۈزەللىكتىن ئېلىپ ئەنداز،
خۇنۇكلىكتىن قۇتۇل، ئۆمرۈڭ كۆركسىز ئۆتمىسۇن بىر ئاز.
مەئىشەتلىك، پاراۋانلىق مەگەر بوستان،دېسەڭ گويا،
كۈزەللىك قۇش ئېرۇر زۇمرەت سامادا ئەيلىگەن پەرۋاز.

63
كىشىلىك زىننىتى سۆزدۇر، يەنە ئالەمگە خاقان سۆز،
گۈزەل سۆز باغۇ-بوستان، تۇتى ھەم بۇلبۇلچە خەندان سۆز.
ئۆمۈر-مەكتەپ، تالاۋەت ئەيلىسەڭ ئېرپان-ئىلىم كۆپتۇر،
بۇ ئېرپانلارنى مىڭ يۇلتۇز دېسەڭ، زەر بەرقى چولپان سۆز.

64
كىشىدە بولمىسا ھېسداش-ئۇلۇغ سەزگۈ، ۋاپا بولماس،
كى ئۆز قايغۇسىدا يۈرگەن كىشىدە خۇش ناۋا بولماس.
كۆڭۈل گەر بولسا بىر خەزنە، جاۋاھىر ئۆزگىلەر مېھرى،
خەسس باشىغا كۈن چۈشسە، ئۇڭا ھېچ رەھناما بولماس.

65
قەلىبلەر قازىسى ۋىجدان، ئۇنىڭسىز پاكى دىل بولماس،
ئۆزىدىن ھېچ نۇمۇس سەزمەس-جامائەتكە خىجىل بولماس.
ئادالەت قىبلىگاھىڭدۇر، ئۇنىڭسىز بولمىغاي قۇت پاك،
ھەرە مەغرۇر چېچەك تەختىدە، ۋىجدان ئۇندا بىل، بولماس.

66
ۋەتەنگە داغ-غۇبار يەتكۈزمىكىڭدىن زور گۇناھ بولماس،
ئاناڭدۇر يەككە ئەل يۇرتۇڭ، بۇ ئالەمدە يەنە بولماس.
ۋەتەن تۇپراقى، سۇ، ئوت ھەم ھاۋاسىغا ھۇنەر قوشساڭ،
كى يوق ھېچ مۆجىزە، ھەتتا دىيارىڭدا بىنا بولماس.

67
تەپەككۇر ئىختىدارىڭسىز مۇھەببەت ئىشتىياق تاپماس،
مۇشەققەت ئىمتىھانىڭسىز پىكىر-زېھنىڭ سىناق تاپماس.
ساداقەت قەھرىمانىنى تاماشا قىل مۇشەققەتتە،
ئەجىرسىز بال ھەرە سەيلە-چىمەنسىز خۇش پۇراق تاپماس.

68
سالامىم سىز مۇبارەككە مېنىڭ ۋەزنىمدە ئارتۇقراق،
گۈزەل مەدھى بىلەن تولمىش تېنىم سەۋرىدىكى ياپراق.
قارا تۆھمەت تۇمانى چېھرىڭىزنى قاپسىغان بىر چاغ،
سۆيۈنگەن ھۆرمىتىم ساقلاندى دىلدا خۇددى سۈتتەك ئاق.

69
ھەسەتخور گەر بولسا ناتىق-دەرەخ ئورمان بولۇر چوقماق،
غەزەلخان بولسا ئىغۋاگەر-چېكىلگەي قان بىلەن تۇپراق.
تەپەككۇر سەنئىتىنىڭ بارچىسىغا ئاق كۆڭۈللۈك سەرت،
كۆڭۈلدە بولمىسا باغۋەن، قەدەمدە كۈلمىگەي ياپراق.

70
بولۇر ھەسرەت- ئىشەنگەن ئۈلپىتىڭدىن يەتسە مەلئۇنلۇق،
بولۇر ئاپەت-غازاڭ پەسلىدىن ئاۋۋال يەتسە سۇلغۇنلۇق.
يامانلىق ياخشىلىقنىڭ چەك نىشانىن سەزمەكلىك مۈشكۈل،
قىلۇر جەڭگاھتا سەركەردە نىيەتىن بۇزسا، ساتقۇنلۇق.

71
دىلى تاردا ھەسەتتىن ئۆزگە ئەلگە قايدا ھېسداشلىق،
مەگەر ئەل بولمىسا دىلدا جاپاغا قايدا بەرداشلىق.
مۇشەققەتنى تەپەككۇر ئوزىقى بىلسەڭ ئۈنۈم بولۇر،
چۈشەن قايغۇ بىلەن شادلىق ئارا باردۇر قېرىنداشلىق.

72
جاھاننىڭ شاھى بولساڭمۇ نەھاجەت خۇي تەمەننالىق،
كۈلەر دەۋران ئارا بىر كۈن گاداھلار ئەھلى مەنالىق.
ئۆتەر ھەمدە ئۆزىنىڭ زېھنىنى دەركارى ئىقلىم دەپ،
ۋە كىملەر ئۆتمىدى بۇندىن، ئەمەس بەخشەندى زىبالىق.

73
دىيارىم خاكى جىسمىم، قىبلىگاھى ئابى قانىمنىڭ،
ئۇنىڭ سۆيگۈ پىراقى شۆھرىتى ۋىجدانۇ-جانىمنىڭ.
قازا بولدى نىچە قەيسەر رەھىمسىز جۇت شىۋىرغاندا،
بۈگۈن ئۈستىدە زەر سۇمرۇغ بەخت قۇچقان ماكانىمنىڭ.

74
ئاقار لاي سۇ كەبى ئۆمرۈڭ كۆڭۈلدە بولمىسا غايەڭ،
نە بولسۇن قۇت ساڭا ھەمراھ، پەقەت ئۈلپەت ساڭا سايەڭ.
ئۇلۇغ خاھىش، بەلەن ئىستەك ئۆمۈر جەۋلانىغا ئىلھام،
بۇ جەۋلان بولغۇسى ھاسىل مەگەر غەيرەتتە تۈرسەڭ يەڭ.

75
قىيا باقىپ ئۆزۈڭ دىل سازىنىڭ دۇتارىنى چەكتىڭ،
شۇ دۇتارىڭغا ئوتلۇق ھىجرىنىڭ ئازارىنى چەكتىڭ.
كى بۇلبۇل خەندىدىن گۈل بەرگى شەبنەم ياش بىلەن تولدى،
كى كۆكنار شەربىتى ئوخشاپ كۆڭۈل خۇمارىنى چەكتىڭ.

76
مەگەر ئامەتكە دۇچ كەلسەڭ ئەجىرسىز بولسا تەرك ئەتكىل،
مەگەر راھەتكە دۇچ بولسەڭ خالايىق بولمىسا كەتكىل.
مۇقەررەر ئالىمى دەۋران، سەۋەپسىز بولمىغاي ھادىس،
كۆرۈنگەن ھەر بېزەكلىكنىڭ تېگىگە زەڭ سېلىپ يەتكىل.

77
تەپەككۇر شام چىراغ گويا ئۆزۈڭنى كۆر، يولۇڭنى بىل،
ئەقىل تەختىدە سۇلتانسەن، كى كەمتەرلىك ۋەزىر قابىل.
جاسارەت سەركىرىڭ بولسا، ۋاقىت بىلمەك مۇنەججىملىك،
مىسالى خانىشىڭ ھەر خاھىشىڭ بەخشەتكۈچى مەنزىل.

78
يامان سۆز تىغ، ساداق تۆھمەت نىشانى ھېس، تەپەككۇر، دىل،
ئۇنىڭ زەربى  كۆڭۈلدە زەردە قوزغار ھەپتە، ئاي ھەم بىل.
كۈزەل سۆز گۈل، ھالال سۆز مىسلى ھېكمەت، دىل ياشار ئاندىن،
كامالەت مىۋىسى پىشماس كىشى گەر بولمىسا ئادىل.

79
داۋان مۇشكۈل ئەمەس، ئادەم ئىچىدىن چىقمىسا مۈشكۈل،
نە قىلغا تىلسىم ئالەمدە سېھىرلىك بولمىسا كۆڭۈل.
كىشىلىك ئىشقى بىرلە، جەبرى بىرلە بۇ ئۆمۈر ئۆتتى،
نادانلىق ھەم ھەسەت، ئىغۋا تۈپەيلى گۈل دىيارىم چۆل.

80
كۆمۈلمىشتۇر لەھەتكە قەلبى ھىجران بۇلبۇلى ئادەم،
پىراق داستانىدىن ھەر پەسىل ئۆتكەي ياش تككۈپ ئالەم.
لەھەتگادىن قىزىلگۈل ئۈنسە قانىمدىن شەپەق ئەيلەپ،
زىيارەتگا قىلۇرمەن كۆز يېشىمدىن قاندۇرۇپ شەبنەم.

81
كۆڭۈل گۈلشەن،كۆڭۈل خەزنە،كۆڭۈل شەربەت،كۆڭۈل ئالەم،
كۆڭۈلگە گەر گۈزەللىك ھەم كەرەملىك بولسا يار ھەمدەم.
كۆڭۈل دەۋزەخ،كۆڭۈل زىندان، كۆڭۈل ئاغۇ، كۆڭۈل ئاپەت،
كۆڭۈلگە گەر جۇنۇكلۇق ھەم قاباھەت پۈكسە ھەر ئادەم.

82
ئىلىمنىڭ شامىسەن يۇرتۇم، ساڭا پەرۋانىدۇر ئالەم،
ۋاراقلاپ قامۇسۇڭ كۆرسە، دىگەي: دۇردانىدۇر، ئالەم.
جاھانغا نۇر بېرىپ ئاخىر ئۆچۈپ ياتتىڭ ئەسىر بويلاپ،
زامانەم ياقتى شامىڭنى، ئالار نەپ بەھۇزۇر ئەلەم.

83
پىراق شەيداسىمەن، مەنچە خۇنۇكتۇر سۆيگىسىز ھەردەم،
كى شادلىق، قايغۇ تاۋىدىن بۇ سۆيگۈ قەسرىسى كۆركەم.
ساداقەتسىز ھەۋەسلەر سۆيگۈلۈك بابىدا مەلئۇنلۇق،
ساداقەت ئەجرىدە مۈشكۈلنى يەڭمەك سۆيگۈگە ئايەم.

84
تەمەننا قىلما گۈل بەرگىڭدىكى شەبنەم مېنىڭ ياشىم،
نىگارىڭدا جۇلا قىلغان مۇھەببەت تەپتى ئوتقاشىم.
تەقەززالىق پىراقىدىن بۆلەك بىر مۇپتىلا بولسا،
ئىجاد ئىستەرمىدى سۇمبۇل چۋچىڭنىڭ ئاستىدىن باشىم.

85
تىلىڭدىن بال سۇنۇپ ئۆتتۈڭ، لىۋىڭدە تۇرسا مۇختاجىم،
تېنىمگە تىغ ئۇرۇش قەستىڭ ئاياغلاشقۇچە ئىلاجىم.
بىزار ئالەم شېكەر تىللىق، زەھەر دىللىق گۈزەللەردىن،
تۆكۈلدى بەرگى ياپراقىم سېنى بىلگەچكە گۈلتاجىم.

86
چىمەنسەن بۇلبۇلىڭمەن يار، غەەلدۇر ھەر مەھەل خەندىم،
كى بەرگىڭ شەبنەمى تەشنالىقىڭدا ئۆرگىلەي دەردىم.
مەگەر تەڭرى سېنى دەريا پەرىسى قىپ بىنا قىلسا،
سۆكۈپ بۇلبۇل تونىنى، چورتىنىڭ بوپ شۇڭقىغاي ئەردىم.

87
ھاياتنىڭ جەبرىسى بىر يان، زەپەرنىڭ پىتنىسى بىر يان،
بولۇر ھەتتاكى شەيتانمۇ بېغىڭ پۈتكەن چېغى مېھمان.
قوشۇلماس نۇر ھايات شامىڭغا لوقمان يا ئىبىنسىنا،
بىراق غالىپ ئۆزۈڭ بولسا ئەقىل ھەم جۈرئىتىڭ سۇلتان.

88
گۈزەل تىل سۆزىدىن ئايان جاھاننىڭ سەركىسى ئىنسان،
زۇراۋانسىز بىپايان ئالەم بۇ سەركەردىدىن كۈتەر پەرمان.
ئەقىل كىر، سۆز خۇنۇك بولسا ياغار ئاسمان-زىمىندىن تاش،
ئاۋام مەيدانىدا ئول خار، كى ئۇ زات بولسىمۇ سۇلتان.

89
تەپەككۇر شاھىدىم سەن -سەن مېنىڭ قەلبىمگە ئى ئىنسان،
تەسەۋۋۇر قۇدرىتىم سەن-سەن تەبىئەت مۈلكىدە خاقان.
خۇشاللىق، ئىپتىخار، زەۋقىم بىجادۇرسەن بىلەن دىلغا،
ئۆزۈڭدىن ئۆزگە قەلبىمدە نەقىلسۇن زەررە يات ئارمان.

90
قۇرۇق شۆھرەت ھۇزۇرىدىن نە زىننەت كۆرگۈلۈك ئىنسان،
ۋەيا راھىب بولۇپ بۇتتىن نە سۆيگۈ سۆيگۈلۈك ئىنسان.
كىيىپ شەيتان نىقابىنى كەمەكنى قىلسا ھىللەڭ مات،
چۈشەنگەن چاغى ھالىڭنى قاقاخلاپ كۈلگۈلۈك ئىنسان.

91
ئېغىر مۆھلەت ئارا مەردان- مۇشەققەت تاغىدا ئارسلان،
كى خارلىق ئىلكىدە مەغرۇر-دىمەك سەن چىن سۈپەت ئىنسان.
نامايان ئەيلىسە ئارچا ھايات زىبالىغىن قىش-ياز،
ئۈمىد دەپ پارلىغان تۈن قوينىدا تاڭ ئاشىقى چولپان.

92
جاپا تۇپانىدا نوھتەك بۇ تەننى ئاسرىدىڭ جانان،
تىنىم ئاتەشكە چۈشكەندە ئۆزۈڭنى ئەيلىدىڭ سۇلتان.
زىمىستان ئىچرە سەرساندا ماڭا ئىللىق ماكان بولدۇڭ،
ۋاپا قۇرئىسىدا سەنچە ھېچ ئىنسان بولمىغان ئايان.

93
تەكەببۇرلۇق شاياتىننىڭ شارابى دىلنى مەست قىلغاي،
كېبىرلىك بىر ھەرە گويا چىنار قەددىڭنى پەس قىلغاي.
ئەقىل كور بولسا ئۆچكەيلەر كىشىلىك قەدرىنىڭ شامى،
پۇشايمان ئوغىسى مۇغرۇرنى ئاخىر ئىندىمەس قىلغان.

94
ھايات سۆيمەيدۇ تۇرغۇنلۇق، ئۇنىڭ ھەركارىدۇر كەسكىن،
شۇڭا قەيسەر يۈرەكنىڭ ئىشتكى ئەشئارىدۇر، كەسكىن.
غىلابىدىن غىلاپ تىككەن كىشى گەر كۈتسە تەسكىنلىك،
چەۋەنداز شەمشىرىن سوققان قۇيۇچچى تىغقا دەر: كەسكىن.

95
جۇدا قىلما گۆھەر-ياقۇتنى چاقناق نۇر ھۇزۇرىدىن،
قورام تاشتىن نە پەرق ئەتكەي گۆھەر ئايرىلسا نۇرىدىن.
جۇدا قىلما مېنى مەيلى بەخت يا غۇربىتىڭ ئىچرە،
كىشىلىك شەنىنىڭ نۇرى ئۈمىد شەمئى غۇرۇرىدىن.

96
تەكەببۇرلۇق نىشان بولغاي- ئەقىل كور بولسا ئامەتتىن،
كىبىر كۈلگەن چېغى قالماس نىشانە ئىستىقامەتتىن.
تەكەببۇرلۇق ئۆمۈر دەرياسىدا بۇژغۇننى دۆلەت دەر،
قۇمۇشتا بولمىغاي خىسلەت چىنارلىق قەددى قامەتتىن.

