باش بەت بىلوگ ھۈنەرلىرى توردا پۇل تىپىش جاھاندىكى ئىشلار خەۋەرلەر ئۇيغۇر ھەققىدە تەرمىلەر   
  • تور بەتنىڭ خالىغان ئورۇنىغا ئېلان ياكى رەسىم قىستۇرۇش ئۇسۇلى - [بىلوگ ھۈنەرلىرى]

    ھالقىلىق سۆز :alimama

        تور بەت ياساش ياكى بىلوگ باشقۇرۇش جەريانىدا بەزىدە رەسىم ئۈستىگە ياكى باشقا ئالاھىدە ئورۇنلارغا ئېلان قىستۇرۇش ياكى رەسىم قىستۇرۇشقا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالىمىز، بۇنداق چاغلاردا تور بەت ياكى بىلوگ يۈزىگە جەدىۋەل سىزىش ياكى بەت يۈزىدىكى ئىلمىنىتلارنى قايتىدىن رەتلىسىەك بەك ئاۋارىچىلىق. مىنىڭچە بۇنىڭ قولايلىق ئۇسۇلى بەت يۈزىگە« قات»(层) قوشۇش، بۇنداق بولغاندا قايتا ھېچقانداق ئۆزگەرتىش قىلمايلا خالىغان ئورۇنغا ئېلان كودى ۋە رەسىملەرنى قىستۇرغىلى بولىدىكەن، مەن بىلوگمدىكى LOGO رەسىمىنىڭ ئىچىگە alimama نىڭ ئېلانى مۇشۇنداق قىستۇرغان؛

    yazaylogo

    كونكىرىت ئۇسۇلى تۆۋەندىكىدەك:

    ئەسكەرتىش : قات قوشۇش ئاسان، لىكىن بىۋاستە قوشۇپ قويساق ئوخشاش بولمىغان ئېكران ئېنىقلىقدىكى كومپىيوتېرلاردا ئورنى ئۆزگىرىپ كىتىدۇ، بۇ مەسلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، نىسبەتەن ئورۇن بىكىتىش (相对定位)ئۇسۇلىنى قوللىنىمىز، بۇنداق قىلساق ھەرقانداق ئەھۋالدا«قات» نىڭ ئورنىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ.

    1.ئالدى بىلەن قىستۇرماقچى بولغان بەتكە خالىغان ئورۇنغا قۇرۇق جەدىۋەلدىن بىرنى سىزىمىز ياكى بولمىسا بەتتە جەدىۋەل بولسا شۇنىڭدىن پايدىلانساقمۇ بولىدۇ، بۇنداق قىلشتىكى مەقسەت «قات» بەت يۈزىدىكى ئورنى تور كۆرگۈچنىڭ تىك ۋە يان تەرپى بىلەن بولغان ئارلىقى تەرپىدىن بەلگىلىندۇ، دىمەك ئېكران ئېنىقلىق دەرىجىسى ئۆزگەرسە «قات»نىڭ ئورنىمۇ ئۆزگىرىدۇ دىگەن گەپ، جەدۋەلنىڭ بەت يۈزىدىكى ئورنى مۇقىم، «قات» كوردىناتى جەدىۋەلگە نىسبەتەن بىكىتىلسە مۇقىم بولىدۇ.

    2. تۆۋەندىكى «قات» كودىنى جەدىۋەل ئىچىگە قىستۇرمىز، بوش جەدىۋەل بولسىمۇ، مەزمۇن بولسىمۇ بولىدۇ، مەزمۇنغا تەسىر قىلمايدۇ:


    left:287px; top:-95px; width:470px; height:65px; z-index:1">

    بۇ ئورۇنغا ئېلان كودى ياكى رەسىم ئادىرسىنى قىستۇرمىز

    بۇ كودتىكى left:287px; top:-95px بولسا «قات» نىڭ كوردىناتى،  width:470px; height:65px بولسا قات نىڭ چوك كىچىكلىكى، تەڭشەشكە بولىدۇ.