97
خىيانەت قەلبىگە سىڭگەن كىشى دەسلەپ دىيانەتتىن،
ئىناۋەت ئىزدىگەي سۆزلەپ ھامان بىز ئاز ھىدايەتتىن.
خىيانەتكار قۇتۇلماس ئاقىۋەت مۇنداق قىيامەتتىن:
ئۇڭا يەرمۇ،سامامۇ كۆرسىتەر شۇنداق خىيانەتتىن...

98
ئۆمۈر گۈلشەن، ئىجاد گۈلشەن، بۇ گۈلشەن ئەجرى ئەمگەكتىن،
جۇدا بولسا جۇلا قىلماس ئۇنىڭ ھېچبىرى ئەمگەكتىن.
ئۇلۇغ سەركەردە يا ناتىق، مۇھەندەس ياكى بىر نەققاش،
ياراتقاي مۆجىزە ھەتتا ئىلىمنىڭ پىرى ئەمگەكتىن.

99
قارا كۆز باق كۆزۈمگە نۇرى چەشمەڭ تۇتىيا بولسۇن،
لىۋىمگە شەربىتىڭ تامغۇز جۇنۇنىمغا داۋا بولسۇن.
تەسەددۇق ئەيلابان جان راھىتىدىن سۆزلىسەم راستۇر،
مەگەر لەبزىڭ دېسەڭ يالغان، ئاڭا كۆزۈم گۇۋاھ بولسۇن.

100
ساڭا بۇنچە تەمەننانى جاھاندا كىم رىجا ئەتكەن،
يەنە كىم ئەركىنى خارلاپ سېنىڭگە ئىلتىجا ئەتكەن.
غۇرۇر ئىنسانى خىسلەتتۇر ئۇنى خار ئەيلىمە ھەرگىز،
قارا، ئىنسان غۇرۇر بىرلە كارامەتلەر بىجا ئەتكەن.

101
سېنىڭ جادۇ كۆزۈڭنىڭ تۇتقىنى بوپ مەن يوقالغانمەن،
ئۆزۈمنى ئاختۇرۇپ تاپسام چېچەك بولستانغا تولغانمەن.
تەقەززا ئەيلىمەس بۇلبۇل كەبى قەلبىم قەپەزگاھنى،
قىزىلگۈل دەپ تىكەنلەر دەستىدىن قانغا بويالغانمەن.

102
كۆڭۈلنىڭ تارلىقىدىن بىنەزەر قالغانغا يىغلامسەن،
ۋەيا بىئارلىقىڭدىن خۇش نەزەر بىركىمنى تىللامسەن.
ئەقىلنىڭ كورلىقىدىن كۆرمىدىڭ ئۆزنى ئۆزۈڭدىن ھېچ،
چېكىپ ھەسرەت ھەمىشە باشقىلارغا پەندى ئىلھامسەن؟!

103
نۇمۇستار زارلىماق، سۆيگىن ھاياتنى لەززىتى بىرلە،
ئۆمۈر قامۇسىنى توشقۇز ھەقىقەت ئىبرەتى بىرلە.
غەزەللەر يازمىساڭ مەيلى ۋەزىن،مىسرا، رېتى بىرلە،
تەپەككۇر گەنجىنى يىغقىن"روبائىيات" ئېتى بىرلە.

104
ھايات چەكلىكلىكىدىن بىلگىن،ئۇنى ھەر كۈندە بىر ئەسلە،
شامالغا سالما ئۆمرۈڭنى "ئوزۇق توپلا" "ئوتۇن كەسلە".
ئۆمۈرنىڭ قىممىتىنى ئۆلچىگەي ئەلگە قوشار تۆھپەڭ،
پۈتۈن ئەجرىڭ بىلەن ئەل مەختىگە شەربەتنى پەيۋەسلە.

105
مەگەر سەن خالىساڭ جانان، ۋۇجۇدۇمنى دۇتار ئەيلە،
يۈرەك رىشتىمنى چەكمەككە كۆڭۈلدىن ئىختىيار ئەيلە.
سېنىڭ ساز بىرلە ناخشاڭدا گۈزەل قەلبىڭ نىگار ئولسۇن،
چىمەن جىسمىڭنى قەلبىمگە ئۆمۈرلۈك رۇزىغار ئەيلە.

106
نە قىسمەتلەر بېشىڭغا يەتسىمۇ قىسمەتكە زار ئەتمە،
مەگەر ئامەت ساڭا يەتسە، كىشىنى ئىنتىزار ئەتمە.
نە كۈلپەت ئىنتىزار بولماق، نە خارلىق نالە-زار قىلماق،
بىمەنە قايغۇ-شادلىققا كىشىلىكنى بىزار ئەتمە!

107
ساداقەت ئەھلىدىن ئۆزگە كىشىلەردىن ۋاپا كۈتمە،
ئۇنىڭدىن بىۋاپا ئالەمنى ئوڭشارغا داۋا كۈتمە.
پەلەكنىڭ شوتىسى تولغان ۋاپاسىز پەللە، ئادەتكە،
ۋاپاسىز، قەلبى ناپاكتىن ۋاپا ئەھدىن يانا كۈتمە.

108
جاھان مەشغۇلى ھەركەتتە، ئۆلۈممۇ مۇتلەق ھەركەتتە،
ساۋاپ شۆھرىتىنىڭ پۈتمەس قاراپ تۇرساڭ بىكار چەتتە.
ئۆلۈمگە يىغلىغاندىن يىغلىغىن بىھۇدە ئۆمرۈڭگە،
ۋاقىت دۇردانىنى چەيلەپ ئۆمۈر ئۆتكۈزمە غەپلەتتە.

109
گۈزەللىك بىر سەپەر گويا، قونالغۇ ئەقلۇ-ئىدراكتا،
مۇھەببەت مەھلىيا بىر ھېس، ئاڭا شاھىد ساداقەتتە.
جاھاننىڭ سەيلىسى بىرلە ئۆمۈرنىڭ تەجرىبى شۇكى:
ئۈمىد قايغۇغا يولداشكىم، تۇرار ئەندىشە راھەتتە.

110
سالامەتلىك-سائادەتلىك، يەنە ئەل سۆيسە ھۆرمەتتە،
سانالماس بىنەزەرلىك قۇت، يۈرۈپتۇ كەڭ مەئىشەتتە.
خالايىق رەھمىتى بىر تەخت، بىراق ئۇ ئەجرىسىز پۈتمەس،
بۇ تەختىڭ ئاچقۇچىن سورساڭ: تۇرار ئول ئىزگۈ خىسلەتتە.

111
جاھالەت بىر خۇنۇك تونكى، ئۇنىڭ تۈن پەردى غەپلەتتە،
بۇ غەپلەت بىر چۈشەكەشكى، ئۇنىڭ ھەر ئەۋجى دەھشەتتە،
نادان-كاجلىق تۈپەيلى پىتنە،بۆھتان، رەشك-ھەسەت قاينار،
ئاڭا ئەل ئاشىقى قاقشار كۆرۈپ بۇ ھالنى ھەسرەتتە.

112
شېئىر شوھرەت ئەمەس، ئەمگەك-ساپاسى ھېس ۋە ئىدراكتا،
سىياقىڭ قانلچىلىك بولسا كۆرۈنگەي سۆزدە ئەينەكتە.
تەپەككۇر كانىنى قازماي، تەسەۋۋۇر تىكلىمەك مۈشكۈل،
جاۋاھىر تاپقىلى بولغاي كۆڭۈل كەڭ بولسا كۆكرەكتە.

113
شىجائەت بولمىسا سوققان يۈرەك گۆش خۇددى كۆكرەكتە،
جاسارەت بولمىسا قالغاي نىيەت چۈش شەكلى ئىدراكتا،
گۈزەل ئىدراكتا كۈچ بەرگەن جاسارەت بۈركۈتى گويا،
ئۇنىڭسىز بولمىغاي بەرپا گۈزەل بىر سەمرە ئادەتتە.

114
زامان كۈلگەي ماكان قەيسەرلىرى گەر ئىزدىسە چارە،
زامان قىلسا جۇدۇن-بولغاي پاراسەت باغى مىڭ پارە،
ئۇنىڭ غۇربەت بالاسى كاج، تېپىلماس ھېچ ئاڭا تىلماچ،
نەچارە: چارىسىز ھەر چارىسىدا بولسا بىچارە!

115
زامان مۇھتاج زەكىلەرگە زەكىلەر كانى ئەل ئىچرە،
زەكى ئېيتۇر: زەكىنىڭمۇ چۈشەنسەڭ جانى ئەل ئىچرە.
مەگەر ئەل بولمىسا قايدىن ئىلىم مۇخلىسلىرى چىقسۇن،
گۈزەل دەۋرانىنىڭ ھەتتا چېچەك بوستانى ئەل ئىچرە.

116
جاھان خۇرشىدلىرى يەتمەس سېنىڭ فىردەۋسى رەڭگىڭگە،
نىچۈن سەن بولمىدىڭ دەرمان مېنىڭ بىمارى دەردىمگە.
چېلىپ ئىشقىڭدا مەن دۇتار، ئۈزۈلدى تارىسى ئاخىر،
كۈلۈپ بىر باقمىدىڭ جانان مېنىڭ دۇنياچە ئەجرىمگە.

117
جامالىڭسىز قىلالماس ھېچ ۋىسال سىنەمنى خۇرسەندە،
لېۋىڭنىڭ "جامى"دىن ئۆزگە نە قىلسۇن مەي قەدەھ مەندە،
كۆزۈڭ شەھلاسىنى كۈن-تۈن نىجاتلىق قۇتبى بىلدىم يار،
نەھاجەت ئۆزگە ۋىسالى، ھەممە تەل تۇرسا بىر سەندە.

118
كۆزۈڭگە تەلمۈرۈپمەن يار، بەسىرلىك يەتكۈچە كۆزگە،
يۈزۈڭگە تەلپۈنۈپمەن تا سېرىقلىق يەتكۈچە يۈزگە.
ۋاقىتنىڭ قۇشلىرى پەرۋاز ئېتىپ باشىمغا ئاق چاشتى،
ئەسىر بوپ ئۆتتى بۇ ئۆمرۈم سۆيۈش ناملىق شۇ بىر سۆزگە.

119
سابا يىغلايدۇ ئاھ ئېيتسام چىدالماي نالە-زارىمغا،
زىمىن تەۋرەيدۇ داد ئېيتسام مېنىڭ مۇڭلۇق قارارىمغا.
يۈرۈپمەن بىپايان يوللار ئارا سەركەشتە دەرۋىشتەك،
بىلەلمەسمەن نەسبى تەقدىرىم قايغا بارارىمغا.

120
ئايا دىلبەر نەھەددىمدۇر ساڭا قەلبىمنى بەرمەسكە،
كۆڭۈل ساھىلىغا چاچقان ئۇرۇق-دانىڭنى تەرمەسكە،
ساداقەت-ئەسلى شەيدالىق-ئۆزىن ياتقا بەخىش ئەتكەن،
بىلىپ تۇرغان چېغىمدا قايتىدىن ئالەمگە كەلمەسكە؟!

121
نە قانغاي گۈلگە بىر باغۋەن ئۆمۈرلەپ گۈل بىلەن يۈرسە،
قانائەت قايدا بۇلبۇلدا چىمەندە بىر ئۆمۈر سۈرسە،
قارا ساچىڭغا كۈن-تۈن تەلمۈرۈپ باقساممۇ باققۇم بار،
ئارامىم شول: كۆزۈم جادۇ كۆزۈڭنىڭ جامىغا كىرسە.

122
ئىشەنمە رەشكى-غەيۋەتتىن ساڭا كىم سوۋغا كەلتۈرسە،
نە چارەڭ بىر كۈنى تۆھمەت بىلەن ئول دوغا كەلتۈرسە،
پەلەك بىر چەرخى ھادىستۇر، تەپەككۇر تەختى تەمكىنلىك،
ۋاقىت سايياتىنى ئەقلىڭ دېرەكلەپ ئوۋغا كەلتۈرسە.

123
پىداكارلىقتا مەن-مەندە، ئۆزەڭنى دالدىغا تارتماي،
قۇسۇر يۈز بەرسە مەن-مەندە، گۇناھنى ئۆزگىگە ئارتماي،
ھالاۋەتتە دېمە مەن-مەن، ياراشماس مەرتكە مەنمەنلىك،
نەزەر سال شۇنچە مەنمەنلەر ياتار تار قەبرىدىن ئارتماي.

124
كىتابەتتىن ئىلىم تاپقىن، ھاياتتىن تەلىم ئال تىنماي،
ئۆمۈر دەرياسىنىڭ تەكتى چۈشەنسەڭ ئۈنچىگە ئەڭ باي.
ئىلىم گەر ئاشىقىڭ بولسا بەئەينى بىر تۇلۇن ئايدەك،
كۆرۈنگەي بولسا دىل ئۆتكۈر مىسالى قەترىدە ئول ئاي.

125
ۋەتەننىڭ گۈل بىناسىغا ئاتاپ ئۆمرۈڭنى زەر خىش قوي،
خالايىق ئىستىگىن ئاقلاپ ئىلىم سۆي، ئەمدى ئۇيقۇڭ قوي،
چېلىش تۇلپارلىرى كىشنەر جاسارەت ئەھلى مىنسۇن دەپ،
تۈمەنمىڭ ئارغىماق بىرلە ئۇلۇغ مەنزىلگە چامدام قوي.

126
بۇ ھىجرەت بۇلبۇلىنى كۆز يېشى سەلەپى غەرق ئەتتى،
جاھان چاقماقلىرىدا چاقمىقى ئەبغانى بەرق ئەتتى،
ئۆكۈنگەن بىرلە ئالەم لەۋزە قىپ شەپقەت ئاتا قىلماس،
چۈشەن، ھەسرەت ۋە شادلىقتىن جاھان ئايلانما چەرخ ئەتتى.

127
نەپەس سۈرمەكلىكىم مۈشكۈل ئۇنىڭدىن بولسا جان خالى،
ئەسىر قىلغاچ مېنى ئىككى قېشىنىڭ ئورتىدا خالى،
مېنىڭدەك خالى مەپتۇنغا نەزەر سالغايمۇ مەغرۇر ئاي،
نە مۇمكىن ئېيتقىلى دىل سىرلىرىن، ئۇ تۇرسىمۇ خالى.

128
شەپەق ھۆسنىڭدە نەقشەيلە پەرىشان روزىگارىمنى،
چېچەك شەبنەم بىلەن گۈل قىل مېنىڭ سۇلغان نىگارىمنى.
كۆڭۈل رىشتەم بىلەن ئەشتىم سېنى كۈيلەشكە دىل تارى،
سېنىڭ شەنىڭگە ياندۇردۇم يىگانە شامى بارىمنى.

129
سەھەرنىڭ نەي ساداسىدەك ئىشتتىم نازۇ-خۇلقىڭنى،
تۇرۇپ قالدىم كۆرۈپ گۈلزار ئارا توز ئەينى تۇرقۇڭنى،
قېشىڭنى ئوينۇتۇپ ئۆتتۈڭ، بېشىمغا مىڭ ساداق تۆكتۈڭ،
سىلارمەن قايسى چاغ جانان سېنىڭ سۇمبۇلچە زۇلفىڭنى.

130
پىراقىڭ تەننى شام قىلدى، يېشىم ئەسلەتتى توپاننى،
تاراملاپ تولدۇرۇر بۇ شام مېنىڭ سىنەمدە شامداننى،
سېغىنچىڭ ئاقىۋەت ئىستەك سىياسىگە قوشۇپ قانىم،
ۋۇجۇدۇمغا خىتاپ قىلدى: ئېلىپ ياز دەپ قەلەمداننى.

131
تاماخورلۇق خۇنۇك ئىللەت، ئۇنىڭدىن سورما ۋىجداننى،
كۆزىنىڭ ئاچلىقى ھەتتا گۆرۈگە تاشلىغاي جاننى،
تامادىن مۇددىئا پۈتمەس، تاماخور نەپسى بىر تويماس،
ئۇنىڭدىن قايسى ئىللەت زور يوقاتقان قەدرى ئىنساننى؟!

132
پەرى پەرۋىش ئىتىپ دىل كۆكتە پەيدەك قىلدى پەرۋازنى،
گۇلاب سۇندى گۈلى بۇلبۇلغا ئەيلەپ گۈلچى گۈلنارنى،
شۇدەم ئەبغان بولۇپ پىنھان، ۋىسالىڭ زەۋقى ئايانكىم،
نەھاجەت ساز، سەنەم سىنەمدە چالغاچ رىشتە ئاۋازنى.

133
قەدەھ ئال دانىشىم، ئىچكىل بۇدەم شادلىق گۇلابىنى،
راۋان قىلدىڭ ئىلىمنىڭ بەھرىگە زېھنىڭ كارابىنى.
تەپەككۇر كۈلكىسى يۈكسەك ئاڭا ھېچبىر زەپەر يەتمەس،
سېنى قۇتلار جاھان تىلسىملىرى تاشلاپ نىقابىنى.

134
تىرىش ئوغلان،تىرىش-تىرماس، ئەجىرسىز كۈتمە ئامەتنى،
زەپەر مەغرۇر مەلىكە ھېچقاچان سۆيمەيدۇ نامەرتنى،
ھايات دەريا تېگىدە لۆجىلەر چۆكتۈرگىلى قەستلەر،
كۈپۈكتىن ئىزدىمە گۈلشەن، قانائەتتىن سائادەتنى...

135
گۈزەلنىڭ چاچلىرى دەريا-ئېقىتقان نەچچە سۇلتاننى،
چىرايى كۆركىلىك شەمئى-تۇتاتقان مىڭچە پەرۋاننى،
چۈشەن بوينىدىكى مارجان-شېھىد-شەيدايىلار باشى،
لېۋىنىڭ شەرتى قەستلەيدۇ بۇ تەندىن ئالغىلى جاننى.

136
لېۋىڭ شەربەتمۇ يا ئوغا، يوقاتتى ھۇش قارارىمنى،
كۆزۈڭ تىلسىممۇ يا جادۇ قارام قىلدى باھارىمنى،
چېچىڭنىڭ لەشكىرى گويا پىكىر شاھىمنى مات قىلدى،
سېنىڭدىن ئۆزگە قاي قۇدرەت يېشىلدۈرگەي خۇمارىمنى.

137
ئەجىر-ئەمگەك بىلەن شۆھرەت تاپار ئادەم قېرى-ياشى،
دەقىقنىڭ ۋەزنى ئالتۇندۇر نەسىپ گەر بولسا يۈز ياشى،
ھەۋەس گويا ۋاقىتنىڭ قەستىدە يۈرگەن قاراقچىدۇر،
پۈچەك ئۆتكۈزمە ۋاقتىڭنى سېنى قىستايدۇ كۆز ياشى.

138
نە دۆلەت ئىشتىياقىمدۇر،ماڭا تۇغقان دىيار ياخشى،
نە راھەت زەۋقى رايىمدۇر، ماڭا مەشغۇلى كار ياخشى،
دىيارىڭ گەر گۈلۈستان بولسا ئۇندا راھىتىڭ ھازىر،
خىيال سەيلانىسىدىن ئەجرى-ئەمگەك بەرقارار ياخشى.

139
تەن كىرەر تۇپراق لەھەتكە، نام قالۇر ئەفكار ئارا،
ئۆتسە ئۆمرۈڭ ياخشىلىقسىز مەڭگۈلۈك روھىڭ يارا،
بۇ ھايات بىر ئىمتىھان: باغۋەن، زىيانكەش ئايرىلۇر،
ئۆزگىگە قويساڭ توزاق، كۈتكەي سېنى يۇچۇن ئورا.

140
بىغۇبار ھۆسنۈم دېسەڭ ھەر تاڭدا ئەينەككە قارا،
بىغۇبار قەلبىم دېسەڭ ئەل شەنىگە سۈرمە قارا،
ئەل ئىچى ھېكمەتلى ئەينەك، ئۇندا ئايان سۆرىتىڭ،
نەيلىمەك رەڭگىڭگە ئەكسەر بولسا گەر قەلبىڭ قارا.

141
مىڭ تۈمەن خىل ھادىسە چەكسىز جاھان دەرگاھىدا،
ئېچىلار كۆركەم چېچەك كۈندەش بېغىدا گاھىدا.
چىن گۈزەللىكنى كۆرۈپ ئىنكار قىلالمايدۇ كىشى،
زەر چېچىپ تۇرغاچ ھەقىقەت كەڭ نەزەر ئاگاھىدا.

142
ئەگمىدىم سېرىن شېخىنى زوق بىلەن تاڭ ۋاختىدا،
تەلمۈرۈپ باقتىم چېچەككە خۇددى كۈتكەندەك نىدا،
مايسىلار ئۈستىدە قاپتۇ تۈنكى سۆھبەتنىڭ ئىزى،
ئاقتى مەڭزىمگە يېشىم سىما بولۇپ كۆزدىن جۇدا.

143
گۈل ئرچىلماس گۈلگە گۈل دەۋران باھارنىڭ بولمىسا،
سايرىسا بۇلبۇل كەبى گۈل ئىختىيارىڭ بولمىسا،
زىننەت ھەم تىلەش بىلەن شۆھرەت ساڭا بولماس رەپىق،
قايغۇ يا شادلىققا تۇتقان پەخرۇ، ئارىڭ بولمىسا.

144
تاڭ بېقىپ سالدىم تورۇمنى نەزمىلەر ئوكيانىغا،
يا مۇيەسسەر مەن بېلىققا ياكى مارجان كانىغا،
كىم بىلۇر قۇمرىغا بەنت بولغان دىۋە قەھرى بىلەن،
چاڭ سالۇر ياقامغا ئول قايتىپ كېلىپ دەرمانىغا.

145
ئاي پەرىم نازدىن ئەقىلنىڭ تەڭپۇڭىنى پۇزدىلا،
خۇددى چولپاندەك ساما يۇلتۇزلىرىدىن ئۈزدىلا،
تاڭ بىلەن كۈلگەن پۈرەكنىڭ گۈلى رەنا دەستىنى،
يا بىلىپ-بىلمەي پېقىرنىڭ ئىلكىگە تۇتقۇزدىلا.

146
گۈل گۈزەل،گۈلشەن گۈزەل، باغۋەن دىلى ئۇندىن يانا،
گۈل-چېچەككە كېپىنەكلەر سەيلىگە باغۋەن پاناھ،
خۇددى گۈللەر تەڭرىسىدەك ئاشۇ باغۋەن قەلبىدە،
بىھىساب جەننەت سىماسى جىۋە ئەيلەر دائىما.

147
كۈزلىرىڭنىڭ چاقمىقى قىلدى كۆزۈمنى مەھلىيا،
سۈرمە رەڭلىك كىرپىكىڭ بولدى كۆزۈمگە تۇتىيا.
شۇنچە ئاھ ئۇرساممۇ دىلبەر قىلمىدىڭ پەرۋا ماڭا،
ئەكسىچە سالدىڭ ھەمىشە زۇلمىنى ئاتەش گويا.

148
جەبرىلەر چەكتى ھاياتنىڭ جۇت ئارا مىسلى گىيا،
چەكمىدىڭ تۇپاندىمۇ، سەندە غۇرۇر بولدى قىيا،
ئاي ۋە يۇلتۇزلۇق ساما زۇلمەتتە بەنت بولغان كېچە،
شام كەبى ياندى دىلىڭدا تاڭ ئىشەنچى دائىما.

149
گۈل قەدەھ قالغان قۇرۇپ، جانسىز بەدەن غۇربەت بولۇپ،
جام بىلەن مەي، جان بىلەن تەن ئاز تۇرار ئۈلپەت بولۇپ،
بىھىساپ بىلمە ئۆمۈرنى، ھەر كۈنى بىر بەرگ غازاڭ،
چۈشمىسۇن جامىڭغا ئارمان كۆز يېشى ھەسرەت بولۇپ.

150
كۆيدۈرەر جانان مېنى كۆزىدە جادۇ ئوينىتىپ،
سۆيدۈرەرمۇ بىۋاپا لەۋ جامىدا شەربەت تۇتۇپ،
ئوتقا سالدى ئۆرتىدى پەرۋانە چاغلاپ خەستىنى،
كۆيدۈرەرمۇ گۈلشىنى سەيلانىدا كۆڭلۈم ئۇنۇپ.

151
بىر ئەقىل بىرلە موھىتتا سەيلىتەر مىڭ سەيلىگاھ،
مىڭ ئەقىلدار ئىچىدىن ئالەم تۇتار زېرەك چىقار،
كۆك ساما ئاستىدا تۇپراق قۇت بېرەر ئىنسانغا كۈچ،
بەختى ئىقبال كۈلمىسە زېرەكلىكىڭ قالغاي بىكار.

152
گەر ۋەتەن دەپ كۈيلىسەم نەزمەم ئىچىدىن بال ئاقار،
سىنە-قەلبىمنى ھىسابسىز سۆيگۈ ئىلھامى قاقار.
بۇ ئانا تۇپراققا شان قوشماق ئوغۇللۇق ئىستىكىم،
قىلسا پەرۋاز مىسلى سۇمرۇغدەك ئاڭا ئالەم باقار.

153
قايسى بىر رەڭدار چېچەكنىڭ ھۆسنى دىدارىڭچە بار،
قايسى بىر ياقۇت قەدەھنىڭ كەيپى خۇمارىڭچە بار.
گۈلگە بۇلبۇل، جامغا مەيخور بەندۇ-شەيدا بىگۇمان،
قايسى شەيدانىڭ پىراقى مەن گىرىپتارىڭچە بار.

154
نازۇ-نىمەت داستىخانى ئىپتىخار مەيدانىدۇر،
ئۇندا ھەر دىدار غەنىمەت-پاك كۆڭۈل بوستانىدۇر،
گەر بۇ مەيدان ئىچرە پىتنە باشلىسا ناكەس بىرى،
پاك پىكىرلەر، ساپ كۆڭۈللەر تەڭ ھارام بولغانىدۇر.

155
مەيلى شاھ مەيلى گادا ئىلكىدە بىر خەزنە ياتۇر،
ئول-ئۆمۈر، گويا راۋان دەريا كەبى تىنماي ئاقۇر،
شاھلا ئاۋارە بولغان خەزنە-چىن خەزنە ئەمەس،
شەىسىي خىسلەت ئىتىبارىڭ ئۈستىدە باشىڭ قاتۇر.

156
گۈل تۇلۇپ تۇرغان بېغىڭغا كۆرگىنى رەنا كېلۇر،
يەر تاياپ ياتقان چېغىڭدا يانىڭا دەنا كېلۇر،
بەزىدە دەريا قۇرۇق، بەزەل باسار چۆلنى قىيان،
رەڭمۇ رەڭ ئوبرازغا باق، ھەر شەكلىدىن مەنا كېلۇر.

157
شۆھرەت ئاتىنى مىنەرنىڭ-ماھىرى كەمتەر بولۇر،
كىمكى شۆھرەت ئىچرە كەمتەر-ئول يېتىلگەن ئەر بولۇر،
ھەر زامان ھەركىمگە ئامەت كەلسە ئۇ باقى ئەمەس،
يەردە سۈت ئەمگەن كىشىنىڭ بارىگاھى يەر بولۇر.

158
قايسى بىر كۈلگۈن شاراب بىر كۈلگۈنىڭچە مەست قىلۇر،
ھۆسنىدە گۈل، كۆزىدە نۇر، لەۋدە بال پەيۋەس قىلۇر؟
بىلمىسە ئالەم ۋاپا، قىلغايمۇ گۈل يۈزلەر ۋاپا،
شول نىزام: دەم باشقا تاج، دەم پۇت تېگىدە خەس قىلۇر.

159
گۈلگىمۇ ئەندىشە قىلماڭ، كېپىنەك ئويناپ قونۇر،
شاخچىغا قۇشلاپ كېلىپ، پەيلەر قېقىپ، سايراپ قونۇر،
كىم كۆرۈپ كۆكسىمدىكى قان زەردىنى گۈلدەك بىلىپ،
چەشمە زارىم شەبنەمىنى دۇر بىلىپ تاللاپ قونۇر؟!

160
بىر چىمەن كۆردۈم ئۇنىڭ قاشىدا بۇلبۇل ئولتۇرۇر،
خۇش ناۋا بۇلبۇلغا گۈل شەبنەم شارابى تولدۇرۇر،
رەشكى قىلما، گۈل بىلەن بۇلبۇل تاماشاسىن كۆرۈپ،
يارغا بال تۆككەن چېچەك ياتنى تىكەندىن ئۆلتۈرۇر.

161
تۇرمىغاي زەر پۇل قولۇڭدا،ئۇ ھامان سەييارىدۇر،
بىر دەقىق شۆھرەت ماقامىڭ بىقارار ھەييارىدۇر.
ئىلمۇ-ئىرپاندىن بۆلەك يوقتۇر ئۆمۈرلۈك ئاشىنا،
ياخشىلىق ياكى يامانلىق ئەل ئارا ئەفكارىدۇر.

162
بىلمىدىم كۆڭلۈمدە بارمۇ قەيس-مەجنۇندىن ئەسەر،
لەيلى زۇلپىڭ مۇشكىدىن سىنەمدە ئوت ئۇنسىز كۆيەر،
باققىلى ھۆسنۈڭگە رايىم تلپۈنەر ھەم ئەيمىنەر،
ئاھ نىتەي لەززەت لىۋىڭنى قايسىبىر "مەيخور" سۆيەر.

163
لالە ھۆسنۈڭە بېقىپ كەتتى يۈزۈمدىن لالىلەر،
خۇش ئۈمىد ئورنىغا ئالماشتى نەپەستە نالىلەر،
سۆيگۈ بىر بەڭباش قۇيۇن جىسمىمغا زالىم شاھ گويا،
بە بىلۇر سۆيگۈ ئازابىن كۆرمىگەن بىگانىلەر؟!

164
ئاينى تۇتماق كۆككە ئوق ئاتماق ساڭا شۆھرەت ئەمەس،
تاجۇ-تەختىڭگە پۈكۈنمەك بىلدۈرەر ھۆرمەت ئەمەس،
ياخشىلىق ئەل شەنىنى، ئەل بەختىنى مىزان قىلار،
ئەل ئۈچۈن چەكسەڭ رىيازەت-ئۇ بەخت، ھەسرەت ئەمەس.

165
خار بولۇپ ئاپتاپتا ياتساڭ كىم سېنى خار ئەيلىمەس؟
جۈرئىتىڭ بولمايدىكەن كىملەرمۇ دىشۋار ئەيلىمەس،
قۇت تېپىپ شاھ تاجىدا قىلساڭ جۇلا زۇمرەت بولۇپ،
ھەر قاچاندا، ھەر زاماندا كىم سېنى يار ئەيلىمەس؟!

166
تەلپۈنەر كۆز چەشمىسىنىڭ بارچىسى گۆھەر ئەمەس،
چايقىلىپ تۇرسا چىنىدە ھەممىسى كەۋسەر ئەمەس،
ئامىتىڭنىڭ بارىدا ئۈلپەتتە ئۆتكەن بەزىلەر،
سايرىسا باشىڭدا سا قوغلارغا تەڭ قەيسەر ئەمەس.

167
قوي جاھان مەغرۇرلىقىڭ، ئىسراپ ساڭا، شۆھرەت ئەمەس،
ھەم تېجەش،كەمتەر ياشاش بەختىڭ ئۈچۈن كۈلپەت ئەمەس،
بولدى رىم ئاخىر ھالاك كەيپى-ساپا، شۆھرەت بىلەن،
كىم پېتىنغاي ئېيتقىلى- بۇ كۈن يەنە قىسمەت ئەمەس.

168
ئارچا جىسمىم قاغجىراق بولماستا قونسا سۇمرىقۇش،
چىللىسا تاڭ ۋەسلىنى، گۈم بولسا زۈلمەت ھەم ھوقۇش،
ئەرزىمەيتتى ئەلدىكى شادلىققا چەككەن جەبرىلەر،
دىلدا دەريادەك غەزەل ئۆركەش ئىدى تاپقاندا ھۇش.

169
بولدى پىنھان يار گويا گۈگۈمگە غەرق ئەتكەن قوياش،
زەپىران مەڭزىمگە كۆزدىن خۇددى يۇلتۇز- ئاقتى ياش،
جەزبە ئىتىپ تۇرغان بىلەن خۇشبۇي ئاشۇ ئارغامچە چاچ،
پىر كۆرۈندى، ئاچمىدى قايتا نىگارىن باغرى تاش.