  •   

    评论

  • [cAva:0]رەھمەت سىزگە سىزنى بەك ئاۋارە قىلىۋەتتىم. ھەراسىت يازاي ئەپەندى كونۇپكا تاختارەسىمى چىڭ ئوتتۇرغا توغىرلانماي سەل ئوڭ تەرەپكە بوپ قالدىمۇ-قانداق.
    يەنەبىر گەپ بلوگقا يازما يوللىغاندا خەتنى سەل چوڭايتىپ، رەڭ بىرىپ يوللىغىلى بولارمۇ؟(ئۆتكەندە شۇنداق قىلسامغۇ خەت نۇرمال كۆرۈنمىگەن)
  • [cAva:0]يازاي ئەپەندى ياردەم قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت. بلوگ ئىلتىماس قىلىش رەسىمنى مۇۋاپىققىيەتلىك چىقىرىۋالدىم، لىكىن ئۇيغۇر چىلاشقان كونۇپكا تاختا رەسىمى ئوتتۇررىغا چىقماي ئوڭ تەرەپكە چىقىۋالدى خېلى ھەپىلىشىپمۇ ئوڭشىيالماي ئاخىرى يەنە سىزنى ئاۋارە قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم.سىزنى باشقۇرغۇچىلىققا تەكلىپ قىلىپ قويدۇم كىرىپ قاراپ بىقىپ، بلمىغان جايلىرىنى ئوڭشاپ بەرگەن بولسىڭىز.
    ھە راسىت يەنە بىر گەپ ھازىر بلوگىم ئاساسىي جەھەتتىن پۇتۇپ بولدى، ئەمدى لوگو ياساش ئىشىلا قالدى شۇڭا لوگو ياساش توغرىسىدا تەلىم بەرگەن بولسىڭىز.
    يازاي回复ئازغۇن说:
    كونۇپكا تاختىسى رەسىمىنى ئوتتۇرغا توغىرلاپ قويدۇم. ئۇنىڭدىن باشقا ناخشا قويغۇچىڭىزنى ئوتتۇرغا توغىرلاپ قويدۇم. لوگو ياساش ئۇسۇلى جىق ، تۆۋەندىكى ئادىرسقا كىرىپ يارىغانلىرىنى تاللاپ ئۆزىڭىز ياسىلىۋىلىك:
    http://logo.chinaz.com/
    2009-05-03 20:54:43
  • [cAva:0]يازاي ئەپەندى ياخشىمۇ-سىز. مەن بلوگ ئىلتىماس قىلىش دىگەن رەسىمنى بلوگ باش بىتىگە ئۇلىنىش قىلماقچى ئىدىم. بۇنى قىلالمىدىم مۇمكىن بولسا كود بىلەن تەمىنلىگەن بولسىڭىز.
    يەنە بىر گەپ مەن ئىنكاس رايۇنىنىڭ ئاستىغا ئۇيغۇرچىلاشقان كونۇپكا تاختىسىنىڭ رەسىمنى چىقارماقچى ئىدىم. بۇنىمۇ قىلالمىدىم ئىغىر كۆرمەي كودىنى دەپ بەرسىڭىز بوپتىكەن.
    مەن چىقارماقچى بولغان رەسىملەرنىڭ ئادرىسىنى قالدۇرۇپ قوياي كۆرۈپ بېقىڭ.
    بلوگ ئىلتىماس قىلىش رەسىمى ئادرىسى:http://p0.images22.51img1.com/6000/azgun318/0e98b18d36667f87866fc521494a6361.jpg
    ئۇيغۇرچىلاشقان كونۇپكا تاختا رەسىمى ئادرىسى:http://p6.images22.51img1.com/6000/azgun318/657e1d6d088423a6322faa1a75feb5cc.gif
    يازاي回复ئازغۇن说:
    بىلوگ ئىلتىماس قىلىش ئۇلنىشى ئۆزىنىڭىزنىڭ رەسىمىنى چىقارماقچى بولسىڭىز 自定义HTMLغا تۆۋەندىكى كودنى قوشۇڭ.

    ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان كونۇپكا تاختىسى رەسىمىنى قىستۇرۇش:
    detail بۆلىكىدىن
    نى تېپىپ شۇنىڭ ئۈستىگە تۆۋەندىكى كودنى چاپلاڭ:

    2009-05-02 21:41:17
  • [cAva:0]
    سىز دىگەندەك قىلدىم لىكىن ھېچقانداق ئوزەىرىش بولمىدغۇ ؟
    قارىڭە تۈۋەندىكىدەك قىستۇرغان

    <center>


    </center>
    يازاي回复YURTUM说:
    توغىرسى تۆۋەندىكىدەك، سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ قانداق قىستۇرۇپسىز؟؟