170
سەبرىنى سەۋزە قىلىپ، كۆز ياشىنى بىلمەڭ گۈرۈچ،
قاننى ماي ئەيلەپ تېنىمنى ئاش ئۈچۈن قىلماڭ خۇرۇچ.
كىم بىلۇر بىر باش پىيازدىن قەد ئېلىپ ئۇماي ئانا،
ئەمدى بۇزغان يارىنىڭ قەلبىگە سالغاي ئەقلى-ھۇش.

171
يار لېۋى-بەرگى قەدەھ،جام گۆھىرىدىن ياخشىراق،
يار لېۋىنىڭ شەربىتى يات كەۋسىرىدىن ياخشىراق،
بۇلبۇل ئېيتار: بولسىمۇ رەنا گۈلۈڭ غۇربەتكە بەند،
ئىتىقادۇ-ئىشقىدا ھۆر-پەرى-غىلمان ياخشىراق.

172
قىلمىغىن ئارتۇق ھېرس نامىڭدىن ئىنساندىن ئۇلۇغ،
دىمىگىل زىبالىقىڭنى باغى بوستاندىن ئۇلۇغ،
سەن كىشىلىك قەترىسى، جىسمىڭدە سۇ، تۇپراق،ھاۋا،
ئۆمرى نوھ بولساڭ-دېمە قەدرىڭنى دەۋراندىن ئۇلۇغ.

173
گۈل چىمەنلەر مۇشتەرىنىڭ بىرسى رەڭلىك كېپىنەك،
بىرسى گۈل قىسماققا خۇشتار قەلبى چوغ ئاپئاق بىلەك،
بىرسى بۇلبۇل گۈلگە ئاشىق سۆيگىدىن خەند ئەيلىگەن،
ئاھ، جاھان گۈلزارىدا بىر نوقتىغا ھەرخىل يۈرەك.

174
بۇلبۇلۇڭ خەند ئەيلىمەس باغى باراقسان بولمىساڭ،
قاپلىماس باغىڭنى ئەنبەر بەرگى رەيھان بولمىساڭ،
نە سەۋەپ مەڭزىڭ تېگىپ مەڭزىمنى قىلدى رەڭگى چوغ،
كۆزلىرى جادۇ، لېۋى لالە بەدەخشان بولمىساڭ؟

175
ئول پەرى ھۆسنى خىيالىم كۆكىدە چولپان مېنىڭ،
ئار ئېلىپ سۆز ئېيتمىدىم، قەلبىمدە ئۇ سۇلتان مېنىڭ،
ئىسمى زاتىنى سورار بولساڭ "تاۋاقتا ئۈنچە تاق"
ئۈنچىدىن يانسا چىراغ-جىسمىم دىمەك، پەرۋان مېنىڭ.

176
كىمكى قىلسا قەستىكارلىق قىلمىشى غەيۋەت ئۇنىڭ،
كىمكى ئىچسە بۇ شارابنى رەڭگى بەد ھەيۋەت ئۇنىڭ،
قەستىكارلىق بىر بالا، بولغاي ئۆزىمۇ مۇپتىلا،
كىمكى تەرك ئەتسە ۋاپانى قىسمىتى دەھشەت ئۇنىڭ.

177
لەپشىگەن يەلكەن تېگىدە قەڭ قىلۇر بىر توپ لەھەڭ،
دەم جۇدۇن قىپ، دەم قىلىپ ناز، ئوينىتىپ مىڭ ياڭزا رەڭ،
سەن ئۇنى ئىقلىم ھاۋا دەپ يۈرمىگىل بىخۇد بولۇپ،
تاڭنى كۈتكىن دانىشىم، تەكتىگە سالغانچە زەڭ!

178
مەن ئىچەرگە كاسە تۇتسام ئۇردى، سۇندۇردى شامال،
يەردە مەي نالە قىلۇر، ئىچمەككە يوق بولدى ئامال،
دىلدا بىر سۆيگۈ، نەزەردە چەرخى ئالەم سەيرىتەر،
نە سەۋەپ ئەھلى ئىلىمگە شۇنچە خۇشتار رەنجى -ھال.

179
قونىدۇ سۇمرۇغ چىنارغا، بەزىدە قاقشالغىمۇ،
خىسلىتىڭ ھەم قىسمىتىڭ تەسىر قىلۇر ئىقبالغىمۇ،
گەرچە ھېكمەت قامۇسىغا مەنە ئېيتساڭمۇ يەنە،
بەزىدە ئوخشايدۇ ھادىس رەمچى سالغان پالغىمۇ.

180
پىكرىدىن گۈللەر چېچېكلەپ، سۆز بىلەن بولغاي خازان،
گەر تەپەككۇر بولسا ئالتۇن، مىس ئېرۇر سۆز ناگاھان،
تولسا سۆز ئىدراك-پاراسەت گەنجىگە قەدرىن تېپىپ،
ھېكمىتى ئىلھامىدىن ھەتتا ئېگىلگەي ئاسىمان.

181
گەرچە مەن ئۇزىغان بىلەن تۇلپار مىنىپ تىنماي راۋان،
ئاتقا مىندۈرگەن مۇرەببىم دىلدا سۇلتان ھەر زامان،
ياقمىسا بىر پىلتىنى ئوتلۇق ساداقمۇ تەۋرىمەس،
دىلدا ئۇستاز ھۆرمىتى گويا ھاۋا-ئادەمسىمان.

182
رەڭمۇ رەڭ گۈللەر ئېچىلدى، خۇش باھارنىڭ تەپتىدىن،
تولدى بۇلبۇل قەلبى زوققا گۈل چېچەكلەر ئەپتىدىن،
گەركى بىلسەم مۇنچىۋالا بىھۇش قىلار يار لەبزىنى،
سۆيمەس ئەردىم،كۆيمەس ئەردىم،چاقماس ئەردىم قەنتىدىن.

183
بولدى ئىنسانلىق بىنا چىن سۆيگۈنىڭ بىر قەترىدىن،
بۇ ھايات بولدى راۋان ئەمگەك-كۆرەشنىڭ قەدرىدىن.
گەر گۈزەللىك ئىزدىسەڭ،ئۇ ئەجرى-ئەمگەك سەمرىدە،
باغۋەنىڭ خۇش پۇراقى شۇنچە ئەۋزەل ئەترىدىن.

184
شاھى-سۇلتان دىلئارا سىزدىن ئەزىز بولغانمىكىن،
ھەرنە ئاشىق ئىشقى مەنچە ئەۋجىگە تولغانمىكىن،
بىر قىيا باققان شۇ سىرنى ساقلىدىم بىر قەرنىچە،
ياش تۆكەر شام ھالىنى شەمئى ساما بىلگەنمىكىن؟!

185
بۇلبۇلۇڭ بوستانىغا شەيدا،گۈل باھارىم قايدىسەن،
گۇلرۇقىم،سەۋرى زىبا، خۇش لالىزارىم قايدىسەن،
سۆيگۈ بوپ تاشتى سېغىنچاڭ،دىلدا گويا بىر دېڭىز،
كەتتى سەبرى تاقىتىم،سەبرى قارارىم قايدىسەن؟

186
بۇ ئۆمۈر گويا چىراغ، ياققىن ئۇنى ئىرپان بىلەن،
يانمىسا شامىڭ نەمەنا قەد كېرىپ تۇرغان بىلەن،
بىر جىسىمدۇر بىر قەپەز، سۈرمەك نەپەسلىك بىر قەپەس،
قىلمىسا بۇلبۇل ناۋا ئۆمرۈڭ ئۆتەر ئارمان بىلەن.

187
سەن ئۆزەڭ شەمئى چىراغ،مەن بىر كىچىك پەرۋانىمەن،
نۇر چىرايىڭ شەمئىگە مەپتۇن بولۇپ ئاۋارىمەن،
كېپىنەكلەر گۈل-چېچەكلەر بەرگىدىن ئىچسە شاراپ،
نازلىنىپ تۇرغان ئاشۇ بىر جادۇنىڭ قۇربانىمەن.

188
مىسلى ئۇچقان قار چېچەكمەن-پەسلى قىش ئاققانىمەن،
جۇت شىۋىرغان قەھرىتاننىڭ بىگۇناھ قۇربانىمەن.
گۈل-چېچەكلەر بەرگ ئۇچار پەسلى باھارغا رەڭ بېرىپ،
تەرىپىم سورىساڭ ھاياتلىق چەشمىسى سۇ-كانىمەن.

189
ئۆتتى ئالەمدىن تالاي گۈل تۆكۈلۈپ كۈز پەسلىدە،
سەۋرىلەر بولدى غازاڭ، قەددى پۈكۈلدى لەسسىدە،
قاپقارا چاچ-زۇلفىلەر تاقتى قىروۋ-كامپۇر گۈلىن،
نە ئىلاج چۆكسە مۇنار ئەجدەر ۋاقىتنىڭ دەستىدە.

190
ئىككى ئەجدەر قاشلىرىڭ جەۋلان قىلار كۆز ئۈستىدە،
سۈيى كەۋسەر لەۋلىرىڭ شەبنەم چېچەك يۈز ئۈستىدە،
بېقىشىڭ شەپقەت بىراق،ئەھدىڭ بېخىل،جادۇ سىرىڭ،
خەزنە ئەنگۈشتەر دىلىڭ ئاچقۇچى-بىر سۆز ئۈستىدە.

191
بىر چىنە شەربەتنى تۇتتۇم قىز يىگىتنىڭ جامىغا،
تەڭ كۈلۈپ قىلدى تەبەسسۇم ساقىنىڭ ئىنئامىغا،
خۇش نەزەر سالسام جىمى پەيمانىلار شاد مەنىدار،
ئىچمىگەن لەبلەرمۇ كۈلدى سۆيگۈنىڭ ئىلھامىغا.

192
ئەلنى سۆيسەڭ-ئەلگە قۇت بەرگەن ئەزىز دەۋراننى سۆي،
ئەل يولىغا نۇر چېچىپ تۇرغان بۈيۈك ئىرپاننى سۆي،
ئۇشبۇ دەۋان ئىدرىكى ھەم ئىپتىخارى،شۆھرىتى،
غەمگۇزارى،باغۋىنى ئىدراككا باي زەر كاننى سۆي.

193
يار ئۆيى سەيلانە بولسا باغۇ-بوستاندىن كېچەي،
لەۋلىرىڭ جامىغا لىق تولدۇرۇپ ئاغۇ ئىچەي،
جادۇ كۆز شېرىن كەبى پىنھان يوقالسا بىر كۈلۈپ،
ۋەسلى ئىزلەپ پەرھات ئوخشاش تاغ ئېشىپ دەريا كېچەي.

194
ھەر زامان،ھەركىم مىنەرلەر نامۇ-شۆھرەت ئاتىنى،
ۋە لېكىن يەشكەي پەقەت ئىرپان جاھاننىڭ زاتىنى،
گەر بىلىم بولسا خەزىنەڭ، ئول ساڭا شاھانىلىق،
بىل، نادان تىزغاي زەپەرنىڭ كەينىگە بەرباتىنى.

195
سىزگە سۇندۇم نەزمە دىۋان-بىر قۇتا مارجانىنى،
ياكى سۇندۇم زەر قەپەزدە بولبۇلى خەندانىنى،
ئەتىۋارلاپ ئەترىدەك قىلماڭ ئۇنى شىشىگە بەنت،
ھەرنەزىم بىر گۈل، كېزىپ تىزدىم ۋەتەن بوستانىنى.

196
ياپرىغىڭنى ئاسرىغىل سۆيسەڭ كۆڭۈلنىڭ بەرگىنى،
"شاھ"نى ئاسرايمەن دېسەڭ ئالدىغا سۈرگۈن گەردىنى،
رەڭمۇ رەڭ تاشلار ئارا بەرق ئەيلىگەي گۆھەر ھامان،
گەر زەپەر قۇتلاي دېسەڭ بىلگىن ئەقىلدار قەدرىنى.

197
بىر كۆرۈپ بىلمەك ئاسان ھۆسنىڭدىكى گۈل رەڭگىنى،
بىر ئۆمۈر كۈتكەي بىلىشكە ئۇشبۇ كۈلنىڭ قەلبىنى؛
گۈل بىلەن كۆزنى بىزەپ شاد ئەيلىمەك مۈشكۈل ئەمەس،
دىل كۆكەرمەس چىن ساداقەت چاچمسا خۇش ئەترىنى.

198
گۈل كۆرۈپ تۇرغان گۈزەل گۈل كۆرگىلى چىللار مېنى،
گۈلگە باقماي ھۆسنىگە باقسام كۈلۈپ "تىللار" مېنى،
كۆرك ئاتا قىلمىش تەبىئەت گۈلگىمۇ، ئىنسانغىمۇ،
گۈلگە "گۈل" خۇشتار كەبى قايكۈن "گۈلۈم" خىللار مېنى.

199
مەي ئەمەس بۇ جامدىكى بەلكى گۈزەل قېقىنۇس قېنى،
خالىساڭ ئەرش سەيلىنى تۇتقىن مۇشۇ جامنى قېنى،
مەي ئەمەس بۇ جامدىكى، ھۇما قۇشىنىڭ ئۇسقىنى،
تاشلا ھەسرەتنى، قەدىرلە بۇ ھاياتنىڭ زەۋقىنى!

200
ئوتقا تاشلاندى كىتاب، ئارقاندا باغلاندى زەكى،
باستى دىشۋار، قىلدى خۇناب دىلنى مەلئۇن زەخمىكى،
قەستى ئۇستازنى قىلىش ئەردى خۇنۇكلۇق ئورنىكى،
بولدى ۋىجدان قەيسىرى يۈكسەك شىجائەت ئەينىكى.




Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  389
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 409
تۆھپە : 0
توردا: 44
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-5 12:40:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
201
بۇ جاھان تۇلپار گويا، باردۇر ئاياغى ھەم بېشى،
باشى كۈلدۈرسە سېنى،تۆككەي ئاياغى كۆز يېشى،
غايغۇرۇپ غەم چەكمىگىل، غەمگە جاھانەڭ ئەرزىمەس،
مىسلى مەست بىر سەرىگا ئوخشار پەلەكنىڭ گەردىشى.

202
سۈبھى بۇلبۇل خەندىنىڭ ھەر نەزمىدەك گۈلنىڭ غەمى،
لالىدە قىلغان جۇلا بۇلبۇل يېشىنىڭ شەبنىمى.
زەپىران مەڭزىم شۇ شەبنەم ۋەجىدىن تاپقاي شىپا،
ھۆسنى گۈل دىلبەر ماڭا گەر بولسا ئۈلپەت ھەردەمى.

203
جەينىكىمنى ئۇشلىدى قانىم ئۇلارغا كىم بىرى،
ھۆسنىگە باقسام تۇلۇنئاي، كۆزلىرى ناز ئەختەرى،
ئۇنتۇدۇم قانىم ئۇنىڭ شىشەسىگە كەتتى راۋان،
مەيلى ئالسا جاننى ئەزرائىل بولۇپ شۇنداق پەرى.

204
ئاق چۈشتى چاچىمگە،قارا چاچىڭ ئىپارىنى كۈتۈپ،
كەتتى يۈزۈمدىن ئالما رەڭ ھۆسنۈڭ باھارىنى كۈتۈپ،
چاڭقاق دىلىم لەبزىڭ شارابىدىن شىپا كۈتكەن قاچان؟
بى رەھمى مەشۇق ماختىنار ئاشىقى زارىنى كۈتۈپ.

205
كۆڭلۈڭ گۈزەللىك تاپمىسا ئىستەك بېغىڭ ئۆرتەپ يانار،
ئىزگۈ ھىدايەت قىلمىساڭ تايغان ئېتىڭ چىشلەپ يانار،
ئامەت ياراشماس بولمىسا زېھنىڭ بىلەن ئەل رەھمىتى،
تەقلىدى رۇستەمدەك ساداق ئاتساڭ ئوقۇڭ ئۆزگە يانار.

206
كۈلگۈن شارابىڭنى ئىچىپ ھىجران ئازابىڭ ئەسلىدىم،
شىرىن جامالىڭ ئىشقىدا پەرھات بولۇپ تاغ كەسلىدىم.
ساقى بۈگۈن ئول گۈل نىگار،شېرىن لېۋى ياقۇت قەدەھ،
مەنمۇ بولۇپ ساقى ئاڭا لەۋزىمدە مەي پەيۋەسلىدىم.

207
ئۈلپەتلىرىڭ گەر بولسا تارئاندىن ناۋا تاپقاي كۆڭۈل،
ئۈلپەت-جامائەت بولمىسا نەدىن ۋاپا تاپقاي كۆڭۈل،
بىلسەڭ ئۆزۈڭنى ھەر قاچان يۇرت ھەم جامائەت پارچىسى،
باشىڭغا مۈشكۈل يەتسىمۇ ئەلدىن داۋا تاپقاي كۆڭۈل.

208
باشىمغا كەلگەيمۇ بالا، قاشى قارانى كۆرمىسەم،
ئالما چىراي، لەۋزى ھەسەل،كۆڭلى قارانى كۆرمىسەم،
سۆيگۈ گويا مەرگەن قولىدا يايىدىن چىققان ساداق،
چەنلەردىن ھۆسنى پەرى ئۇشبۇ قارانى كۆرمىسەم؟!

209
گەر پىتنىخور ئاچسا ئېغىز-چىقتى يىلان قاپتىن، دېگىن،
يالت-يۇلت كۆرۈنگەن جىلۋىسى-تەسۋىرى ئاپتاپتىن دېگىن،
بارچە خالايىق بىر بولۇپ قالساق بۇ ئاپەتتىن ھەزەر،
ئۆرلەشكە توسقۇن قالمىغاي ئىدراكتا غەپلەتتىن، دېگىن.

210
دەنا بولماس تاماگەر، بولۇر گادامۇ دانا،
كىتاپتىن قىممەت-ھەتتا جۈملەڭدە بولسا مەنا،
قۇللۇق تامغا بېسىلغان تاماگەرنىڭ قەلبىگە،
مۈشكۈلدە مەغرۇر ئۆتكەن خىسلىتىڭگە تەسەننا!

211
سۈبھى شەپەقتەك تولغان ئورنۇڭدا نازىڭ بىلەن،
ئويغات غۇنچە-گۈلۈمنى بۇلبۇل ئاۋازىڭ بىلەن،
پەيدەك ئۇچۇر جىسمىمنى ئۇسۇللۇق سازىڭ بىلەن،
بەس ئۆلتۈر مېنى جانان جادۇ پەرۋازىڭ بىلەن.

212
ئىككى ئاق باشنى يېزىپ ئاق چۈشتى بۇ باشىمگە،
گۈلدەستىلەردىن ئۆزگە تىغ چۈشتى ھەم قاشىمگە،
كۆيدى نەچچە يىل شامىم، مۈكچەيدى ۋۇجۇدۇم ھەم،
خەيرىيەت پۈتتى كىتاب، تولدى بەت شاد ياشىمگە.

213
تاۋار توقۇم توقۇلسا بولمىغىل ساھىب مەغرۇر،
چۈشەن توقۇم ئۈستىدە يۈك ۋەزنىڭدىن زور تۇرۇر،
ئىلىمدىن ئۆزگە ئامەت نەقىلسۇن شور بېشىڭدا،
ئىلىمسىز قەددىڭ سەۋرى بولسىمۇ بالدۇر قۇرۇر.

214
ئالەم پاتمىسا دىلغا ئادەم شاھ جاھان بولماس،
ئالمىدەك كۆڭۈل ھەتتا تېرىققا ماكان بولماس.
تامچىدىن دەريا ھاسىل، دەريادىن دېڭىز ئوكيان،
مىڭ چېچەك كۈلمىگۈچە بىر گۈلدىن بوستان بولماس.

215
دوستۇڭنى رەقىپ قىلغان ئىغۋا بىلەن مەنمەنلىك،
شەنىڭگە پىراق ئۇرغان قەلبىڭدىكى دۈشمەنلىك.
ئالەم گۈلى ئادەمدۇر، ئادەم بىلەن ئەل گۈلشەن،
چىن خىسلەتلىك ئىنساننىڭ بىر سەنئىتى باغۋەنلىك.

216
قەبرى تېشى تەكتىدىن ئىزدىگەيسىز زاتىمنى،
سۆيگۈ پاجىئەسىگە قوشۇپ مىسكىن ئاتىمنى،
كېزەر پەرۋانە گويا ئۆلسەم بىئارام روھىم،
ئۆتكۈزمەككە ئەل ئارا جىسىمسىز ھاياتىمنى.

217
كۆڭلۈمگە ئۈلپەت بارچە جاھاندا لەكمىڭ كىشى،
دىل تارىمنىڭ تىترىشى شۇ لەكمىڭلەر دىلكىشى،
كۆزۈمنىڭ نۇرى ئۈمىد، ئۇندا كەرەملىك جۇلا،
گەر لەكمىڭلەر ئۆكۈنسە مۇھىت بولار كۆز يېشى.

218
ھەسەتتىن زارلانما، مەپتۇنلىرىڭ كۆپ،
ھەسەتخور ھەسرەتتە ئۆتىدۇ كۆيۈپ،
كەڭ قۇرساق-جامائەت كۆڭۈل ئىنسانغا،
سائادەت قۇشىمۇ قونار سۆيۈنۈپ.

219
مەگەر جىسمىڭدا مەزمۇن بولسا مەزمۇت،
گۈزەل شەكلىڭ ئاسان بولمايدۇ نابۇت،
چىناردەك قەد، گىيادەك بولسا زېھنىڭ،
چىنار قەددىڭ بولۇر ئاز كۈندە تاۋۇت.

220
كۈزەللىكنى ئاڭا شەيداغا كۆرسەت،
غەنىمەت بىل، ئەمەس كۆپ ئۇنچە پۇرسەت،
گۈزەللىك كۆرمىگەن-كۆرسەتمىگەن كۆر،
گۈزەللىكتىن قەدىر تاپقاي مۇھەببەت.

221
كۆڭۈلنىڭ پاكلىقى ھەر دىلغا تىلماچ،
ناپاك سۆز ھەم مىكرىدىن قۇش بولۇپ قاچ!
سەۋەپ سورىساڭ: تەپەككۇر شاھى-دانا،
پىكىر كارىڭ سۆزى كۆرك بىرلە تولغاچ.

222
كۆڭۈل بىر ئېھرامدۇر ئىلاھقا مۇختاج،
شۇ ئىلاھ ئەقىدى كۆڭۈل ئۈچۈن تاج،
گۈزەللىك ئىلاھ ھەم سەن ساھىبجامال،
پايانسىز كۆڭۈلنىڭ تىلسىمىن سەن ئاچ.

223
كۆزۈڭ جادۇ، قېشىڭ يا، كىرپىكىڭ ئوق،
قۇتۇلماققا چېچىڭ تورىدا يول يوق،
ئەسىرىڭ سارغىيۇر لەب جامى ئىچمەي،
بىغەم سەييات يۈرۈپسەن قەترە غەم يوق.

224
قارا تاشقا گۆھەرلىك نامى بەرسەڭ،
بولۇر گۆھەر چۈشەنچى تاش بىلەن تەڭ،
مەگەر شورغا چېچەك ئۇرۇقىنى تەرسەڭ،
چىمەنگە ئەرزىگەيمۇ بارچە ئەجرىڭ؟!

225
ئېغىر مۆھلەت ئارا گەر بولسا سەبرىڭ،
ياسالغاي بىر كۈنى ئالتۇندا قەبرىڭ،
سوكناتىدۇر سەبىر پاك ئىپتىخارنىڭ،
نامايەندۇر سەبىردە زېھنى ئەجرىڭ.

226
مەگەركى چورت ئۈزۈلسە بەختى-ھالىڭ،
كۆرەلمەسسەن جاھاننىڭ ئۇز جامالىن،
غېرىپلىقنى دالالەت قىلما ھەرگىز،
ھامان يەشكەي جاپا-تۇرمۇش سۇئالىن.

227
جاھان دەۋرانچىدۇر-ئويغان،نەزەر سال،
ئەمەس تۇرنا سامادا سۇدىكى سال،
جاسارەتتىن بۆلەك ئىنئام، نىجاد يوق،
پەلەك كۈلمەس تابىنغىن ياكى پال سال.

228
تىرىش-تىرماش پەقەت ئەجرىڭدە ئىقبال،
تىرىشماق قىممىتى زېھنىڭدە، يە قال،
ھەرە چەكسىز چىمەننى كەزمىسە گەر،
كۈلۈپ تۇرغان چېچەكتىن ئاقمىغاي بال.

229
پىكىردە بولسا شەيتان-سۆزدە شەيتان،
سۆزىڭدە بولسا غەليان-ئەلدە غەليان،
گۈزەل ئىدراك،گۈزەل سۆز ئەلدە روناق،
گۈزەللىك بولسا ۋەيران-ئەلمۇ ۋەيران.

230
ئوغرىلار دىلنى شەيتان، تىلنى شەيتان،
بۇ شەيتان جىن ئەمەس، نەپسانى ئىنسان،
كىشى گەر بولسا نەپسىنىڭ چاكارى،
ئۇنىڭدا قايدا ئىزگۈ، قايدا ۋىجدان؟!

231
بىرى،ئىرپان ئاچار سىرنىڭ نىقابىن،
بىرى،غەيرەت چاچار نۇر ئاپتاپىن،
خۇش ئاۋاز بىرلە قالماس دىلدا كىر-داغ،
مۇقامدىن ئاچسا سازەندەم كىتابىن.

232
پەقەت تەشنا ئىچەر ئىرپان شارابىن،
ئەجىرلىك ھەيدىگەي ئىجاد كارابىن،
ساداقەتتىن چېچەكلەر سۆيگۈ باغى،
تېشەر تارىخ قىزىل كۆزنىڭ نىقابىن.

233
ئىلىم گۈلدۈر،ئىلىملىك قەلبى گۈلزار،
ئىلىم كۈلگەن دىيارغا خۇش بەخت يار.
ئىلىمنى خارلىغان-خارلايدۇ ئىنسان،
ئىلىم دەپسەندە بولسا ئەلدە مۇڭزار.

234
بەخت ئۆركەشلىسە ئۇندا خەتەر بار،
ئېگىزلىك گاھى دۆلەت، گاھى تىك يار،
نەپەس چەكلىك، نە ھاجەت كىبرى قەترە،
تەمەننا كۈلكىلەر كەينىدە مۇڭ-زار.

235
ئەقىلسىز تەلۋىگە غەيرەت تائامدۇر،
غەيۋەتلىك ئەل نادانلىققا قارامدۇر،
زەكىلەردىن تۇغۇلسا رەشىك، شىكايەت،
زەكىلىك نامى ئەلۋەتتە ھارامدۇر.

236
تەپەككۇر ئىقتىدارى خاس كىشىگە،
گۈزەللىك ماس تەپەككۇرنىڭ ئىشىگە،
گۈزەللىك-شەمئى ئالەم، نۇرى ئادەم،
ئۇ ھەم مۇختاج ئۆزىنىڭ دىلكىشىگە.

237
جاھالەت قانچە بولسا-پىتنە شۇنچە،
بۇلۇر پىتنە نادانلىق يىتمىگۈنچە،
بالا پىتنە گويا قاتىل، شىۋىرغان،
تۆكۈلدى قانچە گۈل بەرگ، قانچە غۇنچە.

238
كۆڭۈل بىر قۇش، گۈزەل سۆز دان-ئۇرۇقى،
بۇ دان-ئوزۇقتا ھەم بار قۇش توزىقى،
گۈزەل سۆز بولسا گەر دىلدىن بىشارەت،
ئۇنىڭ مەغرۇر لەپىلدەر غەلىبە تۇغى.

239
ئىناقلىقتا ھاياتنىڭ كۆركى، پەخرى،
ئىناقسىزدا غەزەپنىڭ نەھرى-قەھرى،
ئىناق ئۆتمەك سائادەت ھەم پەزىلەت،
ئۇنىڭسىز نە ئۆمۈرنىڭ پەيزى-بەھرى؟!

240
قايدىسەن،ھىجران ئارا ئوتتەك يېنىپ،
ۋەسلى دىدارىڭ ئۈچۈن كەلدىم يېنىپ،
مەن ئۈچۈن ئالەمچە ئارمان، بىۋاپا-
داغدا قويساڭ لەۋزى، ۋەدەڭدىن يېنىپ.

241
قانچە باغۋەن باغىدا گۈل شاخىن تارار،
قانچە بولبۇل گۈلگە تويماستىن قارار،
قانچە ئاشىق بولدى ئاخىر ئەھلى مەي،
قانچە رۇستەم قەد پۈكۈپ<زال> بوپ بارار.

242
غەم كۈنى يارىم پەقەت سايەمدىدۇر،
ئىپتىخارىم خۇش پىكىر غەيەمدىدۇر،
دىلرەبا، غەمدىن ھالاكلىق ئەرزىمەس،
يەتسە چاغى شاد ناۋا بىردەمدىدۇر.

243
بىر پەرى لەۋزىدە سۇ تەڭلەپ تۇرۇر،
كۆزىدە بىر ئوقى تەڭلەپ تۇرۇر،
نەيزە تۇتقان كىرپىكى: جان بەر دېسە،
لەۋزى ئۆلمەسلىك ئۈچۈن نەملەپ تۇرۇر.

244
قانچە سەۋدا، قانچە ئىستەك،قانچە ناز،
قانچە مىسرا،قانچە ناخشا،قانچە ساز،
بولمىسا شاھىت تۈتۈنسىز <سۆيگۈ>گە،
مەيلى جانان سەن كېلىپ باغرىمنى قاز!

245
مەن ئىلىمنى شۇنچە سۆيگەن چاغلىرىم،
كەتتى ھۆسنۈمدىن ئەتىرگۈل باغلىرىم،
ئانىدەك پەرۋىش قىلالارمۇ جاھان،
ئاتىلىق باغرىمدا تۇرسا داغلىرىم؟!

246
ئاچتى گۈل غەملىك دىلىم بىر كۈلكىدىن،
زوق ئېلىپ قەلبىم گۈزەللىك ئۆلگىدىن،
ئايرىما شاھ ھۆسنىنى قۇت مۈلكىدىن،
ئاسرىغىن دىلبەرنى ھەييار تۈلكىدىن؟!

247
نەپ ئېلىپ يۈرمە كىشىلەر رىسقىدىن،
ھەم ئوغرىلاپ سۆزلىمە ھەم رەشكىدىن،
تام تېشىپ خىش يۆتكىمەك ئىجاد ئەمەس،
باشلا ئەمگەك خىش قويۇشنىڭ مەشقىدىن.

248
ھىجران دەشتى ئىلكىدە ھالىم خاراپتۇر،
پىراق ئوتى ئىچىدە جىسمىم كاۋاپتۇر،
ۋىسال كۈتۈپ ئالدىڭدا تۇرغان مېھمانغا،
بىر پىيالە شەربىتىڭ چەكسىز ساۋاپتۇر.

249
ئەبغان چەكسەم زارىمغا كىملەر قاراپتۇ،
خىيال زىكرىڭ سىنەمگە قاندەك تاراپتۇ،
قەلەندەر بوپ ئالدىڭدا تۇرغان سۇلتاندەك،
بۇلبۇل كەبى زەۋقىڭدە تىنماي سايراپتۇ.

250
كەڭ تەبىئەت گويا نەققاش،ئىنساندۇر ئەسەر،
بىرەر نەققاش مەپھۇمىدىن بۇ ئەسەر خەۋەر،
ئىنسان ھەرخىل،ئەسەر ھەرخىل،ھەردىل بىر دۇنيا،
يېشەر ئىنسان مەپھۇمىنى قايسى بىر قەيسەر؟!

251
زىمىن-قۇم،تاغ،دەريا،يايلاق،بىپايان ئورمان،
ئۆتەر ئۆمرۈڭ ئۇندا ئويناپ ھەم قۇچۇپ ئارمان،
شۇ زىمىندىن سۆيگۈ بىلەن پۈتۈلگەچ بۇ تەن،
شۇ زىمىنگە ھېرىس بولۇپ ياشايدۇ ئىنسان.

252
ھەر زامان نەغمىسى ئۆزگىدۇر ئەمما،
نە قەدرى بولمىسا رېتىمدە مەنا،
كۈيلەرگە ھەۋەس قىل،كۈيۈڭ ئۇنتۇلما،
كۈيۈڭسىز كۈيلىسەڭ نە كۆركى زىبا؟!

253
ئىنساندۇر جاۋاھىر-ئالەم كان بولسا،
تەپەككۇر قۇدرەتتۇر-نەپەس جان بولسا،
ئاياندۇر كائىنات سىرلىرى ھامان،
جۈرئەتلىك كىشىلەر گەر ئامان بولسا.