    2009-03-12 11:07:16
  • [cAva:0]ياخشىمۇ سىز ،مەن باش بەت ئۈستىگە ئىلان قىستۇرغان ،بۇ ئىلاننى ئوتتۇرىغا قويسام بۇلاتتى ،قانداق قىلىمەن ؟
    پەقەت ئوڭ تەرەپكىلا ئاسما ئىلان كودىنى قانداق قۇيىمىز ؟

    سىزنىڭكىگە ئوخشاش بەت ئاسىتىغا قانداق قۇيىمىز ؟

    ئاۋارە قىلدىم ،تەپسىلى دەپ بەرسىڭىز بوپتىكەن ، ياكى مۇ شۇ توغرىلىق بىر يازما يازسىڭىزمۇ بوپتىكەن ،رەھمەت
    http://uzdiyar.blogbus.com
    يازاي回复YURTUM说:
    سىز باش بەت ئۈستىگە قىستۇرغان ئىلان كودىنى <center> .... </center>نىڭ ئارسىغا ئالسىڭىزلا ئوتتۇرغا توغىرلىندۇ.
    ئاسما ئېلان كودىنى ئوڭ تەرەپكىلا قويۇش توغىرسىدا:ئاسما ئىلان كودىنى تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ يازما يازاي شۇنىڭدىن كۆرۋالغايسىز.
    بەت ئاستىغا ئىلان قويۇشتا مىنىڭ قوللانغىنىم پەقەت alimamaئېلان كودىنى index ۋە detail بەت كودىنىڭ ئەڭ ئاستىغا قىستۇرۇشتىن ئىبارەت، ئەگەر ئوتتۇرغا توغىرلىماقچى بولسىڭىز يوقىردىكى كودنىڭ ئوتتۇرغا ئىلان كودى قىستۇرسىڭىز توغىرلىندۇ.
    2009-03-11 17:12:55
  • بۇيەردە سىلەرگە پايدىلىق بولغان ھەرقانداق دىتاللار بار
    بىكەت تۇغى:http://pc.images22.51img1.com/6000/xirzat1991/c5bfdebe31cbc74273378b28a814ca55.gif
    بىكەت ئادرىسى:http://owqi007.blogbus.com
    يازاي回复ئوۋچى007说:
    رەخمەت
    2009-02-18 19:06:22
  • [cAva:0]جىددى ياردەم سورايمەن
    مەنمۇ alimama ئېلانىنى بلوگىمغا قويغان ، ئېلان شۇ ئېلان قويغان رامكىنىڭ (مەيلى يان سىتون بولسۇن ، تېما بىلەن ئىنكاس ئارلىقىغا بولسۇن ) ئوڭغا توغۇرلىنىپ چىقىۋاتىدۇ . مېنىڭ مەقسىدىم ئېلاننى شۇ رامكىنىڭ ئوتتۇرىغا توغۇرلاش ،
    زادى قانداق قىلىشىم كېرەك ؟
    يول كۆرسەتكەن بولسىڭىز !!
    (جاۋابىنى بىلوگىمغا ئىنكاس شەكىلدە قالدۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ )
    يازاي回复كارۋان说:
    بۇنى ‹center› كودى بىلەن توغىرلايمىز، يەنى تۆۋەندىكىدەك:
    2009-01-30 19:07:52
  • [cAva:0]بۇ بولىدىغان ئامالكەن مىنىڭمۇ شۇنداق .ىلان چىقارغۇم بار ئىدى،[defFace:0]
    يازاي回复بارخان说:
    سىناپ بىقىڭ؟ مەسلە بولسا بۇياقلارغا كىلەرسىز، مەنمۇ بۇنى قىلىمەن دەپ بىر ھەپتىدەك ھەپلەشتىم... دىگەن بىلەن بوش ئورۇندىن ياخشى پايدىلانغىلى بولىدىكەن.
    2009-01-28 00:49:41
  • [cAva:0]مۇنۇ ئىككى ياندىكى ئېلانىڭىزنىڭ ئورنىغا ئالىمامانى قىستۇرغىلى بولامدۇ؟ قايسى كۈنى بىر تورداش مېنىڭدىن مۇشۇنى سوراپتىكەن.
    يازاي回复dunyakara说:
    بۇنى سىناپ باقمىدىم، سىناقتىن ئۆتكەندىن كىيىن جاۋابىنى بىرەي. مىنىڭچە تىرىششاق بۇنىمۇ قىلغىلى بولىدۇ.
    2009-01-27 23:41:03