254
كىم بىزنى خار قىلار ۋەتەن بار تۇرسا،
كىم بىزدىن زوقلانماس ئىقبال يار تۇرسا،
ۋەتەننىڭ قەدرىنى ۋەتەنسىزدىن بىل،
بابۇر شاھ نەزمىدە ھەتتا زار تۇرسا؟!

255
نۇمۇسمۇ بىر ھېكمەت ئەقىل تولغاندا،
يارالغاي بىر جۈرئەت نۇمۇس بولغاندا،
نۇمۇسنى ئادەت بىل غۇربەت كۈنلىرى،
ۋەياكى بېشىڭغا سۇمرۇغ قونغاندا.

256
ساياھەت مەكتەپتۇر،كۆپ كۆرگەن دانا،
ساياھەت جەبرىدە تۈمەنمىڭ مەنا،
كېپىنەك سەيلە ھەم ئۇچقۇر شامالسىز،
مەرىپەت بېغىدا ئېچىلماس رەنا.

257
شەربەتلەر ئىچەرمىز زىمىندىن ئېلىپ،
ھەم ئىچىپ كېتەرمىز زىمىندىن يېنىپ،
ھەقىقەت شەربىتىن ئىچمەك-كان قازماق،
ۋىجدانلىق ئادەملەت ئىچىدۇ قېنىپ.

258
ۋاقىتنىڭ چېكى يوق،چەكلىكتۇر ھايات،
چىل چىشى تۆكۈلەر، توزار توز قانات،
ۋاقىتتىن قايغۇرما، ئەجرىڭدىن قايغۇر،
بىلگىنكى،ئۆز مېھنەت-ئەجرىڭدە نىجات!

259
بەئەينى بىر خەتتات-مۆجىز تەبىئەت،
ھەر چېچەك تەبىئەت كۆركىدىن خۇش خەت،
خۇش خەتكە يېزىلمىش:بولغاي ھاسىل، دەپ-
تەبىئەت بىزىكىن بۇزماقتىن ئاپەت.

260
دانانىڭ سوۋغىسى كەرەملىك ھىممەت،
رەنانىڭ خۇش سازى ئەتىۋا قىممەت،
ئۈلپىتىڭ گەر نادان بولغاندا ئى دوست،
ئۆمرۈڭدە نە مەنا ۋە يەنە راھەت؟

261
ھەسرەتلەر چەكمىگىن گەر كەتسە ئامەت،
ئۇزاتقىن ۋاپاسىز بەختىڭگە بول مەرد،
سائادەت گوياكى مەھبۇبى گۈل قىز،
ئۇ كىمگە گۈل تۇتسا ھەم قىلما ھەسەت.

262
تارىخ بىر نۆۋەتتۇر، ئامەت بىر نۆۋەت،
تارىخقا يېزىلمىش كەپ-كېتەر ئامەت،
مەغرۇرلۇق كۆتۈرمەس نازۇك بۇ ئالەم،
سائادەت بەزىدە مىسكىنگە ئۈلپەت.

263
تىكەندىن سۆيگۈسىز ئېچىلماس گۈل تاج،
دانامۇ، تەرسامۇ سۆيگۈگە مۇختاج،
سۆيگۈدە ھەر ئىنسان خىسلىتى ئايان،
كەيگەچكە كىشىلىك ھەر سۈپەتتە تاج.

264
ھايات بار، ئىنسان بار، قايغۇ-شادلىق بار،
قوشگېزەك بۇ ھادىس ھەم رەقىب، ھەم يار،
زېرەكلىك سانالماس شادلىقلار سۆيۈپ،
قايغۇغا قەلبىدىن ئورۇن قويماق تار.

265
پاراغەت سۇلتاننىڭ تونىنى يىرتار،
غۇربەتنىڭ بازغىنى دىلنى چىڭىتار،
سازەندەم ئەل رىشتى ساڭا بولسۇن تار،
سەنئەتنىڭ يولىنى قىلماي دېسەڭ تار.

266
ياخشىلىق قەلبىڭدە خۇش چېچەك گۈلزار،
يامانلىق ئۆزۈڭنى ئۆرتىگۈچى نار،
زېھنىڭنى ھەسەتنىڭ زەھىرى كەسسە،
پۇتۇڭنى زىمىندىن خۇدا قىلار دار.

267
گۈلشەنلەر ئىچىدە بىر گۈزەل تۇرۇر،
كۆرگەندە كۆڭۈلمۇ ئۆزگىچە ئۇرۇر،
ئاھ، ھايات بىقارار،گۈلمۇ، گۈزەلمۇ،
شائىرنىڭ زوقلانغان كۆڭلىمۇ سولۇر.

268
مەرىپەت مەشئەلدۇر يولغا نۇر چاچار،
جاسارەت بەختنىڭ قۇلۇبىن ئاچار،
زۇلمەتنىڭ ھوقۇشى-نادان، بوشاڭلىق،
كۆز ئاچقان قەيسەرنىڭ ئالدىدىن قاچار.

269
يۈكسەكلىك، گۈزەللىك ھەسەتلەر قوزغار،
شۇنچە ئەل بولغاچقا ساڭا ھەۋەسكار،
ھەسەتتىن غەم يېمەك نەھاجەت ساڭا،
ئەل تۇرسا مىڭ چەندان ئارتۇق مەدەتكار؟!

270
ئۆمۈرنىڭ تاغ سۈيى ساي بويلاپ ئاقۇر،
باغۋەنسىز گۈلشەندە كىم چېچەك تاقۇر،
ياش ئۆمۈر ئىلىمدىن تاپمىسا ئەقىل،
ئۇ گويا دەشت بويلاپ ئۇچقان بىر قاقۇر.

271
شاھ ئۆتەر شاھمەن دەپ، گادامۇ ئۆتەر،
كىم سۇلتان،كىم مىسكىن،كىم خەتلەپ پۈتەر،
قايسىسى سەللىيۇ، قاي تون، قايسى شىم،
ئاقىۋەت ئۇلارنى بىراق يەر يۈتەر.

272
تۇغۇلماق ئىشىكى ئۆلسەڭ تاقىلۇر،
جاھاننىڭ زەر مۈلكى جاھانغا قالۇر،
دۇنيادىن قىزغىنىپ ئۆتكەنلەر ئازمۇ،
ئەل قەلبى خەزىنەڭ بولسا ئەل قالۇر.

273
مەنسەپ بىر ئات ئىرۇر،چەۋەنداز قەيسەر،
مەنسەپ بىر غىلاپتۇر،خادىمى-شەمشەر،
شەمشەرسىز غىلاپ ھەم قەيسەرسىز ئاتتىن،
قىممەتتۇر غىلاپسىز شەمشەر، ئاتسىز ئەر.

274
ئەقىلىق ئايالغا يىڭنىمۇ شەمشەر،
ئاقىلغا ھەر مۈشكۈل تەسىم مۇقەررەر،
ئەقىلسىز ناداننىڭ ئىزى پالاكەت،
چېھرىسى بولسىمۇ ئۇنىڭ مۇنەۋۋەر.

275
ھۆسن سۈرەتتۇر بىر كۈن ئەسكىرەر،
نىگار بىر بەرگ گويا، گۈزدە تۆكۈلەر،
ئەقىل ھەم پەزىلەت تۆكۈلمەس چېچەك،
تەربىيەت ئۇرۇقىن چاچساڭ كۆكىرەر.

276
بەزىلەر ئۆزى يەپ،ئۆزى كۈن كۆرەر،
بەزىلەر تەيياردىن پاراغەت سۈرەر،
ئالەمدىن ئەۋلاتقا قۇرۇق قول كەتكەن،
سۆڭەكلەر قەبرىدە ھەسرەتتىن كۆيەر.

277
ئەقىلسىز باش گويا يىرتقۇچ غارىدۇر،
پەھمسىز ئىستەكلەر ئۇنىڭ كارىدۇر،
ھايۋاندىن ئىنساننى ئاجراتقان ئەقىل،
ئۇ بارچە مۆجىزات ئۇلۇغۋارىدۇر.

278
چوقۇيدۇ ئەقىلنىڭ كۆزىنى ھەۋەس،
چوقۇلغان كۆزلەرنىڭ مەرتىۋىسى پەس،
ئى دانىش،نەزەر سال ئەقلى ئەماغا،
ئىدراكسىز ھەۋەستىن ئۇنى باسمىش نەس.

279
ئۆمرۈڭگە قايغۇدىن زارلاش ئەرزىمەس،
شادلىققا يولۇقساڭ-دىل كۆزۈڭ ئەلەس،
كائىنات شارىدا چوڭ بولساڭمۇ گەر،
ئالەمنى بىر پۇتبۇل چۈشەنسەڭلا بەس!

280
سائادەت-تەپەككۇر بىلەن مۇقەددەس،
ئۇنىڭسىز سائادەت-پاراغەت ھەم نەس،
باياشات ھاياتمۇ روھسىز، چاچماس نۇر،
ئار-نۇمۇس ئالدىدا تاغدەك ئالتۇن پەس.

281
كىم بىلۇر كىم كەلدى،كىملەر كەلگۈسى،
چەكلىكتۇر تارىخنىڭ تامام بىلگۈسى،
بىر گىيا،بىر چېچەك ئالەمگە ھەركىم،
پەرق شۇكى،ناتەكشى ئەقىل جىلۋىسى.

282
ئەقىلنىڭ يالقۇنى كۆڭۈلگە قوياش،
ۋە ھەتتا ئەقىلدىن مومدەك ئېرۇر تاش،
ئالەم ھەم ئۆمۈر ھەم گويا قورام تاش،
ئەقىلدۇر نەقىشلەر ياراتقان نەققاش.

283
كۆكۈل كەڭ،ئالەم كەڭ دەۋران سۈرەرمىز،
شادلىق ھەم قايغۇدىن قىسمەت كۆرەرمىز،
ھەر دەۋران سەھىپى ئوخشىماس بىراق،
باسقانلار ئىزىنى ئىزدەپ يۈرەرمىز.

284
ئادەمنىڭ خەزنىدۇر ئىلىمدىن تولماق،
قەلىبنىڭ ۋەزنىدۇر كەڭ نەزەر بولماق،
كەڭلىكتىن باشلىنار كائىنات يولى،
تارلىققا ھېرىسلىق گۆرگە سوقۇنماق.

285
ئىنساننى سۆيمەكتىن ئۆزگە ئەھدىم يوق،
سۆيگۈمنى كۈيلەشتىن ئۆزگە كەسپىم يوق،
ناتۇنۇش كەڭ ئالەم بەختىدە بەختىم،
پاراغەت-خىلۋەتتە كۈتكەن بەختىم يوق.

286
ئۆمۈر ئاز، ئۆمۈرگە زىننەت تاقايلۇق،
ئەڭ نادىر ئەقىلدىن زىننەت تاپايلۇق.
ئالتۇنمۇ،ياقۇتمۇ ئەرزىمەس، ھەتتا-
سارايغا ئالماستىن ئىشىك ياپايلۇق؟!

287
ئادەمنىڭ يۈرىكى، قۇدرىتى چاغلىق،
بۇ قۇدرەت مۆجىزى ئەقىلگە باغلىق،
ئەقىلغۇ نېسىۋە ئادەملەر ئۈچۈن،
ۋە لېكىن ئەل ئىچرە دانا ساناقلىق.

288
دوست تۇتماق باغۋەنلىك،دوست گويا چېچەك،
دوستلۇقنىڭ تىرىكى رىشتىداش يۈرەك،
دوستلۇقنىڭ گۈلىنى سۇغارغىن قىش-ياز،
ئادا قىل بۇرچۇڭنى، بولغىن يار-يۆلەك.

289
ئادەمدۇر ئالەمنىڭ ئەقلى-ئىدرىكى،
ئادەمدىن ئۆزگە يوق ئالەمنىڭ بېگى،
ۋە لېكىن ئەقىلمۇ ئالەمگە مۇختاج،
ئالەمدە ئادەمنىڭ زېھنىنىڭ تېگى.

290
جۈرئەتسىز يۈرەكتىن رەنج چىكەر باشىڭ،
جۈرئىتىڭ بولمىسا كارسىز قولداشىڭ،
جۈرئەتلىك سەردارسىز ئەقىل شاھى مات،
ھەجۋىدۇر يۈزۈڭگە تۆكۈلگەن ياشىڭ.

291
ۋاپاسىز ئالەمگە ۋاپادىن جاي سال،
ياخشىلىق ئادەت قىل،ئەل تاپسۇن ۋىسال،
ئۇنتۇلۇر ھايات ھەم ئامەت ھەم راھەت،
ياخشىلىق يوقالماس زەر قوياش مىسال.

292
يول يۈرمەي جاھاندا نە بولسۇن سەيىل،
ئەرك بولماي ئىنساندا نە قىلسۇن مەيىل،
ئەقىل ھەم ئەركىنلىك گۈزەللىك بىر گۈل،
ئۇ پەقەت تۇرمۇشتىن ئېچىلغىنىن بىل.

293
بەش كۈنلۈك ئۆمۈر دەپ ئۈمىد ئۈزمىگىل،
ۋە يەنە ئۆلمەسلىك پىلان تۈزمىگىل،
ھاياتنى قەدىرلە،زىننەتلە، رەتلە،
دەريادىن گۆھەر سۈز، لۆجە سۈزمىگىل.

294
مەنسەپ بىر ساندۇقتۇر، جاۋاھىر ئادەم،
جاۋاھىر تولمىغان ساندۇقتا نە تەم،
ساندۇقتا جاۋاھىر گەر بوسا پەۋەس،
بۇ مەنسەپ ئەھلىدە بىلىم، ئىززەت جەم.

295
شادلىقمۇ پايانسىز ئەمەس، قايغۇ ھەم،
پايانسىز ھەر ھېسقا چىدالماس ئادەم،
يۇلتۇزلۇق كائىنات گويا تىنماس چەرخ،
شادلىقۇ-قايغۇيۇ بىرى-بىرىگە يەم.

296
سۇ سۇنى قوغلىشار، تاش تاش بىلەن جەم،
بىلىقمۇ ئۆز نەسلى، تۈرىگە ھەمدەم،
تامچە سۇ پار بولۇر، يالغۇز گۈل خازان،
ئورمانمۇ جەملىكتىن ئۆسىدۇ مەھكەم.

297
تامسىز ئۆي جاھاندۇر، جانسىز تەن ئالەم،
جاھاننىڭ سەمىرىلىك ئەينىكى ئادەم،
ئادەمدە ئالەمنىڭ سىرلىرى ئايان،
ئادەمنىڭ زېھنىدىن ئالەم تاپمىش پەم.

298
ئۇسسىسا خالايىق كەۋسەر بول سېئىرىم،
توڭغاندا يېپىنچى سەۋسەر بو ل شېئىرىم،
مەن كەبى بىر خاكتىن پۈتۈلسەڭمۇ سەن،
تۇپراقتىن تېپىلغان گۆھەر بول شېئىرىم.

299
ياخشىلىق مۇشەققەت، يامانلىق ئاسان،
يامانغا ياخشىلىق قىلۇر چىن ئىنسان،
ياخشىلىق تارىخقا بېزەك، ئەلگە كۆرك،
ياماننىڭ رايىنى كۆتۈرمەس جاھان.

300
ھېيلىگەر قەلبىدە بىر زەھەر قازان،
زېھنىدە ھەسەتتىن قۇترىغان قاۋان،
ئۆزگىگە كولىغان ئورىغا ئۆزىن-
ياتقۇزار ئىزگۈدىن يۈكسەلگەن جاھان.

301
سۆز بىلەن دىلىمنى ئوۋلا ئى جانان،
سۆزۈڭدىن ئۆزگە يوق جېنىمغا دەرمان،
ساداقەت بىر ئوچاق، سۆيگۈ ئوت شۇندا،
شېرىن، ساپ سۆزۈڭنىڭ ھەر جۈملىسى قان.

302
بىر دانا مۈشكۈلدە بولدى پاسىبان،
بىر دانا غۇربەتتە ئۆتتى مېھرىبان،
ھېكمەت ھەم گۈزەللىك ئەھدىلەشكەندە،
چارىسىز داجىدى كاج كەلگەن جاھان.

303
خۇش كۆرگەن چۈشىدىن زوقلىنار ئىنسان،
مەيلى ئۇ گادايۇ يا بولسۇن سۇلتان.
گۈزەللىك بىر غايە، زوقى خۇش ھاۋا،
ۋە ھەتتا شېرىندۇر گۈزەل ھەر ئارمان.

304
ئادەم دەپ ئاتىلار بىباھا ئىنسان،
بۇ نامغا تەڭ ئەمەس تىك يۈرگەن ھەرجان،
ئىنسانلىق خىسلىتى، غۇرۇرى شۇكى:
ئالمىدەك كۆڭۈلگە گەر پاتسا جاھان!؟

305
ئىنسان بىر ئەينەكتۇر كۆرۈنگەن جاھان،
تەپەككۇر خەزنىدە ھەر تىلسىم ئايان.
بىر چېچەك بەرگىدىن دانا زېھنىگە-
يەتكۈنچە تەبىئەت كەزدى كۆپ جاھان.

306
ئەقىلنىڭ ھەسرەتلىك تۈرى پۇشايمان،
ئۇنىڭدا كېچىككەن ئەقىل نامايان،
كاجلىق ھەم ئىپتىخار باشقا-باشقا ئىش،
جەھلىدىن زوقلانغان ئەڭ جاھىل نادان.

307
مۇھەببەت پاك كەلدى ئەۋلاتتىن بۇيان،
چېچەكلەر شاد كۈلدى، ياساندى جاھان،
پاك سۆيگۈ، پاك يۈرەك پەخرى ئىنساننىڭ،
ئۇنىڭسىز نە شەرەپ بولساڭمۇ سۇلتان؟

308
بىر ئىنسان، بىر مەھبۇب-باغرىڭدا جانان،
زېھنىڭدە چەرخ ئۇرۇپ كەڭ جاھان ئايان،
دانىشىم، بۇ ھايات بىر شاھمات گويا،
ئۆزگىچە قىممەتتە ھەر ئۇرۇق-ھەر سان.

309
بىر ئۈلۈش ئۆزۈڭنىڭ تىنىغىن تىنغىن،
ئون ئۈلۈش ئۆزگىنىڭ غېمىنى قىلغىن،
ھالاۋەت گەر سالسا كۆزۈڭگە پەردە،
ئەڭ ئۆتكۈر تىغ بىلەن پەردىنى تىلغىن.

310
ۋاخ پەقەت بۈگۈندۇر، قۇربىتىڭ بۈگۈن،
بەئەينى بىر مۇردا ئۆتمۈش-تۈنۈگۈن،
ۋاقىتنىڭ ئۈستىدىن قىلما كېبىرلىك،
قالۇرمۇ تىنىقىڭ كىم بىلۇر ئۆگۈن؟!

311
گۆھەر يوق-خارلىقتا ئۆزىن تۇتقانچە،
كۆپ جەڭگاھ مەغلۇپتىن يەڭگەن-ئۇتقانچە،
زەپەردە مەغرۇرلۇق شارابىن ئىچمە،
قونالغۇ ئۆمرۈڭدە قونار قۇت قانچە؟

312
ئۆزگىلەر كۆركىگە زەڭ سالغىن، ئۆگەن،
ئۆزگە بوپ كېتەرگە گەر-سالساڭ يۈگەن،
ئۆزگىدىن ئۆگەنمەك ئۆز كۆركىڭ ئۈچۈن،
كۆرك ئېرۇر كۆرك ئۈچۈن كۆركىن ئۆگەنگىن.

313
ئۆزەڭنى ئالدىما كېبىر تەختىدە،
بىر مۇتلەق ھۆججەت يوق ئۆمۈر ئەھدىدە،
بوسۇغاڭ زەردىن يا كېسەكتىن بولسۇن،
ھەركىمنىڭ راھىتى سۆيگەن بەختىدە.

314
گۈزەللىك مەۋج ئۇرار ھەر بىر چېچەكتە،
ئەڭ شېرىن خۇش پۇراق تۈنكى پۈرەكتە،
مۇھەببەت بولسىمۇ بارچە يۈرەكتە،
ئادەملىك جەۋھىرى ئىجاد-ئىدراكتا.

315
بۇلۇتنىڭ كۆز يېشى چىمەنگە كۈلكە،
گۈل كۈلكى بولبۇلغا ئىلھامدىن ئۆلگە،
كۈندەشلىك تەبىئەت بىر تىلسىم گويا،
ئاسانلىق يوشۇرغان ھەتتا مۈشكۈلگە.

316
ئۆمۈر بىر دەرەختۇر، يىتىشتۈر مېۋە،
ئەجىر قىل، <ئاغزىمغا ئۈجمە چۈش> دېمە،
ئۆزگىنىڭ بېغىدا يايرىغان چېغىڭ،
كۆرەلمەي ھەسەتتىن چىللىما دېۋە.

317
كۆپ دىيار ئايلاندىم-ئىلىمنى، ياتنى،
تاپمىدىم ئەل-يۇرتتەك قۇدرەت قاناتنى،
ئەل ئالتۇن بۆشۈكۈم،ئەل گۆھەر تەختىم،
قۇت ھەتتا ۋەتەندە چەكسەم پەريادنى.

318
قىرىق يىل ئاز بىلدىم ۋەتەن قەدرىنى،
سۇ دېدىم سۇ شەكلى ئاققان ئەتىرنى،
ئۆزگە ئەل ئەينەككەن ئۆزنى كۆرمەككە،
بال بىلدىم ئەلدىكى ھەر بىر قەترىنى.

319
ماختانماق ناداننىڭ شۆھرىتى پەخرى،
بىر خۇنۇك خىسلەتتىن ياڭرىغان نەھرى،
ماختانغان پىكىردە نە قىلسۇن زېھىن،
ھەتتاكى سۆزىدە قىلچە يوق بەھرى.

320
يار بىلەن يېرىمدىن تەكرە تۇتساق بەس!
چىڭگىزدەك ئالەمنى قۇچماق ئەرزىمەس،
كۆڭۈلنىڭ لەززىتى مەئىشەت ئەمەس،
ئەرك، سۆيگۈ گەر يېرىم بولسا-باسار نەس.

321
بەزىلەر چۈشەرمىش تەخت، ئايۋان-ساراي،
بەزىلەر چۈشەرمىش پەرداز، گۈل چىراي،
بەزىلەر چۈشەرمىش بولسا داڭدار باي،
ئانا يەر چۈشەرمىش <ۋاي قانداق قىلاي؟!>

322
روبائىي-يايلاقتا چاپچىغان قۇلان،
ئىزىدىن ئۈنگىنى خۇش پۇراق رەيھان،
روبائىي-ئالمىدەك دىلدىكى جاھان،
تۆتلا قۇر، نىمىتى ئەلۋەك داستىخان.

323
يۇلتۇزلار ئاسماندا سانسى چاقنار تاش-
تۈنلەردە زوقلانساڭ چۆپكە قويۇپ باش،
كىم بىلەر سەلتەنەت قوياش ئوچكەندە،
يۇلتۇزدىن بەرق ئۇرۇپ زور قوياش.

324
مۇھەببەت ئىز قويماس كەش كېيىپ كېلەر،
سېھىرلىك قارماقتەك كۆڭلىنى ئىلەر،
ئۇ شۇنداق ئوغرىكى، ئوغرىلانغۇچى-
تەڭرىدىن ئوغرىغا شاپائەت تىلەر.

325
بەزىلەر يوقسىز دەپ ئەسكە سالار پات،
ۋە سورار قولۇڭدا بار قايسى بىسات؟
ئاشىقمەن، مەشۇقۇم تېخى ماڭا يات،
بۇ غەمدىن قۇتقۇزار بىر كۈن پەرىزات.

326
تور باسقان كاللىلار، ئۆمۈچۈك پىكىر،
لەبزىنىڭ دىتىدا قاي زامانقى سىر،
يۇلتۇزلار قەسرىگە چىقمايمۇ شائىر-
قىلالار يۇلتۇزلار ۋەزنىچە زىكىر.

327
تۇرمۇشقا تۈزىلەر دەرسلىك ھەر زامان،
دەرسلىكنىڭ ئۆزىمۇ ئۆزگىرەر ھامان،
تۇرمۇش ئۇ ئۆركەشلىك دېڭىز بىپايان،
بىر بۆكنىڭ تېگىگە سىغمايدۇ جاھان.

328
بەزىلەر ئۆزگىدىن ئەيىپلا ئىزدەر،
ئۆزىنىڭ قىلمىشىن پەردازلاپ بېزەر،
ئۆزىنى ئالداپ ئۇ خاتا يول كېزەر،
ئويغۇنۇپ ئەل بىركۈن ئۇنىڭدىن بېزەر.

329
ئويلىغان ئەقىللىق غەمسىز يۈرگەندىن،
يىغلىغان بىر كۈنى ئۇتار كۈلگەندىن،
ئادەملەر ئۆلسىمۇ ئۆلمەيدۇ تارىخ،
ئۇ قورقماس ئۆلگەن يا ھۆكۈم سۈرگەندىن.

330
بەزىدە <ھەقىقەت> سانالمىش يالغان،
بۇ ئەرەم بېغىدا ئىبلىستىن قالغان،
شۇ يالغان تۈپەيلى زىمىن كۆكسىنى
قاسراقتەك قاپلىغان جەڭلەردە قالقان.

331
دەرۋىشنىڭ چاپىنى مىڭ يېرى ئۇلاق،
قولىدا تۇتقىنى ھەتتا يام تاۋاق.
تارىخنى كەلگۈسى يازار دېمەككى،
يېزىلغان تارىخقا چۈشەر كۆپ ياماق.

332
ساقال ھەم رۇخسارنى بوياش ئۆز ئىشىڭ،
تەلپەك كەي، يالاڭ يۈر ئوخشاش بىر بېشىڭ،
تىلىڭنى بويىما ھەررەڭدە سۆزلەپ،
ئۇنىڭدىن خورلىنىپ قاقشايدۇ تېشىڭ.

333
ھەر كۈنى چىللايدۇ خوراز: تاڭ ئاتتى،
كالىندار بېتىگە بىر رەقەم قاتتى!
كۈن بويى، يىل بويى بىرخىللا ئۆتكەن،
نادانلار قەۋمىدىن بۇ بېشىم قاتتى.

334
بىلمىسەڭ جەڭنامە، قىسسىدىن ئۆزگە،
غەيۋەتجى خوتۇندەك كىرىشسەڭ سۆزگە،
غادىيىپ ئىلمىساڭ ئالەمنى كۆزگە،
ھوقۇشنىڭ سايىسى چۈشمەسمۇ يۈزگە.

335
ماشىنا، جاھازلار قۇدرەت بەخش ئېتەر،
كۆمۈلگەن بايلىقلار سەرپ ئەتسەڭ يېتەر،
پايانسىز تارىختا ھەر دەۋران ئەگەر-
يېڭىچە تەپەككۇر قىلمىساڭ خەتەر.

336
يوق چاغدا زاغرىغا شۇنچە زار ئىدۇق،
بار چاغدا ئېرىقتا زەر ئاقار، دېدۇق،
ئەۋلاتقا ئىلىم-پەن بېغىن راسلىماي،
ياقۇتتىن گۆر ياساپ قۇت تاپارمىدۇق.

337
بۇ رەيھان پۇرىقى، رەيھان بەرگى ھەم،
يىلتىزى تېنىدە، شۇ خۇش پۇراق جەم،
ھەيرانمەن، ئەقىللىق ئىنسان ئىچىدە،
رەيھاندەك خىسلىتى بىر خىللىرى كەم.

338
ئەقىل بىر قوياشتەك بالقىسا ئەگەر،
ئىنسانلىق ئەقىلدىن بولسا مۇنەۋۋەر،
باش ئۆزى تاج ئىدى، بولاتتى كۈلكە،
شۇ تاجنىڭ ئۈستىگە يەنە تاقماق زەر؟!

339
سۆھبەتمۇ خوپ شىپا گەر ئۈلپەت بولسا،
سۆزلەردە مەرىپەت، مۇھەببەت بولسا،
ئۈلپەتسىز كىشى ئۇ شىپاسىز بىمار،
بىلەر ئۇ ھېكمەتنى سالامەت بولسا.

340
روھىيەت ئاجايىپ مۆجىز جاھاندا،
روھىيەت روھ ئىزدەپ يۈرەر ئارماندا،
روھىيەت ھادىستىن قىلساڭ تەسەۋۋۇر،
بىلگەيسەن بىر تىلسىم ياتار ئىنساندا.

341
ھېچ ئىشنى ياقتۇرماس ئىنتىزار قىلىپ،
كىشىكى ئۆزىنى بىر خوراز بىلىپ،
ئاقىلنى تەن ئالار مۇقەررەر ئالەم،
نادانلار يۈرسىمۇ شۇنچە باز قىلىپ.

342
كۈلكىلىك ئىشلارنى كۆپ بايقار كىشى،
ئالەمدىن خەۋەردار بولسا گەر بېشى،
ئاقىلمۇ بەزىدە قاقاھلاپ كۈلەر،
ۋە بەزى ئېچىنىپ تۆكەر كۆز يېشى.

343
گۈزەللىك پەقەتلا ھۆسنىدە دېمە،
سارغايسا گۈل ھۆسنۈڭ ئارتۇق غەم يېمە،
گۈزەللىك كۆپ ھوجرا-سارايدەك نېمە،
گۈزەللىك تاجى ئۇ ئىجاتكار مېڭە.

344
مىڭ يىللاپ جەڭ قىلدۇق رەقىپ- يار بولۇپ،
زەپەرنىڭ كەينىدىن نانغا زار بولۇپ،
مىڭ يىلنى ئۆتكۈزۈپ باقساق ئالەمگە،
قاپتۇ بۇ روھىيەت بىر بىمار بولۇپ.

345
مەسخىرە قىلماققا ھوقۇقلۇق ئىنسان،
ئىللەتنى ئىپتىخار دەپ بىلسە نادان،
ھېكمەتلەر كۆپ چىقتى ھەر خىل كېسەلگە،
چىقسىدى بۇ رەڭلىك ئىللەتكە لوقمان.

346
كۆزۈڭنى ئاچمىساڭ جاھان كۆرۈنمەس،
بىلمەسسەن يول يۈرمەي قەيەر ئېگىز-پەس،
كۆپ كۆرگەن كۆپ بىلەر،كۆپ بىلگەن كۆكلەر،
سوقۇنغان بىخۇدنى قوغلاپ يۈرەر نەس.

347
زەررىدىن تاغ بولۇر، قەترىدىن دەريا،
دەقىقە ۋاقىتتىن ئەسىرلەر بىنا،
دانا بوپ تۇغۇلماس ھەتتا ئەۋلىيا،
باھارنى بېزىگەن سانسىز گۈل-گىيا.

348
ئۆتكەن ئۇ تارىختىن كۆپ ماختانما، بەس!
گەر ھەيكەل قاتۇرساڭ ئۇ تۇرغان ئەلەس،
زىمىنغا غەرق بولغان ناھەق ئىشلارنى،
ئاقلىماق ئىنسانغا بەسى مۈشكۈل، تەس.

349
ھەر ۋەجنى ئۆز ئەھلى ئىزلەپ يۈرگۈدەك،
مۇنەججىم كۈزەتكەي ئاسماننى دېمەك،
ھېكىملەر بىلدىكى، ئىنسان ۋەزنىدىن،
ئالەمنىڭ سىرلىرىن چۈشەنمەك كېرەك.

350
نەزمىنى ئۆگەتكەن ماڭا بىر ھەۋەس،
روبائىي بولسىنۇ ۋەيا مۇخەممەس،
ئەقىل ۋە ئىنسانلىق كۈيلەنمىسە گەر،
يىرتىڭ بۇ نەزمەمنى بىلىپ ئەرزىمەس.

351
بەزىدە بۇ ئالەم تۇمانلىق بولدى،
بەزىدە ئويلىرىم گۇمانلىق بولدى،
بىخۇدلۇق چاغلىرىم، قۇتسىز چاغلىرىم،
قوتان قان كۈنلەرگە قۇربانلىق بولدى.

352
باتۇرلار كېتىشتى پەللىگە يەتمەي،
ئاقىللار غۇلاشتى ئەۋجىگە يەتمەي،
بەزىدە چېكىندى بۇ ئالتۇن تارىخ،
دانالىق قۇدرىتى تەلۋىگە يەتمەي.

353
بەزىلەر پۇشۇلدار گويا ئارسلان،
بەزىلەر خىرىلدار بىر ئېيىقسىمان،
بەزىلەر تىترىگەي بەئەينى توشقان،
قاچاندىن مۇپتىلا بۇ كويغا ئىنسان؟!

354
چىقسا سۆز گەر تۆردىن ئۇڭا سال قۇلاق،
پەگادىن گەپ بولسا ئۇنى ئاڭالاپ باق،
ھەقىقەت قىممىتى نەسەپتە ئەمەس،
بولدى بەس، ئۇ بولسا يولۇڭغا چىراق.

355
قىرىق چاچ رېسىدە قىزغا ياراشقاي،
جىلۋىسى بىخۇدنىڭ ئۇيقىنى ئاچقاي،
يۇرتبازلىق شۇ چاچتەك قىرىق ئۆرۈلسە،
ئىناقلىق شۇ ئەلنىڭ قەلبىدىن قاچقاي.

356
بىر پەرى ئۆتتى كوچامدىن ئەر تىلەپ،
ھەر قەدەم باسقان ئىزىدا ئەركىلەپ،
كەتتى سۇمبۇل چاچىغا پىنھان قىلىپ،
غۇنچە ھۆسنىدە دىلىمنى پەرپىلەپ.

357
سۈبھىدە چىقسام تالاغا شىر بولۇپ،
ھەيۋە -مەغرۇرلۇق بويىچە بىر بولۇپ،
سېھرى بىرلە ئۆتتى توزدەك بىر گۈزەل،
تىترىدىم قۇچقاچ كەبى <دىر-دىر> بولۇپ.

358
كەپتەر ئىزلەپ كەنتكە چىقتىم تاڭ سەھەر،
ھالىتىمدە ئۇستا مەرگەندەك ئەسەر،
ئاھ نىتەي، تىترەر تېنىم كەپتەر سۈپەت،
ئىلپىز ئوۋلار بىر گۈزەل قۇچقاچ زەپەر.

359
بىر پەرى ئوينايدۇ ساچى ئارقىدا،
يوق شىكارچى ياكى سەييات تۇرقىدا،
تۈلكە-توشقان ئاۋلىسا مەرگەن ئەگەر،
نەچچە ئەرنىڭ باشى بار قاراقىدا.

360
باشتا كۆرسەمچۇ ئىسىت گۈل رەڭگىنى،
خام خىيال قىپ يۈرگىچە كۆلەڭگىنى،
نە ئىلاج تەقدىر مۇيەسسەر قىلمىسا،
شۈكۈر قىلغىل بۇمۇ بەختىڭ كەلگىنى.

361
تارقىڭ سال بولسا، دارياغا سەنچە ساچ،
سۇمبۇلنى جەم قىلىپ ئاڭا تاقتىڭ تاج.
چېچەكتەك ھۆسنۈڭگە ئىپاردەك پۇراق،
ئەمسسەن رەڭ بىلەن ئەينەككە مۇختاج.

362
مۇھەببەت يارىسى پاكىز جاراھەت،
ئۇنىڭ ھەر ئازابى جېنىڭغا راھەت،
قەلبىڭگە گەر سۇلتان بولسا مۇھەببەت،
بولۇرسەن بولساڭمۇ سۇلتان بىتاقەت.

363
ھەر بىر ئۆينى يوقلاپ كىرسەم تۇتۇن بار،
ھەر قازاننىڭ ئاستىدا چوغ ۋالىلدار،
پەقە مېنىڭ باغرىمدىلا، ئى دىلبەر،
تۇتۇن بەرمەس ئۆزگە بىر ئوت لاۋۇلدار.

364
گۈل سۇنىمەن ساڭا ھەر سەھەر،
گۈل سۆيىسەن، پۇرايسەن ئىپار،
سەن بىلەمسەن-بىلمەمسەن دىلبەر،
ھەربىر گۈلدە بىر دېمىدەم بار.

365
كۆمتۈرۈلگەن قەبرىدىن كۆرۈنمەس ئاسمان،
ئۇنىڭدا ئىشقىدىن رەنج چەككەن ئىنسان،
گۈل بىلەن بولبۇلنىڭ پاجىئەسىن كۆر،
سۆيۈشكەن لەبلەردىن غەمناك قان.

366
خىزىرنى ئىزلەيمىز شەپقەت كۈتكىلى،
ئۈلپەتلەر كۆزلەيمىز ھەسرەت تۆككىلى،
ھېچكىمنى كۈتمىسەڭ ئىللەت سۆككىلى،
قانداقمۇ بەرگ ئاچار خۇش خىسلەت گۈلى؟!

367
غەۋەتخور ئىززەتنىڭ قاتىلى ئېرۇر،
قاتىللىق قۇرالى شۇ تىل ئېرۇر،
ئۇنى بۇ نەس كويغا سالغان دەيدەيچى،
خۇسۇمەت رەشك تولغان دىل پەس ئېرۇر.

368
بىر گۈزەل مەنزىر بار ئىنسان ئالدىدا،
كۆرۈنمەي تۇرسىمۇ تۇمان، دالدىدا،
ئىنساننىڭ ئىنسانلىق يىتۈك ھاياتى،
نىقابىن ئاچقۇسى بىر كۈن ۋاللىدا.

369
ھالالنى دېگەندە <راھمان> بولغۇڭ بار،
ھارامنى كۆرگەندە <شەيتان> بولغۇڭ بار،
ئاھ ئىنسان! <قەترىدىن پۈتكەن> مۆجىزە،
ھەر ئىككى قۇتۇپقا سۇلتان بولغۇڭ بار.

370
روزىغار غېمىدە قوقاس چىرايىڭ،
خوشامەت كويىدا پالاستەك رايىڭ،
زىمىندەك ئالتۇننى ئىلكىڭدە تۇتساڭ،
يەنىلا چىن ئىنسان بولالماس جايىڭ!

371
ئەركىن بىر چۈش كۆرمەك، بەك ھوزۇر سۈرەت،
ئىنسانغا ئۆزىنى تاپماقلىق قىممەت،
يەپ-ئىچىپ يۈرمەكنى ھېساپلىساق بەخت،
ئۇ گويا سەن بىلەن تەڭ يۈرگەن لەھەت.

372
چاچلىرىم چېچىڭنىڭ قوينىغا چۆكتى،
كۆزلىرىم كۆزۈڭنىڭ ئىچىگە مۈكتى،
سايىمىز بىر بولدى، ئەمما نىچۈندۇر،
ھاياجان كۆڭۈللەر كۆز يېشى تۆكتى؟!

373
دۈشمىنىڭ بال سۆزىدىن،دوست ئاچچىقىن ئەۋزەل تۇت،
دۈشمىنىڭ خارلىق كۆتسە، ساڭا دوستۇڭ تىلەر قۇت،
دۈشمەننىڭ سېرىن سۆزى ئەجدەر بولۇپ ھوۋلىسا،
شەمشەر تۇتۇپ ئات چاپساڭ،دوستۇڭ بولار ھەم قول-پۇت.

374
مەيلى كەلگىن دانىشىم گادا لىباسى بىرلە،
مەيلى ئىچكىل شەربەتنى غۇربەت كاساسى بىرلە،
ھۆرمىتىم ساڭا شاھتىن ئۈستۈنكى، سىر ئەمەس،
ئۆتكەچكە ھەر تىنمىشىڭ ئەقىل ئاساسى بىرلە.

375
ساما ئاسمانى قاراڭغۇ-بولمىسا شەمشى-قەمەر،
ئەقىل غالىپلىقى جانسىز-بولمىسا سۆيگۈ ئەگەر،
دېڭىز مۈشكۈلى بولمىسا، باھاسىز قۇم ئۈنچە-مەرمەر،
ھاياتلىق تەختىنىڭ شاھى-ئۆزىن بىلمەك ئەنگۈشتەر.

376
ھايۋانلىقنى سېغىنماق-ئارتۇق ئىچىپ مەست بولماق،
چۈشكۈنلۈكنى سېغىنماق-قەددىن پۈكۈپ پەس بولماق،
نامەرتلىكنى سېغىنماق-ۋاپاسىز ناكەس بولماق،
ئامەت قېچىپ، قۇت قېچىپ ئۆمۈر بويى پەس بولماق.

377
نە زاھىر كۈلكىلەر قۇتلۇق،
نە غاپىل ھېيلىلەر قۇتلۇق،
پەلەك گەر قىلسا تەرسالىق،
زەكىدىن تەلۋىلەر قۇتلۇق...

378
زىمىن ئاستىغا كىرسەڭ كىر، بولما خەلقتىن يات،
خالايىق گۈلشىنىنى ھەتتا خازان پەسلىدىمۇ ئاۋات،
مېنىڭ باغرىمنى گەر يارساڭ ئەقىدەم ئۇندا ئايانكى،
خالايىق جەننىتىم، كۆركىم، خالايىق بىرلە باغرىم شاد.

379
نىتەيكى غەمكىن ئالەمدە غەمگۇزارىمدىن ئايرىلدىم،
بۇ ھىجرەت دەشتىدە ۋەسلى چىمەنزارىمدىن ئايرىلدىم،
ئۆلۈمدىن باشقا مىڭ مۈشكۈل ئۈمىد ئىلھامى بەخش ئەتكەي،
ئۈمىدسىز دەردكە دات، رۇخسار تۇمارىمدىن ئايرىلدىم.

380
مۇھەببەت قەپىزىڭدە ئاقاردى غۇنچە باشىم،
ئەقىدە روكىسىدا كۆپ ھاردى شۇنچە باشىم،
يۇلتۇز ئەمەس ئەقلىمنى يورۇتقان، زېھىندار باش،
ساي تاشىدەك كۆز ياشىدا چۆمۈل ئۇنچە باشىم.

381
شىرنى يەڭگەن ئەزىمەت شېرىن سۆزگە ئەل بولدى،
يامغۇر سۆيىدىن قېچىپ، يولۇققىنى سەل بولدى.
گۈزەللەرنى ئاختۇرۇپ،يۈرگەن ئىدى مەنسىتمەي،
ئاخىرىدا تاپقىنى دىلى ئەما "چەل" بولدى.

382
قار چېچەكتا گۈل چېچەك، مۆلدۈردە مېۋە،
مۈشكۈللىكتە بىر راھەت، ۋەھىمە يېمە،
قايغۇ بىلەن شاتلىققا كۆپ بولمە كۆڭۈل،
كۈلگەن كۆزدىن ئاقۇر ياش يۈرگۈدەك كېمە.

383
ئاي دېسەم ئايمۇ سامادا ئاي جامالىڭغا كۆيەر،
گۈل دېسەم گۈلمۇ چىمەندە گۈل يۈزۈڭ دەپ ياش تۆكەر،
ئاي بىلەن گۈلنى قوشۇپ "ئايقىز" دېسەم، "گۈلقىز" دېسەم،
بەرگدىكى شەبنەم كەبى لەبزىمدە پەيدادۇر شېكەر.

384
باقمىغايمەن توز قاناتىغا چېچىڭ تۇرغان چېغى،
بۇلبۇل ئاۋازى نەھاجەت لەۋلىرىڭ كۈلگەن چېغى،
گۈلگە مۇنداق باقمىدىم سىنەمدە قوزغاتمايدۇ زوق.
جەننەتى جىسمىڭ بېغىدىن خۇش ئىپار ئۇرغان چېغى.

385
بىر پەرى سەردارىنى كۆردۈم چاچلىرى ھەيۋەت قوشۇن،
كۆزلىرى ھېكمەتلى جادۇ، سېھرى ئەيلەر پېرىخون،
كۆرسىتىپ زىلۋا بويىنى ئۆتسە ئالدىڭدىن ئەگەر،
بىر شامال تەككەن كەبى بىردەمدە ئەيلەيدۇ جۇنۇن.

386
ئول مەلەك دىلدارىغا باقسام يانا باققۇم كېلۇر،
چاچلىرى دەرياسىدا يەلكەن بولۇپ ئاققۇم كېلۇر،
بىر كۆرۈپ گۈل ھۆسنىنى قايتا كۆرەرنىڭ پەندىدە،
ئىزلىرىنىڭ خاكىنى سۈرمە بىلىپ ياقۇم كېلۇر.

387
بىر پەرى دىلدارىنى ئەيلەپتۇ تەڭرىم گۈل چىمەن،
بەخش ئېتىپ كۆزىگە ئۇچقۇن، لەۋزىگەمەي بىر لەقەن،
تەل ئېتىپتۇ جىسمىغا سەككىز بېھىش ئەۋزەللىكىن،
قايسى مىسكىننى قىلۇر بۇ دەۋلەتىدىن بەھرىمەن.

تۈگىدى

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  334
يازما سانى: 405
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1334
تۆھپە : 18
توردا: 323
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-5 13:21:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«كۆيۈكتاغ»دىكى سىزگە ئاتاپ يازغان بىيىتلىرىمنى ئۇنتىماپسىز، دە؟

   مەزكۇر توردىن ئايرىلىپ سەرسانچىلىق باسقان بۇ بىجارە ھالىتىمنى كۆرۈپ ئىچىڭىز سىرىلىپ كەتۇپتۈ،دە؟ ئەمما، سىزنىڭ چىرايىڭىز چىڭچى بەرگەندەك شۇنداق پارقىراپ تۇرۇپتۇ....  ....
  كۈلەي دېسەم كۈلەلمەيۋاتىمەن يا؟....:  ... مانا ئەمىسە يىغلىۋەتتىم.....

كۇلسىڭىزمو كۇلۇڭ ئەي ئاكا،
پەدازلانغان تۇرقۇمغا قاراپ.
ئايرىلغاچقا دىلكەشلېرىمدىن،
يۇرىگىمدىن يۇرىدىم يىغلاپ.

دەپتىكەنغو ئاقىل بوۋاممو،
‹‹شەپكىڭنى كەي زامانغا قاراپ››.
چېنىپ قالماي زامانامدىن دەپ،
گىرىم قىلدىم تېشىم پەدازلاپ.


گۇھەر ياتىدو سايدا قازمىسا

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  389
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 409
تۆھپە : 0
توردا: 44
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-5 13:51:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

    كۆيۈكتاغدىكى مەسلەكداش تورداشلارنى ئاخشامقى ئىنكاسىڭىز ئارقىلىق ئەسلەپ، ئىختىيارسىز كۆزلىرىمگە ياش ئەگىپ قالدى... شۇ چاغدا سىزنى سىڭلىم ئورنىدا ئەركىلىتىپ يازغان بېيتلىرىمنى ساقلاپ قويغانمۇ ؟ مەنمۇ ساقلىۋالماپتىكەنەن... ساقلىۋالغان بولسىڭىز، ئىنكاس سۈپىتىدە مۇشۇ جايغا يوللاپ قويسىڭىز بوپتىكەن...  

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  334
يازما سانى: 405
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1334
تۆھپە : 18
توردا: 323
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-6 18:31:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەچۇرۇڭ ئۇستاز ساقلىۋالماپتىمەن.

كۇيۇكتاغدىكى يىغىلىشنى سېغىنىپ مونو قوشاقنى توقۇدۇم


كۇيۇك تاغنى سېغىندىم


سېغىندىم مەن سېغىندىم،
دوستلىرىمنى سېغىندىم.
شو سورۇنغا باش بولغان ،
تۇزچى،كىننى سېغىندىم.

قولى ئوچۇق خىتبويدەك،
ساھىپخاننى سېغىندىم.
يۇرت-يۇرتلەردىن يىغىلغان،
مېھمانلارنى سېغىندىم.

گۇلنىسا ھەم ئانىقىز،
چىمەنىمنى سېغىندىم.
نازى كەبى خوش چىراي،
بېلەنىمنى سېغىندىم.

ئۆزى كىچىك ئەقلى چوڭ،
قۇربانجاننى سېغىندىم.
بۇلبۇل بولوپ سايرىغان،
غەزەلخاننى سېغىندىم.

شېئىر ئۇچۇن يارالغان،
مەھمەتجاننى سېغىندىم.
قەلەمكەشلەر جەم بولغان ،
ئاشو باغنى سېغىندىم.

سېتىۋالدى كېرىم ھەم ،
شەر*قىنۇرنى سېغىندىم.
‹‹كۇيۇكتاغ››دەپ نامى بار،
ئاشو تورنى سېغىندىم.

يەنە بىر يىغىلىشقا پۇرسەت بولسا ئىلايىم!!!.................






گۇھەر ياتىدو سايدا قازمىسا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش